داۋامى
رۇس شەرىقشۇناسلىرىدىن پرژىۋالىسكىي ئۆزىنىڭ «لوپنۇرغا سەپەر »ناملىق ئەسىرىدە 19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا لوپنۇردا يۈز بەرگەن مۇنداق بىر ۋەقەنى بايان قىلىدۇ:«لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە ،1860-يىلى ئەتراپىدا تۆت نەپەر ئورۇس ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ لوپنۇر ئەتراپىغا كېلىدۇ .ئۇلار بۇ يەرنى ئايلىنىپ كۆرگەندىن كېيىن ،ئۇلاردىن ئىككىسى قەپقېلىپ ،قالغان ئىككىسى قايتىپ كېتىدۇ.ئارىدىن سەككىز ئاي ئۆتكەندىن كىيىن 100دىن ئارتۇق رۇس پۇقرالىرى بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىدۇ ۋە ئولتۇراقلىشىدۇ.ئۇلار ئۇلار ئەسلىدە ريسىيە پروتېستانت دىنىدىكى چەكلىمىگە ئۇچىرىغان كونا مەزھەبنىڭ مۇخلىسلىرى بولۇپ ،ئەركىن ياشاش موھىتى ئىزدەپ بۇ يەرگە قېچىپ كەلگەنكەن.ئۇلار كونا لوپنۇر خارابىسى بىلەن چارقىلىققا يېقىن بىر جايدا ئۆي-جاي سېلىپ ئولتۇراقلىشىدۇ ھەمدە تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ .ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندىن كىيىن ،تۇرپاندىكى ھۆكۈمەت دائىرلىرى بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ ،بۇ يەرگە ئەسكەر ئەۋەتىدۇ .ئورۇسلارنىڭ لوپنۇر ۋە چارقىلىقتىكى يەرلىك ئاھالىدىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدا بىر سېھرىگەر ئايالنىڭ بارلىقىنى ،ئۇنىڭ سېھىر ئىشلىتىپ ھەربىي قوشۇن ۋە قورال_ياراغ پەيدا قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.لوپنۇر ۋە چارقىلىقتىكى ساددا يەرلىك خەلىق ئورۇسلارنىڭ بۇ گەپلىرىگە ئىشىنىپ ،ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا ماقۇل بولىدۇ.ئەمما ،ئۇلار ھېلىقى ئايال سېھرىگەرنىڭ سېھىر ئىشلىتىپ ھەربىي قوشۇن پەيدا قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.ئايال سېھرىگەر بولسا لاپ ئۇرۇپ :<ماڭا نىسبەتەن ھەربىي قوشۇن پەيدا قىلىش ئۇنچىلىك قىيىن ئىش ئەمەس،لېكىن يىكەن بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇنى سېھىرلەپ مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ،شۇغىنىسى چارقىلىقتا يىكەن يوق ئىكەن>دەپتۇ.ۋاھالەنكى ،چارقىلىق خەلىقى ئايال سېھرىگەرنىڭ ئويلىمىغان يىرىدىن چىقىپ ،لوپنۇر كۆلىگە ئادەم ئەۋەتىپتۇ ھەمدە توپ-توپ يىكەنلەرنى ئالدۇرۇپ كەپتۇ.بۇنى كۆرگەن ئايال سېھرىگەر ئامالسىز قېلىپ :<سېھرىگەرلىك كىتابىم يوقاپ كەتتى،كىتابتىكى موھىم مەزمۇنلار ئېسىمدىن چىقىپ كېتىپتۇ>دەپتۇ.شۇندىلا يەرلىك خەلىق ئۇنىڭدىن ئۈمۈدسىزلىنىپ ،ئۆزلىرىنىڭ ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلىپتۇ ۋە ئورۇسلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى رەت قىلىپتۇ.ئامالسىز قالغان ئورۇسلار تۇرپان تەرەپتىن كەلگەن ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىگە تەڭ كېلەلمەي،تىرىپىرەن بولۇپ ھەر تەرەپكە قېچىپ كېتىپتۇ.شۇنىڭدىن بۇيان ئۇلارنىڭ ئىز -دېرىكى بولماپتۇ . . .»
بۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى ،رۇسلارنىڭ 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرمىدىن باشلاپ،ئۇيغۇر جەمئىيتىگە قالدۇرغان بىنورمال تەسىراتلىرى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر خەلقىدە رۇسلارغا بولغان بىر خىل ئىشەنمەسلىك ۋە سوغۇققانلىق خاھىشى شەكىللەنگەنىدى.گەرچە تارىم ۋادىسىدىكى ئۇزۇن مەزگىللىك بېكىنمە موھىت تۈپەيلىدىن سىرتقى دۇنيانىڭ ئۇچۇرلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئۇيغۇر جەمئىيتى دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ياۋروپالىقلارنىڭ ھەمىسسنىلا پەرىقلەندۈرمەستىن «ئورۇس»دەپ قارىغان بولسىمۇ،لېكىن كېيىنچە رۇسلار بىلەن «پەرەڭ»(باشقا ياۋروپالىقلارنى دىمەكچى)لەرنىڭ پەرقىنى ئېنىق ئايرىۋالدى ھەمدە ئۇلارغا پەرىقلىق مۇئامىلە قىلدى.بۇ ئەھۋالنى ئۆز دەۋرىدە رايونىمىزغا كەلگەن ئەجنەبىي تەۋەككۈلچىلەرمۇ چوڭقۇر ھېس قىلغانىدى.1929-يىلى قەشقەرگە تىل تەكشۈرۈشكە كەلگەن شۋېتسىيلىك گۇننار ياررىڭ بۇ ھەقتە ئۆز خاتىرسىگە مۇنداق دەپ يازغانىدى:«بۇ يەردە رۇسىيەلىكلەرنى چەتكە قېقىشتىن ئىبارەت ھېچكىممۇ ئاغزىدىن چىقرالمايدىغان بىر خىل كەيپىيات مەۋجۇد ئىدى . . .ئۆكتەبىر ئىنقىلابى ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا يۈز بەرگەن بىر قاتار مالىمانچىلىقلار تېخى يېقىنقى ئىشلار بولغاچقا ،كىشلەرنى 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىركى ئەنئەنىۋى تىنىچ دۇنيادا شۇنچە كۆپلىگەن پارچىلنىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلغاندا، بەك ئېھتىياتچان ۋە دىلىغۇل قىلىپ قويغانىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە بولشىۋىكلار شۇ دەۋىرلەردە زوراۋانلار دەپ قارىلاتتى.شۇ چاغدىكى گېزىت ،رادىئو ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەردە بۇ ھەقتە تەپسىلى خەۋەر بايان قىلىنغانىدى.ئۇلار چەت ،خىلۋەت ۋە يېپىق ھالەتتىكى قەشقەردە <قارشى ئىلىنمايدىغان كىشىلەر >ئىدى.كىشىلەر ئۇلار بىلەن سالاملاشقاندا ھامان زورمۇزور كۈلۈپ قوياتتى ،ئۇلار بىلەن ھەقىقىي ئالاقە قىلمايتتى . . .»
بولۇپمۇ،چاررۇسىيەنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلى پېتروۋسكىي ئۆزىنىڭ بۇ يەردىكى 20يىلغا يېقىن كونسۇللۇق ھاياتى داۋامىدا قاتتىق قوللۇقى،زوراۋانلىقى،ئۆز بېشىمچىلىقى بىلەن داڭق چىقارغانىدى.ئۇ بۇ يەردىكى يەرلىك خەلىقنى كۆزگە ئىلمايلا قالماستىن،بەلكى يەنە جۇڭگو ھۆكۈمەت دائىرلىرىنىمۇ مەنسىتمەيتتى .ئۇ رۇسىيە كونسۇلخانىسنى قوغداش باھانىسى بىلەن قەشقەردە تۇرۇۋاتقان 60نەپەر كازاك سولداتقا تايىنىپ ،خالىغانچە زوراۋانلىق قىلاتتى.ئۇنىڭ ھېچكىمنى مەنسىتمەيدىغان كۆرەڭلىكى ۋە باشباشتاقىلىقى قەشقەر دائىرلىرى بىلەن يەرلىك خەلىقنى جاق تويغۇزغانىدى.شۇڭىلاشقا قەشقەر دىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى «سىلىق-سىپايەئەنگلىيە كونسۇلى ماكارتنېيدىن دائىم مەسلىھەت سوراپ ،ئۇنى قورقۇنچلۇق،سۈرلۈك رۇسىيە كونسۇلى ئۇخلاپ چۈشىدىمۇ ئېرشەلمەيدىغان ئاخباراتلار بىلەن تەمىنلەشكە رازىكى ،پېتروۋوسكىيدەك ئەجنەبىي زوراۋان بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشنى خالىمايتى.»
20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دىيارىمىزغا كېلىپ ،بىر قانچە قېتىم قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئالبېرت ۋون لېكوك ئۆزىنىڭ قەشقەردىكى كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ :«قەشقەرگە بارغاندىن كېيىن ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىدا تۇرۇشنى قارار قىلدىم .چۈنكى مەن رۇسچىنى بىلمەيمەن،رۇسلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى تېخىمۇ چۈشەنمەيمەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئەينى چاغدا رۇسىيە كونسۇلخانىسىنىڭ قەشقەردىكى يامان تەسىرىنىمۇ ئاڭلىغانىدىم،شۇڭىلاشقا مەن رۇسىيە كونسۇخانىسىغا بارمىدىم،قەشقەردە سېسىق نامى پۇر كەتكەن رۇسىيە باش كونسۇلى پېترۋىسكىينىڭ كونتۇرۇللۇقىغا چۈشۈپ قىلىشنى تېخمۇ خالىمىدىم.پېتروۋىسكىي ئىنتايىن قۇۋ سەزگۈر كىشى بولۇپ ،ئەمەلىيەتتە شۇ چاغدىكى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھۆكۈمىرانى بولۇۋالغانىدى.مېنىڭ قارىشىمچە شىنجاڭنىڭ تارىخى ،بۇ يەردىكى مىللەتلەرنىڭ دىنى ئېتقادى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئەھۋاللىرىنى ھېچكىم ئۇنىڭچىلىك مۆلچەرلىيەلمەيتتى.شۇڭىلاشقا ،ئۇنىڭ بۇ يەردىن ئۈندۈرۋالىدىغان ئەمەلىي پايدىسى ۋە ئاخباراتىمۇ ناھايتى كۆپ بولاتتى .ئۇ ئىنتايىن تەكەببۇر ۋە مەنمەنچى ئادەم بولغاچقا ،ئۇنىڭ بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈش ناھايتى تەسكە چۈشەتتى . . .»
