بىزدە يەنە ھايا بارمۇ؟
ناھايىتى شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن .
قەدىردان دوستلار، سىلەر تېما ماۋزۇسىنى كۈرۈپلا ھەيرانلىق ئىلكىدە،< پەرىشتەم ئەمدى نىمە دەيدىغاندۇ >دەپ ئويلاپ قالغان سىلەر؟راست ،مەن بۇنى بۇرۇن ئويلىغان بولساممۇ ،ئانچە چوڭقۇر ئويلاپ كەتمەپتىكەنمەن. ئەقلىمگە ئەمدى كېلىۋاتامدىم ياكى ئىمانىمنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ روسۇلىنىڭ سۇزلىرىنى ئاڭلاپ- كۈرۈپ تۇرۇشۇشۇمغا ئەگىشىپ بۇ شەرمىي-ھايا دىگەن ئۇقۇمنىڭ تېگىگە ئەمدى يېتىشكە باشلاپ،ئۇنى چوڭقۇر تەپەككۈر قىلىشىمغا، شۇنىڭدا ئۆز-ئۆزۈمنى ئۈزلۈكسىز تاۋلاشقا تۈرتكە بولىۋاتامدۇ قانداق؟بۇنىسى ئەلۋەتتە ئېنىق. بۇنى سۈزلەشتىن ئاۋۋال،بارلىق ھەمدۇ سانالار ھىچقانداق شېرىكى بولمىغان، ھىچقانداق نۇقسىنى بولمىغان ،بىزنى يوقتىن بار قىلغان ،بىزلەرگە بارچە نىممەتلەرنى يەتكۈزگەن بىر ئاللاھقا بولسۇن. سالام ۋە دۇرۇتلار مۇھەممەت سەلەللاھۇ ئەلەيھىسسالامغا،ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ، ۋە ساھابىلىرىگە ،شۇنداقلا ئۇنىڭ يولىغا ئەگەشكەن بارلىق مۇسۇلمانلارغا بولسۇن. مېنى ۋە بارلىقمىزنى يوقتىن بارقىلغان ئاللاھقا مىڭ مەرتىۋە شۇكرى، مېنى ساق ، گۈزەل ياراتقىنىغا شۇكرى، قەلبلىرىمنى ئۆزىگە يېقىن قىلغىنىغا مىڭ مەرتىۋە شۇكرى،مېنى ھىدايىتىگە ئېرىشتۈرگىنىگە مىڭ مەرتىۋە شۇكرى.
ئىنسان يارىتىلىشىدىلا ھىسياتچان مەخلۇق بولغاچقىمۇ، ئادەم جەننەتتىن زىمىنگە چۈشكىنىدە شەيتاننىڭ ئۇنىڭغا تا قىيامەتكىچە بىللە بولىدىغانلىق سەۋەبىدىنمۇ ، ئىنسان تا قىيامەتكىچە نۇقسىنى تۈگۈمەيدىكەن، گۈناھ ئۆتكۈزمەي قالمايدىكەن، پاك-غۇبارسىز ئۆتىشى بەكمۇ تەس بولىدىكەن، بۇ نىمە ئۈچۈن؟ شەيتان ئىنساننى ۋەسۋەسىگە سېلىپ ئازدۇرۇپ تۇرۇدىغانلىقى ئۈچۈنمۇ، ئادىمىي شەيتاننىڭ شەررىنىڭ يامانلىقىدىنمۇ؟بۇلارنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ. خوش، ئۇنداقتا بىزنى يارىتىشنى بىلگەن ئاللاھ، بىزگە نىمەتلەرنى ئايىماي بەرگەن ئاللاھ ،بىزگە شۇ ۋەسۋەسىلەرگە تاقابىل تۇرۇشنى ئۈگەتمىگەنمىدۇ؟ ياق، ئەلۋەتتە ئۈگەتتى. ئۇ ناھايىتى مېھرىبان ۋە شەپقەتلىك زاتتۇر. ئۇ بىزنى يارىتىپ قويۇپلا، بىزنى تاشلاپ قويغىنى يوق. ئۇ بىزنى يارىتىش بىلەنلا ،ئەقىلنى ئالاھىدە سەزگۈر قىلىپ بەردى.بىزنى زىمىنغا چۇشۇرۇش بىلەنلا ، بىزنى قانداق ياشىساڭ ياشا دەپ تاشلاپ قويغىنىمۇ يوق.ئۇ بىزگە كۈندىزى قۇياشنى ،كېچىسى ئاي ھەم يۇلتۇزنى پايدىلىنىشكە بەردى. كېچە بىلەن كۈندۈزنى ناھايىتى تەرتىپلىك قىلىپ بەردى. كۈندىزى ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن نىمەتلىرىنى تېپىپ يىيىشىمىز ئۈچۈن تەييارلاپ بېرىلگەن بولسا، كېچىسى بىزنىڭ ھاردۇقىمىزنى چىقىرىدىغان ئارام ئالىدىغان ۋاقتىمىز قىلىپ بەردى.جانسىز تۇپراقتىن زىرائەت ، گۈل-گىياھلارنى ئۈستۈرۈپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشىمىز ئۈچۈن ئۇنى بىزگە جانلىق قىلىپ بەردى، يامغۇرلىرى ئارقىلىق ئېتىزلىرىمىزنى ،تاغ -داۋان، چۆل-جەزىلىرىمىزنى سۇغۇرۇپ بەردى.بۇلۇتلىرى ئارقىلىق، پىژغىرىم ئاپتاپتىن سايىداشقا كۈنلۈك قىلىپ بەردى.ئىنسانلارنىڭ ئېزىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ،ئىسلامنى ئۈگەتتى. ئىنسانلارنىڭ ئېزىپ خار بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى. ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرىمىز بىلەن بىرگە ئىسلامنى تېخىمۇ مۇستەھكەم ، نۇقسانسىز قىلىپ ،بىزگە ئەڭ ئاخىرقى كىتاپ قۇرئانى كەرىمنى بەردى. ئۇنىڭدا ئاللاھنىڭ بىر ھەم ھەقلىقى، ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشتىكى چىقىش يولى، تۇرمۇش ئۇسۇللىرى، بەزى ئوچۇق-ئاشكارە ھۆكۈملەر. ئاللاھنىڭ جەننەتتىن ئىبارەت مۇكاپاتى ۋە ئەششەددىي يامان جاي بولغان دوزاقتىن ئىبارەت ئاللاھنىڭ جازاسى ئېنىق يېزىلغان. مۇسۇلمان بولۇش ئىختىيارلىققا قويۇلغىنى بىلەن ، ئۆزىنى ھەقىقىي سۆيگەن كىشى ئۆزىنى بۇ ئىختىيارلىق ئىچىدە، يەنىلا ئاللاھنىڭ مۇكاپاتىنى كۆزلەپ مۇسۇلمان بولۇشنى تاللايدۇ دەپ قارايمەن. ئەمما كۆپۈنچە كىشىلەر ئۆزىنى سۆيۈشنى دەل - دۇنيانى سۆيۈش،دۇنيا پەيزىنى سۈرۈش، پۇل تېپىپ دۇنيا راھىتىنى سۈرۈش ،غەم-غۇبارسىز ياشاش ،پۇلدىن غېمى يوق ،قولنى نەگە سوزسا شۇيەرگە يەتسە دىگەندەك، خام -خىيال ئىستىكىدە، دۇنيا گۈزەللىكىگە ئېرىشىپ بولالماي تېرىشماقتا.
