« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 1523 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: ساپا مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلاردىكى مائارىپ ئېڭى پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

turditohti
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 58030
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 495
شۆھرەت: 553 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 5024 سوم
تۆھپە: 111 نۇمۇر
ياخشى باھا: 153 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 979(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

 ساپا مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلاردىكى مائارىپ ئېڭى

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ تىمىنى alxarap چوققىدىن قالدۇردى(2008-11-21)
  ساپا مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلاردىكى مائارىپ ئېڭى
                                                      تۇردى توختى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ،ساپا مائارىپىنى ئۇمۇمى يۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش -پارتىيىنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئۇمۇمى يۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ،مائارىپ ئىسلاھاتىنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى سۈپىتىدە كەڭ مائارىپ خىزمەتچىلىرى ۋە پۈتۈن جەمىيەتنىڭ ئالدىغا قۇيۇلدى .جۈملىدىن ساپا مائارىپىنى يولغا قۇيۇش ۋە ئۇمۇمى يۈزلۈك ئۇمۇمىلاشتۇرۇش كەڭ ئۇيغۇر خةلىقنىڭ ئالدىغا قۇيۇلغان ھەم مۈشكۈل ھەم شةرەپلىك ۋەزىپة سۈپىتىدە بىر سۇئال بەلگىسىگەئايلىنىپ ئۇيغۇر مەدىنىيەت ئاڭ  قاتلىمىدا بىر يېڭى سەيىپەئاچتى.
  دۇنيادا تەرەققى قىلالمىغان مىللەت تەرەققى قىلغان ۋە دۇنياغا زور ئىقدىسادى،ئىژدىمائى بايلىق ئاتا قىلغان سەركە مىللەتلەرنىڭ يول باشلىشى بىلەن مەيلى ئۇ قاياققا ماڭغانلىغىنى ھىس قىلسۇن ياكى ھىس قىلمىسۇن ،ئىختىيارسىز ھالدا شۇ مىللەتنىڭ باشلىشى بىلەن يېڭى ئەسىر،يېڭى ئىسلىھات ،يېڭى مەدىنىيەت ئاڭ قاتلىمى قاتارلىق دۇنيا خارەكتىرلىك چوڭ ئۆزگىرىش ئىچىگە كىرىپ قېلىپ، قاياققا سىلجىشنى ھىس قىلالماي گاڭگىرىغان ھالدا روھى چۈشكۈن ،خۇنۈكلەشكەن قىياپەت بىلەن ئاشۇ ئۆزگۈرۈش ئىچىدە لەيلەپ يۈرۈيدىغان گەپ ئىكەن.
  ساپا مائارىپى يېڭى مەدىنىيەت ئاڭ قاتلىمى سۈپىتىدە ،ئىچكى-تاشقى ئامىللارنىڭ تۈرۈتكىسىدە، دۆۋلىتىمىز چةتئەللەرنىڭ ئىلغار مائارىپ تېخنىكىسى ،ئۇقۇتۇش ئەندىزىلىرىنى ۋە ئۇقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى ئىجادى قۇبۇل قىلىش پىرىنسىپىنىڭ تۈرۈتكىسىدە ئېلىمىزگە كىرىپ ،ئېلىمىز مائارىپ سېسىتمىسىدا ئىنىقىلاپ خارەكتىرلىك ئۆزگىرىشنى پەيدا قىلدى .بۇ ئۆزگىرىش تەبئى ھالدا ئۇيغۇر مائارىپ سېسىتمىسىدىمۇ كۈچلۈك دولقۇن پەيدا قىلىپ ئېڭىمىزغا سىڭىپ كىردى.بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مائارىپىمۇ بۇ كۈچلۈك قاينام ئىچىدە جان تالىشىپ ،ساپا مائارىپىنى يولغا قۇيۇش،ئۇمۇملاشتۇرۇش يۇلىغا قاراپ ماڭدى ھەم ئاز بولمىغان ئىسلاھات،سىناقلارنى ئېلىپ بېرىپ تىڭرىقاش ئىچىدە ئالغا ئىلگىرلىدى .
  ئۇنداق بولسا ساپا مائارىپى دىگەن نىمە؟
بۇ مەسىلىگە جاۋاپ بىرىش ئانچە ئاسانغا چۈشمىدى.نۇرغۇنلىغان مائارىپ خىزمەتچىلىرى،مائارىپ تەتقىقاتچىلىرى ۋە ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ <<ساپا مائارىپى>>دىگەن بۇ ئۇقۇمغا بەرگەن جاۋابى ئوخشاش بولمىدى.بۇلۇپمۇ ئۇيغۇر ئالىملىرى،نةزىريىچىلىرى،مائارىپشۇناسلىرى ۋە كەڭ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ <<ساپا مائارىپى>>دىگەن بۇ ئۇقۇمغا بەرگەن جاۋابى تېخىمۇ ھەر خىل بولدى.
ياش نەزىريىچى،تەتقىقاتچى ئابدىقادىر جالالىدىن ئۇقۇتقۇچىلارغا سۆزلىگەن لىكسىيىلىردە ،ئىلمىي نةزىريىۋى ماقالىلىرىدا ،گېزىت-ژورناللاردا سۆھبەت بايان قىلغاندا كۆپ قېتىم مۇنداق دەپ كۆرسەتتى<< (ساپا)سۆزى مائارىپ ئۇقىمىنىڭ ئۈ زىدە ئةزەلدىنلا بار شۇڭا (ساپا مائارىپى)دەپ مائارىپنىڭ ئالدىغا ساپانى قۇشۇپ قۇيۇشنىڭ ھاجىتى يوق>>دەپ مائارىپنىڭ ئةزەلدىنلا كىشىلەرنى مەلۇم ساپاغا ئىگە قىلىپ چىقىدىغانلىغىنى ،شۇڭا نەزىريە جەھەتتىن مائارىپنى سىرلىقلاشتۇرىۋېتىشنىڭ ھاجەتسىز ئىكەنلىگىدىن ئىبارەت بۇ كۆزقاراشنى ئوترىغا قويسا يەنة بەزى تەتقىقاتچىلار <<ساپا مائارىپى>>دىگەن بۇ ئۇقۇمنى ئېلىمىز مائارىپ تارىخىدىكى مىسلىسىز ئىسلىھات دەپ قاراپ ،مائارىپ ئۇقۇمىنى <<ساپا مائارىپى>>،<<ئەنئەنىۋى مائارىپ>>،<<ئىنتىھان مائارىپى>>دەپ نەزىريە جەھەتتە بىرنەچچە خىلغا بۈلۈپ چۈشەندۈردى.
