ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 1585 - كۆرۈرمىنى
atabora
ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 35769
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 231
شۆھرەت: 315 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2390 سوم
تۆھپە: 210 نۇمۇر
ياخشى باھا: 186 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 237(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-15

 [ ئاتا بۆرە ] كۈمۈش رەڭ ئۇپۇقلار

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ تىمىنى parwin يۇرۇتتى(2008-09-12)
كۈمۈش رەڭ ئۇپۇقلار




ئۇپۇققا ئېلىنغان يول



    ئۇپۇقتكى ئەشۇ گىرىمسەنگە قاراپ ئىلگىرلەۋەتىمەن . ئۇ يەر كىشىلىك مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان . ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئېسىل گۈزەللىكى شۇ يەرگە مۇجەسسەملەنگەن . ئۇ ئېيىتقۇسىز دەرىجىدىكى گۈزەل زىمىن . بۇ زىمىندىن سۇ ئىچەلمىگەن ، ئىزتىراپقا تولغان روھىم مىنى بۇ ئۇزۇن سەپەرگە باشلىدى ...
    ۋاقىت قۇلاق تۈۋىمدىن غۇيۇلداپ ئۆتمەكتە . مەن ۋاقىت دۇلدۇلىنى تاپ بېسىپ قوغلاۋاتىمەن ... ئۇپۇقنى يوشۇرۇپ تۇرغان چوققىلار تاۋلىنىشقا باشلىدى . تاغ كەينىدىن قۇياشنىڭ ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ يىغلىغان ئاۋازى كەلمەكتە ...
- ئاكا ، قارا ! .. ئاي چىقىپتۇ ! تولۇنئاي ئىكەن .
ئىنىم ھەممە نەرسىگە قىززىقىش بىلەن تويماي قاراتتى . ئۇنىڭ ئۈچۈن بارچە مەۋجۇدات شۇنچە گۈزەل بىلىنەتتى . كۆزلىرىم ئىختىيارسىز ئايغا تىكىلدى ، ئۇ ياش يۇقى كۆزلىرىنى مەندىن ئېلىپ قاچتى ... چەكسىز ئاۋاز مىكرۇ بوشلىقى ئىچىدىن ئاي بىلەن يەرنىڭ ھېكايىلىرى قۇلاقلىرىمنى يەلپۈپ ئۆتمەكتە .... سۈزۈك شىمال ئاسمىنىدىن بىر توپ تۇرنىلار ئۇچۇپ كەلدى . ئەڭ ئالدىدىكى باشلامچى تۇرنا قاناتلىرىنى مەغرۇر قېقىپ ئۆز توپىدىكىلەرگە يول باشلىماقتا . ئۇ ئۆز ھاياتى بەدىلى ئارقىلىق توپىدىكىلەرنى قوغدايدۇ ، بۇ بىرخىل كۆز بىلەن كۆرۈپ بولغىلى بولمايدىغان ئاجايىپ سېھرى كۈچ . تۇرۇپلا تۇرنا ھەققىدىكى بىر رىۋايەت ئېسىمگە كېلىپ قالدى .... تۇرنىلار ، ھەقىقى ئاشىق - مەشۇقلۇق ، ئۇيۇشقاقلىق ، باتۇرلۇق مۇجەسسەملەنگەن روھتىن پەيدا بولغان . بۇلار ئەشۇ روھنىڭ بەلگىسى . مانا بۇلار سۆيگۈ - مۇھەببەتنى ھەقىقى چۈشەنگۈچىلەر ، ئۇنى ھەقىقى قەدىرلىگۈچىلەردۇر . جۈپىدىن ئايرىلغان تۇرنا ھەرگىز قايتا جۈپ ئىزدىمەيدۇ .... مەن بۇ روھقا ئېنتىلگۈچى . بەلكىم ، ئۇ ناھايىتى ئۇزاقتا قالغان بولىشى مۇمكىن . مەن ئۇنى ۋاقىت تونىلىنىڭ قارشى يۆلىنىشىدە ئىزدەۋاتىمەن . بۇ كەلگۈسى ئۈچۈن بىر يېڭى ئۇقۇم !
- ئاكا ، قارا ئاۋۇ كەپتەرلەرگە ..... نىمىدىگەن ئىناق ! .....
ئىنىمنىڭ ئاۋازى خىيالىمنى بۇزدى . راس ، نىمىدىگەن ئىناق ھە ! ... بىر داننى تۆتى بۆلىشىپ يىيىشمەكتە .... « ھەي ئىنسانلار ! ، بۇ زىمىن ئاخىرى ئۆز قولۇڭلاردا ۋەيران بولىدىغان بولدى » ... تۇيۇقسىز غايىپتىن قۇلىقىمغا بىر ئاۋاز كىرىپ قۇلاق پەردەمدە توختىماي جاراڭلاپ كەتتى . كۆز ئالدىمدا بولسا ئاجايىپ بىر سۈرەت ئېكرانى پەيدا بولدى . « ئەنە ، دادىسىنىڭ مېيىتى سوۋىماي تۇرۇپ ئەۋجىگە چىققان مىراس جىدىلى بىر تۇغقان قېرىنداشلارنى سوتمۇ - سوت سۆرەپ يۈرمەكتە ... مانا ، بالىسىنى دوختۇرغا ئېلىپ ماڭغان بىچارە مۇماينىڭ پۇلىنى ئولجا ئالغان ئازغۇن ياش ئۆز ھوجۇرسىدا « شەيتان دېمدىسىنى » بېلىكىگە ئىشتىياق بىلەن ئۇرماقتا ... تۈن قوينىدا ئىككى جانجىگەر دوست ئازراق ئۇقۇشماسلىق تۈپەيلى بىر - بىرىگە رەزىلىك بىلەن پىچاق ئۇرۇشماقتا ... قاۋاقلاردىن ھالاكەت مۇزىكىسى ياڭرىماقتا ... ئۇرۇق - تۇغقانلار كوچىدا بىر - بىرىنى تونىماسقا سېلىپ ئۆتۈپ كېتىشمەكتە ...كۈچلۈكلەر ، مىسكىنلەرنىڭ  قولىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر بۇردا ناننىمۇ تاتىۋىلىشماقتا ... بۇزۇقچىلىق ئەۋجىگە چىققان زىمىندا ھەرخىل مەرەز كېسەللىكلەر تارقىلىپ يۈرۈشمەكتە ... ئۇرۇش ئوتى قوللىرىنى ھەممە يەرگە سوزۇلماقتا .......... تاقىر تاغلار ، قاقشال ئورمانلار ، سارغانغان يايلاقلار ، يۇرىت - ماكانىدىن ئايرىلغان جان - جانىۋارلار كېملەرنىدۇ قارغاشماقتا ... چاقماقلار غەزەپتىن چېقىلماقتا ... ئۆ- جىسمىنىڭ قىلمىش - ئەتمىشىگە چىدىمىغان زىمىن ئۆز ئېگىسىدىن يەنە بىر قېتىملىق توپان تىلەشمەكتە » ..........
    ئايدىڭ دالىدا كېتىۋاتىمەن . ھەر قەدىمىم يۆتكەلگەندە ئاياق ئاستىمدىكى غازاڭلار : « ئاھ ! ... ياشلىقىم !!! ، قېنى ؟ ئاخشامقى گۈزەل ياشلىقىم !!! » دەپ ئاھ - زاز تارتىشاتتى . كۆز ئالدىمدا بىر ئوت يۈرەك شۇڭقار تاشلاپ كەتكەن بىر پارچە شېئر كېنۇ لېنتىسىدەك ئۆتىشكە باشلىدى :


.....................
ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى ،
تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق .
يىرتىسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى ،
ياشلىق گۈلىدىن تۆكىلىدۇ بىر يوپۇرماق .
....................



    ئۇزۇنغا سوزۇلغان تاغ يولى ، سۈپ - سۈزۈك تاغ سۈيى ساينى بويلاپ تۆۋەنگە ئاقماقتا . تاشتىن - تاشقا ئۇرۇلۇپ مەرۋايىتتەك ئاق بۇژغۇنلارنى چاچماقتا . بىر جۈپ كاراپ بېلىقى سۇ دولقۇنلىرىنى يېرىپ ئالغا ئىلگىرلىمەكتە .


...................
يىللار دېڭىزى دولقۇنلۇق بولساڭمۇ ،
ئۇپقۇنلىرىڭنى يارىدۇ بىزنىڭ كاراپ .
...................



    ھەقىقەتەن بىر ئوتلۇق شائىرى ئىدىڭدە ، ياتقان جايىڭ جەننەت بولسۇن !! كۆزۈمدىن سىرغىپ چۈشكەن ئىككى تامچە ياش تاغ سۈيىگە قوشۇلۇپ كەتتى . سۇ بويىدا ئۆسكەن بىر تال قىزىل گۈل ماڭا مەيۈس قاراپ قويدى ...............




خىيال شەھىرى



    ئەتراپ تۈن لىباسىنى ئېرىنچەكلىك بىلەن ئۆزىگە ئارىتماقتا . ئاينىڭ سۇس يورۇقى يولۇمنى يورۇتماقتا . تۇيۇقسىز كىيىك كۆشىنىڭ مېزلىك پۇرىقى بۇرنۇمغا ئۇرۇلدى . ئانچە يىراق بولمىغان يەردە بىر گۈلخان يىنىپ تۇراتتى . گۈلخان ئەتراپىدىن كۈلكە - چاقچاق ئاۋازى كۆتۈرلىۋاتاتتى . قەدەم تۇلپىرىم مىنى ئىختىيارسىز شۇ ياققا ئېلىپ ماڭدى .
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام !
بۈركۈتنىڭكىدەك ئۆتكۈر كۆزلەر ماڭا تىكىلىشتى .
قېنى ، مېھمان قاراپ تۇرماي يۇقۇرغا كېلىڭ !
كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالدىم . ئالدىمدىكى سادىر باشچىلىقىدىكى تاغ ئەزمەتلىرى ئىدى . شىرمەت پالۋانلار بىلەن بىرمۇ - بىر كۆرۈشىپ چىقتىم . ئۇلارنىڭ بەدىنىدىن كېلىۋاتقان ئاچچىق تەر پۇرىقى ، ماڭا ئىپاردەك سېزىم ئاتا قىلدى . سورۇن باشلاندى . يۈرەكنىڭ تارىنى چېكىدىغان ھەقىقى جەڭ ھېكايىلىرىنى پۈتۈن ئىشتىياقىم بىلەن ئاڭلاۋاتىمەن . ۋاقىت سۈرئەت تونىلىدا چاپماقتا ئىدى . مانا ھەش - پەش دىگۈچە تۆت سائەت ئۆتۈپ كەتتى . ئۇلار مۇھىم ئىشىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ يولغا چىقتى . كۆزۈم قىيمىغان ھالدا ئۇلار بىلەن خوشلاشتىم :
- اللە سىلەرنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي ! ..... ئامان بولۇڭلار .....
ئۇلار قامچىسىنى قولىغا ئالدىدە - :
- ئاق يوللۇق بولۇڭلار ! .... بۇرادەرلەر .....
    ئاتلار ۋاقىت بىلەن بەيگىگە چۈشۈپ كۆزدىن غايىپ بولدى . قۇلاق تۈۋىمدە پالۋاننىڭ : « كېيىنكى ئەۋلاتلار بىزنى قايسى نامدا ياد ئېتەركىن ؟؟ » دىگەن ئاخىرقى بىر ئېغىز سۆزى جاراڭلىماقتا ئىدى . ئاي ماڭا قاراپ قويۇق بۇلۇتلار ئارىسىغا يوشۇرۇندى . ئىككى يورۇق يۇلتۇز ئار - ئارقىدىن ئېقىپ كەتتى ....... يولۇم داۋام ئەتمەكتە ، يىراقتىكى بېنەمدىن دېھقان ئاكىنىڭ ئورما ناخشىسى ياڭراپ قالدى . مانا ، بۇ يۈرەكنىڭ ھەقىقى مىلۇدىيىسى . قان - ياشقا تولغان كۈيلەر . ئىزتىراپ ئىچىدىكى مۇڭلار ..... دېھقاننى قانچە كۈيلەپ يازساڭ ئازلىق قىلىدۇ شائېرىم . ھەقىقەتەن دېھقان بولماق تەس ! بىر يىل جاپانى سەن تارتىسەن ، يىل ئاخىرىدا قولۇڭغا قالىدىغىنى يەنىلا شۇ ئۇرۇقلۇق بىلەن ئىككى ھارۋا سامان . ھەي ،  اللە ساڭىمۇ بىر ئاسانلىق بېرەر ..... بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر .............
    مەنزىلسىز ماڭماقتىمەن . قارغايلىق چوققىلار ، قويۇق چاتقاللار ناھايىتى سۈرلۈك ئىدى . يىراقتىن ھوقۇشنىڭ بۇغۇق سۇس سايرىغان ئاۋازى كەلمەكتە .... تۇرۇپ - تۇرۇپلا يىنىمدىكى چاتقاللار ئارىسىدىن ئاياق ئاۋازىمدىن ھۈركىگەن كەكلىكلەر « پۇررىدە » قىلىپ ئاسمانغا كۆتۈرلۈپ يەنە يىراقتىكى قايسىبىر چاتقالنىڭ ئارىسىغا كىرىپ كېتەتتى . تۇرۇپلا شەرىق تەرەپتىكى تاغ  قىزىرىپ ، ھۇررا - چوقان ئاۋازى ياڭراپ قالدى . قىزىللىق بارغانسىرى يىقىنلاشقاندا تاغ چوققىسىدا بىر كۆك بۆرە پەيدا بولدى ، ئۇنىڭغا ئۇلۇشىپلا مىسران قىلىچىنى يالاڭۋاچلىغان ئوغۇز قوشۇنىنى باشلاپ پەيدا بولدى . ئۇنىڭ كۆزلىرى يانماقتا ئىدى . ماڭا مەنىلىك بىر قاراپ قويۇپ كۈن پېتىشقا قاراپ يۈرۈپ كەتتى .... تاغنىڭ ئىرغىن سوغۇق شامىلى چىقىشقا باشلىدى . تاغ چوققىسىدىن پارچە - پارچە قارا بۇلۇتلار مەن تەرەپكە قاراپ سۈرىلىشكە باشلىدى . ئاي بۇلۇتلار ئارىسىدىن چىقىپلا يەنە بۇلۇتلار ئارىسىغا شۇڭغۇيىتتى . چىرايىدا قانداقتۇر بىرخىل زېرىكىشلىك چىقىپ تۇراتتى . ئاخىرقى چولپان يۇلتۇزىمۇ ئۆچۈش ئالدىدا تۇراتتى . تاڭ بىلىنە - بىلىنمەس سۈزىلىشكە باشلىدى . ئالدىمىزدا بىر مەھەللە كۆرندى . مەھەللە ئۇدۇلدىكى تاغ باغرىدا قويۇق ناخشا - مۇزىكا ئاۋازى ياڭراۋاتاتتى .... سائەتىمگە قاراپ تۇرىشىمغا شۇنداق يىقىملىق بىر  ئاۋازى كىلىپ پۈتۈن جىسمىمنى ئېرىتىۋەتتى . ئۇ قويۇق بۇلۇتلارنى يېرىپ ئۆتۈپ تاغ باغرىغا يېيىلماقتا ئىدى . سۇس قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن ئالىمىزدا بىر مەسچىد كۆرۈندى . ھايال ئۆتمەي مەسچىت ئىچىگە كىردۇق . دۇنياغا كېلىپ بۇنداق گۈزەل مەسچىدنى تۇنجى كۆرىشىم ئىدى . ئەپسۇس مەسچىد ئىچىدە ئىمام ۋە مەزىندىن باشقا ئېىسان كۆرۈنمەيىتتى .  ئىنىم ئەجەپلىنىش ئىچىدە ماڭا قاراپ قويدى ...... تۆت كىشىلىك نامازمۇ ئاياقلاشتى .ئىمام ئېغىر ئۇھ تارىتماقتا ، كۆزلىرىدىن ھەسرەت ئۇچقۇنلىرى يانماقتا ئىدى ..... ئۇ تۇرۇپلا ماڭا ئېغىز ئېچىپ قالدى :
- ئوغلۇم ، ئۇزۇن زامانلارنىڭ ياقى بۇ تەرەپلەرگە يات كىشىلەرنىڭ ئايىقى يىتىپ باقمىغان . بۇ مەسچىدمۇ بۇ ئىككىمىزدىن باشقا ئىنساننى قارشى ئېلىپ باقمىغان . بۈگۈن تۇنجى قەدەمنى سەن ئېلىپ كەلدىڭ . بۈگۈن بىز خوشال بولدۇق . سەپىرىنى قاياققا ئالدىڭكى ؟ ... سەپەرگە چىقىشتىكى مۇددىئايىمنى تولۇق سۆزلەپ بەردىم .
- ئۇلۇغ بىر سەپەرگە ئاتلىنىپسەن ، لىكىن بۇ بىر بارسا كەلمەس يول .  قۇدىرەتلىك ئىگەم سېنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي ، يولۇڭ ئاق يوللۇق بولسۇن . ئامىن ! ...... ئۇزۇندىن - ئۇزۇنغا سوزۇلغان دۇئا ئاخىرلىشىپ بۇ بارسا كەلمەس يولغا ئاتلاندۇق ........