لېكوك يەنە رۇسىيلىكلەرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زوراۋانلىقى ھەققىدىمۇ مۇنداق دەپ يازىدۇ:«ئۈرۈمچىدىكى رۇسىيلىكلەر جۇڭگولىقلارغا ناھايتى قوپاللىق ۋە زوراۋانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىكەن .بۇ يەردە تۇرۇشلۇق رۇسىيە كونسۇلى كوچىدىن ئۆتەر چىغىدا ،ئۇنىڭ پەيتۇنىنىڭ ئالدى-كەينىدە يىگىرمىگە يېقىن كازاك ئەسكىرى ھەيۋە كۆرسىتىپ ماڭىدىكەن،ناۋادا كوچىدىكى كىشىلەر ئۇلارغا يول بوشىتىشقا ئۈلگۈرمىسە ،كازاك ئەسكەرلىرى ئۇلارنىڭ يۈز- كۆزلىرى بىلەن دۈمبىلىرىگە قامچا سېلىپ،خالىغانچە بوزەك قىلىدىكەن.كېيىن بىر قېتىملىق كۆرۈشۈشتە مەن رۇس كونسۇلخانىسىغا ئۇلارنىڭ بۇنداق زوراۋانلىقىدىن نارازى ئىكەنلىكىمنى پۇرىتىپ ئۆتتۈم.لېكىن ئۇ قىلچىمۇ پەرۋا قىلمىغان ھالدا ،بۇ كىشىلەرگە بۇنىڭدىن باشقا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلمەيمەن،دېدى.»
1902-يىلى ياپونىيلىك راھىب ئوتانى ئۇيۇشتۇرغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئېكسپېدىتسىيە ئۆمىكى تەركىبىدە شىنجاڭغا كەلگەن ۋاتابى مۇنداق دەپ يازىدۇ:«قەشقەر شىنجاڭنىڭ جەنۇبى قىسمىدىكى سىياسى مەركەز ئىكەن.ئەنگلىيە بۇ يەردە سودا ئىشلىرى ۋاكالەتچىسى تۇرغۇزىدىكەن.رۇسىيەلىكلەر بۇ شەھەردە باش كونسۇلخانا تەسىس قىلغان بولۇپ،60تىن ئارتۇق كازاك ئاتلىق ئەسكىر ى كونسۇلخانىنى قوغدايدىكەن .ئۇنىڭدىن باشقا بۇ يەردە رۇسىيە -مەنچىڭ بىرلەشمە بانكىسىنىڭ تارماق ئورگىنى بارئىكەن،شەھەردە رۇسلار ھەمدە رۇسىيە تەۋەسىدىكى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان ئەنجانلىقلار تىجارەت قىلىدىكەن.رۇسىيە كونسۇلخانىسى رۇسىيە مۇھاجىرلىرىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ھەرقايسى شەھەر بازارلاردا ئاقساقال تۇرغۇزىدىكەن،ئۇلار رۇسىيە كونسۇلىنىڭ پەرمانى بويىچە ئىش بېجىردىكەن،ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا پاسپورتمۇ بېجرەلەيدىكەن.بۇ يەردىكى ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ ئاشكارلىشىغا قارىغاندا ،قەشقەردىكى رۇسلارنىڭ شوۋېنىزىم(چوڭ رۇسچىلىق)لىق خاھىشى ناھايتى كۈچلۈك ئىكەن،مەسىلەن ،ھەر قېتىم رۇسىيە كونسۇلى بىلەن قەشقەر دوتىيى كۆرشۈدىغان چاغدا ،بىر مۇنچە كازاك ئاتلىق ئەسكەرلىرى تولۇق قۇراللىنىپ،كونسۇلنىڭ كەينىدىن ھەيۋە كۆرسىتىپ ماڭىدىكەن ھەمدە يەرلىك خەلىق بىلەن جۇڭگو ئەمەلدارلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى نامايىش قىلماقچى بولغاندەك كۆرنۈدىكەن.بۇنىڭ ئەكسىچە ،ئەنگلىيە ۋەكىلى پەقەت بىرلا ئاتلىق مۇھاپىزەتچىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا دوتەي بىلەن كۆرشۈدىكەن.دېمەك،مۇشۇنچىلىك ئىشلاردىمۇ تەبئىي ھالدا ئىككى دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان سىياسى قىياپىتىنى كۆرۋالغىلى بولىدىكەن.شۇنداق بولغاچقا ،رۇسلارنىڭ تەسىر كۈچى ھەتتا جۇڭگو ئەمەلدارلىرىنىڭ ھوقوق دائىرسىگە قەدەر سىڭىپ كىرگەنكەن.ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ،قەشقەر سودا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى رۇسچىنى ياخشى سۆزلىيەلمەيدىغان كىشى بولۇپ،رۇس كونسۇلى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى ئىكەن.بىر قىتىم دوتەي ئۇنى تاشقورغانغا يۆتكۈمەكچى بولۇپتۇ.ئەگەر ئۇ تاشقورغانغا يۆتكەلسە ئۆزىنىڭ ئىلگىركى پۇل تاپالايدىغان پايدىلىق ئورنىدىن ئايرىلىپ قالىدىكەن.شۇڭا ئۇ ئامال قىلىپ قەشقەردە قېلىپ قالماقچى بولۇپتۇ،ئەمما دوتەي بۇنىڭغا ئۇنىماپتۇ.ھېلىقى ئەمەلدار بۇ ئەھۋالنى رۇسىيە كونسۇلىغا ئېيتقانكەن،كونسۇلنىڭ بىر ئېغىز سۆزى بىلەن دوتەي جىم بولۇپتۇ . . .»
كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى،رۇسىينىڭ ئىلى ،چۆچەك،ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلاردا تۇرۇشلۇق كونسۇللىرى ئۆز دەۋرىدە ئۆزىنىڭ ھوقوق دائىرسىدىن ھالقىپ چىقىپ،يەرلىك خەلىقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرنىڭ سىياسى ئىشلىرىغىمۇ قول تىققانىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قىسىم رۇسلار ۋە رۇسىيە تەۋەلىكىدىكى باشقا خەلىقلەر دىيارىمىزدا ئەركىن سودا -سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىلايدىغانلىقى ،يەرلىك ھۆكۈمەتكە باج - سېلىق تاپشۇرمايدىغانلىقتەك ئالاھىدە ئىمتىيازلارىدىن بەھرىمەن بولغاچقا ،يەرلىك خەلىقنىڭ كۈچلۈك نارازىلقىنى قوزغىغانىدى.بۇنداق ئەھۋال خېلى ئۇزۇن زامانلار داۋام قىلغاندىن كېيىن،رۇسلارنىڭ خوركىنى ۋە ئۆزىگە بولغان تەمەنناسىنى ئاشۇرۋەتتى.ھەتتا 1912-يىلى6-ئاينىڭ22-كۈنى چاررۇسىيە ئوفىتسېرى بافلوف قوماندانلىقىدىكى بىر دىۋزىيە(750ئادەم)كازاك ئاتلىق ئەسكىرى قەشقەردە يۈز بەرگەن مالىمانچىلىقتىن پايدىلىنىپ ،ناھايتى تىزلا قەشقەر شەھىرىنى ئىشغال قىلدى ھەمدە رۇسىيە كونسۇلخانىسىنى قوغداش باھانىسى بىلەن قەشقەردە ئىككى يىلغىچە تۇرۇپ قالدى.پەقەت 1914-يىلى ياۋروپادا ئۇرۇش پارتىلاش ھارپىسىدىلا ئەنگلىيەنىڭ سان -پېتر بۇرگدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بۇخاننا نىڭ رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىغا بېسىم ئىشلىتىش نەتىجىسىدە ،چاررۇسىيە ئاندىن قەشقەردىن قوشۇن چېكىندۈردى.چىرىپ ھالىدىن كەتكەن مەنچىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقى،دىپلوماتىيە جەھەتتىن ئەجنەبىيلەرگە كۆپلەپ يول قويۇشى ،ئۆز ئىچىدىكى كۈندىن -كۈنگە كۈچىيىپ بىرىۋاتقان زىددىيەتلەرنىمۇ ھەل قىلىشقا قۇربىي يەتمەيۋاتقانلىقى تۈپەيلىدىن ،چېگرا رايۇنلاردىكى يات ئەللەر بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتتىكى موھىم مەنپەئەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويدى.بۇنىڭ بىلەن چېگرا ھالقىپ دىيارىمىزغا كۆپ قېتىم قېدىرىپ تەكشۈرۈشكە كەلگەن پرژىۋالىسكىيدەك ئېكىسپېدىتسيىچىمۇ قىلچە تەپ تارتماستىن«ناۋادا1تۈمەن2مىڭ كىشىلىك خىللانغان قوشۇنۇم بولىدىغان بولسا ،جۇڭگونىڭ ھەرقانداق سەرخىل ئارمىيسىنىمۇ تارما قىلىۋېتەلەيمەن!»دەپ پو ئاتالايدىغان بولدى.