دۇنيا گۈزەللەشتى، جەمىيەت تەرەققى قىلدى، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ پەن-تېىنىكا يوقىرى پەللىگە يەتتى، كىشىلەر ئېڭى تېخىمۇ روشەنلىشىشكە باشلىدى.كىشىلەر ئېىڭىنىڭ روشەنلىشىشىشى، بۇرۇنقى <نادان>، قۇرۇق كاللىلارغا ئەقىللەر كىرىپ، قىز -ئوغۇللار ،يات ئەر-ئاياللارنىڭ بىرگە تۇرۇشى، گەپ قىلىشىپ تۇرۇشى، كۈلۈشۈپ چاقچاقلىشىشى ، تەرەققىي قىلىپ كوچا -كوي،ئاپتۇۋۇزلاردا قولتۇقلىشىپ مېڭىشى، ھەتتا تەپ تارتماستىن سۇيۇشۇپ تۇرۇشى، قىزلارنىڭ تاماكىلارنى تەپ تارتماستىن ئاممىۋى سورۇنلاردا ،كوچىلاردا چىكىپ يۇرۇشى ، ھاراقنىمۇ بوش قويماي ئوغۇللاردىن بەكرەك سوقۇرۇشتۇرۇشلىرى .زامان تەرەققىياتى بىلەن كىشىلەرنىڭ قاتمال كاللىرىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن تەڭ ، قىز-چوكانلارنىڭ مەيدىلىرى، تىز-يوتىلىرىنىڭ ئېچىلىپ كېتىشلىرى. ئوغۇللارنىڭ -ئەرلەرنىڭ خېنىملاردەك تارىنىشلىرى، كىيىنىشلىرى ئاۋۇپ كەتمەكتە.ئاشنىدارچىلىق ئىشلىرىنىڭ تولىمۇ ئەركىن بولۇپ كېتىشلىرى. گۈزەلىكنى سۆيۈشىمىز تەرەققىي قىلىپ ، گىرىملەرنى خالىغانچە قىلىپ ، مەيدە -كۆكرەكلەرنى ئېچىپ ،ھەتتا شۇ مەيدىلەرنىڭ ئېچىلىپ قالغانلىقلىرىدىن پەخىرلىنىدىغان ، يوتىلىرىمىزنى يالىڭاچلاپ چىقىشتىنمۇ تەپ -تارتماي كوچىلاردا ،توي-تۈكۈن،ئاممىۋىي سورۇنلاردا ئەركىن يۈرۈشلىرىمىز،قىز-ئوغۇللار يىغىلىشى، ھەرخىل ياش چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغان رەڭلىك ئولتۇرۇشلار، مۇھەببەتلىشىپ يۇرۇشلىرى ،ھەقىقى مۇسۇلمان ئىگىسى بولغان ئىنساننىڭ قەلب تارىنى ئازاپلىق تىترەتمەكتە.
ھايا دىگەن نىمە؟ بۇ ئۇقۇم ھازىرقى كاللىمىزدا بەكمۇ تار، بەكمۇ ئىخچام ،بەكمۇ ئاجىز ئۇقۇم بولۇپ قالدى. ئاللاھ ئىنسانلارنى ھەممىدىن ئۈستىن قىلىپ ،بارچە مەخلۇقاتتىن گۈزەل قىلىپ ياراتتى. بارچە مەخلۇقاتتىن ئۈستۈن قىلىپ ياراتتى.ھايۋانلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردى، بارچە نىمەتلەرنى ئىختىيار قىلدى.خوش،ئۇنداقتا ئىسلامدا ئېيتىلغان ھايا زادى قانداق؟ بۇ ھايا بەكمۇ نازۇك، بەكمۇ ئىنچىكە، بەكمۇ چوڭقۇر، بەكمۇ ئېھتىياتچان، تەلەپچانلىقى كۈچلۈك ، بىلسەك ئەسلى كىشىلىك غورۈرنى ئۈستۈن ساقلاشقا تۇرتكە بولغۇدەك ھايادۇر.بىز شۇ ھايانى قانچىلىك ساقلىيالىدۇق، بۇ ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىگە ئاياندۇر.ھەممەيلەن مەدىنىيلەشتۇق ، مەدىنىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردۇق يۇ ،ئەمما ھايا مەدىنىيىتىنى بىر ياققا ئېلىپ چۆرۈۋەتتۇق، ھەتتا كۆزىمىزدىن يوقۇتۇشقىمۇ تاس قالدۇق.