يۇقارقىدەك چۈشەنچىلەر ئۇيغۇر دىېقانلىرىنىلا ئەمەس ئۇيغۇر مائارىپىدىكى ئاساسى قاتلام زىيالىلىرى ،مەدىنىيەت ،سىياسى،ئىقدىسادى، ئىژدىمائى ساھىلەردىكى خېلى ئۇقۇمۇشلۇق زاتلارنىمۇ گاڭگىرىتىپ قويدى.مانا مۇشۇنداق گاڭگىراش بىلەن مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ،ئاساسى قاتلام مائارىپ تةتقىقاتچىلىرى <<ساپا مائارىپ بۇيۇنچة ئۇقۇتۇش قېلىپنى>>تەييارلاپ كەڭ ئۇقۇتقۇچىلارنى ئاشۇ قېلىپ ئىچىگە كىرىشكە مەجبۇرلىدى. <<يېڭى قېلىپ>>قا كىرگەنلەر<<ساپا مائارىپى>>،<<نىشانلىق ئوقۇتۇش>>بىلەن شۇغۇللانغان،<<يېڭى قېلىپ>>قا كىرمىگەنلەر<<ئەنئەنىۋى مائارىپ>>يۆلىنىشى بۇيۇچە دەرس ئۆتكۈچىلەر بۇلۇپ ھىساپلىنىپ نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلەر پەيدا بولدى.
كىيىنكى بىر قىسىم ماتىرياللارساپا مائارىپىغا  تۈۋەندىكىدەك ئېنىقلىما بىرىپ ،ساپا مائارىپىنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى غۇۋا بولسىمۇ كىشىلەرگە كۆرسۈتۈپ بەردى.ساپا مائارىپى:-<<شەخسىنىڭ، جەمىيەتنىڭ تەرەققىيادىنىڭ ئەمىلى ئېتىياجىغا ئاساسەن ،تەربىلەنگۈچىلەرنىڭ ئاساسى ساپاسىنى ۋەشەخسىلەرنىڭ ئىندىۋىدال تەرەققىيات سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تۈپكى مەقسەت قىلغان ،تەربىلەنگۈچىلەرنىڭ ئاساسى گەۋدىلىك ۋە ئاكتىپ روھىغا ئەھمىيەت بىرىش ،ھۆرمەت قىلىش ،شەخسىلەرنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىنى(ئىختىدارىنى)ئېچىش ،ئۇلارنىڭ ئىندىۋىدال خارەكتىرىنى ساغلاملاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى تۈپكى ئالاھىدىلىك قىلغان مائارىپتۇر>>(ئەخمەتجان ئامۇتنىڭ توردىن چۈشۈرگةن تىزىسىدىن ئېلىنىدى)بۇ ئېنىقلىمىدىن قارىغاندا بىر جۈملە سۆز بىلەن ئېتقاندا ساپا مائارىپى- ئادەمنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى تۈپكى  مەقسەت قىلغان تەلىم- تەربىيە پالىيىتىدۇر.
قانداقلا بولمىسۇن ساپا مائارىپى  ھازىرقى زامان دۇنيا مائارىپىدىكى ئاساسلىق يۈزلىنىش شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر مائارىپىمۇ ئاشۇ يۈزلىنىشنى بويلاپ تەرەققى قىلىپ شۇ ئاساستا دۇنيا مائارىپىغا يىتىشۋېلىشى ۋە دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار مەدىنىيەت ھادىسىلىردىن ئۆرنەك ئېلىپ ،ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ ،كةلگۈسىدە ئۇيغۇر مىللىتىنىمۇ دۇنيادىكى باشلامچى مىللەت قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىقىش لازىم .بۇنداق ئېغىر ۋەزىپىنى بىر مىللەتنىڭ مائارىپى ئۈستىگە ئالالىغان بىلەن ،شۇ مىللەتنىڭ ئۇقۇتقۇچىلىرى ئۈستىگة ئېلىپ بۇلالماسلىغى مۇمكىن.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئېغىر ۋەزىپىنى ئۇرۇنلاشتا پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتى بۇ ئېغىر مەسئۇليەتنى ئورتاق ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز ھەم ھەر ساھىدىكى مائارىپ خىزمەتچىلىرنى باشلامچى قىلىشىمىز لازىم .
ئۇنداق بولسا ،ئۇيغۇرلاردىكى ،بۇلۇپمۇ ئۇيغۇر دىھقانلىردىكى مائارىپ ئېڭى زادى قانداق؟
تۈۋەندە مەن ئۇيغۇرلاردىكى مائارىپ ئېڭى توغرىسىدا توختىلىپ ،كەڭ كەسىپداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
مائارىپ ئېڭى- كىشىلەرنىڭ تەربىيلىنىش بۇلۇپمۇ بىلىم ئېلىش ئارقىلىق ئۈزىنىڭ ئەقلى ئامىللىرى،غەيرى ئەقلى ئامىللىرنى ئېچىپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىقدىسادى،ئژدىمائى ئورنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە تۆھپە قۇشۇش ئېڭى، ياش ئۆسمۈرلەرنى تەربىلەپ جەمىيەتنىڭ ئىزباسارلىرنى يىتشتۈرۈش ئېڭى،مائارىپ ئارقىلىق تەكەممۇللۇشۇش ئېڭى قاتارلىقلارنىڭ كىشىلەرنىڭ ئاڭ قاتلاملىرىدا ھازىرلىنىش جەريانىدىن ئىبارەت .بۇ خىل ئاڭ كىشىلةرنىڭ مائارىپقا تۇتقان پۇزۇتسىيەسىدە ئىپادىلىنىدۇ.
يىغىنچاقلاپ ئېتقاندا بۇ بىر خىل مائارىپقا بولغان تۇنۇش مەسىلىسى بۇلۇپ ،قايسى مىللەتنىڭ تۇنۇش مەسىلىسى ئايدىڭ بولسا شۇ مىللەت يىڭىلمەس مىللەتلةر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ .
ئۇيغۇرلاردىكى مائارىپ ئېڭى تۈۋەندىكىدەك بىرقانچە نوختىغا يىغانچاقلىنىپ ،مائارىپنىڭ مەڭگۈلۈكلىگى بىلەن بولغان ئارىلىغى بارغانچە ئۇزىراپ ،خەتەرلىك ھالەتكە بېرىپ ،كىشىنى چۆچۈتكىدەك مەسىلىگة ئايلىنىپ ،مائارىپ ئېڭى نامراتچىلىغىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. مەن ئۈزەم ئاددى يېزا ئۇقۇتقۇچىسى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن ،جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر قىسىم ئاساسى قاتلام كادىرلىرى،خەلق ئۇقۇتقۇچىلىرى، دېھقان ئاممىسىنىڭ مائارىپ ئېڭى ۋە مائارىپقا تۇتقان پۇزۇتسىيەسى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمەن.
                  1.        بۇرۇننىڭ ئۇچىنى كۆرۈپ، يىراققا نةزەر سالماسلىق
مائارىپ ئۇ ھازىر تېرىپ ھېلى ھۇسۇل ئالغىلى بولىدىغان دىھقانچىلىق پالىيىتى ئەمەس. ئۇ بىر خىل تەلىم-تەربىيە پالىيىتى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ يىتىشتۈرگەن مەھسۇلاتنىڭ .ئۈنىمنىى 10-15يىلدا،ھةتتا 15-20 يىلدا كۆرگىلى بۇلىدىغان مۇرەككەپ تەلىم-تەربىيە جەريانى.
