«تور سۆھبەتخانىسى» تۈزىمى
تۈزگۈچى :ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات
1-سۆھبەتخانا باشلىقلىرى ئۆزىگە بېرىلگەن ھوقۇق دائىرسىدە خىزمەت قىلىشى،بېرىلمىگەن ھوقۇقلىرىنى ئىشلەتمەسلىكى،سۆھبەتخانا باشلىقلىرى سۆھبەتخانا مەسئۇلىنىڭ يېتەكلىشىگە ھۆرمەت قىلىشى،ئۆزئارا ئىناق،ئىتىپاق ئۆتىشى لازىم. يېڭىدىن باشقۇرغۇچى تەيىنلىگەندە سۆھبەتخانىنىڭ باشقا باشلىقلىرى ۋە يېتەكچىلىرىنىمۇ ئوخشاش ھۆرمەتلەشنى ئەسكەرتىپ قويۇشى كېرەك.
2-سۆھبەتخانا باشلىقلىرى يېڭىدىن تەكلىپ قىلىنغان باشقۇرغۇچىلارغا «چاپان»بەرگەندە ئىسمىنىڭ ئالدى كەينىدە @,#,$,& قاتارلىق قالايمىقان بەلگە بارلارغا «چاپان» تىكمەسلىك كېرەك(مەقسەت: چايخانىدىكى باشقۇرغۇچىلانىڭ ئىسمىنىڭ كۆركەم،چىرايلىق كۆرنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش).
3-باشقۇرغۇچىلار ئىتتىپاقلىق،ئىناقلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. باشقۇرغۇچىلار ئارا تىپىشمەسلىك كېرەك. باشقۇرغۇچىلار ئىددىيسىدىن ئۆتمىگەن ئەھۋاللارنى سۆھبەتخانا مەسئۇللىرىغا ،باشقۇرغۇچىلار باشلىقى ياكى نازارەتچىلەرگە ۋاقتىدا، ئەينەن، ئايرىم مەلۇم قىلىشى، بىھۇدە غەيۋەتتىن ساقلىنىشى كېرەك.
4- كۈندۈزلىرى سۆھبەتخانىدا ناخشا قويۇشنى چەكلەش،مۇنازىرە،كۆڭۈلدىكى سۆز ئېلىپ بېرىشنى داۋاملىق ئاساس قىلىش، شېئىر ئوقۇش،تارىخى شەخىسلەرنى تۇنۇشتۇرۇش ياكى ھەر كۈنى مۇقىم ۋاقىتتا ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 30 مىنۇت كىتاپ ئوقۇشنى قوللاش كېرەك. قانۇندىن مەسلىھەت،تىببى مەسلىھەت...قاتارلىق مەسلىھەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنى قوللاش كېرەك.
5-سۆھبەتخانىلار ئارا ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، سۆھبەتخانىلار ئارا نىزا پەيدا قىلماسلىق كېرەك.
6-قىز-ئايال باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئېكرانىنى ئەر باشقۇرغۇچىلار قوشىۋېلىپ ئۇلارنىڭ نورمال باشقۇرۇش ئېلىپ بېرىشىغا يېقىندىن ياردەمدە بولۇشى كېرەك.
7-ئاۋاز قوشقۇچى دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ سۆزلەرنى قىلسا سۆزلىگۈچنى دەرھال تارتىۋېلىپ، ئۇ كىشىنى سۆھبەتخانىدىن چىقىرۋېتىش كېرەك. يۇقىرى ساپالىق ئىلمىي بولغان ئۇيغۇر سۆھبەتخانا مەدەنيىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
8- سۆزلىگۈچنى باشقۇرغان كىشى(بىۋاستە باشقۇرغۇچى) ئۆز ئاۋازىنىڭ پۈتۈن خەلقئاراغا تاراۋاتقانلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىقى، مەسئۇلىيەتچان بولۇشى،شەخسى پاراڭ قىلماسلىقى، بەك جىق سۆلەپ سۆزلىگۈچنى ئىگەللەپ تۇرىۋالماسلىقى، سۆزلىگۈچ سورىغانلار بار ئەھۋالدا ناخشا قويۇپ تۇرىۋالماسلىقى كېرەك. سۆزلىگۈچنىڭ ئىتتىك ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
9- سۆھبەتخانىغا سەت ئىسىمدا كىرگەنلەرنىڭ ئىسمىنى چەكلەش،ئەدەپسىز سۆز ئىبارىلەرنى يازغانلارنىڭ خېتىنى ياكى ئىسمىنى چەكلەش كېرەك. لېكىن ھوقۇقنى شەخسى ھىسىياتنى دەپ قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
10-ئېھتىياتسىزلىقتىن خاتا تېپىپ سېلىش ئەھۋالى سادىر بولسا(بىرەر باشقۇرغۇچى ياكى مېھمان سۆھبەتخانىدىن خاتا ھالدا چىقىرۋېتىلسە)، خاتالىق سادىر قىلغۇچى باشقۇرغۇچى سەمىمى كەچۈرم سورىشى كېرەك.
11- سۆھبەتخانىدا كۆپ ئولتۇردىغان باشقۇرغۇچىلار ئىچىدىن تاللاپ بېكىتىلگەن باشقۇرغۇچىلار ھەر 2 سائەتتە بىرەر قېتىم يوقلىما قىلىپ قويۇشقا ھوقۇقلۇق.ئىسمىنى ئۈستىگە ئېسىپ قويۇپ ئۆزى يوق باشقۇرغۇچىلارنى سۆھبەتخانىدا نەق مەيداندا بار بولغان دەرىجىسى يۇقىرى باشقۇرغۇچىغا ياكى سۆھبەتخانا باشلىقلىرىغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، ئىسمىغا تىپىپ قويسا بولىدۇ، IP بېرىشكە بولمايدۇ.(تامام) 2009-1-27
_______________
باشقا يەردە پايدىلانسىڭىز بۇ تۈزۈمنى تۈزگۈچىنىڭ ئىسمىنى ئەسكەرتىڭ رەھمەت.
ئۇيغۇر مۇنبىردىكىلەرگە سۆزۈم بار:
./read.php?tid-92274-keyword-.html