پاقا بىلەن بېلىجان
(شېئىرىي چۆچەك)
ياسىنجان توخنىياز توغراق
بار ئىكەنۇ، يوق ئىكەن،
ئاچ ئىكەنۇ، توق ئىكەن.
پاقا بىلەن بېلىجان،
بىر كۆلچەكتە دوست ئىكەن.
بىر نان تاپسا تەڭ يەركەن،
بىر- بىرىدىن ئايىماي.
ئۆتىشەركەن ئەپلىشىپ،
بىر- بىرىگە كايىماي.
بۇنى كۆرگەن ئاق قۇشقاچ،
چىدىماپتۇ زادىلا.
بۇزۇش ئۈچۈن دوستلۇقنى،
ھېلە تېپتۇ ئاددىلا.
پەيتنى كۈتۈپ يۈرۈپتۇ،
شۇم نىيەتلىك ئاق قۇشقاچ.
ۋىچىرلاپتۇ ئورۇنسىز،
پەيتى كەلمەي ئىچ پۇشقاچ.
بىر كۈنىسى پاقىجان،
كۆل سىرتىغا چىقىپتۇ.
سىرتنىڭ ياخشى ھاۋاسى،
چىن كۆڭلىگە يېقىپتۇ.
چىۋىن ،پاشا،ھاشارەت،
ئوزۇق بوپتۇ پاقىغا.
يىراقلاپتۇ كۆلچەكتىن،
قارىماپتۇ ئارقىغا.
پەيتنى بىلگەن ئاق قۇشقاچ،
قۇنۇپتۇ كۆل قېشىغا.
سۇنى سۈرتۈپ كۆزىگە،
ئوخشىتىپتۇ يېشىغا.
باش كۆتەرسە بېلىجان،
قۇشقاچ يىغلاپ تۇرغىدەك.
ئۆز-ئۆزىنى ئازاپتا،
كاچات بىلەن ئۇرغىدەك.
باغرى يۇمشاق بېلىجان،
كۆل قېشىغا بېرىپتۇ.
ئەجەپلىنىپ قۇشقاچنىڭ
ئەھۋالىنى سوراپتۇ:
‹‹نېمە بولدۇڭ ئاق قۇشقاچ،
ئەجەپ يىغلاپ قاپسەنغۇ؟
دەردىڭگە دەرتمەن بۇلاي،
مېنى ئىزدەپ كەپسەنغۇ؟››
‹‹-ئەي بىچارە بېلىجان،
ئىشەنمىگىن پاقىغا.
يىتىپ كېلىش بىلەنلا،
ئېسىلايلى ياقىغا.
پاقا دېگەن ئۇ ئەبلەخ،
چاشقان بىلەن دوست ئىكەن.
مېنى كۆرمەي مۇڭداشتى،
دوستلۇققا سېلىپ تىكەن.
پاقا مېڭىپ تاڭ سەھەر،
چاشقان بىلەن كۆرۈشتى.
سېنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن،
سۈيقەستىلەر تۈزۈشتى.
پاقا كەچتە كەلگەندە،
ساڭا زەھەر بەرمەكچى.
سەن ئۆلگەندە شۇ زامان،
چاشقان بىلەن دوست بولماقچى.
شۇڭا بۇ گەپنى ئاڭلاپ،
ئۇچۇپ كەلدىم قېشىڭغا.
خەۋەر قىلمىغان بولسام،
خەۋپ كېلەتتى بېشىڭغا.››
ساددا كۆڭۈل بېلىجان،
ئىشىنىپتۇ قۇشقاچقا.
پاقا ھېچ بىر كەلمەپتۇ،
نىكەم، ۋاقىت توشقاچقا.
پاقا كېلىش بىلانلا،
ئاپتۇ ئۇنىڭ گېلىدىن.
پاقا ھېچ بىر بىلمەپتۇ،
بېلىجاننىڭ تىلىدىن.
ئېلىشىشتا پاقىجان،
ھالەك بۇلۇپ ئۈلۈپتۇ.
بۇنى كۆرگەن ئاق قۇشقاچ،
خوشال بۇلۇپ كۈلۈپتۇ
يالغۇز قاپتۇ كۆلچەكتە،
تەلىيى كاجبېلىجان.
زىرىكىشلىك قىيناپتۇ،
بولماي دوستى پاقىجان.
بىر كۈنىسى ئاق قۇشقاچ،
كۆلگە ‹‹ئولجا››تاشلاپتۇ.
قورسىقى ئاچ بېلىجان،
ئىشتاھانى باشلاپتۇ.
قان يېنىپتۇ بىر چاغدا،
بېلىجاننىڭ گېلىدىن.
ئاڭلىنىپتۇ بىر زۇۋان،
ئاق قۇشقاچنىڭ تىلىدىن:
‹‹ھەجەپ تورغا ئىلىندىڭ،
بېشى قاپاق سەت بېلىق.
پاقا دوستۇڭ بولمىسا،
ئىشقا ئاشماس بۇ قىلىق.
ۋىچىر-ۋىچىر،ۋىچىر-ۋىچ،
تېنچ قويمايمەن سېنى ھېچ.››
ئېتىلىپتۇ بېلىققا،
چۇقىلاپتۇ گىچ-گىچ، گىچ
ئازاپ چەككەن بېلىجان،
زور پۇشايمان قىلىپتۇ.
يېقىن دوستى پاقىنى،
شۇئان ئەسكە ئېلىپتۇ.
‹‹كۇر-كۇر، كۇر-كۇر، بېلىجان،
دۈشمەن كەلدى ئاسماندىن.
شۇڭقىۋېلىڭ سۇغا تېز،
ئامان قېلىڭ شۇ قاندىن.
جان كەلگەندە تۇمشۇققا،
پۇشايمان ئەست قاتماپتۇ.
نەپسى يامان ئاق قۇشقاچ،
نىيىتىدىن يانماپتۇ.
دوستلار ئىبرەت ئېلىڭلار،
بېلىجاننىڭ ئىشىدىن.
ھەر بالالەر كېلىدۇ،
دىلى يامان كىشىدىن.
مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم