ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 2345» Pages: ( 1/6 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 3686 - كۆرۈرمىنى
رۇمەيسا
تەبەسسۇمنى سېغىندىم
ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 38670
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 1761
شۆھرەت: 1984 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1711 سوم
تۆھپە: 332 نۇمۇر
ياخشى باھا: 427 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1763(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

 كــەچـۈرۈڭ، سـىـڭـلـىـم!

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ تىمىنى ئۇيغۇرئاي نادىرلىدى(2008-11-06)


كەچۈرۈڭ، سىڭلىم
(ھىكايە)


تۇيۇقسىز ياغقان يامغۇردىن بىر نەچچە تال كىتابىم ئارقىلىق پاناھلىنىپ، يۈگۈرگىنىمچە ياتاققا قايتىپ كىرىۋالدىم. ئۈستىباشلىرىم يامغۇرنىڭ زەربىسىگە ئوبدانلا ئۇچرىغانىدى. «بايا ياتاقداشلىرىم بىلەن بىللە قايتىپ كىرىۋالسام بوپتىكەن ئەسلى، ئاشۇ ئىككى مەشىقنى ئىشلىۋىتەي دەپ قالدىمدە!» شۇلارنى خىيال قىلغاچ كىيمىمنى ئالماشتۇرغۇچە، يانفۇنۇمنىڭ بۈگۈن بىر كۈن ئىچىلمىغانلىقى ئىسىمگە كەلدى. ئاسپىرانتلىق ئىمتاھانىغا قاتنىشىشنى پىلانلىغىنىمدىن بۇيان، كۈندە دىگۈدەك سىنىپتا دەرس تەكرارلاپ، يانفۇنۇمنىمۇ مۇھىم ئىش بولمىسا كەچتە ياتاققا قايتمىغۇچە ئاچماسلىققا ئادەتلەنگەنىدىم.

«ھۆرمەتلىك ئابونت، رەڭلىك قوڭغۇراق مۇلازىمىتىمىز.....» ۋاي-ۋۇي، يەنە شۇ مۇلازىمەت ئۇچۇرلىرى. يانفۇنۇمنى ئىچىشىم بىلەنلا ئۇچۇرلار «تۆكۈلۈش»كە باشلىدى. ئۆيدىكىلەردىن 2 قىتىم تىلىفۇن كەپتۇ، رىسالەت ئەتە مەن ئۈچۈن رۇخسەت سوراپ قوي دەپتۇ، ۋاڭ مۇئەللىم ئەتىكى يىغىننىڭ ۋاقتىنى ئۇقتۇرۇپتۇ، يەنە......خوشياقماسلىق ئىلكىدە تىلىفۇنۇمنى قوياي دەپ تۇرۇشۇمغا، ناتونۇش بىر نۇمۇردىن كەلگەن ئۇچۇر دىققىتىمنى تارتتى.
«ھەدە، ياخشىمۇسىز؟ مەن 08-يىللىق يىڭى ئوقۇغۇچى، سىزدە قۇرئان بارمۇ؟»
مىڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. تام تۈۋىدىن ھوشۇر قوپقاندەك كىم بۇ ئۇچۇرنى يوللىغان؟ نىمە دەپ مەندە قۇرئان بار-يوقلىقىنى سورايدۇ؟ بار بولسا نىمە بولماقچى؟ 08- يىلى كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىدىن ئون نەچچىسى باردۇ بۇ مەكتەپتە؟...... ئەتىگەندىن بېرى كىتاپ كۆرۈپ چارچىغان نىرۋام تېخىمۇ چېچىلغىلى تۇردى. «خۇدىكى بارنىڭ مۇدىكى بار» دىگىنى مۇشۇمىكىنە؟
«يوق، كەچۈرۈڭ!»
شۇنداق دەپ ئۇچۇرنى ئەۋەتىۋىتىپلا كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ، تاھارەت ئالغىلى تۇتۇندۇم. لىكىن كاللامدا يەنە شۇ قىسقا ئۇچۇر. نامازنى ناھايىتى بىر پەرىشانلىق ئىچىدە ئوقۇپ تۈگەتتىم. يۈرىكىمنىڭ بىر يەرلىرى ئېچىشىپ تۇراتتى. يالغان سۆزلىگىنىم ئۈچۈنمۇ ۋە ياكى ئۇ قىزغا قوپال تەگكىنىم ئۈچۈنمۇ بىلىپ بولمايتتىم. ھاۋانىڭ سوغۇقلىقىغا باقماي، بالكوندىكى جەينامازنىڭ ئۈستىدە ئۇزاقتىن-ئۇزاق ئولتۇرۇپ كەتتىم. كۆز ئالدىمغا بىزنىڭ تەلىم-تەربىيەگە مەسئۇل ئامانگۈل مۇئەللىم بىلەن سۆھبەتلەشكەن ۋاقىتلىرىم كەلدى.

