]
مەيلى قەيەردە بولماڭ راس سۆزلەڭ ،مەيلى بۇ راس سۆزىڭىز سىزگە قانچىلىك زىيان ئۇرشىدىن قەتئى نەزەر، راس سۆزلەشكە ئادەتلىنىڭ، چۈنىكى بۇ ھايات كۈچلۈك ،توغرا ئتىقاد ۋەئنسان ئۆزدە يىتىلدۈرگەن ئالىجاناپلىق بىلەن ھەققى مەنگە ئىگدۇر.
ئاتا-ئانىڭىزغا راس سۆزلەڭ، ئۇرۇق-تۇققانلىرڭىزغا راس سۆزلەڭ،دوسىلىرىڭىزغا راس سۆزلەڭ ،يىنڭىزدىكى _ سىز سۆيگەن ياكى سىزنى سۆيگەن كىشڭىزگە راس سۆزلەڭ.
ئەلۋەتتە بەزى ۋاقىتتا راس سۆزلەش ھاياتتىكى تەدبىرسىزلىكنىڭ ئىپادىسى مەسىلەن :ئككى دوستىڭىز ئۇرشۇپ قالغاندا ئۇلارنى راس گەپ بىلەن ئەپلەشتۈرۈپ قويۇشقا ئامال بولمىغاندا يالغان سۆزلەپ قويۇڭ ،ئىككىلى تەرەپكە: قارا ئەسلى ئۇنىڭمۇ سەندىن كەچرۈم سوراش نىيىتى بار ئىدى ،پەقەت ئىغىزدىن چىقرالمايۋاتىدۇ دەڭ،ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشىلنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
قىز دوستىڭىزغا ياكى ئوغۇل دوستىڭىزغا راس سۆزلەڭ ئۇ سىزدىن ( مىنى سۆيەمسىز ؟)دەپ سورسا ئۇنىڭغا راستنى ئىيىتىڭ ،سۆيسىڭىز سۆيمەن، دەڭ سۆيمىسڭىز سۆيمەيمەن دەڭ ،ئنىق ئۇقمىسڭىز، ئۆزۈممۇ ئنىق ئۇقمايمەن دەڭ
ئۇنىڭغا چوقۇم راس گەپ قىلىڭ چۈنىكى ،دەمالىققا مۇنداق دىيىش رەھىمسىزلىكتەك تۇيۇلسىمۇ بىراق بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى ،ھىچ بولمىغاندا ئۇنىڭ كەلگۈستىكى بەختىگە توسالغۇ بولمايسىز ،(ئۆزىڭىزنىڭ يالغۇز قىلشىڭىزدىن قورقۇپ، قارشى تەرەپنى ياخشى كۆرمەن دەپ ئالداپ ،ئۇنى زىيانغا ئۇچۇرتىشقا ھىچقانداق ھەققىڭىز يوقتە؟!)
ئايالىڭىزياكى ئىرىڭىز سىزدىن (مىنى سۆيەمسىز ؟)دەپ سورسا ئۇنىڭغا ھەئە دەپ جاۋاپ بىرىڭ ،توغرا !چوقۇم شۇنداق جاۋاپ بىرشىڭىز كىرەك ،ئۇنى ئىلگرى سۆيمىسڭىزمۇ بىراق توي قىلغاندىن كىيىن چوقۇم سۆيشىڭىز كىرەك،(ئۇنى سۆيمەيدىغان ئادەم نىمىشقا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان) ئەقىللىق، ياخشى ئادەملەر ھەرگىزمۇ ئۆز ھىسياتىنى دەپ باشقىلارنىڭ دىلغا ئازار بەرمەيدۇ ،بولۇپمۇ ئايالى ياكى ئىرنىڭ دىلغا ئازار بەرمەيدۇ، ئەگەر شۇنداق بولسا مانا بۇ ھەققى رەھىمسىزلىك بولىدۇ.
