ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 2345» Pages: ( 1/9 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 8074 - كۆرۈرمىنى
atom
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 12698
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 301
شۆھرەت: 376 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2913 سوم
تۆھپە: 116 نۇمۇر
ياخشى باھا: 86 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 549(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 چوشقا باققان ئايال ئەسكىمۇ؟

«شەبنەم تورداشلار سۆھبەت توپلىمى» نى چۈشۈرۋىلىڭ
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما qumqazi تەرپىدىن يورۇتۇلدى(2009-01-27)
ئەسلى تېما : ./read.php?tid-92834.html

_____________________________________________________________
مۇنبەرگە تېما يوللىمىغىلى خىلى بوپتۇ، بۇگۈن مۇنبەر ئارىلاپ «قىززىپ كەتكەن» ئىككى تېمىنى كۆرۈپ قالدىم. مۇنبىرمىزدە قىززىپ كىتىدىغان تېمىنىڭ ئاساسي خاراكتىرى:( ئىپپىتىنى يوقىتىش، ستۇدېنت قىز، قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلىش،ئانىسىنى خورلاش ....... ........ ئىسىت ئۇيغۇر قىزلىرى) دىگەندەك جەمىيتىمىزدە ئومومي بولمىغان، 1000 دە بىز پىرسەنتىمىزگىمۇ ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلارنىڭ «ئىش-ئىزلىرى» ئىدى.
بۈگۈن كۆرگەن بىرىنجى تېمام چوشقا باققان ئۇيغۇر ئايالنى تىللاپ ساراڭ قىلىۋەتكەن تېما ئىدى. شۇ ئاياللارنى تىللىغۇچى ئوغۇللار ئەزەلدىن ھاراق ئىچىپ، تاماكا چىكىپ، قىمار ئويناپ باقمىغان بالىلارمىدۇ؟ ئەجىبا چوشقا باققاننىڭ گۇناھى ئېغىر، ھاراق ئىچكەننىڭ گۇناھى يەڭگىلمۇ؟ ( كاللىسىدا دەردى بارلار مىنى ئۇ ئايالغا چاپان يېپىۋاتىدۇ دەپ قالماڭ، مۇنبەردىغۇ ئادەپ گەپ قىلغۇسىز، تېما يوللىغۇسىز بولۇپ كەتتى) . تىللىغان قىزلىرىمىزچۇ؟ ئىسلامدا ئاياللار چوشقا باقسىلام گۇناھمۇ ياكى مەيدىسى، پاچىقى ئوچۇق يارسە، ناماز ئوقۇمىسا، تانسىخانىلاردا.... دىبالاردا يۈرسە ئوخشاشلا گۇناھمۇ؟ ئەجىبا ئاشۇ تېمىدا تىللىغۇچى ئوغۇللار ھەممىڭلار ئىچمەيدىغان، چەكمەيدىغان، قىزلار دىنىمىزدا گۇناھ ھېسابلىنىدىغان ئىشلارنى قىلمايدىغان ئادەملەرمۇ؟ ئۇ ئايالنى تىللاشقا سالاھىتى توشىدىغانلار پەقەت شۇ ئىسلامدىكى پەرزنى تولۇق ئادا قىلغانلار بولۇشى كىرەك! نەدىكى  مۇسۇلمانچە ئەمەس مالاچۈەر يەيدىغان، ھاراق ئىچىدىغان، تاماكا چىكىدىغان، دىبالاردا ئوينايدىغانلار، زىنا قىلىپ باققانلار، ئاتا-ئانىسىنى قاقشاتقانلار ھەممىسى شۇ چوشقا باققان ئايال بىلەن ئوخشاشقۇ! شەبنەمدە ھەممە ئادەم بەك ياخشى بولۇپ كىتىپ شۇ ئايالنى تىللىدىمۇ، ياكى ئۆزىنىڭمۇ شالتىقى تۇرۇپ (مۇنچىغا چۈشىۋەتسىلا قۇتۇلدىغاندەك) يەنە باشقىلارنى غاجىغانلارمۇ بارمۇ؟
