
مۇھەببەت بىر ئادەمنى كۈلدۇرسە،ئون ئادەمنى يىغلىتىدىكەن.
ــ خاتىرەمدىن
تولۇقسىزنىڭ 2-يىللىقلىرىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا مەكتىپىمىزدە «مۇھەببەت»لىشىش تولىمۇ «مودا»بولۇۋاتاتتى.بىرىنىڭ بىر قىز بالىنى «قول»غا كەلتۇرگەنلىكىنى ئاڭلاپ قالساق ئۇنىڭغا ھەۋەس بىلەن قارايتۇق.ئۇنىڭ قىز كەلتۈرۈش «تەجىرىبە»لىرىنى كىچىلىرى ئۇخلىماي دىگۇدەك ئاڭلايتۇق.ئاشۇنداق ھەۋەس بىلەن يۇرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە قاراپ باقسام سىنىپىمىزدا«مۇھەببەت»ى يوق ئوغوللاردىن پەقەت مەنلا قاپتىمەن.بىر كۈنى يېقىن ئاغىنەم دىلمۇرات:
-ئاداش،مەن سىنىپ باشلىقى دەپ بۇنداق «بويتاق» يۇرىۋەرمە،سەنلا قالدىڭ ھازىر.دەرھال بىرىنى تاپ،بولمىسا ئاسىيەنى تاپە،سىنىپمىزدائۇنىڭدىن باشقاھەممىسىنىڭ يىگىتى بار...-دىمەسمۇ.
-ئاشۇنىما؟قىز بالا يوقتەك شۇنى تاپامدىم؟كىچىككىنە بىر ئىش بولسا يىغلايدىغان ئاشۇ مىجىقنى -دىدىم ئاچچىقىمدا.
-ئۇنداق دىمە ئاداش،ئۇ دىگەن سىنىپىمىزدىكى ئەڭ چىرايلىق قىز جۇمۇ.كەلتۇرۋالساڭ خۇش بولساڭ بولىدۇ تېخى....
-قويە ئۇ گىپىڭنى.ھازىر ئۇنداق ئىشلارغا بېشىمنى ئاغرىتىپ نىمە كەپتۇ-دىدىم.گەرچە شۇنداق خىياللىرىم بولسىمۇ چاندۇرماي.
-ھەي،سەن بەك ئاكتىپ جۇمۇ.كىيىن پۇشايمان قىلسەن.ئۇنى بىرى قولغا كەلتۇرۋالغاندا...
-كىم كەلتۇرۋالسا كەلتۇرۋالسۇن-دىدىم مەن.لىكىن ئۇنى بىرى قولغا كەلتۇرۋالغاندا دىگەن گەپنى ئاڭلاپ خۇددى بىرى شۇنداق قىلىپ كەتكەندەك ئىچىم سەل ئېچىشتى.ئۆزەم باشقىلارغا چاندۇرماي يۈرگىنىم بىلەن ئۇ «مىجىق»قا كۆڭلۈم بار ئىدى.ئۇنىڭ باشقا قىزلارغا ئوخشاش ئوغوللارغا ئەركىلەپ،ئېچىلىپ يۈرمەسلىكى،كەم سۆزلۈكى،ئۆزىنىڭ چىرايلىقىغا ئەخلاقىنىڭ ياخشىلىقى قوشۇلۇپ ماڭا بىر ئوتنى تۇتاشتۇرغان ئىدى........
