ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 2345» Pages: ( 1/8 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 9056 - كۆرۈرمىنى
ئۇيغۇرئاي
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە رەسىم يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 22655
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 2789
شۆھرەت: 3025 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 28190 سوم
تۆھپە: 679 نۇمۇر
ياخشى باھا: 503 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 750(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-26

 شىۋىرغانلىق كوچىدىكى ئىككى جەسەت

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ تىمىنى Naikon.x نادىرلىدى(2008-10-30)


شىۋىرغانلىق كوچىدىكى ئىككى جەسەت
ئاپتۇرى:ئۇيغۇرئاي<رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ>





_ئاپا،ياڭاق بەك تاتلىق بولىدىكەن ھە؟
نەچچە يىرىگە ياماق چۈشكەن يوغان سوبۇ خالتىدىكى پايپاقلارنى رەتلەۋاتقان جەمىلە ئوغىلىغا سوئال نەزىرىدە قارىدى
_بايا ئىشىك ئالدىدا ئويناۋاتسام ،سەلىمە ئاپاشنىڭ بالىسى يىگەن ئىدى،نىمە يەۋاتىسەن دىسەم ئازراق بەردى. شۇنى يىگەنتىم. سەنمۇ جىق پۇل تاپقاندا ماڭا يوغان-يوغان ياڭاقلاردىن جىققىدە ئىلىپ بىرىسەن ھە ئاپا؟
_ئەلۋەتتە بالام. جەمىلە مۆلدۈرلەپ قاراپ ئولتۇرغان ئوغلىغا ئاچچىق ياشلىرنى كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن ئىتتىك تام تەرەپكە بۇرۇلدى.
_بالام؟
_ھە ئاپا
-سەن سىرىتقا چىقىپ كەتمەي ئۆيدە ئولتۇرۇپ تۇرغىن جۇمۇ. مەن دۇكانغا چىقىپ سەي -كۆكتات ئەكىرەي
_ماقۇل ئاپا.

تۇرمۇشنىڭ قاتتىق دوقاللىرىدا كۆپ سوقۇلغان ،تىخى ئەمدىلا 30 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان جەمىلەنى بىرلا كۆرگەن كىشى كەم دىگەندە 45 ياشلار ئەتىراپىدا دەپ پەرەز قىلىدۇ. تىخى سەككىز يىلنىڭ ئالدىدا نۇرغۇن يىگىتلەرنىڭ يۈرەكلىرىنى كۆيدۈرۈپ،ئاش-تاماقتىن قىلىشىغا سەۋەپچى بولغان خۇمار كۆزلەر ،جىنەستىدەك لەۋلەر ئۆز نۇرىنى يوقاتقان،ھازىر بۇ مەزلۇمنى شۇ يىگىتلەر كۆرسە گەپ يوقلام قانداق ئەھۋال چوڭ ئاپا دىيىشتىن يانمايدۇ. ئۆزى سۆيگەن يىگىتى بىلەن مۇرات -مەقسىتىگە يىتىپ ۋىساپ پەيىتلىرىدە بىشى كۆككە يەتكەن بۇ يىتىم قىز.يىتىمنىڭ ئىغىزى ئاشقا تەگسە،بۇرنى قاناپتۇ> دىگەندەك كۈنلەرگە قالدى. شۇنداق گۈزەل مىنۇتلىردا ئۇ ھەرگىزمۇ بۈگۈنكىدەك كۈنگە قالىمەن دەپ ئويلاپ باقمىغان ئىدى.
ئۇنى ئەزەلدىن ياقتۇرمايدىغان قىيناتا-قىينانىلىرنىڭ تاپا -تەنىسىنى يولدىشىنىڭ تاتلىق گەپلىرى يىپىپ كىتەتتى. لىكىن خوشاللىق كۈنلەر ئۇزۇن بولمىدى. يولدىشى قاسىم ئەمدىلا ئۈچ ياشقا كىرگەن ئوغلى بىلەن جەمىلەنى يۆلەنچۈكسىز قالدۇرۇپ ،يوشۇرۇن يۈرەك كېسىلى تۈپەيلى كۆز يۇمدى.