1917-يىلىغا كەلەەندە رۇسىيەدە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى پارتىلاپ چار پادىشاھ ھۆكۈمىرانلىقى ئاغدۇرۇپ تاشلاندى.بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا سوۋېت ھاكىمىيتى ئورنىتىلىپ ،يېڭى بىر تارىخى دەۋر باشلاندى.ۋاھالەنكى،ئوتتۇرا ئاسىيادا سوۋېت ھاكمىتىنى تىكلەشكە ئۆزىنىڭ تىگىشلىك كۈچىنى چىقارغان يەتتەسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ بېشىغا ئويلاپ باقمىغان قانلىق پاجىئەلەرمۇ يانداشتى.1918-يىلى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يۇرۇتلاردا يۈز بەرگەن «ئاتۇ پاجىئەسى»دەل شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلبە قىلىپ ،چار پادىشاھ ھاكىمىيتى ئاغدۇرۇپ تاشلانغاندىن كىيىن ،تارمار قىلىنغان ئاقلار ئارمىيسىنىڭ قالدۇقلىرى ئوتتۇرا ئاسىياغا قېچىپ كېلىپ،يوشۇرۇن تۈردە تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بىرىپ ،ھەرمىللەت خەلقىنى يېڭىدىن قۇرۇلغان سوۋېت ھاكىمىيتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا قۇترىتىدۇ.ھەقىقى ئەھۋالنى ئۇقمايدىغان يەتتەسۇ رايۇنىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىشى ۋە زورلاپ تەشكىللىشى بىلەن ،1918-يىلى فېۋورال ئېيىنىڭ ئاخىردا ،سوۋېت ھاكىمىيتىنىڭ قىزىل گۋاردىيسى ئىگىلىگەن ئالمۇتا سېپىلىغا ھۇجۇم قىلىدۇ.ئەمما سېپىل ئىچىدىكى قىزىل ئارمىيە قايتۇرما زەربە بېرىپ ،ئىسياننى باستۇرىدۇ.قىزىل گۋاردىيە كوماندىرلىرىدىن ئىۋان مامۇتۇف،مۇرايېف قاتارلىقلار مەسىلىگە ئىنتايىن خاتا ھالدا مىللەتچىلىك نۇقتىئينەزىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ،1918-يىلى ماي ئېيىدا ئۇيغۇرلارغا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك جازا يۈرۈشى قوزغايدۇ.قىزىل گۋاردىيە ئالمۇتادىن غالجاتقىچە بولغان رايۇنلاردىكى ئۇيغۇر يېزا قىشلاقلىرىغا شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغاپ ،ئالمۇتا سېپىلى ۋەقەسى بىلەن قىلچە ئالاقىسى بولمىغان يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە بولغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى قارا-قويۇقلا قىرغىن قىلىدۇ.نەچچە ئون كۈن داۋام قىلغان بۇ چوڭ قىرغىنچىلىق داۋامىدا ،قىزىل گۋاردىيە قىسىملىرى تەخمىنەن 20مىڭدەك ئۇيغۇر ئاھالىسىنى قىرىپ تاشلايدۇ،ھايات قالغانلىرى جان قايغۇسىدا تەرەپ-تەرەپكە پىتىراپ كېتىدۇ.بەزىلىرى چەتئەلگە قېچىپ كېتىدۇ،ماددىي ۋە مەنۋى جەھەتتىن قاتتىق سورۇلۇپ ،ئۇزۇن يىللارغىچە ئېسىگە كېلەلمەيدۇ.1918-يىلى ئاۋغۇسىتتا يەتتەسۇ ئوبلاستىدا سوۋېت ھاكىمىيتى تىكلەنگەندىن كېيىن ،يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇر رەھبەرلەردىن ئابدۇللا روزىباقىيېف قاتارلىقلار «ئاتۇ پاجىئەسى»نى قاتتىق ئەيىبلەپ ،ناھەق قىرىپ تاشلانغان ئۇيغۇرلارنى ئاقلاش،يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلپ قېچىپ كەتكەنلەرنى قايتۇرۇپ كېلىش ھەمدە ئىۋان مامۇتوف،مۇرايېف قاتارلىق جاللاتلارغا جازا بېرىشنى تەلەپ قىلىش قاتارلىق بىر يۈرۈش خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ.