ئۈمۈدۋار ياشاڭ ،سىز ياخشى كۆرگەن ئادەمدىن ئازار يىگەندە(مەيلى ئۇ سىزنى ئالدىغان بولشىدىن قەتئى نەزەر)يەنى ئۇنىڭ سىزنى سۆيمەيمەن دىگەن جاۋابىغا ئىرىشكەندە ،مەيۈسلەنمەڭ، تۇرمۇشڭىزىغا قىيداپمۇ يۈرمەڭ بۇ ئۆزڭىزگە زىيان ئىلىپ كىلدۇ خالاس ، ئۇنداق ئەخمەقلەردىن بولماڭ،مۇھەببەت ئۈچۈن مەن شۇنداق ئەخمەقلەردىن بولۇشقا رازى دىگەن سەپسەتىنى كۆتۈرۋالماڭ،ھەر قانداق قايناق ھىسياتنىڭمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتشى بىلەن سۇسلايدىغننى ئۇنتۇپ قالماڭ. چۈنكى ھەر قانداق نەرسىنىڭ ئاخرلىشىىش چىكى بولدۇ،ئاخردا دىمەكچى: مۇھەببەتىنى دەپ تۇرمۇشقا قىيداپ ئۆزىڭىز پەقەت ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەم بىلەن توي قىلىپ يالغان سۆزلەشكە مەجبۇر بولماڭ.مانا بۇ نىگزى.
ئاتا -ئانىڭىزغا ھەرقانداق ۋاقىتتا راس سۆزلەڭ، بىراق ئۇلار ياشنىپ قالغاندا(ئۇلۇغ اللاھ دىن ھەممە ئاتا -ئانىلارغا ياخشىلىقلارنى ، ئۇزۇن ئۆمۈر نى ،باللىرنى ۋاپادارقىلىپ بىرىشنى ، ياخشىلار قاتارىدا قىلىپ بىرشنى تىلەيمىز ،ئامىن!) ئۇلارغا ھەممە ئشتا راس سۆزلەپ يۈرمەڭ ،چۈنىكى ئۇلار ياشقا چوڭ بوپ قالدى،ھەرقانداق ئشنى كۆتەرلمەيدۇ،دىگەننى ئۇنۇتماڭ.
دوسىلىرڭىزغا راس سۆزلەڭ، چۈنىكى ئۆز دوستىغا يالغان سۆزلەش ،كەچرۈش ئەڭ ئىغىر كىلدىغان خاتالىقلاردىن ھىساپلىندۇ،شۇڭا ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر ئىشنى بىلدۈرگىڭىز كەلمىسە بەك ئنچىكلەپ سورماسلىقنى ئەسكەرتىڭ،شۇنداق بولسا ئاراڭلاردا زىدىيەت كىلىپ چىقمايدۇ.
ئاخردا يىنىك نەپەس ئىلىپ خۇشال ياشاڭ لىكىن مەسئۇلىيەت بىلەن ياشاشنى ،مەسئۇلىيەتنىڭ سىزگە نۇرغۇن نەرسىنى .ئاتا-ئاناڭىزغا بولغان مەسئۇلىيەتنىڭ سىزگە ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئىلىپ كىلدىغننى، ئايالىڭىز،ياكى مەشۇقىڭىزغا بولغان مەسئۇلىيەتنىڭ سىزگە كۈچلۈك مۇھەببەت ۋە خۇشاللىق ئىلىپ كىلدىغىننى ،ئۇرۇق -تۇققانلىرڭىزغا بولغان مەسئۇليەتنىڭ سىزگە مىھىر -مۇھەببەت،ۋە تۇققانلىرڭىزنىڭ سىزگە بولغان ساداقىتىنى ئىلىپ كىلدىغننى ،دوسلىرڭىزغا بولغان مەسئۇليەتنىڭ سىزگە يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئىلىپ كىلدغننى،ئەڭ ئاخردا اللاھ خالىسا سىزگە جەننەتلەردىن ئورۇن ئىلىپ كىلدىغننى ئۇنتۇپ قالماڭ.
مەنبە ئۆزۈم ][ بۇ يازما شاھلالە تەرپىدىن2009-04-03 17:10دە قايتا ]