ئۇ چاغلاردا بۇنداق ئىشلار بەك چەكلىنەتتى.ئوقۇتقۇچىمىز سىزىپلا قالدىمۇ ئىشنىڭ چاتىقى چىقاتتى.ھەپتە-ھەپتىلەپ ئەخلاق تەربىيسى ئېلىپ بىرىلاتتى.شۇنداق بولسىمۇ مەكتىپىمىزدە مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى چۈشەنمىسىمۇ مۇھەببەتلىشۋاتقانلار كۆپ ئىدى.دىلمۇرات بىلەن بولغان شۇ پاراڭدىن كىيىن تويۇقسىزلا ئاسىيەگە «تەلەپ»قويۇشنى ئويلاپ قالدىم.لىكىن قانداق «تەلەپ»قويىمەن؟ئۇنىڭغا نىمە دەيمەن؟ئۇ «ياق »دىسىچۇ؟«ياق»دەپلا بولدى قىلسا مەيلىتىغۇ.ناۋادا گۇلشات خانىمغا دىسىچۇ؟ئۇ چاغدا ئىشىنڭ تازا چاتىقى چىقىدۇ-دە.شۇلارنى ئويلاپ بېشىمنىڭ ئىچىمۇ-تېشىمۇ قاتتى.ئاخىرى دىلمۇراتتىن مەسلىھەت سورىماقچى بولدۇم.چۈنكى ئۇ بۇنداق ئىشلاردا خېلى«تەجىرىبىلىك»ئىدى.ئۇنىڭغا بۇ گەپنى دىۋىدىم،ئۇ:
-ئۆتكەندە بەك چوڭ سۆزلەۋاتاتتىڭغۇ؟ئەمدى ئۇ «مىجىق»قا كۆڭلۈڭ چۇشۇپتۇ-دە،ھى ھى ھى....-دەپ ھىجايدى.
-ھە،شۇنداق بولدى،ياردەم قىلامسەن-ياقمۇ؟-دىدىم مەن ئاچچىقلاپ.
-خاپا بولساڭ ياردەم قىلمايمەن،ھاجىتى چۈشكەن ئادەممۇ سەندەك بولامدۇ؟ئاتتىن چۈشسەڭمۇ ئۆزەڭگىدىن چۈشمەيسەندە-دىدى ئۇ چاقچاق قىلىپ.
شۇنداق قىلىپ ئاغىنەم دىلمۇراتنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن مەكتىپىمىزدا مودا بولۇۋاتقان «ئۇسۇل»نى ئىشقا سالىدىغان بولدۇق......
* * * * * * * *
ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندە ئاغىنەم دىلمۇرات ماڭا بىر پارچە خەتنى بەردى.ئۇ:
-مۇشۇ خەتنى ئاسىيەگە بەرسەڭ ئۇ چوقۇم سېنىڭ تەلىپىڭگە قوشۇلىدۇ-دىدى.خەتنى ئالدىم-دە.ئوقۇشقا باشلىدىم.خەت مۇنداق يېزىلغانىدى:
«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاسىيە:
بەلكىم بۇ خەتنى ئوقۇپ ھەيران قالارسەن،مەن ساڭا بۇ گەپلەرنى دىمەي دىگەن،بىراق پەقەت چىداپ تۇرالمىدىم.ئىچىمدىكى سەن تۇتاشتۇرغان ئوت ماڭا بىردەممۇ ئاراملىق بەرمىدى.
شۇڭا ئامالسىز بۇ خەتنى يازدىم. بۇ مىسرالاردىن مىنىڭ نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قالارسەن:
ساڭا كۆيۈپ يۇرگەنگە بولدى يار ئۇزاق،
لىكىن ئىزھار قىلمىدىم قەلبىمنى بىراق.
ۋىسالىڭنى كۆرسەم دەپ قىلىمەن دۇئا،
قىينىغاچقا بۇ جاننى دەرت ئەلەم-پىراق.
مەن ساڭا يۇشۇرۇن كۆيۇپ يۇرىمەن،
ھەركۈنى خىيالىڭ سۇرۇپ يۇرىمەن.
ئەي نىگار بىلمىساڭ ئاشىقلىقىمنى،
مەن سېنىڭ ئالدىڭدا ئۆلۈپ بىرىمەن.
ئاسىيە،سەن كىچىك ئەمەس.بۇ قۇرلارنى ئوقۇپ نىمە دىمەكچى بولغىنىمنى بىلىپ بولغانسەن؟
شۇڭا مىنى ئىنتىزار قىلماي تىزرەك جاۋاپ بىرەرسەن.يەنە خانىمغا دىسەڭمۇ مەيلى.مەن سەن ئۈچۈن ھەممىگە تەييارلىنىپ بولغان.........
خىتىڭنى كۈتۈپ:ئاشىقىڭ مۇھەممەت»
مەن خەتنى ئوقۇپ دىلمۇراتتىن خېلى رازى بولدۇم.شۇ كۈنىلا خاتىرىدىن بىرگە ئۇنى كۆچۈرۈپ
باشقىلارغا تۇيدۇرماي ئاسىيەنىڭ سومكىسىغا سېلىپ قويدۇم........