شۇنىڭدىن كىيىن خېلى ئۇزاق بىر مەزگىللەرگىچە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر خەلىقى يېڭى سوۋېت ھاكىمىيتىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن باشقا مىللەتلەر بىلەن بىللە ئاكىتىپ رول ئوينىدى.بولۇپمۇ،سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر خەلىقى ئۆزىنىڭ يېقىنقى تەرەققىيات داۋامىدا رۇس مەدەنىيتىنىڭ كۈچلۈك رادىئاتسىسىنى خېلى زور دەرجىدە ئۆزىگە ئۆزلەشتۈردى ۋە ئۇنى ئۆز مىللى مەدەنىيتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاكىتىپ ئامىلىغا ئايلاندۇردى.ھالبۇكى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىنكى شىنجاڭدا ئەھۋال تامامەن باشقىچە ئىدى.ياڭ زېڭشىن ئىشىكىنى چىڭ تاقاپ ،غەپلەتتە قالدۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەچكە ،ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ سىرىتقى ئەللەر بىلەن بولغان دىئالوگى ئۈزۈلۈپ قالغانىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ،ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلبە قازىنىپ ،ئوتتۇرا ئاسىيادا سوۋېت ھاكىمىيتى تىكلەنگەندىن كېيىن ،ياڭ زېڭشىن يېڭى ئىددىيەلەرنىڭ كىرىشىدىن ئۆلگۈدەك قورقۇپ ،سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان چېگرا لىنىيىلىرىنى قاتتىق قامال قىلدى.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كەڭ دىنىي سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ ،ئاۋام خەلىنى سوۋېت رۇسىيسىدىن ۋە ئۇلار ئىتقاد قىلىۋاتقان كومۇنىزىم مەپكۇرىسىدىن ئەنسىرەيدىغان،ئۇنى يامان كۆرىدىغان قىلىشقا تىرىشتى.
پۈتكۈل 20-يىللار(ئۆتكەن ئەسىرنىڭ20-يىللىرى)داۋامىدا،سوۋېت قىزىل ئارمىيسى تەرپىدىن تارما كەلتۈرۈلگەن چار پادىشاھنىڭ قالدۇق قىسىملىرى چېگرىدىن قېچىپ ئۆتۈپ،دىيارىمىزنىڭ جەمئىيەت تەرتىۋىنى قالايمىقانلاشتۇرۋەتتى.ئاق گۋاردىيچى ئارمىينىڭ قالدۇق قىسىملىرى ھەم ئاق ئورۇس كازاكلاردىن تەشكىللەنگەن قاچاق ئەسكەرلەر بىر تەرەپتىن ،يەرلىك خەلىققە ئېغىر ئىقتىسادى بېسىم ۋە قالايمىقانچىلىق ئېلىپ كەلسە؛يەنە بىر تەرەپتىن ،يېڭىدىن قۇرۇلغان سوۋېت رۇسىيسى ۋە ئۇنىڭ مەپكۇرىسى ھەققىدە ئۆسەك سۆزلەرنى تارقىتىپ ،خەلىق ئىچىدە ۋەھىمە پەيدا قىلدى.بۇنىڭ نەتىجىسىدە ،شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا خېلى ئۇزۇن مەزگىللەرگىچە چېگرنىڭ ئۇ يېقىدىكى رۇسىيە سوۋېت ھاكىمىيتىدىن گۇمانسىراش،ۋەھىمە يېيىش ۋە خاتىرجەم بولالماسلىقتەك ئېغىر روھى ھالەت داۋام قىلدى.
1931-يىلدىكى قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابى شىنجاڭ ھازىرقى زامان تارىخىدا يېڭى بىر تارىخى دەۋرنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بەردى.تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب ۋەشىمالى داغدۇغىلىق خەلىق قوزغىلاڭلىرىنىڭ ئوت يالقۇنى ئىچىدە قالدى.جىن شۇرېننى غۇلىتىپ،ئۆلكە ئارمىيسىنىڭ ھوقوقىنى ئۆز قولىغا ئالغان مىلىتارىست شېڭ شىسەي بىر چاغلاردا سوۋېت قىزىل ئارمىيسىدىن دەككىسىنى يەپ ،دىيارىمىزغا قېچىپ كېلىپ جان ساقلىغان ئاق ئورۇسلارنى تەشكىللەپ،خەلىق قوزغىلاڭلىرىنى باستۇردى.تېخىمۇ ئېچىنارلىقى شۇكى ،1933-يىلى شىڭ شېسەي ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى تەرپىدىن ئۈرۈمچىگە قامىلىپ قالغىندا،1937-يىلى مەھمۇد سىجاڭنىڭ قالدۇق قىسىملىرى جەنۇبىي شىنجاڭدا قوزغىلاڭ كۆتۈرگىندە ،«پۈتۈن دۇنيادىكى ئېزىلگەن خەلىقلەرنىڭ ئازادلىق كۈرەشلىرىگە ياردەم بېرىمىز»دەپ تىنىمسىز شۇئار توۋلىغان سوۋېت ئىتتىپاقى باشقا بىر دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقوقى بىلەن قىلچە ھېسابلاشماي ،ماتۇرلاشقان قىزىل ئارمىيسىنى چېگردىن كىرگۈزۈپ ،خەلىق قوزغىلاڭلىرىنى قانلىق باستۇرۇش ھېسابىغا ،جاللات شىڭ شېسەينى قۇتۇلدۇرۇپ قالدى.دىيارىمىزدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ قەلبىنى مەڭگۈ ئۇنتۇلماس جاراھەتلەر بىلەن توشقۇزۇۋەتكەن رۇسلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا كىرگەن قىزىل ئارمىيسى ئايوپىلان،تانكا ۋە برونوۋىك ماشىنلارنىڭ ھىمايسىدە ،شىڭ شېسەيگە قارشى قوزغالغان مەھمۇت سىجاڭنىڭ قالدۇق قىسىملىرى ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن نەچچە مىڭلىغان دېھقان ياشلىرىنى رەھىمسىزلىك بىلەن قىرغىن قىلدى.1937-يىلدىن باشلاپ ،سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى ۋە ك گ ب نىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى شېڭ شېسەيگە ماسلىشىپ ،پۈتكۈل شىنجاڭ تەۋەسىدكى ھەر مىللەت يۇقۇرى قاتلام زىيالىيلىرى،جامائەت ئەربابلىرى،باي سودىگەرلەر ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلدى.ئۇلارنىڭ كۆپىنچىلىرى ئۆزلىرى چۈشىدىمۇ كۆرمىگەن بوھتانلار بىلەن قارىلىنىپ ئۆلتۈرۋېتىلدى.بەزىلىرى ئىز -دېرەكسىز يوقىلىپ كەتتى . . .مۇشۇنداق بىر قاتار پاجىئەلىك سەرگۈزەشتىلەرنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن خەلقىمىز نۇرغۇن «ئىزىم»لارنى،يالتىراق ئىدىيلەرنى بۇ يەرگە تارقىتىۋاتقان رۇس مونوپولىزمىدىن گۇمانسىرايدىغان بولدى.
