ئاشىق قىزنىڭ قەلبى
(ھىكايە)
ئاپتۇرى:مۇھەممەتجان تىلۋالدى
(1)
قوياش ئۆزىنىڭ يارقىن نۇرلىرىنى زىمىنغا چاچماقتا.گۇللۇكلەر ئارىسىداخۇددى سەن يېنىمدا باردەكلا شىرىن ھىسلارغا چۈمۈلۈپ ئولتۇرىمەن.ئاھ..خۇدا.......سىنى قانداق قىلىپ بۇنچىلىك دەرىجدە ياخشى كۆرۈپ قالغاندىمەن.......ئەسلىدە سىنىڭ قەلبىمگە بۆسۈپ كىرىشكە ھەققىڭ يوق ئىدى.ئەمما............
ھاياتىمدىكى ئۈنسىز ئۆكسۈشلەر سىنىڭ جىسمىڭنى تەۋرىتەلمەيدۇ،بىراق روھىڭ ئاشۇ ئۆكسۈشلىرىمنىڭ شاھىدى.شۇ سەۋەپتىن سىنى ۋۇجۇدۇمدىكى بارلىق خۇشاللىقىم ۋە ئازاپلىرىم بىلەن سۈيىمەن.......
قەلبىم باھار ھىسلىرىغا چۈمۈلگەن گۇزەل دالا،سەن بۇ <دالا>غا تۇيۇقسىز كەلگەن سۈيۈملۈك مىھمان.كائىناتتەك كەڭرى يۈرىكىم بىلەن سېنى چىن دىلىمدىن سۈيىمەن.سەن مەن ئۈچۈن قىممەتلىك ئەڭگۈشتەر.......
سەن مىنىڭ كىتاپ ئوقۇشقا ئامراقلىقىمنى بىلسەن،قايسى بىر كىتاپتا:
<ئوغوللارنىڭ ياخشى كۆرۈشى چەكتىن ئاشسا مىھرىبانلىققا،قىزلارنىڭ ياخشى كۆرۈشى چەكتىن ئاشسا ھەسەتخورلوققا ئۆزگىرىدۇ>دەپ ئوقۇغىنىم ھىلھەم ئىسىمدە.بۇ ھەقىقەتەنمۇ توغرا ئىيتىلغان سۆزكەن جېنىم..........
كۆزۈمدە ئەزىزىم سىنىڭ سىمايىڭ،
سۆيگۈڭنىڭ تەپتىدە كۆيمەكتە يۈرەك.
ۋىسالىڭ بېغىدا يۇرەي خىرامان،
ئارمىنىم گۇللىرى ئاچقاندا چىچەك.
مەن تۇتقۇن شەكىلسىز مۇھەببىتىڭگە،
بىر تاتلىق ئازاپقا باشلايدۇ خىيال.
پارلىسۇن ھەمىشە بەخىت يۇلتۇزى،
بۇ سۆيگۈ مەڭگۈگە تاپمىسۇن زاۋال.
بۇ مىنىڭ مەڭگۈلۈك ئارزۇيۇم جېنىم.....
(2)
تىلفۇن قىلمىغىنىڭغىمۇ ئىككى ھەپتىدىن ئاشقانىدى.مانا بۇگۇن تىلفۇن قىلدىڭ.ھەم<سىنىڭ ئازاپلىنىپ مەن كۈتمىگەن ئىشلارنى قىلىپ قويىشىڭدىن ئەنسىرەپ تىلفۇن قىلدىم.>دىدىڭ. بۇ سىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىڭ.رەھمەت ساڭا جېنىم،مەن سەندىن شۇنچىلىك خۇ ش بولدۇم.
باشقىلار <يۈرىكىمگە پىچاق سانجىلدى>دىسە <بۇلار ساراڭمىدۇ؟>دەپ ئويلاپ قالاتتىم.چۈنكى مەن خىيالىمدا<يۈرەككە پىچاق سانجىلسا ياخشى ئاقىۋەت يۈز بەرمەيدۇ.>دەپ ئويلايتىم.بىراق ھازىر مىنىڭ يۈرىكىم پارە-پارە بولۇپ كەتتى جېنىم.......
