تەنلىرىم بۈگۈنكىدەك جىغىلدىمىغىلى ئۈزۇن ۋاقىتلار بوپتىكەن.
ئىھ مىھرىبان ئاللاھ .ئالدى بىلەن مۇشۇنداق ئىسىل تىمىنى ،ئىككىلىنىپ تۇرۇپ ئاچقىنىمغا،سەندىن ئەپۇلار تىلەيمەن.شۇنداقلا مۇنبەردىكى ماڭا ئوخشاش ئىككىلىنىپ قالغان ھەم قىلىۋاتقان بارلىق تەنلىرى ئاجىز ،ئەقلى تولىمۇ ئاجىز بەندىلىرىڭنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىشىڭنى تىلەيمەن .
كەرەملىك ئاللاھ مىنى ئازغۇنلارنىڭ ئەمەس، ئۆزۈڭ ھىدايەت قىلغان بەندىلىرىڭ قاتارىدىن قىلغىن.
ھەر بەندەڭنىڭ قەلبىنى ئىمان نۇرى بىلەن ياندۇرغىن ، پەسلىكنى يوقۇتۇپ سىخىلىقنى بىزگە ھەمراھ قىلغىن،مال دۇنيادا باي ئەھلى ئىلىمدا نامرات قىلىپ قويمىغىن،
كەرەملىك ئاللاھ. سەن ۋەدەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچىدۇرسەن.
جانابى ھەق .بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ھەم سەندىنلا مەدەت تىلەيمىز .
بىز مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ ياخشى ئۈممۈتى ،ئۈزۈڭنىڭ ياخشى ،ئىتائەتمەن قۇللىرىڭدىن بولۇشىمىزنى ئۈمۈت قىلىمىز.
سەن ھىچ بىر بىگۇناھ بەندەڭگە ئۇۋال قىلمايسەن،شۇنداقلا ھەددىدىن ئاشقۇچىلارغا رەھىممۇ قىلمايسەن .
جانابى ياراتقۇچى ھەق. پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ھەق يولنى تىپىۋىلىشىغا ئۆزۈڭ ياردەم قىلغايسەن