ۋاھالەنكى،كۈندىن- كۈنگە كۈچىيىپ بىرىۋاتقان دەۋر ئېقىمى رۇس مەدەنىيتى بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيتى ئوتتۇرسىدىكى دىئالوگنى بارغانسېرى قويۇقلاشتۇرۇپ باردى.چۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيتى ئاشۇ تارىخى دەۋردە ئۆزىنىڭ ھازىرقى زامان دەۋرىگە قەدەم بېسىش يۆنىلشىنى ۋە قايسى يولغا مېڭىش لازىملىقىنى بەلگىلەش ئىمكانىيتىگە ئىگە ئەمەس ئىدى.ئۇلارنىڭ رۇس مەدەنىيتى بىلەن ئۇچراشماسلىقتىن باشقا تاللىشىمۇ يوق ئىدى.شۇنداق،ئۇلار ئۆزىنى ئۆزى ئىپادە قىلالمىدى،ئۆزىنى ئۆزى يېتەكلەپ ماڭالمىدى،شۇڭا ئۇلار باشقىلار تەرپىدىن ئىپادىلەندى ھەمدە باشقىلارنىڭ يېتەكلىشىگە مەجبۇر بولدى.خۇددى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا قەشقەردە تۇرغان ئەنگلىيە باش كونسۇلىنىڭ خانىمى دىئاننا سىمپتوننىڭ ئۆز كىتابىدا ئېيتقىنىدەك «ناھايتى كۈچلۈك قوشنىسىنىڭ تەسىرىدە ،ئۇلارنىڭ ھېچقانچە تاللاش ئىمكانىيتى يوق»ئىدى.
شۇنداق قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق شاۋقۇن-سۈرەن سېلىپ كىرىۋاتقان رۇس مەدەنىيتى ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ بېكىك ھالەتتىكى قوۋۇقىنى كەڭ ئېچۋەتتى.ئۆز ئوربېتسى بىلەن ئەمەس،بەلكى رۇس مەدەنىيتىنىڭ زەربىسىدىن كىلىپ چىققان ئېنېرتسىينىڭ كۈچى بىلەن ھازىرقى زامان ئېقىمىغا كىرىپ كەلگەن ئۇيغۇر جەمئىيتى ئۆزىنى تەڭشىۋېلىشقا ئۈلگۈرمەي تۇرۇپلا يېڭىدىن-يېڭى خىرىسلارغا دۈچ كەلدى.شۇنىڭدىن ئېتىبارەن،ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىدە قوبۇل قىلىش بىلەن ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇش ئوتتۇرسىدىكى مۇۋازىنەت بۇزۇپ تاشلاندى.
خەيرىيەت ،كۆزيېشى بىلەن ۋاقتلىق تەسەللىي،پاجىئە بىلەن قورقۇنچ،يوقىتىش بىلەن ئېرشىش گىرەلىشىپ كەتتى.رۇس مەدەنىيتىنىڭ رەڭگارەڭ يالتىراقلىرى ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ ئەمدىلا ئېچىلغان كۆزلىرىنى ئالىچەكمەن قىلىپ،ئىلگىركى تەشۋىشلەرنى بىراقلا ئۇنتۇلدۇرۋەتتى.