ﭼﯜﺵ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯜﺵ




    ﺗﺎﯓ ﻳﻮﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .....
    ﻗﯘﻳﺎﺵ ﮬﺎﺳﯩﺮﯨﭗ - ﮬﯚﻣﯩﺪﻩﭖ ﺗﺎﻍ ﭼﻮﻗﻘﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﺎﻣﯩﺸﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ . ﺋﺎﻱ : - " ﻳﻮﻟﯘﯓ ﺧﻪﻳﯩﺮﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﯩﮕﯩﺖ ! " ﺩﻩﭘﻼ ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ ﻏﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭ ﺋﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ . ﻛﯜﻥ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯩﺮﻯ ﺋﯚﺭﻟﻪﭖ ﺟﺎﮬﺎﻥ ﺋﯩﺴﺴﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﺋﻪﺗﺮﺍﭖ ﺳﯘﺱ ﮔﯩﺮﯨﻤﺴﻪﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ﺗﺎﯞﻻﻧﻤﺎﻗﺘﺎ . ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﺎ ﭼﯩﺪﯨﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻗﺎﺭﺍ ﺑﯘﻟﯘﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﻪﻟﭙﯜﻣﻪﻛﺘﻪ . ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﯧﺮﯨﻨﭽﻪﻛﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﺎﯕﻤﺎﻗﺘﯩﻤﻪﻥ ....
- ﺋﺎﻛﺎ ، ﺋﯘﺳﺴﯘﺩﯗﻡ ...
ﺋﯩﻨﯩﻢ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﻪﻟﻤﯜﺭﯛﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .
- ﺋﺎﻟﻪ ، ﺳﺎﻗﺎﻡ ﺑﯘ ﺳﯘﻧﻰ ﺋﯩﭻ ...
ﻗﻮﻟﯘﻣﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﭘﺎﻕ ﺳﯘﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﯘﺗﺘﯘﻡ .
- ﻣﯩﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﻛﯚﭖ ﺟﺎﭘﺎﻻﺭﻧﻰ ﭼﻪﻛﺘﯩﯔ ، ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺑﯘ ﺳﻪﭘﻪﺭﮔﻪ ﺳﯧﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻤﯩﺴﺎﻡ ﺑﻮﭘﺘﯩﻜﻪﻥ .
- ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﻤﻪ ﺋﺎﻛﺎ ، ﺑﯘ ﺳﻪﭘﻪﺭﺩﻩ ﻣﻪﻥ ﺳﺎﯕﺎ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ . ﺳﻪﻥ ﻧﻪﮔﻪ ﺑﺎﺭﺳﺎﯓ ﻣﻪﻥ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﺭﯨﻤﻪﻥ . ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﺎﻳﻤﻪﻥ ....
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﻏﺎﻳﯩﺒﺎﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻧﯘﺭ ﻳﯧﻨﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ . ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﮬﺎﯞﺍﺩﯨﻜﻰ ﻗﯘﺷﻼﺭ ﺑﺎﺵ ﺋﯜﺳﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺋﻪﮔﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .
- ﻳﯜﺭﻩ ﺳﺎﻗﺎﻡ . ﺋﻪﻣﺴﻪ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﺎﻳﻠﻰ ، ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﯩﻤﯩﺰ ﺑﻪﻙ ﺋﯘﺯﯗﻥ ....
    ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺷﯘ ﺋﺎﻳﯩﻘﻰ ﭼﯩﻘﻤﺎﺱ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ ... ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻠﻪﺭ ، ﺋﻮﺭﻣﺎﻧﻼﺭ ، ﭼﺎﺗﻘﺎﻟﻼﺭ ، ﺗﺎﻍ - ﺩﻩﺭﻳﺎﻻﺭ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﻟﻪﭖ ﻛﻪﻳﻨﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﭘﺎﻳﺎﻧﺴﯩﺰ ﭼﯚﻝ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ . ﺟﺎﮬﺎﻥ ﺗﻮﻧﯘﺭﺩﻩﻙ ﻗﯩﺰﺯﯨﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﭼﺎﻳﺨﺎﻧﯩﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﺧﻼﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ؟؟ ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ ... ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺳﯩﻨﺎﻗﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﭼﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ ... ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻗﯘﻳﺎﺷﻤﯘ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﯩﺘﺘﻰ . ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻧﯩﻤﺸﻘﯩﺪﯗﺭ ﺋﺎﻱ ﭼﯩﻘﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ ..... ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻳﻮﺭﻏﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﻧﻰ ﻗﻮﻏﻼﭖ ﺋﯚﺗﻤﻪﻛﺘﻪ ... ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻮﺳﯘﻧﺪﺍ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻛﯜﻥ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﺋﻮﺯﯗﻕ - ﺗﯜﻟﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻣﯘ ﺗﯜﮔﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﭼﺎﺭﭼﺎﭖ ﮬﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﻨﯩﻤﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻣﻼ ﺟﯩﺴﻤﯩﻢ ﻏﻪﻳﺮﻩﺕ - ﺷﯩﺠﺎﺋﻪﺗﻜﻪ ﺗﻮﻟﯘﭖ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻗﻮﻧﺎﻟﻐﯘ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯩﺮﯨﺸﺎﺗﺘﯩﻢ . ﺳﻪﻛﻜﯩﺰﯨﻨﺠﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﺎﯓ ﺳﯜﺯﯨﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺧﻮﺭﻣﺎ ﺩﻩﺭﯨﺨﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﺪﻯ . ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﺩﻩﺭﻩﺥ ﻳﯩﻨﯩﻐﺎ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ . ﺩﻩﺭﻩﺥ ﻳﯩﻨﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺑﯘﻻﻕ ﺷﯩﻠﺪﯨﺮﻻﭖ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ . ﺑﯘ ﻣﯚﺟﯩﺰﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﯩﮕﻪﻣﮕﻪ ﮬﻪﻣﺪﯗ - ﺳﺎﻧﺎﻻﺭﻧﻰ ﺋﯧﻴﯩﺘﺘﯩﻢ ... ﺳﯘﺩﯨﻦ ﻗﺎﻧﻐﯘﭼﻪ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﮬﺎﺭﺩﯗﻗﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﺍﻟﺪﯗﻕ . ﺩﻩﺭﻩﺧﻜﻪ ﺳﻪﭘﺴﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯨﻢ . ئۇ ، بۇلاق سۈيىنىڭ موللىقىدىن بۈك - باراقسان ئۆسكەن 4000 ياش ئەتىراپىدىكى دەرەخ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯘ باياۋاندىكى ﺑﯩﺮ ﻣﯚﺟﯩﺰﻩ ﺋﯩﺪﻯ ..... ﺩﻩﺭﻩﺧﻜﻪ ﻳﯚﻟﯩﻨﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻱ ﺩﻩﭖ ﺗﯘﺭﺳﺎﻡ ﻛﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﺩﻩﺭﻩﺥ ﺳﺎﻳﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺑﺮﻩ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﻗﻪﺑﺮﻩ ﺗﯧﺸﯩﻐﺎ " ﺋﯧﺮﻛﻰ " ﺗﻪﺧﻪﻟﯘﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﯧﻐﯩﺸﻠﯩﻤﺎ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ :



ﺋﺎﺑﺪﯗﻝ ﻗﻮﻟﯘﯕﻤﻪﻥ ﺋﻪﻱ ﺭﻩﺑﺒﯩﻢ ،
ﺭﻩﮬﯩﻢ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ ﺋﺎﻟﻐﯩﻦ ﺑﯘ ﺟﺎﻥ .
ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﻗﯩﻠﯩﭻ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﻏﯩﻦ ،
ﺋﺎﺳﯩﻲ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﻳﯜﺗﺴﯘﻥ ﺑﯘ ﻗﺎﻥ .




ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﺷﺎﮬﯩﺪﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻻﻧﯩﺖ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﭼﯚﻛﻤﻪﻛﺘﯩﻤﻪﻥ ... ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺷﺎﮬﯩﺪﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ، ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﭽﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ .... ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﻳﯩﺸﻪﻟﻤﻪﻱ ﺋﯚﻛﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ .... ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﻪﻣﺘﯩﺮﻩﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ ... ﺷﯘ ﺑﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺴﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺗﻮﺯﺍﻧﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﺋﺎﯞﺍﺭﯨﻤﻪﻥ .... ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﻠﺪﺍﻡ ﻳﻮﺭﻏﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﻤﻪﻛﺘﻪ . ﺑﯘﻻﻕ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻘﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ . ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻳﻮﻝ ﮬﺎﺭﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻰ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﻪﺳﻨﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ ، ﺋﯘﻳﻘﯘ ﻣﯩﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﻣﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ ....... ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﺟﻪﯕﮕﺎﮬﺘﺎ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ . ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻢ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﮕﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ .... ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﻭﺳﺖ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﻟﯜﻣﻨﻰ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ . ﻗﯩﻠﯩﭻ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﻳﺎﺳﺎﯞﯗﻝ ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﭻ ﺗﯘﺗﺴﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻳﻨﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭻ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﺗﯘﺗﺎﺗﺘﻰ ﺩﻩ : - " ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﯩﭽﻪ ﻣﯩﻨﯩﻼ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﯩﻨﻰ ﻣﯩﻨﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ " ﺩﻩﻳﯩﺘﺘﻰ . ﻳﺎﺳﺎﯞﯗﻝ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮسىنىڭ ﺑﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﭻ ﺗﯘﺗﺴﺎ ئالدىنقىسى ﺷﯘ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﻳﯩﺘﺘﻰ . ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻮﺳﯘﻧﺪﺍ ﺧﯧﻠﻰ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯚﺗﺘﻰ . ﻳﺎﺳﺎﯞﯗﻝ ﻧﯩﻤﻪ ﻗﯩﻼﺭﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ، ﺟﻪﯕﮕﺎﮬﻨﻰ ﺋﺎﺭﻻﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻏﻪﻟﯟﯨﺴﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻨﻰ ﺋﯘﻗﻘﺎﻥ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﺎﺩﺍﻗﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ، ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺩﻭﺳﻠﯘﻕ ﻣﯩﮭﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻨﯩﭗ ﮬﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﯜﻣﺪﯨﻦ ﺧﺎﻻﺱ ﻗﯩﻠﺪﻯ .... ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻢ ﺑﻪﺵ ﻳﯩﻞ ﺋﺎﯞﺍﻟﻘﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﯘﭖ ﺑﺎﺭﺩﻯ . ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﺎﻥ ﺗﺎﭘﺴﺎ ﺗﻪﯓ ﻳﯩﮕﻪﻥ ، ﺑﯩﺮ ﻳﻮﺗﻘﺎﻧﻨﻰ ﺗﻪﯓ ﻳﺎﭘﻘﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺟﺎﻥ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺩﻭﺳﺖ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﻧﻰ رەھىمسىزلەرچە ﺳﯧﺘﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ ..... ﻛﯜﻥ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﻪﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ ... ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﻧﺰﯨﻞ ﺑﺎﺳﻘﯩﻨﯩﻢ ﺋﯩﻨﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﯞﯗﻝ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﺋﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﯩﻘﯩﻨﻼﺷﺘﯩﻢ . ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻻ ﻗﯘﻡ ﺩﯙﯞﯨﺴﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻨﺎﯞﯨﺘﯩﭙﺘﯘ . ﺋﺎﯞﯗﻝ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯨﻢ . ﺋﺎﯞﯗﻝ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﻪﻳﯩﺘﺘﻰ . ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺟﻪﻧﯘﭖ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻱ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﯞﺍﺭﺍﯓ - ﭼﯘﺭﯗﯓ ﺋﺎﯕﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯩﺮﻯ ﻛﯜﭼﻪﻳﺪﻯ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﻣﻪﻥ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﻪﺭ - ﺧﻮﺗﯘﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﯩﺪﻩﻟﻤﯩﻜﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻢ ، ﺋﻪﭘﺴﯘﺱ خىيالىم ﺧﺎﺗﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ ؛
- ﻳﯩﻘﯩﻦ ﻛﻪﻟﺴﻪﯓ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯨﯟﺍﻟﯩﻤﻪﻥ .
ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻣﺪﺍﭖ ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﺎﻣﺪﺍﭖ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻳﯩﻘﯩﻨﻼﺷﺘﯩﻢ ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﺎﯕﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ . ﻏﺎﻳﯩﯟﻯ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﭺ ﻣﯩﻨﻰ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺋﯩﺘﺘﺮﺩﻯ . ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﮕﻪ ﺋﯚﻱ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ " ﮔﺎﭼﭽﯩﺪﻩ " ﺋﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺧﻪﻧﺠﻪﺭ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﭗ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯩﺮﺩﯨﻢ . ﺋﯚﻱ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﮔﯜﺯﯛﻝ ﻧﺎﺯﯨﻨﯩﻦ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻗﺎﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﺎﺗﺎﺗﺘﻰ . ﺋﯘ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭙﭙﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺷﯧﮭﯩﺘﻠﯩﻚ ﻣﯘﻗﺎﻣﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ ....... ﺧﺎﺗﯩﺮﻩﻣﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﻣﻠﻪ ﺳﯚﺯ كۆز ئالدىمدىن ئېقىن سۇدەك ئېقىپ ئۆتتى : " ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺋﻪﺭ - ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﺎﺩﺍﻗﻪﺗﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﯚﺯ ﺟﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﺴﻪ ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﻪﺭ -ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻣﺎﻝ - ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺩﻩﭖ ﺳﺎﺩﺍﻗﻪﺗﺘﯩﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﻤﻪﻛﺘﻪ " ....... ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﯞﯗﻝ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﺍﺕ ﺗﯘﻣﺎﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ ﻏﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻠﻜﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﻪﻧﺪﯨﻜﯩﭗ ﻛﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺋﺎﭼﺴﺎﻡ ﺋﯩﻨﯩﻢ ﻳﯩﻨﯩﻤﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭘﺘﯘ . ﺑﯘﻻﻕ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ ﻳﯩﺘﯩﭙﺘﯩﻤﻪﻥ ..... ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﺎ ﺋﯚﺯ ﺗﯩﻠﺴﯩﻤﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻏﺮﯗﺭﺍﻧﻪ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .........


ئاپتۇر : ئاتا بۆرە ( روخسەتسىز كۆچۈرمەڭ )

داۋامى يوللىنىدۇ ...

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • تۆھپە:+10(mehrigiya) نادىر ئەسەر
  • ياخشى باھا:+12(naxtari)
  • شۆھرەت:+20(saadat)
  • تۆھپە:+10(bilgar)
  • كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
    ۋاقىت - رەھىمسىز زوراۋان !
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-09-12 10:27 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    atabora
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 35769
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 231
    شۆھرەت: 315 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2390 سوم
    تۆھپە: 210 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 186 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 237(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-15

     

    داۋامى ....