يەنە بىر تېما «ئانا، سىنى ئاپا  دىمەيمەن» دىگەن تېما ئىدى. بۇ ئەمىليەتتە يامان ئەمەس تېما بولسىمۇ تېمىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ «مۇنبەر ئەنئەنىمىز» بويىچە يۇرتۋازلىققا كەتكەن ئىدى. تېمىغا قارىساڭلار « بىز تارانچىلار مۇنداق دەيمىز»(خۇددى تارانچىلار ئايرىم مىللەتتەك، بولسا تارانچى ئاپتونوم ناھىيە قۇرۋالسا بولغۇدەك)، « قاشقالىقلار مۇنداق دەيسىلەر»، «جەنۇپلۇقلار تىلەمچى»، دىگەندەك گەپلەر بولۇنۇپ كىتىپتۇ، بولسا جەنۇپتىكى 8 مىليون « ئاتالمىش ئاڭ-ساپاسىز» ئۇيغۇرلانى يوققا چىقىرىپ، قالغان 2 مىليون «يۇقىرى ساپالىق» ئۇيغۇرلار ياشاپ ئۆتسە دىگەندەك قىلىپ. يەنە تېخى بەزىلەر «بىزنىڭ ئېلىخودا...» دەپ ماختىنىپ كىتىدىكەن، سىلەر دىگەن شۇ ئىلىخو ( ئەمىليەتتە بۇنداق ئاتاش خاتاغۇ! نىمىشقا ئىلى دىگەن ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىمغا خو دىگەن گەپنى قوشىۋالدىغاندۇ؟ يا ھەيۋەتلىك ئاڭلىنىپ كىتىمدىغاندۇ؟) باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتى ئەمەسمۇ؟ شۇنداق بىر قىسىم پەس ئادەملىرىمىز باركى ئەييۇھەنناس، تۇرپاندا بىر ئايال ئانىسىنى ئۇرسا پۈتۈن تۇرپانلىقنى ناچارغا چىقىرىپ، قەشقەردە بىرسى بىرقانداق قىلسا پۈتۈن قەشقەر خەلقىنى ناچارغا چىقىرىپ، ئۆز يۇرتىدا ئەۋلىيالام چىقىدىغاندەك، باشقا يۇرتنى تىللىسا ئۆز يۇرتىنىڭ ئىناۋىتى ئۆسۈپ كىتىدىغاندەك...... ھەي نامەردچىلىك، ھەي نامەردچىلىك....
يولداشلار قاچانغىچە بىرسىغا باسقۇنچىلىق قىلغان، بىرسى چوشقا گۆشى يىگەن، بىر يەردە 5-4 بال شامال چىقىپ، بىر يەردە يامغۇر ياغقان، بىرسىنىڭ لەغمىنى تۇزلۇق ، بىرسىنىڭ كاۋىپى ياخشى دىگەندەك تۇترۇقسىز نەرسىلەر ئۈستىدىلا مۇلاھىزە قىلىمىز؟ ئانا دىسىڭىزمۇ مەيلى، ئاپا دىسىڭىزمۇ مەيلىغۇ؟ بىر كىشى سىزنى بۇنداق دىمە دەپ مەجبۇرلىمىدىغۇ؟
يىغىپ كەلگەندە ئاساسي يۈزلىنىشنى ئىنكاسىمدىكى » ئاپام ئانىسىنى ئانا دەيتى، مەن ئاپا دىدىم، بالام ئاپاڭزا دىدى» دەپلا يىغىنچاقلىۋالدىم، خالىسىڭىز ئاپا دەڭ، خالىسىڭىز ئانا دەڭ، چۈنكى ئۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئانىسى خەقنىڭ ئەمەس. ئىختىيار ئۆزىڭىزدە. ئۇلۇغ ئانىلار توغرىسىدا پاراڭ بولىۋاتسا ئۇنى يەنە يۇرتۋازلىققا يۆلەشتىن ئۇيالمىدىڭىزمۇ؟ ئۇنتۇپ قالماڭ خۇدالىق ئالەم بۇ! سىز چەتكە قاققان، چۈشۈرمەكچى بولغان يۇرتتىكى خەلقىمىزگە ھاجىتىڭىز چۈشىدىغان، شۇلاردىن ياردەم تىلەيدىغان ۋاختىمىزمۇ كىلىپ قالىدۇ. نامەرد بولمىسىڭىز باشقىلارنى تىللىماڭ، ئۇلارغا ياردەم قىلسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىناۋىتى چۈشۈپ كەتمەيدۇ!
مەن مۇشۇنچىلىك يىزىپ تۇراي، تاماق ۋاقتى بولۇپ قاپتىمۇ نىمە؟  
  