قۇرئان ھەم ھەدىسلەردەك ئەر-ئاياللار ئوتتۇرۇسىدىكى ئەخلاق، شەرمىي-ھايالىق بولۇش، قايتا-قايتىلاپ ئالاھىدە كۆزدە تۇتۇلۇپ تەكىتلەنگەن. ئەر-ئاياللارنىڭ 3 قېتىمدىن ئارتۇق قارىشى، بىرگە تۇرۇشى، كۈلۈپ چاق-چاقلىشىپ يۇرۇشى، ئاياللارنىڭ ناز قىلىپ ئەرلەرگە سۆزلىشىشى چەكلەنگەن . بۇ ھەرگىزمۇ ئىنسانلارنى بەزى ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قالدۇرغىنى ئەمەستۇر، ئاياللارنى خار كۆرسەتكىنىمۇ ئەمەستۇر، بەلكى ئاياللارنى زىياندىن ساقلىغىنىدۇر، ئىنسانلارنىڭ ئۆز-ئۆزىگە زۇلۇم قىلىشىدىن ساقلىغىنىدۇر.
ھايا- ئىماننى ساقلاشنىڭ ئاچقۇچىدۇر. ھايا بىلەن ئىماننى مۇستەھكەملىگىلى، ئىماننى كۈچلەندۇرگىلى، ئاللاھنىڭ ئەڭ چوڭ مەرھەمىتى بولغان جەننەت مۇكاپاتىغا ئېرىشتۇرگىلى بولىدۇ .ھايا بىلەن ياشايلى، ھايا بىلەن گۈللەيلى!
بىر قېرىندىشىم بۇ تېمىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ماڭا بۇ ئۇچۇرنى قىلغان ئىدى ،ھەممەيلەننىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن مۇنبەرگىمۇ يوللاپ قويدۇم.
<مەن سىزنىڭ ماقالىڭىزغا ئىنكاس يازاي دىگەن ،ئەمما مەن مۇنبەرگە ئەزا ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ QQدا بولسىمۇ ئىنكاس يازدىم.خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا پىكىر بېرىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ھۆرمەتلىك ھەمشىرەم،سىزنىڭ ماقالىڭىزدا دەپ ئۆتكەن ھايا«ئەيمىنىش»مەسىلىسى ئىمانىمىزنى ساپلاشتۇرغىدىغان«ئېھسان»بىلەن بىر ئورۇندا قويۇشقا ئىنتايىن ھەقلىقمىز ئەلۋەتتە.چۈنكى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام،مۇسۇلمانلارغا ئىسلام تەلىماتىنى يەتكۈزگۈش ئۈچۈن،رەسۇلىللاھنىڭ يېنىغا كەلگەندە ،مۇسۇلمانلارغا بىلدۈرۈپ قويۇش يۈزىسىدىن ،رەسۇلىللاھدىن بىرقانچە سۇئال سورىغان. بۇ سۇئاللارنىڭ 1-ئىسلام دىگەن نىمە؟ 2-ئىمان دىگەن نىمە؟ 3- ئېھسان دىگەن نىمە؟ دىگەندىن ئىبارەت سۇئاللارنى سوراپ ئۆتكەن. رەسۇلىللاھ سۇئاللارغا جاۋاب بېرىپ ،3- سۇئالغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:«ئېھسان دىگەن،سەن ئاللاھقا،سەن گوياكى ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرغان ھالەتتە ئىبادەت قىلغىن.گەرچە سەن ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرمىساڭمۇ،ئۇ ئاللاھ سېنى كۆرۈپ تۇرۇدۇ»دەپ جاۋاب بەرگەن. دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر ئىش ،بۇ ئوتتۇرغا قويۇلغان مەسىلىنىڭ 2-ئىمان ،3-ئېھسان دىمەك بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا،گۆش بىلەن قاندەك مۇناسىۋەت بارلىقىنى ئەلۋەتتە ھىس قىلىمىز.
