يامغۇرلۇق كېچە، ھەر ئىككىلىمىز يۈگۈرگىنىمىزچەلەمپە ئاستىدا يامغۇردىن پاناھلاندۇق. سومكامدىن قولياغلىقىمنى ئېلىپ ھۆل بۇلۇپ كەتكەن ئۈستۋاشلىرىمنى سۈرتتىم ،ھۆل بۇلۇپ كەتكەن چاچلىرىمنى كەينىمگە تۈزەۋېتىپ تۇيۇقسىز كۆزلىرىم ساڭا تاشلاندى.سەن مىنى تاماشا قىلىۋاتقاندەك ماڭا تىكىلىپ قاراپ قالغانىدىڭ .مەن ئەيمىنىپ ئالدىمغا چۈشۈپ قالغان بىرقانچە تال چاچلىرىمنى بارماقلىرىم ئارىسغا ئېلىپ يەرگە قارىۋالدىم .يامغۇر بارغانسىرى كۈچىيىپ كىتىۋاتاتتى .تۇمۇزئىسسقلارغا بەرداشلىق بىرەلىگىنىم بىلەن سوغۇققا چىدىمايتىم . بۈگۈن بىرەر يېپىنچا ئېلىۋالمىغىنىمغا ئىچىمدە ئۈزۈمگە ئاچچىقىم كەلدى. سوغۇقتىن بەدەنلىرىم تېترەپ كىتىۋاتاتتى . يېنىمدا تۇرغان سەندىن ئەيمىنىپ كاسىلداپ كىتىۋاتقان چىشلىرىمنى زورىغا بېسىپ تۇراتتىم.
_ بۇنى يېپىنچاقلىۋېلىڭ،- سەن ئاستا ئاۋايلاپ كاستۇمىڭنى نازۇك بەدىنىمگە يېپىنچاقلاپ قويدۇڭ.ئىسسىق ھارارەت بىردەمدىلا بەدىنىمگە تارقالدى .مەن ئاستىرتىن چىرايىڭغا قارىدم .سەن شۇنداق سالاپەتلىك،جەلىپكار ئىدىڭ.بىرجۈپ قاپقارا كۆزلىرىڭ چاقناپ تۇراتتى .مەن تۇيۇقسىز ئىچىمدە توختىماي يامغۇر يېغىشىنى ئويلاپ قالدىم. ئەمما ،قېرىشقاندەك يامغۇر بىردەم يېغىپ پەسىيىپ توختاپ قالدى .ھەرئىككىمىز تاتلىققىنە كۈلۈمسىرەش بىلەن ئىككى تەرەپكە ئايرىلدۇق.
شۇ كۈنى كېچە پەقەت ئۇخلىيالمىدىم.قەلبىمنىڭ نازۇك يەرلىرىدە شىرىن بىر ھېسسىيات ئېقىپ يۇرمەكتە.ئاددىي يېپىنچا ،تاتلىق كۈلۈمسىرەشتىن تۇغۇلغان ھەرخىل سۇئاللار مىنى قىينىماقتا.دەرىزىدىن يىراقلارغا قارىدىم،يىراقتىكى تاغلارئۈستىدە ئۈزۈپ كتىۋاتىقان ئاي ،ئوتلۇق ھېسياتىمنى قوزغايتى . ئاھ! ئەشۇ تاتلىق كۈلۈمسىرەشكە ئوتلۇق سۆيگۈ قېتىلغان بولسا - ھە ؟!
بىرنەچچە ئاي ئۈتۈپ كەتتى .ۋاقىت سىنى سېغىنىش، ئىزدەش،ئازاب ئىچىدە مىنۇت، سېكۇنتلاپ ئۆتمەكتە ئىدى . يۈرۈكىمنى يەپ كىتىۋاتقان سېغىنىش ئوتىنى يالغان كۈلۈمسرەش بىلەن زورىغا يۈشۈرۈپ كۈن ئۆتكۈزۋاتاتتىم . پەقەت شىرىن چۈشلىرىمنى قەلبىمنى بەزلەيدىغان ، ئۆكسۈشلىرىمنى باسىىدىغان شىپالىق دورىغا ئايلاندۇردۇم . تۈنۈگۈن كېچە سىنى چۈشەپ چىقىپتىمەن . قۇلۇم پەقەتلا ئىشقا بارمىدى.مەن يەنە ئىشىتىن چۈشۈپ لەمپە ئاستىغا كەلدىم. قەلبىمگە ئورناپ كەتكەن مەنزىرىنى ئويلاپ خېلى ئۇزاق مۇڭلىنىپ ئولتۇردۇم.مېنى ئەسىر قىلىۋالغان ئاشۇ ناتۇنۇش ئىنسانغا يۈرەك سۆزلىرىمنى ، ئىچ-ئىچىمدىن بۇقۇلداپ چىقىۋاتقان ياشلىرىمنى ،مىنى كۈتىۋاتقان يېڭى تۇرمۇش،مەجبۇرىي مۇھاببەت تاللىشىىنى بايان قىلدىم .مېنى تىزرەك مەن خالىمايدىغان بۇ يولدىن تىزراق تارتىپ چىقىرىشنى ئۆتۈندىم .ئېغىر قەدەملىرىمنى يۆتكەپ چوڭ يولغا چىقتىم .ئاھ! جىددىي توزمۇزلاشقا ئۈلگۈرەلمىگەن كىچىك ماشىنا،تاتىراڭغۇ چىراي، جىسمىمغىلا ئەمەس ، قەلبىمگە بىرىلگەن قاتتىق سىگنالدىن چۆچۈپ يەرگە يىقىلدىم . قاتتىق ئەنسىرەشتىن جىسىمىمنى قۇچاقلاپ تۇرغان ساڭا قاراپ كۆزياشلىرىم تاراملاپ ئاقماقتا ئىدى .
