سىز بۇ تېمىنىڭ 694 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: توتېم؛ساقال-بۇرۇت ھەققىدە ئەبجەش پاراڭ پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

totem
توتېم
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 22030
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 333
شۆھرەت: 485 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3360 سوم
تۆھپە: 240 نۇمۇر
ياخشى باھا: 132 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 2184(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 توتېم؛ساقال-بۇرۇت ھەققىدە ئەبجەش پاراڭ


تۇرمۇشتىكى بەزى كىچىك ئىشلارمۇ جەمئىيەت ھادىسىلېرىنى يۈزەكى بولسىمۇ ئەكىس ئەتتۇرۇپ بەرسە كېرەك.نەچچە يىل بۇرۇن مەلوم بىر ماتىريالدىن ئۇيغۇرلار قەددى-قامەت جەھەتتە دۇنيادىكى 100مىللەت ئىچىگە كىرىدۇ،دىگەن بىر ئۇچۇرنى كۆرۇپ مىللىتىمدىن پەخىرلەنگىنىم ھازىرغىچە ئىسىمدە.ئاجىز بولسىمۇ تىپىرلاپ تۇرغان ئوتتەك يۇرۇكۈم جەمئىيەتتىكى ھەر خىل شەيئى-ھادىسىلەرگە مۇھەببەت بىلەن نەزەر تاشلايدۇ.يىشىمنىڭ ئولغىيىشىغا ئەگىشىپ تەنتەك ھېسلېرىم ۋە ساددا قاراشلېرىم ئەقەللىي يەكۈنلېرىمگە ئورۇن بۇشىتىش ئالدىدا تۇرماقتا.بەزىدە نۇرغۇن ھادىسىيەتلەرگە سەبىي بالىلاردەك ھەيران بولسام،يەنە بەزىدە دۇنيانىڭ سىرلىق مۆجىزاتلېرى ئالدىدا ئۈنسىز سۈكۈتكە چۈكىمەن.بۇنىڭ كىچىككىنە تىمسالى  سۈپىتىدە ئاددى بىر مىسالنىلا كۆپچىلىكنىڭ پىكىر خامىنىغا تاشلاپ باقسام كۇپايە بۇلار.
ساقال-بۇرۇتۇمنى ئىككى كۇن ئالدۇرمىساملا يۈز-كۆزلېرىمنى تۈك قاپلاپ باشقىچە سىياققا كىلىپ قالىمەن.بۇگۈن ناشتىدىن كىيىن ئوغلۇم بابۇرنى قۇچىقىمغا ئىلىپ مەڭزىلېرىگە مەڭزىمنى يىقىپ ئەركىتشكە باشلىدىم.يىرىك ساقاللېىرىم ئوغلۇمنىڭ بۇدۇرۇق مەڭزىگە سانچىلىپ يىقىمسىز تۇيغۇ بەرگەن بولسا كېرەك.يۈزلېرىنى ئەپ قىچىپ قىقىراپ يىغلاشقا باشلىدى.ئوغلۇم بىلەن بىرەر سائەت ئويناشقاندىن كېيىن،چاچ-ساقاللېرىمنى ياستىپ كىلەي دەپ ساتراچخانىغا باردىم.ساتراچنىڭ قۇپال قوللېرى بىلەن يۈزلېرىمنى ئۇۋىلىشىدىن مەستخۇش بۇلۇپ،كۆزلېرىمنى يۇمۇپ تەگىسىز خىياللار قاينىمىغا چۈكۈپ تۇرغان ۋاقتىمدا،يېنىمدىكى بىر خىرىدارنىڭ زارلانغان ئاۋازى قولىقىمغا تۇيۇقسىز كىرىپ قالدى.
