بىلمەپتىمەن[/color]
ئىگىلىپ قىلسا سالام مەككار ئىكەن ، بىلمەيمەن،
قاش ئېتىپ ئويناتسا كۆز ھەييار ئىكەن، بىلمەپتىمەن.
قەدىردانىم- ئۈلپىتىم سەن، جانجىگەر دوستۇم،دېسە،
يەڭ ئىچىدە خەنجىرى تەييار ئىكەن ، بىلمەپتىمەن.
گاھىدا بازغان ئۇردۇم،گاھىدا باستىم كۆۋرۈك،
ئوتتا تاۋلاپ كۆرمىگەچكە قۇيۇچمۇ-تۆمۈر، بىلمەپتىمەن.
ئايلىنىپ تاغلار ئارا قازدىم باھاسىز تاشنى مەن،
ئۇستا زەرگەر بولمىغاچ ئالتۇنمۇ- مېس بىلمەپتىمەن.
ئەمدى تاپتىم ئاخىرى چىن ۋاپادار دوستلىرىم،
ئاغرىتىپ ئېيتقان سۆزىنىڭ مەنىسىنى بىلمەپتىمەن.
كۆزلىرىمگە ماي تولۇپ ئەكىسچە كۆرگەن چاغلىرى،
ئېچىنىپ تىككەن كۆزىنىڭ مەنىسىنى بىلمەپتىمەن.
مەنبە: سەيپىدىن ئەزىزى شېئىرىلىرى، ( 1986- يىل 1- نەشىرى،1- بېسىلىشى )
ئەسكەرتىش: مۇنبەردىكى ھوشيار ئەزىمەتلەر، تېمام ھەققىدە قالايمىقان جۆيلۈپ تېمامنى پارتىزانلارنىڭ ئامبىرىغا چۈشۈرۈپ قويماڭلار ،بولمىسا مەن تىللىۋېتىمەن. 


[ يوللىغانhujaabdullaتەرىپىدىن2008-10-24 04:26قايتا ]