-تــت،تــــــــــــــــــــــىت........كۆزۈڭگە قاراپ ماڭاۋا ،كالۋا قىرى!
جەمىلە خىياللار بىلەن قاچانلاردا چوڭ يولغا چىقىپ كەتكەنلىكىنىمۇ سەزمەي قالغان ئىدى. ئۇ سەي دۇكىنىدىن ئىككى تال پەمىدۇر،بىر تال چەيزاە،ئازراق كەرەپشە(ھەممىسى باھاسى چۈشكەن ،زىدە بوپ قالغان كۆكتاتلار)نى ئالغاندىن كىيىن يانچۇقىدىكى ئازغىنە پۇلىنى ئوغرىغا بىرىپ قويماسلىق ئۈچۈن چىڭ سىقىمدىغىنىچە ئۇن ساتىدىغان دۇكانغا كىردى.
_يەنە سىزما خىنىم؟ ئادەمنى ........ئالغاندىن كىيىن جىقىراق ئالسىڭىز بولمامدۇ؟ قاش،چاچ،ھەتتا تىرناقلىرىغىچە سىرىق بويىۋالغان <ئۇيغۇر> ئايال جەمىلەگە يىرگىنىش كۆزى بىلەن قارىدى.
_كۆپىرەك ئالاي دىسەم پۇلۇم يەتمەيدىكەن. بىزدەك كۈنلۈكىنى كۈندە تىپىپ يەيدىغانلارغا نىمە ئامال دەيسىز ئەمدى
-بولۇڭ،قۇرۇق گەپ قىلىپ ۋاقتىمنى ئالماڭ. سىزدەكلەر جىقىيىپ كەتتى شۇ ھازرى
-شۇ ئالتۇندەك سىياسەت ئاستىدا،ئالتۇن پارچىسىدەك چىچىلىپ يۈرۈپتىمىز. يىرىم كىلو بىرىڭە ئۇندىن
-ھىم..............

ئۆي دىمەي سەرەڭگە قاپچۇقىنىڭ ئازراقلا چوڭايتىلغىنى دىسىمۇ كەملىك قىلىدىغان بىرلا ئىغىز ئۆينىڭ ئىجارىسىنىمۇ ئاران تۆلەۋاتقان جەمىلەنىڭ خۇددى مۇزدەك قىتىپ كەتكەن،نەۋىرسىگىمۇ قاراپ قويمايدىغان قىيىن ئاتا-ئانىلىرغا قەتئىي يالۋۇرغۇسى يوق. يولدىشى تۈگەپ كەتكەننىڭ ياقى مۇشۇ كىچىككىنە بىر ئىغىز ئۆيدە ئاچ-توق بولسىمۇ يولدىن چىقماي بالىسىنى بىقىپ كىلىۋاتىدۇ. قىشنىڭ قاتتىق سوغۇقلىرىدا،يازنىڭ ئادەم كۆيدۈردىغان ئىسسىقلىرىدا ئىنچىكە ئاۋازى بىلەن:
-پايپاق ئىلىڭلار،ئەرزان ساتتىم. ئىككى كويغا بەش دىگەن زىل ،ھارغىن ئاۋازنى ئاڭلاپلا جەمىلە ئىكەنلىكىنى بىلۋالالايسىز. بۇ شەھەردە ئادەم شۇنچىلىك كۆپكى بىر قارسىڭىز ھەممىلا ئادەم كوچىغا پايپاق ساتقىلى چىقىپ كەتكەندەك شۇ دائىرىدىن ئازەراقلا چىقسىڭىز  يەنە شۇ خىل ئىشلارنى قىلغىلى چىقىپ كەتكەندەك كۆرۈنىدۇ.

-پايپاق ئىلىڭە ئۇكام،ئەرزان ساتتىم.
-ماڭاۋا،قانداق رودۇپاي خوتۇن ماۋۇ. ئۆتمەس ماتا،زورلاپ ساتا دەپ،ئالمايمەن دېدىمغۇ؟ ئالدىراش ئادەمنى...........