_ قىزچاق ،كۆزىڭىزنى ئېچىڭ!
بېشىم بوش ئىرغىتلدى ،سەن مىنى يەردىن يۇلۇپ ئېلىپ باغرىڭغا باسقىنىڭچە ماشىناڭنىڭ كەينى ئورۇندۇقىغا ئاۋايلاپ ياتقۇزدۇڭ.پىشانەمدىن ئېقىۋاتقان قاننى قول ياغلىقىڭ بىلەن ئاۋايلاپ باستىڭ . بەدەنلىرىم قاتتىق ئاغراىۋاتقان بولسىمۇ جىسمىڭنىڭ ئۈزىلا ئاغرىق پەسەيتىدىغان قۇدرەتلىك مىھىر ئىدى .
پۈتۈن مېھرىڭ، پۈتۈن كۈچۈڭنى سەرپ قىلىپ مىنى بىرئايدىن ئارتۇق داۋالىدىڭ.ھەركۈنى يوقلاپ كىرەتتىڭ ، يۈرىكىمنىڭ سوقۇشىنى ئاڭلىماقچى بۇلۇپ قولۇمنىڭ تۇمۇرىنى ، قىزىپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەپ پىشانەمنى تۇتاتتىڭ .بەزىدە كۆزلىرىمىز ئۇچىرىشىپ قالاتتى .مۇشۇنداق ۋاقىتتا قەلبىمگە يۇشۇرۇنغان سىرلارنى ساڭا تۆككۈم ،بۇئوتنىمۇ ساڭا تۇتاشتۇرۇشنى ، ھەقىقىي مۇھاببەتلىك مىھرىڭ بىلەن باغرىڭغا بېسىشىڭنى نەقەدەر ئۈمۈت قىلاتتىم - ھە !........
ئەمما قىزلىق غۇرۇرۇم بۇنىڭغا يول قويمايتى . يەنە ئايرىلىش مىنۇتلىرى يېقىنلاپ كەلدى .ئىككىلا قېتىملىق ئۇچرىشىش ، ھايات مەزمۇنلىرى قەلبىمدە يالقۇنلۇق مۇھاببەت لىرىكىسى پەيدەقىلدى .مەن بۇلىرىكىنى سەن بىلەن بىرگە ئېيتىشنى شۇنداق ئارزۇ قىلاتتىم .
ئەپسۇس يالغۇز ئېيتىشقا ئاۋازىم ، سېنى جور قىلىشقا قۇربىم يەتمىدى .مەن قانداق قىلاي ؟ قەلبىمنى قانداق بەزلەي!؟ بىردەستە ئەتتىرگۈلنىڭ كەينىدە سەن پەيدا بولدۇڭ.كۆزلىرىمدىن ياش تامچىلىدى .قول ياغلىقىڭ بىلەن ياشلرىمنى ئاۋايلاپ سۈرتتۈڭ،پىشانەمگە سۈيۈپ قويدۇڭ.بەلكىم ،بۇنداق قىلىشنى سەن ئاكىنىڭ سېڭىلغا بولغان مۇھاببىتى دەپ چۈشەنسەڭ كېرەك .ئەتىرگۈل تۇتقان قوللىرىڭ قولۇمغا ئۇرۇلدى .سەن سوۋغا قىلغان ئەتىرگۈلنى باغرىمغا تاڭغىنىمچە يىراقلارغا ئۇزاپ كەتتم .قەلبىڭدىن ئۇزاپ كەتتىم،بىز يەنە قاچان كۈرۈشەرمىز؟!
سەن كەتتىڭ ئارقاڭغا يېنىشلاپ بېقىپ،
قالدىم مەن جۇدالىق ياشلىرىم ئېقىپ.
ئەسلەيمەن ھەر مىنۇت ئۈنسىز سېغىنىپ،
يول يىراق دىل يېقىن شۇنى ئۇنۇتما.
داۋامى بار ، ئاخرى ئىنكاس شەكىلىدە داۋاملىق يوللىنىدۇ
[ بۇ يازما laylam تەرپىدىن2009-01-10 19:22دە قايتا ت ]