تۇنجى تۈركۈمدىكى ھۆكۈمەت تەرپىدىن ئەۋەتىلگەن چەت ئەللەرگە چىقىپ ئوقويدىغان ئۇيغۇر ئوقوغۇچىلار تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنۋېرسىتېتىغا يېتىپ باردى.غۇلجا،چۆچەك،ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە رۇس گىمنازىيلىرى قۇرۇلدى.ھەرقايسى ۋىلايەت،ناھىيلەردە مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىلىرى تەسىس قىلنىپ يېڭى ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەرغىباتلىرى ئېلىپ بېرىلدى.شېڭ شېسەي سوۋېت ئىتتىپاقىغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن ماركىسىزىمنى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلدى.ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر تىللىرىدىكى زامانىۋى مەتبەئەدە بېسىلغان گېزىت -ژورناللار نەشىر قىلنىپ ،بىرىنچى بەتلىرىگە سىتالىن ۋە سوۋېت ئەر ئىتتىپاقى توغرىسىدىكى خەۋەر -ماقالىلار بېسىلىپ تۇردى.سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ،مائارىپ تارماقلىرى ۋە كەڭ ئوقۇرمەنلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدىكى دەرىسلىكلەر ،كىتاب-ژورناللار بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن تاشكەنتتە«شەرىق ھەقىقىتى»نامدىكى نەشىريات قۇردى.بۇ نەشىريات شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىببەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقى بىلەن تۈركۈم تۈركۈملەپ كىتابلارنى نەشىر قىلدى.
دەرۋەقە،ھازىرقى زامان ئۇيغۇر جەمئىيتىدە سوۋېت ئىتتىپاقىچە مەدەنىيەت ئەندىزسى ئەنە شۇنداق تۇرغۇزۇلدى.رۇس ئۇسلۇبىدىكى مائارىپ سىتېمىسى ئەنە شۇنداق بەرپا قىلىندى.شىنجاڭدىكى قاينام-تاشقىنلىق«سىتالىنىزىم دەۋرى»ئەنە شۇنداقمەيدانغا كەلدى!
20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن باشلانغان ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى سوۋېت ئىتتپاقىچە مەدەنىيەت ئەندىزسىگە چوقۇنۇش قىزغىنلىقى تاكى 60-يىللارنىڭ باشلىرىغا قەدەر داۋام قىلدى.بۇ جەرياندا مىللى مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا خېلى زور نەتىجىلەر قولغا كەلگەن بولسىمۇ ،لېكىن مەدەنىيەت-مائارىپ ساھاسىدىكى ھەددىدىن زىيادە بىر نوقتىغا ئېغىش ،ئۆزىنى ئۇنتۇپ ئۆزگىگە مەھلىيا بولۇش ھەمدە بىر رامكىدىن چىقالماسلىق كېسىلى مىللى تەپەككۇرنى مۇئەييەن دەرجىدە قاتماللاشتۇرۋەتتى.ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىغا كەلگەندە جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقى مۇناسىۋتى بۇزۇلدى.بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇز يىللاپ بىز چوقۇنۇپ كەلگەن سوۋېتچە(تېخىمۇ توغرىسى ئورۇسچە)ئەندىزە «خاتا ئېتقاد»ياكى «رېۋىزىيونىزىم»بولۇپ چىقتى.بۇ ھال مىللىتىمىزنىڭ ئۆتكەن ئەسىردە ئېلىپ بارغان ئۆزىنى ئىزدەش يولىدىكى يەنە بىر مەنىۋى تراگېدىيسىنىڭ بىر دەۋرلىك كۆرنۈشى بولۇپ قالدى.
قىسقىسى،ئۇيغۇر جەمئىيتى بىلەن رۇسلار ئوتتۇرسىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان سىياسى،ئىجتىمائى،ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت دىئالوگى جەريانىدا ،ھەم بىر-بىرىنى تارتىشىدىغان قوش بىسلىق ،مۇرەككەپ ھالەت داۋام قىلدى.ئۇيغۇر جەمئىيتى شەرىقتىكى باشقا كۆپلىگەن مىللەتلەرگە ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ ھازىرقى زامان دەۋرىگە قەدەم قويۇش مۇساپىسىدە غەرب مەدەنىيتىنىڭ كۈچلۈك رادىئاتسىسى ئارقىلىق قوزغىتىلدى.رۇسلار ئۇيغۇر جەمئىيتىگە مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىز ئاچچىق كەچۈرمىشلەرنى ،قانلىق ساۋاقلارنى ۋە تارىخى تۈگۈنلەرنى قالدۇردى،شۇنداقلا ئۇلار يەنە ئۇيغۇر جەمئىيتىگە كوممۇنىزىم ئىدېئولوگىيسىنى ،ماركىسىزملىق ئىدىينى ۋە ھازىرقى زامان پەن -تېخنىكىسى بىلەن ھازىرقى زامان سانائىتىنى ئېلىپ كىردى.
تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە(ئەسئەت سۇلايمان)----ئىككىنچى بۆلۈم_ئەجنەبىيلەرنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيتىگە قالدۇرغان تەسىراتلىرى(42-بەتتىن 66-بەتكىچە)
[ بۇ يازما tim0998 تەرپىدىن2009-01-20 23:50دە قايتا ]