-سىڭىللىرىم پايپاق ئىلىۋىلىڭلار،ئەرزان ساتتىم.
-ۋىيى ،ماۋۇ سەت خۇتۇننى،ئادەمنىڭ نۇمۇسىنى كەلتۈرۈپ كىمنى سىڭلىم دەۋاتىدا؟ جۈرە ئاداش بۇ  يەردە تۇرغىنىمىزنى بىرەر تونۇشلىرىمىز كۆرۈپ قالمىسۇن. زامانىۋىي كىيىنگەن ئىككى <ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى> بەللىرىنى تولغاشقىنىچە ئۆتۈپ كەتتى.

-پايپاق،پايپاق، ئىلىۋىلىڭە
-ئىككى كويغا ئالتىنى بەرسىڭىز ئىلىپ قوياي ھەدە؟
_ئۇف،تاللىۋىلىڭ ئەمسە

مانا مۇشۇنداق جان باقىدىغان ئۇيغۇر ئۇششاق تىجارەتچىلەرنىڭ  ئەڭ تۆۋەن بىر كۈنلۈك كىرىمى 2 يۈەن بەش مو دىسەم قايسىڭلار ئىشىنىسىلەر؟  تەكتىماكاننىڭ قۇملىرى ئاستىدىن تارتىپ ئالتۇن،كۈمۈشكە تويۇنغان دىياردىكى بىر  ئۇيغۇر ئانا كۆكتاتنىڭ ئەڭ سېسىقلىرىنى،كۈنىگە بولسا يىرىم كىلۇ،بولمىسا ئىككى يۈز گىرام ئۇن. گۆش دىدارى يوق تاماق بىلەن چالا-پۇلا قورساق گوللايدۇ دىسەم ھىچقايسىمىز كۆز يۇمالمايمىز ئەلۋەتتە. شۇنچىلىك كەڭرى كەتكەن زىمىننىڭ ئاسمىنى بەك ،بەك تار. كۈندىن ،كۈنگە كۆپىيىۋاتقان<جەمىلەلەر> ..........
بىر كۈن ۋارقىراپ،ئۆرە تۇرۇپ ئون جېنىنىڭ بىرسىمۇ قالمىغان جەمىلە،پۇتلىرىنى سۆرەپ ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. ئاپىسىنىڭ تىزىراق كىلىپ تاماق ئىتىپ بىرىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈپ ئولتۇرغان ئەكبەر. سۇس كۈلۈمسىرەپ كىرۋاتقان ئاپىسىنى ئىشىكنىڭ يىنىدىلا چىڭ قۇچاقلىۋالدى. شۇنچىلىك ئوماق، چىرايىدىن ئاپىسىدىكى گۈزەللىك ئىزنالىرى كۆرۈلۈپ تۇردىغان بۇ بالىنىڭ ھازىرقى ئارزۇسى ياخشى ،گۆشلۈك تاماقلاردىن تويغۇچە بىر قىتىم يەپ بىقىش.
قىش كىرىپ قالغاچقا ئانا- بالا ئىككىسىنىڭ ھازىرقى كۈنى تىخىمۇ تەسلىشىپ كەتكەن . ھەر بىر خالتا كۆمۈرنى تەسىتلىكتە ئىلىپ،يۈرىكىنىڭ بىر پارچىسىنى كۆيدۈرگەندەك ئاۋايلاپ ئىشلىتىدۇ. مازلىرى تىتىلىپ كەتكەن ئەسكى يوتقانغا چىڭ پۈركۈنۈشۈپ يىتىپ ئانا ،كىچىككىنە بالىىسغا كونا مەشتىكى ئوتتۇنمۇ ئىسسىق بىر ھارارەتنى بىرىدۇ.