ئەمدى بىز ھايا «ئەيمىنىش»بىلەن ئېھساننىڭ مۇناسىۋىتىنى ، ئېھساننىڭ مەنىسىنى ھەقىقى چۈشەنگەندە،بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋىتىنى چۈشۈنۈپ يېتىمىز.
بۇ ماقالىنى ئوقۇپ شۇنى ھېس قىلدىمكى:ئىڭىمىزنى خىلمۇ -خىل شەرەپ تۇيغۇلار قاپلىغان .ئەمما شۇ شەرەپنىڭئارقىسىدا ناھايىتى چوڭ مەسئۇلىيەت ،مەجبۇرىيەت ،بۇرۇچ. ....بارلىقىنى ئۇنتۇپ كېتىۋاتقان،ھەر بىرىمىزنىڭ«پادىچى»كەبى مەسئۇلىيەت، ساھابى ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنۇتقان ھالدا ،چىرايلىق نىقاپلانغان ئەمما ۋاستە تاللايدىغان،ئاتالمىش دۇنيا تىرىكچىلىكىدىن ئىبارەت جەڭگەئۆزىمىزنى تۇيمىغان ھالدا، باشچىلاپ كىرىپ كېتىۋاتقان،مەسئۇلىياتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن،بۇ ماقالىنى يېزىپسىز.
ئاللاھ ھەممىمىزنى «ئەسىر»سۈرىسىدە دىگىنىدەك، زىيان تارتمايدىغانلاردىن قىلسۇن ئامىن!!!>
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم-
(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)
بىز مۇسۇلمانلار ھەر ھالدا پاكلىق بىلەن ياشاپ، ئىجتىھات بىلەن بىلىم ئېلىپ، قەلبىمىزنى ئىلىم نۇرى بىلەن يورۇتۇپ، نەپسىمىزنى ھارامدىن يىغىپ كەلگەنىدۇق. لېكىن يېقىنىقى يىللاردىن بېرى غەرب مەدەنىيىتىنىڭ مىللىي ئېڭىمىزغا شىددەتلىك سىڭىپ كىرىشى نەتىجىسىدە بەزى ئەر-ئايال، قىز- ئوغۇللىرىمىز-نىڭ ئەخلاقى چېكىنىپ، ھايانىڭ ئورنىنى بىھايالىق، پاكلىقنىڭ ئورنىنى پاسىقلىق ئىگەللەپ، ھالاللىق بىلەن ھاراملىق ئارىلىشىپ، ئىسلام شەرىئىتىمىزگە ھەم ئەدەب- ئەخلاقىمىزغا يات ئىللەتلەر كۆپىيىۋاتىدۇ.'
