ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 2345» Pages: ( 1/7 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 7136 - كۆرۈرمىنى
رۇمەيسا
تەبەسسۇمنى سېغىندىم
ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 38670
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 1767
شۆھرەت: 1990 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1771 سوم
تۆھپە: 332 نۇمۇر
ياخشى باھا: 427 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1777(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

 «رىندان» ئۇيغۇرلىقىدىن چاندىمۇ؟

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ تىمىنى qinmodan نادىرلىدى(2008-10-16)
«ئۇيغۇرلۇقۇمدىن چاندىم» ناملىق تېمىنىڭ ئۇلىنىشى: ./read.php?tid-74480-keyword-.html

«رىندان» ئۇ ئەسلى سۆيۈملۈك ئىنسان

يىقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شەبنەم ۋە دىيارىم مۇنبىرىدە ئىلان قىلىنغان «ئۇيغۇرلۇقۇمدىن چاندىم» ناملىق كۆپ قىسىملىق ئەسەرنىڭ نۇرغۇنلىغان «تىل-دەشناملار» ئارىسىدا ئۈزلۈكسىز راۋاج تىپىپ، 5 - قىسمىغىچە يىزىلىشى ئەسلى، تىگى-تەكتىدىن ئىلىپ ئىيتقاندا بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر خۇشاللىنارلىق ئىش بولسىمۇ، كۆپ قىسىم كىشىلىرىمىز ئالدىراقسانلىق تۈپەيلى، ئەقلىي تەپەككۇرنى سوبىكتىپ ھىسىياتقا قۇل قىلىپ، بۇ ئەسەرنى ھىچ ئىككىلەنمەيلا ئەخلەت ئامبىرىغا چۆرىۋەتتى، ئەسەر ئاپتورىنى بولسا ھاقارەت ئازگىلىغا كۆمىۋەتتى.  ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ قىلمىشى ئەسەر ئاپتورىغا ۋە ئەسەرنىڭ ئەسلى پىلان بويىچە يىزىلىشىغا تەسىر كۆرسەتمەي قالمىدى، ئەلۋەتتە. ئەسەرنىڭ 5- قىسمىنىڭ بۇرۇنقىدەك مۇۋاپىقىيەتلىك چىقماسلىقى، «رىندان» ئوبرازىنىڭ بۇرۇنقى جەڭگىۋارلىقىنى يوقىتىشى مىنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى تېخىمۇ ئىسپاتلاپ، مىنى قولۇمغا قەلەم ئىلىشقا، كاللامدىكى «رىندان» ئوبرازى ئۈچۈن 2 ئېغىز سۆزلەشكە ئۈندىدى.

بىر ئەسەرگە قانداق ماۋزۇنىڭ قويۇلىشىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدىكى مۇھىم ئىشلىقىنى مۇشۇ ئەسەر ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن، بەزىبىر تورداشلارنىڭ ئىنكاسىغا قاراپ يەنە بىر قېتىم چۇڭقۇر ھىس قىلىپ يەتتىم. «ئۇيغۇرلۇقۇمدىن چاندىم» دىگەن ماۋزۇنىڭ ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ نىرۋا ھۈجەيرىسىنى قاتتىق غىدىقلايدىغانلىقى ئىنىق. مۇشۇ بىر ئېغىز سۆز نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ بىشىدىن بىر چىلەك سوغۇق سۇ قۇيۇپ بىزنى ئەندىكتۈرگەن بولسىمۇ، يەنە نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ «ئادەم تىللاپ پۇخادىن چىقىدىغان» خارەكتىرىمىزنىڭ پىلتىسىگە ئوت تۇتاشتۇرىۋەتتى.  تۈگىمەس جەڭگە-جىدەل، تىل-ھاقارەتلەر ئارىسىدا تۇرۇپ، تۇيۇقسىز شۇ كاللامغا كەپ قالدى: «رىندان، ئەگەر ئادەم تىللاش بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن بولسا، سىنىڭ مۇشۇنداق كىشىلەردىن تانغىنىڭ توغرا بولغاندەك قىلىدۇ......» مەنلا ئەمەس، مۇشۇ ئەسەرنى، ئاپتورنىڭ ھەقىقىي ھىسىياتىنى چۈشەنگەن ھەر بىر ئۇيغۇر مەيلى ئەسەردىكى ۋە ياكى مۇنبەردىكى «رىندان»نىڭ ئۇنچە تىل-ھاقارەتكە قېلىشىغا چىداپ تۇرالمايدۇ دەپ ئويلايمەن. چۈنكى «رىندان» ئەسلى بىر سۆيۈملۈك ئوبراز......