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+5(kurxat) بەك ياخشى يې ..
  • شۆھرەت:+10(Rujek) ....!!
  • كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
    تالاشماڭلار خالايىق، قالىدىكەن بۇ دۇنيا!
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-01-27 14:11 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    Uzer
    يۈكسەل
    ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 40822
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 373
    شۆھرەت: 418 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4076 سوم
    تۆھپە: 36 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 25 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1406(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

     

    چوشقا باققان ئايال ھەققىدىكى تېما ھەققىدە پىكىر قىلغۇم يوق( چۈنكى ئۇ تېمىنى ئوقۇپ باقىمىدىم ). ئەمما، ئانا سېنى ئەمدى ئاپا دېمەيمەن ، دېگەن تېما ھەققىدە قارىشىم تۆۋەندىكىچە :
    ئانا - ئاپا ھەر ئىككىلى سۆز ئۇيغۇرلارنىڭ بۈيۈك تىل قامۇسى << تۈركى تىللار دىۋانى >> دا ئۇيغۇر تىلغا تەۋە دەپ ئالتۇن ھەل بىلەن پۈتۈلگەن ساپ ئۇيغۇرچە ئىبارىلەر بولۇپ، قانداقتۇر يوق يەردىن پەيدا بولۇپ قالغان ياكى ياتلاردىن قوبۇل قىلىنغان كىرمە سۆز ئەمەستۇر. ھەممەيلەنگەن مەلۇم بولغىنىدەك قەدىمىدە ئۇيغۇر ئەجدادلىرىمىز بىرقانچە قەبىلە - ئۇرۇقتىن تەركىبلەنگەن بولۇپ، بۇ قەبىلىلەرنىڭ تىلى چوڭ جەھەتتىن ئوخشاش بولسىمۇ ، ئەمما بەزى پەرقلەرمۇ مەۋجۇد ئىدى. خۇسۇسەن تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەردىمۇ ئاز - تولا پەرق بار ئىدى. يەنى بىر قەبىلە ئاپا سۆزىنى (ئانا مەنىسىدە) ئىشلەتسە، يەنە بىر قەبىلە ئانا سۆزىنى ئىشلىتىشەتتى. دادا سۆزىنىمۇ بەزى قەبىلە ئۇيغۇرلىرى ئاتا مەنىسىدە ئىشلەتسە ، بەزى قەبىلىلەر ئاتىنىڭ ئاتىسى مەنىسىدە ئىشلىتىشكەن ئىدى. دېمەكچى ، ئۇيغۇرلاردا ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرىنىڭ بىرلىككە كەلمىگەنلىكى كۆز ئالدىمىزدىكى نەق ئەمەلىيەت( بۇنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىش كېرەك ئەلۋەتتە ). ئەمما، ئاپا سۆزىگە ئوخشاش ئاتالمىلار ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرغا يات ئەمەستۇر.