-مۇشۇ ساقال دىگەنگە زادى ئۆچ بولدۇم،ئاخشىمى ھاراق ئىچسەڭلا ساقالغا ئوغوت بەرگەندەك ئەتىسىلا مايسىدەك ئۇسۇپ چىققان.ساقال دەستىدىن يا پاكىزە يۇرگىلى بولمىغان.كوسا كىشىلەرگە بەكمۇ ھەۋەس قىلدىغان بۇلۇپ قالدىم.
بىشىمنى سەل كۆتۇرۇپ ئالدىمدىكى ئەينەكتىن 35 ياشلار ئەتراپىدىكى ئاخشامقى ھاراقنىڭ تەسىرىدىن كۆزلېرى مايمۇننىڭ كۆتىدەك قىزىرىپ كەتكەن،تاتىراڭغۇ چىراي بىر كىشىنى كۆردۇم-دە،شىتىلىلەرچە چاقچاق ئارلاش تەنە قىلدىم.ساقال-بۇرۇت ياساشمۇ يۈزنىڭ گىمناستىكىسى.يۇز قىسىمدىكى قىلدام تۇمۇرلار راۋانلىشىپ تېرىڭىزنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلايدۇ.بەدەن ئۇۋىلاش،پۇت ئوۋىلاش ئورۇنلېرىغا بېرىشقا خۇشتار-يۇ،يۈز-كۆزنى ئۇۋىلاشقا نىمانچە قېرىق(بېخىل) سىز.
تەئەددى بىلەن دىگەن تەنە گىپىمدىن لام-جىم دىمەي تاماكىسىغا ئوت ياقتى.
ساقال-بۇرۇت ئەركەكلەرگە بېرىلگەن ئالى سوۋغا.ساقال-بۇرۇتنى پاكىزە ياساتقان ئەركەكلەر مەردانە،جاسارەتلىك كۆرىنىدۇ.مەزلوملارچە پىكىر قىلغان كىشىلەرنى كۆرسەكمۇ،تۈكى يوق پاراڭنى ئاز قىلە،دەيمىز.ئەرنىڭ تۇكلىكى ياخشى،خۇتۇننىڭ سۇتلۈكى(ياخشى)دىگەن تەمسىللېرىمىزمۇ بار.ھەق گەپ قىلغان،دادىل كىشىلەرنى كۆرسەكمۇ،مەيدىسىدە ئەركەك تۈكى بار،دەپ سۈپەتلەيمىز.ئۇيغۇر ئەركەكلېرىمىز يارىشىملىق بۇرۇت قۇيۇش ئارقىلىق جاھان ئەركەكلېرىدىن چىنىپ قالغىنى ياكى تۈۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ قالغىنى يوق.تىببىي مۇتەخەسىسىلەرنىڭ ئىسپاتلىشىچە ئەركەكلەرنىڭ يۈز قىسمىدىكى تۈك يىگىتلەرنىڭ ئەركەكلىك جاسارىتىنى(جىنسى ساپاسى)يۇقۇرى كۆتۇرىدىكەن.ساقال-بۇرۇت كۇن نۇرىدىن تەبىي بولغان ھارارەتنى قۇبۇل قىلىپ،بۆرەكنى كۈچەيتىش،باھنى قۇۋەتلەش جەھەتلەردە بەلگىلىك رۇلى بار.بۇ تۇغرىسىدا ئىسلام دىنىدا مۇۋاپىق ساقال قۇيۇش سۈننەت ھېساپلىنىدۇ. مۇشۇ قۇرلارنى يېزىۋىتىپ بىر ھەدىس ئىسىمگە كىلىپ قالدى.
ئۆز ۋاقتىدا ساھابىلەردىن ساقال-بۇرۇتى شالاڭ ئۇسكەن بىر كىشى ساقىلىنى ئويناپ تۇرغان ۋاقتىدا،مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەللەيھى ۋەسسالام ئۇ ساھابىنى كۆرۇپ كۈلۈمسىرەپ ئۇتۇپ كېتىپتۇ.شالاڭ ساقىلىم ياراشمىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان ساھابە ساقىلىنى ئىلىۋىتىپتۇ.ئەتىسى مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەللەيھى ۋەسسالام كۆرۇپ نىمىشقا ئىلىۋەتكەنلىكىنى سوراپتۇ.ئۆزلېرى تۈنۈگۈن ساقىلىمنى كۆرۇپ،مازاق قىلغان ئىدىلە،شۇڭا ئىلىۋەتتىم دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ساھابە.