_بالام بۈگۈن ساڭا كاۋاپ ئىلىپ بىرەي ھە؟
-كاۋاپ يەمدۇق ئاپا؟ كاۋاپ بەك قىممەت تۇرسا؟ ياكى بۈگۈن جىق پۇل تاپتىڭمۇ؟
-ئەجرىمگە لايىق تاپتىم بالام. چاپىنىڭنى،قۇلاقچاڭنى تىز كىيگىن!
خوشاللىقتىن چىرايى باشقىچە نۇرلىنىپ كەتكەن ئەكبەر كىيىملىرىنى تىز كىيىپ ئاپىسى بىلەن سىرىتقا ماڭدى.
-كاۋاپتىن 10 زىق يەۋىتىمەن جۇمۇ ئاپا؟
_ماقۇل بالام
-10 زىققا تويمىسام يەنە مانتىمۇ ئىلىپ بىرەمسەن ئاپا؟
-ئىلىپ بىرىمەن....نىمىنى خالىساڭ شۇنى
سىرىتتىكى قاتتىق شىۋىرغاندا دۈگدىيىشىپ كىتىۋاتقان ئانا-بالا ئاشخانىغا تىزىراق يىتىۋىلىش ئۈچۈن قەدەملىرىنى تىخىمۇ تىزلەتتى. يولنى غۇۋا يورۇتۇپ تۇرغان كوچا چىراقلىرىدا ،ئىككى گەۋدە تەستلىكتە ئالدىغا ئىلگىرلەيىتتى.
-قار نىمىدىگەن گۈزەل. لىكىن بەك سوغۇق. ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق شىۋىرغاندا پەقەتلا مۇزلىمىغان ئىدىم. قوللىرىمنى....
جەمىلە بۇلارنى ئويلاپ بالىسىنىڭ قولىنى تىخىمۇ چىڭ سىقتى
-ئاپا،قولۇمنى بوشراق تۇتقىنە!
-خاپا بولما بالام
-كىلەي دىدىقمۇ ئاپا؟
-ئەنە،ئاۋۇ كوچىنىڭ دوقمۇشىدا،يەنە ئىككى يۈز مىېتىر......

يان كوچىدىن چىقىپ شىددەت بىلەن ئۇرۇلغان ماشىىنا ئاۋال جەمىلەنى ئۇنىڭدىن كىيىن كىچىككىنە ئەكبەرنى خىلى يىراقلارغا قاڭقىتىۋەتتى.
ماشىنىنى تۈزۈك ھەيدىمەي ئاشنىسى بىلەن غىلجىڭلىشىپ ئولتۇرغان ئەمەت شۇجى تۇيۇقسىز بولغان بۇ ۋەقەدىن نىمە قىلارنى بىلمەي قالدى. ئۇ ماشىنىدىن چۈشۈپ بىر دەسسەپ،ئككى دەسسەپ ،قار ئۈستىگە ئىسسىق قانلىرىنى يىيىپ ياتقان ئىككى گەۋدىنىڭ يىنىغا كەلدى. ئىچىنىشلىق ئىڭراۋاتقان ئانا،جىمىمدە بولۇپ كەتكەن بالىىسىغا قاراپ ئۈزۈك -ئۈزۈك ئاۋازى بىلەن :
-ئۇ.......ئۆتۈنۈپ قالاي.مېنىڭ ئوغلۇم........ئۇ ......كاۋاپ........بالام..........قۇتقۇزۋىلىڭ!!!
بۇ مىھرىبان ئانىنىڭ قان يۇقى ئىغىزىدىن چىققان ئەڭ ئاخىرقى سۆزلىرى بولۇپ .يىنىدا ئاللىقاچان جىمىپ ،سوزۇلۇپ ياتقان بالىسىغا قاراپ كۆزلىرى ئوچۇق ھالدا ئۆز زىمىنىدىن نىسىۋىسىز ئايرىلدى.

-قانداق قىلىمىز؟ئىككىلىسى ئۆلۈپتۇ ،-دېدى ئەمەت شۇجى قاڭسىق ھاراق پۇراپ تۇرغان تىلىلرنى گاچىلاشتۇرۇپ.
-قانداق قىلىتىڭىز، غىت قىسىپ ئاستا يوقىلىسىز. بەربىر ئۆلۈپتۇ. چاپسان ماڭايلى خەق كىلىپ قالغۇچە. بۇ خەق ئۆلگەنگە ئدەم كەملەپ قالامتى بۇ يەردە..............