«نەچچە قىتىم دىدىم مەن، مەكتەپتە ياغلىق ئوراپ يۈرسىڭىز بولمايدۇ دەپ! ئەمدى گىپىمگە كىرمىسىڭىز كىلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزىڭىز ئىگە بولىسىز. گەپنىڭ چىرايلىقىمۇ قالمىدى سىزگە!»
ئۇ ئاخىرقى قىتىم مىنى ئىشخانىسىغا چاقىرتقىنىدا مۇشۇ سۆزلەرنى قىلغان ئىدى. كۆزلىرىم بولسا بۇرۇنقىدەكلا مەردانىلىك بىلەن ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بىر تالاي «ئادەمنى سۈر باستۇرىدىغان» ئاگاھلاندۇرىشىنى ئاڭلاپ قايتىپ چىقتىم. ھەر قېتىم شۇنداق بولاتتى، ئۇ مىنىڭ چىڭ يۇمۇلغان ئاغزىمدىن گەپ ئالالىغان، ئىرادەمنى تەۋرىتەلىگەن ئەمەس. بۇ قىتىملىق باھالاشتا مىنى فاكۇلتىتتىن «مەكتەپ بويىچە 10 مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى» نامزاتىغا كۆرسىتىپ بەرگەن، ھەممە شەرتلىرىم تولۇق چۈشىدىغان بولسىمۇ، باھالاش يىغىنىغا ئىككى كۈن قالغاندا تۇيۇقسىز باھالاشتىن قالدۇرۇلغانلىقىم خەنزۇ ساۋاقداشلىرىمنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى. ئەلۋەتتە قانداق ئىشلىقى ماڭا ئايان. «ھىچقىسى يوق» دەپ ئۆزەمگە شۇنچە تەسەللىي بىرىشنى ئويلىدىميۇ، ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم باھالىنىدىغان بۇنداق شان-شەرەپنى قولدىن بىرىپ قويغىنىمغا، يەنە كىلىپ ناھەقلا بىراۋلار تەرىپىدىن يوق قىلىنغىنىغا كۆڭلۈم ئاز-تولا يىرىم بولدى. مەن قانۇن-تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلمىدىمغۇ ئاخىر؟ باشلانغۇچ ۋاقىتلىرىمىزدا مۇئەللىم «18 ياشتىن تۆۋەن ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ» دەپ «تەلىم» بىرەتتى. مىنىڭمۇ پات-پات «قانۇنسىز دىنىي ئۇنسۇرلارغا، بۆلگۈنچى كۈچلەرگە زەربە بىرەيلى» دەپ يىزىلغان لەۋھەلەرگە كۆزۈم چۈشۈپ قالىدىغىنى ئىسىمدە. لىكىن مەن 18 دىن ئاشقىلى نەۋاخ، بۇ ئامانگۈل مۇئەللىم مىنىڭ چوڭ بولغىنىمنى بىلمەمدىكىنە؟ ياكى مىنىڭ ناماز ئوقۇشۇم قانۇنسىز دىنىي ھەركەتمۇ؟ مەن باشقىلارغا دىن تەشۋىق قىلمىسام يە؟! بۇ ياشقا كىرگەندە قايسى يولنى تاللاش پۈتۈنلەي مىنىڭ ئەركىنلىكىمغۇ؟ دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن «دىنىي ئىتىقاد ئەركىنلىكى» كىملەر ئۈچۈن يولغا قويۇلغان؟ ...... ئەجىبا ئەمدى باشقىلارنى مىنىڭ ئەھۋالىمنى تىڭ-تىڭلاپ كىلىشكە ئەۋەتكەنمىدۇ؟ نىمىشقا مەن خاتىرىجەم ھالدا ئوقۇشۇمنى ئوقۇپ، قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلىرىمنى قىلىپ يۈرەلمەيمەن؟ بۇ قىتىم باھالاشتىن قالدۇردى، كىيىنكى پىلانى «پاكىت» توپلاپ مىنى مەكتەپتىن ھەيدەشمىدۇ؟......

