ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 2345» Pages: ( 1/8 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 14015 - كۆرۈرمىنى
kisek
ئالاھىدە تۆھپە ئىلغار باشقۇرغۇچى
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 23530
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 850
شۆھرەت: 967 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 9539 سوم
تۆھپە: 399 نۇمۇر
ياخشى باھا: 332 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 314(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-01

 دۇنيا تارىخى بەتلىرىدىكى «ئۇيغۇرلار»

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما qumqazi تەرپىدىن ئىلگىرلىتىلدى(2009-01-27)
<<دۇنيا تارىخى تىزىسلىرى>> كىتاۋىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە







     كىتاپ <<دۇنيا تارىخى تىزىسلىرى— جانلىقلار ۋە ئىنسانىيەتنىڭ قىسقىچە تارىخى>> ئەنگىلىيەلىك wells .H. G ئەپەندى(1866~1946) نىڭ ئەسىرى بولۇپ، كىتاپتا يەر شارىنىڭ شەكىللەنگەن ۋاقتىدىن تارتىپ 1-دۇنيا ئۇرۇشىغىچە بولغان تارىخ ، يەنى دۇنيادىكى ھەرقايسى مۇھىم مەدىنىيەتلەرنىڭ تەدرىجى تەرەققىيات جەريانى، ئىنسانلار قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەققىيەتلەرى ۋە دۇچار بولغان مەغلۇبىيەتلىرى چۈشىنىشلىك ئۇسۇلدا بايان قىلىنغان، ئىنسانىيەت ئۇچراۋاتقان ئاساسى خەۋپلەر كۆرسىتىلگەن، ۋېللس خۇددى بىر ساياھەت يېتەكچىسىگە ئوخشاش ، سىزگە مەدىنىيەت لىنىيەسىنى بويلاپ يىراق قەدىمى دەۋرنىڭ باشلىنىشىدىن ھازىرقى زامانغىچە بولغان ئىنسانىيەت مەدىنىيىتى، تۈزۈملىرىنىڭ يېتىلىش ۋە ئۆزگىرەش جەريانىنى يارقىن كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بۇ كىتاپ قىسقىچە تارىخى ئەسەرنىڭ يەتكىلى بولىدىغان ئەڭ يۇقۇرى پەللىسىگە چىققانلىقى بىلەن " دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەرلەر" قاتارىدا سانىلىدۇ . كىتاپ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى دەسلەپكى نۇسخىسى قولدىن چىققان، كېيىن داۋاملىق قايتا تۈزىتىلىپ نەشر قىلىنغان ۋە جوڭگودىكى مەشھۇر مەدىنىيەت كىشىلىرى لئىاڭ سىچېڭ، شاڭدا ئەپەندىلەر تەرىپىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان، ئەڭ يېقىنقى خەنزۇچە نەشرى بۇ ئەسەرنىڭ 15-نەشرىگە ئاساسەن ۋۇ ۋېن زاۋ، شئې بىڭشىن، فېي شاۋ توڭ ئەپەندىلەر تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسى .



خ. گ. ۋېللس


     بۇ كىتاپنىڭ ئىككىنچى قىسمى 7 - بۆلىمى " قۇرۇقلۇق يۆلىنىشىدىكى ھەرقايسى موڭغۇل ئىمپىرىيەلىرى ۋە دېڭىز يۆلىنىشىدىكى ھەرقايسى يېڭى ئىمپىرىيەلەر" مەزمۇنىغا " ئۇيغۇرلار ھەققىدە" ئەنگىلىيەلىك مەشھۇر شەرقشۇناس، تارىخ ئالىمى سىر دېنىسون. روسس ئەپەندى ئىزاھ يېزىپ بەرگەن.