ھازىر يېزىلاردا،بۇلۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا ئۇيغۇر دىخانلىرى ئۆز پەرزەنتىلىرنى <<9يىللىق مةژبۇريةت مائارىپ قانۇن>>نىنىڭ ھۈكىمىدىن قورقۇپ ،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتةپلەردە ئىلاجىسىز ئۇقۇتىۋاتىدۇ. ئىمكانىيىتى يار بەرسە مۇتلەق كۆپ ساندىكى دىھقانلار باشلانغۇچ مەكتەپلەردىمۇ پەرزەنتىلىرىنى تۈزۈكرەك ئۇقۇتۇشنى خالىمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۈزىدىنمۇ نامرات يەنە بىر ئەۋلات ئۇيغۇر دىھقانلىرىنى قاتارغا قۇشۇدۇ . بۇھال ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئېغىر توسقۇنلۇق قىلماقتا. چۈنكى بۇلاردا مائارىپ ئېڭى كەمچىل . مائارىپنىڭ ئقدىسادى قىممەت يارىتىشتەك مۇھىم رۇ لىنىمۇ چۈشەنمەيدۇ. بۇ مەسىلىدە مىنى قاتتىق ئويغا سالغان ئىككى خىل تۇنۇش ،ئىككى خىل پۇزۇتسىيە يەنى ئىككى خىل مائارىپ ئېڭى بولدى.
    ھىكايةت:مەن مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر ناھيىنىڭ مةلۇم يېزىسىغا بېرىپ ،بىر تۇنۇشۇمنىڭ ئۈيىگة كىرىپ قالدىم، ئۆيدە باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىدىكى بىر بالا ،ئوتۇرا مەكتەپ يېشىدىكى يەنە بىر بالا كۆزۈمگة چېلىقتى .مەن تۇنۇشۇم بىلەن تىنچلىق-ئامانلىق سورۇشۇپ بولغاندىن كىيىن،بۇ ئىككى بالىنىڭ نىمىشقا مەكتەپكە بارمىغانلىغىنى ئۇنىڭدىن سورۇدۇم .(بۇ بىر كةسپىي كىسةل بولسا كېرەك)تۇنۇشۇم دىدى:<<مةن تۇغۇلسام دادام مۇشۇ يەردە دىھقانچىلىق قىلىدىكەن،دادامدىن ئاڭلىسام دادامنىڭ دادىسىمۇ مۇشۇ يەرلىك دىھقان ئىكەن ،مەنمۇ مۇشۇيەردە  دىھقانچىلىق قىلىپ جېنىمنى ساقلاپ  5 بالامنى بېقىپ كىلىۋاتىمەن ،بالىلار چوڭ بولسىمۇ مۇشۇ يەرلىك دېھقان بۇلۇدۇ ،شۇڭا بۇلارنىڭ مەكتەپكە بارماسلىغى ئةجەپلىنەرلىك ئىش ئەمەس، بولمىسا ئۇلارنىڭ ماڭا قىلىپ بېرىدىغان ئىشىمۇ يوق>> دةپ جاۋاپ بەردى.مىنىڭ يۈرۈگۈم ئېچىشقاندەك بۇلۇپ <<بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە مۇشۇنداق قارامسىلەر >> سورىسام ئۇ << قانداقلا  قارىسام ئۇ كەلگۈسىدىكى دىھقان>> دىدى يۇمۇرلۇق قىلىپ .
  بۇ كۆرۈنۇشكة ئادةتتىكىدەك مەسىلىدەك كۆرۈنسىمۇ ماھىيەتتة بىر مىللةتنىڭ مائارىپ ئېڭىنىڭ قانداقلىغىنى قىسمەن بولسىمۇ ئىپادىلەپ بېرىدىغان ئېچىنىشلىق ئىڭراش.بۇنداق خۇنۇكلىكنى جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا قەدەمدە بىر ئۇچرۇتۇپ تۇرىمىز .
    ھىكايةت: مەن تۇققان يوقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن يېزا ئىگىلىك 1-دىۋىزىيەسىنىڭ 3-پولىكىگة بېرىپ يۇقارقىگة ئوخشىمايدىغان يەنە بىر مەنزىرىنى كۆردۈم (بۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك ئىشچىلىرىمۇ -خةنزۇ ئىشچىلارمۇ كۆتىرە ئالغان يىرىدىن پايدا ئالسا قۇلى پۇل كۆرۈدۇ ،زىيان تارتىسا قةرزىگە بوغۇلۇدۇ)مەن تۇرغان يەر بىلەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئارىلىغى 5-6 كىلومىتىر كېلىدۇ خةنزۇ يولداشلار كۈندە بالىلىرىنى مەكتەپكە ئېلىپ بېرىپ قۇيۇپ ،كەچتە مەكتەپتىن قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىدۇ .ھىچ بولمىسا كىچىك بالىلارنى چوڭ بالىلارغا قوشۇپ،ئېلىپ بېرىپ ،قايتۇرۇپ كىلىشنى ھاۋالة قىلىپ بەدەل تۈلەيدۇ.بۇ مةنزىرىلەر مىنى قاتتىق جەلىپ قىلىۋالدى .شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنىڭ مائارىپقا تۇتقان پۇزۇتسىيەسىنى بىلىپ بېقىش ئىستىكى بىلەن تۇنۇش بىرىسىدىن سورىدىم<<سىز ھەر كۈنى ئىككى بالىڭىزنى ۋىلىسىپىت بىلەن مەكتەپكە ئېلىپ بېرىپ ،قايتۇرۇپ كىلىپ چارچاش ھىس قىلمامسىز؟>> ئۇ  <<ياق جاپا ھىس قىلمايمەن ،پةرزەنتىلىرىمنى ئۇقۇتۇپ ئۈزەمدىن ياخشىراق كۈن كۆرىدىغان ،بىلىملىك ئادەم قىلىپ تەربىلەپ چىقىمەن ،ھەرگىزمۇ ئۈزەمگة ئوخشاش قارا قورساق دىھقان قىلمايمەن،بالىلىرىمنى ئۇقۇتۇش جەريانىدا قانچىلىك جاپا تارتىساممۇ ۋايسىمايمەن.>> دىدى.
مانا بۇ بىر مىللەتنىڭ مائارىپ ئىدىيىسىگە  ۋەكىللىك قىلىدىغان ساددا پىكىر.بۇ ساددا پىكىر ئىچىدىن سىز بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى كۈرىۋالالايسىز.
بۇ رۇشەن سېلىشتۇرما ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مائارىپقا نىسپةتەن ئېغىر ئىللەتلەرنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىغىنى كۆرسۈتۈپ بېىدۇ .بۇنداق ئىللەتنى تۈگەتمەيدىكەنمىز مىللەت گۇمران بۇلۇدۇ.
بۇرۇنىنىڭ ئۇچىنى كۆرگەن مىللەت-گۇمران مىللةتتۇر،يىراقنى كۆرگەن مىللەت-غالىپ مىللەتتۇر.
2.    پۇلنى بىلىمدىن ئەلا كۈرۈپ، بىلىمسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قېلىش
  پۇل ھازىرقى ئىقدىسادى قۇرۇلۇشنى مەرگەز قىلىش يولغا قۇيۇلىۋاتقان تارىخىي شارائىتتا كام بولسا بولمايدىغان ئىدىسادى ۋاستە بۇلۇپ قالدى .بۇ ھال ئۇيغۇر دىھقانلىرى ئارىسىدا ئۆز ماھىيىتى بىلەن ئىپادىسىنى تاپماي ،بةلكى باشقىچە يۇسۇندا ئوترىغا چىقتى.
  دۇنيادا ئامرىكا ھةممىدىن قابىل دۆۋلەت ،بۇنى ھەممة ئادەم بۈلىدۇ.بىراق ئامرىكىلىق بىلىم ئېلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قۇيۇدۇ. چۈنكى ئۇلار ھازىرقىدەك بايلىققا مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇش يۇلى بىلەن ئىرىشكەن .<<سىز ئامرىكىدا يېزا ئىگىلىك ئىشچىسى بۇلىشىڭىز ئۈچۈنمۇ ،بىرقانچة يېزا ئىگىلىك ئالى مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرۈشىڭىز كېرەك››دىگەن ئېقىپ يۈرگەن بۇ سۆز مىنىڭچە مۇبالىغە بولمىسا كېرەك.