مەن بۇ ماقالىنى قەلبى شەيتانلارچە كېبىر، تەمەننا بىلەن تولۇپ كەتكەن ئاشۇنداق ئازغۇنلارنىڭ قاراڭغۇ دىلىغا ياراتقۇچى ئىگىمىزدىن يورۇقلۇق تىلەپ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىمان- ۋىجدانىغا مەدەت تىلەپ يازدىم. ئاللاھ ھەممىمىزگە ئاسانلىق بەرگەي! ئى مۇسۇلمانلار! شەكسىزكى، ھايا ئەخلاقلارنىڭ ئەڭ ئېسىلىدۇر ۋە ئىنسانىيەت سۆپىتىنىڭ ئەڭ شەرەپلىكىدۇر. ھەر قانداق بىر كىشىدە ئەخلاق بولىدىكەن ئۇنىڭ ئاساسى ھايادۇر. ئىنسان ھايا ئارقىلىق ئىنسانلىق دەرىجىسىگە يېتىدۇ، ھاياسىىزلىق ئىنساننى ھايۋانلىق دەرىجىسىگە چۆشۆرۆپ قويىدۇ. خۇددى قۇرئاندا دېيىلگەندەك: " ئۇلار ھايۋانغا ئوخشايدۇ، ھايۋاندىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر، ئەنە شۇلار غاپىلدۇر"("ئەئراف" سۆرىسى 179 - ئايەت). پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دەيدۇ:" ئەلۋەتتە ئىنساننىڭ بىرىنچى پەيغەمبەرنىڭ سۆزىدىن تاپقىنى ' ئەگەر ھايا قىلمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل' دېگەن كەلىمىدۇر". ھاياسىزلار خالىغىنىنى قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ يۆزىدىن ھايانىڭ جىلۋىسى يوقالغان، ئۇلار دىن ۋە ئادىمىيلىكنىڭ نېمە ئىكەنلىكى بىلەن كارى يوق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنىڭ قوغدىغۇچىسى بولغان ئەخلاقى- پەزىلەتنى دەپسەندە قىلىدۇ، شۇ تۇرقىدا ئۇلار ھايۋاندىن ئۆزىنى پەرقلەندۆرمەيدىغان ئادىمىي ھايۋانغىلا ئوخشايدۇ. دانىشمەن ھەكىملەردىن قالغان بىر گەپتە مۇنداق دېيىلىدۇ: " ئىنسان خىجىل بولغاندا يۆزى قىزىرىدىغان بىردىنبىر ھايۋان". ئىنسان ھەقىقەتەن خىجىل بولۇشنى بىلىدىغان بىردىنبىر ئالىي مەخلۇق. خىجىللىق، ھايانى بىلمەيدىغان ئىنسان بەئەينى ھايۋان، بەلكى ھايۋاندىنمۇ بەتتەردۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا ھايۋانلارنى ئاشۇنداق ھاياسىزلىق تەبىئىتى بىلەن ياراتقان، ئىنسانغا بولسا ئەقىل، ھايا ئاتا قىلغان.
ئاللاھ تائالا ئىنساننى ياراتقاندا ئۇنى ئاللاھ تائالانىڭ زېمىندىكى خەلىپىسى بولۇشتىن ئىبارەت بىر بۈيۆك غايە ئۈچۈن ياراتقان. قۇرئاندا مۇنداق دېيىلگەن:" ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە:' مەن يەر يۆزىدە خەلىپە (يەنى ئورۇنباسار) يارىتىمەن' دېدى" ("بەقەرە" سۆرىسى، 30- ئايەت). ئىنسان ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقى تۆپەيلىدىن زېمىننىڭ خەلىپىلىك ۋەزىپىسىنى يالغۇز ئادا قىلىپ كېتەلمىدى،شۇنىڭ بىلەن ئاللا تائالادىن يەنە ياردەم كەلدى - ئىنساننى يارىتىپ ئۇنىڭ پايدا- مەنپەئەتىنى بىلگەچكە،ئىنسانغا شۇ مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئادا قىلىش يولىنى، يەنى شەرىئەتنى بەلگىلەپ بەردى. شەرىئەت ئىلاھىي يولدۇر. ئىسلام شەرىئىتى مۇسۇلمانلارغا ھايالىق بولۇشنى كۆپ تەكىتلەيدۇ. ئەگەر ئىنسان بۇ يولدا ماڭسا زېمىننىڭ خەلىپىلىك ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلالايدۇ ۋە بەخت- سائادەتكە ئېرىشەلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، شەرىئەتنىڭ ئاساسلىرىدىن بولغان شەرم- ھايا ئادەم ئاتىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە ئۆتكەن جىمى پەيغەمبەر بىردەك ۋەسىيەت قىلىپ كەلگەن نېگىزلىك ئەخلاقتۇر.پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دەيدۇ: "ئەلۋەتتە ھەر بىر دىننىڭ بىر ئەخلاقى بولىدۇ، ئىسلام دىنىنىڭ ئەخلاقى بولسا ھايادۇر".