گادىرماچ خىياللار ئىچىدىن ئۆزەمنى تارتىپ چىقىپ، يەنە بىر قېتىم دۇئاغا قول كۆتۈردۈم:
« ئى مىھرى-شەپقەتلىك اللە! ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىسەن! مەن بۇرۇن توغرا يولنى تاپالماي، قاراڭغۇلۇقتا تەمتىرەپ يۈرگەن ئازغۇن بىر بەندە ئىدىم. ئۆزەڭ خالاپ دىلىمغا ھىدايەت نۇرى ئاتا قىلدىڭ، ماڭا بىلمىگەننى بىلدۈردۈڭ. ئەمدى مەن يولۇڭنى تىپىپ ماڭاي دىگەندە...... »
ئىچ-ئىچىمدىن يىغا ئىتىلىپ چىقتى. تارام-تارام ئاققان كۆز ياشلىرىم ئاچچىق بىر ھەقىقەتنى تونۇتماقچى بولغاندەك قىلاتتى.
«ئى اللە! قەدىمىمنى يولۇڭدا مۇستەھكەم قىلغىن! بىز ھەقىقەتەن ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇق!......»

نامازنى تۈگىتىپ ياتاققا قايتىپ كىرگىنىمدە، ياتاقتىكىلەر ئۇخلاشقا تەرەددۇت قىلىۋاتقان ئىكەن. تىلىفۇنۇمنى ئىلىپ كارىۋىتىمغا چىقتىم. يەنە شۇ نۇمۇر، يەنە بىر تال يىڭى ئۇچۇر.
«ھىچقىسى يوق. ئۇنداقتا سىز ناماز ئوقۇشنى بىلەمسىز؟»
گۇمانىم تېخىمۇ كۈچىيىپ باردى. ھەي، باشقىلارنىڭ ئېغىزىنى تاتىلىغىچە بىرىپ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى بىلەن بولسىڭىز بولمامدۇ؟ نىمە پايدا سىزگە شۇ مۇئەللىمنىڭ كەتمىنىنى چېپىپ؟! ئىسىت، سىزدەكلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!
نىمە دەپ قايتۇراي؟ بىلمەيمەن دىسەم يالغانچىلىقىم بەكلا چىنىپ قالاتتى، ھەم يالغان سۆزلەشنى كۆڭلۈم كۆتۈرمەيتتى. بىلىمەن دەمدىم ئەمىسە؟ ئۇنداق دىسەم، سۇئال-سوراقلىرى يەنە داۋاملاشسىچۇ؟ مىنىڭ ئاچىقىپ چاقسىچۇ؟......
«ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن، كىچىك ۋاقتىمدا ئازراق ئۆگەنگەن». جاۋابىمدىن خېلى مەمنۇنلۇق ھىس قىلدىم. ئەمدى نىمە دەيدىكىن قېنى؟
لىكىن كارىۋاتتا يىتىپمۇ كۆڭلۈم پەقەت تىنجىمىدى، ھىچبىر ئۇخلىيالايدىغاندەك ئەمەس. بىلىپ بولماس بىر يامانلىقنى سېزىپ تۇرىۋاتاتتىم. «بۇلارنى سوراپ نىمە قىلىدۇ؟ ئۇ زادى كىم؟» دىگەن سۇئاللار مىنى قىينايتتى. ئاخىرى ئۇنىڭ جاۋابىنى كۈتمەيلا ئۆزەم يەنە بىر تال ئۇچۇر يازدىم.
«نىمە بۈگۈن تۇيۇقسىزلا بۇنى سوراپ قالدىڭىز؟»
«قارىسام مەكتەپتە سىزلا ياغلىق چىگىپ ئورۇنۇپ يۈرىدىكەنسىز، شۇڭا سىزنى چوقۇم بىلەمدىكىن دەپ ئويلىغان. ماڭا ناماز ئوقۇشنى ئۆگىتىپ قويالارسىزمۇ؟ كۆڭلۈم بەكلا يىرىم، ناماز ئوقۇي دىگەن»
ھەي بىزدىكى مۇسۇلمانچىلىق! دەۋەتتىم ئىچىمدە. ئاجايىپ خەقكەنمىز، ئېغىزىمىزدا مۇسۇلمانمەن دەپ سۆزلەيمىزيۇ، قۇرئان كەرىمنى تونىمايمىز؛ مۇسۇلمانچە ئاشخانا ئىزدەپ نەمۇ-نە يۈرىمىزيۇ، ھاراق-تاماكىدىن قاچمايمىز؛ دەرت تارتقاندا «اللە» دەپ يىغلايمىزيۇ، خوشاللىق كۈنلەردە اللەنى ياد ئىتىشنى ئۇنتۇيمىز. بۇ قىزچاققا نىمە دەي ئەمدى؟
«بۇ مەكتەپ، بىزگە مەسئۇل مۇئەللىم مىنىڭ كىيىنىشىم توغرىلىق مەن بىلەن نەچچە قىتىم سۆزلەشكەن، مىنىڭ يەنە ئۆزەمگە ئىش تېپىۋالغۇم يوق. يەنە كىلىپ مەنمۇ جىق نەرسىلەرنى بىلىپ كەتمەيمەن »
شۇ ئۇچۇرۇمدىن كىيىن ئۇ «ياخشى چۈش كۆرۈڭ» دەپ قويۇپلا يوقاپ كەتتى. مەنمۇ باشقا گەپ قىلمىدىم. ئىچىمدە ئۇنىڭغا شۇنچە نەپرەتلەندىم!

ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ، ئاشخانىدا تاماق ئىلىۋاتقىنىمدا، بىشىغا ياغلىق چىگىۋالغان بىرسىنىڭ تاماق قاچىسىنى كۆتۈرۈپ ئانچە يىراق بولمىغان يەردە تۇرغانلىقىنى تاساددىپى كۆرۈپ قالدىم. بۇ مەكتەپتە ئارانلا يىگىرمە نەچچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بار. ھە راست بۇ يىل يىڭى كەلگەنلەرنى قوشساق 30لارغا بىرىپ قالار. ئەجىبا بۇرۇن ياغلىق چىگكەنلەرنى ئۇچرىتىپ باقمىغانىدىمغۇ؟ يەنە كىلىپ قىزنىڭ بىشىدىكىسى ئاق ياغلىق......
قىز مىنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغىنىمنى سەزگەندەك تۇيۇقسىز مەن تەرەپكە قاراپ قالدى. قارىدىيۇ، مىنى كۆرۈپ بىشىنى تۆۋەن سىلىپ تۇرىۋالدى.
ياق! بېرىپ سوراپ بېقىشىم كىرەك! تاماقنىمۇ ئالماي قىز تەرەپكە ماڭدىم. 
-  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم 
-  ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام 
-  سىز بۇ يىل يىڭى كەلگەنما؟ ئۆتكەن ئايدىكى يىڭى ئوقۇغۇچىلارنى قارشى ئېلىش ئۇچرىشىشىدىمۇ سىزنى كۆرگەندەك قىلمىغانىدىمغۇ؟ بىشىڭىزدىكى ياغلىق.....
گىپىم تۈگىمەيلا ئۇ ئاغزىنى توسقىنىچە بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى. دەماللىققا نىمە قىلىشىمنى بىلمەي، ئۇنى يۆلەپ سىرتقا ماڭدىم. 
-  يۈرۈڭ، سىرتتىكى گۈللۈككە بارايلى. بۇ يەردە يىغلىماڭ ئاپپاق.
مەكتەپ قورۇسىدىكى گۈللۈكنىڭ خىلۋەترەك بىر جايىغا ئورۇنلاشقان بىر ئورۇندۇققا كىلىپ ئولتۇردۇق. ئۇ يىغىدىن سەل ئۆزىنى توختىتىۋالغاندىن كىيىن گىپىنى باشلىدى:
- بۇرنا كۈندىكى ئۇچۇرنى مەن يازغان، ھەدە. سىز مىنى تونىمايسىز، لىكىن مەن مەكتەپكە كەلگەن كۈنىلا سىزنىڭ ياغلىقىڭىزغا كۆزۈم چۈشۈپ سىزگە شۇنداق ھەۋەس قىلغان. ئۇ كۈنى تېخى تاڭ يورۇمايلا قارا بېسىپ ئويغىنىپ كەتتىم. ئەتىگەنلىك دەرسىم دەرس بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن چۈشتە ئاپامغا تىلىفۇن قىلىپ ئۆزەممۇ بىلمەيلا يىغلاپ تاشلىدىم. ئاپاممۇ مەن بىلەن تەڭ يىغلاپ كەتتى. شۇ چاغدىلا