ھايۋاندىمۇ ئازراق مىھرى-مۇھەببەت بار. لىكىن ھايۋانچىلىكمۇ بولالمىغان بۇ ئىپلاسلار ئارزۇ بىلەن كىتىپ قالغان ئىككى جەسەتنى شۇ شىۋىرغانلىق كوچىدا قالدۇرۇپ يولىغا راۋان بولدى.

ئىنسان ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى؟
ياق! ئۆز تەقدىرىگە پەقەت ياغاچچى بولالىغان ئۇيغۇرلار. تىزىراق كىسىلىپ تۈگىشىگە ھەرە بولۇپ بىرىۋاتقان ئۇيغۇرلار شىۋىرغانلىق كوچىلاردا ئەڭ تۆۋەن ئارزۇ-ئارمىنىغا يىتەلمەي قانغا مىلىنىپ كۆزى ئوچۇق كىتىۋاتقان كىچىك ئەكبەرلەر.جاھاننىڭ قىلچىلىك خۇلىقىنى كۆرمىگەن جەمىلەلەر.........
پەقەت ئۆز يىغىمىزدا قورۇلۇپ تۈگەۋاتىمىز.



بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • ياخشى باھا:+10(nur65)
  • تۆھپە:+20(Naikon.x)
  • ياخشى باھا:+10(judun)
  • ياخشى باھا:+20(bilgar)
  • كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى


    ھەسرەت چىكىۋاتقان ۋاقتىڭىزدىمۇ قاپاق تۈرمەڭ. چۈنكى، سىز كۈلۈمسىرىشىڭىزگە كىمنىڭ ئامراقلىقىنى بىلمەيسىز

    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-10-30 09:47 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    kok-sultan
    تەۋپىق ئىزچىسى
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26286
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 3148
    شۆھرەت: 3455 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 23580 سوم
    تۆھپە: 477 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 754 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 3592(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-15

     

    بۇ تەسىرلىك قىسسىدىن كۆزلىرىم ياشلاندى، سىڭلىم...

    كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-30 09:55 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    guzalnurl
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 59688
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 121
    شۆھرەت: 122 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1180 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 45(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-15

     

    رەزىل  ئادەم كۇپ  بۇ جەميەتتە         

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-30 10:01 |
    aynur505
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 41373
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 52
    شۆھرەت: 53 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 393 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 387(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-20

     

    شۇنداق  تەسىرلىك  ھىكايىكەن،ئەتتىگەندە  يىغلاپ  سالغىلى  تاس  قالدىم  ھارماڭ

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-30 10:04 |
    dilnor
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 36685
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 653
    شۆھرەت: 679 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 70 سوم
    تۆھپە: 61 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 65 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1348(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

     

    تذرمذشنصث هةقصقى كارتىنىسىنى ئىچىپ بىرىپسىز. مۇشۇنداق تىرىشىپ-تىرمىشىپ  تۇرمۇش قامداۋاتقانلارنى دائىم دىگىدەك ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. بۇ ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ تاس قالدىم يىغلاپ تاشلىغىنى ،كىرىشتۇرگەن موزىكىمۇ ئەسەر مەزمۇنى بىلەن بەك ماسلىشىپتۇ.