                                   
«رىندان»نىڭ ئۇيغۇرلۇقىدىن چانغىنى يالغان؟

ئەسەرنىڭ 1- قىسمىدىلا باش پىرسوناژ «رىندان» ناھايىتى كەسكىنلىك بىلەن «ئۇيغۇرلار»دىن چەك-چىگرىنى ئايرىپ چىقتى، ناھايىتى قاپ يۈرەكلىك بىلەن بىز پەخىرلىنىپ بىشىمىزغا گۈلتاج قىلىپ قىسىپ كىلىۋاتقان تارىخىمىزنى ئىنكار قىلدى، ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي زەئىپلىكىنى يەتكۈچە ئەيىپلىدى. مانا مۇشۇ بىز ئاڭلاشنى خالىمايدىغان گەپلەر، بىز كۆرۈشنى خالىمايدىغان خەتلەر، بىز يۈزلىنىشنى خالىمايدىغان بىر قىسىم بىزدە ساقلىنىۋاتقان ئىللەتلەر بىزنىڭ كۆزىمىزگە بىر قەۋەت پەردە تارتىپ، بىزنى «رىندان»نىڭ قەلبىدە يالقۇنجىغان ھەم يالقۇنجاۋاتقان ئوتتەك مۇھەببەتنى كۆرۈپ يىتىشتىن مەھرۇم قىلدى. ئەسلى سوغۇققانلىق بىلەن قارايدىغان بولساق، «رىندان»نىڭ گۈلزىباغا _ بەزى بىرلىرىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بەكمۇ يىقىن قىلىپ يارىتىلغان ئۇيغۇر قىزى ئوبرازىغا _ بولغان مۇھەببىتى ئەسەرنىڭ باش-ئاخىرىدا توختىماي تەپچىپ تۇرىدۇ. ئەسەردىكى مۇنۇ قۇرلارغا قايتا بىر نەزەر سالايلى: «ﮔﯜﻟﺰﯨﺒﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﯕﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺷﻪﺑﻨﻪﻡ ﻗﻮﻧﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ﺋﯘ ﮔﻮﻳﺎ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻣﯧﮭﯩﺮ - ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﺴﯩﺰ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﯩﻼ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺘﺘﻰ . ﺋﯚﭘﻜﻪﻡ ﺋﯚﺭﯛﻟﯜﭖ ﺋﯘﻧﻰ ﭼﯩﯔ ﻗﯘﭼﺎﻗﻠﯩﻐﯘﻡ ﻛﻪﻟﺪﻯ.» «ﻣﻪﻥ ﮔﯜﻟﺰﯨﺒﺎﻏﺎ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﺪﯨﻢ.» «ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﺎﻻﯕﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﺎﻕ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻐﺎﻥ ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯩﻠﯩﺪﯨﻢ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯧﺴﻪﺩﯨﺸﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﭽﻪ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ ... » (ئەسلى بۇ جۈملىنى «مىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىم ئۇنىڭ ئىسەدىشى بىلەن تەڭ كۈچىيىپ بىرىۋاتاتتى» دەپ ئالسا تېخىمۇ ياخشى بولاركەن دەپ ئويلىدۇم) «ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﯧﺮﻩ ، ﺑﯩﺮ ﺋﯘﺳﺘﯩﺨﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺯﺩﻩﻙ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯩﻼﭖ ﺋﯩﺴﺴﯩﺘﺘﯩﻢ.» «ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﯩﺪﯗﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻤﺪﯨﻦ ﻗﻮﻏﻠﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻳﺘﺘﯩﻢ ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﯧﮭﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﯜﺯﻩﻟﻤﻪﻳﺘﺘﯩﻢ»...... بۇ قانداق مۇھەببەت؟ گۈلزىبا كىم؟ «رىندان» ئۇيغۇرلۇقىدىن چانغان ئەمەسمىدى؟ ئۇنىڭدا  ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن پەقەت نەپرەتلا بار ئەمەسمىدى؟ ئەمىسە ئۇ نىمىشقا گۈلزىبادىن مىھرىنى ئۈزەلمەيدۇ؟ بۇنى نوقۇل ھالدىكى «قىز-يىگىتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت»كە تەدبىقلاش مۇۋاپىقمۇ؟...... چەكسىز سۇئاللار دىڭىزىدا نىشانسىز ئۈزۈپ يۈرگىنىمدە، ئەسەردىكى تۆۋەندىكى قۇرلار مىنى سۇئاللىرىمنىڭ جاۋابىغا يىقىنلاشتۇردى: «ﮔﯜﻟﺰﯨﺒﺎ ﻧﯧﻤﯩﮕﯩﺪﯗﺭ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ . ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﺎﻳﻐﯘ - ﺋﻪﻟﻪﻡ ﻳﯧﻐﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻣﺎﯕﺎ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ ﮬﻪﻡ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻤﮕﻪ ﺋﻪﻟﻪﻡ ﺋﯘﺭﯗﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯧﭙﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ . ﻣﻪﻥ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﻨﺪﯨﻢ ... » بۇ قۇرلاردىن نىمىنى ھىس قىلىش مۇمكىن؟ گۈلزىبانىڭ دەرت-ئەلەملىك سۇلغۇن چىرايى، كەچكۈز بىلەن بىر گەۋدە بوپ كەتكەن روھسىز سىماسى، ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يىتىپ قېلىشلىرى، تەكرار-تەكرار قايتىلانغان «مۇدھىش» مۇھىت تەسۋىرى قاتارلىقلار نىمىگە سىمۋول قىلىنغان بولىشى مۇمكىن؟ يەنە «رىندان» گۈلزىبانىڭ ئاغرىپ قالغىنىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن دوختۇرخانىغا بىرىپ ئۇنى يوقلاش جەريانىدا بولۇپ ئۆتكەن قىسقا دىئالوگلاردىن كىيىن، «رىندان»نىڭ كاللىسىدىن يالت قىلىپ ئۆتكەن بۇ خىيالغا قارايلى: «< ﻗﺎﻥ ﺳﺎﻟﺪﻯ > < ﺑﯘﺭﯗﻧﻤﯘ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ > ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻤﻐﺎ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺋﺎﯕﻼﻧﺪﻯ . ﮔﯜﻟﺰﯨﺒﺎﻧﯩﯔ ﻗﯧﻨﻰ ﺑﯘﺭﯗﻧﺪﯨﻨﻼ ﺳﺎﭖ ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻪﻥ - ﺩﻩ ... » بۇ يەردىكى «ساپ ئەمەس قان»نى ئەسەرنىڭ 1- قىسمىدا «رىندان»نىڭ تىلىدىن بايان قىلىنغان «ساپلىق دەرىجىسى» «شالغۇتلاشقان» قاتارلىق ئىبارىلەر بىلەن باغلاپ چۈشىنىش كىرەكمۇ-يوق؟ ئۇنداقتا گۈلزىبانىڭ ئەسەردىكى ئوبرازىنى قايتىدىن تەھلىل قىلىپ، ئورنىنى قايتىدىن بىكىتىش كىرەكمۇ- قانداق؟ گۈلزىبا زادى كىم بولىشى كىرەك؟ ئەسەرگە يەنە نەزەر سالايلى، «رىندان»نىڭ بۇ بايانلىرىدىن يۇقارقى سۇئاللارنىڭ جاۋابى تىپىلىپ قىلىشى مۇمكىن: «ﮔﯜﻟﺰﯨﺒﺎﻧﯩﯔ ﺋﺎﺷﯘ ﻣﯩﺴﻜﯩﻦ ﭼﯩﺮﺍﻳﻰ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﺍ ... ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﻳﻠﯜﻙ - ﺋﻮﭼﺎﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺪﻯ ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﻛﺎﻧﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ . ﺋﻪﻣﻤﺎ ﮔﯜﻟﺰﯨﺒﺎﭼﯘ ؟ ﺋﯘ ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ < ﻗﯧﺮﻯ ﻗﯩﺰ > ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ»......
دىمەك، «گۈلزىبا» ھەرگىزمۇ ئاددىيلا بىر گۈلزىبا ئەمەس، «رىندان»مۇ ھەم مۇھەببەتسىز، ھىسىياتسىز ئىنسان ئەمەس. گەرچە ئۇ باشتىن-ئاخىر «مەن ئۇيغۇرلۇقۇمدىن چاندىم، مەن ئىنسانىيەتكە تەۋە» «ئۇيغۇرلارنىڭ ئازابى مەن ئۈچۈن راھەت» دەپ ئۆزىنى ۋە گۈلزىبانى ئىشەندۈرۈشكە، ھەتتا قايىل قىلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئۇنداق قىلالمىدى. «گۈلزىبا»نى بىردەممۇ كۆز ئالدىدىن، خىيالىدىن، ئوي-پىكرىدىن نېرى قىلالمىدى، قىلىشقا ھەم قادىر بولالمىدى. چۈنكى ئۇ «گۈلزىبا»نى سۆيىدۇ، يۈرىكىنىڭ قات-قېتىدىن، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن سۆيىدۇ. ئۇ «گۈلزىبا»نى مەڭگۈ تاشلىيالمايدۇ. ئۇ پەقەت «گۈلزىبا»نىڭ غەمكىن، سۇلغۇن، كىسەلچان قىياپىتىگە يۈزلىنىشنى خالىمايدۇ، خالاس!


