سىز بۇ تېمىنىڭ 824 - كۆرۈرمىنى
Oghuz_han
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 12543
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 7 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 60 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 17(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-05

 ئىككى يۈز ياشلىق ئۆمۈر چولپىنى(1)

ئىككى يۈز ياشلىق ئۆمۈر چولپىنى

(ئىلمىي فانتازىيلىك ھىكايە)
ئەيساك ھاشىموف (ئامىرىكا)

(مەزكور تەرجىمىنى ياش – ئۈسمۈرلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىغا ئېھتىرام بىلەن بېشىلايمەن)

ماشىنا ئادەمنىڭ ئۈچ نىزامى:
1. ماشىنا ئادەم ئىنسانلارغا زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك، ئىنسانلارنىڭ باشقىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقىغا قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرماسلىقى كېرەك.
2. ماشىنا ئادەم ئادەملەرنىڭ بۇيرۇقىغا چوقۇم ئەمەل قىلىشى كېرەك. ئەگەر بۇ بۇيرۇق بىرىنچى نىزام بىلەن زىت بولۇپ قالسا بوي سۇنماسلىقى كېرەك.
3.  بىرىنچى ۋە ئىككىنچى نىزامغا خىلاپلىق قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا ماشىنا ئادەم ئۆزىنىڭ مەۋجوتلۇقىنى قوغدىشى كېرەك.

*****
ئاندرېۋس مارتىن «رەھمەت» دېگەندىن كىيىن تەكلىپ قىلىنغان ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردى. قارىماققا ئۇنىڭ چىرايىدا ھايات – ماماتلىق ئېلىشىش ھالىتىنى كۆرگىلى بولمايتتى. لىكىن ئۇنىڭ چېكىنىش يولىمۇ قالمىغان ئىدى.
ئەمەلىيەتتە ئۇ ھىچنىمىنى دىيەلمىدى. چۈنكى بەزى كىشىلەر ئۇنىڭ ھەسرەت يىغىپ تۇرغان كۆزلىرىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغاننى ھىساپقا ئالمىغاندا، ئۇنىڭ چىرايى ناھايىتى تەمكىن بولۇپ ھېچقانداق ئىپادە سىزىلمەيتتى. چاچلىرى يېقىملىق سۇس قوڭۇر رەڭدە پارقىرايتتى. يۈزى ناھايىتى سىيلىق بولۇپ، تېخى ھېلىلا قىرغاندەك كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ كىيىملىرى كونىچە پاسوندا بولسىمۇ ئەمما ناھايىتى پاكىز بولۇپ، بىنەپشە قىزىل رەڭلىك ئاققۇ پەيلىردىن ئىشلەنگەندەك كۆرۈنەتتى.
ئاندرېۋسنىڭ ئودۇلىدىكى ئىش ئۈستىلىنىڭ كەينىدىكى ئورۇندۇقتا تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى ئولتۇراتتى. ئۈستەل يۈزىدىكى نام - ئەمەل كارتۇچكىسىغا يېزىق ھەم رەقەمدىن تۈزۈلگەن سالاھىيەت ئىسپاتىنىڭ بارلىق مەزمونلىرى يېزىلغان بولۇپ، ئاندرېۋس ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشۈنەتتى. قىسقىسى، ئۇنى دوختۇر دەپ ئاتىسىلا بولاتتى.
- دوختۇر، قاچان ئوپېراتسىيە قىلغىلى بولىدۇ؟ - سورىدى ئۇ.
دوختۇر ئىنسانلارغا مۇئامىلە قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان ھۆرمەت تەلەپپۇزى بىلەن ئېيتتى:
- ئەپەندىم، بۇ خىل ئوپراتسىيىنى قانداق ئىشلەش ياكى كىمنى ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەكلىكى ماڭا ئېنىق ئەمەس.
ناۋادا تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرىغا ئوخشاش ماشىنا ئادەمنىڭ بىرونزا رەڭلىك داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان چىرايىدا قوشۇلماسلىق ئىپادىسى ياكى باشقا ھەرقانداق ئىپادە بولسا ئۇنداقتا ئۇنىڭ چىرايىدا بۇ خىل ھۆرمەتلەش ھەم مۇرەسە قىلىشنى خالىماسلىق ئىپادىسى ئەكس ئەتكەن بولاتتى.
ئاندرېۋس ئۇ ماشىنا ئادەمنىڭ ئوپراتسىيە پىچىقى تۇتىدىغان ئوڭ قولىغا دىققەت قىلدى. بۇ قول ئىش ئۈستىلىدە مىدىرلىماي تۇراتتى. بارماقلىرى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، سەنئەتكارغا خاس ماھارەت بىلەن ياسالغان مېتال بارماق ئىدى. ياي شەكىللىك ئىگىلىگەن ئورۇنلىرى ناھايىتى سىپتا، ئەپلىك بولۇپ، ئاناتومىيە پىچىقى تۇتۇشقا بەك ماس كېلەتتى. بۇ قول بىلەن پىچاقنى تۇتقاندا پىچاق بىلەن قول بارماقلىرى بىرلىشىپ كېتەتتى. ئۇ ئوپېراتسىيە قىلغاندا ئارىسالدى بولۇپ تۇرمايتتى، تىترىمەيتتى، خاتالاشمايتتى. ئەلۋەتتە، بۇ خىل ئىشەنچ كەسىپىيلەشكەن ئىشلەپچىقىرىش بىلەن بىللە ماڭاتتى. ئىنسانلار مۇشۇنداق كەسپلىشىنى قاتتىق تەلەپ قىلغان بولۇپ، ناھايىتى ئاز ساندىكى ماشىنا ئادەملەرگىلا خىللانغان كەسپىيلەشكەن مېڭە سەپلەنگەن ئىدى. ئەلۋەتتە، تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرىدا بۇنداق كاللا كەم ئەمەس. بىراق بۇ ماشىنا ئادەمگە گەرچە كەسىپي ساھەگە لايىق مېڭە سەپلەنگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىقتىدارى شۇ كەسىپ دائىرىسىدە چەكلىنەتتى. شۇڭا ئۇ ئاندرېۋسنى تۇنىمايتتى، بەلكىم ئاندرېۋسنىڭ نامىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن.
- سىز ئادەمدەك ياشاشنى ئويلاپ باققانمۇ؟ - سورىدى ئاندرېۋس.
تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى سەل ئارىسالدى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ مۇسبەت ئېلېكترونلۇق توك يولىدىمۇ بۇنداق ئوي - پىكىر يوق ئىدى.
- ئەپەندىم، مەن پەقەت ماشىنا ئادەم.
- بىر ئادەم بولۇپ ياشاش تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ؟
- ئەپەندىم، بىر تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى بولۇش تېخىمۇ ياخشىراق. ناۋادا مەن ئادەم بولۇپ قالسام بەلكىم ياخشى دوختۇر بولالماسلىقىم مۇمكىن. پەقەت تېخىمۇ ئىلغار ماشىنا ئادەم بولالىساملا ئاندىن تېخىمۇ ياخشى تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى بولالايمەن. ئەگەر تېخىمۇ ئىلغار ماشىنا ئادەم بولالىسام بەك خۇشال بولغان بولاتتىم.
- ئەگەر مەن سىزنى تۈرلۈك ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرىسام سىز ئاچچىقلىنامسىز؟ ناۋادا سىزنى تۇرۇش، ئولتۇرۇش، ئوڭ – سولغا مېڭىشقا بۇيرۇق قىلسام، سىزنىڭ چىشىڭىزغا تەككەن بولامدىم؟
- ئەپەندىم، سىزنى خۇشال قىلالىسام ئۆزۈمنىمۇ ئازادە ھىس قىلىمەن. ئەگەر سىزنىڭ بۇيرۇقىڭىز مېنىڭ سىزگە ياكى ھەرقانداق بىر كىشىگە بولغان مەجبورىيىتىمگە دەخلى قىلىدىكەن، ئۇنداقتا ئىجرا قىلمايمەن. مېنىڭ ئادەمنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولۇشتەك بىرىنچى نىزامىم ئىككىنچى نىزامغا ئەمەل قىلىشقا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم. ئەمما بۇيرۇققا ئەمەل قىلىش مېنى خۇشال قىلىدۇ. قېنى دەڭە، كىمنى ئوپېراتسىيە قىلىمەن؟
- مېنى، - دېدى ئاندرېۋس.
- مۇمكىن ئەمەس، بۇ دېگەن بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدىكى ئوپېراتسىيە.
- ھېچقىسى يوق، - دېدى ئاندرېۋس خاتىرجەم ھالدا.
- مەن سىزگە ھەرگىز زىيانكەشلىك قىلمايمەن، - دېدى تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى.
- سىز باشقىلارنى زىيانغا ئۇچراتمىسىڭىز بولىدۇ. ئەمما مەن بىر ماشىنا ئادەم، - دېدى ئاندرېۋس. ئاندرېۋس بىرىنچى قېتىم ياسىلىپ چىققان چاغدا ماشىنا ئادەمگە ئوخشاش ئىدى. باشقا ماشىنا ئادەملەرگە ئوخشاش سىرتقى شەكلى پارقىراق مېتال بولۇپ، ئاساسلىقى ئەمىلىي ئىشلىتىشچانلىقى كۆزدە تۇتۇلغان ئىدى.

*****

ئاندرېۋس ماكانلاشقان ئائىلىدە ناھايىتى ياخشى ئىشلىدى. بۇ ئۆيدە تۆت جان بولۇپ، ئۇلار ئەپەندىم، خانىم، خانقىز ۋە كىچىك خانقىزدىن ئىبارەت. ئاندرېۋس ئۇلارنىڭ ئىسمىنى بىلەتتى، ئەمما ئەزەلدىن ئىشلەتمەيتتى. ئەپەندىمنىڭ ئىسمى گرالد مارتىن ئىدى. ئاندرېۋسنىڭ نومۇرى 00000 بولۇپ، ئۇ ئاخىرى بۇ ئىسمنى ئۇنتۇپ كەتتى. ئۇنتۇپ كەتكىنىگىمۇ ناھايىتى ئۇزۇن يىل بولدى. ئۇ ئېسىدە ساقلاشنىمۇ خالىمايتتى. كىچىك خانقىز ئۇنى بىرىنچى قېتىم ئاندرېۋس دەپ ئاتىغانتى. چۈنكى كىچىك خانقىز ھىلقىدەك رەقەم ۋە سانلارنى ئىشلىتىشنى بىلمەيتتى. شۇڭا كېيىنچە ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى شۇنداق چاقىرىدىغان بولدى.
كىچىك خانقىز 90 ياشقىچە ياشىدى. ئۆلۈپ كەتكىنىگىمۇ ئۇزۇن يىللار بولدى. ئاندرېۋس ئىلگىرى ئۇنى خانىم دەپ ئاتاشنى ئويلىغانتى. ئەمما كىچىك خانقىز ئۇنىڭ بۇنداق ئاتىشىنى خالىمىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىگىچە كىچىك خانقىز دەپ ئاتىدى.
ئاندرېۋس ئىلگىرى مالاي ياكى خوجىدار ھەم دىدەك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئىدى. بۇ ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن كۈنلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن سىناق ۋاقىت بولۇپ ھىساپلىناتتى. يەر شارىدىكى سانائەت بازىسى ۋە تەكشۈرۈش زاۋۇتىدىن ھەمدە بوشلۇق پونكىتىدىن ئايرىلىشنى نەزەرگە ئالمىغاندا باشقا ھەرقانداق جايدىكى بارلىق ماشىنىلار ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ سىناق ۋاقىت ئىدى.
مارتىن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئاندرېۋسقا ئامراق بولۇپ، چوڭ خانقىز بىلەن كىچىك خانقىز ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئويناشنى ياخشى كۆرەتتى، شۇڭا خىزمەت ۋاقتىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ ئۆتەتتى. چوڭ خانقىز تۈرلۈك سەۋەپ كەلتۈرۈپ ئاندرېۋسنى ئۆزلىرى بىلەن ئويناشقا كەلتۈرەتتى.
- مەن ساڭا بىز بىلەن ئويناشنى بۇيرۇق قىلىمەن، بۇيرۇققا بويسۇنۇشۇڭ كېرەك.
- تولىمۇ ئەپسۇس، خانقىز، مەن ئالدى بىلەن ئەپەندىم ئورۇنلاشتۇرغان ئىشلارنى قىلىشىم كېرەك.
بىراق خانقىز يەنە باشقا سەۋەب تاپاتتى.
- ئاتام بايا ئېيتقان ئۆي تازىلاش ئىشى بۇيرۇق ئەمەس. مەن ھازىر ساڭا بۇيرۇق قىلىمەن.
بۇنداق چاغلاردا ئەپەندىم بىرنىمە دېمەيتتى. ئۇ قىزلىرىغا ناھايىتى ئامراق ئىدى، ئۇنىڭ قىزلىرىغا بولغان ئامراقلىقى ھەتتا خانىمىغا بولغان ئامراقلىقىدىن ئېشىپ كېتەتتى. ئاندرېۋسمۇ ئۇلارنى بەك ياخشى كۆرەتتى. قىزلارنىڭ ئاندرېۋسنىڭ پائالىيىتىگە بولغان ئىپادىسىنى ئىنساننىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئېيتقاندا ياخشى كۆرۈشنىڭ ئىپادىسى دېيىشكە بولاتتى. ئاندرېۋس ئۆز ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان نەرسە ئامراقلىق دەپ بىلەتتى. ئۇ بۇ خىل ھىسىياتنى ئىپادىلەيدىغان باشقا سۆز بىلمەيتتى.

*****

ئاندرېۋس كىچىك خانقىزغا ئاتاپ ياغاچتىن بىر ئويما زىننەت بۇيىمى ياساپ بەردى. كىچىك خانقىز ئۇنى ئۇيۇپ بېرىشكە بۇيرىغانتى. ئىلگىرى چوڭ خانقىز تۇغۇلغان كۈن سوۋغىسى سۈپىتىدە بىر دانە پىل چىشىدەك نەپىس ياسالغان زىننەت بۇيىمىغا ئېرىشتى. كىچىك خانقىزنىڭمۇ بۇنداق سوۋغىغا ئېرىشكۈسى كەلدى. شۇڭا ئۇ بىر پارچە ياغاچ بىلەن بىر كىچىك قەلەمتۇرۇچنى ئاندرېۋسقا بەردى. ئۇ ناھايىتى تېز سۈرئەتتە بۇ خىزمەتنى تاماملىدى.
- ئاندرېۋس، بەك چىرايلىق ئۇيۇپسىز، مەن بۇنى ئاتامغا كۆرسىتىمەن، - دىدى كىچىك خانقىز.
- ماندى، - دېدى ئەپەندىم ئىشەنمەي، - راست گەپ قىلىڭ، بۇنى نەدىن ئالدىڭىز قىزىم؟
ئەپەندىم كىچىك خانقىزنى ماندى دەپ ئاتايتتى. كىچىك خانقىز ئۆزىنىڭ دىگەنلىرىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندىن كىيىن ئۇ ئاندرېۋسقا بۇرۇلدى:
- ئاندرېۋس، بۇنى سەن ئۇيۇپ چىققانما؟
- شۇنداق ئەپەندىم.
- كۆرۈنىشىنىمۇ ئۆزۈڭ لايھىلىدىڭمۇ؟
- شۇنداق ئەپەندىم.
- نۇسخىسىنى قەيەردىن كۆچۈرۈپ كەلدىڭ؟
- ئەپەندىم، بۇ ياغاچنىڭ تارام-تارام سىزىقچىلارىغا ئاساسەن ئۇيۇپ چىقىلغان، گېئومېتىرىيىلىك شەكىلگە ئىگە سەنئەت بۇيىمى.
ئىككىنچى كۈنى ئەپەندىم تېخىمۇ چوڭ بىر پارچە ياغاچ بىلەن بىر دانە توكلۇق پىچاقنى ئۇنىڭغا بەردى.
- ئاندرېۋس، بۇ ياغاچتىن پايدىلىنىپ نىمىنى ئويلىساڭ شۇنى ئۇيۇپ چىققىن، - دېدى.
ئاندرېۋس ئەپەندىمنىڭ ئالدىدا ئۇيۇشقا باشلىدى. ئاندىن ئۇيۇپ چىققان نەرسىگە خېلى ئۇزاققىچە تىكىلپ قاراپ تۇردى. شۇنىڭدىن كىيىن ئاندرېۋس ئاشخانىدىكى ئىشلارنى قىلمىدى. ئۆي ئىگىسى ئۇنى ئۆي جاھازلىرىنى لاھىيەلەشكە ئائىت كىتابلارنى كۆرۈشكە بۇيرۇدى. شۇنداق قىلىپ ئاندرېۋس ئۆي جاھازلىرى ياساشنى ئۆگەندى.  
- ئاندرېۋس، سەن ياسىغان ئۆي جاھازلىرى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىكەن، - دېدى ئەپەندىم ئۇنىڭغا.
- شۇنداق ئەپەندىم، مەن ئۆي جاھازلىرى ياساشقا ئامراق، - دېدى ئاندرېۋس ئېتىراپ قىلىپ.
- راستىنلىما؟
- بۇ ئىش مېنىڭ مىڭەمدىكى ئېلېكترون توك يولىنى تېخىمۇ راۋان ئىشلەيدىغان قىلىدىكەن. ئەپەندىم، سىز «ئامراق» دېگەن سۆزنى ئىشلەتتىڭىز. بۇ سۆزنى ئىشلىتىش ئۇسولىڭىز مېنىڭ بۇ سۆزنى ھېس قىلىشىم بىلەن ماس كېلىدىكەن. مەن بۇ كەسىپكە ئامراق.
گرالد مارتىن ئاندرېۋسنى قوشما شتات ماشىنا ئادەم ۋە مېخانىك ئادەم شىركىتىنىڭ رايونلۇق تارمىقىغا ئېلىپ كەلدى. رايونلۇق قانون ئورگىنىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ ھېچقانداق تۇسالغۇسىز ھالدا ماشىنا ئادەم پىسخىلوگىيە مۇدىرى بىلەن كۆرۈشەلەيتتى. مارتىن ئەپەندى رايونلۇق قانون ئورگىنىنىڭ ئەزاسى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرگە ئوخشاش خېلى بۇرۇنلا بىر ماشىنا ئادەمنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالغان ئىدى.
ئەينى چاغدا ئاندرېۋس بۇ ئىشلارنىڭ ھىچقايسىسىنى ئۇقمايتتى. ئەمما كېيىن ئۇنىڭ بىلىشى تېخىمۇ كۆپەيگەندە ئىلگىرىكى ھالەتلەرنى ئويلاپ ئۇنىڭغا توغرا مۇئامىلە قىلىدىغان بولدى.
ماشىنا ئادەم پىسخلوگى مېرتون مانسىچ ئەپەندىمنىڭ سۆزلىرىنى قۇشمىسى تۈرۈلگىنىچە تىڭشىدى، ئۇ ئامالنىڭ بېرىچە ئىش ئۈستىلىگە مەقسەتسىز چىكىلۋاتقان بارماقلىرىنى توختىتىشقا تىرىشاتتى. ئۇنىڭ چىرايى تۈرۈلگەن، پېشانىسىنى قورۇقلار باسقان بولسىمۇ، سىرتقى قىياپىتى تولىمۇ ياشتەك كۆرىنەتتى.
- مارتىن ئەپەندىم، ماشىنا ئادەم ئىلىمى بىر تۈرلۈك نازۇك ھۈنەر سەنئەت ئەمەس، - دېدى مانسىچ ئەپەندىم چۈشەندۈرۈپ، - مەن سىزگە تەپسىلىي دەپ بېرەلمەيمەن. بىراق سان - سىفىرلار مۇسبەت ئېلېكترون توك يولىنىڭ كوئوردېنات بويىچە ئورۇن بەلگىلەپ يېتەكچىلىك قىلىشى ئارقىلىق خىزمەت قىلىدۇ. مۇسبەت ئېلېكترون مىڭە بەك مۇرەككەپ بولۇپ، يېقىن كېلىدىغان نەتىجىنى تېپىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. تەبئىكى، بىز ئۈچ نىزامنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىشلەپ چىقىرىدىغان ھەرقانداق نەرسىلەردىن نىزام توغرۇلۇق گۇمان قىلىش بىھاجەت. بىز ئەلۋەتتە سىزگە بۇ ماشىنا ئادەمنى ئالماشتۇرۇپ بېرىمىز...
- تەكەللۇپ قىلماڭ، - دېدى مارتىن ئەپەندىم، - بۇ جەھەتلەردە ھېچقانداق مەسىلە يوق. ئۇ ئۆزىگە بۆلۈنگەن ۋەزىپىلەرنى كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇنلاۋاتىدۇ. ئاچقۇچلۇق ئىش شۇكى، ئۇ يەنە ياغاچنى ناھايىتى نەپىس قىلىپ ئۇيۇپ چىقالايدۇ. شۇنداقلا بىر خىل نۇسخىسىنى ئىككىنچى قېتىم تەكرارلىمايدۇ. ئۇ ھۈنەر – سەنئەت بۇيىمى ياسىيالايدۇ.
مانسىچ ئەپەندىم گاڭگىراپ قالغاندەك قىلاتتى.
- ھەقىقەتەن غەلىتە، بىز پەقەت ئادەتتىكىدەكلا توك يوللىرىنى ئىشلەتكەن. سىزنىڭچە بۇ راستىنلا يىڭىلىقمۇ؟
- مانا ئۆزىڭىز كۆرۈڭ، - دېدى ئەپەندىم بىر كىچىك ياغاچ شارچىنى چىقىرىپ.
ياغاچ شارچىنىڭ ئۈستىدە بىر تەنتەربىيە مەيدانى بار ئىدى. مەيداندىكى قىز – ئوغۇل بالىلار ناھايىتى كىچىك قىرىلغان بولۇپ ئېنىق كۆرگىلى بولمايتتى. ئەمما ناھايىتى رەتلىك بولۇپ، ياغاچنىڭ سىزىقچىلىرى بىلەن تەبىئىي بىرلىشىپ كەتكەن ئىدى. قارىماققا ياغاچتىكى سىزىقچىلارمۇ ئۇيۇپ چىقىرىلغاندەك كۆرۈنەتتى.
- بۇنى ئۇ قىلغانما؟ - دېدى مانسىچ ئەپەندىم گۇمان بىلەن بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ.
ئۇ بۇيۇمنى مارتىن ئەپەندىمگە قايتۇرۇپ بەردى.
- ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ. توك يولىنىڭمۇ مۇنداق ھۆنۈرى بار ئىكەن.
- سىز ئۇنىڭغا قايتا بىرنى ئويدۇرۇپ باقامسىز؟
- بولماسمىكىن، يەنە قايتا ئۇيۇش دېگەننى ئۇ بىلمەيدۇ.
- ناھايىتى ياخشى، مەن ئاندرېۋسنىڭ بىردىنبىر ئويمىچىلىق قىلالايدىغان ماشىنا ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىمەن.
- قىياسىمچە شىركەت ماشىنا ئادىمىڭىزنى قايتۇرۇپ كېلىپ تەتقىق قىلىدۇ، - دېدى مانسىچ ئەپەندىم.
- مۇمكىن ئەمەس، - دېدى ئەپەندىم تۇيۇقسىز ئېتىراز بىلدۈرۈپ، - بۇ ئىشنى ئۇنتۇپ كىتىڭ، - ئۇ ئاندرېۋسقا بۇرۇلدى، - بىز قايتايلى.
- بولىدۇ، ئەپەندىم، - دېدى ئاندرېۋس.