    تەن ساقلىق زور بايلىق.
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-30 10:10 |
    tim0998
    گۈزەللىك ئىزدىمە،ئۇ سەندە.
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 61829
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1137
    شۆھرەت: 1263 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1250 سوم
    تۆھپە: 121 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 39 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 477(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

     

    يىغلاۋاتىمەن.كۆزياشلىرىمنى پەقەتلا توختىتالمىدىم .ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىمدە«ئىغىر كۈنلەردە»دەپ بىر ھىكاينى ئوقۇغان چىغىمدىمۇ شۇنداق بولغان ئىدىم.رەھمەت سىزگە.ئەقلى ھۇشى بار كىشىلەرگە سىز بىر نەرسىنى تونۇتتىڭىز.بۈگۈن مەن قولۇمدىن كىلدىغان بولسا مۇشۇ تىمىڭىزنى نادىر لەپ قويغان بولاتتىم.باشقۇرغۇچىلاردىن ھىچ بولمىغاندا مەزكۇر تىمىنى ئۇزاق مۇددەت چوقىلاپ تۇرشىنى سەمىمى تەلەپ قىلىمەن.

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    تۈنۈگۈننى ئۇنۇتما!بۈگۈننى چىڭ تۇت!ئەتىنى ئويلا!
    تۈنۈگۈندىن جەۋھەرلەر توپلىشىڭ مومكىن؛
    بۈگۈننى چىڭ تۇتساڭ،كېيىن پۇشايمان قىلمايسەن؛
    ئەتىكى توغرا نىشاننى كۆزلەپ ماڭساڭ،تاپتىن چىقىپ كەتمەيسەن!

    ./?u=61829
    ./?a=tim0998
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-30 10:21 |
    شاتلان
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 41702
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 430
    شۆھرەت: 431 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4277 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 753(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

     

    ھېلىقى ئەمەت شۇجى دىگەن ئەبلەخ چوڭ ماشىنىنىڭ ئاسىتدا مىجىلىپ ئۆلگەي ھۇ نائىنساپ ئوغرى

    داۋاملىق تىرىشىمەن
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-30 10:30 |
    heyalimsanda
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 58222
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 76
    شۆھرەت: 77 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 760 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 409(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

     

    ئەتتڭگەندىلا  كوڭلىم  ئەجەپ  يېرىم بولدى  ،بەك  تەسىرلىككەن.

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-30 10:31 |
    kulka0999
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 42876
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 91
    شۆھرەت: 92 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 834 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 517(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-15

     

    راسدەيسىز جەمىيىتىمىزدە<<ۋىيى ،ماۋۇ سەت خۇتۇننى،ئادەمنىڭ نۇمۇسىنى كەلتۈرۈپ كىمنى سىڭلىم دەۋاتىدا؟ جۈرە ئاداش بۇ  يەردە تۇرغىنىمىزنى بىرەر تونۇشلىرىمىز كۆرۈپ قالمىسۇن. زامانىۋىي كىيىنگەن ئىككى <ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى> بەللىرىنى تولغاشقىنىچە ئۆتۈپ كەتتى>>بۇلاردەكلەر ئازئەمەس .يەنە دادۇيجا شۇجى دىگەندەك ئازىراق ئەمىلى بارلارنىڭ دىھقانلارغا سىلىۋاتقان زۇلۇملىرى كىچىك قىزلارنى ھەرياقلارغا يوتكەشتەك قىلمىشلىرى شۇلارنى ياقايۇرتلاردا ئىغىر ئازاپ خورلۇقلارغا تاشلاپ قويدى... بۇنىڭ سەۋپچىسى يەنىلام شۇ ئۇيغۇر باشلىقلار...........................!

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    &بۇدۇنيانىڭ ۋاي دىگۇچىلىكى قالمىدى.!!!!!!!!!!!!
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-30 10:38 |
    yipek
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 35386
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 119
    شۆھرەت: 120 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1180 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 451(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-15

     

    كۆڭلۈم ھەجەب بىر خىل بولدى ئەتتىگەندىلا...تەپەككۇرىڭىز توختاپ قالمىغاي، پىكىرلىرىڭىزدىن ھەر دائىم يېڭىچە  قاراش ۋە مەسئۇلىيەت چىقىپ تۇرىدۇ. كەسىپىي جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىڭىزنىمۇ تاشلاپ قويمىغايسىز سىڭلىم...