                                                       
  «رىندان» ئىيتقان ھەقىقەتلەر

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، «رىندان» ئۆزىنى «ئۇيغۇر ئەمەس» دەپ جاكارلىشى قارىماققا بىز ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ھاقارەتتەك تۇيۇلسىمۇ، لىكىن بۇ ئەسەردىكى «رىندان»نى نۇرغۇن بىسىم ۋە چەكلىمىلەردىن خالىي قىلىپ، ئۇنىڭ «ئاغزى كەلگەن» گەپلەرنى «جۆيلىشى»گە ناھايىتى ياخشى پۇرسەت ۋە شارائىت يارىتىپ بەردى. ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، ئەسەردە ھەر بىر قېتىم «ئۇيغۇرلار ئۇنداق، ئۇيغۇرلار بۇنداق» دىگەن سۆزلەرنى ئۇچراتقان ۋاقتىڭىزدا، يۈرىكىڭىز «جىغغىدە» قىلىپ غەزىپىڭىز ئۆرلىگەنمۇ؟ «رىندان» بىلەن گۈلزىبانىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا قىلغان دەتالاش دىئالوگلىرىنى ئوقۇغان ۋاقتىڭىزدا، سىزنىڭ ئەسەر ئىچىگە سەكرەپ كىرىپ، گۈلزىبانىڭ ئورنىدا «رىندان» بىلەن مۇنازىرىلەشكۈڭىز كەلگەنمۇ؟ «گۈلزىبانىڭ ئورنىدا مەن بوپقالغان بولسام ئۇنداق دەيتتىم، مۇنداق دەيتتىم» دىگەن خىياللار كاللىڭىزدىن كەچكەنمۇ؟...... مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى «رىندان»نىڭ ئۇيغۇرلۇقىدىن «چانغان»لىقىنىڭ مەھسۇلى شۇنداقلا مۇۋاپىقىيىتى. ئەگەر «رىندان» ئاشۇ گەپلەرنى ئۇيغۇرلۇقىدىن چانماي تۇرۇپ، «بىز ئۇيغۇرلاردا ئۇنداق ئىللەت بار، بۇنداق خاتالىق بار» دىسە، ئىشىنىمەنكى كۆپ قىسىملىرىمىزنىڭ قۇلىقىغا خوش ياقمىغان بولاتتى. بىرىنجىدىن، بۇ توغرىسىدا ئوخشىمىغان شەكىل، لىكىن ئوخشاش مەزمۇندا نۇرغۇن ئەسەرلەر يىزىلدى. ھەر قايسى شەخس تىللىرىدا، ھەر قايسى ژانىرلاردا، ھەر قايسى ئۇسۇللاردا يىزىلدى. قانچىلىك تەسىرى بولغىنى ھەممىمىزگە ئايان. «رىندان» ئەگەر ئوخشاش ئۇسلۇبنى تەكرارلىسا، ئوقۇرمەنلەر قەلبىنى ھازىرقىدەك ھاياجانغا سالالماسلىقى مۇمكىن ئىدى. ئىككىنجىدىن، «بىز» ئىبارىسىنىڭ قوشۇلۇش-قوشۇلماسلىقى ئەسەردىكى ھالقىلىق مەسىلە بولۇپ، ئەگەر «رىندان» باشقىلارغا ئوخشاش «بىز ئۇيغۇرلار» دەپ سۆزلىسە، كۆپ قىسىم ئوقۇرمەنلەردە «دىمەك يازغۇچىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە بار» دەيدىغان بىر خىل پىسخىك ھالەت، يەنى «ئاۋال سەن تۈزەت، ئاندىن مەن تۈزىتەي» دەيدىغان ئىدىيە پەيدا بولىدۇ-دە، ئۆزى كۈچەشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. (بىز ئۇيغۇرلاردا بەس سېلىش پىسخىكىسى بەك كۈچلۈك ئەمەسمۇ؟ ) شۇنىڭ ئۈچۈن «رىندان» ئۇيغۇرلۇقىدىن «چېنىپ» تۇرۇپ، مۇنداقچە ئىيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشى قىرغىقىغا چىقىپ تۇرۇپ، نۇرغۇنلىرىمىز دىيىشكە جۈرئەت قىلالمىغان ئاچچىق ھەقىقەتلەرنى، ئىللەتلەرنى قىلچە رەھىم قىلماستىن كۆز ئالدىمىزدا نامايەن قىلدى. مەن 1- قىسمىدىن باشلاپ نەقىل كەلتۈرەي ھەم سىلەرگە بىر قانچە سۇئال قالدۇراي:
1- ئەسەرنىڭ باشلىنىشىدا ئىككى پىرسوناژ تاساددىپى ئۇچرىشىپ، «رىندان» گۈلزىبادىن بۈگۈن دەم ئالغان-ئالمىغانلىقىنى سورايدۇ، گۈلزىبا مۇنداق جاۋاپ بىرىدۇ: «مەدەنىيەت ئىدارىسىدا نىمە ئىش بار دەيسەن؟ كىرىپ قايتىپ چىقتىم». ئويلايلى، گۈلزىبانىڭ «مەدەنىيەت ئىدارىسى»دا ئىشلىشى تاساددىپىيلىقمۇ؟ مەدەنىيەت ئىدارىسىدا نىمىشقا قىلىدىغان ئىش يوق؟ بىز بەك مەدەنىيلىشىپ كىتىپ، مەدەنىيەت ئىدارىسىدىكىلەرنى بىكارچى قىلىۋەتتۇقمۇ ياكى.....؟
2- «رىندان» دەيدۇ: « ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻼ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ . ﺋﯘﻻﺭ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺳﺎﭖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﺎﻕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﺎﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ!» بۇ توغرىسىدا كۆپ سۆزلەش بىھاجەت.
3- «ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﭘﺘﯩﻜﻪﻥ ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ، ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﻮﺗﯩﺪﺍ ﻛﯚﻳﯜﭖ ، ﺳﯜﻳﯩﺪﻩ ﺋﺎﻗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺳﯘﻳﯩﻘﻪﺳﺘﻜﻪ ﺋﯘﭼﯘﺭﺩﻯ ...» پەقەت تارىختىن خەۋىرى بار، تارىختىكى شۇ ئوت يۈرەكلەرگە چۇڭقۇر مۇھەببىتى ھەم ھۆرمىتى بار كىشىلەرلا مۇشۇنداق سۆزلەرنى قىلىدۇ. بىزدە «تۇزىنى يەپ تۇزلۇقىنى چاقىدىغانلار» ئازمۇ؟ «رىندان»نىڭ دىگىنى يالغان دىيەلەمسىز؟......
4- «ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﻼﺭ ﺟﺎﻥ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﯩﺪﺍ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﮬﯧﭻ ﺋﯩﺶ ﻛﻪﻟﻤﻪﻱ ، ﺗﯩﻠﻼﺷﻨﻰ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺩﻩﺳﻤﺎﻳﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ . ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻜﻪ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ، ﺳﺎﺧﺘﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﻗﯩﻠﺒﯩﻨﺎﻣﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻛﯚﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ جان ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.» قانچىلىرىمىز مۇشۇ سۆزلەرنى ئوقۇپ تۇرۇپ يەنە ئاپتورنى ھاقارەت دېڭىزىغا غەرق قىلدۇق؟ بىز ئىتىراپ قىلمىغان بىلەن ئىش-ھەركەتلىرىمىز نىمىلەرنى ئىسپاتلاۋاتىدۇ؟......
5- «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ < ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ > ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ . ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﯩﮕﻪ ﭘﯘﻝ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ . ﺋﯘﻻﺭ ﺑﻪﺭﺳﻪ ، ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﺯﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﺑﺎﻻ - ﭼﺎﻗﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯗ . ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ . ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﯞﺍﺳﯩﺘﻪ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ.» «ﺑﯘ ﻳﯩﻠﻘﻰ ﻣﯧﻴﯩﭙﻠﻪﺭ ﺗﻪﻧﮭﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻳﯧﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﻣﯧﻴﯩﭙﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ . ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻣﯧﻴﯩﭗ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻛﯚﺭﻣﯩﺪﯨﻢ . ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺩﯙﯕﻜﯚﯞﺭﯛﻙ ، ﭼﻮﯓ ﺑﺎﺯﺍﺭ ... ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ.  ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻪﺳﻠﻰ  ﺋﺎﻟﻼﮬﺪﯨﻦ ﻣﯧﮭﯩﺮ - ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﯘﻻﺗﺘﻰ ... » مۇشۇلار ھەقىقەت ئەمەسمۇ؟ تۇرمۇشقا چۇڭقۇر چۆكمىگەن، جەمئىيەتنى چۈشەنمىگەن، «ئۇيغۇرلار»نىڭ ئەھۋالىغا ئەقىل كۆزى بىلەن قارىمىغان، توغرىسىنى ئىيتقاندا، «ئۇيغۇرلار»غا قىلچىلىك كۆڭۈل بۆلمەيدىغان بىرسىنىڭ يۇقارقى قۇرلارنى يىزىشى مۇمكىنمۇ؟ سىز، بىزلەر مۇشۇلار توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزۈپ باقتۇقمۇ؟......