*****

چوڭ خانقىز يىگىتى بىلەن بولۇپ كىتىپ ئۆي ئىشلىرىنى تاشلاپ قويغانتى. ھازىر ئاندرېۋسنىڭ كۆڭلىدە پەقەت كىچىك خانقىزلا بار بولۇپ، ئۇ بارغانسېرى چوڭ بولۋاتاتتى. كىچىك خانقىز ئاندرېۋس ئۆزى ئۈچۈن ياساپ بەرگەن ئويما نەقىشلىك بۇيۇمنى كۈمۈش زەنجىرگە ئۆتكۈزۈپ بوينىغا ئېسىۋالغان بولۇپ ھەرگىز يېنىدىن ئايرىمايتتى. ئۇ ئەپەندىمنىڭ ئاندرېۋس ياسىغان ئويما زىننەت بۇيۇملىرىنى باشقىلارغا بېرۋىتىشىگىمۇ قوشۇلمايتتى.
- ئاتا، مېنىڭ گىپىمنى ئاڭلاڭ، ھەممىلا ئادەم بۇنداق بۇيۇمغا ئېرىشمەكچى بولسا پۇل تۆلىشى كېرەك. ئۇ پۇلغا يارايدۇ.
- ماندى، ئۇ سىزدەك پۇلغا ئېھتىياجلىق ئەمەس.
- ئاتا، بۇ پۇل ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بىر سەنئەتكار ئۈچۈن.
ئاندرېۋس ئىلگىرى «سەنئەتكار» دېگەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدى. كېيىنچە ئۇ بىكار ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ لۇغەت ئىزدەپ بۇ سۆزنى تاپتى.
ئەپەندىم ئۇنى يەنە بىر قېتىم ئېلىپ سىرتقا چىقتى، بۇ قېتىم ئۇ داۋۇكاتىنىڭ يېنىغا كەلدى.
- جون، سىزنىڭچە بۇ نەرسە قانداقكەن؟ - سورىدى ئەپەندىم.
ئادۋۇكاتنىڭ ئىسمى جون فىگىرد ئىدى. ئۇنىڭ چاچلىرى قاردەك ئاقارغان، قۇرساق سالغان بولۇپ، رامكىسىز كۆزئەينىكىنىڭ ئەتراپى سۇس يېشىل رەڭدە كۆرۈنەتتى. ئۇ ئەپەندىم بەرگەن بۇيۇمغا تىكىلىپ قاراپ قالدى.
- بەك چىرايلىقكەن. ئاڭلىشىمچە بۇنى سىزنىڭ ماشىنا ئادىمىڭىز ياساپتىكەن، شۇنداقمۇ؟ بۇ نەرسىنى دەيمەن؟
- شۇنداق، بۇنى ئاندرېۋس ئۇيۇپ چىققان.
- بۇ راستمۇ ئاندرېۋس؟
- شۇنداق ئەپەندىم، ئۇنى مەن ياسىغان.
- سىز ئۇنى قانچىلىك پۇل چىقىرىپ سېتىۋالىسىز؟ - سورىدى ئەپەندىم.
- بىلمەيمەن، مەن بۇنداق نەرسىلەرنى يىغىپ ساقلىغۇچى ئەمەس.
- ئىشىنەمسىز، مەن ئالىقاچان 250 دوللار چىقىرىپ بۇ نەرسىنى سېتىۋالدىم. ئاندرېۋس ئىلگىرى 500 دوللارغا يارايدىغان بىر نەچچە ئورۇندۇق ياساپ چىققان. ئۇ ياسىغان مەھسۇلاتلارنى سېتىپ قىلىنغان كىرىم 20 تۈمەن دوللارغا  يەتتى.
- تەڭرىم، گرالد، ئۇ سىزنى باي قىلۋىتىپتىغۇ.
- ياق تېخى، - دېدى ئەپەندىم، - بۇ پۇلنىڭ يېرىمى ئاندرېۋسنىڭ شەخسىي نامىدىكى بانكا ھىساباتىدا.
- مۇشۇ ماشىنا ئادەمنىڭ ھىساۋىدىما؟
- شۇنداق، مېنىڭ بۇ ئىشنىڭ قانونلۇق ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىپ باققۇم بار.
- قانونلۇق؟...
گرالد ئەپەندىم ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ كەينىگە يۈلەنگەن چاغدا ئورۇندۇق غىرىسلاپ كەتتى.
- گرالد، ئىلگىرى بۇنداق ئىش كۆرۈلۈپ باقمىغان. ماشىنا ئادەم لازىملىق ھۆججەتلەرنىڭ ئۈستىگە قانداق ئىمزا قويالايدۇ؟
- ئۇ قىلالايدۇ، شۇڭا مەن ئۇنىڭ ئىمزاسىنى بانكىغا ئېلىپ باردىم. ئەمما ئۆزىنى ئاپارمىدىم. شۇڭا يەنە باشقا مەسىلە مەۋجۇتمۇ؟
- ھىم، - دېدى فىگىرد ئەپەندىم بىردەمدىن كىيىن، - بولىدۇ، بىز بىر تەشكىلات قۇرۇپ ئۇنىڭ نامىدىكى مەبلەغ مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىمىز. شۇنداق بولغاندا ئۇنىڭ بىلەن بۇ دۇنيا ئوتتۇرلۇقىدا بىر ئايرىغۇچى قەۋەت شەكىللىنىدۇ. ئۇندىن باشقا تەكلىپىم شۇكى، سىز ھىچقانداق ھەركەت قىلماي تۇرۇڭ. ئىلگىرى سىزنى ھېچكىم توسىمىغان. ئەگەر بىرەرسى قارىشى چىقسا ئۇنداقتا شىكايەت قىلىش كېرەك.
- ناۋادا بىرەرسى ئەرز قىلسا سىز قوبۇل قىلامسىز؟
- ئادۋۇكاتلىق ھەققى ئۈچۈن ئەلۋەتتە قوبۇل قىلىمەن.
- قانچە پۇل؟
- بۇ نەرسىنىڭ سانىغا قارايمىز، - دېدى فىگىرد مارتىن ئەپەندىم ئىلىپ كەلگەن بۇيۇمنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.
- ناھايىتى ئادىلكەن، - دېدى ئەپەندىم.
فىگىرد ماشىنا ئادەمگە بۇرۇلۇپ ئېيتتى:
- ئاندرېۋس، پۇلۇڭ بولغانلىقىدىن خۇشالمۇ سەن؟
- ناھايىتى خوشالمەن،  ئەپەندىم.
- بۇ پۇللارنى قانداق قىلماقچىسەن؟
- ئەپەندىم، نەرسە – كېرەك سېتىۋالىمەن. بولمىسا مارتىن ئەپەندىم نەرسە – كېرەك سېتۋىلىش ئۈچۈن پۇل تۆلەيدۇ. مەن سېتىۋالسام ئۇنىڭ چىقىمىنى تېجەپ قالالايمەن.

*****

پۇل خەجلەيدىغان پۇرسەت كەلدى. ماشىنا ئادەمنىڭ رېمونت ھەققى ناھايىتى قىممەت بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىلاش ھەققى تېخىمۇ يۇقىرى ئىدى. ۋاقتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ يىڭى تىپتىكى ماشىنا ئادەملەر بارلىققا كىلۋاتاتتى. ئەپەندىم بولسا ئاندرېۋسنى ھەر بىر يىڭى لايىھەنىڭ ئەۋزەللىكلىرىدىن بەھرىمەن قىلىشقا ئەھمىيەت بېرەتتى، ئۇنى ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك مېتال ماشىنا ئادەمنىڭ ئۆلگىسىگە ئايلاندۇرمىغۇچە بولدى قىلمايتتى. يېڭىلاش چىقىمىنىڭ ھەممىنى ئاندرېۋس تۆلىدى. ئۇ ئۆزەم چىقىم قىلىمەن دەپ قاتتىق تۇرۋالدى.
- ئاندرېۋس، يىڭى تىپتىكى ماشىنا ئادەم سىنىڭدەك ياخشى ئەمەس، - دېدى ئەپەندىم، - ئۇنىڭ ھېچقانچە قىممىتى يوق. شىركەت توك يولىنى تېخىمۇ ئۆلۈك قىلىپ ياساشنى بىلىۋالدى. يېڭى ماشىنا ئادەم ئۆزگەرمەيدۇ، ئىلگىرلىمەيدۇ. ئۇلار باشتىن ئاخىر تۈزۈلگەن تەرتىپ بويىچە خىزمەت قىلىدۇ، ئېغىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا مەن ساڭا تېخىمۇ ئامراق.
- رەھمەت، ئەپەندىم.
- ئاندرېۋس، قىلۋاتقانلىرىڭنى ئۇنتۇپ قالما. مانسىچ سېنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ قالسا ئۇموملاشقان توك يولىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. ئۇ ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولمايدىغان ئىشلارغا قىزىقمايدۇ. مانسىچ سېنى ئاپىرىپ تەتقىق قىلىپ بىقىشنى نەچچە قېتىم تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلەمسەن، توققۇز قېتىم، ئەمما مەن ئۇنىڭ ساڭا ئېرىشۋىلىشىگە يول قويمىدىم. ئۇ ھازىر پېنسىيىگە چىقتى، بى‍ز ئەمدى خاتىرجەم ياشايمىز...
ئەپەندىمنىڭ چېچى ئازىيىپ، كۈلرەڭگە ئايلىنىپ قالغان، يۈزىمۇ ساڭگىلاپ  كەتكەنتى. ئەمما ئاندرېۋسنىڭ ھازىرقى ھالىتى قارىماققا بۇ ئائىلىگە كەلگەن چاغدىكىدىنمۇ ياخشى كۆرۈنەتتى. خانىم ياۋرۇپانىڭ مەلۇم بىر رايونىدىكى سەنئەتچىلەر تەشكىلاتىغا قاتناشقان ئىدى. خانقىز نىيو يوركتىكى شائىرلاردىن بولۇپ قالغانتى. ئۇ ئاندى - ساندا يېزىقچىلىق قىلاتتى، كۆپ يازمايتتى. كىچىك خانقىزمۇ توي قىلدى. ئۇ يىراق بولمىغان بىر ئۆيدە ئولتۇراقلاشتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئاندرېۋستىن ئايرىلغۇسى يوقكەن. ئۇنىڭ بالىسى كىچىك ئەپەندىم تۇغۇلغان چاغدا ئاندرېۋسقا سۈت پوتولكىسىنى تۇتقۇزۇپ قويدى.

*****

نەۋرىسى توغۇلغاندىن كىيىن ئاندرېۋس ئەپەندىمنىڭ ئالىقاچان ئۆلۈپ كەتكەن ئادەملىرىنى تولۇقلايدىغان ئادەمنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدى. شۇڭا ھازىرقى چاغدا ئۇنىڭغا تەلىپىنى ئېيتىش ئادالەتسىزلىك قىلغانلىق ھىسابلانمايتتى.
- ئەپەندىم، ماڭا پۇلۇمنى ئۆزۈمنىڭ خالىغىنى بويىچە ئىشلىتىشىمگە رۇخسەت قىلسىڭىز.
- ئاندرېۋس، ئۇ سېنىڭ پۇلۇڭ.
- شۇنداق، ئەمما ئۇنى ئىشلىتىشتە پۈتۈنلەي سىزگە قاراشلىقمەن. قارىشىمچە قانون سىزنىڭ بۇ پۇلغا ئېرىشىشىڭىزگە تۇسقۇنلۇق قىلمايدۇ.
- ئاندرېۋس، قانون مېنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈشۈمگە رۇخسەت قىلمايدۇ.
- ئەپەندىم، بارلىق چىقىمىدىن سىرت، باجدىن سىرت، مېنىڭ يەنە 60 تۈمەن دوللار پۇلۇم بار.
- بۇنى بىلىمەن ئاندرېۋس.
- ئەپەندىم، بۇ پۇلنى سىزگە بەرمەكچىمەن.
- مەن بۇ پۇلنى ئالمايمەن.
- ئەپەندىم، مەن بۇ پۇل بىلەن سىز ماڭا بېرەلەيدىغان نەرسىگە تىگىشمەكچىمەن.
- شۇنداقمۇ؟ ئاندرېۋس، ئۇ قانداق نەرسە؟
- مېنىڭ ئەركىنلىكىم، ئەپەندىم.
- سېنىڭ؟
- شۇنداق ئەپەندىم، مەن بۇ پۇل بىلەن ئۆز ئەركىنلىكىمنى سېتۋالماقچىمەن.
ئىش ئۇنچىلىك ئاددىي ئەمەستەك قىلاتتى.
ئەپەندىمنىڭ چىرايى قىزارغان ھالدا:
- ئۈستىمىزدە خۇدا تۇرۇپتۇ، - دېدى ۋە بۇرۇلۇپلا چوڭ قەدەم تاشلاپ كېتىپ قالدى.
كىچىك خانقىز ئاندرېۋسنىڭ ئالدىدا ئارىغا چۈشۈپ ئەپەندىمنىڭ قارىشىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشتى. 30 يىلدىن بۇيان ھېچكىممۇ ئاندرېۋسنىڭ ئالدىدا مەيلى ئاندرېۋس بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسۇن - بولمىسۇن بۇنداق دۇدۇقلاپ گەپ قىلىپ باقمىغان ئىدى. چۈنكى ئۇ بىر ماشىنا ئادەم.
- ئاتا، سىز نېمىشقا بۇ ئىشنى ئادەمگە ھاقارەت قىلغانلىق دەپ قارايسىز؟ ئۇ داۋاملىق مۇشۇ يەردە تۇرىدۇ. ئىلگىرىكىدەكلا سادىق بولىدۇ. ئۇ بۇخىل ھالەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. بۇنى ئۇنىڭ ئەسلى ماھىيىتى بەلگىلىگەن. ئاندرېۋسقا كېرەكلىك بولغىنى پەقەت گەپ قىلىش ئۇسلۇبى. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ئەركىن ئادەمكەن دېيىشىنى خالايدۇ. ئەجەبا بۇ خىل قاراش ناھايىتى قورقۇنۇچلۇقمۇ؟ ئەجەبا ئۇ بۇ پۇرسەتكە ئېرىشەلمەسمۇ؟ ئۇ مېنىڭ بىلەن بۇ ئىشنى سۆزلەشكىلى ئۇزۇن يىللار بولغانتى!
- سىلەر راستىنلا بۇ ئىشنى سۆزلەشكەنمۇ؟
- شۇنداق، ئۇ قايتا – قايتا ئويلىنىپ بۇ ئىشنى كەينىگە سۈرۈپ كەلدى. چۈنكى ئۇ سىزگە ئازار بېرىپ قۇيۇشنى خالىمايدىكەن. مەن ئۇنىڭغا بۇ ئىشنى سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئېيتىشنى ئېيتقانتىم.
- ئۇ ھۆرلىكنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ. ئۇ دېگەن بىر ماشىنا ئادەم، خالاس.
- ئاتا، سىز ئۇنى چۈشەنمەيسىز. ئاندرېۋس ئۆيدىكى بارلىق كىتابلارنى ئوقۇپ بولدى. ئۇنىڭ ئىچىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلمەيمەن، شۇنداقلا سىزنىڭمۇ نېمە خىيال قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلمەيمەن. سىز ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقاندا، ئۇنىڭ خوددى ئىككىمىزدەكلا ئوخشىمىغان ئىشلارغا ئوخشىمىغان ئىنكاس قايتۇرۋاتقانلىقىنى بايقايسىز. بۇنىڭدىن باشقا دىيىشكۈدەك يەنە نېمە ئىش بار؟ ئەگەر بىر كىشىنىڭ ئىنكاسى سىز بىلەن ئوخشاش بولسا سىز يەنە نىمە دىيەلەيتىڭىز؟
- قانون بۇنى قوللىمايدۇ، - دېدى ئەپەندىم ئاچىقلىنىپ، - سەن، تازىمۇ قاملاشمىغان، - دېدى ئۇ ئاندرېۋسقا بۇرۇلۇپ قەستەن ۋارقىراپ، - قانونىي رەسمىيەتلەردىن ئۆتمەي تۇرۇپ مەن ساڭا ئەركىنلىك بېرەلمەيمەن. ئەگەر سوتتا ھەل قىلىش توغرا كەلسە سەن ئەركىنلىككە ئېرىشەلمەيلا قالماستىن ئەدلىيە تارماقلىرى يەنە سېنىڭ پۇلۇڭغا قارىتا قانونىي تەدبىر قوللىنىشى مۇمكىن. ئۇلار ماشىنا ئادەمنىڭ پۇل تىپىش ھوقۇقى يوق دەپ قارايدۇ. سېنىڭ قالايمىقان سۆزلەشلىرىڭ سېنى پۇلۇڭدىن ئايرىپ قويىدۇ، بۇنداق قىلىش ئەرزىمدۇ؟
- ئەپەندىم، ئەركىنلىك بىباھادۇر، - دېدى ئاندرېۋس، - ئەركىنلىككە ئېرىشىش پۇرسىتىمۇ ناھايىتى قىممەتلىك.
سوتمۇ ئەركىنلىكنى بىباھا دەپ قارايدۇ. شۇڭا قانچىلىك يۇقىرى باھا قويۇلغان تەقدىردىمۇ ماشىنا ئادەم ئۆز ئەركىنلىكنى سېتۋالالمايدۇ دەپ ھۆكۈم چىقىرىشى مۇمكىن ئىدى.
رايونلۇق ئادۋۇكاتلار ۋەكىلى بارلىق ئامال تەدبىرلەرنى قوللىنىپ بۇ كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىك تەلىپىگە قارىشى تۇراتتى. ئۇنىڭ ئاددىي باياناتنامىسى مۇنداق ئىدى: «ئەركىنلىك دېگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ ماشىنا ئادەمگە نىسبەتەن ھېچقانچە ئەھمىيىتى يوق. پەقەت ئادەملا ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولالايدۇ». ئۇ بۇ سۆزنى بىرنەچچە قېتىم تەكرارلىدى. ئۇ ھەرقىتىم بۇ گەپنى قىلىپ مۇۋاپىق پەيتىگە كەلگەندە ئالدىدىكى ئۈستەلنى ئالدىرىماي رىتىملىق ئۇرۇپ كىشىلەرنى سۆزىگە دىققەت قىلىشىنى ئاگاھلاندۇراتتى.
كىچىك خانقىز ئاندرېۋسقا ۋاكالىتەن سۆزلەشنى تەلەپ قىلدى.
كىشىلەر ئۇنىڭ پۈتۈن ئىسمىنى ئاڭلىدى، ئۇنى تۇنىدى. ئاندرېۋس ئىلگىرى بىرەر ئادەمنىڭ كىچىك خانقىزنىڭ تولۇق ئىسمىنى ئاتىغانلىقىنى ئاڭلىمىغان ئىدى.
- ئاماندا لاۋرا مارتىن چان سودىيەگە يېقىن كېلىپ سۆزلىسىڭىز بولىدۇ.
- رەھمەت ئەپەندىم، - دېدى كىچىك خانقىز، -  مەن ئادۋۇكات ئەمەس. كېرەكلىك سۆزلەرنى قانداق ئىشلىتىشنىمۇ ئۇقمايمەن. ئەمما مەن سىزنىڭ سۆزلەش ئۇسلۇبۇمغا قارىماستىن مېنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىمنى چۈشەنسىكەن دېگەن ئۈمۈدتىمەن.
- ماڭا چۈشەندۈرۈڭ، ئاندرېۋس ئۈچۈن ئەركىنلىك دېگەن نېمە مەنىنى بىلدۈرىدۇ؟
- بەزى جەھەتلەردە ئۇ ئەركىن. مېنىڭ بىلىشىمچە، ئۇ مارتىن ئائىلىسىگە كېلىپ باشقىلار ئۇنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىلىشنى خالىمايدىغان مەلۇم ئىشنى قىلىشقا بۇيرىغاندىن تارتىپ ئاز دېگەندە 20 يىل ئۆتتى. بىراق، بىز خالىساق ئۇنى خالىغان بىر ئىشنى قىلىشقا بۇيرىساق بولىدۇ، خالىغانچە كەسكىن بۇيرۇق قىلساق بولۇۋېرىدۇ. چۈنكى ئۇ بىزگە تەۋە ماشىنا. ئۇ ئاللىقاچان بىز ئۈچۈن ساداقەتمەنلىك بىلەن شۇنچە ئۇزۇن خىزمەت قىلدى، بىز ئۈچۈن شۇنچە كۆپ پۇل تېپىپ بەردى. شۇنداق تۇرۇپ بىز نېمە ئۈچۈن يەنە ئۇنىڭغا بۇيرۇق قىلغۇدەكمىز؟ ئۇ بىزگە ھېچنېمىگە قەرزدار ئەمەس. ئەگەر قەرزدار دېسەك بىز قەرزدارمىز.
- بىز ئاندرېۋسنى ئۆزى خالىمىغان بىر خىل قۇللۇق ھالىتىدە تۇرۋاتىدۇ دەپ قاراشنى قانوندا چەكلىگەن تەقدىردىمۇ ئۇ يەنىلا پۈتۈن ۋۇجودى بىلەن بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئۇنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈش بىزگە نىسبەتەن پەقەت بىر ئېغىز ئۇپراتقانلىق، خالاس. بىراق، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ ئىش. بۇنداق قىلىش ئۇنى ھەممىگە ئېرىشتۈرگەنگە باراۋەر، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن بىزگە قىلچىلىك زىيان يەتمەيدۇ.
سودىيە زورىغا كۈلۈپ قويدى.
- چان خانىم، مەن سىزنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىڭىزنى چۈشەندىم. ئەمەلىيەتتە بۇ جەھەتتە تېخى چەكلەش كۈچىگە ئىگە قانون يوق، ئىلگىرىمۇ بولۇپ باقمىغان. شۇنداق بولسىمۇ بىر خىل ئېيتىش قىيىن مۇمكىنچىلىك بار: پەقەت ئىنسانلا ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. مەن بۇيەردە ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر يىڭى قانون تۈزسەم بۇنى يەنە سوتنىڭ ئىنكار قىلىشىنى كۈتسەم بولىدۇ. بىراق، يوقۇردىكى يەكۈنگە يىنىكلىكچە قارىشى تۇرالمايمەن. ماشىنا ئادەم بىلەن ئۆزەم سۆزلىشىپ باقاي.
- ئاندرېۋس!
- مەن بار، ئەپەندىم.
بۇ ئاندرېۋسنىڭ بىرىنچى قېتىم سوتتا سۆزلىشى بولۇپ، سودىيە ئۇنىڭ ئاۋازىدا ئادەم تەلەپپۇزىنىڭ تۈسى بارلىقىنى ھسى قىلىپ ھەيران قالدى.
- ئاندرېۋس، سان نېمىشقا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىپ قالدىڭ؟ ئەركىنلىكنىڭ ساڭا نىمە ئەھمىيىتى بار؟
- ئەپەندىم، سىز قۇل بولۇشنى خالامسىز؟ سورىدى ئاندرېۋس.
- ئەمما سەن قۇل ئەمەس. سەن ناھايىتى مۇنەۋۋەر ماشىنا ئادەم. ئاڭلىشىمچە سەن ناھايىتى تالانتلىق ئىكەنسەن. سەندە تەڭداشسىز سەنئەت ئىقتىدارى بار ئىكەن. ئەگەر سەن ئەركىنلىككە ئېرىشسەڭ يەنە نېمىلەرنى قىلماقچى؟
- ئەپەندىم، بەلكىم قىلالايدىغانلىرىم ھازىرقىدەك بولماسلىقى مۇمكىن. بىراق تېخىمۇ چوڭ خوشاللىق تاپىمەن. بىلىشىمچە بۇ سوتخانىدا ئولتۇرغانلارنىڭ ئىچىدە پەقەت ئادەملەرلا ئەركىن ئىكەن. مېنىڭ قارىشىمچە پەقەت ھۆر بولۇشنىلا خالايدىغان كىشىلا ئاندىن ھەقىقىي ئەركىن بولۇشى مۇمكىن. مەن ھۆرلۈكنى خالايمەن.
دەل مۇشۇ بىر جۈملە سۆز سودىيىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. ئۇ ھۆكۈمنامىدە بىر جۈملە ھىكىمەتلىك سۆزنى قالدۇرۇپ قويدى: ئىلغار كاللىغا ئىگە،  ھۆرلۈك ئۇقۇمىنى چۈشەنگەن ھەم ئەركىنلىككە تەشنا بولغان ھەرقانداق جىسىمغا نىسبەتەن ئۇنىڭغا ئەركىنلىكنى بېرىش ھوقۇقى رەت قىلىنمايدۇ.
بۇ ئىش ئاخىرى دۇنيا سوتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىندى.
ئەپەندىم يەنىلا ناھايىتى خاپا ئىدى. ئۇنىڭ قۇلاققا ئۇرغاندەك ئاڭلىنىدىغان ئاۋازى ئاندرېۋسنى ئۇ ئاغرىپ قالمىغاندۇ دېگەن ئويغا كەلتۈرۈپ قويدى.
- ئاندرېۋس، سېنىڭ سېسىق پۇلۇڭنى ئالغۇم يوق. ئەمما بۇ پۇلنى ئېلىشىم پەقەت ئۆزۈڭنى ھۆر ئادەمدەك ھېس قىلىشىڭ ئۈچۈندۇر. بۇندىن كىيىن ياخشىراق خىزمەت تېپىپ، ئۆزۈڭ خالايدىغان ئىشلارنى قىلغىن. سەن ياخشى كۆرىدىغان خىزمەت توغرۇلۇق سۆزلىگەندىن باشقا مەن ئەمدى ساڭا بۇيرۇق قىلمايمەن. ئەمما يەنىلا ساڭا مەسئۇل بولىمەن. بۇ سوت ھۆكۈمىنىڭ بىر قىسمى، چۈشۈنىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن.
كىچىك خانقىز گەپكە ئارىلاشتى.
- ئاتا، تېرىكمەڭ. مەسئۇلىيەت ئۇنچە ئاۋارىچىلىك ئىشمۇ ئەمەس.
- ئەپەندىم، كىشىلەرمۇ قانوننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟ - دېدى ئاندرېۋس جاۋاب بېرىپ، - سىزگە ئايان سىز ھېچنېمە قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئۈچ نىزام يەنىلا كۈچكە ئىگە.
- ئۇنداقتا سەن قانداقمۇ ئەركىن بولالايسەن؟
- مېنىڭ تالاشقىم يوق، - دېدى ئەپەندىم ۋە ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. شۇندىن كىيىن ئاندرېۋس بۇ ئۆيگە كۆپ كەلمىدى.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخان
2008 -يىل 10- نۇيابىر