  ئۇيغۇرلاردا سودا ئېڭى نۇرغۇن يىللار مۇقەددەم يىتىلگەن بولسىمۇ لىكىن قىزىلكۆزلۈك ،پۇلنىڭ قۇلى بۇلۇش ...قاتارلىق ئىللەتلةرنىڭ پەيدا بولغىنىغا ئانچە  ئۇزۇن بولمىدى. قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە پةيدا بولغان بۇ ئىللەتلەر ئۇيغۇرلاردىكى مائارىپ ئېڭىنىڭ تەرەققىيادىغا بەلگۈلۈك تەسىرلەرنى كۆرسەتتى.
  ھازىر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە مەكتەپتىن توختىۋالغان ئۇقۇغۇچى 15-  20پىرسەنتكە يېتىدۇ .توختىۋالغان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپلىرى ئاتا-ئانىسىنىڭ زۇرىدىن توختىۋالغان ئۇقۇغۇچىلاردۇر. مەن يېزا ئۇقۇتقۇچىسى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن توخىتىۋالغان ئۇقۇغۇچىلار خىزمىتىنى ئىشلةشكە داۋاملىق دىھقانلار ئارىسىغا بېرىپ تۇرىمەن ،ئۇلارنىڭ بالىسىنى مەكتەپكە بارغۇزماسلىغىدىكى سەۋەپلىرى ئاساسەن ئوخشاش .بةزى بايلار بايلىقلىرىنى باشقۇرۇپ بوللالماي پەرزەنتىلىرىنى مەكتەپتىن توختىتىۋالسا ،بەزى نامراتلار پەرزەنتىلىرىنى ئاشۇ بايلارغا ئىشلىگىلى بىرىپ ئائىلە قىيىنچىلىغىنى يەڭگۈللەتمەكچى بولغان .مەقسەت بىر- ئۇ بولسىمۇ پۇل.
  ھىكايەت:مەن ئۇقۇغۇچى يىغىش جەريانىدا ،ئۈزەمنىڭ تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم،يېزىمىزدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن باي بىلەن سۆھبەتلىشىپ قالدىم.چۈنكى ئۇمۇ بىر بالىسىنى مەكتەپتىن توختىتىۋالغان .<<ساۋاقداش>>دەپ سورىدىم مەن<<ئۈزەڭنىڭ قول ئىلكىدە  شۇنچة ئوقەت(پۇل-بايلىق) تۇرۇپ ئوغلۇڭنى نىمىشقا مەكتەپتە ئۇقۇتمايسەن>> . <<تاغدا مال-چارۋىلىرىم بەك ئايىپ كةتتى 2- 3 بالىنى ياللىغان بولساممۇ يېنىلا يىتىشەلمەي قالدىم . شۇنىڭ بىلەن بۇ بالىنى كىچىكىدىن باشلاپلا تاغدا مال- چارۋا باقتۇرۇشقا توغرا كەلدى .بۇنىڭ بىلەن بالا ساۋاتسىز قالدى.ساۋاتسىز تۇرۇپ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇقۇسا قانداق بۇلۇدۇ،ئۇقۇيالمايدىكەن.ھازىر ئۇ مىنىڭ قۇلۇمنى خېلىلا سۇۋۇتتى .بۇ بالىنى ئىزدىمىسةڭ>> دةپ جاۋاپ بەردى ئۇ. مانا بۇ ئۇيغۇرلاردىكى مائارىپ ئېڭىنىڭ يېنة بىر خىل رەۋىشتة ئىپادىلىنىشى .پۇلنىلا دەپ مىللەتنىڭ تەقدىرى بىلەن ئويناشقانلىق،بۈلىمسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قېلىپ ،قانداق چىرىپ كىتىۋاتقانلىغىنى ھىس قىلماسلىق ،ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرىدە بىخارامان ئۇخلىغانلىق
  بىلىمسىز مىللەت- قۇل مىللەتتۇر،روھى گادايلىق- بىر مىللەتنىڭ ئۆلىمىنىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىغىدىن دېرەك بېرىدۇ.
3.چۈشكۈنلىشىپ پۇرسەتنى تۇتماسلىق
چۈشكۈنلۈك-بىر مىللەتنىڭ ئالغا ئىنتىلىش روھىنىڭ يۇقۇلىۋاتقانلىغىدىن دېرەك بېرىدىغان مۇھۇم بەلگىلەرنىڭ بىرسى.مىللىتىمىز ئىچىدىمۇ مىللىتىمىزنىڭ يۈزىنى يۇيۇپ ئالغا ئىلگىرلىۋاتقان سەركەردىلةر بار. بۇ نوختىغا ھىچكىم كۆز يۇمىۋالالمايدۇ.جۇملىدىن مەنمۇ بۇ نوختىنى ئېتىراپ قىلىمەن.باشقىلارمۇ ئېتىراپ قىلىشى مۇمكىن.بىراق مىللىتىمىز ئىچىدىن چىققان يول باشلىغۇچىلىرىمىزنىڭ سانى زادى قانچىلىك؟ئاشۇ ئوننەچچە،بىرنەچچە يۈز ئادەمگە تايىنىپ ئولتۇرساق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دۇنيادىكى ئورنى قانچىلىك دەرىجىدە بۇلار؟بۇ نوقتىنى مېڭىسى سەگەك ھەرقانداق ئادەم تۇنۇپ يېتەلەيدۇ .بۇ يەردە مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى ئالىم،يازغۇچى ،تەتقىقاتچى ،پەيلاسۇپ بۇلۇپ يىتىشىپ چىقسا بۇلاتتى دىمەكچى ئەمەسمەن-.ئەلۋەتتە.
  بىزنىڭ ئاساسى گەۋدىمىز يېزىلاردا .بىز تەربىلەپ چىققان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئاز دىگەندىمۇ 85پىرسەنتى دىھقان بۇلۇپ يىتىشىپ چىقىدۇ.ئەمدىكى بىزدىكى مۇھۇم مەسئۇليەت ئاشۇ بىر تۈركۈم دىھقانلارنى قانداق تەربىلەپ چىقىشىمىزدا .بىز بۇ مەسئۇليەتنى ئادا قىلىشتا ئۇلاردا مائارىپقا بولغان توغرا قاراشنى تۇرغۇزۇپ ،ئادەم بولۇشنىڭ يۇلىنى ئۈگۈتۈشىمىز كېرەك.بىزنىڭ دىھقانلىرىمىزمۇ ئايرىپىلانغا ئولتۇرسا،ماشىنا سېتىۋالسا،ئۇزۇقلىنىشنىڭ ئىلمىلىگىگە دىققەت قىلىپ تەن ساپاسىنى ئۆستۈرسة ۋە باشقا زامانىۋى ئائىلە ئىلىكتىر سايمانلىرىنى ئىشلىتىپ ئۇنىڭ ھۇزۇرىنى كۆرسەقىسقىسى دۇنياغا تۇغۇلغان ئىكەن ياشاشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشىنىپ ياشىسا ھەرگىز ئۇشۇقچىلىق قىلمايدۇ.چۈنكى بىز خەق تۇغۇلغاندىلا ئىشەك ھارىۋىسىنى قۇچاقلاپ تۇغۇلمىغاندىكىن.