     سىر E. Denison Rossئەنگىلىيە لوندون ئۇنۋېرسىتى شەرقشۇناسلىق ئېنستىتۇتى (School of Oriental Studies,University of London)نىڭ 20-30-يىللاردىكى مەكتەپ باشلىغى،دۇنيا مىقياسىدىكى شەرقشۇناسلىق ساھەسىدىكى نوپۇزلۇك ئەرباپ، ئاتاقلىق تىلشۇناس. ئۇ نۇرغۇن شەرق تىللىرىغا پىششىق بولۇپ مىرزا مۇھەممەدھەيدەر كۆرەگانىنىڭ <<تارىخى رەشىدى>> ئەسىرىنى پارىسچىدىن ئېنگىلىسچىغا تەرجىمە قىلغان، پارىسچىغا ئىنتايىن پىششىقلىغىدىن تەرجىمىسىنىڭ سۈپىتى ناھايىتى ياخشى چىقىپ دۇنيا ئالىملىرى بۇ تەرجىمىنى beautiful translation دەپ تەرىپلەشكەن. روسس ئەپەندى 1871-يىلى ئەنگىلىيەدە تۇغۇلغان ، ئۇ 1936-يىلى 8- ئايدا تۈركىيەدە زىيارەتتە بولغان ۋاقتىدا ، شۇ مەزگىللەردە ئەنقەرەدە قەدىمى ئۇيغۇر تىلى ۋە خەنزۇ تىلىدىن دەرس بېرىۋاتقان گابائىن خانىم (ANNEMARIEVONGABAIN,1901--1993) بىلەن كۆرۈشكەن ھەم بۇ ياش ( ئۆز ۋاقتىدا گابائىن خانىم 35 ياش) تالانتلىق ئالىمە بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان. ئوتتۇرا ئاسىياشۇناس روسس ئەپەندى 1940-يىلى ۋاپات بولغان.


سىر E. Denison Ross ئەپەندى


     تۆۋەندىكى مۇشۇ ئەپەندىنىڭ يۇقۇرىدىكى كىتاپقا يېزىپ بەرگەن ئىزاھى تەرجىمىسى :

     "ئۇيغۇرلار" نامى مىلادى6-ئەسىردە جوڭگونىڭ تارىخنامىلىرىدا كورۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ ئەينى چاغدا قاڭقىل(ئىگىز ھارۋىلىقلار)دەپ ئاتالغان. موڭغۇلىيەنىڭ شىمالى ۋە ئەتراپىدىكى رايۇنلاردىكى تۈركلەرنىڭ ئاساسلىق 2بولىگىدىن بىرى. ئۇلارنىڭ مۇستەقىل-زورايغان ۋاختى 750-850يىللىرى بولۇپ تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ.

     ئۇيغۇرلار مەدىنىيەتتە ئىنتايىن يۇقۇرى سەۋىيەگە يەتكەن، يېقىنقى يىللاردىكى ئارخېلوگىيىلىك تەتقىقاتلار كورسىتىپ بەرگەن ناھايىتى كوپ ئۇيغۇر ئەدىبى ۋە سەنەت بايقالمىلاردىن، بىز خىرىستىيان (نىستورىيان) دىنى، بۇددا دىنى، مانى دىنىنىڭ ئۇلار خانلىغىدا ئېتىقاتچىلىرى بارلىغىنى بىلدۇق. ئۇلار مانى دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە باشقا دىنلارغا ئىنتايىن كەڭ-قۇرساقلىق پوزىتسىيەدە بولغان. شۇنىسىنى مۇقەررەرلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، ئۇيغۇرلار شۇ چاغدىكى جوڭخۇا ئىمپىرىيىسىنىڭ شىمالىي خوشنىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ مەدىنىيەتلىكلىرى .ئۇلارنىڭ خانلىغى 840-يىلى شىمالى تەرەپتىكى تۈركى قەبىلە قىرغىزلار تەرىپىدىن يىمىرىلگەن بولسىمۇ، ئۇلار تارىختىن يوقاپ كەتكىنى يوق، 15 -16-ئەسىرلەرگىچە ئۇيغۇرلارنىڭ خانلىقلىرى ياكى ھامىللىقتىكى كىچىك دولەتلىرىنىڭ كوتۈرۈلۈپ چىققانلىغىنى دائىم بايقايمىز. شۇنىڭ بىلەن تەڭ پۈتكۈل مۇشۇ مەزگىلدە ئۇيغۇرلار ھەرقايسى ئسلام دۆلەتلىرىنىڭ دولەت ئورگانلىرىدا ناھايىتى كوپلەپ ياللاپ ئىشلىتىلگەن، ئۇلارنىڭ ھەرقايسى تۈركىستان دۆلەت ئورگانلىرىدىكى رولى، دېھلى-موغۇللار ھوكۈمرانلىغىدىكى ھىندىلارنىڭ ۋە ئەنگىلىيە ھوكۇمرانلىغىدىكى بېنگاللىقلارنىڭ رولىغاغا ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ.