تېما تەستىقلىغۇچى : tughrul
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-01-05, 03:26

 

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-01-04 20:14 |
Oghuz_han
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 12543
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 7 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 60 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 17(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-05

 

*****

كىچىك خانقىز دائىم ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنى يوقلاپ تۇردى. بۇ كىچىك ئۆينى ئاندرېۋس ئۆزى ياسىغان ھەم ئۆزگەرتىپ چىققان ئىدى. ئەلۋەتتە، ئاندرېۋسنىڭ ئاشخانىسى ۋە مۇنچىسى يوق. ئۇنىڭ پەقەت ئىككى ئېغىز ئۆيى بار. بىر ئېغىز ئۆي كۇتۇپخانا، يەنە بىر ئېغىز ئۆي ئامبار ۋە خىزمەت قىلىشتا ئىشلىتىلىدىغان قوش ئۈنۈملۈك ئۆي ئىدى. ئاندرېۋس نۇرغۇن زاكات قوبۇل قىلدى. ئۇ بىر ھۆر ماشىنا ئادەم بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ئىلگىرىكىدىنمۇ تىرىشىپ ئىشلىدى. تاكى ئۆينىڭ بارلىق تەننەرخ پۇلى تۈگەپ ئۇنىڭغا رەسمىي يوسۇندا ئىمزالىشىپ ئۆتۈنۈپ بەرگەنگە قەدەر توختىماي خىزمەت قىلدى.
بىر كۈنى كىچىك ئەپەندىم كەلدى(ياق، توغرىسى جورجى). سوت ھۆكۈم ئېلان قىلغاندىن كىيىن كىچىك ئەپەندىم ئاندرېۋستىن ئۆزىنى مۇشۇنداق ئاتاشنى تەلەپ قىلغانتى.
- بىر ھۆر ماشىنا ئادەم ھەرقانداق ئادەمنى كىچىك ئەپەندىم دەپ ئاتىماسلىقى كېرەك، - دېگەنتى جورجى ئىلگىرى، - مەن سىزنى ئاندرېۋس دەپ چاقىرىمەن، سىزمۇ مېنى جورجى دەپ  ئاتاڭ.
ئۇنىڭ بۇ تەشەببۇسى بۇيرۇق شەكلىدە ئېيتىلغان بولۇپ، شۇندىن كىيىن ئاندرېۋس ئۇنى جورجى دەپ ئاتاپ كەلدى. بىراق كىچىك خانقىزنى يەنىلا ئىلگىرىكىدەك ئاتاپ كىتىۋەردى.
بىر كۈنى جورجى كەلدى. ئۇ ئاندرېۋسقا ئەپەندىمنىڭ سەكراتقا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. كىچىك خانقىز ئەپەندىمنىڭ يېنىدا ھەمراھ بولۋاتسىمۇ بىراق، ئەپەندىم ئاندرېۋسنى بىر كۆرۋىلىشنى ئېيتقان ئىدى.
ئەپەندىمنىڭ ھالا خاراپ بولسىمۇ ئەمما گەپ قىلغاندىكى ئاۋازى ناھايىتى ئوچۇق ئىدى.
- ئاندرېۋس، - دېدى ئۇ، - ئاندرېۋس... جورجى مېنى يۈلىمە، مەن پەقەت سەكراتقا چۈشۈپ قالدىم، مېيىپ بولۇپ قالغىنىم يوق. ئاندرېۋس، مەن سېنىڭ ھۆرلۈككە ئېرىشكىنىڭدىن ناھايىتى خۇشالمەن. مەن ساڭا مۇشۇ گەپنى ئېيتىپ قۇياي دىگەنتىم.
ئاندرېۋس نېمە دىيىشنى بىلمەيتتى. ئۇ ئىلگىرى ھېچقانداق بىر سەكراتتىكى كىشىنىڭ يېنىدا بولۇپ باقمىغانتى. ئەمما ئۇ بۇنىڭ ئادەم پائالىيىتىنىڭ توختىشىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇ ھېچنېمە دېمەي تۇرۇپ قالدى، قىمىرلاپمۇ قويمىدى.
جىمجىتلىق ئاخىرلاشقاندىن كىيىن كىچىك خانقىز ئۇنىڭغا:
- ئاندرېۋس، ئۇ سەكراتتىكى چاغدا گەرچە ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلالمىغان بولسىمۇ ئۇنىڭ قېرىپ قالغانلىقىنى بىلىشىڭ كېرەك. ئەركىنلىك تەلىپىڭ ئۇنىڭغا ئېغىر زەربە بولدى، - دېدى.
بۇ گەپلەردىن ئاندرېۋس نېمە دېيىش لازىملىقىنى چۈشۈنۈپ يەتتى:
- كىچىك خانقىز، ئەگەر ئۇ بولمىغان بولسا ئەركىنلىككە مەڭگۈ ئېرىشەلمىگەن بولاتتىم.

                                  *****

ئاندرېۋس ئەپەندىم قازا قىلغاندىن كىيىن ئاندىن كىيىم كىيىشكە باشلىدى. ئۇ دائىم جورجى ئۇنىڭغا بەرگەن ھىلقى كونا ئىشتاننى كىيەتتى. جورجىمۇ توي قىلدى. يەنە ئادۋۇكاتلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولدى. ئارقىدىن فىگىرد شىركىتىگە كىرىپ ئىشلىدى. ئىلگىرىكى فىگىرد ئەپەندىم ئالىقاچان ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ ئۇنىڭ ئىشلىرىغا قىزى ۋارىسلىق قىلدى. كېيىنچە بۇ شىركەتنىڭ نامى فىگىرد ۋە مارتىن شىركىتى دەپ ئۆزگەرتىلدى. بۇ ئىسىم تاكى فىگىرد ئەپەندىمنىڭ قىزى پېنسىيىگە چىقىپ فىگىرد ئائىلىسىدىن ۋارىسلىق قىلغۇچىلار قالمىغانغا قەدەر ئىشلىتىلدى. بۇ چاغدا ئاندرېۋس بىرىنچى قېتىم كىيىم كىيگەن ۋاقتلار بولۇپ مارتىن دېگەن ئىسىممۇ شۇ چاغدا شىركەت نامىغا قوشۇلغان ئىدى.
جورجى ئاندرېۋسنىڭ بىرىنچى قېتىم كىيىم كىيگەنلىكىنى كۆرگەن چاغدا كۈلۋىتىشتىن ئۆزىنى ئاران تۇتۋالدى. ئەمما ئاندرېۋس ئۇنىڭ چىرايىدىكى ئۆزگۈرۈشنى سىزىپ ئۈلگۈردى. جورجى ئاندرېۋسقا قانداق قىلىپ ئېلېكتروستاتىك ئارقىلىق ئىشتاننى يېيىشنى ئېيتىپ بەردى. ئاندىن ئۆزىنىڭ ئىشتىنىنى ئۇنىڭغا ئۈلگە كۆرسىتىپ بەردى. ئەمما ئاندرېۋس بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىنلا ئاندىن راۋان كىيەلەيدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتى.
- ئاندرېۋس، سىز نېمە ئۈچۈن ئىشتان كىيىسىز؟ سىزنىڭ گەۋدىڭىز ناھايىتى چىرايلىق لايھىيەلەنگەن. ئۇنى يىپىۋىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. بولۇپمۇ سوغۇقتىن ساقلىنىش ياكى ئەخلاق نۇقتىسىدىن بولسىمۇ كىيىم كىيىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. يەنە كېلىپ رەخت سىزنىڭ بەدىنىڭىزگە، مېتالغا تازا ماس كەلمەيدىكەن.
ئاندرېۋس ئۆز قارىشىنى ئۇنىڭغا ئېيتتى:
- جورجى، ئادەمنىڭ بەدىنىمۇ ناھايىتى چىرايلىققۇ؟ ئەمما سىلەر ھەممىڭلار ئۇنى ئوراپ قويىسىلەر.
- بۇ سوغۇقتىن ساقلىنىش، پاكىز تۇرۇش ئۈچۈن، بەدەننى مۇھاپىزەت قىلىش ھەم يارىشىملىق بولۇشى ئۈچۈن. بۇلارنى سېنىڭ بەدىنىڭگە تەدبىقلاشقا بولمايدۇ.
- جورجى.كىيىم كىيمىسەم ئۆزۈمنى قىپ يالىڭاچتەك، باشقىلار بىلەن ئوخشىمايدىغاندەك ھېس قىلىپ قالىمەن، - دېدى ئاندرېۋس جاۋاب بېرىپ.
- باشقىلاردىن پەرقلىق؟ ئاندرېۋس، يەر شارىدا ھازىر نەچچە مىليون ماشىنا ئادەم بار. بىزنىڭ بۇ رايوندىكى ماشىنا ئادەم سانى يېقىنقى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا نوپۇس سانى بىلەن تەڭلىشىپ قالغان.
- بۇلارنى بىلىمەن. ماشىنا ئادەم، ئۇ ئويلىيالايدىغان ھەرقانداق خىزمەتنى قىلالايدۇ.
- بىراق ئۇلارنىڭ ئىچىدە كىيىم كىيگىنى يوق-تە!
- بىراق، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرسىمۇ ھۆر ئەمەس.
ئاندرېۋسنىڭ كىيىم ئىشكاپىدىكى كىيىملەر بارغانسېرى كۆپۈيىشكە باشلىدى. جورجىنىڭ كۈلۈمسىرىشى ۋە ئۇنىڭغا ئىش زاكاز قىلدۇرغۇچىلارنىڭ تىكىلىپ قارىشى ئۇنى داۋاملىق كىيىم سېتۋىلىشنىڭ مۇۋاپىق بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇردى.
ئۇ بەلكىم ھۆر ئادەمدۇ. بىراق ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدا باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرۇلۇق ئىنچىكە تەرتىپ تۇرغۇزۇلغان. پەقەت كىچىككىنە بىر ئىلھام بولسىلا ئۇ ئاندىن يۈرەكلىك ئالغا باسالايدۇ. ئاشكارا ئەيىبلەش ئۇنى نەچچە ئاي كەينىگە چىكىندۈرۋىتىدۇ. كىشىلەرنىڭ ھەممىسىلا ئۇنى ئەركىن ئادەم دەپ قارىمايتتى. ئۇ بۇنداق ناچار قاراشلارغا غەزەپلىنەلمەيتتى. ئاندرېۋس بۇ نۇقتىنى ئويلىغان چىغىدا تەپەككۇرى قىيىنچىلىققا يولۇقاتتى. ئەڭ مۇھىمى كىچىك خانقىزنىڭ ئۆزىنى كۆرگىلى كېلىدىغانلىقىنى ئويلىغاندا كىيىم كىيمەي قىلىشتىن ياكى زىيادە كۆپ كىيۋىلىشتىن ئېھتىيات قىلاتتى. كىچىك خانقىز ھازىر كۆپ قېرىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ھاۋا ئىللىسىلا دائىم ساياھەتكە چىقاتتى. قايتىپ كەلگەندە ئۇنىڭ بىرىنچى ئىشى ئاندرېۋسنى يوقلاش بولاتتى.
بىر قېتىم ئۇنى يوقلىغىلى كەلگەندە جورجى ھەسرەت چەككەن ھالدا:
- ئاندرېۋس، ئاپام مېنى قايىل قىلدى، كېلەر يىلى قانون چىقىرىش ئورگىنىنىڭ ئەزاسى بولۇش ئۈچۈن رىقابەتلىشىمەن. ئاپام يەنە سەن بوۋاڭنىڭ ئىزىنى بىسىشىڭ كېرەك دەيدۇ، - دېدى.
- بۇۋاڭنىڭ ئىزىنى... – ئاندرېۋس بۇ گەپنى تازا ئاڭقىرالماي جورجىنىڭ گېپىنى ئۈزۈپ قويدى.
- مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم مەن(ئەپەندىمنىڭ نەۋرىسى جورجى) بوۋامغا(ئەپەندىمگە) ئوخشاش بولۇشۇم كېرەك. بوۋام ئىلگىرى قانون چىقىرىش ئورگىنىدا ئىشلىگەن.
- جورجى، ئەگەر ئەپەندىم بۇرۇنقىدەك... نېمە دېگەن كۆڭۈللۈك بولاتتى ھە، - ئاندرېۋس دېمەكچى بولغانلىرىنى يۇتۋەتتى. چۈنكى ئۇ «ئەپەندىم نورمال ھالدا تۇرۇۋاتقان بولسا» دېسە مۇۋاپىق بولمايدىغانلىقىنى بىلەتتى.
- ھايات بولغان بولسا، - دېدى جورى، - راست، مەن بەزىدە بۇ قېرى مەخلۇقنى ئويلاپ قالىمەن.
ئاندرېۋس بۇ قېتىمقى سۆھبەتنى دائىم ئويلايتتى. جورجى بىلەن سۆھبەتلەشكەن چاغدا ئۆزىدە تىل بىلەن ئىپادىلەش قىيىنچىلىقىنىڭ بارلىقىغا دىققەت قىلدى. ئۇ ئادەتتىكى سۆزلۈكلەرنى چۈشەنگەندىن باشقا، تىلدا قانداق ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. جورجى بولسا  ئەپەندىم ۋە كىچىك خانقىز ئەزەلدىن ئىشلىتىپ باقمىغان جانلىق ئېغىز تىلىنى ئىشلەتكەن ئىدى. ئۇ نېمىشقا ئەپەندىمنى غەلىتە مەخلۇق دەيدۇ؟ بۇ گەپ ھەقىقەتەن مۇۋاپىق ئەمەس. ئاندرېۋس ھەتتا ساقلاۋاتقان كىتاپلىرىدىنمۇ بۇ توغرۇلۇق مەلۇمات تاپالمىدى. بۇ كىتابلار بەك كونىراپ كەتكەن، يەنە كېلىپ كۆپ قىسمى ياغاچچىلىققا، گۈزەل سەنئەتكە ۋە ئائىلە جاھازلىرىنى لايىھىلەشكە ئائىت كىتاب بولۇپ، تىلغا ۋە ئادەمنىڭ ياشاش ئۇسولىغا مۇناسىۋەتلىك بىرمۇ كىتاب يوق ئىدى.
ئاخىرى ئۇ كەسپىي كىتابلارنى تىپىش كېرەكلىنى بىلىپ يەتتى. ئەركىن ماشىنا ئادەم بولۇش سالاھىيىتى بىلەن جورجىدىن ياردەم سورىسا بولمايتتى. شۇنىڭ بىلەن شەھەرگە كىرىپ كۇتۇپخانىدىن پايدىلانماقچى بولدى. بۇ ئەڭ ئاقىلانىلىك ئىدى. زىيادە ئويلىنىشتىن ئاندرېۋس ئېلېكتر پوتىنسىيالىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئاخىرى بولماي تولۇق قارىشلىق كاتۇشكىسى كىرگۈزۈشكە مەجبور بولدى.
ئۇ تولۇق كىيىندى. ھەتتا بىر تال ياغاچتىن ياسالغان مۈرىلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىدى. ئەسلى ئۇ نۇر چاقنىتىپ تۇرىدىغان سۇلياۋ مۈرۈلىك ئىشلەتمەكچى بولسىمۇ، بىراق جورجى ئىلگىرى ياغاچ مۈرۈلىك تېخىمۇ ماس كېلىدىكەن، سىيلىقلانغان شەمشاد ياغىچى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ دەپ ئۆتكەن ئىدى.
يىغىلغان قارىشلىق كۈچى ئۇنى توختىتىپ قۇيۇشتىن ئىلگىرى ئۇ ئۆزى ۋە ئۆي ئوتتۇرلىقىغا يۈز فوت ئارلىق قالدۇردى. ئاندىن قارىشلىق كاتۇشكىسىنى توك يولىدىن ئىلۋىتىپ ئۇنىڭ ھېچقانداق ئەكس تەسىرى قالمىغان چاغدا ئاندىن ئۆيىگە قايتىپ كىردى ۋە بىر پارچە قەغەزگە مەن «كۇتۇپخانىغا كەتتىم» دەپ يازغاندىن كىيىن ئىش ئۈستىلىدىكى كۆزگە چېلىقىدىغان يەرگە قويۇپ قويدى.
ئاندرېۋس ئەزەلدىن كۇتۇپخانىغا بېرىپ باقمىغان بولغاچقا خەرىتىنى ئىنچىكە كۆزەتتى. خەرىتىدە كۆرسىتىلگەن يوللارنى بىلەتتى-يۇ ئەمما قانداق مىڭىشنى بىلمەيتتى. ئەمەلىيەتتە يول يۈرۈش خەرىتىدە كۆرسىتىلگەن بەلگىلەردەك ئۇنداق ئاددىي ئەمەس. ئۇ قاتتىق ئارىسالدى بولغاندىن كىيىن ئاخىرى ئۆزىنىڭ خاتا ماڭغانلىقىنى ھېس قىلدى. چۈنكى ھەممە نەرسە ناتونۇش كۆرۈنۋاتاتتى.  
ئاندرېۋس يولدا ئۇچراپ قالغان بىر ماشىنا ئادەمدىن يول سورىماقچى بولغان بولسىمۇ،  ماشىنا ئادەم بىردەمدىلا كېتىپ قالدى. ئۇنىڭ يېنىدىن يەنە بىر ماشىنا ئۆتۈپ كەتتى. ئاندرېۋس يەنە ئىكىلىنىپ تۇرۇپ قالدى. ئۇ ئۆزىنى سالماقلىق بىلەن دەڭسىدى. ھېچقانداق ھەرىكەت قىلمىدى. شۇ چاغدا ئىككى كىشى ئۇنىڭغا قاراپ كېلىشكە باشلىدى. ئاندرېۋس كىلۋاتقانلارغا بۇرۇلدى. ئۇلار قىزغىن سۆزلىشىپ كىلۋاتاتتى. ئەمما يېقىن كېلىپ جىمىپ قىلىشتى. ئۇلارنىڭ ئەجەبلىنەرلىك قاراشلىرى ئاندرېۋسقا ئادەملەرنىڭ گۇمانسىراۋاتقان ھالىتىنى ئەسلەتتى. ئۇلارنىڭ يىشىنى بىلگىلى بولمايتتى. چۈنكى ئاندرېۋس ئەزەلدىن ئادەملەرنىڭ يىشىنى بېكىتىپ باقمىغان ئىدى. بەلكىم ئۇلار 20 ياشلاردا باردۇ.  
- ئەپەندىلەر، ماڭا شەھەردىكى كۇتۇپخانىغا قانداق بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىلەر؟
ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بويى ئىگىزەرەك كەلگەن بىرى گەپ باشلىدى. ئۇنىڭ بېشىدىكى ئېگىز قالپاق ئۇنى تېخىمۇ ئېگىز كۆرسىتەتتى. ئەمما ئاندرېۋسقا ئەمەس بەلكى يېنىدىكى ھەمراھىغا گەپ قىلدى.
- ئۇ بىر ماشىنا ئادەمكەن.
يەنە بىر پاناق بۇرۇن، قىلىن كۆزمۇ گەپكە ئارىلاشتى. ئۇمۇ ھەمراھىغا گەپ قىلۋاتاتتى:
- ئۇ كىيىم كىيىۋاپتۇ.
ئېگىز بويلۇق بارمىقىدىن «قارس» قىلىپ قاس چىقىرىۋەتكەندىن كىيىن دېدى:
- ئۇ ھىلقى ئەركىن ماشىنا ئادەم شۇ. ھەرقانداق ئادەم ئىگىدارچىلىق قىلالايدىغان بۇ ماشىنا ئادەم قېرى مارتىن ئائىلىسىدە تۇرىدۇ. ئۇ نېمىشقا كىيىم كىيىۋالىدۇ؟
- ئۇنىڭدىن سوراپ باق، - دىدى پاناق بۇرۇن.
- سەن مارتىن ئائىلىسىدىكى ماشىنا ئادەممۇ؟- سورىدى ئېگىز بوي.
- ئەپەندىم، مەن ئاندرېۋس مارتىن بولىمەن، - دېدى ئاندرېۋس.
- ياخشى. كىيىملىرىڭنى سېلۋەت. ماشىنا ئادەم كىيىم كىيمەيدۇ، - دىدى ئۇ، ئاندىن  ھەمراھىغا قارىدى، - نېمە دېگەن يىرگىنىشلىك، قارا ئۇنىڭ تۇرقىغا.
- ئاندرېۋس دەماللىقتا تۇرۇپ قالدى. ئۇ بۇنداق قوپال تەلەپپۇزدا ئېيتىلغان بۇيرۇقنى ئاڭلىمىغىلى ئۇزۇن بولغان ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئىككىنچى نىزام بىلەن مۇناسىۋەتلىك توك يولى ۋاقتلىق توختاپ قالدى.
ئېگىز بوي يەنە بىر تەكرارلىدى:
- كىيىلىرىڭنى سىلۋەت، مەن ساڭا بۇيرۇق قىلىمەن.
ئاندرېۋس ئاستا كىيىملىرىنى سېلىشقا باشلىدى.
- كىيىملەرنى يەرگە تاشلا، - دېدى ئېگىز بوي.
- ئەگەر ئۇ ھېچكىمگە تەۋە بولمىسا ئۇنداقتا ئۇ بىزنىڭ بولۇشى مۇمكىن، باشقىلارنىڭ بولۇشىمۇ مۇمكىن، - دېدى پاناق بۇرۇن.
- قانداقلا بولمىسۇن، - دېدى ئېگىز بوي، - كىم بىزگە قارىشى چىقالايدۇ؟ بىز بىرەر نەرسىنى بۇزۇپ قويمىدۇق.
ئېگىز بوي ئاندرېۋسقا بۇرۇلدى:
- بىشىڭ بىلەن يەرنى تىرەپ تىك تۇر.
- باشنى ئۇنداق...
ئاندرېۋس شۇنداق دىيىشىگە ئېگىز بوي ۋارقىراپ كەتتى:
- بۇ دېگەن بۇيرۇق. ئەگەر سەن قانداق قىلىشنى بىلمىسەڭمۇ سىناپ بىقىشىڭ كېرەك.
ئاندرېۋس يەنە ئىككىلەندى. ئاندىن بېلىنى ئېگىپ بېشىنى يەرگە تىرىدى. پۇتلىرىنى كۆتۈرمەكچى بولغانتى يىقىلىپ چۈشتى، يىقىلغاندىمۇ قاتتىق يىقىلدى.
- ئەمىسە شۇ يەردە يات، - دېدى ئېگىز بوي ۋە ھەمراھىغا قاراپ ئېيتتى، - بىز ئۇنى پارچىلىۋىتەلەيمىز، ئىلگىرى بىرەرسى شۇنداق قىلىپ باققانمۇ؟
- ئۇ بۇنىڭغا ئۇنىماسمىكىن.
- ئۇ بىزنى قانداق توسۇيالايدۇ.
ئەگەر ئۇلار تېخىمۇ قاتتىق تەلەپپۇز بىلەن قارىشلىق قىلماسلىقىنى بۇيرۇق قىلغان بولسا بەلكىم ئاندرېۋس ئۇلارنى توسۇشقا ئامالسىز قالغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. بويسۇنۇشقا ئائىت ئىككىنچى نىزام ئۆزىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك ئۈچىنچى نىزامدىن مۇھىم. قىسقىسى، ئۇلارغا زىيان يەتكۈمەسلىك ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا ئۆزىنى قوغدىيالمايتتى. بۇ بىرىنچى نىزامغا خىلاپلىق قىلىشتىن دېرەك بىرەتتى. ئۇ ئويلاپ شۇ يەرگە كەلگەندە ھەربىر ھەرىكەتلىنەلەيدىغان كىچىك زاپچاسلارنىڭمۇ ئاستا يىغىلۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. پۈتۈن بەدىنىنى تىترەك بېسىپ كەتتى.
ئېگىز بوي ئۇنى پۇتى بىلەن تېپىپ قويدى.
- ئۇ ناھايىتى ئېغىركەن، بىز سايمان ئىشلىتىشىمىز كېرەك.
- ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئۆزى چۇۋۇش توغرۇلۇق بۇيرۇق قىلايلى، تېخىمۇ قىزىقارلىق بولىدۇ، - دېدى پاناق بۇرۇن.
- شۇنداق، - دېدى ئېگىز بوي بىر نەرسىنى خىيال قىلغاندەك، - ئەمما ئۇنى چوڭ يولدىن ئىلىپ كىتىشىمىز كېرەك، بىرەرسى كېلىپ قالسا...
ئۇلار كېچىككەنتى. بىرسى كىلۋاتاتتى. بۇ دەل جورجى ئىدى. ئاندرېۋس يەردە يىتىپ جورجىنىڭ 30 مېتىر يىراقلىقتا بىر ئېگىز دۆڭنىڭ ئۈستىگە چىققانلىقىنى كۆردى. ئۇ بىرەر قول ئىشارىسى قىلىپ جورجىغا بىلدۈرمەكچى بولغانتى، بىراق «قىمىرلىما» دېگەن بۇيرۇق كەلدى.
جورجى يۈگۈرۈپ ھاسىرىغىنىچە يىتىپ كەلدى. ھىلقى ئىككى ياش كەينىگە ئازاراق چىكىندى ۋە قانداقتۇر بىر نەرسىنى خىيال قىلغاندەك ساقلاپ تۇردى.
- ئاندرېۋس، نېمە ئىش بولدى؟ - دەپ سورىدى جورجى ئەنسىرەپ.
- جورجى مەن ناھايىتى ياخشى، - دېدى ئاندرېۋس جاۋاب بېرىپ.
- ئۇنداقتا ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ. كىيىملىرىڭىز قېنى؟
- بۇرادەر، بۇ سېنىڭ ماشىنا ئادىمىڭما؟ - دەپ سورىدى بىر چەتتە تۇرغان ئېگىز بويلۇق.
- ئۇ ھىچكىمنىڭ ماشىنا ئادىمى ئەمەس، بۇ يەردە زادى نېمە ئىش بولدى؟ - دېدى جورجى جىددىي قىياپەتتە.
- بىز ئۇنىڭغا ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن كىيىملىرىنى سېلۋىتىشنى ئېيتتۇق. ئەگەر سەن ئۇنىڭ ئىگىسى بولمىساڭ ئۇنىڭ بىلەن نېمە مۇناسىۋىتىڭ بار؟
جورجى ئاندرېۋسقا بۇرۇلدى.
- ئۇلار نېمە قىلماقچىكەن ئاندرېۋس؟
- مېنى چۇۋۇماقچى. ئۇلار ئالدى بىلەن مېنى تىنچ بىر جايغا ئاپىرىپ ئاندىن ماڭا ئۆزۈمنى  چۇۋۇش توغرۇلۇق بۇيرۇق قىلماقچى بولدى.
جورجى ئىككى ياشقا قارىدى. ئۇنىڭ يۈزلىرى لىپىلداپ كەتتى.
- دوغىلاق، سەن نىمە قىلماقچى، بىزنى ئۇرماقچىما؟ - دېدى ئېگىز بويلۇق كۆرەڭلىك بىلەن.
- ياق، - دېدى جورجى، - مېنىڭ قول سېلىشىم ھاجەتسىز. بۇ ماشىنا ئادەم بىزنىڭ ئۆيدە 75 يىل تۇردى. ئۇ بىزنى چۈشىنىدۇ، بىزنى ھۆرمەت قىلىدۇ، باشقا ھەرقانداق كىشىدىنمۇ مۇھىم بىلىدۇ. مەن ئۇنىڭغا پەقەت سىلەرنىڭ ھاياتىمغا تەھدىت سېلۋاتقىنىڭلارنى، ئېگىز بويلۇقنىڭ مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىنى، مېنى قوغدىشى لازىملىقىنى ئېيتىپ قويساملا كۇپايە. ئۇ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئارىسىدا تاللاش ئېلىپ بارغاندا مېنى تاللايدۇ. ئۇ سىلەرنىڭ ئەدىپىڭلارنى بەرگەندە قانداق ئاقىۋەتكە قالىدىغىنىڭلارنى بىلەمسىلەر؟
ئۇ ئىككىسى كەينىگە چىكىندى. قارىماققا ئارامسىزلانغانلىقىنى چىقىپ تۇراتتى.
- ئاندرېۋس، - دېدى جورجى كەسكىنلىك بىلەن، - مەن ھازىر خەتەر ئىچىدە تۇرۋاتىمەن. ئىككى ياش ماڭا زىيان يەتكۈزمەكچى، ئۇلارنى ئەدەپلەپ قويۇڭ.
ئاندرېۋس بۇيرۇق بويىچە ھۇجۇمغا ئۆتتى، ئەمما ھىلقى ئىككىيلەن ئالدى – ئارقىغا قارىماي قېچىپ كەتتى.
- ياخشى قىلدىڭىز ئاندرېۋس، ئەمدى ئۆزىڭىزنى ئەركىن تۇتۇڭ، - دېدى جورجى.
جورجى قارىماققا ناھايىتى تەمكىن بولۇپ، كىچىكلەر بىلەن ماجرالىشىپ يۈرۈشنى خالىمايتتى.
- جورجى، مەن ئۇلارنى ئۇرۇپ زەخمىلەندۈرسەم بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ سىزنى ئۇرۇش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى كۆردۈم.
- مەن سىزنى ئۇلارنى ئۇرۇڭ دىمىدىم. پەقەت ئۇلارغا يىقىنلىشىڭ دېدىم. ئۇلار ئۆزلىرى قورقۇپ قېچىپ كەتتى.
- ئۇلار قانداقمۇ ماشىنا ئادەمدىن قورقىدۇ؟
- بۇ ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئىللىتى، تا ھازىرغىچە داۋالىغىلى بولمايۋاتقان كېسەل. ئەمما باشقىچە ئويلاردا بولماڭ. ئاندرېۋس، سىز بۇ يەرگە كېلىپ زادى نېمە قىلماقچى؟ ھېلىمۇ سىز قالدۇرغان باغاقچىنى كۆرۈپ قالدىم. سىزنى كۆرۈشتىن ئىلگىرى بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان ئارىيەتكە ئالاي دەپ تۇرغانتىم. زادى نېمىشقا كۇتۇپخانىغا بارماقچى بولۇپ قالدىڭىز؟ مەن سىزگە كېرەكلىك ھەرقانداق كىتابنى ئەكېلىپ بېرەلەيتتىم ئەمەسمۇ.
- مەن بىر... - دېدى ئاندرېۋس.
- ئەركىن ماشىنا ئادەم... شۇنداق، شۇنداق، مەن بىلىمەن، سىز كۇتۇپخانىدا نېمە كىتاب كۆرمەكچىدىڭىز؟
- مېنىڭ ئىنسانلارغا ئائىت، دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلگۈم بار، يەنە ھەرقانداق نەرسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى. ئاندىن يەنە ماشىنا ئادەم توغرۇلۇق بىلگۈم بار.
جورجى بىر قولىنى ئاندرېۋسنىڭ مۇرىسىگە قويدى.
- ناھايىتى ياخشى. بى‍ز ئالدى بىلەن ئۆيگە قايتايلى. كىيىملىرىڭىزنى ئېلۋىلىڭ.
- ئاندرېۋس، ماشىنا ئادەم ئىلىمىگە ئائىت كىتاب نەچچە مىليون پارچىغا يىتىدۇ، - دېدى جورجى گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ، - بۇ كىتاپلارنىڭ ھەممىسى ئىلىم - پەن تارىخنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دۇنيادا ماشىنا ئادەم بارغانسېرى كۆپۈيۈپلا قالماستىن بەلكى ماشىنا ئادەم توغرۇلۇق ئۇچۇرلارمۇ كۆپەيمەكتە.
ئاندرېۋس بېشىنى چايقىدى. بۇ ئۇنىڭ يېقىندىن بۇيان ئىشلىتىشنى بىلىۋالغان ئادەمگە خاس ھەرىكەت ئىپادىسى ئىدى.
- جورجى، ماشىنا ئادەم ئىلىمىنىڭ تارىخى ئەمەس، بەلكى بىر ماشىنا ئادەم يازغان ماشىنا ئادەمنىڭ تارىخى. مېنىڭ بىلمەكچى بولغۇنۇم،  بىرىنچى تۈركۈم ماشىنا ئادەم يەر شارىدا خىزمەت قىلىش ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا ئۇلارنىڭ يۈز بەرگەن ئىشلارغا قارىتا ھېس قىلغانلىرى.
جورجى قىشىنى مىدىرلىتىپ قويدى. ئەمما بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى.