دۆلىتىمىز ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش،ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يوغا قويغاندىن بۇيان بۇ شةرىق شامىلىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان نۇرغۇنلىغان ئىقدىسادى،ئىجتىمائى تۈزۈلمىلەرنى ئىسلا قىلدى .شۇنىڭ بىلةن بىرتۇتاش ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ داشقازاننىمۇ چېقىۋاتتى .بۇ ئىسلاھاتقا ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى خېلى ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەرمۇ ھەيرانلىق بىلةن ئازاپ ئارىلىشىپ كەتكەن بىر خىل پۇزۇتسىيەدە بولدى ھەم بۇ ئىسلاھاتنى زادىلا قۇبۇل قىلالمىدى.بۇنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ بىر مۇھۇم ئىسلاھاتى ئىكەنلىگىنى ئاڭلىغان بولسىمۇبۇنىڭ زادى قانداق ئۆزگىرىش ئىكەنلىگىنى چۈشىنەلمىگەن ئۇيغۇر دىھقانلىرىنىڭ مةدىنىيةت ئاڭ قاتلىمى جۈملىدىن مائارىپ ئېڭى تېخىمۇ خۇنۇكلىشىپ ،ھىچنىمىسى قالمايۋاتقان داشقازانغا چۈشكۈنلۈك بىلةن تةلمۈرۈپ قاراپ تۇرىدىغان يۆلۈنۋېلىش تىپىدىكى ئاڭ نامايەن بۇلۇشقا باشلىدى.
ئەمىليەتتە دۆلىتىمىز ئىسلاھاتىنىڭ بىر قىسىمى بولغان ئۈزى ئىش تېپىش ،ھۈكۈمەت يول كۆرسۈتۈش تىپىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىسلاھاتى پۈتۈن مەمىلىكەت خەلقنىڭ ئالدىغا قۇيۇلغان بىر جىددى سىناق بۇلۇپ ،ياخشىلىرنى تاللاش،ھەر كىم ئۆز قابۇليىتىنى جارى قىلدۇرۇش جەھەتتىكى بىر قېتىملىق پۇرسەت ئىدى.بۇ نوختىنى تۇنۇپ يەتكەن مەدىنىيەتلىك -ساپاسى يۇقىرى مىللەتلەر بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ،دەۋرى بىلەن تەڭ ئلگىرلەپ ،رىقابەت ئىچىدىن ئۈزۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتىدۇ.بىزدەك مەدىنىيىتى بىر قەدةر ئارقىدا قالغان مىللەتلەر پۇرسةتنى تۇتۇشنى بىلەلمەي ،ھۈكۈمەتنىڭ بۇنداق ئىسلاھاتىغا گۇمان بىلەن قاراپ ،ھۈكۈمەتنىڭ بۇ سىياسىتى بەك بالدۇر بۇلۇپ كەتتى دەپ قاراپ ،رىقابەت ئالدىدا نىمە قىلىشىمىزنى بىلەلمەي قالدۇق. مەن بۇ نوقتىدا كەڭ دىھقانلىرىمىزنى قۇيۇپ تۇرۇپ ،ئوتتۇرا قاتلام زىيالىلىرنىڭ بۇ خىل رىقابەتكە تۇتقان پۇزۇتسىيەسىنى ئوتتۇرغا قويماقچى.
  ھىكايەت:مەن 2002-يىلى 9-ئايلاردائۇقۇتقۇچىلار ۋة باشقا سۆھبةتداشلىرىم بىلەن بىر سورۇندا جەم بۇلۇپ قالدىم .ئۇلار ھازىرقى ئىشقا ئورونلاشتۇرۇش ۋة ئورۇنلىشىش جەھەتلەردە بەس مۇنازىرە قىلىشقا باشلىدى.مەن كۆڭلۈمدە <<ئۇيغۇر زىيالىلىرى چۇقۇم ھازىرقى رىقابەت ۋە خىرىسقا قانداق بەرداشلىق بىرىش مەسىلىسىدە مۇنازىرە قىلىدۇ  ،ھەنىمە دىگەن بىلەن زىيالىلار بىر مىللەتنىڭ غىمىنى يەپ ،شۇ مىللەتكة باشلامچى بۇلۇدۇ ۋەئۇنى يىتەكلەپ ئىلغار مىللەتلەرنىڭ قاتارىغا قوشۇش ئۈچۈن تىرىشدۇ>>دەپ ئويلىغان ئىدىم لىكىن بۇ سورۇندا ئاشۇ زىيالىلارنىڭ قىلىشقان گەپلىرىنى ئاڭلاپ كۆزۈمگە جاھان ئوڭدا دۈم بۇلۇپ كىتىۋاتقاندەك بىر مەنزىرە كۆرۈندى .سورۇندا بىر ئۇقۇتقۇچى<<باللىرىمىزنى ئالى مەكتەپتە نەچچە ئون مىڭ يۈئەن تۆلةپ ئۇقۇتساق ،ئۇنىڭغا ئىش ئورنى بولمىسا ئۇقۇتقاننىڭ نىمە پايدىسى بار>>دىسە ،يةنە بىر ئىدارىنى باشقۇرۋاتقان ھۈكۈمەتنىڭ مةمۇرى‹‹بالىنى ئۇقۇتۇپ ئاۋارە بولغۇچە،دەسماية سېلىپ بىرىپ سودىگەر قىلىپ قويغان تۈزۈك ئوخشايدۇ››دىدى...بۇنداق چۈشكۈنلۈك،روھى گادايلىق ،مىللەتكە مەسئۇل بولماسلىق پىكىرلىرى سورۇننى بىر ئالدى.مۇشۇنداق مەنزىرە ئىچىدە بېيجىڭ ۋە ئۈرۈمچىدە ئۆز كۈزۇم بىلەن كۆرگەن مۇنداق ئىككى قېتىملىق ئىش يادىمغا كەلدى.بىرى2001-يىلى6-ئاينىڭ ئاخىرلىرى بېيجىڭدا كۆرگەن ئىش:مەن بېيجىڭ تىئەنئەنمىننىڭ ئالدى تەرىپتىكى 前门(ئالدى قۇۋۇق)دا بازار ئايلىنىپ يۈرسەم بىر قېرى ئايال مەندىن ئازراق پۇل بىرىشنى ئۆتۈندى مەن مەرگىزى شەھەردىكى بۇ مەنزىرىگە قىزىقىپ <<پۇلنى نىمە قىلىسىز،ئۆزىڭىزمۇ ياشىنىپ قېلىپسىز>>دەپ سورۇدۇم.ئۇ <<مەن مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن پۇل تېپىپ ،نةۋرەمنى ئۇقۇتۇمەن>>دەپ جاۋاپ بەردى.مەن ئۇنىڭ جاۋابىدىن(مەيلى ئۇ بىر خىل ئالدامچىلىق ياكى ئەمىليەت بولسۇن)قاتتىق تةسىرلىنىپ ئازراق پۇل ئېلىپ ئۇنىڭغا بەردىم.
  يەنە بىرى2001-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنلىرى ئەتراپىدا ئۈرۈمچىدە: مەن بىر ئاغاينەم بىلەن مەلۇم بىر كةچلىك بازاردا تۈۋەندىكىدەك مەنزىرىنى كۆردۈم .ئالدىغا خەنزۇچە يېزىق بىلەن 我想上大学(مىنىڭمۇ ئالى مەكتەپتە ئۇقۇغۇم بار)دىگەن خەت يېزىلغان داستىخان سېلىنغان،17-18ياشلار چاممىسىدىكى خەنزۇ قىزغا كۆزۈم چۈشتى ھەم ئاتىغىنىمنى ئۇنىڭغا بەردىم.
.
  مەن ئۆز كۈزەم بىلەن كۆرگەن بۇ ئىككى ئىشتىن(بۇ ئىشلار ئالدامچىلىق ياكى ئەمىليەت بولسۇن)ئۇلاردىكى مائارىپ قارىشىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم .بۇ خۇنۈك تۇرمۇشتىن مائارىپ ئېڭى پاقىراپ نۇر چېچىپ تۇراتتى.مىنىڭچە بىزنىڭ ئوتۇرا قاتلام زىياللىرىمىزنىڭ كەلگۈسىگە  قارىغاندا ،ئاشۇلارنىڭ كةلگۈسى تېخىمۇ ئۈمۈتكە تولغان.چۈنكى ئۇلارنىڭ پالىيىتى مائارىپقا باغلانغان ،بىزنىڭ بولسا مائارىپ بىلەن ياتلىشىش تەرةپكە قاراپ ماڭغان.
  مەن يۇقارقى ئىككى خىل قاراشنى سېلىشتۇرۇپ مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسىدىكى ساپاسىدىن،ئورۇنىدىن گۇمانلىنىش بىلەن بىرگە باشقىلار تەرىپىدىن شاللىنىپ قېلىشىمىزنىڭ مۇمكىنلىگىنى ئۆكۈنۈش بىلەن ھىس قىلدىم.
