قىزىمنى مەكتەپكە ئالمىدى
ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات
قىزىم 5 ياشقا كىرەي دىگەن ئىدى.ئۇيغۇرچە ئوقۇش يېزىشنى تامامەن ئۆگنىپ بولغان ئىدى.سانلارنى،كەررە نى ساناشنىمۇ خېلى ئۆگىنپ بولغان ئىدى.بىرىنچى يىللىقنىڭ ئىككىنچى مەۋسۈمىدە 2 ئاي سىناق ئوقۇپ،ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىمتىھانىدا ئەدەبىياتتا 89 نومۇر،ماتىماتىكىدا 69 نومۇر ئالغان ئىدى.مەن ئۇ مەكتەپتىن قىزىمنى يۈتكەپ، قوش تىللىق مەكتەپكە ئاپىرىپ1-سىنىپقا بەرگەن ئىدىم، دەسلەپتە ئالغان ئىدى،كېيىن يېشى كىچىككەن دەپ قايتۇرماقچى بولدى.مەن سىنىپ مەسئۇلى بىلەن ئازراق سۆزلەشتىم :
_ يېشى كىچىك بولغان بىلەن بىرىنچى سىنىپتىكى بالىلار ئۆگىنىدىغان دەرسلەرنى ئۆگىنىپ بولدى.ئاۋال ئوقۇتۇپ بېقىڭلار،بولمىغاندا سىنىپ چۈشۈپ قالسا پىكرىم يوق.مەن ئىشنىمەنكى قىزىم باشقا بالىلارغا يىتىشىپ ماڭالايدۇ.بىز ئائىلىدە تېخىمۇ ياخشى ئۆگىتەيلى.
_ سىلى ئۇنداق دىگەن بىلەن شوجاڭ(مەكتەپ مۇدىرىنى شۇنداق دەيدىكەن) يېشى كىچىككەن ،قايتىپ كەتسۇن، دېدى.شوجاڭ بىلەن كۆرشۈپ باقاملا -يە؟
_ سىز دىگەن «شوجاڭ» قىزىمنىڭ ياشتا كىچىك ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ،ئۇ كىچىك بولسىمۇ ئوقۇتۇپ بېقىشقا ئۆزى قوشۇلغان ئىدى.مەن بۇ توغۇرلۇق ھەم ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ئىدىم،يەنە كۆرۈشەمدىمەن؟ ( قانداق كۆرۈشۈشنى دەيدىغانسىز ئەمدى؟ دىگىم كەلدى-يۇ ئۇنداق دېمىدىم)
_ ئەمىسە كەچۈرۈڭ،مېنىڭمۇ ئامالىم يوق.
_ ئۇنداقتا قىزىمنى مەكتەپتە ئوقۇتمايسىلەر شۇنداقمۇ؟ مەن قىزىمغا مەيلى قانداقلا بولمىسۇن بىلىم ئۆگەتمەكچى،يەسلىدە ئۆگىنىدىغاننى ئۆگنىپ بولدى،مەكتەپكە كىچىك دەپ ئالمىساڭلار قىزىم نېمىش قىلىدۇ؟ بىكار ئوينىسا ئۆمرى بىكار ئۆتۈپ كېتىدۇ،مەكتەپكە ئالمىدىڭلار، ئەمدى ماڭا بىرلا ئامال قالدى،ئۇ بولسىمۇ قىزىمنى موللامدا ئوقۇتىمەن .ھۆكۈمەت سەۋەبىنى،مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتە قىلسا مۇشۇ مەكتەپنى،سىلەرنى كۆرسۈتۈپ قويىمەن جۇمۇ(ئەمىلىيەتتە ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ-دە،موللامدا ئوقۇتۇش قانۇنغا خىلاپ تۇرسا).
مەن شۇنداق دىگەنچە چىقىپ كەتتىم.بالامنى ئېلىپ مائارىپ ئىدارىسىگە باردىم.دەل شۇ كۈنى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى يىغىن ئېچىۋاتقان ئىكەن، باشلىقىنى ساقلاپ تۇراي دىسەم مەنمۇ ئىشقا كىچىككىدەكمەن.شۇ قايتىپ كەتكەنچە قىزىمنى ئۆيگە ئەكىلىۋالدىم.ئۆيدە ئۆزى خالىغانچە يېزىپ،ئوقۇپ ئۆگىنىۋاتىدۇ.مەنچە بولسا مەكتەپتە سېستىمىلىق ئۆگىنىدىغان ۋاقىتلىرى ئىدى.ئەمما بۇنىڭغا مائارىپ تۈزۈلمىمىز يول قويمىدى.سىلەرچە مەن ئۆكتەملىك قىلىپتىمەنمۇ ياكى مائارىپ تۈزۈلمىسى سەل قاتمالمىكەن؟ بۇنىڭغا ئۆزەممۇ جاۋاپ ئىزدەۋاتىمەن.
بەزىلەر دەيدۇ: «بالا كىچىك بولسا كىيىن بېشى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالىدۇ،ھۆكۈمەت 7 ياش دەپ بىكىتكىنىكەن چوقۇم ئەمەل قىلىش كېرەك،چۈنكى بۇ ياش چەكلىمىسى نۇرغۇن تەتقىقاتتىن ئۆتكەن»
مەن دېدىم:«توغرا،مەن بۇنى چۈشىنىمەن،لېكىن يەنە شۇنداق ئەقىللىق بالىلارمۇ باركىن ئاللا بۇ بالىغا ئەقىلنى يەتكىچە بەرگەن،تولىمۇ ئەپسۇس تۈرلۈك تۈزۈملەر بۇ بالىنىڭ ئەقلىنىڭ جارى قىلدۇرلىشىنى چۈشەپ قويىدۇ.ئىنسانلار تۈرلۈك تۈزۈملەرنى بىكىتىپ ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قاتمۇ-قات تۈزۈم ئىچىگە ئورىۋالىمىز.جۈملىدىن بەزى ئالاھىدە ئەقىللىق بالىلارنىڭ ئەقلىنى جارى قىلدۇرش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قويىمىز»
سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
___________________
2008-12-9
قىزىمنىڭ تۆت يېرىم ياش ۋاقتىدىكى دېكلىماسسىيەسىنى ئاڭلاپ باقماقچى بولسىڭىز مانا بۇ يەردە:
./read.php?tid-49330.html