    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-30 10:39 |
    nol
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 11921
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 277
    شۆھرەت: 1040 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1659 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 357(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-15

     

      ياخشى يىزىپسىز ،قايغۇرۇش بىلەن بىرگە نىمىگە ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىمىزنى ئىسىمدە تۇتىمەن . شۇنىڭ ئۇچۇن تىرىشىمەن .

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-30 10:43 |
    kok~lam
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 34170
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 405
    شۆھرەت: 406 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4050 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 100(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-14

     

    ئەتتىگەندە ئەجەپ يېغلاپ قالدىمما        نىمە دىگەن ئېچىنىشلىق ،،، نىمە دىگەن تەڭشەلمىگەن جاھان بۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟  ئەجىبا ئادەملەر شۇ دەرىجىدە ئپلاس ، باغرى تاشلىشىپ كەتتىمۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟  ھەي ياراتقان ئىگەم `~`بىزنى ئۆز پاناھڭدا ساقلىغايسەن ،، بەندىلىرىڭنڭ كۆڭلىگە ئنساپ بەرگەيسەن!!!!!!!          

    爱~让我们在一起
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-30 10:45 |
    munajat7
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 40796
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1418
    شۆھرەت: 1540 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 13151 سوم
    تۆھپە: 152 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 175 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 574(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-15

     

    كۆزىڭىزنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرۋىلىڭ دەپ ئەتىگەندە كۆڭلىمىزنى كۆتىرىدىغان ئاي سىڭلىم بۈگۈن نىم بولدى ئادەمنى يىغىغا تۇتۇپ بەردى، بەك تەسىرلىككەن .ھازىرقى جەمىيىتىمىزدىكى بەزەن بىر نا ئەھلىلەرنى  ئەينەن بايان قىپسىز. ھەم بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز زادى نەدىن -نەگىچە يورۇتۇپ بىرىپسىز.
    رەخمەت سىڭلىم ھارمىغايسىز.،

    خوپ ئۆزۆڭ دۇنيا بىراق،شەيتانلىرىڭدىن قورقىمەن،
    بىگۇنانى باغلىغان ئارقانلىرىڭدىن  قورقىمەن.
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-30 10:48 |
    taxway
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 1518
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 142
    شۆھرەت: 142 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1340 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 621(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-02-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

     

    تەكتىماكاننىڭ قۇملىرى ئاستىدىن تارتىپ ئالتۇن،كۈمۈشكە تويۇنغان دىياردىكى بىر  ئۇيغۇر ئانا كۆكتاتنىڭ ئەڭ سېسىقلىرىنى،كۈنىگە بولسا يىرىم كىلۇ،بولمىسا ئىككى يۈز گىرام ئۇن. گۆش دىدارى يوق تاماق بىلەن چالا-پۇلا قورساق گوللايدۇ دىسەم ھىچقايسىمىز كۆز يۇمالمايمىز ئەلۋەتتە. شۇنچىلىك كەڭرى كەتكەن زىمىننىڭ ئاسمىنى بەك ،بەك تار. كۈندىن ،كۈنگە كۆپىيىۋاتقان<جەمىلەلەر> ..........
    بۇ  قۇرلارنى  ئوقىغىنىمدا  بۇغىزىمغا  بىر  نەرسە  كەپلىشىپ  قالدى......قاچانمۇ  ياخشىلىنار  شۇ  جەمىلە  ئەكبەرجانلارنىڭ  تۇرمۇشى.

    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-30 10:52 |
    otkankunlar
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 18032
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 128
    شۆھرەت: 129 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1061 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 111(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-14

     

    سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى ياقتۇراتتىم بىراق بۇ قىتىم،سىزگە بەك ئاچچىغىم كىلىۋاتىدۇ،ئەتىگەندىلا كۆڭلۈمنى يىرىم قىلىپ نىمىشقا ئوقىغاندىمەن بۇنى،ئاخىرىنى خۇشاللىق بىلەن ئاخىرلاشتۇرسىڭىز بولمامدۇ ئادەمنى چۈشكۈنلەشتۈرمەي

    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-30 11:09 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2345» Pages: ( 1/8 total )
    XabnamBBS » شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:03-16 17:36, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