بۇگۇن نىمە بولۇپ قالغانلىقىمنى بىلەلمىدىم.ئىشقىلىپ،ساڭا ئېسىلىپ تۇرۇپ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلىغۇم،بارچە ئازاپلارنى كۆز يېشىم بىلەن يۇيۇۋەتكۈم كىلىپ قالدى.ئەپسۇس،سەن يېنىمدا يوق.بەلكىم سەن ماڭا مەڭگۈ ماڭا نىسىپ بولماسسەن...........
بىلەمسەن جېنىم،ئۆزۈمنى ھازىر شۇنچىلىك تەنھا ھىس قىلۋاتمەنكى،ئاۋازىمنى قويۇۋىتىپ يىغلىغۇم بار.لىكىن يىغلاي دىسەم كۆزۈمدە بىر تامچىمۇ ياش يوق.يىغلاي ديمەنۇ يىغلىيالمايۋاتىمەن......مەن نىمىشقا يىغلايمەن؟توۋا........ھەممىنى ئۆزۈم قىلدىم.بۇنىڭغا پۇشايمان قىلىپ يىغلامدىم ياكى سەندىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقۇپمۇ؟....مەن سۆيگۈمىزنىڭ جىنايەتچىسى.....مەڭگۈ كەچۈرۈم قىلىنمايدىغان گۇناھكارى.....بىراق جېنىم،مەن سىنى يەنىلا بۇرۇنقىدەك چىن قەلبىمدىن ياخشى كۈرىمەن.سېنىلاسۈيىمەن.......
ئىھتىمال ئايرىلىپ كىتەرمىز بىر كۈن،
يا ئازاپتا ياش تۆكۈپ ۋە ياكى باتناپ.
يۇكلەپ قوي خالساڭ بارچە ئەيىپنى،
ئىشەنگىن ،يۇرمەيمەن ئۆزۈمنى ئاقلاپ........
مىنى كەچۈر جېنىم..................
(3)
ئىللىق شامال
شىرىن كىچە تاڭ ئاتقۇچە،
بۇلبۇل قىزىل گۇلدىن ھال سورىغىچە،
سېنى كۆرمەي جېنىم
بۇنچە ئازاپ تارتقۇچە،
سالام يازدىم ئوتلۇق يۈرەكتىن،
بۇ كىچە تاڭ ئاتقۇچە.......
سەھەردىن باشلانغان كۈيلەرگە مۇڭ قوشۇۋاتقان تەبىئەت قەلبىمدە تەسۋىرلىگۇسىز تەنھالىق ھىسلىرىنى پەيدا قىلماقتا.كۆڭۈل سىرلىرىمنى ئاستا ۋاراقلىماقتا.....
ئەبەدىيلىك مۇھەببەتلەرگە تەشنا لىرىكام مەن ئۈچۈن جامدىكى كۆز يېشى.مىنىڭ ئويلىغانلىرىم،ئارزۇلىرىم چوڭقۇر جىرالارغا مۈكۈنگەن،ئۇنىڭدىن ئېقىپ چىقىۋاتقان شارقىراتما سۈيى يۈرىكىمدىن ئېتىلىپ چىققان بۇلاق،بۇ بۇلاق بىلەن پۈتكۈل كائىناتنى سۇغۇرۇپ ياشارتسام دەيمەن.ھەر سەھەر ئۇيقۇدىن ئەمدىلا كۆزۈمنى ئىچىۋاتقاندا قۇلىقىمغا بىر كۈي ئاڭلىنىدۇ.مەن بۇ كۈينى ياقتۇرۇپ قالدىم.نىمىشقا دەمسەن؟بۇ كۈي مىنى سەن بىلەن خىياللىرىمدا ئۇچراشتۇرىدۇ..............