    ئۇنتۇلغان زىمىن




          ﻛﯚﯕﻠﯜﻡ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﻧﺎﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﭼﺎﯕﻘﯩﻐﺎﻥ ، ﺋﯩﺰﺗﯩﺮﺍﭖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯧﭽﯩﺮﻗﯩﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﯘﭘﯘﻗﻘﺎ ﺗﯘﺗﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﭼﯩﻐﯩﺮ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ ........
         ﺑﯘﻟﯘﺗﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎﺭﻻﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻱ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﯩﻠﻠﯩﻖ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮﯨﻤﻪﻛﺘﻪ . ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﭘﻨﯩﯔ ﻏﻪﺯﻩﭘﻠﯩﻚ ﺋﯘﭼﻘﯘﻧﻰ ، ﺋﺎﺭﺗﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻨﻰ ﮬﯧﺠﯩﺮﺍﻧﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﺭﻭﻣﺎﻟﻰ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻨﯩﯔ ﺗﺎﻻﻱ ﺳﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻣﻠﯩﮕﻪﻥ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﮔﯜﻝ ﺳﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﻛﯜﺗﯜﭘﺨﺎﻧﺎ ﻛﯩﺘﺎﺑﻘﺎ ﻟﯩﻖ ﺗﻮﻟﯩﺪﯗ . ﻛﯚﺯ - ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﻗﺎﻏﺠﯩﺮﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺮﻏﺎﻗﻠﯩﺮى ﻣﻪﯞﯨﺞ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﺭﻛﻪﺷﻜﻪ ﺗﻮﻟﯩﺪﯗ . ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﺑﯧﺘﻰ ﻗﺎﻥ - ﻳﺎﺷﻘﺎ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﺷﺎﮬﯩﺪﻯ ﭘﻪﻗﻪﺕ ، ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﺍ ، ﺋﯘ ﮬﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﺋﯜﻥ - ﺗﯩﻨﺴﯩﺰ ، ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺳﺎﯕﺎ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯩﻞ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﻤﻪﻥ ..........
        ﺧﯩﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻢ ﺗﻮﺯﻏﺎﻗﺘﻪﻙ ﭼﯧﭽﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ . ﺋﺎﺯﻏﯘﻥ ﻧﯘﺭﻻﺭ ﻣﯩﻨﻰ ﺋﺎﺯﺩﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﺗﻪﻣﺸﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ ...... ﺑﯜﮔﯜﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺩﯗﻟﺪﯗﻟﯩﻐﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﭖ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﻯ . ﻛﯚﺯﻧﻰ ﻳﯘﻣﯘﭖ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻪ ﺗﺎﯕﻤﯘ ﺋﺎﺗﺘﻰ . ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺑﯘﻏﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﺴﯩﭗ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﭼﺎﭘﻤﺎﻗﺘﺎ . ﺋﺎﻳﻤﯘ ﺋﯜﻥ - ﺗﯩﻨﺴﯩﺰ ﺋﯚﺯ ﮬﻮﺟﯩﺮﺳﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﯩﺘﺘﻰ .....
    - ﺋﺎﻛﺎ ، ﻗﺎﺭﺍ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ .
    ﺋﯩﻨﯩﻤﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯩﻴﺎﻝ ﻛﻪﭘﺘﯩﺮﯨﻢ ﺟﯩﺴﻤﯩﻤﻐﺎ ﺋﯘﭼﯘﭖ ﻛﯩﺮﺩﻯ . ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻗﻪﺩ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ . ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﻪﺗﯩﺮﺍﭘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺯﻧﻰ ﺋﻪﺳﻨﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯘﻣﺎﻧﻼﺭ ﺑﯘ ﺷﻪﮬﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺳﯩﻠﯩﻖ ﺗﯜﺱ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻯ . ﻛﯜﻥ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺑﯘ " ﺟﻪﻟﯩﭙﻜﺎﺭ " ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻗﻮﯞﯗﻗﯩﻐﺎ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ . ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺳﯧﭙﯩﻠﯩﻐﺎ ( ﺑﯧﻐﻪﻣﻠﻪﺭ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ 2995 - ﻳﻠﻰ 2 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 27 - ﻛﯜﻧﻰ ) ﺩﻩﭖ ﻳﯩﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﺗﻪﺋﻪﺟﺠﯜﭘﻠﻪﻧﺪﯨﻢ . ﻛﯩﺮﻩﻳﻤﯘ ؟ ، ﻛﯩﺮﻣﻪﻳﻤﯘ ؟ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﺍ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺯﯨﺖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﮬﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺭﭼﻪ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ . ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ . ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﺋﯩﺴﺘﯩﻜﻰ ﻣﯩﻨﻰ ﻛﯜﺷﻜﯜﺭﯛﺗﻤﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩﺪﻯ . ﺷﻪﮬﻪﺭﮔﻪ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ . ﺑﺎﻳﺎﻣﻘﻰ ﭘﺎﺭﻻﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻧﻪﻟﻪﺭﮔﯩﻐﯘ ﻳﯜﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﻼ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ، ﻳﯩﺮﯨﻢ ﺑﻪﺭﻩﮬﻨﻪ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺧﯘﻣﺎﺭﻻﺷﻘﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ، ﺗﯘﯓ - ﺗﯘﯕﻼﺭﻏﺎ ﺗﯩﺰﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻥ ، ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺗﻮﺷﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺷﺎﺭﺍﺑﻼﺭ ، ﺋﯚﻱ- ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﻏﯘﻥ ﻛﯜﻟﻜﯩﻠﯩﺮﻯ ، ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﺎﺳﻤﯩﻨﯩﺪﺍ ﻟﻪﻳﻠﻪﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﻛﻪﻳﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﯘﺩﻩﻙ ﺗﯘﻣﺎﻧﻼﺭ .............. ﺑﯘ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ( ﺑﯧﻐﻪﻣﻠﻪﺭ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ ) ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﯨﻦ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﭖ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﯩﯟﯨﻠﯩﭗ ﺳﻮﺭﯨﺪﯨﻢ :
    - ﺋﯘﻛﺎﻡ ، ﺑﯘ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻧﯩﻤﻪ ؟
    ﺋﯘ ﺑﺎﻻ ﺋﯜﭺ - ﺗﯚﺕ ﺧﯩﻞ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﺋﺎﺭﻻﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺳﯚﺯﻟﻪﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ . ﺗﺎﺯﺍ ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻤﻪﻱ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺳﻮﺭﯨﺪﯨﻢ . ﺋﯘﻣﯘ ﻣﻪﻗﺴﯩﺪﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻜﻪ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻜﻰ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯗﻗﺘﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﯘﯞﺍﻳﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺑﯘﯞﺍﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ :
    - ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻣﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ !
    ﺑﯘﯞﺍﻱ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﺭﺍﻧﻼ ﻟﯩﯖﯩﺸﯩﺘﯩﭗ ﺳﺎﻟﯩﻤﯩﻤﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﺩﻯ . ﺑﺎﻳﺎﻣﻘﻰ ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﯩﻨﯩﯔ ﺟﺎﯞﺍﺑﯩﻨﻰ ﺑﯘﯞﺍﻳﺪﯨﻦ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﺪﯨﻢ . ﺑﯘﯞﺍﻱ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﺯﺍ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﺩﻩ - ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﻰ ﺋﯩﺸﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ ، ﻧﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﯕﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ ، ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﮔﯧﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ ، ﻛﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﻳﻪﺩﯨﻜﻰ ﺋﯚﻟﯜﻙ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺘﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ ........... ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻢ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯩﺸﯩﭗ ، ﺟﯩﺴﻤﯩﻢ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺳﯩﻠﻜﻪﻧﺪﻯ . ﻗﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﺗﻮﻣﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻤﻐﺎ ﭘﺎﺗﻤﺎﻱ ﻛﯚﯞﻩﺟﻪﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﻨﻰ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﯩﺰﺗﯩﺮﺍﭖ ﺋﻪﺳﻪﺑﯩﻴﻠﯩﺸﯩﭗ ﯞﻭﻟﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯧﺘﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ . ﺭﻭﮬﯩﻢ ﺟﯩﺴﻤﯩﻤﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺗﯘﻣﺎﻧﻼ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﺎﭼﻤﺎﻗﺘﺎ ........ ﺯﯨﻤﯩﻨﻨﻰ ﮔﻮﻳﺎ ﺗﻮﭘﺎﻥ ﺑﺎﺳﻘﺎﻧﺪﻯ ........ ﺋﯩﻨﯩﻢ ﻣﺎﯕﺎ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ . ﺑﯘ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺑﯩﺮ  ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻏﻪﭘﻠﻪﺗﻜﻪ ﭘﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺋﻪﯞﻻﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ . ﺗﯘﻣﺎﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﯩﺸﯩﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻣﺎﯕﻤﺎﻗﺘﯩﻤﻪﻥ ﭼﯩﮕﯩﺶ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭ ﻣﯩﻨﻰ ﺗﻮﭘﺎﻥ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺳﯚﺭﻩﻳﯩﺘﺘﻰ . ﺟﯩﺴﻤﯩﻢ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﻼﻧﺪﻩﻙ ﺗﻮﻟﻐﺎﻧﻤﺎﻗﺘﺎ . ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯘ ﺷﻪﮬﻪﺭﮔﻪ ﺳﻮﻏﯘﻗﻼ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ ﺩﻩ ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ ............. ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺳﯩﺮﺗﻰ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﭼﯚﻟﻠﯜﻙ ﺋﯩﺪﻯ ، ﻟﯩﻜﯩﻦ ﮬﺎﯞﺍﺳﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ - ﺯﯨﻤﯩﻦ ﭘﻪﺭﯨﻘﻠﯩﻨﻪﺗﺘﻰ . ﺳﺎﭖ ﮬﺎﯞﺍﺩﯨﻦ ﻗﯧﻨﯩﭗ - ﻗﯧﻨﯩﭗ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻧﻪﭘﻪﺱ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ . ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﻥ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯘﭼﯘﺷﻘﺎ ﺗﻪﻣﺸﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻕ ﻛﻪﭘﺘﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﯓ ﻗﺎﻧﯩﺘﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﯘ ﻣﯩﺴﺮﺍﻻﺭ ﺋﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ :



    ﻗﯧﻨﻰ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻣﯩﺴﺮﺍﻥ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺗﺎﯞﻻﻧﻐﺎﻥ ﻗﻮﻟﻼﺭ ؟
    ﻗﯧﻨﻰ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺟﻪﯕﮕﺎﮬ ﻛﯧﺰﯨﭗ ﭼﺎﭘﻘﺎﻥ ﺩﯗﻟﺪﯗﻟﻼﺭ ؟
    ﮬﻪﺳﺮﻩﺕ ، ﻛﯚﺯﻳﺎﺵ ، ﻧﺎﺩﺍﻣﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﻪ ،
    ﻗﯧﻨﻰ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯘﻳﺎﺕ - ﻏﯘﺭﯗﺭ  ﺑﺎﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯩﻠﻼﺭ ؟ ....



        ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺗﯩﻨﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﻳﻮﻟﯘﻡ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﺋﻪﺗﻤﻪﻛﺘﻪ . ﻣﻪﻥ ﺋﯘﭘﯘﻗﻨﻰ ﻗﻮﻏﻼﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ . ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﯘﭘﯘﻕ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﻮﻱ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ . ﺋﺎﺷﯘ ﮔﯩﺮﯨﻤﺴﻪﻧﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﭼﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻠﻪﺭ ﻣﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ ﺑﯘﻧﯩﺴﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﻧﺎﻣﻪﻟﯜﻡ . ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺑﻮﺷﺎﺷﻤﺎﻳﻤﻪﻥ . ﺑﯩﺮ ﺟﯜﭖ ﻗﺎﻧﯩﺘﯩﻤﻐﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﻤﻪﻥ ...........




    تۈندە بالقىغان قۇياش 




        روھىم بىلەن جىسمىم كېچە - كۈندۈز ئۇپىقىدا ئايرىلغان ئىدى . ئەشۇ ئۇپۇقلا بۇ ئىككىسىنى بىر گەۋدە قىلالايدۇ .... ئوغۇز روھى مىنى چاقىرماقتا . ئۇ ، ئۇپۇقتا مىسراندىن سوقۇلغان شەمشىرىنى تۇتقىنىچە مىنى ساقلىماقتا .... ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن يىنىۋاتقىنى قۇياشنىڭ ئەڭ يورۇق نۇرلىرى ........
         ئازاپ مالائىكىسى باش ئۈستۈمدىلا ئەگىمەكتە . ئۇنىڭ گۈرزىسىنى پەقەتلا تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن .  شەيتان ھەر قەدەمدە مىنى ئازدۇرماقتا . ئۇ قولىدا ئاخىرەت ئازاپ جامىنى كۆتۈرۋىلىپ مىنى ئىچىشكە زورلىماقتا .... مىنى گۈزەللىك بوسۇغىسىدىن ھەيدىمەكتە .... خۇددى « يۈسۈپ » نى ئازدۇرغاندەك .... خۇددى « ئىسمائىل » نى ئازدۇرغاندەك .... قېنى شەيتان ! ، قېنى دۇنيا ! ، قولۇڭدىن كېلىدىغان بارلىق ھۆنىرىڭنى ئىشقا سال ! .... ئۇنتۇپ قالما ! ، تىزىمنىڭ تىزگىنى ئۆز قولۇمدا !!! ...
         ئۇپۇققا تۇتاشقان تاغقا بارغانسىرى يىقىنلىشىۋاتىمەن شۇنىڭدەك گۈزەللىككە يىقىنلىشىۋاتىمەن .  تاغلار ، يايلاقلار بارلىق مەۋجۇداد ئۆز تەبىيلىكى بىلەن شۇنچە گۈزەل ئىدى . كائىناتنى بىر قەۋەت سۇس پەردە قاپلاپ ئاق يېغىن ياغماقتا  .... ئەتراپتا ئاجايىپ بىر شاۋقۇنلۇق دەريا ماڭا جۆر بولۇپ ئاقماتقا ، ئۇنىڭدىن ئىپار ھېدى كەلمەكتە . بۇ شەربەت دەرياسى ئىدى .......
         يامغۇر توختاپ ئاسمانغا ئاي چىقتى . ئۇنىڭ يۈزىدە داغ بولسىمۇ لىكىن ئۇ يەنىلا شۇنچە گۈزەل . ئۇ خىجىلچان كۆزلىرىنى مەندىن قاچۇرۇپ يوشۇرماقتا . يىراقتىكى قارلىق تاغدا بىر كۆك بۆرە ئايغا قاراپ شۇنچە ئەركىن ھۇۋلىماتتا ....
         كۈنلەر ئۆز رىتى بويىچە قىلچە خاتالىق سادىر قىلماي ئۆتمەكتە . تاغ ، ئۇپۇق كۆز ئالدىمدىلا تۇراتتى .... بارلىق كۈچۈمنى يىغىپ ئاخىرقى مەنزىلگە قاراپ ئىلگىرلەۋاتىمەن .... تۇرۇپلا يىراقتىن  كارۋاننىڭ قوڭغىراق ئاۋازى ياڭراپ قالدى .... تۈن يېررىمىدا مەن ئاچا يول ئېغىزىدا كارۋان بىلەن ئۇچىراشتىم .... كارۋان توپىدا ئىككى - ئۈچ يۈزچە كىشى بولۇپ ، بۇلارمۇ ھەقىقى گۈزەللىكنى ئىزدەپ ماڭغۇچىلار ، شۇ گۈزەللىكنى ئېلىپ قايتىپ ئۆز قەۋىمنى ئازاپتىن قۇتقۇزۇشنى كۆڭلىگە پۈككۈچىلەر ئىدى .... ئۇلارنىڭ كۆزىدىن يىنىۋاتقىنى ھەقىقى قورۇقماسلىق ، ئادالەتپەرۋەرلىك روھى ....
         گىرىمسەن خىياللار ئىچىدە ماڭماقتىمەن . بۈگۈنكى چولپان يۇلتۇزى ئاجايىپ نۇرلۇق ئىدى . تۇرۇپلا ئاسماندا بىر شۇڭقار پەيدا بولۇپ بىزگە يول باشلاشقا باشلىدى . ئۇنىڭ مەغرۇر قانات قېقىشى بەكمۇ ئۆزگىچە ئىدى . خۇددى مەن قەيەردىدۇر كۆرگەندەك  .... قانچىلىك ماڭغىنىمىز ئېنىق ئەمەس . مانا تاغقىمۇ يىتىپ كەلدۇق تاغدىن ھالقىپ ئۆتسەكلا مەنزىلگە يىتەتتۇق . تاڭ سۈزىلەي دەپ قالغان ئىدى . ھەممىمىز تاققا قاراپ چوڭقۇر خىياللارغا چۆكمەكتە ئىدۇق . مەن بۇ سۈكۈتكە بەرداشلىق بېرەلمەي تاققا قەدەم ئالدىم . بۇ چاغدا ئۈستىمىزدە ئاجايىپ بىر مەنزىرە پەيدا بولدى . بايىقى شۇڭقارنىڭ شۇنداق سايرىشى بىلەن باش ئۈستىمىزدە نۇرغۇنلىغان شۇڭقارلار پەيدا بولدى ، دە بىزنى كۆتۈرۈپ تاغ ئۈستىگە قاراپ ئۇچتى . مانا تاغ ئۈستىگىمۇ چىقتۇق .... شەپەق نۇرى ئۇپۇقتا قان رەڭگىدە يېيىلماقتا .... ئالدىمىزدا بولسا كۆز يەتكۈسىز دېڭىز دەھشەتلىك تاشقىنلىرى بىلەن بىزنى كۈتىۋالغان ئىدى .... ھەممىمىز ئۈمۈدسىزلىك جامىنى قوللىرىمىزدا تۇتقىنىمىزچە ئالدىمىزدىكى رىئاللىققا باش ئېگەلمەي تۇراتتۇق . مۇشۇ مەنزىلگە كەلگەندە كەينىگە قايتىش كېرەكمۇ ؟! .... ياق ! ، ياق !  يىگىت سەن ئۆزەڭگە ئىشەن بۇنداق قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ . سەن قايسى يۈزۈڭ بىلەن قايتىسەن ؟!! .... تاللاش پەقەت بىرلا ئىدى ئالدىغا مېڭىش ، دېڭىزدىن ئۈزۈپ ئۆتۈش ئىدى ..... كۆزۈمنى يۇمدۇم - دە ، ئالدىغا قەدەم ئالدىم .....
         ئېھ ! .... ئىگەم سەن ھەممىگە قادىردۇرسەن .... دېڭىز تاشقىنلاپ ئوتتۇردىن ئىككىگە بۆلۈندى . ئوتتۇردا ئۇپۇققا تۇتاشقان يول پەيدا بولدى .... قۇياش كۆتۈرلىشى بىلەن ئۇپۇققا يىتىپ كەلدۇق . ئالدىمىزدا ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن بىر ئىشىك تۇراتتى . ئىشىكتە مۇنۇ قۇرلار يىزىلغان ئىدى _ « يول كىشىلەرنىڭ ئايىقى ئاستىدا بولماي بەلكى روھى ئاستىدا بولىدۇ . روھنى پاكلىيالىغان ئىنسان ئەڭ چىن ، ئەڭ گۈزەل مەقسەتلەرگە يىتەلەيدۇ . بۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇقتىسى تەسەۋۋۇپ روھىدۇر . بۇ روھ پەقەت اللا يولىدىكى ئاشىقلاردىلا بولىدۇ . قېنى گۈزەل ئارمانلار پۈككۈچى ئىشىكنى ئېچىڭ ! » . ئىشىككە قول ئۇزاتتىم . ئىشىكنى شۇنداق ئېچىشىم بىلەن ئاجايىپ - غارايىپ نۇرلار كۆزلىرىمنى قاماشتۇرۇپ كەتتى  شۇنىڭبىلەن بىرگە ناھايىتى يىقىملىق بىر ئاۋاز قۇلىقىمغا ئۇرۇلدى . كۆزلىرىمنى ئاستا - ئاستا ئاچتىم نىمە كارامەت بۇ ؟! .... ئاخشام ناماز ئوقىغان مەسچىددە يىتىپتىمەن .... كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم ، قانداق چۈش بۇ ؟! ھېچ تەكتىگە يىتەلمىدىم ... ئورنۇمدىن تۇردۇم - دە ، سىرىتقا قاراپ ماڭدىم .... مەسچىد ئىشىكىدىن چىقىپ كۆزلىرىم ئىختىيارسىز ئۇپۇققا قادالدى ، قۇياش ئوتقاشتەك نۇرلىرى چېچېپ شەرىقتىن كۆتۈرلىۋاتاتتى ..........