مەن تۈنۈگۈن قارىسام ساقىلىڭغا ئىسىلىپ نەچچە پەرىشتە موللاق ئىتىپ ئويناۋاتقان ئىكەن.شۇڭا كۈلۈمسىرەپ ئۇتۇپ كەتكەن،دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەللەيھى ۋەسسالام.
دېمەك كىچىككىنە ئىشلاردىنمۇ ئۆزىمىزنىڭ خاراكتىرىنىڭ تۇلىمۇ چاكىنىلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىلغىلى بۇلىدۇ.ھازىر جەمئىيىتىمىزدىكى ناشايان ئىشلارنىڭ كۇپىيىپ كېتىشى،ئاجىرشىش نىسپىتىنىڭ تىك سىزىق بىلەن ئۆرلەپ كېتىشى،ئاشنا تۇتۇش ۋە ئەبجەش مەدەنيەتلەردىن روھى تەسەللى ئىزدەش،مىللى مەدەنيەت ۋە خاسلىقىمىزنىڭ شالغۇتلىشىشقا قاراپ تەرەققى قىلىشى ئۆزىمىزگە ئىشەنمىگەنلىكىمىزنىڭ ئىپاسىدىن ئىبارەت.ئائىلە پاجىئەسى ئۇيغۇر دۈچ كىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ خىرىستور.بەزىدە ئويلاپ قالىمەن،خۇتۇنىنى كۇنلەيدىغان ئەركەكلەر يۇقمۇ-قانداق؟يۈز-كۆزلېرىنى مايمۇندەك بۇياپ،چاچلېرىنى فىرانسىيەنىڭ قىزىل چىراق كوچىسىدىكى پاھىشىلەردەك ياسىتۋالغان ئاياللېرىدىن پەخىرلەنگەن ئەركەكلەرنىمۇ كۆرگەنمەن.ئەرلېرىنىڭ كىيىملېرىنى دەزماللاپ،ئاياقلېرىنى مايلاپ ھاراق سورۇنلېرىغا ئۇزۇتۇپ قۇيالغان ئاياللېرىمىزنىڭ پانىي ئالەمدىكى ئورنى قەيەردە بۇلار؟ئائىلىدىكى بەخىت-سائادەت نۇرلېرى نەلەرگە مۇكىۋالغاندۇ؟...مۇقەددەس كىتاپلارنى ۋاراقلاپ بېقىش جەريانىدا شۇنى ھېس قىلىپ قالدىمكى،نۇرغۇن ئۇيغۇر ئائىلىلېرىدە نېكاھ ئالىقاچان بۇزۇلۇپ كەتكەن.ئىسلامدىكى «تالاق»سۆزىدىلا نېكاھ بۇزۇلدۇ.باشقا ئۇششاق-چۈششەك ئىشلاردا چوڭ مەسلە يوق دەپ قارايدىغان بىچارىلەر بىزدە كۆپ.ئائىلىنى مۇقەددەسلىككە كۇتۇرۇش ئۈچۈن ماددىيەت ۋە روھىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش ئەركەكلەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى.ئائىلىدىكى لەززەت،ئەر-خۇتۇندىكى قانائەت ھاسىل بولمىسا كىسەل ئائىلە يەنى نېكاھ-مۇھەببەتنىڭ قەبرىسىگە ئايلىندىغان پاجىئە يۈز بېرىدۇ.
جەمىيەتشۇناسلار ۋە سىياسىيونلار جەمئىيەت قىياپىتىنى قانداقلا چۈشەندۇرىشىدىن قەتئىنەزەر، اللە بىزگە ئاتا قىلغان ساقال-بۇرۇت ۋە ئۆزىمىزنىڭ فولىكلور مەدەنيەت قاتلىمىمىزدىن ياتلىشىش ئۆزىمىزنىڭ گۈرىنى كولىغانغا باراۋەر.شالغۇتلىشىشمىزنىڭ ئاقىۋىتى بىزنى كوسا مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئىلىشقا مەجىبورلايدۇ،خالاس!
مەنبە؛توتېم