دادامنىڭ ئەتىگەن ئىشقا ماڭغۇچە ئېغىر ماشىنا ھادىسىسىگە ئۇچرىغىنىنى، مەن تىلىفۇن ئۇرغاندا ئوپىراتسىيەگە كىرىپ كەتكىلى 4يىرىم سائەت بولغان بولسىمۇ تېخى چىقمىغانلىقىنى ئۇقتۇم. ئەسلى ئاپام دىمەي دەپتىكەنتۇق، لىكىن مەن تىلىفۇننى ئىلىپلا «ئاپا، بىر ئىشنى كۆڭلۈم تۇيىدى، چۈشۈم بۇزۇلدى» دەپ يىغلىسام ئاپاممۇ «ۋاي جىنىم بالام» دەپ ئۆزىنى تۇتىۋالالمەي يىغلاپ تۇرۇپ ھەممىنى دەپ بەردى. تىلىفۇننى قويۇپلا كاللامغا سىز كەلدىڭىز. ناماز ئوقۇغۇم، جەينامازدا ئولتۇرۇپ اللەدىن دادامنى ئىلىپ كەتمەسلىكنى تىلىگۈم، قۇرئان كەرىمگە يىنىش-يىنىشلاپ سۆيگۈم كەلدى، ھەدە......ھۈ ھۈ ھۈ......لىكىن ھىچنىمە قىلالمىدىم...... دادام ئۇ...... ھۈ ھۈ ھۈ......بىشىمدىكى ياغلىقنىمۇ ئاشخانىدىكى تۇڭگان ئايالدىن سوراپ يۈرۈپ ئاران ئالدىم.....
يۈرىكىم پۇچىلىنىپ كەتتى. ۋاي ئېسىت، ۋاي ئېسىت! شۇ كۈنى نىمە دەپ بولمىغۇر خىياللاردا، قالايمىقان گۇمانلاردا بولۇپ يۈرگەندىمەن؟ نىمىشقا بۇ قىزنىڭ شۇ كىچىككىنە ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىشىغىمۇ ياردەم قىلالمىغاندىمەن؟ نىمىشقا .....؟!! ئۆزەمنى توختىماي ئەيىپلەيتتىم، كۆز يىشىم توختىماي سىرغىيتتى. شۇ كۈنى كۆڭلۈمنىڭ پەرىشان بولغىنى بىكار ئەمەسكەن! بىچارە قىز دادىسى ئۈچۈن 2 رەكئەت ناماز ئوقۇپ، ئۇنىڭ ئاخىرەتلىكىنىمۇ تىلىيەلمەپتۇ. قۇلۇمدىن كىلىدىغان تۇرۇپ مەن ئۇنىڭغا ھىچنىمە قىلىپ بىرەلمەپتىمەن. بۇنى كىمدىن كۆرگۈلۈك؟ ئادەملەر ئارىسىدىكى ئىشەنچنى سۇسلاشتۇرىۋەتكەن جەمئىيەت، كىشىلەرنى بىر-بىرىگە ياردەم بىرىشتىن ئەيمەندۈرگەن ۋەزىيەت، بالىسىنىڭ ئېغىزىغا ئازراقمۇ ئىلىم سالالمىغان ئاتا......
قۇچىقىمنى كەڭ ئىچىپ، يىغلاۋاتقان قىزنى باغرىمغا باستىم.
- كەچۈرۈڭ سىڭلىم، ھەدىڭىزنى كەچۈرۈڭ. مەن سىزگە يار-يۆلەك بولالماپتىمەن. مۇشۇ يات شەھەردە دەردىڭىزگە ھەمدەرت بولالماپتىمەن. سەۋر قىلىڭ. مەن ئۆگىتەي سىڭلىم، دادىڭىز ئۈچۈن دۇئا قىلىڭ. ئۇنىڭ ئاخىرەتلىكىنى تىلەڭ، گەرچە ئۇ سىزگە ھىچنىمە قالدۇرالمىغان بولسىمۇ......