     چىڭگىزخاننىڭ 13-ئەسىردىن باشلاپ باش كوتۈرىشىدىن تارتىپ ئوسمان تۈركلىرىنىڭ ئستىلاسى بىلەن ئاياغلاشقان بۇ مەزگىلدىكى شەرق تارىخى بىزگە ئوتتۇرا ئاسىيا ،ھىندىستان،ۋە پېرسىيەلەردە نۇرغۇن تۈرك خانلىقلىرىنىڭ گۈللەنگىنىنى ۋە ھالاكىتىنى ئەسكەرتىدۇ؛ ئەجەپلىنەرلىگى بىز شۇنىڭغا دىققەت كىلدۇقكى ، نۇرغۇن ئەھۋاللار ئاستىدا بۇ سۇلالىلەرنى قۇللۇقتىن چىققان ياكى سالاھىيىتى قۇل بولغان كىشىلەر قۇرۇپ چىققان. بىر پارچە تېخى ئېلان قىلىنمىغان 13-ئەسىرگە تەئەللۇق پارىسچە قوليازمىدا ئۇيغۇر-تۈركلىرىگە ئايىت توۋەندىكىدەك قىزىقارلىق ئابزاستلار بار:

     «ئادەتتىكى ساۋات بىلەن ئېيتقاندا، پۈتۈن ئىرقى-مىللەتلەر ۋە سىنىپلار، پەقەت ئوزلىرىنىڭ قوۋمى ئىچىدە ۋە ئوزلىرىنىڭ دولىتىدە ئەزىزلىنىدۇ ۋە ھورمەتكە ئىگە بولىدۇ. ئۇيغۇر-تۈركلەر بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇلار ئوز مىللىتى ئىچىدە نۇرغۇن باشقا قەبىلىلىرىگە ئوخشاش ئادەتتىكى بىر قەبىلە، ھەرگىز ئالاھىدە ھوقۇق ياكى ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولمىغان. لېكىن ئوزلىرىنىڭ دۆلىتىدىن ئايرىلىپ باشقا ئسلام ئەللىرىگە كېلىشى بىلەنلا (ئوز يۇرتلىرىدىن ،ئۇرۇق-تۇققانلىرىدىن قانچە يىراققا بارغانسېرى ئۇلار ئېرىشكەن ھورمەت ۋە باھا شۇنچە يۇقۇرى) ئۇلار ئەمىرلەرگە ۋە چوڭ مارشاللارغا ئايلىنىدۇ. ئادەم ئەلەيھۇ-ۋەسسەلەم دەۋرىدىن ھازىرغىچە ، تۈرك-ئۇيغۇر لاردىن باشقا پۇلغا سېتىۋېلىنغان قۇللاردىن پادىشا چىقىپ باققان مىللەتلەر يوق. ئىنتايىن ئەقىللىق ۋە بىلىملىك بىر تۈرك (ئۇيغۇر) خانى ئەفراسىياب (ئالپ -ئەرتۇڭا) نىڭ ئۈزۇندىلىرىدە مۇنداق بىر ئەقلىيە سوز بار: تۈركلەر دېڭىز تېگىدىكى قۇلۈلە قېپى ئىچىدىكى بىر دانە مارجان، پەقەت ئۇ دېڭىزدىن ئايرىلىپ خان تاجىغا قوندۇرۇلغاندىلا ياكى كېلىنچەكنىڭ قۇلىغىغا تاقالغان ۋاقتىدىلا ئۇ گوھەرگە ئايلىنىدۇ.»



     تارىخنى تەتقىق قىلىش كىشىلەرنىڭ ئەقىل-ئىدراگىنى ئۆستۈرىدۇ، تارىخ ئىنسانىيەت ھاياتىنى ساقلاش-داۋاملاشتۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان سەۋەب. تارىخ بىلىملىرى بىزگە قەيەردە يوشۇرۇن خادا-مارجان تاشلىرى بارلىغىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان دېڭىز خەرىتىسىگە ئوخشايدۇ. ئەگەر بىزدە شۇ تارىخ بىلىملىرىنى ئىشلىتىشكە جۈرئەت-جىگەر بولسا، بىلىم كۈچكە، قۇتقۇزغۇچ يۇلتۇزغا ئايلىنىدۇ! __

     ئەنگىلىيەلىك تارىخشۇناس ،تارىخ-پەلسەپە ئىلمى ئالىمى تاڭيىنبى(Arnold Toynbee,1889-1975) ئەپەندى

