ئەنگلىيە «يېڭى پەن -تېخنىكا» ژورنىلى 2008-يىلىدىكى ھەرقايسى دۆلەت ئالىملىرى ئىلىم-پەن ساھەسىدە ياراتقان «ئەڭ»لەرنى ئېلان قىلدى.
تۆۋەندىكىسى 2008-يىللىق پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى «ئەڭ» لەر
1.ئەڭ يۇمىلاق جىسىم
بۇ يىل 7-ئايدا ئىنژىنىر ۋە قولى گۈل ئۇستىلاردىن تۈزۈلگەن خەلقئارالىق گۇرۇپپا ناھايىتى مۇكەممەل بولغان بىر كېرىمنىي(سىلىتسىي) شارچىنى ياساپ چىقتى. بۇ كىرىمنىيلىق شارچە دۇنيادىكى ئەڭ يۇمىلاق بولغان جىسىم ھېساپلىنىدۇ. بۇ شارچە ئەگەر يەر شارىچىلىك دەرىجىدە چوڭايتىلسا ، بۇنىڭدىكى خاتالىق پەرقى ئاران 3~5 مېتىرغىچە چىقىدىكەن. بۇ شارچە «كىلوگىرام»بىرلىكىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۆلچىمى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ شارچىنىڭ ساپلىق دەرىجىسى 99.99% كە يېتىدىكەن.بۇ ئارقىلىق بىر كىلوگىرام كېرىمنىيدا قانچىلىك كېرىمنىي ئاتۇمى بارلىقىنى بىلگىلى بولىدىكەن. بۇنداق ساپلىقتىكى كېرىمنىيغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئالىملار سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇران ئايرىيدىغان،يادرو قورالى ياسايدىغان سېنترىفوگ 离心机 نى ئىشلەتكەن. بۇ يۇقىرى ساپلىقتىكى كېرىمنىينى گېرمانىيە دۆلەتلىك ئۆلچەم بىرلىكى تەتقىقات ئورنىغا ئېلىپ بېرىپ، 6 قېتىم سىناق ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بۇ كېرىمنىي كىرىستالىنى ياساپ چىققان. ئاندىن كېيىن ئاۋىستىرالىيەگە ئېلىپ بېرىلىپ ئۇ يەردىكى قولى ئەڭ چىۋەر ئوپتىكا ئەسۋاپلار ئۇستىسىنىڭ قولىدا دۇنيادىكى ئەڭ يۇمىلاق شارچىغا ئايلانغان.
2. ئەڭ قىسقا يورۇقلۇق ئىمپولىسى
بۇ يىل 6-ئايدا گىرمانىيەلىك ئالىملار دۇنيادىكى ئەڭ قىسقا بولغان يورۇقلۇق ئىمپولىسىنى ئۆلچەپ چىقتى. بۇ ئاران 80 ئاتتوسېكونت ( 1ئاتتوسېكونت=10
-18) ئىكەن.
3.ئەڭ ئىسسىق پىلانىتا
بۇ يىل 10-ئايدا ئالىملار ئەڭ ئىسسىق پىلانىتا «WASP-12b» نى كۆزەتتى. بۇ پىلانىتانىڭ تېمپىراتورىسى 2250 سېلىتسىيە گىرادوس بولۇپ، قۇياش يۈزىنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدىكەن. ماسسسى يوپىتىرنىڭ 1.5 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. بۇ پىلانىتا ئەڭ ئىسسىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئوربىتادىكى ئايلىنىش ۋاقتى ئەڭ تېز بولغان پىلانىتا ئىكەن. بۇ پىلانىتا تۇرغۇن يۇلتۇزنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىش ئۇچۈن ئاران بىر كۈن كېتىدىكەن. ھازىر ئەڭ ئىسسىق پىلانىتىنىڭ رېكورتى ئۈزلۈكسىز يارىتىلىپ كېلىۋېتىپتۇ. بۇرۇنقىسىنىڭ ئىسمى 149026b بولۇپ، بۇ پىلانىتىنىڭ يۈزى كۆمۇردىنمۇ قارا ئىكەن.