    تامام !
    [ يوللىغانataboraتەرىپىدىن2008-09-12 11:06قايتا تەھر ]

    كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
    ۋاقىت - رەھىمسىز زوراۋان !
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-12 10:53 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    ZAHIRA
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 21547
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 236
    شۆھرەت: 237 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2309 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 12 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 388(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

     

    بۇ نەىسرنى ئوقۇپ، تارىخ بىلەن زامانىۋى دۇنيا  ھېسسى ئېڭمدا رۆشەن  سېلشتۇرما ھاسىل قىلدى.
    نەسىرىڭىز نۇرغۇن نۇرغۇن مەنالارنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىپتۇ.
    سىز شامال مۇنبىردىكى ئاتا بۆرە شۇمۇ؟
    نادىر ئەسەرلىرىڭزنى داۋاملىق كۈرۈشكە تەشنامىز.

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    ھەر نەرسە چېكىدىن ئاشقاندا ئۆزلىكىدىن ھالاك بۇلىدۇ.
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-12 10:56 |
    crossdream
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 59138
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 189
    شۆھرەت: 190 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1880 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 8(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

     

    بەك تەسىرقىلىدى .رەخمەت سىزگە .

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-12 10:56 |
    atabora
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 35769
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 231
    شۆھرەت: 315 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2390 سوم
    تۆھپە: 210 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 186 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 237(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-15

     

      شۇنداق زاھىرە مەن شامال مۇنبىرىدىكى ئاتا بۆرە .
    [ يوللىغانataboraتەرىپىدىن2008-09-13 04:47قايتا تەھر ]

    ۋاقىت - رەھىمسىز زوراۋان !
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-12 11:04 |
    parwin
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە ئۆمۈرلۈك شەرەپ
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 9117
    نادىر تېما : 13
    يازما سانى : 1058
    شۆھرەت: 1316 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 15746 سوم
    تۆھپە: 442 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 366 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1352(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-17

     

      ئېھ ! .... ئىگەم سەن ھەممىگە قادىردۇرسەن .... دېڭىز تاشقىنلاپ ئوتتۇردىن ئىككىگە بۆلۈندى . ئوتتۇردا ئۇپۇققا تۇتاشقان يول پەيدا بولدى .... قۇياش كۆتۈرلىشى بىلەن ئۇپۇققا يىتىپ كەلدۇق . ئالدىمىزدا ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن بىر ئىشىك تۇراتتى . ئىشىكتە مۇنۇ قۇرلار يىزىلغان ئىدى _ « يول كىشىلەرنىڭ ئايىقى ئاستىدا بولماي بەلكى روھى ئاستىدا بولىدۇ . روھنى پاكلىيالىغان ئىنسان ئەڭ چىن ، ئەڭ گۈزەل مەقسەتلەرگە يىتەلەيدۇ . بۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇقتىسى تەسەۋۋۇپ روھىدۇر . بۇ روھ پەقەت اللا يولىدىكى ئاشىقلاردىلا بولىدۇ . قېنى گۈزەل ئارمانلار پۈككۈچى ئىشىكنى ئېچىڭ ! » . ئىشىككە قول ئۇزاتتىم . ئىشىكنى شۇنداق ئېچىشىم بىلەن ئاجايىپ - غارايىپ نۇرلار كۆزلىرىمنى قاماشتۇرۇپ كەتتى  شۇنىڭبىلەن بىرگە ناھايىتى يىقىملىق بىر ئاۋاز قۇلىقىمغا ئۇرۇلدى . كۆزلىرىمنى ئاستا - ئاستا ئاچتىم نىمە كارامەت بۇ ؟! .... ئاخشام ناماز ئوقىغان مەسچىددە يىتىپتىمەن .... كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم ، قانداق چۈش بۇ ؟! ھېچ تەكتىگە يىتەلمىدىم ... ئورنۇمدىن تۇردۇم - دە ، سىرىتقا قاراپ ماڭدىم .... مەسچىد ئىشىكىدىن چىقىپ كۆزلىرىم ئىختىيارسىز ئۇپۇققا قادالدى ، قۇياش ئوتقاشتەك نۇرلىرى چېچېپ شەرىقتىن كۆتۈرلىۋاتاتتى ..........

    ئاتا بۆرە ئەپەندىمنىڭ نادىر تىمىسىدىن بەھىر ئالغىنىمدىن رەخمىتىمنى بىلدۈرمەن.شەبنەم مۇنبىرىدە سىمايىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.ئىجادى تىمىلەرنىڭ يىتىمسىرەپ قالماسلىغىنىڭ ئاساسى، مۇنبىرىمىزدە ئىجادى تىما يوللايدىغانلارنىڭ  ئازلىغىدا...
    يۇقارقى قۇرلارنى ئۇقۇپ قەلبىم ئىللىق بىر سېزىم ئىلكىدە ئىڭرىدى،ئېرىدى...مۇزلىغان ھەر بىر ھۈجەيرەم  تاڭ نۇرىدىن تىرىلگەندەك لەرزىگە كەلدى...
    رەخمەت،سالامەتلىك سىزگە يار بولغاي...