(4)
جىمجىت كىچە،جىلۋىگەر دۇنيا،
كۈي قوشار قەلبىمگە پىنھان.
يالغۇز ئەمەس مىنىڭدەك ھىچكىم،
كۆكتە بىللە ئاي بىلەن چولپان.
شىۋىرلايدۇ باھار شامىلى،
ئاڭا جۇر بولۇپ سۈرىمەن خىيال.
نىمىشقىكىن بىلەلمىدىم پەقەت،
خىيالىمدا يەنە بىر سەن پەقەت جېنىم.....
ۋىسال بىلەن ھىجران قوشكىزەك،
يۈرىكىمنى تىلغايدۇ ئارمان.
قۇتۇلماقچۇن ئازاپ قولىدىن،
يار سېنىڭدىن سورايمەن ئىمكان....
بۇگۇن كىچە يەنە خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپتىمەن،سەن بىلەن خىيالىي پاراڭلىشۋاتىمەن،بىردە قەتئىي نىيەتكە كىلىپ ۋاز كىچىشىنى ئويلىسام،بىردە ئىككىلىنىپ قالىمەن.......
ئاستا سىرتقا چىقتىم،ھەممە ئەتراپ تىپتىنىچ،ھەممە ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى.سەلكىن شامال پىشانەمگە ئاستا سۈيۈپ قويغاندا،يۇمشاق قوللىرى بىلەن چاچلىرىمىن سىيپاپ ئۆتكەندە سىنى ئويلىدىم.شۇ دەم سىنى سېغىنغىنىمنى،سېنىڭ ئاشۇ مىھىرلىك بېقىشلىرىڭنى سېغىنغىنىمنى ھىس قىلدىم.......
جېنىم،مەن قەتئىي نىيەتكە كەلدىم،مەيلى كىم نىمە دىسۇن،نىمە ئىشلار يۇز بەرسۇن،مەن سەندىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمەن.چۈنكى سەن مىنىڭ ئەڭگۇشتىرىم،سەن مىنىڭ پاسىبانىم،سەن باشلىغان يول مەن ئۈچۈن ئەڭ نۇرلۇق،ئەڭ بىخەتەر يول.جېنىم،سەن مىنى مەڭگۈ ئاشۇ يولدا يىتەكلەپ ماڭغىن،بىزگە بەخىت كەڭ قۇچاق ئاچسۇن........
(5)
تۇمانلاردا قالدى بۇ ئىشەنىچ،
تەمتىرەيدۇ يولىنى تاپالماي.
ئارمانلىرىم يىغلايدۇ ئۆكسۈپ،
(تۇرالامدۇ بىر رەت ئېچىنماي.)
ئىھ،ئەقىدە قالغاچقا تەنھا،
بىرەلمىدى جۇدۇنغا بەرداش.
يۈرىكىمدە لەختە-لەختە قان،
كۆزلىرىمدە يالتىرايدۇ ياش.....
نىمىشقا؟زادى نىمىشقا؟.........بۇرۇن<ئوغوللارغا ئىشەنمە>دىگىنىڭدە ھەيران قاپتىكەنمەن.
بۇگۇن<ماڭا نىمىشقا ئىشەنگەن؟ھوشيار تۇرغان بولساڭ ئالدانمايتىڭ>دىگىنىڭدە تېخىمۇ ھەيران قالدىم.كۆزلىرىمدىن ياشلار ئاقماقتا،ياق،ياق،ياش ئەمەس قان ئاقماقتا......