    بىزدە كۈنىمىزگە قەدەر ئاتا - دادا ، ئانا - ئاپا كەلىمىلىرى ھەققىدە خېلى كۆپ ماقالىلار ئېلان قىلىندى. كۆپىنچىلىرىدە بىرىنى كۆتۈرۈپ يەنە بىرىنى كەمسىندىرىدىغان، ھەتتا بەزىلىرىنى ئۇيغۇرلارغا يات سۆز ، << مۇدا قوغلىشىش >> نىڭ ئاسارىتى دەپ قارايدىغان خاھىش ئەكس ئەتتۈرۈلدى. مېنىڭچە، پۈتۈنلەي تەڭداش مەنادىكى ئىككى سۆزنى بىر - بىرىگە سېلىشتۇرۇپ، بىرنى كۆتۈرۈپ بىرىنى چۆكۈرۈشنىڭ ئۆزى تولىمۇ ئىلمى بولمىغان ئىشتۇر. ئۇنى ئۇيغۇرلارغا يات سۆز دەپ قارىغانلار ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ تارىخىغا ، ئاغۇن - ئەجدادلىرىنىڭ ئاياق ئىزلىرىغا ئوبدان سەپ سېلىش كېرەك، دەپ قارايمەن.

    ئاپا سۆزىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە بارغانسېرى كەڭ ئومۇملىشى بەلكىم بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەركىزىي دېئالىكتى قىلىپ بېكىتىلگەن << ئۈرۈمچى دېئالىكتى >> غا تەۋە بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك.  يەنە بىرى ، بىر قىسىم كىشىلىرىمىزدىكى قارىغۇلارچە شەھەر مەدەنىيىتىنى قوغلىشىش ئىستىكىدىن بولسا كېرەك ( بۇ ھەرگىزمۇ ئاپا سۆزىنى ئىشلىتىۋاتقان ھەممە كىشىلەرنى شۇ خىل ئىستەككە ئىگە دېگىنىم ئەمەس ) . ھېلىمۇ ئېسىمدە، كىچىك چاغلىرىمىزدا يېزىمىزدا بەزى ئاداشلىرىمىز ئانىسىنى << ئاپا >> دېيىشەتتى، بۇ بىزنىڭ قۇلىقىمىزغا << زادى ياقمايتى >>. ئۇلارنى مازاق قىلاتتۇق. بەزى ئاداشلىرىمىزنىڭ ئانىسى كۆز ئالدىمىزدىلا ئۆز بالىسنى << ئاپا >> دەپ چاقىرمىدىڭ دەپ ، ئەيىپلەشكەن ئىدى. كىچىك چاغلىرىمىزدا ياش خانىملار ئارىسىدا بالىسىنى << ئاپا >> دەپ چاقىرتقۇزۇش باش كۆتۈرگەن ئىدى( بەلكىم ئۇلارنىڭ ئەينى چاغدىكى قارىشىدا ئانا سۆزى سەھرا مەدەنىيىتىدىن ، قالاقلىقتىن ، ئاپا سۆزى شەھەر مەدەنىيىتىدىن، مەدەنىيلىكتىن دېرەك بەرسە كېرەك ). يېقىندىن بېرى باش كۆتۈرۈپ قېلىۋاتقان ئاپا سۆزىنى << چەتلەشتۈرۈش >> دولقۇنىمۇ ئۇ قۇتۇپتىن بۇ قۇتۇپقا سەكرەش، چەكتىن ئېشىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسكەن. ھازىر ئويلاپ باقسام بۇمۇ كۈلكىلىك ئىش ئىكەن.