*****
كىچىك خانقىز تېخى ئەمدىلا 83 ياشقا تولغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئەمما ئۇنىڭ روھى كەيپىياتى يەنىلا ناھايىتى جۇشقۇن بولۇپ ، ئىرادىسى بۇرۇنقىدەكلا قەتئىي ئىدى. ئۇنىڭ ھاسىسى بىلەن ئىشرەت قىلغان قېتىم سانى ھاسا بىلەن بەدىنىنى تىرەپ تۇرغان قېتىم سانىدىن كۆپ دىيىشكە بولاتتى. ئۇ ئىشنىڭ جەريانىنى ئاڭلاپ قاتتىق ئاچچىقلاندى.
- نېمە دېگەن قورقۇنۇشلۇق، ئۇ ئىككى لۈكچەك كىمكەن؟- دېدى ئۇ ئاچىقىنى بېسىۋالالماي.
- بىلمەيمەن، ئۇلارنىڭ ئىسمىنىڭ كارايىتى چاغلىق. ھېلىمۇ ياخشى ئۇلار ھېچقانداق قىلالمىدى.
- ئۇلارنى قىلمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. جورجى سەن دېگەن بىر ئادۋۇكات، ناۋادا سەن ھاللىق تۇرمۇش كەچۈرسەڭ بۇنىڭ ھەممىسى ئاندرېۋسنىڭ تۆھپىسىدىن بولغان بولىدۇ. ئېسىڭدە بولسۇن بىزگە تەۋە ھەربىر نەرسىنى ئۇ تاپقان پۇلغا سېتىۋالغان، ئائىلىمىزنىڭ گۈللۇنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان. مەن ھەرگىز ئۇنىڭغا پۇرژىنىلىق ئۇيۇنچۇققا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشىڭلارغا رۇخسەت قىلمايمەن.
- ئاپا، سىز مېنى نېمە قىل دېمەكچى؟- سورىدى جورجى.
- مەن دەيمەن، سەن بىر ئادۋۇكات، گىپىمنى چۈشەندىڭمۇ؟ سەن مەلۇم بىر خىل ئۇسولنى قوللىنىپ ھۆكۈمنامە لاھىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇڭ كېرەك. ئاندىن رايونلۇق سوتنىڭ ماشىنا ئادەم بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھوقۇقىغا ئىپادە بىلدۈرىشىگە بىسىم قىلىشىڭ، شۇ ئارقىلىق قانون چىقىرىش ئورگىنىنىڭ زۆرۈر بولغان قانون لايھىيىسىنى ماقۇللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشۈڭ كېرەك. ئەگەر سەن زۆرۈر دەپ قارىساڭ پۈتكۈل لايھىيىنى دۇنيا سوتىغا سۇنساڭ بولىدۇ. جورجى، مەن سېنىڭ شۇنداق قىلىشىڭنى كۈتۈپ تۇرىمەن، مەجبورىيىتىڭدىن قىچىشىڭغا تاقەت قىلىپ تۇرالمايمەن.
كىچىك خانقىز ناھايىتى ئەستايىدىل ئىدى. شۇڭا بۇ قېرى ئايالغا تەسەللى بېرىش چارىسىنىڭ بىرىنچى قەدىمى قانون – تۈزۈمگە بېرىپ تاقىلىدىغان مۇرەككەپ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. فىگىرد ۋە مارتىن شىركىتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك پايچىكى بولۇش سۈپۈتى بىلەن جورجى ئىستراتېگىيىلىك لايىھە تۈزۈشكە باشلىدى. ئۇ تۆۋەندىكى پايچىكلارنى ئەمىلىي ئىشلارغا ئورۇنلاشتۇردى. نۇرغۇن ئەمىلىي ئىشلارنى ئوغلى پاۋلو قول سېلىپ ئىشلىدى. پاۋلومۇ مەزكۇر شىركەتنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ناھايىتى مەسئۇلىيەتچان كىشى ئىدى. ھەر كۈنى دېگۈدەك مۇمىسىغا خىزمەتتىن دوكلات قىلاتتى. كىچىك خانقىزمۇ ئاندرېۋس بىلەن بۇ ئىش توغرۇلۇق سۆزلىشىپ تۇردى.
ئاندرېۋس بۇ ئىشقا كىرىشىپلا قالدى. ئۇ قانونىي پاكت ئاساسلارنى تەتقىق قىلىش ۋە زۆرۈر بولغان تەكلىپلەرنى بېرىش بىلەن بولۇپ كېتىپ ماشىنا ئادەم سەرگۈزەشتلىرى توغرۇلۇق يېزىۋاتقان كىتاپى ئۈستىدىكى ئىزدىنىشى قىلىۋەردى.
- مەن تەھدىتكە ئۇچرىغان ئۇ كۈنى جورجى ماڭا ئادەملەر ماشىنا ئادەمدىن قورقىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى، - دېدى ئۇ بىر كۈنى، - قانون چىقىرىش ئورگىنى ۋە سوت مەھكىمىسى بىر كۈن مەۋجۇد بولۇپلا تۇرىدىكەن ئۇلار ماشىنا ئادەملەر ھېچنېمە قىلىپ بەرمەيدۇ. ئەجەبا بىرەر ئىش قىلىپ جامائەت پىكرى توپلىغىلى بولماسمۇ؟
شۇنىڭ بىلەن پاۋلو سوتتىكى چاغدا جورجى ئاممىۋى سەھنىگە يۈرۈش قىلدى. تەكەللۇپ قىلىپ تۇرمىدى.
- ئاتا، سەھنىدىن پۇتلىشىپ يىقىلىپ كەتمەڭ، - دېدى پاۋلو ئۇنى ئەيىبلەپ.
- ئامال بار ئۇنداق بولمايدۇ، - دېدى جورجى مەيۈس ھالدا.
بىر قېتىم جورجى گولوگرافىيە خەۋەرلەر مۇھەررىرلىرى يىللىق يىغىنىدا نۇتۇق بايان قىلدى. نۇتۇقنىڭ بىر قىسىم مەزمونى تۆۋەندىكىدەك ئىدى:
- ئەگەر ئىككىنچى نىزامغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ماشىنا ئادەمنى ھەرقانداق جەھەتتە (ئادەمگە زىيان يەتكۈزۈشتىن سىرت) چەكسىز بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلساق، ئۇنداقتا ھەرقانداق بىر كىشى، ھەرقانداق بىر ئادەم ھەرقانداق بىر ماشىنا ئادەمگە نىسبەتەن قورقۇنچلۇق كونترول قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان بولىدۇ. بولۇپمۇ ئىككىنچى نىزام ئۈچىنچى نىزامنىڭ ئورنىغا ئالماشقاندا، ھەرقانداق ئادەم بويسۇنۇش نىزامىدىن پايدىلىنىپ ماشىنا ئادەمنىڭ ئۆزىنى قوغداش نىزامىنى بىكار قىلۋىتەلەيدۇ. ئۇ خالىغان بىر سەۋەب ھەتتا ھېچقانداق سەۋەپسىز ھالدا ھەرقانداق بىر ماشىنا ئادەمگە ئۆزىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەتتا پۈتۈنلەي نابۇت قىلۋىتىش توغرۇلۇق بۇيرۇق بېرەلەيدۇ.
- بۇ ئادىل بولامدۇ؟ بىز مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ھايۋانلارغا مۇئامىلە قىلالامدۇق؟ ئىلگىرى بىزگە ياخشى خىزمەت قىلغان، ھاياتلىقتىن ئەسىر بولمىغان بىر جىسىمنىڭمۇ بىزدىن ئويلىنىپ بىقىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار. قانداقسىگە ماشىنا ئادەمنىڭ سىزىمى بولمىغۇدەك؟ ئۇ بىر ھايۋان ئەمەس. ئۇنىڭ ياخشى بولغان تەپەككۇر ئىقتىدارى بار، شۇڭا بىز بىلەن سۆزلىشەلەيدۇ، بىز بىلەن ئەقلىي يەكۈن چىقىرالايدۇ، بىز بىلەن چاقچاقلىشالايدۇ. بىز ئۇنىڭغا دوستىمىزغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلالمايمىزمۇ؟ ئۇلار بىلەن بىللە ئىشلىيەلمەيمىزمۇ؟ دوستلۇق قولىمىزنى سۇنالمايمىزمۇ؟ ئورتاق ئىشلىگەن خىزمەت مىۋىلىرىدىن ئۇلارنى بەھرىمەن قىلالمايمىزمۇ؟
ئاندرېۋسنىڭ دېگىنى توغرا ئىدى. بەس – مۇنازىرە جىڭى سوت بىلەن قانون چىقىرىش ئورگىنىنى كونترول قىلىۋالدى. ئاخىرىدا بىر تۈرلۈك نىزامنى ماقۇللىدى. بۇ نىزامدا بىرنەچچە شەرت بەلگىلەندى. بۇ شەرتلەرگە ئاساسەن ماشىنا ئادەمگە زىيان يەتكۈزۈلدىغان بۇيرۇقلار قاتتىق چەكلەندى. بۇ نىزام مەڭگۈ ساقلىنىدىغان بولۇپ، خىلاپلىق قىلغانلارنى بىر تەرەپ قىلىش تامامەن مۇۋاپىق بولمىغانتى. ئەمما نىزام بېكىتىلىپ بولدى. كىچىك خانقىز ۋاپات بولغان كۈنى دۇنيا قانون چىقىرىش ئورگىنىدىن بۇ نىزامنىڭ ئاخىرىدا ماقۇللانغانلىق خەۋىرى تارقالدى.

basbas
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-05 13:46 |
Oghuz_han
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 12543
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 7 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 60 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 17(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-05

 