     تېخىمۇ قىزىقارلىق تارىخى تېمىلار :

http://www.orkhun.com/bbs/

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • ياخشى باھا:+10(kuktulpar) قىممەتلىك ئە ..
  • تۆھپە:+10(@QAWANDAZ@)
  • ياخشى باھا:+20(qinmodan)
  • تۆھپە:+20(sabiha)
  • كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
    دۆلەتلىك تىل-يېزىق كومىتېتى مۇئاۋىن مۇدىرى لىيۈمىڭ:جوڭگو دۇنيادىكى تىل-يېزىق بايلىقى مەنبەسى ئەڭ مول دۆلەتلەرنىڭ بىرى،جوڭگودىكى تىل-يېزىق بايلىقى مەنبەلىرىنى ياخشى قوغداش_جوڭگونىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن قوشقان زور تۆھپىسى بولىدۇ

    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-10-21 23:18 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    azmat0991
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30630
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 440
    شۆھرەت: 441 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4080 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 601(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-17

     

    تۈركلەر دېڭىز تېگىدىكى قۇلۈلە قېپى ئىچىدىكى بىر دانە مارجان، پەقەت ئۇ دېڭىزدىن ئايرىلىپ خان تاجىغا قوندۇرۇلغاندىلا ياكى كېلىنچەكنىڭ قۇلىغىغا تاقالغان ۋاقتىدىلا ئۇ گوھەرگە ئايلىنىدۇ.»
          مەن بۇ ھەقىقەتكە ئىشىنىمەن ، تىمىڭىز غا كۆپرەھمەت.

    كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-21 23:27 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    0991sumruh
    مۇنبەر قىززىقچىسى
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 27435
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1897
    شۆھرەت: 1898 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 83170 سوم
    تۆھپە: 41 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 72 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1757(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-20

     

    كۆزى ئوچۇق ،قەلبى  كورلار ماۋۇ تېمىنى، ئۇرخۇندىكى تېمىلارنى  ئوبدان زىيارەت  قىلىڭلار !ئەجدادىڭلارنى تونۇۋالساڭلار ئەجەب ئەمەس!

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    ./?u=27435
    قايغۇرماڭ!باتۇرلارچە ياشاڭ!
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-21 23:46 |
    qartikin
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 59607
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 188
    شۆھرەت: 1104 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 950 سوم
    تۆھپە: 9 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 469(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-19

     

    بۇ بەك ياخشى تىمىكەن.مۇنداق تىمىلار كۆپرەك يوللانسا ياخشى بولاتتى.

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-21 23:49 |
    hujaabdulla
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 40943
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1231
    شۆھرەت: 1253 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 12280 سوم
    تۆھپە: 21 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 13 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1070(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-20

     

      ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس،  بىز  ئۇيغۇرنىڭ  نېمە  ئامالى،    يېقىنقى دەۋردە ئۇدا    سىتالىن تەرىپىدىن ،  قىسقىس  كومىنستلار  تەرىپىدىن    جاھالەتلىك تەقدىرگە  دۇچار  بولۇپ  تۇردۇق. 

    غۇجىئ________ابدۇللا ====    خۇجا_____ ئابدۇللا
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-22 00:15 |
    tim0998
    گۈزەللىك ئىزدىمە،ئۇ سەندە.
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 61829
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1159
    شۆھرەت: 1295 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 40 سوم
    تۆھپە: 142 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 39 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 488(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-20

     

    ئۆز تاىخىغا قىزقماسلىق ياكى ئۇنىڭغا بىپەرۋا قارىغانلار دەل ئۆزدادىسنىڭ كىم بولشىنى ئويلىمىغانلاردۇر،ئۇنداقلاردا ھەرگىزمۇ ئۆزىنى تونۇش ئىستىكى مەۋجۈد ئەمەس.
    تىما ئىگىسىگە رەھمەت.

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    تۈنۈگۈننى ئۇنۇتما!بۈگۈننى چىڭ تۇت!ئەتىنى ئويلا!
    تۈنۈگۈندىن جەۋھەرلەر توپلىشىڭ مومكىن؛
    بۈگۈننى چىڭ تۇتساڭ،كېيىن پۇشايمان قىلمايسەن؛
    ئەتىكى توغرا نىشاننى كۆزلەپ ماڭساڭ،تاپتىن چىقىپ كەتمەيسەن!