    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • ياخشى باھا:+5(saadat)
  • شىنجاڭ تور مەكتىپى
    مەڭگۈ ياشايدىغاندەك تىرىكچىلىك قىل،ئەتە ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل.
    ئەگەر پەرۋىن يازمىلىرى سىزنى زوقلاندۇرسا ،مەن سىزنى  مەھەللەمگە بېرىپ سەيلە قىلىپ كېتىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.سىز چوقۇم مەھەللەمدىن شاتلىققا ئېرىشالايسىز:
    http://parwin.salkin.cn

    http://blog.retim.cn/572677
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-12 11:23 |
    arkhon
    ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 9172
    نادىر تېما : 5
    يازما سانى : 1224
    شۆھرەت: 1305 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 11890 سوم
    تۆھپە: 245 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 264 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 5034(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-17

     

    بۇ  نەسىر ئەمەس....  بىر  پارچە نادىر شېئىر ،بىر پارچە  تارىخ ۋە پارلىغان ئۈمىد ..
    رەھمەت ئاداش  شۇڭا شۇنداق  دەيمەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كەلگۈسى سىنىڭدىن باشلىنىدۇ ئاللاھ خالىسا...
    [ يوللىغانarkhonتەرىپىدىن2008-09-13 06:27قايتا تەھرى ]

    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-12 12:20 |
    مۇراد
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 59208
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 303
    شۆھرەت: 304 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 0 سوم
    تۆھپە: 48 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 69 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 143(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-17

     

    سىزنىڭ قەلەم قۇۋىتىڭىزگە گەپ كەتمەيدىكەنغۇ؟  مەتبۇئاتلاردا ئەسەرلىرىڭىز بولسا ئاڭلاپ باقايلى!

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    ئەجەل بەلكىم ساڭا  ئۆگۈنلىككە..ياق! ئەتە كەپقالامىكى !
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-13 02:46 |
    atabora
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 35769
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 231
    شۆھرەت: 315 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2390 سوم
    تۆھپە: 210 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 186 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 237(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-15

     

      مەن تېخى مەتبوئاتلارغا ئەسەر بەرگۈدەك ماجالغا يەتمىدىم . ئۇنىڭدىن خېلىلا يىراقمەن . ئاللا خالىسا بۇنىڭدىن كىيىن كۆرۈشكە نىسىپ بولا .
    [ يوللىغانataboraتەرىپىدىن2008-09-13 05:16قايتا تەھر ]

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    ۋاقىت - رەھىمسىز زوراۋان !
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-13 04:54 |
    ئۇيغۇرئاي
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە رەسىم يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 22655
    نادىر تېما : 9
    يازما سانى : 2797
    شۆھرەت: 3035 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 28290 سوم
    تۆھپە: 739 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 513 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 750(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-26

     

    بۇ ئەسەرنى مەنبەسىنى تولۇق ئەسكەرتىپ بىلوگۇمدا ساقلىسام بولامدۇ؟



    ھەسرەت چىكىۋاتقان ۋاقتىڭىزدىمۇ قاپاق تۈرمەڭ. چۈنكى، سىز كۈلۈمسىرىشىڭىزگە كىمنىڭ ئامراقلىقىنى بىلمەيسىز

    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-13 06:00 |
    atabora
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 35769
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 231
    شۆھرەت: 315 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2390 سوم
    تۆھپە: 210 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 186 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 237(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-15

     

      بولىدۇ . ( سىدنىيغا بارسام مىھمان قىلسىڭىز ...    )

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    ۋاقىت - رەھىمسىز زوراۋان !
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-13 14:45 |
    qogluk3.8
    چوغلۇق3.8
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 24818
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 1183
    شۆھرەت: 1493 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 11732 سوم
    تۆھپە: 425 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 767 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1040(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-17

     

    سالامەت تۇردىڭىزمۇ؟ئاتا بۆرە ،ئەسەرلىرىڭىزنى قالدۇرماي ئۇقۇپ چىقىۋاتىمەن ،بۇنىڭدا تارىخ ،پەلسەپە ،ئاچىچىق رىئاللق ،نۆۋەتتىكى گاڭگىراش سىزنىڭ تەسەۋۇرلىرىڭىز بىلەن  ئادەمدە كۈچلۈك ھاياجان پەيدا قىلىدىكەن ،روھقا چۇڭقۇر  چۆككەن بۇ ئەسەر مىنى بەك ئويلاندۇرىدۇ،يەنىلا دەيدىغىنىم سىز تارىخي تىمىدا رومان يازغان بولسىڭىز چۇقۇم بەك ياخشى چىقاتتىكەن ،سىزدە تەبئىي تالانىت بار ئىكەن ،سىزدە يارقىن ئۈمۈت بار ،ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرۈپ تۇرايلى ! سالامەت بۇلۇڭ.

    ئىنسان ئۈچۈن تاج كىيمەك شەرت ئەمەس ،ۋىجدان ئىگىسى بۇلۇش شەرت.




    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-15 00:20 |
    ئۇيغۇرئاي
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە رەسىم يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 22655
    نادىر تېما : 9
    يازما سانى : 2797
    شۆھرەت: 3035 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 28290 سوم
    تۆھپە: 739 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 513 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 750(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-26

     

    Quote:
    بۇ يازما10قەۋەتتىكىataboraنىڭ2008-09-13 14:45يوللىغان  :
      بولىدۇ . ( سىدنىيغا بارسام مىھمان قىلسىڭىز ...    )



    مەنغۇ سىيىدنىيدا تۇرمايمەن
    ئەمما كەلسىڭىز قولۇم كۆكسۈمدە



    ھەسرەت چىكىۋاتقان ۋاقتىڭىزدىمۇ قاپاق تۈرمەڭ. چۈنكى، سىز كۈلۈمسىرىشىڭىزگە كىمنىڭ ئامراقلىقىنى بىلمەيسىز

    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-15 10:42 |
    Kvn-tughdi
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 59605
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 16
    شۆھرەت: 17 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 160 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-17

     

      ﺑﯘﻟﯘﺗﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎﺭﻻﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻱ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﯩﻠﻠﯩﻖ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮﯨﻤﻪﻛﺘﻪ . ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﭘﻨﯩﯔ ﻏﻪﺯﻩﭘﻠﯩﻚ ﺋﯘﭼﻘﯘﻧﻰ ، ﺋﺎﺭﺗﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻨﻰ ﮬﯧﺠﯩﺮﺍﻧﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﺭﻭﻣﺎﻟﻰ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻨﯩﯔ ﺗﺎﻻﻱ ﺳﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻣﻠﯩﮕﻪﻥ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﮔﯜﻝ ﺳﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﻛﯜﺗﯜﭘﺨﺎﻧﺎ ﻛﯩﺘﺎﺑﻘﺎ ﻟﯩﻖ ﺗﻮﻟﯩﺪﯗ . ﻛﯚﺯ - ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﻗﺎﻏﺠﯩﺮﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺮﻏﺎﻗﻠﯩﺮى ﻣﻪﯞﯨﺞ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﺭﻛﻪﺷﻜﻪ ﺗﻮﻟﯩﺪﯗ . ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﺑﯧﺘﻰ ﻗﺎﻥ - ﻳﺎﺷﻘﺎ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﺷﺎﮬﯩﺪﻯ ﭘﻪﻗﻪﺕ ، ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﺍ ، ﺋﯘ ﮬﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﺋﯜﻥ - ﺗﯩﻨﺴﯩﺰ ، ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺳﺎﯕﺎ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯩﻞ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﻤﻪﻥ ....

    -----------------------------------------------------------------------------

        ئىگىمىز خالىسىلا ئۇ كۈننىڭ چوقۇم كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ... 

    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-17 23:39 |
    walis-kvyi
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 59462
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 15
    شۆھرەت: 16 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 150 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-22

     

    ﺋﺎﺑﺪﯗﻝ ﻗﻮﻟﯘﯕﻤﻪﻥ ﺋﻪﻱ ﺭﻩﺑﺒﯩﻢ ،
    ﺭﻩﮬﯩﻢ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ ﺋﺎﻟﻐﯩﻦ ﺑﯘ ﺟﺎﻥ .
    ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﻗﯩﻠﯩﭻ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﻏﯩﻦ ،
    ﺋﺎﺳﯩﻲ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﻳﯜﺗﺴﯘﻥ ﺑﯘ ﻗﺎﻥ .

    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-06 15:01 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    XabnamBBS » شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:03-17 14:04, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