مەنبە: قەلىمىم
باشقا ئورۇنغا يۆتكىمەكچى بولسىڭىز قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ئالاقىلىشىڭ! رۇخسەتسىز يۆتكىمەڭ! رەھمەت!
[ بۇ يازما رۇمەيسا تەرپىدىن2009-03-10 20:05دە قايتا ]

تېما تەستىقلىغۇچى : alxarap
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-11-04, 08:57

 

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • تۆھپە:+20(layli0317)
  • ياخشى باھا:+20(Nazuk-qiman) ئىجادىي ئەسە ..
  • كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
    ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇيغۇر تىلىمغا چېقىلمىساڭ بولمامدۇ؟!......

    http://tirish.cn/bbs
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-11-04 13:01 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    رۇمەيسا
    تەبەسسۇمنى سېغىندىم
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 38670
    نادىر تېما : 6
    يازما سانى : 1761
    شۆھرەت: 1984 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1711 سوم
    تۆھپە: 332 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 427 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1763(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

     

    بۇ مىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا يازغان تۇنجى ھىكايەم.  تەنقىدىي پىكىرلەرنى قوبۇل قىلىمەن~~ 
    بەكلا قاملاشماي قالغان بولسا قىسقا ئۇچۇردا دىسەڭلەرمۇ مەيلى~~ 
    يەنە بىر گەپ، ھىكايىنى مىنىڭ تۇرمۇشۇمغا باغلىۋالمىغان بولساڭلار. گىپىڭلار بولسا ئەسەردىكى پىرسوناژغا دىسەڭلار بولىدۇ.  رەھمەت~~ 

    كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
    ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇيغۇر تىلىمغا چېقىلمىساڭ بولمامدۇ؟!......

    http://tirish.cn/bbs
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-04 17:06 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    arkhon
    ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 9172
    نادىر تېما : 5
    يازما سانى : 1222
    شۆھرەت: 1303 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 11870 سوم
    تۆھپە: 245 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 264 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 5014(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

     

    كەچۈرۈڭ سىڭلىم، ھەدىڭىزنى كەچۈرۈڭ. مەن سىزگە يار-يۆلەك بولالماپتىمەن. مۇشۇ يات شەھەردە دەردىڭىزگە ھەمدەرت بولالماپتىمەن. سەۋر قىلىڭ. مەن ئۆگىتەي سىڭلىم، دادىڭىز ئۈچۈن دۇئا قىلىڭ. ئۇنىڭ ئاخىرەتلىكىنى تىلەڭ، گەرچە ئۇ سىزگە ھىچنىمە قالدۇرالمىغان بولسىمۇ......
    بۇ  بىر ئابزاس ئۈچۈن  سىزگە شەبنەم ئەدەبىياتى  مۇكاپاتى  بىرىش  لازىم  سىڭلىم....رەھمەت

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-04 17:09 |
    bikarqi
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 12722
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 410
    شۆھرەت: 430 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3353 سوم
    تۆھپە: 5 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1599(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

     

    تاللىغان تېمىڭىزدىن ھەقىقەتەن مەمنىۇن بولدۇم.سىزدە يازغۇچىلىقنىڭ بىخلىرى يېتىلگەندەك ھىس قىلدىم.مۇبارەك قەلىمىڭىز ھېرىپ قالمىغاي.