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+20(firkat)
  • روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۈللەندۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى!
    (ئا.مۇھەممەت ئىمىن)
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-01-17 17:59 |
    ئىزنا سودا بازىسى
    tim0998
    گۈزەللىك ئىزدىمە،ئۇ سەندە.
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 61829
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1220
    شۆھرەت: 1356 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2040 سوم
    تۆھپە: 150 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 39 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 521(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-29

     

    نىمىشقىدۇر بىزنىڭ مۇشۇ تەرەپلەردىكى باشلىقلىرىمىز نىڭ ساقال بۇرۇت بىلەن پەقەت خوشى يوق.بولمىسىغۇ شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە جوڭگو تاللىغان كومونىزىم يولىنىڭ ئىجادچىسى ماركىس بىلەن ئىنگىلس ساقاللىق كىشىلەركەن.باشلىقلىرىمىزنىڭ يامان كۆرىشى ۋە قەتئى يول قويماسلىقى  سەۋەبلىك  تەبئىلىكى بىلەن قىياپىتىمىزگە ھۆسۈن بەرگەن ساقال بۇرۇتلىرىمىزنى قويالماي يۈرىمىز.

    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    تۈنۈگۈننى ئۇنۇتما!بۈگۈننى چىڭ تۇت!ئەتىنى ئويلا!
    تۈنۈگۈندىن جەۋھەرلەر توپلىشىڭ مومكىن؛
    بۈگۈننى چىڭ تۇتساڭ،كېيىن پۇشايمان قىلمايسەن؛
    ئەتىكى توغرا نىشاننى كۆزلەپ ماڭساڭ،تاپتىن چىقىپ كەتمەيسەن!

    ./?u=61829
    ./?a=tim0998
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-17 19:03 |
    XJ~BOY
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 71301
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 375
    شۆھرەت: 375 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3692 سوم
    تۆھپە: 15 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 176(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-26

     

    ساقال-بۇرۇت  ئۇيغۇر  ئەرلىرىنىڭ  يارشىملىق  بەلگىسى  ....
    \
    مەن  بۇنۇڭدىن  پەخىرلىنىمەن  جۇمۇ......

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    مۇھەببەت  نىمدىگەن  رەھىمسىز  ھە !!!!!!!!!!!
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-17 19:07 |
    Rujek
    قاراق مەرىفەت تورى
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31349
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 584
    شۆھرەت: 807 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 5826 سوم
    تۆھپە: 107 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 95 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 995(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    Quote:
    بۇ مەزمون1قەۋەتتىكىtim0998نىڭ2009-01-17 19:03 دە يوللىغان يازمىسى   :
    نىمىشقىدۇر بىزنىڭ مۇشۇ تەرەپلەردىكى باشلىقلىرىمىز نىڭ ساقال بۇرۇت بىلەن پەقەت خوشى يوق.بولمىسىغۇ شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە جوڭگو تاللىغان كومونىزىم يولىنىڭ ئىجادچىسى ماركىس بىلەن ئىنگىلس ساقاللىق كىشىلەركەن.باشلىقلىرىمىزنىڭ يامان كۆرىشى ۋە قەتئى يول قويماسلىقى  سەۋەبلىك  تەبئىلىكى بىلەن قىياپىتىمىزگە ھۆسۈن بەرگەن ساقال بۇرۇتلىرىمىزنى قويالماي يۈرىمىز.


    خاتا چۈشىنىپ قاپسىز  ماركىس بىلەن ئىنگىلىس ئىككەيلەن مىليۇنلىغان پۇرۇلتارلارنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كىچە -كۈندۈز ئىزدىنىپ ساقال ئالىدىغانغا ۋاقت چىقىرالمىغان

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-17 19:34 |
    firkat
    ئابدۇسالام راخمان
    ئۆمۈرلۈك شەرەپ تەشۋىقات ئەلچىسى
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 7400
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1844
    شۆھرەت: 2109 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 642 سوم
    تۆھپە: 243 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 170 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2243(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-08-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-14

     

    كەسپى مەكتەپكە ئەمدىلا كىرگەن ۋاقتىمدا ئوقۇتقۇچىمنىڭ :« ماۋۇ ئەخمەقنىڭ ساقىلىنىڭ قويۇقلىقىنى » دەپ مېنى كەمسىتكەنىدى. شۇ ئاچچىقىمدا ساقال - بۇرۇتۇمنى پاكىز ئالدۇرۋەتكەن. ئەمما ھەپتە ئاخىرى ئۆيگە قايتىپ ئىشتىكىن كىرىپلا سالامنىڭ ئورنىغا يىگىنىم دادامنىڭ تەستىكى بولدى. « ساقلىڭنىمۇ ئېلىۋەتسەڭ مەيلى ماۋۇ بۇرۇتىڭنى نېمىشقا ئېلىۋىتىسەن، نەرىڭگە پۇتلاشتى»  دەپ تەنە قىلغان. ساقال - بۇرۇتنىڭ قەدىرىنى بىرىگە ئىمان ئېتقادى. يەنە بىرگە مەيدىسىنىڭ تۈكى بار ئەركەكلەر بىلىدۇ.