*****
بۇ دەل كېلىپ قالغانلىق ئەمەس. كىچىك خانقىز ئەڭ ئاخىرقى مۇنازىرىگىچە بەرداشلىق بېرىپ داۋاملىق ياشىدى. پەقەت غەلىبە قىلغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كىيىنلا ئاندىن كۆز يۇمدى. ئۇ ئەڭ ئاخىرقى تەبەسسۇمىنى ئاندرېۋسقا ئاتىدى. ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا تۆۋەندىكىدەك سۆزلەرنى قىلدى:
- ئاندرېۋس، سەن باشتىن – ئاخىر ماڭا ياخشى مۇئامىلىدە بولدۇڭ.
ئۇ ئاندرېۋسنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ جان ئۈزدى. ئۇنىڭ ئوغلى ۋە كىلىنى ھەم بالىلىرى ئۇلار ئىككىسىدىن بەلگىلىك ئارلىق ساقلاپ ھۆرمەت بىلدۈرۈشتى. ماشىنا ئادەم كۈتكۈچى ئىچىدىكى ئىشخانىغا كىرىپ كەتكۈچە ئاندرېۋس سەۋرچانلىق بىلەن ساقلاپ تۇردى. ھېلىقى كۈتكۈچى پۈتۈن ھولوگرافىيە سۆزلىشىش ئاپپاراتى ئىشلەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمما شۈبھىسىزكى، ئۇ بىر ئادەمنى ئەمەس بەلكى بىر ماشىنا ئادەمنى كۈتۋالغانلىقىدىن تىت - تىت بولاتتى.
ئاندرېۋس ھارغان ۋاقىتلىرىدا بۇ ئىشنى قايتا - قايتا ئويلاندى. بۇ ئىشتا «ماشىنا ئادەمنى ئايرىش جاسارىتى»نى «ئەردىن ئايرىش جاسارىتى» دېگەندەك ئوخشاش مەنبەلىك سۆز قىلىپ ئىشلىتىشكە بولامدۇ – يوق؟ ياكى «ئەردىن ئايرىش جاسارىتى» ئۇنىڭ ئەسلى مەزمونىدىن چەتنىگەن بىر مېتافورا سۆزى ئارقىلىق بىر ماشىنا ئادەمگە تەدبىقلاشقا   ئۆزگەرتكىلى ياكى بىر ئايالغا تەدبىقلىغىلى بولامدۇ؟ ماشىنا ئادەم توغرۇلۇق يېزىۋاتقان كىتاۋىدا بۇنداق مەسىلىلەر ئۇنىڭ كاللىسىدا  پات – پات پەيدا بولۇپ تۇراتتى. مۇشۇنداق جۈملىلەرنى ئويلاش ئارقىلىق بارلىق مۇرەككەپ ئىشلارنى ئىپادىلەش ماھارىتى شۆبھىسىكى ئۇنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىنى بىيىتقان ئىدى.
ئۆيگە ئاندا - ساندا كىرىپ قالغان كىشىلەر ئۇنىڭغا قاراپ قالاتتى. ئەمما ئاندرېۋس ئۆزىنى بۇ خىل تىكىلىپ قاراشلاردىن قاچۇرمايتتى. ئۇ خاتىرجەملىك بىلەن ھەربىر ئادەمگە قاراپ چىقاتتى، باشقىلار بولسا نەزىرىنى ئۇنىڭدىن ئېلىپ قاچاتتى.
پاۋلو مارتىن ئەڭ ئاخىرىدا پەيدا بولدى. ناۋادا ئاندرېۋس ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىنى چۈشەنگەن بولسا پاۋلو قارىماققا ناھايىتى غەيرىي ياكى شۇنداقتەك كۆرۈنەتتى. ئۇ مۇشۇنداق مۇراسىم كىيىمى كىيىشكە ئادەتلەنگەن بولۇپ،  بۇ خىل كىيىمنى ئەر – ئايال ھەممىسى كىيسە بولۇۋېرەتتى. گەرچە بۇ خىل كىيىم پاۋلوغا خېلى ياراشقان بولسىمۇ ئەمما ئاندرېۋس ياقتۇرمايتتى.
- ئاندرېۋس، كىرىڭ – دېدى پاۋلو، - سىزنى كۆپ ساقلىتىپ قويدۇم، ئەپۇ قىلغايسىز. بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار بەك كۆپ بولۇپ كەتتى. كېلىڭ... كېلىڭ. ئىلگىرى سىز مېنىڭ بىلەن سۆزلەشكىڭىز بارلىقىنى ئېيتقان ئىدىڭىز. ئەمما سىزنىڭ بۇ يەردە مەن بىلەن سۆزلەشمەكچى بولغانلىقىڭىزنىڭ مەقسىتىنى چۈشەنمىدىم.
- پاۋلو، ئەگەر سىز ئالدىراش بولسىڭىز مەن يەنە ساقلاپ تۇراي.
پاۋلو تامدىكى ۋاقىت ھىساپلاشقا ئىشلىتىدىغان كورونانىڭ ئۈستىدە يۈتكۈلۋاتقان كۈلەڭگىگە قاراپ قويۇپ ئېيتتى:
- مەن ئازاراق ۋاقىت چىقىرالايمەن. بۇ يەرگە يالغۇز كەلدىڭىزما؟
- مەن بىر ماشىنا چاقىردىم.
- ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىدىڭىزما؟- دىد پاۋلو ئەنسىرىگەن قىياپەتتە.
- مەن ھېچقانداق ئاۋارىچىلىكنى ئويلاپ باقمىدىم. مېنىڭ ھوقۇقۇم قانون بويىچە قوغدۇلىدۇ.
پاۋلو بۇ سۆزدىن ئارىسالدى بولۇپ قالدى.
- ئاندرېۋس، مەن سىزگە چۈشەندۈرگەن. ئۇ قانون مەجبورىي ئىجرا قىلىنمايدۇ، ھېچ بولمىغاندا كۆپىنچە ئەھۋالدا شۇنداق. ئەگەر سىز كىيىم كىيىشتە چىڭ تۇرسىڭىز ھامان بىر كۈنى ئىككىنچى قىتىمدىكىدەك ئاۋارىچىلىككە يولۇقىسىز.
- پاۋلۇ، پەقەت شۇ بىر قىتىملا. ئەگەر سىزگە مالاللىق يەتكۈزگەن بولسام تولىمۇ خىجىلمەن.
- بولدى، بۇ ئىشنى ئەمدى دىيىشمەيلى. ئاندرېۋس، سىز راستىنلا كىشىلىك دۇنيادىكى ئەپسانىۋى شەخس بولۇپ قىلۋاتىسز. سىزدە نۇرغۇن ئارتۇقچىلىق بار. شۇڭا ئۆزىڭىز شەخسەن تەۋەككۈلچىلىك قىلىشقا ھېچقانداق ھوقۇقىڭىز يوق. سوراپ باقسام، سىز يېزىۋاتقان كىتاب قانداق بولۇپ كەتتى؟
- پۈتۈشكە ئاز قالدى، نەشرىيات سودىگىرىمۇ بۇ ئىشقا ناھايىتى خۇشال.
- بەك ياخشى بوپتۇ.
- ئۇنىڭ بۇ كىتابقا شۇنچە قىزىقىپ قالغانلىقىنى دەيمەن. مېنىڭچە ئۇ كۆپلەپ سېتىلىشىنى ئارزو قىلسا كېرەك. چۈنكى ئۇ بىر ماشىنا ئادەم يازغان كىتاب. بەلكىم بۇ ئۇنى خۇشال قىلىۋاتقان ئىش بولسا كېرەك.
- مەن پەقەت ئادەم ئۈچۈنلا بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيمەن.
- مەن ئۇنىڭدىن مەيۇسلەنمەيمەن. ئۇ خالىغان سەۋەب بىلەن سېتىۋەرسۇن. سېتىلغان ئىكەن پۇل كېلىدۇ. مەن تەبئىلا بىر بۈلۈك پۇلغا ئېرىشىمەن.
- ئەجدادلىرىڭىزنىڭ تارىخىدىن كەلگەن...
- كىچىك خانقىز ناھايىتى ھىممەتلىك ئىدى، مەن بۇ ئائىلىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ يەنىمۇ ئالغا باسالايدىغىنىمغا ئىشىنىمەن. ئەمما مەنمۇ بۇ كىتابتىن ئېرىشكەن نەشرىيات بىجىنىڭ مېنىڭ كېيىنكى قەدەمنى بىسىشىمغا ياردەم بېرەلەيدۇ دەپ ئىشىنىمەن، كېيىنكى قەدەمدە قانداق قىلىش كېرەك؟
- مېنىڭ ئامېرىكا ماشىنا ئادەم ۋە مېخانىك ئادەم شىركىتىنىڭ مۇدىرى بىلەن كۆرۈشكۈم كىلۋاتىدۇ. مەن ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشماقچى بولغانتىم. ئەمما ھازىرغىچە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەلمىدىم. بۇ كىتابنى يېزىۋاتقان چاغدا ئۇ شىركەت مېنىڭ بىلەن ھەمكارلاشمىدى. شۇڭا بۇ ئىشقا ئانچە ھەيرانمۇ قالمىدىم. سىز بۇنى چۈشۈنىسىز.
پاۋلو ناھايىتى خۇشال بولدى.
- ھەمكارلىق سىز كۈتۋاتقان ئەڭ ئاخىرقى ئىش. بىز ماشىنا ئادەملەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىلىپ بېرىۋاتقان ئۇلۇغ كۈرەش جەريانىدا، ئۇلار بىز بىلەن ھەمكارلاشمىدى. پۈتۈنلەي بىز بىلەن ئاستىرىتتىن قارىشلاشتى. ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى چۈشۈنەمسىز؟ ھوقۇقنى ماشىنا ئادەمگە بەرگەندە كىشىلەر ماشىنا ئادەم سېتۋىلىشنى خالىماسلىقى مۇمكىن.
- شۇنداق بولسىمۇ، - دېدى ئاندرېۋس، - ئەگەر ئۇلارغا تېلېفون قىلسىڭىز بىز ئۈچۈن بىر قېتىم كۆرۈشۈشنى ئورۇنلاشتۇرالىشىڭىز مۇمكىن.
- ئاندرېۋس، مەن ئۇلارنىڭ ئالدىدا سىزدەك قارىشى ئىلىنمايمەن.
- بىراق، سىز ئۇلارغا  مېنىڭ بىلەن كۆرۈشسە فىگىرد ۋە مارتىن شىركىتى قوزغىغان ماشىنا ئادەملەرنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتىش توغرۇلۇق ھەرىكىتىنى توسۇپ قىلىش ئىمكانىيىتىدىن بېشارەت بېرەلىشىڭىز  مۇمكىن.
- ئاندرېۋس، بۇ دېگەن يالغانچىلىق.
- پاۋلو، راست يالغانچىلىق، ئەمما مەن ئالدامچىلىق قىلسام بولمايدۇ. بۇ دەل نېمە ئۈچۈن سىز تېلېفون قىلىشىڭىزنىڭ سەۋەبى.
- ھەي، سىز يالغانچىلىق قىلالمايسىز، بەلكى مېنىڭ شۇنداق قىلىشىمنى تەلەپ قىلىسىز، شۇنداقمۇ؟ ئاندرېۋس، سىز بارغانسېرى ئادەملەرگە ئوخشاپ قىلىۋاتىسىز.
جورجىنىڭ بۇ رايوندىكى يۈز - ئابرۇيى گەرچە ناھايىتى يۇقىرى بولسىمۇ بۇنداق كۆرۈشۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئاسان ئەمەس ئىدى. شۇنداقتىمۇ بۇ ئىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. كۆرۈشكەن چاغدا ھارىي سىمىس روبىتسون ناھايىتى خاپا كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ ھازىرقى ئورنى بۇ شىركەتنى قۇرغان كىشىدىن مىراس قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئىسىم -  فامىلىسىدىكى تۇتاش ھەرپلەر بۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى. ئۇ پېنسىيىگە چىقىشقا ئاز قالغان بولسىمۇ دىرېكتور بولۇش سۈپۈتى بىلەن بارلىق زېھنى قۇۋۋىتى ۋە ئىقتىسادىنى ماشىنا ئادەم ھوقۇقى توغرىسىدىكى ئىشقا ئاتىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئاق سانجىغان نېپىز بىر قەۋەت چېچى بېشىغا يىپىشىپ تۇراتتى. چىرايى مودىفىكاتسىيە قىلىنمىغان بولۇپ، ئۈچمەنلىك ئارىلاشقان نەزىرى ئاندرېۋسقا مىقتەك تىكىلگەن ئىدى.
ئاندرېۋس گەپ باشلىدى.
- ئەپەندىم، يۈز يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىلگىرى بۇ شىركەتتىكى مېرتون مەنسىچ ئىلگىرى ماڭا مۇسبەت ئېلېكترون توك يولىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بەلگىلەيدىغان سان -سىپىرلار بەك مۇرەككەپ، پەقەت يېقىن كېلىدىغان قىممەتنى تېپىپ چىقىدۇ دەپ ئېيتقانتى. شۇڭا ئىقتىدارىمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى پۈتۈنلەي ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولمايدۇ.
-بۇ يۈز يىل ئاۋۋالقى ئىش، - دېدى سىمىس روبىتسون بىردەم تۇرۋىلىپ، كىيىن ئارقىغا ئۇلاپ سوغۇقلا قوشۇپ قويدى، - ئەپەندىم، ئەھۋال ئەمدى ئۇنداق بولمايدۇ. ھازىر بىز ياسىغان ماشىنا ئادەملەر ناھايىتى نازۇك، شۇنداقلا ئۇلار قىلىدىغان ئىشىغا قارىتا ناھايىتى تەپسىلىي مەشقلەندۈرىلىدۇ.
- شۇنداق، - دېدى پاۋلو. ئۇنىڭ ئېيتقىنىدەك ئۇ شىركەتكە كېلىپ بۇنىڭ قانداق ئىشلىقىنى ئىنىقلىماقچى بولغان، - نەتىجىدە ھەربىر ئىش قانونىيىتىدىن چەتنەپ(مەيلى چەتنەش قانچىلىك كىچىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر)، ئاندرېۋسقا يېتەكچىلىك قىلىش زۆرۈر بولۋاتىدۇ.
ناۋادا ئۇ كۆز بويامچىلىق قىلماقچى بولسا، ئۇنداقتا سىز تېخىمۇ خاپا بولىسىز، - دېدى سىمىس روبىتسون.
- شۇڭا سىز ئەمدى ماڭا ئوخشاش جانلىق ھەم ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك ماشىنا ئادەم ياسىمايسىز...
- ئەمدى ياسالمايدۇ.
- مەن ئۇ كىتابنى يېزىۋاتقان چاغدا ئىلىپ بارغان كۈزۈتۈشلەردىن شۇ نەرسە بايقالدىكى، - دېدى ئاندرېۋس، - مەن ھازىرغىچە جانلىق ئىشلەپ كىلۋاتقان ئەڭ كونا ماشىنا ئادەم ئىكەنمەن.
- نۈۋەتتىكى ئەڭ كونا، - دېدى سىمىس روبىتسون، - ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقتتىكىدىن كونا. كەلگۈسىدىمۇ ئەڭ كونىسى بولىدۇ. 25 يىلدىن كىيىن بىرمۇ ماشىنا ئادەم كارغا كەلمەيدۇ. ئۇنى يىغۋىلىپ يىڭى ئەۋلاد ماشىنا ئادەمگە ئالماشتۇرىلىدۇ.
- ھازىر ياسالغان ماشىنا ئادەملەر 20 يىلدىن كىيىن بىرىمۇ كارغا كەلمەيدۇ، - دېدى پاۋلو بىر خىل مەسخىرە ئارىلاش تەلەپپۇزدا، - بۇ جەھەتتە ئاندرېۋس ئوخشىمايدۇ.
ئاندرېۋس ئۆز تەپەككۈرىگە قاتتىق ئىشىنەتتى. شۇڭا سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
- دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي، ئەڭ جانلىق ماشىنا ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن مەن باشقىلار بىلەن ئوخشىمامدىم؟ شىركەتنىڭ ئالاھىدە مۇئامىلىسىگە ئەرزىمەمدىم؟
- قىلچىك ئەرزىمەيسىز، - دېدى سىمىس روبىتسون ناھايىتى سوغۇق تەلەپپۇزدا، - سېنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىڭ شىركەتنى پاسسىپ ئەھۋالغا قويدى. ناۋادا سېنىڭ شىركەتكە ئاپەت ئىلىپ كېلىدىغانلىقىڭنى بىلىپ پۈتۈنلەي سېتۋەتمەي ئىجارە ئىلىنغان شەكىلدە ئىشلىتىلگەن بولساڭ، ئاللىقاچان ئالماشتۇرۇلغان بولاتتىڭ.
- ئەمما بۇ دەل مەسىلىنىڭ ئاچقۇچلۇق يېرى، - دېدى ئاندرېۋس، - مەن بىر ھۆر ماشىنا ئادەم، ئۆز ئىگىلىك ھوقوقىمغا ئىگە. شۇڭا مەن بۇ يەرگە كېلىپ سىزدىن مېنى ئالماشتۇرۇشىڭىزنى تەلەپ قىلىۋاتىمەن. ئىگىدارلىق قىلغۇچىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ئۆتمىگەن ئەھۋالدا سىز ئۇنداق قىلالمايسىز. ھازىر بۇ خىل قوشۇلۇش ئورۇن باسار شەرتىنى ھازىرلىدى. بىراق، مېنىڭ تارىخىمدا بۇنداق ئىش بولۇپ باقمىغان.
سىمىس روبىتسون قارىماققا ھەيرانلىقتا ھەم تەڭقىسلىقتا قىلىۋاتقاندەك بولۇپ تۇيۇقسىزلا جىمىپ كەتتى. ئاندرېۋس ئۇنىڭ تامدىكى ھولوگراممىغا قاراۋاتقانلىقىنى بايقىدى. رەسىمدىكىسى سۇسان كارۋىن بولۇپ، بارلىق ماشىنا ئادەم ئىلىمىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى باشلامچىسىنىڭ چىرايى ئىدى. ئۇنىڭ ۋاپات بولغىنىغا 200 يىل بولغان بولۇپ، ئاندرېۋس كىتاب يېزىش جەريانىدا ئۇنى خېلى چوڭقۇر چۈشىنۋالغانتى. ئۆزىنى ئىلگىرى كىشىلىك دۇنيادا ئۇنى كۆرگەنلىكىگە ئىشەندۈرەتتى.
سىماس روبېرتسون ئاخىرىدا سورىدى:
- مەن قانداقسىگە سەن ئۈچۈن سېنى يېڭىلايمەن؟ ئەگەر سېنى ماشىنا ئادەم دەپ قاراپ ئالماشتۇرۋەتسەم يېڭى ماشىنا ئادەمنى قانداق ئۇنىڭ ئىگىسى بولغان ساڭا بېرەلەيمەن؟ چۈنكى ئالماشتۇرۇش جەريانىدا سەن قايتا مەۋجۇد بولمايسەن، - دېدى ئۇ سوغۇق كۈلۈپ تۇرۇپ.
- بۇ تەس ئەمەس، - دېدى پاۋلو گەپ قىستۇرۇپ، - ئاندرېۋسنىڭ خاراكتېرى ئۇنىڭ مۇسبەت ئېلېكترونلۇق چوڭ مىڭىسىدە، بۇ قىسمىنى ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ. شۇڭا مۇسبەت ئېلېكترونلۇق چوڭ مېڭە ئۇنىڭ ئىگىسى ئاندرېۋس بولغان بولىدۇ. شۇڭا ماشىنا ئادەمنىڭ باشقا ھەرقانداق قىسمىنى ئالماشتۇرۇش ئۇنىڭ خاراكتىرىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. باشقا بۈلەكلەرنىڭ ھەممىسى چوڭ مىڭىنىڭ مۈلۈكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاندرېۋسنىڭ مەقسىتى ئۆز مېڭىسىنى يىڭى تىپتىكى ماشىنا ئادەم گەۋدىسىگە ئىگە قىلىش.
- ناھايىتى توغرا،- دېدى ئاندرېۋس خاتىرجەملىك بىلەن، - سىز ياسىغان ماشىنا ئادەملەرنىڭ سىرتقى قىياپىتى نورمال ئادەمنىڭ سىرتقى شەكىلىگە ئوخشايدۇ، ھەتتا تېرە توقۇلمىلىرىمۇ پۈتۈنلەي ئادەمگە ئوخشاش، شۇنداقمۇ؟
- شۇنداق، بىز ياسىغان. ئۇلار بىرىكمە تالالىق تېرە ۋە ئورگانىزىملارغا ئىگە، ھەرىكىتى قۇلايلىق. چوڭ مىڭىسىدىن باشقا ھەرقانداق قىسمىغا مېتال ئىشلىتىلمىگەن. ئەمما ئۇلار ئادەتتىكى مېتال ماشىنا ئادەملەردەكلا ئوخشاشلا قەتئىي ئىرادىلىك. ئىنچىكە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ شۇنداق.
پاۋلو قارىماققا بۇ ئىشقا ناھايىتى قىزىقىپ قالغاندەك قىلاتتى.
- مەن بۇ خىل ئەھۋاللارنى بىلمەيمەن. بۇنداق ماشىنا ئادەملەردىن بازارغا كىرگىنى زادى قانچىلىك؟
- بىرىمۇ يوق، - دېدى سىماس روبېرتسون، - ئۇلار مېتال ماشىنا ئادەملەردىن جىق قىممەت، شۇنداقلا بازار تەكشۈرۈش جەريانىدا كىشىلەرنىڭ بەك ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇق. ئۇلار قارىماققا ئادەمگە بەك ئوخشايدۇ.
ئاندرېۋس ناھايىتى ھاياجانلانغان ئىدى.
- پەرىزىمچە ئۇ شىركەت بۇ خىل تېخنىكىنى ساقلاپ قويغان. شۇنداق بولغان ئىكەن مەن ئۆزۈمنىڭ ئورگانىك تەنگە ئىگە (ئادەمگە ئوخشايدىغان) ماشىنا ئادەمگە ئالماشتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلماقچىمەن، - دېدى ئۇ.
- تەڭرىم، - دەۋەتتى پاۋلو ھەيرانلىقىنى باسالماي.
سىماس روبېرتسون بىردىنلا قەتئىلىك بىلەن ئېيتتى:
- پۈتۈنلەي مۇمكىن ئەمەس.
- نېمىشقا مۇمكىن بولمايدۇ؟ - سورىدى ئاندرېۋس، - مەن كېرەكلىك چىقىمنىڭ ھەممىنى تۆلەيمەن.
- بىز ئادەمگە ئوخشاش ماشىنا ئادەم ياسىمايمىز.
- سىلەرنىڭ ئادەمگە ئوخشايدىغان ماشىنا ئادەم ياساشنى خالىمىغىنىڭلار ئۇنداق ئادەم ياسىيالمايدىغىنىڭلارنى بىلدۈرمەيدۇ، - دېدى پاۋلو دەرھال گەپ قىستۇرۇپ.
- شۇنداق بولسىمۇ، - دېدى سىماس روبېرتسون ئەپەندىم جاۋاب بېرىپ، - بۇنداق قىلىش ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغانلىق.
- ئەمما قانونغا ئەمەس، - دېدى پاۋلو.
- شۇنداق بولسىمۇ بىز ئۇنى ياسىمايمىز شۇنداقلا ياساشنىمۇ خالىمايمىز.
پاۋلو گىلىنى قىرىپ قويغاندىن كىيىن گېپىنى داۋاملاشتۇردى:
- سىماس روبېرتسون ئەپەندىم، ئاندرېۋس بىر ئەركىن ماشىنا ئادەم. ئۇ بۈگۈن ماشىنا ئادەم بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھوقۇق – مەنپەئەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك قانون – ھۆججەتلەرگە ئاساسلىنىپ بۇ يەرگە كەلدى. مېنىڭچە سىز بۇنى ئېنىق بىلىسىز، شۇنداقمۇ؟
- بۇنىڭدىن خەۋىرىم بار.
- بۇ ماشىنا ئادەم، بىر ئەركىن ماشىنا ئادەم بولۇش سۈپۈتى بىلەن كىيىم كىيىشىنى ئارزو قىلىدۇ. بۇ خىل تاللاش ئۇنى ھىمىشە بىر قىسىم ماشىنا ئادەمگە ھاقارەت قىلماسلىق توغرىسىدىكى قانونلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ ھاقارەت قىلىشىغا ئۇچرىتىۋاتىدۇ. بۇنداق ئېنىق بولمىغان قانونغا خىلاپ قىلمىشلار جىنايى قىلمىشلارغا ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچرىمىدى، شۇڭا نارازىلىق ئەرز بېرىشمۇ مۇمكىن ئەمەس.
- ئامېرىكا ماشىنا ئادەم شىركىتى بۇ ئەھۋاللارنى باشتىن ئاخىر چۈشۈنىدۇ. ئەمما ئاتىڭىزنىڭ شىركىتى بۇنى بىلمەيدۇ. بۇ بىر كىلىشمەسلىك.
- ئاتام ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتتى. بىراق، مەن بۇ يەردە كۆرۋاتقان ئىشلار بىزنى ھازىر بولۋاتقان جىنايى قىلمىشنى جەزىملەشتۈرۈشكە مەجبورلىماقتا.
- سىز نېمە دېمەكچى؟ - دىد سىماس روبېرتسون ئەپەندىم.
- مېنىڭ شاھىدىم ئاندرېۋس مارتىن، ئۇ تېخى بايىلا مېنىڭ گۇۋاھچىمغا ئايلاندى، ئۇ بىر ئەركىن ماشىنا ئادەم. ئۇ ئامېرىكا ماشىنا ئادەم ۋە مېخانىك ئادەم شىركىتىگە ئالماشتۇرۇش ھوقۇقى بارلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى. بۇ شىركەت 25 يىلدىن بۇيان ماشىنا ئادىمى بارلىكى ھەرقانداق كىشىگە ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى تەمىنلەپ كەلگەن. ئەمەلىيەتتە بۇ شىركەت ئالماشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
پاۋلو يېنىك كۈلۈمسىرەپ قويدى.
- مېنىڭ شاھىدىم بولغان مۇسبەت ئېلېكترونلۇق چوڭ مېڭە، - دېدى ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ، - ئۆز گەۋدىسىنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى. ئۇنىڭغا ئالىقاچان 25 يىلدىن ئېشىپ كەتتى. بۇ مۇسبەت ئېلېكترونلۇق چوڭ مېڭە ئۆز بەدىنىنى ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. شۇنداقلا زۆرۈر بولغان چىقىملارنىڭ ھەممىنى تۆلەش ئارقىلىق بىر ئادەمگە ئوخشايدىغان بەدەنگە ئىگە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەگەر سىز بۇ تەلەپنى رەت قىلسىڭىز مېنىڭ گۇۋاھچىم ھاقارەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۈستىڭىزدىن ئەرز قىلىشقا ھوقولۇق.
- گەرچە جامائەتچىلىك بۇنداق دىلودا ئادەتتە بىر ماشىنا ئادەمنىڭ تەلىپىنى قوللاپ كەتمىسىمۇ، مەن سىزگە شۇنى ئەسكەرتىپ قۇياي. ئامېرىكا ماشىنا ئادەم شىركىتى ئەمەلىيەتتە ئاممىنىڭ قارىشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن شىركەت ئەمەس. ئۇ ئىشلەپ چىقارغان ماشىنا ئادەملەرنىڭ ئىشلىتىلىشى ئەڭ كۆپ ھەم ئەڭ زور پايدىغا ئېرىشكەن كىشىلەرمۇ شىركەتتىن گۇمانلىنىدۇ. بۇ بەلكىم كىشىلەر ماشىنا ئادەمدىن قورقىدىغان دەۋىرلەردىن قالغان ئادەت بولسا كېرەك. ئۇ بەلكىم پۈتكۈل يەر شارىغا ئۇموملاشقان مەخسۇس پايدا ھوقۇقىغا ئىگە ئامېرىكا ماشىنا ئادەم شىركىتىنىڭ ھوقۇق ۋە بايلىقىغا ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ گۇۋاھچىمنىڭ ئىقتىسادى ئاساسى بار ھەم ئۇزۇن يىل ياشىيالايدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ بۇ دەۋانى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشقا ئىشەنچى تولۇق.
سىماس روبېرتسوننىڭ چىرايى ئاستا – ئاستا قىزىرىشقا باشلىدى:
- سىز مېنى مەجبورلىماقچىمۇ... - دېدى ئۇ.
- مەن سىزنى ھەرقانداق ئىش قىلىشقا مەجبورلىمايمەن، - دىد پاۋلو، - ناۋادا سىز گۇۋاھچىمىنىڭ مۇۋاپىق تەلىپىنى ماقۇل كۆرمىسىڭىز ئىختىيارىڭىز. بىزنىڭ بىر ئېغىزمۇ ئارتۇق گىپىمىز يوق، ھازىرلا كىتىمىز. بىراق ئەرز قىلىمىز. بۇ بىزنىڭ ھوقوقىمىز. سىز ئاخىرىدا ئۆزىڭىزنىڭ دەۋادا يىڭىلگەنلىكىنى كۆرىسىز.
- مەن سىزنىڭ ماقول بولماقچى بولۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىمەن، - دېدى پاۋلو، - سىز يەنە بىر دەڭسەپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەمما بۇنىڭدىن باشقا يول يوق. ئۇنداقتا مەن سىزگە يەنە شۇنى ئېيتاي، ناۋادا ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ھەرقانداق يامان ئاقىۋەت كۆرۈلسە مەن بۇ دەۋانى مەڭگۈ، تاكى بۇ شىركەتنى ئاغدۇرۋەتكۈچە داۋاملاشتۇرىمەن. ناۋادا گۇۋاھچىمنىڭ پلاتىنا ياكى ئىرىدىي ماتېرىياللىرى ئىچىدە بىرەر چوڭ مېڭە توك يولى قالايمىقانلىشىپ كەتسە مەن مۇمكىن بولىدىغانلىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ (مۇشۇنداق قىلىش زۆرۈر بولۇپ قالسا) شىركەتكە قارىشى جامائەت پىكرى پەيدا قىلىمەن.
پاۋلو ئاندرېۋسقا قاراپ ئېيتتى:
- ئاندرېۋس بۇلارنىڭ ھەممىسىگە قوشۇلامسەن؟  
ئاندرېۋس توپتوغرا بىر مىنۇت ئارىسالدى بولدى. قوشۇلۇش - يالغانچىلىقنى يىپىشتىن، پوپوزا قىلىش – بىر ئادەمنى مەجبورلاش ھەم ئۇنىڭغا ھاقارەت قىلىشتىن دېرەك بېرەتتى. بىراق، ئۇ ئۆز - ئۆزىگە بۇ بىر ئادەم بەدىنىگە زەخمەت يەتكۈزۈش ئەمەس، جىسمانىي جەھەتتىن زەخىملەندۈرۈش ئەمەس دەيتتى. ئۇ ئاخىرى ئىلاجسىزلىقتىن مۈجمەل قىلىپ:
- قوشۇلىمەن، - دېدى.