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    سەھەر تۇرغانلار كەچتە خاتىرجەم.
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-04 17:15 |
    aximjan.s
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 59078
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 106
    شۆھرەت: 128 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1055 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 80 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 197(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-14

     

      اللاھ ئىگەم قەلەم قۇۋىتىڭىزنى زىيادە ،ئىمانىڭىزنى سالامەت قىلسۇن،يازغانلىرىڭىز دىن مەن پەقەت ئالدىدىكى يۇمۇرلىرىڭىزنى كۆرەلىگەن ئىدىم،بۇ ھىكايىڭىز ھەقىقەتەن جانلىق ،تەسىرلىك ،چىقىپتۇ_گۈزەلگە گىرىم نەھاجەت،يە ئەدەبى تەسۋىر،ۋەياكى باشقا ئىستىلىستىكا ھۈنەرلىرى،بولمىغان ھالەتتە ئەڭ قىيىن بىر مەسىلە ھەققىدە ئاددى تىلىڭىز بىلەن چۇڭقۇر مەنانى ئىپادىلەپسىز، ئىماندىن ئىبارەت بۇگۆھەر مەڭگۈ ئۇنى سۆيگەنلەرنى ئۆز نۇرىدا نۇرانە قىلىدۇ،سىز ئىلگىرى سۈرىۋاتقان مەرگىزى ئىددىيە،قۇرئانى كەرىمدىكى«ئۆزەڭلار ۋە بالىللىرىڭلارنى ئادەم ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان دوزاقتىن ساقلاڭلار»_دىگەن ئايەت.
    دەر ھەقىقەت بالىلارغا ئىسلامنى ئۈگەتمەسلىك_ئاتا_ئانىنىڭ ئەڭ ئەجەللىك خاتالىغى،چۈنكى شۇسەۋەپتىن،ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئامراق بالىللىرىغا ئىككى ئالەملىك زۇلۇم بولىدۇ.بۇ پەرزنى چوقۇم ئادا قىلىش لازىم.
    تۇنجى بولۇپ سىزنىڭ ھىكايىڭىزگە ئىنكاس يازغىنىمدىن خوشالمەن،اللاھ سىزگە مۇپەسسەل سالامەتلىك ئاتا قىلسۇن

    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-04 17:32 |
    nurana9
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 56554
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 388
    شۆھرەت: 396 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3743 سوم
    تۆھپە: 15 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 993(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-11

     

    بەك تەسىرلىك ،ياخشى  يېزىپسىز،

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    سۆيمىگەنگە سۈركەلمە .....
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-04 18:46 |
    romanitikkiz
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 63388
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2
    شۆھرەت: 3 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 20 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-11-05

     

    رەخمەت  . ياخشى يىزپسز . 

    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-04 19:22 |
    munajat7
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 40796
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1418
    شۆھرەت: 1540 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 13151 سوم
    تۆھپە: 152 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 175 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 574(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-15

     


    <<اللا>> رەھمەت قىلسۇن سىڭلىم ، نىمە دىگەن تەسىرلىك ۋەقەلىكى تەسىرلىكمۇ يا ئىسلامىيەت پۇرىقى كۈچلۈك بولغاچقىمۇ؟  بۇ تىمىڭىزغا  تەسىرلەنمەيدىغان باغرى تاش ئىنسان بولمىسا كىرەك، غاپىللاردىن باشقىسى.


    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    خوپ ئۆزۆڭ دۇنيا بىراق،شەيتانلىرىڭدىن قورقىمەن،
    بىگۇنانى باغلىغان ئارقانلىرىڭدىن  قورقىمەن.
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-04 19:23 |
    munajat7
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 40796
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1418
    شۆھرەت: 1540 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 13151 سوم
    تۆھپە: 152 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 175 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 574(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-15

     

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    خوپ ئۆزۆڭ دۇنيا بىراق،شەيتانلىرىڭدىن قورقىمەن،
    بىگۇنانى باغلىغان ئارقانلىرىڭدىن  قورقىمەن.
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-04 19:26 |
    salima0999
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 52710
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 9
    شۆھرەت: 10 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 90 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-05

     

    ياخشىمسىز« خوما» مېنىڭ سىز بىلەن تونۇشۇپ قالغم بار ئىدى لىكىن  قانداق بىلەلمىدىم  .