    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى


    تىنىمسىز ئىشلەش سەنئەتنىڭ مەھسۇلى، شۇنداقلا تۇرمۇشنىڭ مەھسۇلى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-17 21:35 |
    tayanqimbar
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 39340
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 393
    شۆھرەت: 411 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4345 سوم
    تۆھپە: 5 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 478(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-19

     

            ماقالە ناھايىتى ياخشى بىر قاراشنى تورداشلارغا سۇنۇپتۇ،ساقال_بۇرۇتلۇق مىللەتنىڭ(مەندىغۇ بۇ نەرسە كەمچىل)تۇرقىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ،چىرايلىق پىكىرلەر ئوتتۇرغا قويۇلۇپتۇ.....
            كەينىدىن سانىغاندا ئىككىنچى ئابزاستىكى پىكىر باش تېما ئىدىيىسىدىن يۈز ئۆرۈپتۇ،ئىملا جەھەتتىن قىسمەن مەسىلە بار،بولۇپمۇ<<لىرى>>دېگەن قۇشۇمچە سەۋەپسىزلا<<لېرى>>دەپ يېزىلىۋېرىپتۇ.....

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-17 21:36 |
    bilgar
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 10792
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 837
    شۆھرەت: 848 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 8350 سوم
    تۆھپە: 76 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 55 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1624(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-05

     

    مەزكۇر ماقالىدىن ئەرلەرنىڭ زەيپانە روھى ۋە ياسانچۇق ئاياللارنىڭ ئائىلىسىگە كۆيىنىشى ...............مىللەتتىكى نۇقسانلار..ساقال ۋەقەسى بىلەن ياخشى ئېچىلىپتۇ.

    خوشاللىق ئەتراپىڭىزدىلا..
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-17 21:40 |
    dil-rus
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 4211
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 3016
    شۆھرەت: 3209 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 22490 سوم
    تۆھپە: 140 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 160 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 3102(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    ئىككى  مۈرىنىڭ  ئوتتۇرسىدىكى بىر  بېشى بار  ئىنسانلار  بۇ تېمىنى  چۇقۇم  تەپەكۈرى  بىلەن ئوقۇپ باقسا  بولغۇدەك  

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
      ھەقىقەتنى دۇنيادا پەقەت بىرلا ئادەم  سۆزلەيدۇ ،
    ئىغۋانى مىڭ ئادەم  !!! 
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-17 21:46 |
    al.qin
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 69380
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 235
    شۆھرەت: 240 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2340 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1479(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    مەن سىلەرگە  بۇرۇتۇم توغرىلىق بىر قىزىقارلىق ئىشنى سۆزلاپ بىرەي .
    5-6 يىل بۇرۇن  تىجارەت سەۋەبى بىلەن ئىچكىرگە كىرگەن ئىدۇق . ئاغىنىلەر ئچىدە بىر نەچچىمىزنىڭ بۇرۇتى بار ئىدى . بىر  يولداشقا بۇرۇتىمىز قىزىق تۇيۇلىپ كەتتىمۇ قانداق ئەتراپىمىزدىن كىتەلمەيلا قالدى . ئۇ يولداش نىرىراق بىر يەرگە بىرىۋىلىپ .'' ئافەنتى ..ئافەنتى..''
    دىدى . بىز گەپ قىلمىدۇق . ئۇ يەنە ''مەيمەيتى ..''مەيمەيتى....'' دىدى . ئۇ يەنە ئالى بابا دىيىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىدى. بىزدىن ھىچقانداق ئىنكاس چىقمىغاندىن كىيىن . ئۇ سەل جىمىپ قالدى . نۆۋەت بىزگە كەلدى . مەن '' ھەي سۇنۋۇكۇڭ  ھەي سۇنۋۇكۇڭ  گولەي ؛ھەي تاڭسىڭ گولەي .............'' دىگەندەك ئىسىملار بەلەن ئۇنى چاقىرسام ئۇ خاپا بولغاندەك تۇراتتى . شۇنداقتىمۇ  ئۇنى چاقىرىپ بىزنى بۇنداق چاقىرساڭ بىزنىڭ خاپا بولىدىغانلىقىمىزنى شىنجاڭلىقلارنىڭ ھەرخىل مەنىلىك ئىسىملىرى بار ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردىم . ۋە ئۇنىڭ بىلەن
    دوستمۇ بوپ قالدۇق ....


    www.sernaz.cn

    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-17 23:27 |
    wakil
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 38604
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 161
    شۆھرەت: 162 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1296 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 496(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

     

    مەن 32 ياش،  سۇننەتنى ئادا قىلىمەن دەپ ساقال قويۇپ يۇرگىلى 5-6يىلچە بولدى . مۇشۇ ساقالنىڭ نۇرغۇن خاسىيىتى بار . بەزىدە گۇنا ئىشلارغابىلىپ بىلمەي قەدەم قويغاندا مۇشۇ ساقال ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىدۇ .(بۇنى ساقال قويغانلار ھېس قىلالايدۇ )  تېمىمۇ قىزىقارلىق ئىنكاسلارمۇ قىزىقارلىق چىقىپتۇ ، رەھمەت !