يەنە مىسال كەلتۈرسەم، تىمام بەك ئۇزىراپ كەتكۈدەك. «سىرت»نىڭ سوغۇقلىقى، ھىيت كۈنى مەسچىت دەرۋازىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى دىۋانىلەرنىڭ ھالىتى، «رىندان»غا سوقۇلۇپ كىتىپ، «كۈلۈمسىرىگەن» قىزچاقنىڭ نازلىرى، «گۈلزىبا»نىڭ تىلدىن قېلىشى، «ئۆلۈپ كىتەرمەنمۇ؟» دەپ ئەنسىرەشلىرى......مۇشۇلار بىزنىڭ پىكىر يۈرگۈزىشىمىزگە راستىنلا ئەرزىمەمدۇ؟ بۇ ئەسەرنىڭ راستىنلا قىممىتى يوقمىدۇ؟ «رىندان»نىڭ «ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﯛﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ < ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ - ﻳﯘﺳﯘﻥ >ﺋﯩﯖﻼﺭ ﺑﻪﺯﯨﯖﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻦ ﺭﺍﻳﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯨﻨﻼﺭﻏﺎ ﻛﯚﭼﯜﺷﻜﻪ ، ﻣﻪﻧﺪﻩﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﭼﯧﻨﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ.» دىگەن سۆزىلا كىمنىڭ ھەقىقىي ئەيىپلىنىشكە تىگىشلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتىغۇ؟! بۇ ئەسەرنىڭ سەلبىي تەسىرىدىن ئەنسىرەپ، «رىندان»نىڭ ئاغزىنى توسىۋالساقلا، بۇندىن كىيىن ئۇيغۇرلۇقىدىن چانىدىغانلار چىقماي قالارمۇ؟  «رىندان»نىڭ بۇ سۆزلىرىگە قارايلى: «ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩﻣﻨﻰ ﭘﯩﺮﻗﯩﺮﯨﺘﯩﭗ ﭼﯚﺭﯛﯞﻩﺗﺘﯩﻢ . ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺋﯩﺶ ... ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﺩﻩﭘﺘﻪﺭ ﺗﺎﻣﻨﯩﯔ ﺑﯘﻟﯩﯖﯩﻐﺎ ﺗﯧﮕﯩﭗ ، ﮬﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺳﯧﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎﻥ ﺩﺍﻕ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ ، ﺑﺎﻳﯩﻘﻰ ﻣﻪﻥ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﻗﯘﺭﻻﺭ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ.» مۇشۇ قۇرلاردىن ئاپتورنىڭ قەلەم قۇۋۋىتى ۋە ئىپادىلەش سەنئىتىگە قايىل بولماي تۇرالمايمەن. نىمىدىگەن «توغرا كەپ قېلىش» ھە؟ چۆرىۋەتكەنگە نىمە ئىش ھەل بولاتتى؟ «خاتىرىگە يىزىلغان خەتلەر»ىن ئۆزىمىزنى مىڭ قاچۇرساقمۇ، ئۇ يەنىلا «ئىچىلغان» پىتى تۇرىۋىرىدۇ، «چۈش»كە ئايلىنىپ قالمايدىغۇ ئاخىر! بىز ياخشىسى چۆرىۋىتىشنى ئەمەس، ياخشىلاپ يىزىشنى ئويلاشقىنىمىز تۈزۈك.
[/size
]
(داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ)
[ بۇ يازما رۇمەيسا تەرپىدىن2008-12-24 13:45دە قايتا ]

تېما تەستىقلىغۇچى : Biperwa
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-10-16, 08:11

 

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • تۆھپە:+20(Naikon.x) نادىر ئەسەر
  • شۆھرەت:+20(saadat) ئىجادىي ئەسە ..
  • تۆھپە:+20(gul-sanam)
  • كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
    ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇيغۇر تىلىمغا چېقىلمىساڭ بولمامدۇ؟!......

    http://tirish.cn/bbs
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-10-16 15:52 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    Biperwa
    ئاپلا !يەنە بىپەرۋالىق قىپتىمە
    يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 10046
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 3710
    شۆھرەت: 71587 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2147483647 سوم
    تۆھپە: 160 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 55 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 3293(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

     

      ئەمدى نىسى قىلساڭلار بۇ دۇكاننى تاقايمەن جۇما !!!

    كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
    ئۈمۈد يادىكار


    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-16 16:37 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    قۇمباغ
    يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 55168
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 4015
    شۆھرەت: 1120823 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1610 سوم
    تۆھپە: 80 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 101 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1294(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

     

    بىر ئەسەرنىڭ ماۋزۇسى شۇئەسەرنىڭ جېنى ھىساپلىندۇ.

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    ئىنسان بۇدۇنيادا نىمە ئۈچۈن ياشايدىغنىنى بىلشى كېرەك. ياشاش ئۈچۈن يەمدۇ ياكى يىيىش ئۈچۈن ياشامدۇ.
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-16 17:15 |
    NURESLAM
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 56018
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 897
    شۆھرەت: 918 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 8840 سوم
    تۆھپە: 32 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 52(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-20

     

    ئايقىنى  يوللاپ قۇيارسىز

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    ئىنسان دۇنيادا شۇنداق ياشسۇنكى.
    ھەممە كىشىگەباش بولغىدەك.
              ياكى .
    ھەممە كىشىگە خاربولغىدەك.
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-16 17:33 |
    沉默的狼
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 61635
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1
    شۆھرەت: 2 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 10 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-16

     

    لۇشۇن ئەپەندى «AQنىڭ تەرجىمالىنى »يازغاندا پۇتكۇل جوڭگۇ خەلىقى لۇشۇننى تىللاپ،قارغاپ كەتگەن ئىدى.چۇنكى AQ پۈتۇن بىر ئۇلۇغ مىللەتنىڭ ئوبرازى ئىدى.«رىندان»مۇ پۇتۇن بىر مىللەتنىڭ سىسىق خارەكتىرىدىن كوڭلى ئەيمىندى،شۇڭا بىز ئۇنى تىللايمىز،!..........لىكىن لۇشۇن پۇتۇن خەنزۇ مىللىتنىڭ روھھى قۇتقازغۇچىسى بۇلۇپ ئۇلۇغلىنىپ كىلۋاتىدۇ!

    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-16 17:54 |
    gul-sanam
    توغراق قىزى
    ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 15298
    نادىر تېما : 11
    يازما سانى : 2729
    شۆھرەت: 3138 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 27557 سوم
    تۆھپە: 1050 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 700 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1718(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

     

    Quote:
    بۇ يازما5قەۋەتتىكى沉默的狼نىڭ2008-10-16 17:54يوللىغان  :
    لۇشۇن ئەپەندى «AQنىڭ تەرجىمالىنى »يازغاندا پۇتكۇل جوڭگۇ خەلىقى لۇشۇننى تىللاپ،قارغاپ كەتگەن ئىدى.چۇنكى AQ پۈتۇن بىر ئۇلۇغ مىللەتنىڭ ئوبرازى ئىدى.«رىندان»مۇ پۇتۇن بىر مىللەتنىڭ سىسىق خارەكتىرىدىن كوڭلى ئەيمىندى،شۇڭا بىز ئۇنى تىللايمىز،!..........لىكىن لۇشۇن پۇتۇن خەنزۇ مىللىتنىڭ روھھى قۇتقازغۇچىسى بۇلۇپ ئۇلۇغلىنىپ كىلۋاتىدۇ!

      پىكرىڭىز  بەكمۇ  ئورۇنلۇق .
    خوما    ئەسەرنى  بەكمۇ  ياخشى  ئوپراتسىيە  قىپسىز .  توغرا ئۇ  ئەسەردە  ھۈكۈم سۈرگەن غېرىپلىق  بىزنى  تالاي سۇئئاللار  قوينىغا  باشلاپ  كىرىدۇ ، رىندان  ئەسىرىدە  غەلىبە  قىلدى .بىزدىكى  ئەبگالىق  ھەم  بىخسىپ  كەتكەن ئىللەتلەرنى ،بىز ئۇنداق مۇنداق دەيدىغان  ،شۇئارلار  بىلەن ئەمەس ، غېرىپلىق روھىدا  ھۆكۈمران ئورۇنغا  ئۆتكەن ئىككى ياشنىڭ ، ھەم مۇڭلانغان  زىمىن ، مىسكىنلىك تۈكۈلۈپ  تۇرغان  مۇھىت  تەسۋىرلىرى  ئارقىلىق ئېچىپ  بەردى  .  بىز  يېغىرىمىز  ئېچىلىپ  قالدى دەپ سەكلەپ كەتمەي  ، تۈزتەيلى ،ئۇيغۇرلىقىمىزدىن تېنىپ كەتمەي ،ئۇيغۇرنىڭ شەنىگە داغ  تەكۈزگەنلەرگە داۋا ئىزلەيلى ،  ناۋادا  قىسمىتىمىزدە ،بىكىنمىلىك ، شۈكۈرلۈك ، روھى غالبىيەتچىلىك ھۈكۈم سۈرىۋەسە ، ئۇيغۇرلىقىدىن تانىدىغان قىسمەت پەرزەنتلىرمىز  بېشىدا ئەگىپ  قالمىغاي ، چۈنكى رىنداننىڭ پىكىرلىرى ،بىز ئۈچۈن ھەقىقەتەن بىر ئىماگ دىسەك خاتالاشمايمىز.