  چۈشكۈن مىللەت-ئىنتىلىشىنى يوقاتقان مىللەتتۇر،مائارىپتىن ئايرىلىپ قالغان مىللەت-كور مىللەتتۇر.
4. دۇنيا بىلىم ئىگىلىگىدە تۇرسا،تەرەققىيات ئېڭى تۈۋەن بۇلۇش
1998-يىلى ئامرىكىنىڭ شۇ ۋاقتىدىكى زۇڭتۇڭى كىلىنتۇن ۋاشىنگۇتۇندا قىلغان بىر نۇتىقىدا ‹‹بىلىم ئىگىلىگى›› دىگەن ئاتالغۇنى ئىشلەتتى ئۇنىڭ بۇسۆزنى ئىشلىتىشى دۇنيانىڭ بىلىم ئىگىلىگى دەۋرىگە كىرگەنلىگىدىن دېرەك بېرىدىغان مۇھۇم بىشارەتلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ قالدى .دۇنيا مىقياسىدا شۇندىن ئىتىۋارەن ‹‹بىلىم ئىگىلىگى ››دىگەن بۇ سۆز كەڭ كۈلەمدە ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.كىشىلەر 21-ئةسىر كىرىش بىلەن دۇنيانىڭ رەسمى ‹‹بىلىم ئىگىلىگى››گە كىرگەنلىگىنى ئېتىراپ قىلدى.
  بىلىم ئىگىلىگى-ھازىرقى زامان يۇقىرى يېڭى پەن تېخنىكىسىنى يادۇرۇ قىلغان،بىلىم ۋە ئۇچۇر ئاساسىغا قۇرۇلغان ئىگىلىك .ئۇنىڭ تىزلىكتە باش كۈتۈرۈپ چىقىشى ،جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى دۇنيانىڭ ئىقدىساتى باشقۇرۇش سېسىتمىسىغا ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسەتتى يةنى كىشىلةر تىرىشىپ پەن تېخنىكا بىلىملىرىنى ئىگەللىمىسە ھازىرقى ئقدىساتى،ئىژدىمائى ئورۇنىدىن رەھمىزلارچە شاللىنىپ كېتىدىغانلىغى ئىسپاتلاندى.بۇ نوختىنى ماھىيىتى بىلەن چۈشەنگەن نۇرغۇنلىغان مىللەتلەر مائارىپ ئارقىلىق يۇقىرى يېڭى پەن تېخنىكا بىلىملىرنى ئىگەللةپ سەگەكلىك بىلەن باشقا مىللەتلەرنىڭ ئالدىدا ماڭدى.دۇنيا تەرةققىيادىغا زور تۆھپىلەرنى قوشتى . بۇ نوقتا بىلىم ئىگىلىگى دەۋرىگەتەرەققىيات بىلەن كىرگەن مىللەتلەرنىڭ تىزدىنلا بىلىم ئىگىلىگىگە ماسلىشىپ ،دۇنيادىكى سەركەردە مىللەت بۇلۇپ مىسلىسىز تەرەققىياتلارغا ئىرىشىدىغانلىغى،بىخوتلۇق قىلىپ دۇنيانىڭ تەرەققىيادىنىڭ قايسى سەۋىيىگە يەتكةنلىگىنى بۈلەلمەي يۈرگەن مىللەتلەرنىڭ دۇنيا سەھنىسىدىن شىللىنىپ قۇل بولدىغانلىغىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئىسپاتلاپ بەردى.
بىلىم ئىگىلىگى دەۋرىنىڭ ھور ماشىنىسى دەۋرىگە ئوخشىمايدىغان يىرى شۇكى-ئۇچۇرلاشقان دەۋرىدىكى دۇنيا ئىقدىسادى بارغانسىرى يەر شارىلاشقانلىقدىن كۆپلىگەن تەرەققى قىلىۋاتقان دۆۋلةتلەر بىلەن تەرەققى قىلغان دۆۋلةتلەر ئوترىسىدىكى پەرىق بىلىم ئۆزلةشتۇرۈش ۋە بىلىم ئىگەنلەش جەھەتتىكى پەرىق بۇلۇۋاتىدۇ .بىلىم ئاساسلىق باشقۇرغۇچىغا ئايلاندى.
يۇقارقى ھۈكۈمدىن تۈۋەندىكىدەك خۇلاسسىگە كېلىمىز يۇقىرى پەن مەدىنىيەتكە،يۇقىرى تەرەققىياتقا ئىگە مىللەت باشقا تەرەققى قىلالمىغان مىللەت ۋە دۆۋلەتنى يىتەكلەيدۇ. بۇنداق يىتەكلەش ماھىيەتتە باشقۇرۇش دىگەنلىكتۇر .بۇ نوختىنى ماھىيىتى بىلەن تۇنۇپ يەتكەن دۆلىتىمىز رەھبەرلىرى <<يېڭى تىپتىكى سانائةتلىشىش يۇلىغا مېڭىش >>،<<دۆۋلەتنى پەن-تېخنىكا ۋە مائارىپ ئارقىلىق گۈللةندۈرۈش سىتىرادىگىيىسىنى >> ئوترىغا قويدى .بۇ شۇنىڭ ئۈچۈن ئوترىغا قويۇلدىكى-بىلىم ئىگىلىگى بىر مەيدان باشقۇرۇش ئىنقىلاۋىدۇر .بۇنداق ئىنقىلاپ رەھمىسىز بۇلۇدۇ، غالىپ مىللەتلةر (پةن-تېخنىكىدا) ئاجىز ،قالاق مىللەتلەرنى پەن-تېخنىكا رىقابەت سورۇنىدىن رەھمىسىلارچە شاللاپ چىقىرىپ ،ئاخىرقى ھىساپتا ئۇنى قۇل قىلىدۇ.جاڭ زىمېن شۇنىڭ ئۈچۈن <<ئۈگۈنۈش تىپىدىكى جەمىيەت قۇرايلى>> دەپ جۇڭگۇ خەلقىگە قاتتىق سىگىنال بەردى. بۇ بىلىم ئىگىلىگى ئىنقىلاۋىنىڭ ئادەمنى-ئىقدىساسلىقلارنى ئاساس قىلىپ ئورۇندىلىدىغانلىغىدىن دېرەك بېرىدۇ .
دۇنيادا بىلىم ئىگىلىگىنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە،دۇنيانى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە بىلىمنىڭ ئاساسلىق باشقۇرغۇچىغا ئايلىنىشىغا زور تۆپىلەرنى قوشقان مىللەتلەر تەبىئيكى مائارىپ ئېڭى زامانىۋىلاشقان مىللەتلةردۇر.
ئەمدى بىز ئۆزىمىزگە نەزەر سېلىپ باقايلى دۇنيا بىلىم ئىگىلىگى دەۋرىگە كىرگەن بىلەن بىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىمىز زادى قانچىلىك؟
يېڭىلىق يارىتىش- بىر مىللەتنىڭ  ئىنسەنىيەت جەمىيىتىنىڭ ماددى ،مەنىۋى تۇرمىشىنىڭ تېخىمۇ كۆپ خىللىشىشىغا ،تېخىمۇ تەكەممۇللىلىشىغا ۋە تەرەققىيادىغا تەسىر كۆرسۈتۈپ، دەۋرى بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ ،ئىنسانىيەت جەمىيىتىنىڭ ئالغا بېسىشىغا تۆھپة قۇشۇش روھىنىڭ يەنە بىر خىل رەۋىشتة ئىپادىلىنىشىدۇر.