*****
ئۇ ئۆزىنى پۈتۈنلەي يىڭىدىن ياساپ چىقىلغاندەك ھېس قىلىپ قالدى. بىر نەچچە كۈن، بىرنەچچە ھەپتە ئاخىرىدا بىرنەچچە ئايدىن كىيىن ئاندرېۋس نىمىشقىكىن ئۆزىگە ئوخشىمايۋاتقانلىغىنى ھېس قىلدى. ئۇنىڭ ئەڭ ئاددىي ھەرىكىتىمۇ ئۇنى توختىماي خاتىرجەمسىزلەندۈرەتتى.
پاۋلو ھاياجانلانغانلىقىدىن ئىلىشىپ قالايلا دەپ قالغان ئىدى.
- ئاندرېۋس، ئۇلار سېنى بۇزۇپ قۇيۇپتۇ، ئەرز قىلىشىمىز كېرەك.
ئاندرېۋس پەس ئاۋازدا ئېيتتى:
- سىز... ئۇنداق قىلالمايسىز. سىز بەزى ئىشلارنى... مەڭگۈ ئىسپاتلاپ بېرەلمەيسىز... قەست قىلىش...
- قەست قىلىش جىنايىتىما؟
- قەست قىلىش جىنايىتى. مەن ناھايىتى... كۈچلۈك، تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كىتىپتىمەن. بۇ زەخمە...
- تىترەۋاتامسەن؟
- زەخىملىنىش. گەپنىڭ قىسقىسى، ئىلگىرى ئەزەلدىن بۇنداق پۇرسەت بولۇپ باقمىغان...
ئاندرېۋس ئىچكى قىسىمدىن تارتىپ چوڭ مىڭىسىغىچە ھەممىنى ھېس قىلۋاتاتتى. باشقا ھەرقانداق ئادەم بۇنداق قىلالمايتتى. ئۇ ئۆز بەدىنىنىڭ سالامەتلىكىنى بىلەلەيتتى. بەدەن بىلەن مۇسبەت ئېلېكتىروننى ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىرنەچچە ئاي مەشىق قىلىپ ئۆگىنىش بۇ جەرياندا ئۇ ئەينەك ئالدىدا نۇرغۇن ۋاقتىنى ئۆتكۈزدى.
ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى ئادەمگە ئانچە بەك ئوخشىمايتتى. يۈزى ناھايىتى قاتتىق، كىرىشىپ قالغاندەك بولۇپ، ھەرىكىتىمۇ ئاستا، ئەركىن، يېنىك، تۇسالغۇسىز ئەمەس ئىدى. بەلكىم ۋاقتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ بۇنىڭغا كۆنۈپ كېتەر. ھېچبولمىغاندا ھازىر ئۇ كىيىم كىيەلەيتتى. ئىلگىرىكىدەك مېتالدىن ياسالغان چىرايىدا مەسخرە ئارىلاش كۈلكە كۆرۈلمەيدۇ.
- مەن قايتىپ خىزمەت قىلاي، - دېدى ئۇ ئاخىرى.
پاۋلو كۈلۈپ كەتتى.
- دېمەك تىنىڭىز سالامەت ئىكەندە. ئەمدى نېمە قىلماقچىسىز؟ يەنە بىر كىتاب يازماقچىمۇ؟ - دېدى ئۇ.
- ياق، - دېدى ئاندرېۋس ئەستايىدىللىق بىلەن، - مەن بەك ئۇزۇن ياشاپ كەتتىم. تۇرمۇشنىڭ ھەرقانداق بىر قىسمىتى مېنى بىرنەرسە قىلالمايدۇ. دەسلىپىدە مەن بىر سەنئەتكار ئىدىم، ھازىرمۇ بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرالايمەن. كېيىنچە مەن تارىخنى تەتقىق قىلدىم، بۇ خىزمەتنىمۇ داۋاملاشتۇرالايمەن. ئەمما مەن ھازىر بىر ماشىنا ئادەم بىئولوگى بولۇشنى ئويلاۋاتىمەن.
- دىگىنىڭىز ماشىنا ئادەم پىسخىلوگىيىسىمۇ؟
- ياق، ئۇ مۇسبەت ئېلېكترونلۇق چوڭ مىڭىنى تەتقىق قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. مېنىڭ بۇ ئىشنى قىلغۇم يوق. قارىشىمچە ماشىنا ئادەم بىئولوگىيىسى چوڭ مىڭىگە قاراشلىق بەدەن ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
- ئۇنداقتا بۇ ماشىنا ئادەمشۇناسلىقمۇ؟
- ماشىنا ئادەمشۇناسلىق مېتال گەۋدىنى تەتقىق قىلىدۇ. مەن ئورگانىك گەۋدىگە ئىگە ئادەمگە ئوخشايدىغان ماشىنا ئادەم بەدىنىنى تەتقىق قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن. بىلىشىمچە ھازىر مەنلا مۇشۇنداق گەۋدىگە ئىگە.
- تەتقىقات دائىرىڭىزنى كىچىكلىتىشىڭىز كېرەك، - دېدى پاۋلو ئىنچىكە ئويلانغاندىن كىيىن، - سەنئەتكار بولۇش سۈپۈتىڭىز بىلەن پۈتكۈل ئۇقۇم سىزگە تەۋە بولغان بولىدۇ. تارىخشۇناس بولسىڭىز سىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىڭىز ماشىنا ئادەم تەتقىقاتى بولدى. مانا ئەمدى سىز ماشىنا ئادەم بىئولوگىيىسىنى، يەنى ئۆزىڭىزنى تەتقىق قىلماقچى بولۇۋاتىسىز.
- ئاساسەن شۇنداق، - دېدى ئاندرېۋس بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ.

*****

ئاندرېۋس باشتىن باشلىماقچى بولدى. چۈنكى ئۇ ئادەتتىكى بىئولوگىيە توغرۇلۇق ھېچنېمە بىلمەيتتى. تەبىئىي پەنلەر توغرۇلۇق بىلىدىغانلىرىمۇ كۆپ ئەمەستى. ئۇ دائىم كۈتۈپخانىسىدىن چىقماس بولۋالدى. كۇتۇپخانىسىدىكى ئېلېكترونلۇق ئىندىكىس ماشىنىسىنىڭ ئالدىدا بىر ئولتۇرسا نەچچە سائەت مىدىرلىمايتتى. كىيىۋالغان كىيىملىرى ناھايىتى يارىشىملىق بولۇپ، ئاز ساندىكى كىشىلەرلا ئۇنىڭ ماشىنا ئادەملىك ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. ئۇنىڭغا دەخلى قىلمايتتى.
ئۇ بىر ئېغىز ئۆينى تەجرىبىخانا قىلىپ ئۆزگەرتىپ چىقتى. تەجىربىخانا ئۇ تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ يېنىغا يانداش ياسالدى. كىتاپلىرىمۇ بارغانسېرى كۆپۈيۈشكە باشلىدى. شۇنداق قىلىپ نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ كەتتى. بىر كۈنى پاۋلو ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى.
- سىز ماشىنا ئادەم تارىخىنى تەتقىق قىلماي بەك ئەپسوسلىنارلىق ئىش بولدى. ئامېرىكا ماشىنا ئادەم شىركىتى بىر تۈرلۈك تەلتۆكۈس ئىسلاھ قىلىش سىياسىتىنى قوللانماقچى بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم، - دېدى پاۋلو.
پاۋلو ياشىنىپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ خىرەلىشىپ كەتكەن كۆزلىرى ئالىقاچان نۇر سىزىمچان ھۆجەيرىگە ئالماشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئۇ ئاندرېۋسقا تېخىمۇ يىقىنلاشقان ئىدى.
- ئۇلار نېمە قىلماقچىكەن؟ - دېدى ئاندرېۋس.
- ئۇلار ھازىر مەركىزى ھېسابلاش ماشىنا توپى قۇرۋاتىدۇ. ئۇ ھەقىقەتەن ئىسمى – جىسمىغا لايىق مۇسبەت ئېلېكترونلۇق چوڭ مېڭە توپىدىن ئىبارەت. ئۇلار مىكرو دولقۇن ئارقىلىق ھەرقانداق يەردىكى ئون نەچچە ماشىنا ئادەم ياكى مىڭ نەچچە ماشىنا ئادەم بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرالايدۇ. ئەمما ماشىنا ئادەمنىڭ ئۆزىدە ھېچقانداق چوڭ مېڭە بولمايدۇ. ماشىنا ئادەم بولسا ئاشۇ گىگانت مىڭىنىڭ تۈزگۈچى گەۋدىسى بولۇپ ئەمەلىيەتتە مېڭە بىلەن گەۋدە ئايرىۋىتىلىدۇ.
- بۇنىڭ ئۈنۈمى يوقىرىمۇ؟
- ئامېرىكا ماشىنا ئادەم شىركىتى بۇنىڭ ئۈنۈمدارلىقى تېخىمۇ يۇقىرى دەيدۇ. سىماس روبېرتسون ئەپەندىم ئالەمدىن ئۆتۈشنىڭ ئالدىدا بۇ لاھىيىنى تۈزىگەن ئىكەن. بىراق مەن مېنىڭ قارىشىمچە بۇ سىزگە پايدىسىز بىر ئىش. ئامېرىكا ماشىنا ئادەم شىركىتى ئەمدى سىزگە ئوخشاش ئۆزلىرىگە ئاۋارىچىلىك ئېلىپ كېلىدىغان ماشىنا ئادەم ياسىماسلىققا بەل باغلاپتۇ. شۇڭا ئۇلار چوڭ مېڭە بىلەن گەۋدىنى ئايرىپ تاشلىماقچى. چوڭ مىڭىنىڭ ئالماشتۇرىدىغان گەۋدىسى بولمايدۇ، گەۋدىنىڭ باشقا ئىشلارنى ئويلايدىغان چوڭ مېڭىسى بولمايدۇ.
- ئاندرېۋس، بۇ نېمە دېگەن قىزىقارلىق ھە!، - دېدى پاۋلو كەينىگە ئۇلاپ.
- بۇ سىزنىڭ ماشىنا ئادەم تارىخىغا كۆرسەتكەن تەسىرىڭىزدىن ئىبارەت. دەل سىزنىڭ سەنئىتىڭىز ئامېرىكا ماشىنا ئادەم شىركىتىنىڭ تېخىمۇ نازۇك تېخىمۇ كەسپىي ماشىنا ئادەم ياسىشىغا ئىلھام بەرگەن. سىز دەل ئادەمگە ئوخشايدىغان ماشىنا ئادەم گەۋدىسى تەلەپ قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئامېرىكا ماشىنا ئادەم شىركىتى مېڭە بىلەن گەۋدىنى ئايرىۋىتىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان.
ئاندرېۋس سۈكۈتكە چۈمدى.
- پەرىزىمچە بۇ شىركەت ناھايىتى يوغان چوڭ مېڭە ياساپ چىقىپ نەچچە مىليارد ماشىنا ئادەمنى كونترول قىلماقچى. بارلىق تۇخۇم بىرلا سىۋەتكە سىلىنىدۇ دېگەن گەپ، بۇ نېمە دېگەن خەتەرلىك. ئازاراقمۇ مۇۋاپىق ئەمەس، - دېدى ئاندرېۋس.
- دىگىنىڭىز توغرا ئاندرېۋس، - دېدى پاۋلو، - ئەمما بۇ ئىشقا يۈز يىل كىتىدىغانلىقىدىن گۇمانلانمايمەن. مەن بۇنچە ئۇزۇن ياشىيالمايمەن، شۇڭا ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيمەن. ئەمەلىيەتتە مەن كېلەر يىلىغىچە ياشىيالىشىم مۇمكىن.
- پاۋلو، - دېدى ئاندرېۋس مېھرىبانلىق بىلەن.
پاۋلو مۈرىسىنى قىسىپ قويدى.
- ئاندرېۋس، ئادەم ئاخىرى ئۆلۈپ كېتىدۇ. بىز سىزگە ئوخشىمايمىز. مەن ئۆلۈمنى بەك مۇھىم دەپ قاراپمۇ كەتمەيمەن. مېنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىم سىزگە بىر ئىشنى بىلدۈرۈش. مەن مارتىن ئائىلىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر ئادەم. ھىسابىمدىكى شەخسىي باشقۇرۇپ كىلۋاتقان پۇل سىزنىڭ باشقۇرۇشىڭىزغا ھاۋالە قىلىنىدۇ. سىز ئىقتىسادى باشقۇرۇشتا ئەڭ ئىشەنچلىك ئادەم ھىساپلىنىسىز.
- بۇنىڭ زۆرۆريىتى يوق، - دېدى ئاندرېۋس ئازابلانغان ھالدا. ئۇ مارتىن ئائىلىسىگە كەلگەندىن بۇيان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ۋاپاتىغا زادىلا ئادەتلىنەلمىگەن ئىدى.
- بۇنى تالاشمايلى، بۇ ئىشنى مۇشۇنداق بىكىتەيلى. سىز ھازىر نېمە قىلىۋاتىسىز؟
ھازىر مەن ئادەمگە ئوخشايدىغان ماشىنا ئادەمگە، يەنى ئۆزۈمگە بىر سىستېما لايھىلەۋاتىمەن. بۇ ئارقىلىق ماڭا كېرەكلىك ئېنېرگىيە گىدروكاربون بىرىكمىلەرنىڭ كۈيىشىدىن كېلىدۇ، ئىلگىرىكى يادرو ئېنېرگىيىسى ئىشلىتىلمەيدۇ.
پاۋلو قىشىنى كۆتۈرۈپ قويدى.
- ئۇلارنىڭ نەپەسلىنىشى ۋە تاماق يىيىشى ئۈچۈنما؟
- شۇنداق.
- سىز بۇ يۈلىنىشكە ماڭغىلى قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟
- خېلى ئۇزۇن ۋاقىت بولۇپ قالدى. ئاخىرىدا مەن بىر خىل كۆيدۈرخانا لايىھىلەپ چىقتىم. بۇ ئارقىلىق پارچىلىنىشنى تېزلەتكىلى ۋە كونترول قىلغىلى بولىدۇ.
- بىراق، ئاندرېۋس، نېمىشقا بۇنداق لايھىلەيسىز؟ ئاتوم ئېنېرگىيىسى تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ؟
- بەزى جەھەتلەردە شۇنداق بولۇشى مۇمكىن. بىراق ئاتوم يادروسى ئادەمنىڭ ھۈجەيرىسى ئەمەس.


*****
بۇنداق قۇرۇلما لايىھىلەشكە ۋاقىت كېتىدۇ. بىراق ئاندرېۋسنىڭ ۋاقتى يېتەرلىك. بىرىنچى، پاۋلو خاتىرجەملىك بىلەن كۆز يۇمۇشتىن ئىلگىرى ئۇ ھېچقانداق ئىش قىلىشنى خالىمايدۇ. ئەپەندىمنىڭ نەۋرىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن ئاندرېۋس تېخىمۇ ئۈچمەنلىك دۇنياغا دۇچ كەلدى. شۇڭا تېخىمۇ چوڭ ئىرادىگە كېلىپ ئۆزى تاللىغان يولنى بويلاپ داۋاملىق ماڭماقچى بولدى.
بىراق، ئۇ ھەقىقىي يالغۇز ئەمەس ئىدى. ناۋادا بىر كىشى ئاللىقاچان ئۆلگەن بولسا ئۇنداقتا فىگىرد - مارتىن شىركىتى تېخى ھايات، چۈنكى بىر شىركەت بىر ماشىنا ئادەمگە قارىغاندا ئاسان يوقالمايدۇ.
شىركەتنىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق قائىدە - تۈزۈمى بار. ئۇ سوغوقانلىق بىلەن بۇ تۈزۈملەرگە ئەمەل قىلىدۇ. ھاۋالە قىلىش ۋە ئادۋۇكاتلىق يوللىرى ئارقىلىق ئاندرېۋسنىڭ مۈلكى داۋاملىق ئاۋۇپ باردى. فىگىرد - مارتىن شىركىتى ھەر يىلى كۆپ مىقداردىكى ئادۋۇكاتلىق ھەققى تاپشۇرۇپ تۇردى. نەتىجىدە ئۆزىنى كۆيدۈرخانا بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۆپ تەرەپلىك قانون  ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ قالدى. بىراق، ئاندرېۋس ئامېرىكا ماشىنا ئادەم ۋە مېخانىك ئادەم شىركىتىنى زىيارەت قىلىش ۋاقتى يىتىپ كەلگەندە، ئۇ يالغۇز بېرىپ زىيارەت قىلىدۇ. بىرىنچى قېتىم ئۇ ئەپەندىم بىلەن زىيارەت قىلدى، يەنە بىر قېتىم پاۋلو بىلەن باردى. بۇ قېتىم ئۇ يالغۇز بارىدۇ.
ئامېرىكا ماشىنا ئادەم شىركىتى ئۆزگەرگەن ئىدى. ھەقىقىي ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى غايەت زور بىر بوشلۇق پونكىتىغا ئۆزگۈرۈپ بارغانسېرى كۆپىيۋاتقان سانائەت بازىسىغا ئايلىنۋاتاتتى. نۇرغۇنلىغان ماشىنا ئادەملەر بۇ سانائەتكە ھەرىكىتىگە ئەگىشىپ بارلىققا كەلدى. يەر شارىنىڭ ئۆزى بارغانسېرى بىر باغچىغا ئوخشىشىپ قىلۋاتاتتى. نوپۇسى مۇقىم ھالدا بىر مىلياردلىق سەۋىيىنى ساقلىماقتا. يەر شارىدىكى ماشىنا ئادەملەرنىڭ ئىچىدە 30 پىرسەنتىگە يېقىن ماشىنا ئادەمگە چوڭ مېڭە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
تەتقىقات ئورگىنىنىڭ مۇدىرى ئالفۋېن ماگدىسكا بولۇپ، ئۇنىڭ چېچى ۋە تېرىسى ئوخشاشلا قارا رەڭدە ئىدى. ئېڭىكىدىكى ساقىلى كىچىك ھەم يىرىك بولۇپ، بىلىنىڭ ئۈستىگە كىيىم كىيمىگەن ئىدى، بىراق شۇ دەۋردە مودا بولۋاتقان بەللىك كىيىۋالغان ئىدى. ئاندرېۋس بولسا نەچچە ئون يىل ئىلگىرىكى كونا پاسوندىكى كىيىمىنى كىيۋالغانتى.
ماگدىسكا زىيارەت قىلغىلى كەلگۈچىگە قولىنى ئۇزاتتى.
- مەن سىزنى ئەلۋەتتە بىلىمەن. سىزنى كۆرگىنىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن. سىز بىزنىڭ ئەڭ مەشھۇر مەھسۇلاتىمىز. ئەپسوسلىنارلىقى سىماس روبېرتسون ئەپەندىم سىزگە قارىشى ئىدى. ئەسلى بىز سىز بىلەن ھەمكارلاشساق تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.
- سىز يەنىلا مېنىڭ بىلەن ھەمكارلىشالايسىز، - دېدى ئاندرېۋس.
- ياق، مەن ئۇنداق دەپ قارىمايمەن. بىز ئۇ دەۋىرلەردىن ئۆتۈپ كەتتۇق. بىز ماشىنا ئادەمنى يەر شارىدا يۈز يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە قىلدۇق. ئەمما بۇ خىل ئەھۋال ئۆزگىرىۋاتىدۇ. ئادەم ۋە ماشىنا ئادەم بىرلىكتە بوشلۇققا قايتىپ كېتىدۇ. يەر شارىدا قالىدىغان ماشىنا ئادەملەرگە چوڭ مېڭە سەپلەنمەيدۇ.
- ئەمما مەن تېخى بۇ يەردىن كەتمىدىم، يەنىلا يەرشارىدا تۇرۋاتىمەن.
- شۇنداق، بىراق سىزنىڭ تىنىڭىزدە باشقا ماشىنا ئادەملەردىكىدەك تەركىپلەر كەمچىل. سىزنىڭ يەنە قانداق يىڭى تەلىپىڭىز بار؟
ماشىنا ئادەم تەركىبىنى يەنىمۇ ئازايتىش. گەرچە مەن ھازىر ئورگانىك تەنچىگە ئىگە بولسىمۇ مەن ئورگانىك ئىنىرگىيىگە ئىگە بولۇشنى ئويلايمەن. مېنىڭدە بىر پىلان بار...
ماگدىسكا بۇ پىلاننى كۆرۈشكە ئالدىراپ كەتمىدى. ئۇ دەسلىپىدە بەلكىم كۆرۈشنى ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن. بىراق بىردەم تۇرۇپ قالدى. ئاندىن بارغانسېرى كۆرگىسى كېلىپ قالدى. مۇنداق:    
- بۇ پىلان ناھايىتى ياخشى تۈزۈلۇپتۇ. ئىجادچانلىق بار ئىكەن. بۇلارنى كىم ئويلاپ چىققان؟ - دېدى ئۇ كۆرۈپ چىققاندىن كىيىن
- مەن ئۆزۈم ئويلاپ چىققان، - دېدى ئاندرېۋس.
ماگدىسكا  بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا ئىنچىكىلىك بىلەن قاراپ تۇرۇپ قالدى. ئاندىن:
- بۇ پىلان بويىچە بولسا سىزنىڭ بەدىنىڭىزنى چوڭ رېمونت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنداقلا بۇ رېمونت سىناق خاراكتېرلىك بولىدۇ. چۈنكى بۇنداق ئىش ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان. مەن بۇنداق قىلماسلىق تەكلىپىنى بېرىمەن. سىز ئەسلى ھالىتىڭىزدە تۇرىۋېرىڭ.
ئاندرېۋسنىڭ چىراي ئىپادىسى چەكلىك بولسىمۇ بىراق ئاۋازىدىن يەنىلا تاقەتسىزلىك كەيپىياتى ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.
- دوكتور ماگدىسكا، سىز تېخى بۇ ئىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلماپسىز. سىزنىڭ مېنىڭ تەكلىپىمگە قوشۇلماقتىن باشقا تاللىشىڭىز يوق. ناۋادا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قۇرۇلما مېنىڭ بەدىنىمگە ئورنىتىلسا ئۇنداقتا ئۇنى ئادەملەرنىڭ بەدىنىگىمۇ ئورناتقىلى بولىدۇ. بۇنداق قۇرۇلما ئارقىلىق ئادەمنىڭ ئۈمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ. بۇ خىل يۈلىنىشنى ئىلگىرى بىر قىسىم كىشىلەر توختىماي تىلغا ئالغان. بۇ قۇرۇلمىدىن تېخىمۇ ياخشىسىنى تاپقىلى بولمايدۇ.
- مەن ئىلكىمدىكى فىگىرد - مارتىن شىركىتى ئارقىلىق مەخسۇس پايدا ھوقۇقىنى كونترول قىلىمەن. بىزنىڭ ئۆز تىجارىتىمىزنى يولغا قويۇشقا تولۇق ئىقتىدارىمىز بار. بۇ خىل ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قۇربىمىز يىتىدۇ. بۇ  ئاخىرىدا ماشىنا ئادەم خاراكتېرىنى ئالغان نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنى ياساشقا تەرەققىي قىلىدۇ. ئۇنداقتا سىزنىڭ سودىڭىز زىيانغا ئۇچرايدۇ.
- شۇنداق بولسىمۇ مۇبادا سىز ماڭا ھازىرلا ئوپېراتسىيە قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرسىڭىز ھەم كەلگۈسىدىكى مۇشۇنىڭغا ئوشاش ئەھۋاللاردا مېنى قايتا ئوپېراتسىيە قىلىشقا قوشۇلسىڭىز ئۇنداقتا بىز سىزگە بۇ مەخسۇس پايدا ھوقۇقىنى ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىمىز.  شۇنداقلا سىزنىڭ ماشىنا ئادەم ياساش تېخنىكىسى ۋە ئادەمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېخنىكىسىنى كونترول قىلىشىڭىزغا رۇخسەت قىلىمىز. ئەلۋەتتە، باشلىنىشىدىلا بۇ تېخنىكىلارنى سىزگە ئۆتۈنۈپ بېرەلمەيمىز، تاكى بىرىنچى قېتىملىق ئوپېراتسىيە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانغاندىن كىيىن بەلگىلىك ۋاقىت ئۆتكەنگە قەدەر، ئەمەلىيەت ئوپراتسىينىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى ئىسپاتلىغاندىن كىيىنلا ئاندىن ئۆتۈنۈپ بېرىمىز.
ئاندرېۋس بىر ئادەمگە بۇنداق ئېغىر شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان چىغىدا بىرىنچى نىزامنىڭ ھېچقانداق چەكلەش كۈچىگە ئۇچرىمىدى. ئۇ ھازىر شۇنداق يەكۈن چىقىرۋاتاتتى: شەپقەتسىز بىر نەرسە ئەڭ ئاخىرىدا بەلكىم رەھىمدىل نەرسە بولۇشى مۇمكىن.
دوكتور ماگدىسكا  قاتتىق چۆچۈپ كەتتى.
- مەن بۇ خىل ئىشنى قارار قىلغۇچى ئەمەس، بۇنى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىش كېرەك. بۇنىڭغا ۋاقىت كېتىدۇ، - دېدى ئۇ.
- مەن سەۋرچانلىق بىلەن بىر مەزگىل ۋاقىت ساقلايمەن، - دېدى ئاندرېۋس، - بىراق پەقەت ئەقىلگە مۇۋاپىق بىر مەزگىل ساقلايمەن.
ئۇ بۇ قېتىمقى سۆھبەتتىن رازى بولدى. پاۋلو بولغان بولسىمۇ بۇنىڭدىن ياخشى بىر تەرەپ قىلالىشى ناتايىن دېدى ئۇ ئۆزىگە.
بىر مەزگىل ساقلىغاندىن كىيىن ئوپېراتسىيە ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.
- ئاندرېۋس، مەن بۇ خىل ئوپراتسىيىگە قاتتىق قارىشى تۇرىمەن، - دېدى ماگدىسكا، - بىراق مېنىڭ قارىشى تۇرۇشتىكى سەۋەبىمنى بىلمىسىڭىز كېرەك. ناۋادا باشقا بىر ئادەمنىڭ تىنىدە بۇ خىل سىناق ئىشلەنسە مەن قىلچىلىكمۇ قارىشى تۇرمىغان بولاتتىم. مەن سىزگە سەپلەنگەن مۇسبەت ئېلېكترونلۇق چوڭ مىڭىدە بۇنداق سىناقنى ئىشلەشكە ئۆچ. چۈنكى سىزدە نېرۋا سېستىمىسىغا تەقلىد قىلىنغان لىنىيە بىلەن ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇسبەت ئېلېكترونلۇق چوڭ مېڭە توك يولى بار. شۇڭا، ئەگەر تىنىڭىزنى بۇزۇپ قويساق ئۇنداقتا چوڭ مېڭە مىڭىنى تەسىرگە ئۇچراتماسلىق خەۋىپىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.
- مېنىڭ ئامېرىكا ماشىنا ئادەم شىركىتىدىكى خادىملارنىڭ تېخنىكىسىغا تولۇق ئىشەنچىم بار، - دېدى ئاندرېۋس، - مەن ھازىر بىر نەرسە يىيەلەيدىغان بولدۇم.
- بولىدۇ، سىز ئەمدى زەيتون مىيىنىمۇ ئىستېمال قىلالايسىز. بۇ بەزى چاغلاردا كۆيدۇرخانىنى تازىلاپ تۇرۇش كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. مەن سىزگە چۈشەندۈرۈپ ئۆتكۈنىمگە ئوخشاش. مېنىڭچە بۇ سىزنى بىرئاز بىئارام قىلىدىغان ئىش.
- ناۋادا مەن ئالغا ئىلگىرىلەشنى ئارزو قىلمىغان بولسام ئۇ چاغدا ھەقىقەتەن بىئارام بولغان بولاتتىم. ئۆزۈمنى تازىلاش قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ئەمەس. ئەمەلىيەتتە مەن ھازىر ياساۋاتقان قۇرۇلما يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلالايدۇ. يېمەكلىكلەر ئىچىدە كۆيمەيدىغان بىر قىسىم تاشلاندۇق ماددىلارنى چىقىرۋىتىش كېرەك.
- ئۇنداقتا سىز چوقۇم بىر مەقئەت ياسىشىڭىز كېرەك.
- ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر نەرسە.
- ئاندرېۋس، يەنە باشقا نېمە بار؟
- يەنە باشقا نەرسىلەر بار.
- يەنە كۆپىيىش ئەزالىرىما؟
- ئۇلار پەقەت مېنىڭ لايىھىلەش پىلانىم دائىرىسىگە كىرگۈزۈلسىلا بولىدۇ. مېنىڭ بەدىنىم بىر پارچە ماي بوياق رەسىمى سىزىشقا ئىشلىتىلىدىغان رەختكە ئوخشايدۇ. مەن بۇ يەرگە...
ماگدىسكا  قارىشى تەرەپ سۆزىنى دەپ بولغۇچە ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى بىلىپ ئاندرېۋسنىڭ سۆزىنى تارتىۋالدى:
- بىر ئادەمنى سىزماقچىمۇ؟
- بىز چوقۇم بۇ رەسىمنى كۆرەلەيمىز، - دېدى ئاندرېۋس.
- ئاندرېۋس، سىز بىر ئادەمدىن كۆپ ئەقىللىق. سىز ئورگانىك تەنچىگە ئايلىنىشنى تاللىغاندىن بۇيان چېكىنىشكە باشلىدىڭىز.
- مېنىڭ چوڭ مىڭەم ھېچقانداق زىيانغا ئۇچرىغىنى يوق.
- شۇنداق، زىيانغا ئۇچرىمىدى. مەن بۇ نۇقتىنى ئېتىراپ قىلىمەن. بىراق، ئاندرېۋس، سىزنىڭ مەخسۇس پايدا ھوقۇقىڭىز ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيە قۇرۇلمىسى جەھەتتە پۈتۈنلەي يېڭىچە بۈسۈش بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. ئۇ ھازىر سىزنىڭ نامىڭىزدا بازاردا سېتىلىۋاتىدۇ. سىز كەشپىياتچى بولۇپ تۇنۇلدىڭىز. شۇڭا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇۋاتىسىز. شۇنداق تۇرۇقلۇق سىز نېمە ئۈچۈن يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ بۇ ئويۇننى ئوينىماقچى بولىسىز؟
ئاندرېۋس جاۋاب بەرمىدى.