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-18 00:10 |
    firkat
    ئابدۇسالام راخمان
    ئۆمۈرلۈك شەرەپ تەشۋىقات ئەلچىسى
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 7400
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1844
    شۆھرەت: 2109 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 642 سوم
    تۆھپە: 243 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 170 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2243(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-08-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-14

     

    Quote:
    بۇ مەزمون9قەۋەتتىكىwakilنىڭ2009-01-18 01:40 دە يوللىغان يازمىسى   :
    مەن 32 ياش،  سۇننەتنى ئادا قىلىمەن دەپ ساقال قويۇپ يۇرگىلى 5-6يىلچە بولدى . مۇشۇ ساقالنىڭ نۇرغۇن خاسىيىتى بار . بەزىدە گۇنا ئىشلارغابىلىپ بىلمەي قەدەم قويغاندا مۇشۇ ساقال ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىدۇ .(بۇنى ساقال قويغانلار ھېس قىلالايدۇ )  تېمىمۇ قىزىقارلىق ئىنكاسلارمۇ قىزىقارلىق چىقىپتۇ ، رەھمەت !


    ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇپ بىر قانچە يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن بىر ئىش ئىسىمگە كېلىپ قالدى:
    بىر دوستۇمىزنىڭ تويى بولماقچى بولۇپ، تويغا بىر ھەپتە قالغاندا مەسلىھەت چاي قىلدى. بىز يېقىن ئاغىينىلەردىن بولۇپ ئوننەچچىمىز  رېستۇراننىڭ ئايرىمخانىسىغا يىغىلدۇق. ھەش - پەش دىگۈچە ئۈستەلگە تاماق تارتىپ بوتۇلكا ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە چىقتى. ئارىمىزدا قاسىمجان دەپ بىر دوستىمىز بارتى. ئۆزى كۇسىراق كەلگەن بالا بولغان بىلەن ئىڭىكىگە ياراشتۇرۇپ ساقال قويۇۋالغانىدى. بوتۇلكا جوزىغا ئېلىنىشقىلا خوشلىشىپ ماڭغىلى قوپتى. بىردەم ئولتۇرۇڭلار ئاداش دىسەم. ئاداش ساقلىمنىڭ ھاجىتى قىستاپ كەتتى. توساپ كىرەي دەپ شۇ چىقىپ كەتكەنچە قايتىپ كىرمىدى.



    تىنىمسىز ئىشلەش سەنئەتنىڭ مەھسۇلى، شۇنداقلا تۇرمۇشنىڭ مەھسۇلى
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-18 00:35 |
    sapra_0996
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 69743
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 39
    شۆھرەت: 39 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 390 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 236(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-08

     

       يەرنىڭ زىننىتى ماقال، ئەرنىڭ زىننىتى ساقال دەپ توغرا ئېيتىقان كونىلار، ،لىكىن بىراق ئەمما،ئەپسۇس تۈمۈر تاۋاق تۈپەيلى يارىشىملىق ساقال_بۇرۇتتىن ئايرىلىپ قالغان مەنلا بولمىسام كېرەك!!! ]      

    ئاينىڭ ئون بەشى يۇرۇق، ئون بەشى قاراڭغۇ!!!
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-18 12:07 |
    zinnat-1
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 70226
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 581
    شۆھرەت: 581 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 5790 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 990(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    بۇ ئەرلەرگە بەكمۇ ياخشى دەرىسلىك بوپتۇ،راس دىسەم  ئەرلەرنىڭ ساقال-بۇرۇتلۇق بولغىنى ھەقىقى  سالاپەتلىك،قاملاشقان  بولىدۇ.ساقال چىقمىغان  ئەرلەرنى ئاياللارمۇ ياختۇرۇپ كەتمەيدىغۇ دەيمەن.

    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-02 02:57 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    XabnamBBS » نەسىر-ئوبزورلار
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:05-02 23:31, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