    ئومۇمەن، ئانا ياكى ئاپا سۆزى بولسۇن ھەر ئىككىلىسى ئوخشاش مەنىدىكى تەڭداش ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر سۆز بايلىق خەزىنىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىملىرىدۇر. مانا مەن بۇ ئىككى سۆزدىن شۇنچىلىك ئوبدان پايدىلانغان ئىدىم. يەنى، مېنى كىچىك چېغىمدىلا (2ياش) چوڭدادام - چوڭئاناملار ئېلىۋالغان بولۇپ، مېنى شۇلار بېقىپ قاتارغا قاتقان ئىدى. شۇ ۋەجىدىن مەن چوڭدادام - چوڭئانامنى كىچىكىمدىن دادا - ئانا دەپ چوڭ بولغانمەن. كېيىنكى كۈنلەردە مېنى يورۇق ئالەمگە كۆز ئاچقۇزغان << ئانام >> نى تەبىئىي ھالدا ئاپا دەپ چاقىرىپ كەتتىم. بۇمۇ شۇنداق جايىغا چۈشتى.

    ئەمدى ، قارىغۇلارچە يۇرتۋازلىق قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىغا ئىككى كەلىمە سۆز :

    يۇرتۋازلىق-- مىللەتنىڭ ئۆملۈكى، بىرلىكى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ،ئىناقسىزلىق ئۇرۇقىنى چېچىپ،مىللەت ئەزالىرىدىكى قاششاقلىق ،چېچىلاڭغۇلۇق،روھى چۈشكۈنلۈك،بېكىنمىچىلىك چەكلىمىلىكنى ئۇلغايتىدۇ.مۇشۇ سەۋەپىك يۇرتۋازلىق پىسىخكىسى يامرىغان  ياكى باش كۆتۈرگەن مىلەتتە ئۆملۈك ۋە پىكىر بىرلىكى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ،كىشىلەر قۇمدەك چېچىلىپ كېتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن مىللەت ئىچىدە باشقا پىسىخىك ئاجىزلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ.
    كۆپچىلىكىنىڭ سەمىدە شۇ نۇقتا چوقۇم بولۇشى كېرەككى، بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئۈچۈن ئۇيۇشۇش - ئىتىپاقلىشىش دەۋرى، مۆرىنى - مۆرىگە تېرەپ، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەش ،ئاغۇن- ئەجداد ئىزىنى بېسىش، ئەۋلاد بوغۇنلارغا ئىز قالدۇرۇش دەۋرىكى ، ھەرگىزمۇ سىلەر قىلىۋاتقاندەك يۇرتۋازلىق، تەپرىقچىلىق، ئۇرۇش - تالاش ، ئومۇمىيەتنىڭ كۈچى ۋە زېھنىنى خورىتىش دەۋرى ئەمەس.
    [ بۇ يازما Uzer تەرپىدىن2009-01-27 15:26دە قايتا تەھ ]

    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • تۆھپە:+6(دۇنيا)
  • كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى

    يۈكسەل بلوگى    http://www.yukselblog.com/
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-27 15:12 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    eksan200
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 52598
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 76
    شۆھرەت: 77 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 660 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 188(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-14

     

    تولىمۇ ئەخمىيەتلىك  تېما بوپتۇ.
            يولغېنىڭىزغا       مىڭ تەشەككۇر      !!!!!!!!!

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    نېمە دىسەم بولا
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-27 15:12 |
    xawkat88
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 23491
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 91
    شۆھرەت: 102 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 904 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 258(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-17

     

    ئادەمنى تەپەككۇر قىلىشقا ئۈندەيدىغان تېمىكەن . ياخشى يوللاپسىز .