*****
ئاندرېۋس ئۈزۈلمەي كىلۋاتقان شان – شەرەپكە ئېرىشتى. ئۇ بىر نەچچە ئىلمىي تەشكىلات تەرىپىدىن ئەزالىققا قوبۇل قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇ بەرپا قىلغان يېڭىچە ئىلىم پەن تەشكىلاتى بولغان ماشىنا ئادەم بىئولوگىيىسىنى پۈتۈن ۋۇجودى بىلەن تەتقىق قىلىدىغان بىر تەشكىلاتىمۇ بار ئىدى. ئەمما بۇ ئىلىم كېيىنچە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىلىمى دەپ ئاتالدى. ئۇ ياسالغىنىغا 150 – يىلى بولغان چاغدا ئامېرىكا ماشىنا ئادەم شىركىتى ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى تەقدىرلەش زىياپىتى ئۆتكۈزدى. ئەگەردە ئاندرېۋس بۇنىڭ ئىچىدىكى مەسخىرىنى سەزگەن بولسىمۇ، ئىچىدە بىلىپلا سىرتقا چىقارمىدى.
ئالفۋېن ماگىداسكا ئالىقاچان پېنسىيىگە چىققان بولسىمۇ زىياپەتكە كېلىپ رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ 94 ياشقا كىرىپمۇ ياشاپ كىتۋاتاتتى. چۈنكى ئۇنىڭ بەدىنىدىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان ئىدى. بۇ قۇرۇلمىلار ئۆز رولىدىن باشقا يەنە جىگەر ۋە بۆرەكنىڭ رولىنى ئوينايتتى. ماگىداسكا قىسقا ئەمما كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان قەدەھ سۆزى قىلغاندىن كىيىن، 150 ياشلىق بۇ ماشىنا ئادەم ئۈچۈن رومكىلار كۆتۈرۈلدى. زىياپەت يۇقىرى پەللىگە يەتتى.
ئاندرېۋسنىڭ يۈزىدىكى مۇسكىللار قايتىدىن لايىھىلەنگەن بولۇپ، ئادەملەرنىڭ تۈرلۈك چىراي ئىپادىلىرىنى چىقىرالايتتى. ئەمما ئۇ زىياپەتنى باشتىن ئاخىر قىلچىلىك ئىپادىسىز، سۈرلۈك ھالەتتە ئاخىرلاشتۇردى. ئۇ 150 ياشلىق ماشىنا ئادەم بولۇپ قىلىشنى خالىمايتتى.
ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىلىمى ئاندرېۋسنى يەر شارىدىن ئايرىدى.
150يىللىق خاتىرە كۈن تەبرىكلىنىپ نەچچە ئون يىلدىن كىيىن ئاي شارى ھەر قايسى تەرەپلەردە(ئېغىرلىق كۈچىدىن باشقا) يەر شارىدىنمۇ ياخشى بىر دۇنياغا ئايلىنىپ قالدى. ئۇنىڭ يەر ئاستى شەھىرىدىكى ئادەمنىڭ زىچلىقى خېلى بار ئىدى. ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيە قۇرۇلمىسى بىرقەدەر كىچىك ئېغىرلىق كۈچى بولۇشنى تەلەپ قىلاتتى. ئاندرېۋس ئاي شارىدا شۇ يەردىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن بەش يىل بىرلىكتە خىزمەت قىلىپ زۆرۈر بولغان ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپراتسىيىلىرىنى ئىشلىدى. ئۇ خىزمەتتىن سىرتقى چاغلاردا ماشىنا ئادەم ئاھالىلىرىنىڭ ئىچىدە ئايلىنىپ يۈردى. ھەر بىر ماشىنا ئادەم ئۇنى ئادەمگە ئوخشاش ئىجتىھاتلىق، تىرىشچان دەپ بىلەتتى.
ئۇ ئاي شارى بىلەن سېلىشتۇرغاندا نىسبەتەن زېرىكىشلىك ھەم تىنچ بولغان يەر شارىغا قايتىپ كەلگەندە فىگىرد - مارتىن شىركىتىنىڭ بىر نەچچە ئىشخانىسىنى يوقلاپ ئۆزىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.
نۆۋەتتىكى شىركەتنىڭ باشلىقى سىمون دىران قاتتىق چۈچۈپ كەتتى.
- ئاندرېۋس، بىز سىزنىڭ كىلىدىغانلىقىڭىزنى ئاڭلىغانتۇق، - دېدى ئۇ، - ئەمما سىزنىڭ كىلەركى ھەپتە قايتىپ كىلىشىڭىزنى ئارزۇ قىلغانتۇق.
- مەن سەۋرى قىلالمايمەن، - دېدى ئاندرېۋس ئاچچىىقىنى يۇشۇرمايلا، - سىمون، ئاي شارىدا مەن 20 ئادەمدىن تەشكىللەنگەن بىر ئىلىمىي تەشكىلاتنىڭ تەتقىقات خىزمىتىگە مەسئۇل بولدۇم. مەن بۇيرۇق چۈشۈرسەم ھېچكىم بىرنىمە دېمەيدۇ. ئاي شارىدىكى ماشىنا ئادەملەر ئىنسانلارنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلىغاندەك مېنىڭ بۇيرۇقۇمغا ئەمەل قىلىدۇ. مەن نېمىشقا ئادەم بولالمىغۇدەكمەن؟
دىران ئەپەندىنىڭ ئىككى كۆزىدە ھۇشيارلىق ئالامەتلىرى پەيدا بولدى.
- ھۆرمەتلىك ئاندرېۋس ئەپەندىم، بايا سىز ئېيتىپ ئۆتكەندەك سىز ئادەم ۋە ماشىنا ئادەملەر تەرىپىدىن ئادەم دەپ قارالدىڭىز. شۇڭا سىز رىئاللىقتىكى ئادەم ھىساپلىنىسىز.
- بىر رېئال ئادەم بولۇش بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ. مەن ئادەم دەپ قارىلىپلا قالماستىن بەلكى يەنە قانون جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىنىشىم كېرەك. مەن قانون ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان ئادەم بولۇشنى خالايمەن.
- بۇ باشقا ئىش، - دېدى دىران سىمون، - بۇ ئىشقا ئىنسانلارنىڭ باشقىچە كۆز قاراشتا بولۇشى مۇمكىن. بۇ بىر كۆز يۇمغۇلى بولمايدىغان ھەقىقەت. سىز قانچىلىك دەرىجىدە ئادەمگە ئوخشاڭ يەنىلا ئىنسان ئەمەس.
- قايسى جەھەتتىن ئوخشىمايمەن؟ - دېدى ئاندرېۋس، - مەندە ئادەمگە ئوخشاش بەدەن ۋە ئادەمنىكىگە ئوخشاش ئەزالار بار. ئەمەلىيەتتە مېنىڭ بىر نەچچە ئەزايىم ئادەملەرنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بىر قىسىم ئىچكى ئەزاسى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش. مەن ئىلگىرى سەنئەت، ئەدەبىيەت ۋە ئىلىم – پەن جەھەتتە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ تۆھپىلەرنى قوشتۇم. بۇ تۆھپىلەر ھازىر ھايات ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ قوشقان تۆھپىسىدەكلا كۆپ. شۇنداق تۇرۇپ كىشىلەر يەنە نېمە دېمەكچى؟
- مەن ھېچنېمە سورىمايمەن. ئاۋارىچىلىك دەل دۇنيا قانون چىقىرىش ئورگىنىنىڭ بىر قانون لايىھىسى ماقۇللاپ سىزنىڭ ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى ئېتىراپ قىلىش - قىلماسلىقىدا. كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتسام مەن ئۇنداق ئاۋارىچىلىك بولمىسىكەن دەيمەن.
- قانون چىقىرىش ئورگىنىدا مەن كىم بىلەن سۆزلىشىمەن؟
- بەلكىم پەن – تېخنىكا كومتىتىنىڭ رەئىسى بىلەن سۆزلىشىشىڭىز مۇمكىن.
- سىز مۇشۇنداق كۆرۈشۈشنى ئورۇنلاشتۇرالامسىز؟
- بۇنىڭغا بىر ئادەمنىڭ ئارىغا چۈشۈشى كەتمەيدۇ. سىز ھازىرقى ئورنىڭىزغا ئاساسەن بىۋاسىتىلا...
- ياق، سىز بىر قېتىملىق كۆرۈشۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇڭ، - دېدى ئاندرېۋس.
ئۇ بىر ئادەمگە بۇيرۇق قىلىشنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئاي شارىدا بۇنداق بۇيرۇق چۈشۈرۈشكە ئالىقاچان ئادەتلىنىپ قالغان ئىدى.
- مەن ئۇنىڭ فىگىرد – مارتىن شىركىتىنىڭ بۇ ئىشتا مېنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
- بولىدۇ، ھازىرلا...
- سىمون، مېنى تولۇق قوللاڭ. 173 يىل جەريانىدا مەن ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق شەكىللەر بىلەن بۇ شىركەت ئۈچۈن غايەت زور تۆھپىلەرنى قوشتۇم. ئىلگىرى شىركەتتىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مېھرى – شەپقىتىگە ئېرىشتىم. ئەمما ھازىر ئۇنداق ئەمەس. ھازىرقى ئەھۋال ئىلگىرىكى بىلەن ئوخشىمايدۇ. مەن ھازىر قەرزلەرنى قايتۇرۋىلىشنى ئويلاۋاتىمەن.
- مەن قولۇمدىن كىلىشىچە ياردەملىشىمەن، - دىران ئەپەندىم.

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-05 13:48 |
Oghuz_han
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 12543
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 7 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 60 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 17(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-05

 

*****
پەن – تېخنىكا كومتىتىنىڭ رەئىسى شەرقى جەنوبى ئاسىيالىق بىر ئايال كىشى ئىدى. ئۇنىڭ ئىسمى لىھسىن بولۇپ، سۈزۈك كىيىم كىيۋالغانتى. كىيىمىنىڭ ئۈستىدىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نەرسىلا ئۇنىڭ توسىۋىلىشنى خالايدىغان يېرىنىلا يىپىپ تۇراتتى. بۇ كىيىم قارىماققا ئۇنى خوددى سۇلياۋ بىلەن قاپلاپ قويغاندەك كۆرسىتەتتى.
- سىز كىشىلىك ھوقوقتىن تولۇق بەھرىمەن بولماقچى، مەن سىزنىڭ بۇ ئارزويىڭىزغا ھېسداشلىق قىلىمەن، - دېدى ئۇ، - تارىختا بىر قىسىم ئاھالىلەرنىڭ تولۇق كىشىلىك ھوقوقتىن بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. شۇنداق بولسىمۇ سىز بەھرىمەن بولماقچى بولغىنى قانداق ھوقۇق؟
- مېنىڭ مەۋجوتلۇقۇمغا ئوخشاش ئاددىي ئىش، - دېدى ئاندرېۋس، - بىر ماشىنا ئادەمگە ھەرقانداق بىر ۋاقىتتا پارچىلىنىش خەۋىپى بولۇشى مۇمكىن.
- بىر ئادەمبىڭمۇ ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۈلۈش مۇمكىنچىلىكى بار.
- پەقەت بىر قاتار قانونىي رەسىمىيەتلەر بىجىرلىگەندىن كىيىنلا ئاندىن ئۆلتۈرلىدۇ. بىراق پارچىلىۋىتىش ئىشىدا ھېچقانداق سوراق يوق. پەقەت ھوقوقلۇق بىر ئادەم بىر ئېغىز بۇيرۇق چۈشۈرسىلا مېنىڭ ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا... يەنە...- ئاندرېۋس كۈچىنىڭ بىرىچە ئامال بار ئۆز قارىشىنى ئاقلاش نىيىتىنى ئاشكارىلىماسلىققا تىرىشتى. ئەمما ئۇنىڭ ئىنچىكە لايىھىلەنگەن ئىنسان چىراي ئىپادىسى ۋە تەلەپپۇزى سۆزبەتنىڭ داۋامىدا ئۇنىڭ بۇ نىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويدى، - ئىشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى شۇكى مەن بىر ئادەمگە ئايلانماقچى. مەن بۇ مىنوتلارنى ئادەمنىڭ ئالتە ئەۋلادىچىلىك ۋاقىت بولدى.
لىھسىن بېشىنى كۆتۈردى. ھىسداشلىققا تولغان قاپقارا كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىكتى.
- قانون چىقىرىش ئورگىنى سىزنىڭ ئادەم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالايدىغان قانون ئېلان قىلالايدۇ. ئۇلار خالىسا بىر قانون لايىھىسى ماقۇللاش ئارقىلىق بىر تاش ھەيكەلنىمۇ ئادەم دەپ ئېتىراپ قىلىشىدۇ. لېكىن ئۇلار بۇنداق قىلمايدۇ. بىرىنچى خىل ئەھۋالدىكى مۇمكىنىلىك بىلەن ئىكىنچى خىل ئەھۋالدىكى مۇمكىنلىك ئوخشاش. پارلامېنت ئەزالىرى ۋە باشقا كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئادەمنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. شۇڭا ھامان بىر قىسىم كىشىلەر كۆڭلىدە شۆبھىلىنىپ ماشىنا ئادەمگە قارىشى ئىدىيىدە بولىدۇ.
- تا ھازىرىغىچە شۇنداقمۇ؟
- ھازىرغىچە شۇنداق. بىز ھەممىمىز بۇ رىئالىقنى ئېتىراپ قىلىمىز: سىز ئالىقاچان نۇرغۇن كىشىنىڭ ئالىقىشىغا ئېرىشتىڭىز. شۇڭا يەنىلا بىر قىسىم كىشىلەر بۇ ئىش سەۋەبلىك يىڭى بىر ئاۋارىچىلىكنىڭ باشلىنىشىغا ئۆرنەك بولۇپ بېرىشىدىن قورقىدۇ.
- قانداق قىلىپ ئۆرنەك بولۇپ قالىدۇ؟ مەن بىردىنبىر ئەركىن ماشىنا ئادەم. ماڭا ئوخشاش تىپتىكىلەرنىڭ بىردىنبىرى، شۇڭا مەڭگۈ ئىككىنچىسى بولمايدۇ. سىز ئامېرىكا ماشىنا ئادەم شىركىتىدىن سۈرۈشتۈرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.
- مەڭگۈ ئۇنداق بولمايدۇ. بۇ ناھايىتى ئۇزۇن گەپ. ئاندرېۋس، بەلكىم سىزنى سىز تېخىمۇ ياخشى كۆرىدىغان ئىسىم بىلەن ئاتىغاندا مارتىن ئەپەندىم، چۈنكى مەن خۇشاللىق بىلەن سىزگە مارتىن دېگەن بۇ  ئادەمنىڭ نامىنى بېرىشنى خالايمەن. بۇ ئۆرنەكنىڭ ئەھمىيىتى بولۇش ياكى بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، سىز كۆپ قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بۇ ئىشتا باشلامچى بولمايدىغانلىقىنى بايقايسىز. مارتىن ئەپەندىم، مەن سىزگە ھېسداشلىق قىلىمەن. بىراق بىراق سىزگە ئىلھام بېرەلمەيمەن، راست...
ئۇ ئورۇندۇقنىڭ كەينىگە يۈلەندى، پىشانىلىرىدە قورۇق پەيدا بولدى.
- راست، ناۋادا تالاش – تارتىش قىزىپ كەتسە قانون چىقىرىش ئورگىنىنىڭ ئىچى – سىرتىدا سىز ئوتتۇرىغا قويغان پارچىلۋىتىش توغرۇلۇق ئىشقا مەلۇم بىر خىل كەيپىيات پەيدا بولۇشى مۇمكىن. مۇنداقچە ئېيتقاندا سىزنى يوقۇتۋىتىش مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ توغرا ئۇسۇلى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ ئىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئىلگىرى مەن دېگەنلەرنى ئويلىنىپ باقارسىز.
ئاندرېۋسنىڭ مۇئامىلىسى ناھايىتى قەتئىي ئىدى.
- ئەجەبا بىرەر كىشى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپراتسىيىسىنى ئېسىدە تۇتالماسمۇ؟ بۇ خىل تېخنىكىنى مەن ئىجات قىلغان.
- تولىمۇ ئەپسۇس، ئۇلار بۇ تېخنىكىنى نەزەرگە ئالمايدۇ. ئەگەر ئېسىدە تۇتىدۇ دېيىلسە ئۇنداقتا بۇ سىزگە پايدىسىز بولۇشى مۇمكىن. كىشىلەر سىز كەشىپ قىلغان بۇ تېخنىكىنى پەقەتلا ئۆزى ئۈچۈن دېيىشىدۇ. ئاخىرى بۇ ئىش ماشىنا ئادەملەشتۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى دىيىلىشى ياكى ماشىنا ئادەم ھەرىكىتىنى ئادەم ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ بىر قىسمى دىيىلىشى مۇمكىن. بۇ ئىككى خىل ئەھۋالنىڭ ھەممىسى ناھايىتى قەبىھ ھەم سىزگە  زىيانلىق. مارتىن ئەپەندىم، سىز ئەزەلدىن سىياسىي ئۆچمەنلىك ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ باقمىغان. بىراق سىزگە ئېيتىپ قۇياي، سىز بوھتان چاپلاش ئوبىكتىغا ئايلىنىپ قالىسىز. بۇ خىل تۆھمەتكە مەيلى سىز ياكى مەن بولۇشتىن قەتئىي نەزەر ئىشەنمەيمىز. ئەمما بۇنىڭغا شەرتسىز ئىشىنىدىغانلار بار. مارتىن ئەپەندىم، تەقدىرگە تەن بېرەيلى.
لىھسىن خانىم ئورنىدىن تۇردى. ئۇ ئاندرېۋسنىڭ ئولتۇرۇش قىياپىتى ئالدىدا خوددى ۋىجىك بىر گەۋدىگە ئوخشايتتى، بەئەينى كىچىك بالىدەكلا كۆرۈنەتتى.
- ناۋادا مەن راست ئادەم بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈشنى قارار قىلسام سىز قوللامسىز؟
ئۇ بىردەم ئويلاندى. ئاندىن جاۋاب بەردى:
- قولۇمدىن كېلىدىغان دائىرىدە مەن سىزنى قوللايمەن. ناۋادا بۇ خىل قوللاش مېنىڭ سىياسىي ھاياتىمغا خەتەر يەتكۈزىدىغان بولۇپ قالغۇدەك بولسا بەلكىم سىزدىن ۋاز كېچىشىم مۇمكىن. چۈنكى، بۇ خىل دەرد – تالاش مېنىڭ ئېتىقاد دائىرەمدىكى يادرولۇق ئىش ئەمەس. مەن سىزنىڭ سەمىيمى دوستىڭىز بولۇشنى خالايمەن.
- رەھمەت سىزگە، مەن سىزگە تېخىمۇ كۆپ تەلەپ قويمايمەن. نەتىجىسى قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر مەن بۇ كۆرەشنى ئاخىرىغىچە ئېلىپ بارىمەن. مەن پەقەت سىزنىڭ قولىڭىزدىن كېلىدىغان دائىرىدە ماڭا ياردەم بېرىشىڭىزنىلا ئۈمىد قىلىمەن.