جېنىم،مىنى راستىنلا ئالدىدىڭمۇ؟ساڭا بولغان مۇھەببەتىمنى،ساداقىتىمنى ئالداۋاتامسەن؟<سىنى ياخشى كۈرىمەن.>دىگەن سۆز سەن ئۈچۈن شۇنچە ئەھمىيەتسىز ،دەپلا قويسا بولۇۋىرىدىغان سۆز بولۇپ قالدىمۇ؟ياكى كىمنىلا كۆرسەڭ دەۋىردىغان سۆز بوپ قالدىمۇ؟يا بولمىسا بۇسۆزلەر
سەن ئۈچۈن ئادەتتكى سۆزلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغانمۇ؟سەن ئۇ قىزنى پەقەتلا دوستۇم دەپ تونۇشتۇرغان ئىدىڭغۇ؟مەن بىلىپ نىمە بوپ كەتتىم بىلەمسەن؟.........
سەن باشقا قىزلارغىمۇ مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلامدىغانسەن؟..........
جېنىم،ئىككىمىز تۇنجى كۆرۈشكەندىن كىيىن مىنى <كۆرگۇڭ>كىلىدىغان بولغان ئىدىڭ.ئاندىن مىنى <ياخشى كۆرۈپ>قالدىڭ.ئۇنىڭدىن كىيىن <كۆيۈپ قالغانلىقىڭ>نى ئېيتتىڭ.ئانچە ئۇزاق ئۆتمەيلا ساڭا<پەقەت مەن بولساملا بولىدىغان>لىقىنى ھىس قىلغان ئىدىڭغۇ؟.....
ئەمدى سەن يەنە ئاشۇ گەپلەرنى يەنە بىرىسىگە دەپ يۈرۈپسەن.بۇ زادى سىنىڭ نىمە قىلغىنىڭ؟مەن زادى قاچانغىچە ئازاپ ئىچىدە يۈرىمەن؟سىنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىڭگە ئىرىشىش
ماڭا نىسىپ بولماسمۇ جېنىم؟.....
كەچمىشلەرگە تاشلىساڭ نەزەر،
تۇيۇلارمەن سەن ئۈچۈن ئەخمەق.
تەنھالىقىم ئۇقتۇردى شۇنى،
سۆيگۈڭ ئىكەن ماڭا قىلىنغان چاقچاق...
جېنىم،ئىشەنچىمنى سۇسلاشتۇرمىغىن،سېنىڭ ھەر بىر سۆزلىرىڭدىن،ئىش-ھەرىكەتلىرىڭدىن مىنى ياخشى كۆردىغانلىقىڭنى ھىس قىلىپ قالىمەن.مىنى ئالدىما،سۆيگۈمنى ئالدىما جېنىم....بۇلارنىڭ ھەممىسى مەندە قوزغالغان گۇمان بوپ قالسۇن جېنىم،ماڭا ئۈزۈڭنى چۈشەندۇرگىن.سۆيگۈڭگە ئىشەندۇرگىن.....
(6)
كۆرۈشتۈم سەن بىلەن كۆرۈشتى يۈرەك،
كۆرۈشۈش ئۇياقتا قوشۇلدى تىلەك.
كەتمىگىن ئۆتۈنەي،كەتمە يېنىمدىن،
مەن سەنسىز بەرگىدىن ئاجرىغان پۇرەك.
بىلمەيتىم دوسلۇقنىڭ ئاخىرى بىر كۈن،
باشلىنىش بولۇشى مۇھەببەت ئۈچۈن.
مەن سىنىڭ ئىشقىڭدا كۆيىمەن سەنچۇ؟
ئېيتقىنە قەلبىڭنى بۇ ھەقتە بەر ئۈن.
مەن سەندىن ئايرىلسام ئۆتىمەن تەنھا،
قىسمەتكە ئېچىنىپ يىغلايدۇ دەريا.
تەقدىرمۇ ئىككىمىز قولىدا ئاخىر،
سەن مىنى بەخىتسىز قىلمىغىن ئەسلا....
جېنىم،سىنى دىلىمدىن سۈيىمەن،سەندىن باشقا بىرىنى سۈيۈشۇم،كۆڭلۈمنى بىرىشىم ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس.مىنى چۈشەن............
داۋامى بار.....
داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