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-27 15:16 |
    0991sumruh
    مۇنبەر قىززىقچىسى
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 27435
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1890
    شۆھرەت: 1891 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 83100 سوم
    تۆھپە: 41 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 72 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1754(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

     

    بەك ھەيران قالىمەن.مۇنبەردە ھەقىقەتەن نەدىكى تۇترۇقسىز تېمىلار بەك بازار تاپىدۇ،بىر ئوبدان تېمىلارنى ئوقۇغۇلى ئادەم يوق ،بىر دەمدىلا كەينى بەتكە ئۆتۈپ كېتىدۇ.
    ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ھەققىدەتۈنۈگۈن بىر تېما يوللىسام تېخىچە تەستىقلىماپتۇ، مەيدىسى ئوچۇق قىزلار ھەققىدە يوللىغان بولسام بەلكىم بۇ چاققا  قىزىپ كېتەتتى

    ./?u=27435
    قايغۇرماڭ!باتۇرلارچە ياشاڭ!
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-27 15:17 |
    Rujek
    بۈگۈنمۇ ئەتە بولماقتا....
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31349
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 511
    شۆھرەت: 734 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 5086 سوم
    تۆھپە: 107 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 95 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 778(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-19

     

    بىز دە  مەسىلىنىڭ ھادىسىە قىسمىغىلا  ئىسىلىۋىلىش ، باھا بىرىش  ئىللىتى بەكمۇ ئىغىر..

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-27 15:18 |
    arkinlik.
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش رەسىم يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 26768
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 3465
    شۆھرەت: 3493 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 214 سوم
    تۆھپە: 78 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 107 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1379(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

     

    مۇنداق تېمىلار كۆمۈلۈپ قالدى ، چوققىلاپ قۇيىدىغانغا ئادەم چىقمىدى،، ئاقماس تېمىلار ئىلگىرلىتىلدى چوققىلاندى.....
    ./read.php?tid-92680.html#815649

    تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر!

    ئەركىنلىككە تەشنا يۈرەك !                                                 
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-27 15:22 |
    0903gvzili
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 71950
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 90
    شۆھرەت: 90 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 880 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-09

     

    <<ئەييۇھەنناس >> بۇ سۈزىزىڭىزنڭى مەنىسىنى يىشىپ بەرگەن بولسىڭىز.

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-27 15:24 |
    pul-tap
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 71807
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 76
    شۆھرەت: 76 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 760 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 8(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-04

     

    شۇ ئاياللارنى تىللىغۇچى ئوغۇللار ئەزەلدىن ھاراق ئىچىپ، تاماكا چىكىپ، قىمار ئويناپ باقمىغان بالىلارمىدۇ؟ ئەجىبا چوشقا باققاننىڭ گۇناھى ئېغىر، ھاراق ئىچكەننىڭ گۇناھى يەڭگىلمۇ؟  

      بۇ گەپنىڭ خىلى چوڭقۇر مەنىسى باركەن ھە....



    كىنو شاھى.....  http://www.aqmas.cn/dianying3

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-27 15:30 |
    قۇمباغ
    يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 55168
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 3903
    شۆھرەت: 1120711 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 490 سوم
    تۆھپە: 80 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 101 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1282(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

     

    «چوشقا» زادى نىمە؟ مۇشۇنىڭغا جاۋاپ تاپساقلا بولدۇ؟

    ئىنسان بۇدۇنيادا نىمە ئۈچۈن ياشايدىغنىنى بىلشى كېرەك. ياشاش ئۈچۈن يەمدۇ ياكى يىيىش ئۈچۈن ياشامدۇ.
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-27 15:35 |
    0999yurut
    ساغلام تەندە ساپ ئەقىل
    ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 31008
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 2535
    شۆھرەت: 2605 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1110 سوم
    تۆھپە: 225 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 211 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1126(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

     

    ئۆزى ۋە ئائىلىسىنى تۈزىيەلمىگەن ئادەم -_ مىللەت ۋە دۆلەت ئۈستىدە ئەڭ بۇرۇن گەپ ساتىدىغان ئادەملەردۇر .