ئۇيغۇرلار قةدىمدىن تارتىپلا بۇ خىل روھقا باي مىللەتلەرنىڭ بىرىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنسانىيەت مەدىنىيىتىگە ئاجايىپ زور تۆھپىلەرنى قوشقان.مەسىلەن كۇمارا جۇۋارانىڭ تەرجىمانلىق،ناتۇقلىقتىكى ئاجايىپ تۆھپىسى.دۇنيادا <<ئىككىنچى ئۇستاز>>دةپ ئۇلۇغلىنپ كەلگةن فارابىنىڭ پەلەسەپە،ماتىماتىكا، فىزىكا،خىمىيەلەرگە قوشقان تۆھپىسى،مەخمۇت قەشقىرىنىڭ سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقتىكى ئالەمشۇمۇل مۇۋاپىقىيەتلىرى ،يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دۇنيا ئەدىبىياتىغا قوشقان ئاجايىپ كۆز قاراشلىرى،ئەخمەت يۈكنةكىنىڭ دۆۋلەت باشقۇرۇش ئىلمىگە قوشقان ،ھەممە ئىتىراپ قىلىدىغان نەزىريىۋى سېسىتمىلىرى .........<<ئون ئىككى مۇقام >>،<<خوتةن قةغىزى>>،<<كىروران گۈزىلى>>نىڭ ئۇچىسىدىكى سىپتا تۇقۇلغان يۇڭ رەختلةر،<<ئۇيغۇر بىناكارچىلىغى>>...........قاتارلىقلار ئەژداتلىرىمىزنىڭ ئەقىل پاراسىتىنىڭ جەۋھەرلىرى بۇلۇپ ،بۇ -ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئاجايىپ يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر خەلقلەردىن ئىكەنلىگىنى كۈچلۈك دەلىللەر بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.مۇشۇنداق يېڭىلىق يارىتىش روھى مىللىتىمىزنى ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات دۇنيا مىللەتلىرى ئىچىدە ياشاش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ كەلگەن .بۇنداق روھ بولمىغان بولسا مىللىتىمىز تارىخىنىڭ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
ھازىرقىدەك دۇنيا خىرىسقا ،رىقابەتكة دۇچ كەلگەن بىلىم ئىگىلى دەۋرىدە ئۇيغۇر مىللىتىنى دۇنياغا تۇنۇتۇش ئۈچۈن تىرىشىپ ئىزدىنىۋاتقان ،ھارماي-تالماي،ئۈن-تۈنسىز تۆھپە قوشىۋاتقان ئالىم ،پاراپپۇسۇر،دوكتۇر، ماگىستىر...لىرىمىز دۇنيا مەدىنىيىتىگە تەسىر كۆرسۇتۇپ تارىخىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتىدۇ .بىز مۇشۇنداق ئالىملىرىمىزنىڭ بولغانلىغىدىن،ياراتقان يېڭىلىقلىرىدىن پەخىرلەنمەي تۇرالمايمىز .بىز بۇنىڭ بىلەن قانائەتلىنىپ قالساق زور بەخىتسىزلىككە يول قويغان بولىمىز .بىز ھازىرقى تەرەةققىياتقا ،ئىسلاھاتقا ماسلىشالمايۋاتقان ئاۋام خەلقمىزنىڭ تەرەققىيات ئېڭىنى، مائارىپ ئېڭىنى ئويغۇتۇشىمىز كېرەك چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ 85%دىن ئارتۇقراقى كەتمەننىڭ دەستىسىگە يۈلۈنۈپ ئۇخلىماقتا بۇلاردا دەۋرىگە ئۇيغۇنلىشىش،يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى يوق دىيەرلىك .بۇ مىللىتىمىزنىڭ ئاساسى گەۋدىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى .بۇنداق ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلىلەرنى تۈۋەندىكى تەرەپلەرگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن .
  (1)    مةغرۇرلىنىش-ئةژداتلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن دۇنياۋى مىراسلارغا يۆگۈنۇپ ئۇخلاش .(2)جىمانى سۈپىتىنى كۆز-كۆز قىلىپ ،جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن تەرەققى قىلالماسلىق. (3)نامراتلىق.(4)قانائەتچانلىق.(5)ئۈزى ئۇستىدە ئويلانماسلىق.(6)ئۈزىنى ئۈزى بىلمەسلىك.(7)خۇراپاتلىق .(8)باشقىلاردىن ئاغرىنىش-يۆلىنىۋېلىش ئېڭى. بۇلار مىللىتىمزدە ساقلىنىۋاتقان ،مىللەتنىڭ تەرەققىيات ئېڭىنى بۇغۇپ قويىۋاتقان ئىللەتلەردۇر.
يېڭىلىق يارىتىش روھىدىن ئايرىلىپ قالغان مىللەت-ئۈزىنى ئۈزى يوق قىلىدىغان مىللەتتۇر، ئۆزى ئۈستىدە ئويلۇنىدىغان مىللەت-يىڭىلمةس مىللەتتۇر.
                        **                                              **                                                            **                                    **
يۇقارقىلار يۈزەكى بولسىمۇ ئۇيغۇرلاردىكى مائارىپ ئېڭىنىڭ قانداق ھالەتتة تۇرۋاتقانلىغىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ .بۇ ھال ھەرقانداق كىشىنى ئويلاندۇرۇدۇ ھەم چۈچۈتىدۇ.مۇشۇنداق ئەھۋال ۋە رىيانلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ساپا مائارىپىنى يولغا قۇيۇشنىڭ ئۇنداق ئاسانغا چۈشمەيدىغانلىغىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ .بىز ساپا مائارىپى،شامىلى چىقىشقا باشلىغان<<دةرس ئىسلاھاتى(مائارىپقا مۇناسىۋةتلىك تەرەپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىسلا قىلىش)>>قاتارلىق ئۆزگىرىشلەرنى يولغا قويىمىز دەيدىكەنمىز بىر قولىمىزدا مائارىپ ئىسلاتىنى يەنة بىر قولىمىزدا ئۇيغۇرلاردىكى مائارىپ ئېڭىنى ئويغۇتۇش خىزمىتىنى ئىشلەپ ،ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، مائارىپ ئارقىلىق گۈللىنىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزمايدىكەنمىز ،ھەرقانداق ئىسلىھات ،ھەرقانداق سىناقلىرىمىز مەغلۇپ بۇلۇدۇ.بىز مىللىتىمىزنى دۇنيادىكى تەرەققى قىلغان مىللەتلةر قاتارىدىن ئۇرۇن ئالدۇرىمىز دەيدىكەنمىز ئاۋام خەلققة مائارىپنىڭ ئورنى ،رۇلى،ئىختىساسلىقلدارنى يارىتىش بۇلىقى ،ماددى بايلىق يارىتىشنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىگىنى ھىس قىلدۇرۇشىمىز لازىم.بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇقۇتۇشنى ئەمىلىلەشتۈرۈش،تۇرمۇشلاشتۇرۇش يۇلىغا قاراپ مېڭىپ ،مائارىپنىڭ پايدىسىنى خەلقىمىزگە ھەقىقى رەۋىشتة بۈلدۈرۈشىمىز كېرەك.خەلقىمىزدە مائارىپقا بولغان تۇنۇش يۇقىرى كۆتۈرۈلسە ھەرقانداق ئىسلىھاتنى(مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك)ئوڭۇشلۇق يولغا قويغىلى بۇلۇدۇ.
يۇقارقى قاراشلىرىمدىن ئارتۇق كەتكەن يەرلىرى بولسا ،كةسىپداشلارنىڭ سەمىمى تەنقىت بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.