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-16 21:34 |
    naxtari
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 39979
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1203
    شۆھرەت: 1219 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4068 سوم
    تۆھپە: 125 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 87 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1118(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-13

     

    مەن تىللىمىغان، يازغان ئەسەر مەيلى قانداق بولۇشتىن قەتئى نەزەر تىللاشقا ھەددىمىز يوق . لىكىن ئەسەرنىڭ بېشىنى ئوقۇپ گاڭگىراپلا قالغان لىكىن كىيىن ھەقىيقى چۈشەندىم. بىراق ئاخىرغا كەلگەندە ئەسەرنىڭ مەزمۇنىدا سەل سۇسلۇق بار.
    مەن يازالماي باشقىلارنىڭكىنى ياراتماي كىتىپتىمەنغۇ؟      

    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-16 21:44 |
    arkhon
    ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 9172
    نادىر تېما : 5
    يازما سانى : 1230
    شۆھرەت: 1311 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 11950 سوم
    تۆھپە: 245 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 264 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 5084(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

     

    توغرا بىزنىڭ كىشىلىرىمىز كەمچىلىكىنى كۆرەلمەيدۇ  شۇڭا ئاپتۇرنى تىللاپ  كىتىشتى بۇ ئەسلى  بىر  مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان ئەسەر

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-16 21:45 |
    toghrol
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 46289
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 878
    شۆھرەت: 882 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 7967 سوم
    تۆھپە: 26 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 58 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 898(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-22

     

    مەن بىرىنجىسىنى ئوقۇغان كىيىنكى قىسىملىرى بولسا يەنە كۆرگۈم بار

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    بىز دىنىمىزنى ئۆز بالىلىرىمىزغا خوتۇنلىرىمىزغىمۇ ئۈگەتمەي ئاغزىدىكى مۇسۇلمانلىققا رازى بۇلۇپ يۈردۇق
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-16 21:54 |
    رۇمەيسا
    تەبەسسۇمنى سېغىندىم
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 38670
    نادىر تېما : 6
    يازما سانى : 1767
    شۆھرەت: 1990 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1771 سوم
    تۆھپە: 332 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 427 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1777(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

     

    Quote:
    بۇ يازما10قەۋەتتىكىtoghrolنىڭ2008-10-16 21:54يوللىغان  :
    مەن بىرىنجىسىنى ئوقۇغان كىيىنكى قىسىملىرى بولسا يەنە كۆرگۈم بار

    مەن قالدۇرۇپ قويغان ئۇلىنىشتىن كىرىڭ.  كىيىنكى قىسىملىرى ئىنكاسلار قاتارىدا يوللانغان.

    ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇيغۇر تىلىمغا چېقىلمىساڭ بولمامدۇ؟!......

    http://tirish.cn/bbs
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-16 21:56 |
    eptihar420
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 61109
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 54
    شۆھرەت: 55 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 540 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 24(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04

     

    بۇ ئەسەرنىڭ باشقىلار تەرپىدىن تىللانغانلىقى بولسا شۇ ئەسەرنىڭ باشقىلارغا شۇنداق ياققان ھەم مۇشۇلارنى ھەقىقى بولغان ئىشلاردەك مۇئامىلە قىلغىنى
      ناۋادا باشقىلار بۇ ئەسەرگە ھىچقانداق پىكىر بەرمىسە سىزنىڭچە بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى سىزلەر يەنىلە چىقىرامتىڭلار  سىزلەر زادى قانداق ئويلىدىڭلار  ھەممە ئادەم ئۆزنىڭ پىكىرىنى بىرىدۇ  ئۇلارنىڭ بۇنداق پىكىر بىرىش ھوقوقى يوقمىدۇ  ئەسەر يىزىش ھوقوقى سىزدە ئەمما پىكىر بىرىش ھەقوقى يەنىلا بىزدە  بىزنىڭ بۇنداق ھوقوقىمىز بولمىسا  سىز نىمىشقا بۇئەسەرلەرنى كىتاپلارغا يىزىپ يوللىماي توردا يوللىدىڭىز        ناۋادا سىز بۇنى كىتاپ قىلىپ يوللىغان بولسىڭىز بەلكىم بۇنىڭ دىنمۇ كۆپ كىشىلەر تىللىغان بوللاتتى  <بۇنىڭ ئەسەرلىكىنى رىئاللىقتا يوقلىقىنى بىلمىسە>    ئەپسۇس بىزنىڭ تىللاشلىرىمىز سىزگە مەلۇم دەرىجىدە بىلىم ھەم مەدەت بولسا ئاغرىنسىنىڭىز ھەرگىزمۇ بىكىر كەتمىگەن بولاتتى ...  سىزنى قوللايمىز لىكىن سىزنى بوللىغانلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمىگەيسىز 

      ھەمدە ئاخىرنىڭ تىزراق چىقىشىنى 5 كۆزىمىز بىلەن كۇتىمىز      سىزگە رەھمەت!  