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-27 15:50 |
    Ana-makan
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 60333
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 303
    شۆھرەت: 304 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2915 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 631(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

     

    بىزنىڭ مۆرىمىزنىڭ ئۈستىدىكى قانداق كاللىدۇ ھە~~
    Uzerئەپەندىنىڭ ئىنكاسىنى ئوقۇپ ما ئىپتىدائى ھالەتتىكى كاللام بىر بالداق يۇقىرىلىغاندەك قىلىدۇ~~

    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-27 15:55 |
    Azat75
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 15920
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 19
    شۆھرەت: 20 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 190 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 102(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-14

     

    چوشقا بېقىش ئۇيغۇر مىللتى ۋە ئىسلام دىنىغا قىلىنغان ھاقارەت !
    چوشقا باقمىسىمۇ باقىدىغان  نەرسە جىققۇ  دۇنيادا  باقىدىغان  ھايۋان تۇگەپ كەتكەندەك

    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-27 16:07 |
    alibaba120
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 12657
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 515
    شۆھرەت: 516 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4443 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 871(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

     

    . مۇنبىرمىزدە قىززىپ كىتىدىغان تېمىنىڭ ئاساسي خاراكتىرى:( ئىپپىتىنى يوقىتىش، ستۇدېنت قىز، قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلىش،ئانىسىنى خورلاش ....... ........ ئىسىت ئۇيغۇر قىزلىرى) دىگەندەك جەمىيتىمىزدە ئومومي بولمىغان، 1000 دە بىز پىرسەنتىمىزگىمۇ ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلارنىڭ «ئىش-ئىزلىرى» ئىدى
    ماۋۇ گەپ ياخشى چىقىپتۇ..دىمىسىمۇ باشقۇرغۇچىلار ساپ مۇشۇنداق پىسپاس تېمىلارنى بىردەمدىلا تەستقلايدۇ ئەمەسمۇ...ساپ تەخسكەشلەر...

    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-27 16:24 |
    0999yurut
    ساغلام تەندە ساپ ئەقىل
    ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 31008
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 2535
    شۆھرەت: 2605 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1110 سوم
    تۆھپە: 225 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 211 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1126(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

     

    تېخى بەزىلەر «بىزنىڭ ئېلىخودا...» دەپ ماختىنىپ كىتىدىكەن، سىلەر دىگەن شۇ ئىلىخو ( ئەمىليەتتە بۇنداق ئاتاش خاتاغۇ! نىمىشقا ئىلى دىگەن ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىمغا خو دىگەن گەپنى قوشىۋالدىغاندۇ؟ يا ھەيۋەتلىك ئاڭلىنىپ كىتىمدىغاندۇ؟)_________ ئىلى دىيارىنىڭ سۈيىنىڭ موللىغى ، تۇپۇرقىنىڭ مۇنبەت، پۇتۇن ئەتراپى تاغ بىلەن ئورىلىنىپ جەننەتكە ئوخشىغانلىقى  ئۈچۈن  سىزنىڭ بوۋىڭىز ئىلىنىڭ بىر ئېرىقىدا ئالتۇن ، بىر ئىرىقىدا كۈمۈش ئاقىدىكەن دەپ ئىلىخو دەپ ئاتاپتىكەن . بۇ گەپنى ئەسلى ئىلىلىقلار تاپقان ئەمەس ..........قانداق بوۋىڭىز ماختىغان يەردە مەن ئىلىخو دەپ ماختانسام بولمامدىكەنمەن .
    ئاپا دىگەن بۇ گەپ بىز ئىلىقلارنىڭ سىز دىگەندەك < مودا > گىپى ئەمەس ...شۇنى بىلىۋىلىڭ . ئاپام ، ئاپىسىنى ئاپام دەپ ئاتايتتىكەنتۇق .بىز نەچچە ئەۋلات ئاپا دەپ ئاتاپ كەلدۇق . سىز ئوزىڭىزنىڭ < ئانا > قارىشىنى بىزگە زولاپ تاڭماقچىمۇ .....؟

    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • ياخشى باھا:+6(دۇنيا) راست گەپ
  • چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-27 16:32 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2345» Pages: ( 1/9 total )
    XabnamBBS » كۆڭلۈمدىكى سۆزلەر
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:03-19 00:53, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