پاسىبان خوتەن
جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدا،شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدا بىرئانادىيار ئۆزىنىڭ ئەۋرىشىم تەنلىرىنى ئەركىلىتىپ قويىۋېتىپ،تەكلىماكان قوينىدا تولغىنىپ ياتىدۇ.بۇئانا دىيار .ئۆزقەلبىدە ساپ بۇلۇپ،سۈزۈك قاشتېشىنى،تەن قۇۋۋەت،دىلغاھۇزۇرئاتاقىلىۋاتقان ياڭاقلىرنى خەلىققەسۇنۇپ،مەغرۇر قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.بۇماكان دەل خوتەندۇر.
مەن خوتەننىڭ سۈيىنى تەنگە قۇۋۋەت بولىدىغان ئېسىل تائاملىرىنى يەپ،بۇ ئەزىز ماكاندا تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلىكىمدىن ئالەمچە پەخرلىك ھېس قىلىمەن.
ئېھ خوتەن!
ھەرقېتىم تاڭ سەھەردىكى ساپ ھاۋالىرىڭنى سۈمۈرگىنىمدە گۇگۇم پەيت ئاسمىنىڭدا ئىپادىلىگەن ھەرخىل رەڭلىرڭنى كۆرگىنىمدە قەلبىم چوڭقۇر خۇشاللىقا چۆمىدۇ. چۈنكى سەن خۇشاللىق بېغىشلىغۇچى جەننەتتۇر سەن. سېنى جەننەتتىن ئەزىز كۆرىمەن
.رىۋايەتلەردە<<جەننەت ئىنتايىن گۈزەل،بىر-بىرىدىن يېقىملىق سايرىشىدىغان قۇشلاربار.ئادەملىرى ناھايىتى باي-باياشات،مولچىلىق ئەۋىج ئالغان >>دەپ تەسۋىرلىنىدۇ.
لېكىن سەنمۇ جەننەتتىن قېلىشمايسەن .سېنىڭ قوينۇڭدا تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ھەربىر زەررىچىلىك نەرسىلەرمۇ شۇنچە قىممەتلىك.سېنىڭ سۈزۈك سۇلىرىڭ جىسمىمغا كىرگەندەسەندىكى ئوتلۇق مۇھەببەتنى،ساپلىقنى،پاكلىقنى ھېسقىلىمەن.
قەلبىم تەسۋىر لىگۈسىز ھاياجانغا تولىدۇ.سەندىكى ئاشۇخىل مېھىر بولغاچقىلا ئىللىق قوينۇڭدانۇرغۇنلىغان قابىليەتلىك ياش-قىرانلار،مىللەتنىڭ،ۋەتەننىڭ تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتەك ئېغىر،ئەمماشەرەپلىك ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان قىز-يىگىتلەريېتىشىپ چىقىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ جىسمىداسېنىڭ روھىڭ يالتىرايدۇ.
ئەي خوتەن،ھەر قېتىم كەڭ تەبىئەت بىلەن تولۇق ئۇچرىشاي دەپ دالاغا چىققىنىمدا بوران خالتاڭنى بولىشىغا ئېچىۋېتىپ،يەردىكى قۇم-بورانلارنى ئۇچۇرىسەن.دەرەخلىرىمنى قالايمىقان كەسمەڭلار،بولمىسا مەن سىلەرگە رەھىم-شەپقەت قىلمايمەن دېگىنىڭمۇ-بۇ؟!
ئاسمىنىڭدا دائىم قارا بۇلۇتلارنى لەيلىتىپ يۈرىسەن.بۇمېنىڭ بالىللىرىم، ئۆزۈڭلارغا ئۆزۈڭلار قىلدىڭلار.قۇياش نۇرىدىن قانغۇچە بەھرلەنمەي قالدىڭلارغۇدەيمەن>>-دەپ مەسخىرە ئارىلاش كۈلۈۋاتقىنىڭمۇ بۇ؟!
قىش كۈنلىرى قار ياغقىنىڭ تايىنى يوق، ئەتىيازدەكلا ئىسسىق، يازكۈنلىرى تېمپىراتۇرىسى40 سېلىتسىيە گىرادۇستىن ئاشۇرۇپ ئىسسىقنى بولۇشىغا قويۇپ بېرىسەن .بۇ ئارقىلىق ئېكىلوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇۋېتىڭلار دېمەكچىمۇسەن؟!.....
لېكىن نېمىلا بولمىسۇن مەن سېنى مەدىھلەيمەن .سېنىڭ ئىللىق باغرىڭ مەن ئۈچۈن گوياكى جەننەت.
ئەسەر ئاپتورى:چىراناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ 3-يىللىق2-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى:-. نۇرئىمانگۈل سەئىدى
.ئانارىم تورىدا كەپتەر نامىدا ئىلان قىلىنغان.
[ بۇ يازما -XAMXAD- تەرپىدىن2009-01-18 18:46دە قايتا ]