    ./?u=61829
    ./?a=tim0998
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-22 00:20 |
    karahan-
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 15470
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 293
    شۆھرەت: 294 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2831 سوم
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 33 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 564(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-10

     

    تېما  ئىگىسىگە  رەھمەت...كۆپ  ئەجىر  قىپسىز.   

    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-22 00:33 |
    uykusiztun
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 42418
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 149
    شۆھرەت: 150 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1474 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 301(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-20

     

    تىما ئىگىسىگە رەھمەت    ياخشى تىمىكەن

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    http://hi.baidu.com/barna713/album/item/3a56f5f952436217d9f9fd5f.html
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-22 01:54 |
    arkhon
    ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 9172
    نادىر تېما : 5
    يازما سانى : 1230
    شۆھرەت: 1311 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 11950 سوم
    تۆھپە: 245 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 264 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 5068(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-20

     

    «ئادەتتىكى ساۋات بىلەن ئېيتقاندا، پۈتۈن ئىرقى-مىللەتلەر ۋە سىنىپلار، پەقەت ئوزلىرىنىڭ قوۋمى ئىچىدە ۋە ئوزلىرىنىڭ دولىتىدە ئەزىزلىنىدۇ ۋە ھورمەتكە ئىگە بولىدۇ. ئۇيغۇر-تۈركلەر بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇلار ئوز مىللىتى ئىچىدە نۇرغۇن باشقا قەبىلىلىرىگە ئوخشاش ئادەتتىكى بىر قەبىلە، ھەرگىز ئالاھىدە ھوقۇق ياكى ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولمىغان. لېكىن ئوزلىرىنىڭ دۆلىتىدىن ئايرىلىپ باشقا ئسلام ئەللىرىگە كېلىشى بىلەنلا (ئوز يۇرتلىرىدىن ،ئۇرۇق-تۇققانلىرىدىن قانچە يىراققا بارغانسېرى ئۇلار ئېرىشكەن ھورمەت ۋە باھا شۇنچە يۇقۇرى) ئۇلار ئەمىرلەرگە ۋە چوڭ مارشاللارغا ئايلىنىدۇ. ئادەم ئەلەيھۇ-ۋەسسەلەم دەۋرىدىن ھازىرغىچە ، تۈرك-ئۇيغۇر لاردىن باشقا پۇلغا سېتىۋېلىنغان قۇللاردىن پادىشا چىقىپ باققان مىللەتلەر يوق. ئىنتايىن ئەقىللىق ۋە بىلىملىك بىر تۈرك (ئۇيغۇر) خانى ئەفراسىياب (ئالپ -ئەرتۇڭا) نىڭ ئۈزۇندىلىرىدە مۇنداق بىر ئەقلىيە سوز بار: تۈركلەر دېڭىز تېگىدىكى قۇلۈلە قېپى ئىچىدىكى بىر دانە مارجان، پەقەت ئۇ دېڭىزدىن ئايرىلىپ خان تاجىغا قوندۇرۇلغاندىلا ياكى كېلىنچەكنىڭ قۇلىغىغا تاقالغان ۋاقتىدىلا ئۇ گوھەرگە ئايلىنىدۇ.»
    توۋا  مەن  مۇشۇ  ھەقىقەتنى  چوڭقۇر  تۇنۇپ  يەتتىم..ئۇيغۇر  ھېچقاچان ئۆز  قەدرىنى  ئۈزى  قىلمايدۇ...ئەمما خەق ئۇيغۇرنىڭ  قەدرىنى  قىلىدۇ  ..توۋا  مىڭ  توۋا  دەيمەن

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-22 02:12 |
    sansiz120
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 39849
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 418
    شۆھرەت: 419 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3815 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 307(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

     

    تېمىڭىزغا رەھمەت،  

    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-22 10:00 |
    Arkim+
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 44059
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 357
    شۆھرەت: 449 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3610 سوم
    تۆھپە: 178 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 60 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 551(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-26

     

    مۇشۇنداق نادىر تېمىلار، مۇنبەرلىرىمىزدىكى بەزى بىر تېتىقسىز تېمىلاردەك كۆرۈرمەن يوق، ئىنكاس يوق تەقدىرگە دۇچار بولىدۇ...مانا بۇ بىزدىكى يەنە بىر ئېچىنىشلىق ھالەت...