    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-04 19:39 |
    ئوغۇزخان
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 22222
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 278
    شۆھرەت: 300 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 38454 سوم
    تۆھپە: 75 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 85 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1119(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-10

     

    بۇ ھىكايىنى ئوقىۋىتىپ ئاختىيارسىز يىغلاپ كىتىپتىمەن ،  يۇرتىدىن ئايرىلىپ ئوقۇۋاتقان ، ئىشلەۋاتقان ، سودا-سىتىق قىلىۋاتقان بارلىق مۇسۇلمان قىرىنداشلىرىمغا تەن-ساقلىق ، ھىدايەت ۋە  بەرىكەت تىلەيمەن ! 

    خوما قىزىم ئەسىرىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ .  سىزنى كۆرمىگە تونىمايدىغان بولساممۇ قىزىم دەپ ئاتاۋەردىم ، بەخىتلىك بولۇڭ ، ياخشى ئوقۇڭ ، كەلگۇسىمىز سىزگە ئوخشاش ئىمانلىق ، بىلىملىك ياشلارغا  مۇھتاج !

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    مەن سىلەرگە بولدۇم خاقان،
    ئېلىڭلار يا بىلەن قالقان.
    تامغا بولسۇن بىزگە بۇيان،
    كۆك بۆرە بولسۇن ئۇران.
    تۆمۈر نەيزىلەر بولسۇن ئورمان،
    ئوۋلاقتا يۈرۈشسۇن مال-ۋاران.
    ھەم دەريا ۋە ئېقىن،
    قۇياش تۇغ بولسۇن،
    ئاسمان قورغان.

    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-04 19:54 |
    Mardan0903
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 42245
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 529
    شۆھرەت: 530 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 19402 سوم
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 959(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

     

    بەك تەسىرلىك چىقىپتۇ، جانابى ئاللا ھەمىمىزنى ھىدايەت يۇلىغا باشلىسۇن .

    ھەقىقەت ئىگىلىدۇ، سۇنمايدۇ...........
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-04 20:18 |
    marisadimi
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 41796
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 224
    شۆھرەت: 225 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2230 سوم
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 790(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

     

    نىمانچە تەسىرلىك ھىكايە بۇ؟مەنمۇ بۇرۇن ناماز ئۇقۇيتۇم.لىكىن..........................
    ھەر قېتىم مەسچىتنىڭ ئالدىدىن ياكى ئەزان ئاۋازنى ئاڭلىسام پۇتۈن بەدىنىمگە تىترەك ئۇلىشىپ كىتدۇ

    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-04 20:32 |
    hilale
    غەيرەت قىل ئاي...
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 9504
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 587
    شۆھرەت: 675 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 5517 سوم
    تۆھپە: 125 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 101 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 321(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-14

     

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم خوما،ئالاقىلاشمىغىلى ئۇزۇن بوپتۇ،قانداق ئەھۋالىڭىز،ياخشى تۇرغانسىز؟ بۇ تىمىڭىز ئارقىلىق سىز بىلەن يۈز كۆرۈشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن ھەمدە تىمىڭىزنىڭ مۇۋاپپىقىيىتىنى تەبرىكلەيمەن...ئىنتايىن تەسىرلىك چىقىپتۇ،ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي قالدىم،كۆزلىرىم ئىختىيارسىز نەملەندى،رەھمەت سىزگە،تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرىشىڭىزگە چىن دىلىمدىن تىلەكداشمەن.

    ئاللا مېنى ئىرادىلىك قىلغاي...


    بىلوگىمغا مەرھەممەت!
    http://nazila.blogbus.com
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-04 20:34 |
    رۇمەيسا
    تەبەسسۇمنى سېغىندىم
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 38670
    نادىر تېما : 6
    يازما سانى : 1761
    شۆھرەت: 1984 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1711 سوم
    تۆھپە: 332 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 427 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1763(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

     

    Quote:
    بۇ يازما9قەۋەتتىكىsalima0999نىڭ2008-11-04 19:39يوللىغان  :
    ياخشىمسىز« خوما» مېنىڭ سىز بىلەن تونۇشۇپ قالغم بار ئىدى لىكىن  قانداق بىلەلمىدىم  .

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۇنبەر قىسقا ئۇچۇرى ئارقىلىق ئالاقىلىشايلى~~ 

    ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇيغۇر تىلىمغا چېقىلمىساڭ بولمامدۇ؟!......

    http://tirish.cn/bbs
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-04 21:40 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2345» Pages: ( 1/6 total )
    XabnamBBS » شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:03-16 17:36, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