4.ئەڭ بۇرۇنقى ئائىلە قەبرىگاھى
بۇ يىل يىل ئاخىرىدا ئارخىئولوگلار گىرمانىيەنىڭ ئايفان دىگەن يېرىدە ئەڭ بۇرۇنقى ئائىلە قەبرىگاھىنى بايقىدى. بۇ بىرجۇپ ئەر-ئايال ۋە ئىككى بالىدىن تەركىپ تاپقان بىر ئائىلە كىشىلىرى بىللە دەپنە قىلىنغان بۇ جايدا يەنە نۇرغۇن سۆڭەكلەر بايقالغان بولۇپ، بۇ جايدا ئىلگىرى چوڭ قىرغىنچىلىق بولغان بولىشى مۇمكىنكەن . بۇ قەبرىدىكى ئۇسىتىخانلارنىڭ DNA نى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ قەبرىدىكى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بىر قېتىملىق قەبىلە قىرغىنچىلىقىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئېنىقلاندى. بۇ بالىلارنىڭ بىرى 4ياش، يەنە بىرى 8ياش ئىكەن.
(4600يىل بۇرۇنقى تاش قوراللار دەۋرى مەزگىلىدىكى ئائىلە قەبرىگاھى)
5. ئەڭ قېرى دەرەخ
بۇ يىل4-ئايدا ، شىۋىتسىيە ئالىملىرى دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي دەرەخنى بايقىدى. بۇ دەرەخ نورۋىگىيە شەمشادى بولۇپ،9555 ياشقا كىرگەنىكەن. ئىگىزلىكى 2 مېتىر، دىئامېتىرى 20 سانتىمېتىر، بولۇپ دېڭىز يۈزىدىن 950 مېتىر ئىگىزلىكتىكى جايدا ئۆسىدىكەن. ئالىملار بۇ دەرەخنىڭ ئەۋرىشكىسىنى ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتى مىئامىدىكى بىر تەجرىبىخانىغا ئېلىپ بېرىپ ئۆلچىگەن بولۇپ، بۇ دەرەخ مۇز دەۋرىنىڭ ئاخىرىلىرىدىن تارتىپ شۇ جايدا ئۆسكەنىكەن. بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئەڭ قېرى دەرەخنىڭ يېشى 4768 ياش بولۇپ، تۈلكە قۇيرۇقلۇق قارىغاي ئىكەن. ئۇ ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدا بايقالغان.
6.ئەڭ چوڭ قارا ئۆڭكۈر
بۇ يىل 1-ئايدا فىللاندىيەدىكى تورلا ئاستىرونومىيە ئورنى ئالەمدىكى ئەڭ چوڭ قارا ئۆڭكۈرنى بايقىدى. بۇ قارا ئۆڭكۈرنىڭ چوڭلۇقى قۇياشنىڭ 18 مىليارد ھەسسىسىگە تەڭ بولۇپ، ئىلگىرى بايقالغان ئەڭ چوڭ قارا ئۆڭكۈردىن 6 ھەسسە چوڭ ئىكەن. بۇ ئۆڭكۈرنىڭ چوڭلىقى بىر كىچىك يۇلتۇزلار سېستىمىسىغا تەڭ كېلىدىكەن. يەرشارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 3.5 مىليارد نۇر يىلى كېلىدىكەن.
7.ئەڭ كىچىك قارا ئۆڭكۈر
بۇ يىل 4-ئايدا ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئالەمدىكى ئەڭ كىچىك قارا ئۆڭكۈرنى تاپقان. بۇ قارا ئۆڭكۈر XTE J1650-500 دەپ ئاتىلىدىغان جۈپ يۇلتۇز سېستىمىسى ئارلىقىدا بولۇپ، ماسسسى قۇياشنىڭ 3.8 ھەسسىگە توغرا كېلىدىكەن. دىئامېتىرى ئاران 24 كىلومېتىر كېلىدىكەن.
8.ئەڭ خۇنۇك يۇلتۇز
بۇ يىل 12-ئايدا ئامېرىكىلىق ئاستىرونوملار سامان يولى سېستىمىسىدا نۇرى ئەڭ ئاجىز بولغان قوڭۇر قوش پەتەك يۇلتۇزنى بايقىدى. بۇ قوڭۇر پەتەك يۇلتۇزنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى قۇياشنىڭ مىليوندىن بىرىگە توغرا كېلىدىكەن. بۇ بۇرۇن بايقالغان ئەڭ خۇنۇك يۇلتۇزنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدىكەن. بۇ يۇلتۇز يۈز قىسمىنىڭ تېمپىراتورىسى 560~680 فارېنگىيت گىرادوس كېلىدىكەن.
قوشۇق تەرجىمىسى
كېلىش مەنبەسى:
http://tech.sina.com.cn/d/2008-12-30/09162704070.shtml[ بۇ يازما koxuk تەرپىدىن2008-12-30 18:29دە قايتا تە ]