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-22 10:17 |
    rana112
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 12068
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 299
    شۆھرەت: 300 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2990 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 24 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 274(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-19

     

    تېما ئىگىسىگە كۆپ رەخمەت،مۇشۇنداق ياخشى تېمىلاردىن بىز ئۆز ئەجداتلىرىمىزنى تېخىمۇ كۆپ تونۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدىكەنمىز  ، مىللىتىمىز مەڭگۈ پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان ئەقىللىق تىرىشچان  مىللەت.

    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-22 10:22 |
    xaptulqak
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 57349
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 83
    شۆھرەت: 84 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 780 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 343(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-20

     

    ئەسلى بۇنداق ھالەت قەدىمدىن تارتىپلا بىزدە مەۋجۇت ئىكەن.تۆۋە دەيمەن،ئۇيغۇر(ئۇيۇشماق)دىگەن نامنى نىمىشقا ئەمىليەتتە كۇرسەتمەيدىغاندىمىز؟تىما يوللۇغۇچىقا رەخمەت!!!

    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-22 10:38 |
    karwanoti
    مەن ۋە شەبنەم ...
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 14404
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 1040
    شۆھرەت: 1195 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2949 سوم
    تۆھپە: 306 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 397 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1523(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-20

     

    ھەرقانداق بىر مىللەت ئۆز تارىخىدا گۈللەپ روناق تېپىشى  ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئوخشاشلا ھىمىرلىش ، زۇلۇم ۋە ئىزىلىشكە ئۇچراپ ھەرخىل قىسمەتلەرگە دۇچار بولۇشى مۇمكىن .  بۇنىڭدىن ساقلانماق تەس .
    بىز ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تارىختا شانلىق ئىزلىرىمىز ، گۈللەپ ياشنىغان چاغلىرىمىز بولغان ، ئوخشاشلا يەنە ھەر خىل قىسمەتلەرگە ئۇچرىغان ۋاقىتلىرىمىزمۇ بولغان . خۇددى «ئانا يۇرت» رومانىدا ئىېيتقاندەك بىز  بەك ئەقىللىق ئەمما بەك ياۋاش مىللەت ، كۆڭلىمىز بەك تۈز . بۇ بەلكىم بىزدىكى ئەڭ چوڭ كەمچىلىكىمىز بولسا كېرەك .
    كېسەك ئەپەندىمنىڭ قىممەتلىك تارىخى ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئەتكىنىگە تەشەككۈر !

    بىر تال ، ئىككى تال ، ئۈچ - تۆت تال ،
    بەش تال ، ئالتە تال ، يەتتە - سەككىز تال .
    توققۇز تال ، ئون تال ، ئون بىر - ئون ئىككى تال ،
    يەرگە چۈشۈپ بولدى غايىپ ...
    يىيىشتىكى مەقسەت ياشاش ئۈچۈندۈر ، لىكىن ياشاشتىكى مەقسەت يىيىش ئۈچۈن ئەمەس !
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-22 10:43 |
    Turuknaz
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 54719
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 189
    شۆھرەت: 190 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1760 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 321(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-07

     

    «ئادەتتىكى ساۋات بىلەن ئېيتقاندا، پۈتۈن ئىرقى-مىللەتلەر ۋە سىنىپلار، پەقەت ئوزلىرىنىڭ قوۋمى ئىچىدە ۋە ئوزلىرىنىڭ دولىتىدە ئەزىزلىنىدۇ ۋە ھورمەتكە ئىگە بولىدۇ. ئۇيغۇر-تۈركلەر بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇلار ئوز مىللىتى ئىچىدە نۇرغۇن باشقا قەبىلىلىرىگە ئوخشاش ئادەتتىكى بىر قەبىلە، ھەرگىز ئالاھىدە ھوقۇق ياكى ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولمىغان>
    مۇشۇ جاينى ئوقۇپ ھەيران بولدۇم، بىزنىڭ ھازىرقى بىر-بىرىمىزنى قەدىرلىمەيدىغان، بىلىملىكلەرنى ئەزىزلىمەيدىغان بۇ ئىللىتىمىز شۇنچە ئۇزۇن دەۋىرلەرنى ئۆتكۇزۇپتۇرۇپ  يەنەشۇ پىتىم  بىزگە مىراس بۇلۇپ كەلگەنلىكىگە ئەقلىم ھەيران.

    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-22 10:46 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2345» Pages: ( 1/8 total )
    XabnamBBS » تارىخ بەتلىرى
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:03-20 13:52, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