ئىسلام دىنى ھايانىڭ ئىماننىڭ بىر جۆملىسىدىن قىلدى. ھەزرىتى قۇردەتە ئىبنى ئەيسادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن: "بىز پەيغەمبىرىمىز بىلەن بىرگە ئىدۇق،ئۇنىڭ ئالدىدا ھايا زىكرى قىلىندى. ساھابىلارنىڭ بىرسى: ' ھايا دىننىڭ جۈملىسىدىنمۇ؟' دەپ سورىۋېدى، پەيغەمبىرىمىز: ' بەلكى ئۇ دىننىڭ ھەممىسى' دەپ جاۋاب بەردى".
مۇسۇلمانلار ئۆزىنىڭ ئەخلاقىنى تۆزەشنى ئاۋۋال ھايادىن باشلىشى كېرەك. ھايانىڭ بىر قانچە مەرتىۋىلىرى بار، ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرىسى ئاللاھ تائالادىن ھايا قىلىش. ئاللاھ تائالادىن ھايا قىلىش ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش، توسقانلىرىدىن يىراق بولۇش، پەرز قىلغان ئەمەللىرىنى ياخشى ئورۇنداش بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئۈچ كىشى مەخپىي گەپلەشسە ئاللاھ تائالا تۆتىنچىسى بولىدۇ، تۆت كىشى مەخپىي گەپلەشسە ئاللاھ تائالا بەشىنچىسى بولىدۇ...شۇنداقلا ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، ئۇلار نەدە بولسا ئاللاھ تائالا ئۇلار بىلەن بىللە بولىدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشى ئۇلارغا قىيامەت كۈنى خەۋەر قىلىنىدۇ. مۆمىننىڭ ئىمانى، ئېڭى مۇشۇ باسقۇچقا يەتكەندە ئۇنىڭ ھاياسى ئۇنى ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدىغان ئىشلارنى قىلىشتىن توسىدۇ، ئاللاھ تائالا پەرز قىلغان ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندەيدۇ، شۇنداقلا ئۇنى ئېلىم- سېتىمدا ساختىلىق قىلىشتىن، ھارام يېيىشتىن، جازانىخورلۇقتىن، پارىخورلۇقتىن ۋە باشقا ھارام قىلىنغان ئىشلاردىن توسىدۇ. ھەزرىتى ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇدتىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن:" پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: 'ئاللاھ تائالادىن ھەقىقىي ھايا قىلىڭلار' دېدى، بىز:' ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، بىز ئاللاھتىن ھايا قىلىمىز' دېيىشتۇق. پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېدى:' ئاللاھ تائالادىن ھەقىقىي ھايا قىلىش- باشنى ۋە باشتا ساقلانغان نەرسىنى ساقلاش، قورسىقى ۋە قورسىقى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەرسىنى ساقلاش، ئۆلۈم ۋە بالا-قازانى ياد ئېتىش.كىمكى ئاخىرەتنى ئويلىسا دۇنيانىڭ زىبۇ زىننەتلىرىنى تاشلايدۇ، مۇشۇنداق قىلغان كىشى ئەلۋەتتە ئاللاھتىن ھايا قىلغان بولىدۇ' دېدى".! ئى مۇسۇلمانلار! مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە مەرھەمەت قىلغۇچى ئاللاھ تائالاغا قايتىدىغان، ھېچكىمگە زۇلۇم قىلىنمايدىغان، ھەر كىم ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ ھېسابىنى بېرىدىغان كۆندىن قورقۇڭلار! ھايا بىلەن زىننەتلىنىڭلار! ھايا ئەخلاقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇنى كېلەچەكتىكى بەخت- سائادىتىڭلارنىڭ ئەڭگۆشتىرى قىلىڭلار! مانا بۇ سىلەرگە پايدىلىقتۇر.
[ بۇ يازما ئەسلىمە تەرپىدىن2009-03-18 11:55دە قايتا ]