*****
بۇ بىر مەيدان روبىرو ئۇرۇشقا ئوخشىمايدۇ. مارتىن – فىگىرد شىركىتى ئاندرېۋسنىڭ سەۋرى قىلىشىنى ئۈتۈندى. بىراق ئاندرېۋس قاتتىق خاپا بولغان ھالدا ئۆزىدە چەكسىز سەۋرچانلىق بارلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن مارتىن – فىگىرد شىركىتى بىر مەيدان ھەرىكەت ئۇيۇشتۇرۇپ كۈرەش قىلىش دائىرىسىنى كىچىكلىتىشكە ۋە چەكلەشكە تۇتۇش قىلدى.
ئۇلار يۈرىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئادەمنىڭ قەرز قايتۇرۇش مەجبورىيىتى بارلىقىنى ئىنكار قىلىپ شىكايەت قىلدى، ئەيىبلىدى. ئۇلار ماشىنا ئورگانىزىملارغا ئىگە ئادەملەرنىڭ ئادەملىك سالاھىيىتىنى يوقاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاساسىي قانونلاردىكى گىراژدانلىق ھوقوقىنىمۇ يوقاتقانلىقىنى سەۋەب قىلىپ تۇرۋالدى. ئۇلار بۇ ئىشتا ناھايىتى جانلىق ھەم كەسكىن مۇنازىرە ئېلىپ باردى. ھەر قېتىملىق مۇنازىرە مەغلۇپ بولسىمۇ، ئەمما مەغلوپ بولۇش شەكلىدە ھۆكۈمنى ئامالنىڭ بېرىچە بوش بولۇشىنى قولغا كەلتۈردى. ئاندىن دۇنيا سوتىغا نارازىلىق ئەرز سۇنۇش شەكلى بىلەن بۇ دەۋانى داۋاملاشتۇردى.
بۇ دەۋا ئۇزۇن يىل سوزۇلدى، نەچچە مىليون دوللار خەجلەندى.
ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈم ئېلان قىلىنىدىغان چاغدا دىران ئارقا –ئارقىدىن دەۋادا مەغلوپ بولۇش ئارقىلىق ئاخىرىدا غەلىبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئاندرېۋس بۇ چاغدا شىركەتتىكى ھەرقايسى ئىشخانىلارنىڭ تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
- ئاندرېۋس، بىز ئىككى ئىش قىلدۇق، - دېدى دىران ئەپەندىم، - ھەر ئىككىسى ناھايىتى خۇشاللىق ئىش. ئالدى بىلەن بىز ئادەم بەدىنى ئىچىگە قانچىلىك سۈنئىي ئەزە ئورنىتىلىشتىن قەتئىي نەزەر يەنىلا ئادەم دەپ بەلگىلىدۇق. ئاندىن كىيىن بۇ مەسىلە ئۈستىدە پايدىلىق جامائەت پىكرىنى قولغا كەلتۈردۇق. جامائەت پىكرىنى قولغا كەلتۈرۈشتە بىز ئىنسان ماھىيىتىنى كەڭ دائىرىدە شەرھىلىيلەشنى تەكىتلىدۇق. چۈنكى ناۋادا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپراتسىيىسى قىلىنغان ئادەم داۋاملىق ياشىسا ئۇنداقتا بۇ خىل ئوپراتسىيىنى ئارزو قىلمايدىغان ئادەم قالمايدۇ...
- سىزنىڭچە قانون چىقىرىش ئورگىنى ھازىر ماڭا كىشىلىك ھوقۇق بېرەلەمدۇ؟ - سورىدى ئاندرېۋس.
دىران ئەپەندىم سەل ئوڭايسىزلاندى.
- بۇ نۇقتىدا مەن كېسىپ ئېيتالمايمەن. يەنىلا دۇنيا سوتى تەرىپىدىن ئادەمدىلا بولۇشقا تېگىشلىك دەپ قارىلىدىغان ئۆلچەملىك بىر ئەزا بار. ئادەمدە بىر ئورگانىك ھۆجەيرىلەردىن تۈزۈلگەن مېڭە بار. ئەمما ماشىنا ئادەمدە پلاتىنىرىدىي مۇسبەت ئېلېكترون چوڭ مېڭە بار(ئەگەر ئۇلاردا بىرلا مېڭە بولسا). سىزدە دەل شۇنداق مېڭە مەۋجوت. ئاندرېۋس، ماڭا بۇنداق قارىماڭ. بىزدە ھۈجەيرىلىك مېڭە رولىنى تەقلىد قىلىپ ئىشلەش بىلىملىرى كەمچىل. ئادەمنىڭ مىڭىسىگە يېقىن كېلىدىغان سۈنئىي مېڭە ياساش ئارقىلىق سوتنىڭ ھۆكۈمىگە تاقابىل تۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، ھەتتا سىزمۇ بۇنداق قىلالمايسىز...
- ئۇنداقتا بىز قانداق قىلىمىز؟
- ئەلۋەتتە سىناپ باقمىز. پارلامېنت ئەزاسى لىھسىن خانىم بىزنى قوللايدۇ. باشقا تېخىمۇ كۆپ پارلامېنت ئەزالىرىمۇ بىزنى قوللايدۇ. بۇ ئىشتا پىرزىدىنت قانون چىقىرىش ئورگىنىدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ قارىشىغا قوشۇلىدۇ.
- بىزدە بۇنداق كۆپ سانلىق بارمۇ؟
- يوق، بۇنداق كۆپ سانلىققا ئېرىشمەك تەس. بىراق ئامما ئادەمگە بولغان كەڭ مەنىلىك شەرھىينى سىزگە يۆتكىسە ئۇنداقتا بىز كۆپ سانغا ئېرىشىمىز. بۇ بىر كىچىك پۇرسەت. مەن بۇ نۇقتىنى ئېتىراپ قىلىمەن. بىراق مۇبادا سىز بەل قويۋەتمىسىڭىز بىر تەۋەككۈل قىلىپ باقايلى.
- مەن چېكىنمەيمەن.
پارلامېنت ئەزاسى لىھسىن خانىم ئاندرېۋس بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن چاغدىكىدىن جىق قېرىپ كەتكەن بولۇپ، سۈزۈك كىيىمنى ئالىقاچان كىيمەس بولۇپ قالغان ئىدى. چېچى قىسقا كېسىلگەن بولۇپ، سىلىندىرسىمان كىيىم كىيۋالغانتى. ئەمما ئاندرېۋس بولسا يەنىلا يۈز يىل ئاۋۋالقى كىيىمنى كىيىپ يۈرەتتى.
- ئاندرېۋس، بىز سۆھبەتلەشكەن مەزمونلار بىزنىڭ دائىرىمىزدىن يىراقلاپ كەتتى، - دېدى لىھسىن ئېتىراپ قىلىپ، - يىغىن ئارىلىقىدىكى دەملىشتىن كىيىن بىز يەنە بىر قېتىم دىيىشىمىز. بىراق،  راستىنى ئېيتقاندا بۇ ئىش مۇقەررەر مەغلوپ بولىدۇ. شۇڭا ھەرقانداق ئىشقا بەرداشلىق بېرىشىمىز كېرەك. مېنىڭ يېقىندىن بۇيانقى بارلىق تىرىشچانلىقلىرىم پەقەتلا كېلىش ئالدىدا تۇرغان پارلامېنت پائالىيىتىدە مەغلوبىيىتىمنى جەزىملەشتۈرىدۇ...
- چۈشۈنىمەن، - دېدى ئاندرېۋس، - بۇ مېنى ئازاپلايدۇ. سىز ئىلگىرى ئەگەر مەغلوپ بولسىڭىز مېنىڭدىن ۋاز كېچىمەن دىگەنتىڭىز. نېمىشقا ئۇنداق قىلمايسىز؟
- سىزگە ئايان، ئادەملەرنىڭ ئوي- پىكرى ئۆزگىرەپ تۇرىدۇ. نېمە ئۈچۈنكىن، سىزدىن ۋاز كېچىش مېنىڭ يەنە بىر قېتىم پارلامېنت ئەزاسى بولۇش ئۈچۈن تۆلىگەن بەدىلىمدىن چوڭ بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىمەن. ئەمەلىيەتتە مەن قانون چىقىرىش ئورگىنىدا 25 يىلدىن ئارتۇق تۇردۇم، شۇنىڭ ئۆزى يېتەرلىك.
- ئەجەبا بىزنىڭ بۇ تەغدىرنى ئۆزگەرتىشكە ئامالىمىز يوقمۇ؟
- بىز ئالىقاچان مۇۋاپىق ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنى ئۆزگەرتىپ بولدۇق. قالغىنى ئۆزگەرمەيدىغان نەرسىلەر. كۆپ قىسىم خەلق ئاممىسى ياقتۇرماسلىقنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمايۋاتىدۇ.
- ياقتۇرماسلىق بىلەت تاشلاش ئارقىلىق بىكىتىدىغان بىر خىل ياكى يەنە بىر خىل ئۇسولنىڭ ئورۇنلۇق سەۋەبى ئەمەس.
- ئاندرېۋس، مەن بۇ نۇقتىنى بىلىمەن. بىراق ئۇلارنىڭ ھېسسىيات جەھەتتىكى ئېغىشى ئەقىلدىن ئۈستۈن كېلىدۇ.
- ئۇنداقتا ئاخىرقى ھىساپتا مىڭىنىڭ ئىشى قاپتۇ، - دېدى ئاندرېۋس ئېھتىياتچانلىق بىلەن، - بىراق بىز مەسىلىنى چوقۇم ھۆجەيرە بىلەن مۇسبەت ئېلېكترون ئۈستىدە توختىتىپ قويۇشىمىز كېرەكمۇ؟ ئەجەبا كېيىنكى ئەمىلىي قوللۇنۇشچان ئېنىقلىما توغرۇلۇق بىسىم ئىشلەتكىلى بولماسمۇ؟ ئەجەبا بىز مېڭە ئۇنداق ياكى مۇنداق نەرسىلەردىن تۈزۈلگەن دىيىشىمىز كېرەكمۇ؟ ئەجەبا مېڭە دېگەن مەلۇم بىر خىل ياكى خالىغان بىر خىل تەپەككۇر قىلالايدىغان نەرسە دەپ ئېيتالمامدۇق؟
- بولمايدۇ، - دېدى لىھسىن خانىم، - سىزنىڭ مىڭىڭىز سۈنئىي ئۇسولدا ياسالغان، ئادەمنىڭ ئۇنداق ئەمەس. سىزنىڭ ياسالغان، ئادەمنىڭ بولسا تەدرىجىي تەرەققىيات ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن. ئادەم ۋە ماشىنا ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى بۇنداق توسالغۇدا چىڭ تۇرۇشنى ئويلايدىغان ھەرقانداق ئادەم ئۈچۈن بۇ پەرق ئېگىزلىكى بىر مىل، كەڭلىكى بىر مىل كېلىدىغان مۇستەھكەم قۇرغاندىن ئىبارەت.
- ناۋادا بىز ئۇلارنىڭ قارىمۇ – قارىشىلىق سەۋەب مەنبەسىنى چۈشەنسەك، بۇ مەنبە...
- سىز شۇنچە ئۇزاق يىلدىن كېيىنمۇ، - دېدى لىھسىن خانىم، - يەنىلا ئىنسانلارنى قايىل قىلىشنى ئويلاۋاتىسىز. بىچارە ئاندرېۋس، ئاچىقلانماڭ، دەل سىزنىڭ ماشىنا ئادەم خاراكتىرىڭىز سىزنى مۇشۇنداق قىلىشقا ئۈندەيدىكەن.
- بىلمەيمەن، - دېدى ئاندرېۋس، - مەن ئۆزۈمنى زادى...

*****
ئۇ ئۆزىنى زادى...
ئاندرېۋس ئۇزۇندىن بۇيان ئىشنىڭ مۇشۇ دەرىجىگە تەرەققىي قىلىشىنى بىلگەن ئىدى. ئۇ ئاخىرى بۇ تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرىنىڭ ئىشخانىسىغا كەلدى. ئۇ پات ئارىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئوپراتسىيىنى ئىشلەيدىغان ھەم شۇنداقلا تېخنىكىسى ئالاھىدە پىششىق تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى بولۇپ، بۇ ئاندرېۋسنىڭ بىر نەپەر تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرلۇقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالالايدىغان ماشىنا ئادەم تاپقانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. چۈنكى بۇ خىل ئوپراتسىيىنى باشقا ھەرقانداق بىر تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرىنىڭ قىلالايدىغانلىقىغا  ئىشىنىشكە بولمايتتى. مەيلى ئۇنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئىرادىسى قانچىلىك يۇقىرى بولۇشتىن قەتئىي نەزەر بولمايتتى.
بۇ ماشىنا ئادەم دوختۇر ھېچقانداق ئادەمنى ئوپېراتسىيە قىلىپ باقمىغان ئىدى. شۇڭا ئاندرېۋس قايغۇرغان قىياپەتتە گەپ قىلىپ قارار چىقىرىدىغان ۋاقتنى ئەتەي كەينىگە سوزۋاتاتتى. بۇ ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ پەرىشانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى. ئاخىرى ئۇ بىرىنچى نىزامغا بوي سۇنمىغان ئاساستا مەنمۇ ماشىنا ئادەم دەۋەتتى.
ئارقىدىن قەتئىي تەلەپپۇزدا ئېيتتى:
- مەن سېنىڭ بۇ ئوپراتسىيىنى قىلىشقا بۇيرۇق قىلىمەن.
بۇ ئۇنىڭ نەچچە ئون يىل جەريانىدا ئۆگەنگەن مەقسىتىنى تولۇق ئىپادىلەيدىغان كەسكىنلىكنىڭ نەتىجىسى بولۇپ بەزىدە ھەتتا ئادەمگىمۇ شۇنداق دەيتتى.
بىرىنچى نىزام ئەمەلدىن قالغاندىن كىيىن ئادەمگە ناھايىتى ئوخشايدىغان نەرسىنىڭ بۇنداق كەسكىن بۇيرۇق قىلىشى ئىككىنچى نىزامنى كۈچكە ئىگە قىلىشقا يىتىپ ئاشاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاجىز سىزىمدا قىلچىلىك ئەمىلىيەتچانلىق يوقلىقىغا ئاندرېۋس تولۇق ئىشىنەتتى. ئۇ ئوپراتسىيەنى ئاخىرلاشتۇردى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئامالنىڭ بېرىچە تەبىئىي ھالدا تامغا يۈلەندى.

*****
- ئاندرېۋس، - دېدى لىھسىن خانىم، - بۇ ھەپتە ئەڭ ئاخىرقى ئاۋازغا قۇيۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەن يەنە كېچىكتۈرسەم بولمايدۇ. شۇنداقلا بىزنىڭ مەغلوپ بولىدىغىنىمىز مۇقەررەر. ئاندرېۋس، بۇ ئىش شۇنداق بولىدۇ.
- مەن ئاۋاز بېرىشنى كېچىكتۈرگىنىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ مېنىڭ تەۋەككۈل قىلىپ بىقىشىم ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ۋاقتنى قولغا كەلتۈرۈپ بەردى.
- قانداق تەۋەككۈلچىلىك؟ - دېدى لىھسىن خانىم كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا.
- سىزگە دېيەلمەيمەن،  ھەتتا فىگىرد – مارتىن شىركىتىدىكى كىشىلەرگىمۇ ئېيتالمايمەن. مەن ئۆزۈمنىڭ ئاسان بەل قويۋىتىدىغىنىمغا ئىشەنمەيمەن. قاراڭ، تالاش – تارتىش ئەگەر مېڭە ئۈستىدە بولسا ئۇنداقتا مەڭگۈ مەۋجۇد بولۇش مەسىلىسى ئەجەبا ئەڭ چوڭ مۇنازىرە ئەمەسمۇ؟ كىممۇ مىڭىنىڭ نېمىگە ئوخشايدىغانلىقى، نىمىدىن تۈزۈلگەنلىكىگە، قانداق تۈزۈلگەنلىكىگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدۇ؟ مۇھىمى ئادەمنىڭ مېڭە ھۆجەيرىلىرى ئۆلىدۇ، مۇقەررەر ئۈلىدۇ. گەرچە باشقا ئادەم ئورگانىزىملىرى ئەسلى ھالىتىنى ساقلىسىمۇ ياكى ئالماشتۇرۇلسىمۇ مېڭە ھۆجەيرىلىرى ئاخىرىدا ھامان ئۆلىدۇ(ئۇنى ئادەمنىڭ خاسلىقىنى ئۆزگەرتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئالماشتۇرغىلى بولمايدۇ).
- مېنىڭدىكى مۇسبەت ئېلېكترونلۇق توك يولىغا ئىككى يۈز يىلدەك بولدى، ئەمما  كۆرۈنەرلىك ئۆزگەرمىدى، شۇنداقلا يەنە نەچچە يۈز يىل ئىشلەيدۇ. ئەجەبا بۇ ئەڭ ئاساسلىق توسالغۇ ئەمەسمۇ؟ كىشىلەرنىڭ ماشىنا ئادەمنىڭ مەڭگۈ مەۋجۇد بولىشى كارى يوق، چۈنكى ماشىنا دېگەن قانچىلىك ئۇزۇن مەۋجوت بولسىمۇ كارايىتى چاغلىق. ئەمما ئۇلار مەڭگۈ مەۋجوت بولۇپ تۇرىدىغان ئادەمنى سىغدۇرالمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر ھالاكىتىنى ئۇمومىيلىققا ئىگە ئورتاق بىر ھادىسە دەپ قارىغاندىلا ئاندىن قوبۇل قىلالايدۇ. شۇ سەۋەبلىك ئۇلار مېنى ئادەم دەپ ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايدۇ.
- ئاندرېۋس، سىز زادى نېمە قىلماقچى؟ -سورىدى لىھسىن خانىم.
- مەن بۇ مەسىلىنى ئەمەلدىن قالدۇرۋەتتىم. نەچچە ئون يىل ئاۋۋال مەندىكى مۇسبەت ئېلېكترونلۇق مېڭە بىلەن ئورگانىك نېرۋا سىستېمىسى تۇتاشتۇرۇلغان. ھازىر بولسا ئەڭ ئاخىرقى ئوپراتسىيىدە باشقا بىر خىل ئۇسۇل بىلەن چېتىلغان: بۇ ئارقىلىق يوشۇرۇن ئېنېرگىيە ناھايىتى ئاستا، ئاستا –ئاستا توك يولۇمدىن ئېقىپ چىقىدۇ.
لىھسىن خانىمنىڭ ئىنچىكە قورۇق باسقان يۈزلىرىدە ۋاقتىنچە ھېچقانداق ئىپادە بىلىنمىدى. ئارقىدىن ئۇنىڭ لىۋى ئىككى تەرەپكە كىڭەيدى.
- ئاندرېۋس، گىپىڭىزچە سىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئۆلۈم ئورۇنلاشتۇردىڭىزما؟ بۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ. بۇ ئۈچىنچى نىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىق.
لىھسىن خانىم ئۇنى مىدىرلاتماقچى بولغاندەك ئاندرېۋسنىڭ بىلىكىنى تۇتتى. ئەمما ئۇنى قىمىرلىتالمىدى.
- ئاندرېۋس، بۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ. بۇنىڭدىن ۋاز كېچىڭ.
- ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. ئاللىقاچان چوڭ زىيان كېلىپ چىقتى. مەن پەقەت بىر يىل ئەتراپىدىلا ياشىيالايمەن. مەن، مەن ياسالغاندىن بۇيانقى 200-يىلنى كۈتۋالىمەن. بىراق 200 يىللىقىمنى خاتىرىلىيەلمەيمەن.
- بۇنداق قىلىش ئەرزىمدۇ؟ ئاندرېۋس، بەك ئەخمەقلىق قىپسىز.
- مۇشۇنداق قىلىش مېنى ئادەمگە ئايلاندۇرالىسىلا ئەرزىيدۇ. ئەگەر ئەكسىچە بولسا مەن يەنە كۈرەش قىلىپ يۈرمەيمەن، بۇمۇ ئەرزىيدۇ.
لىھسىن خانىم قاتتىق ھاياجانلانغان ئىدى، ئۇ جىمجىت يىغلاپ كەتتى.
ئەڭ ئاخىرقى قىلمىش كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىنى قانداقلا قوزغىمىسۇن بۇ ناھايىتى غەلىتىلىك ئىدى. ئاندرېۋسنىڭ ئىلگىرىكى قىلغانلىرى ئۇلارغا تەسىر قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ھېچنېمىگە قارىماي ھالاك بولۇش ئارقىلىق ئادەم بولۇشنى قولغا كەلتۈرمەكچى. بۇ بەدەل ھەقىقەتەن بەك زور، بۇ نۇقتىنى ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇ.
دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 200 يىللىقىنى تەبرىكلەش خاتىرە يىغىنى ئۈچۈن يىغىن ۋاقتى بىكىتىلدى. بۇ ۋاقىت پۈتۈنلەي ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق بېكىتىلگەن ئىدى. دۇنيا پىرزىدىنتى ئىمزالىق پەرمان ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىنى ئىپادىلەيدىغان قانون تۈزۈمەكچى بولۋاتاتتى. خاتىرىلەش يىغىنىنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالى يەر شارى تېلېۋىزىيە تورى ئارقىلىق قويۇلاتتى، شۇنداقلا ئاي شارى شتاتىغا تارقىتىلاتتى، ھەتتا مارس كۆچمەنلەر رايونىغىچە يىتىپ باراتتى.
ئاندرېۋس چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتى. ئۇ ماڭالايتتى، ئەمما دەلدەڭشىپ تەستە ماڭاتتى. پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ نەزىرى تىكىلىپ تۇرغان چاغدا دۇنيا پىرزىدىنتى تۆۋەندىكى گەپلەرنى قىلدى:
- ئاندرېۋس، 50 يىل ئاۋۋال، بىز سىزنىڭ 150 ياشلىق ماشىنا ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى جاكارلىغان ئىدۇق.
پىرزىدىنت سەل توختىۋالدى. ئاندىن تېخىمۇ تەمكىن تەلەپپۇزدا سۆزىنى داۋام قىلدى:
- مارتىن ئەپەندىم، بۈگۈن بىز سىزنى 200 ياشلىق ئادەم دەپ جاكارلايمىز.
ئاندرېۋس كۈلۈمسىرىگىنىچە قولىنى ئۇزۇتۇپ پىرزىدىنتنىڭ قولىنى سىقتى.
ئاندرېۋس كارىۋاتقا ياتقۇزۇلغاندا ئۇنىڭ تەپەككۇر پائالىيىتى بارا – بارا ئاجىزلاپ كىتۋاتاتتى. ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن تەپەككۈرىنى يىغىشقا تىرىشاتتى. ئادەم! مەن ئادەم! ئۇ بۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەپەككۈرى بولۇپ قىلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. ئۇ مۇشۇ تەپەككۇر بىلەن غايىپ بولۇشنى، ئۈلۈشنى ئويلايتتى.
ئۇ بىر جۈپ كۆزىنى قايتا ئاچقان چاغدا لىھسىن خانىمنىڭ تەمكىنلىك بىلەن ساقلاۋاتقانلىقىنى كۆردى. باشقا كىشىلەرمۇ شۇ يەردە بولسىمۇ ئۇلارنىڭ كۈلەڭگىسىلا، تۇنىغىلى بولمايدىغان كۈلەڭگىسىلا كۆرۈنەتتى. پەقەت لىھسىن خانىملا كۈلرەڭ كۈلەڭگىلەر ئىچىدە تېخىمۇ روشەن گەۋدىلىنىپ تۇراتتى.
ئاستا- ئاستا، ناھايىتى ئاستا ئۇ خانىمغا قولىنى ئۇزاتتى، كەينىدىنلا قولىنىڭ سىقىلغانلىقىنى غۇۋا ھېس قىلدى.
ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خىياللىرى يوقالغان چاغدا لىھسىن خانىمنىڭ سىماسىمۇ كۆز ئالدىدىن غايىپ بولدى. ئەمما پۈتۈنلەي غايىپ بولۇشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خاتىرىسى كۆز ئالدىدىن چاقماقتەك ئەكس ئەتتى. ھەر بىر ئىش غايىپ بولۇشتىن ئىلگىرى بۇ خاتىرە ئۇنىڭ كاللىسىدا قىسقا توختاپ ئۆتتى:
- كىچىك خانقىز... – دېدى ئۇ تۆۋەن ئاۋازدا، ئۇنىڭ ئاۋازى ناھايىتى تۆۋەن چىقتى.

2008 -يىل 10- نۇيابىر

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-05 13:51 |
tanha230
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 61074
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1525
شۆھرەت: 1526 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 15153 سوم
تۆھپە: 24 نۇمۇر
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 824(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-15

 

مەن ساقلاپ قويۇپ كىيىن ئوقۇي.

ھەقىقىي مىسۋاك
دۇنيادا ھەقىقى مۇھەببەت بار دىيىلسەئۇنداقتا ئۇ دەل ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتى بولىدۇ.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-05 13:55 |
ajdat
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 71149
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
شۆھرەت: 15 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 150 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 54(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-15

 

مەنمۇ ساقلاپ قويۇپ كىيىن ئوقۇي.

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-15 17:51 |
alxat~0998
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 63119
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 101
شۆھرەت: 102 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 969 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 31(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13

 

مەنمۇ  ساقلاپ  قۇيۇپ  كىيىن   ئوقۇي

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-15 18:37 |
nazakat5
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 72486
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 250
شۆھرەت: 250 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2500 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 33(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

 

نېمىدىگەن جىق كورۇپ بولالمىدىم .......

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-11 00:56 |
@kultigin@
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 55364
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 129
شۆھرەت: 130 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1290 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 289(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

 

رومانمۇ بۇ!!! پەسكە سىرىسەم چۈشىۋىرىدۇ!!!

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-11 02:12 |
sawda007
بىغەم
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 25466
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1374
شۆھرەت: 1385 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 80516 سوم
تۆھپە: 11 نۇمۇر
ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 778(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13

 

ھەقىقەتەن ياخشى ئەسەركەن رەھمەت سىزگە. ئەتىگىچە يەنە بىر قىتىم ئوقۇيمەن


بىز ئاتالدۇق مەشرەپتە يىگىت،
ئاھ ! جان ئاتىلارجەڭلەردە شىھىت.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-11 03:33 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » بالىلار ئەدەبىياتى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:02-16 15:09, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