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    غەيرەت شىجائەتلىك ياشىغىن
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-16 22:12 |
    tughrul
    تۇغرۇل _ بۈركۈت سەردارى !
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 48638
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 3939
    شۆھرەت: 1150275 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 12735853 سوم
    تۆھپە: 173 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 104 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2008(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

     

    بىز مانا مۇشۇنداق كىچىككىنە سەۋەپنى تېپىۋالساق تىللاپ كىتىمىز .

    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-16 22:21 |
    رۇمەيسا
    تەبەسسۇمنى سېغىندىم
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 38670
    نادىر تېما : 6
    يازما سانى : 1767
    شۆھرەت: 1990 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1771 سوم
    تۆھپە: 332 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 427 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1777(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

     

    Quote:
    بۇ يازما12قەۋەتتىكىeptihar420نىڭ2008-10-16 22:12يوللىغان  :
    بۇ ئەسەرنىڭ باشقىلار تەرپىدىن تىللانغانلىقى بولسا شۇ ئەسەرنىڭ باشقىلارغا شۇنداق ياققان ھەم مۇشۇلارنى ھەقىقى بولغان ئىشلاردەك مۇئامىلە قىلغىنى
      ناۋادا باشقىلار بۇ ئەسەرگە ھىچقانداق پىكىر بەرمىسە سىزنىڭچە بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى سىزلەر يەنىلە چىقىرامتىڭلار   سىزلەر زادى قانداق ئويلىدىڭلار  ھەممە ئادەم ئۆزنىڭ پىكىرىنى بىرىدۇ  ئۇلارنىڭ بۇنداق پىكىر بىرىش ھوقوقى يوقمىدۇ   ئەسەر يىزىش ھوقوقى سىزدە ئەمما پىكىر بىرىش ھەقوقى يەنىلا بىزدە  بىزنىڭ بۇنداق ھوقوقىمىز بولمىسا  سىز نىمىشقا بۇئەسەرلەرنى كىتاپلارغا يىزىپ يوللىماي توردا يوللىدىڭىز        ناۋادا سىز بۇنى كىتاپ قىلىپ يوللىغان بولسىڭىز بەلكىم بۇنىڭ دىنمۇ كۆپ كىشىلەر تىللىغان بوللاتتى  <بۇنىڭ ئەسەرلىكىنى رىئاللىقتا يوقلىقىنى بىلمىسە>     ئەپسۇس بىزنىڭ تىللاشلىرىمىز سىزگە مەلۇم دەرىجىدە بىلىم ھەم مەدەت بولسا ئاغرىنسىنىڭىز ھەرگىزمۇ بىكىر كەتمىگەن بولاتتى ...   سىزنى قوللايمىز لىكىن سىزنى بوللىغانلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمىگەيسىز 

       ھەمدە ئاخىرنىڭ تىزراق چىقىشىنى 5 كۆزىمىز بىلەن كۇتىمىز      سىزگە رەھمەت!  

    ھۆرمەتلىك تورداش، بۇ......  بۇ گەپلەرنى ئەسەرنىڭ ئاپتورىغا دەۋاتىدىغانسىز؟......  لىكىن بۇ تىمىنى ئۇ يازمىدى، ھەم تىللىغانلاردىن ئاغرىنمىدى (بەلكىم ئېچىندى بولغاي) رەنجىمىگەچكە داۋاملىق يىزىۋاتىدۇ.  تىللىغانلاردىن رەنجىگىنى مانا مەن. ئىنىق ئايرىۋالغان بولسىڭىز.
    يەنە بىر گەپ، مەن باھا بەرگەنلەرگە ئەمەس، باشقىلارغا ھاقارەت قىلىپ، ئازار بەرگەنلەرگە ئىتىراز بىلدۈرىۋاتىمەن. «مىنىڭ باھا بىرىش ھوقوقۇم بار» دەپلا ئاپتورنى «مەلئۇن، نىجىس»قا چىقىرىۋەتسە تازا دۇرۇس بولمايدىغۇ دەيمەن؟  باھا ئەسلى ئەسەرگە بىرىلىشى كىرەكىدى، ئەپسۇس.....
    تىمىدىكى گەپلىرىم خاتا بولسا ئىسپات بىلەن مۇنازىرىلەشسەك.

    ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇيغۇر تىلىمغا چېقىلمىساڭ بولمامدۇ؟!......

    http://tirish.cn/bbs
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-16 22:22 |
    toghrol
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 46289
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 878
    شۆھرەت: 882 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 7967 سوم
    تۆھپە: 26 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 58 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 898(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-22

     

    كۆردۇم تەپسىلى ئوقۇپ بۇلۇپ ئاندىن تەھلىل قىلاي

    بىز دىنىمىزنى ئۆز بالىلىرىمىزغا خوتۇنلىرىمىزغىمۇ ئۈگەتمەي ئاغزىدىكى مۇسۇلمانلىققا رازى بۇلۇپ يۈردۇق
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-16 22:22 |
    aynare
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 59792
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 299
    شۆھرەت: 310 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2910 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 804(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

     

    خېلى كۈچەپ تەھلىل قىلىپسىز،لېكىن ئۇنىڭ بەزى ئىنكاسلارغا يازغان جاۋاپلىرى كىشىنى شۈبھىلەندۈرمەي قالمايدۇ.

    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-16 22:26 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2345» Pages: ( 1/7 total )
    XabnamBBS » نەسىر-ئوبزورلار
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:03-22 10:16, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