* * * * * * * *
ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتۈپ ئاسىيەدىن «جاۋاپ»كەلدى.ئۇنىڭ خىتىنى ماڭا گۇلمىرە بەردى.(ئۇ دىلمۇراتنىڭ«مۇھەببەت»ى ئىدى)مەن خۇشال ھالدا خەتنى ئالدىم-دە مەكتىپىمىزنىڭ ئارقىسىدىكى قوناقلىققا چىقىپ ئوقۇشقا باشلىدىم.خەت مۇنداق يېزىلغان ئىدى:
«ئەسسالام مۇھەممەت:
خىتىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم.ئوقۇپ بولۇپ تولىمۇ ھەيران قالدىم.چۈنكى مەن سىزگە قايىل ئىدىم.نىمىشقا دەمسىز؟چۈنكى سىز سىنىپىمىزدىكى ئوغوللار ئىچىدىكى بۇ ئاتالمىش «مۇھەببەت»دەرياسىغا غەرق بولمىغان بىردىن-بىر ئوقۇغۇچى ئىدىڭىز.بۇ خىتڭىزنى ئوقۇپ بەك ئەپسۇسلاندىم،مەن سىزنىڭ بۇنداق قىلماسلىقىڭىزنى،ياخشى ئوقۇشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.چۈنكى ھازىر بىز تېخى كىچىك،ئۇنداق ئىشلارنى ئويلاشقا ۋاقتىمىز بار.سىزنى ئۈمۈتسىزلەندۇرگەن بولسام مىنى كەچۈرۈڭ.مەن تەلىپىڭىزگە «ماقۇل»دىيەلمەيمەن.بىز يەنىلا ياخشى ساۋاقداشلاردىن بولۇپ ئۆتەيلى.بۇ ئىشلار پەقەتلا يۈز بەرمىگەن بولسۇن.......
ساۋاقدىشىڭىز:ئاسىيەدىن»
خەتنى ئوقۇپ شۇنداق روھىم چۈشۈپ كەتتى.خۇددى ئۇ ئەمدى ماڭا قارىمايدىغاندەك،ھەممە ئىشلار يوق بولغاندەك مەيۇسلىنىپ كەتتىم.شۇنداقتىمۇ سىنىپقا كىرىپ ھىچ ئىش بولمىغاندەك دەرسلەرگە قاتناشتىم،لىكىن كاللامغا ھىچنىمە چۈشمەيتى.كاللامدا پەقەت بىر خىيال «ئۇ»بار ئىدى.ئەتىسىدەم ئېلىش ۋاقتىدا دىلمۇرات ئاستا:
-گۇلمىرەدىن ئاڭلىسام ئاسىيە جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ.نىمە دەپ يېزىپتۇ دىگىنە -دىدى.مەن گەپ قىلمايلا ئۇ يازغان خەتنى بەردىم.ئۇ خەتنى ئوقۇپ بولۇپ:
- ئەمدى قانداق قىلاي دەيسەن؟-دىدى.
-بولدى قىلاي ئاداش-دىدىم مەيۇس ھالدا
-ھەي ئاداش،بۇ نىمە دىگىنىڭ؟ساڭا بىر پارچە خەت يازساڭلا ماقۇل دىسە بولامتى؟
مەنمۇ گۇلمىرە نەچچە قېتىم خەت يېزىپ ئاران ماقۇل دىگەن،سەن تېخى بىرنى يېزىپلا بولدى قىلىمەن دەيسىنا؟يەنە بىر-ئىككىنى يازمامسەن؟ئۇ چوقۇم ماقۇل دەيدۇ.بولدىلا،سەن ئۇنداق خەت يېزىشنى بىلمەيسەن،يەنىلا مەن يېزىپ بىرەي-دىدى ئۇ
-ماقۇل ئەمسە،شۇنداق قىلايلى-دىدىم مەن سەل ئۈمۈتلىنىپ......
داۋامى بار....
داۋامى ئىنكاس شەكلىدە داۋاملىق يوللىندۇ...
[ بۇ يازما azap986532 تەرپىدىن2008-12-21 18:55دە قاي ]