                                                كەلپىن ناھىية يۈرچى ئوتتۇرا مەكتىۋىدىن: تۇردى توختى
                                                                                                                         

تېما تەستىقلىغۇچى : firkat
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-08-25, 13:14

 

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • تۆھپە:+10(دۇنيا)
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-08-25 18:28 |
    tughrul
    تۇغرۇل _ بۈركۈت سەردارى !
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 48638
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 3605
    شۆھرەت: 71575 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 210874 سوم
    تۆھپە: 145 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 44 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1753(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

     

    ساپا مائارىپى----سافا مائارىپى بۇلۇپ قالغىلى تاس قالدى!

    basbas
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-08-25 21:35 |
    tagaxiki
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 55750
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 124
    شۆھرەت: 125 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1190 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 82(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-27

     

    ساپا مائارىپى ............ كۈلگۈم كىلىۋاتىدۇ. ( مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ساپا مائارىپى توغۇرلۇق ۋالاقلىغىنى ئىسىمگە كىلىپ ) ساپا مائارىپى ئادىمىيلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ. مائارىپ سېپىدە قانچىلىك ئادىمىيلىك باردۇ

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-08-25 22:20 |
    sukutsukut
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 35797
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 56
    شۆھرەت: 57 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 560 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 63(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-13

     

    ئۇيغۇرلاردىكى مائارىپ ئېڭىمىششششش. ساختا . ئادەمنىڭ كۈلگىسى كەممىسە كېلىدۇ جۇمۇڭلا .

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-08-26 01:19 |
    turditohti
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 58030
    نادىر تېما : 6
    يازما سانى : 495
    شۆھرەت: 553 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 5024 سوم
    تۆھپە: 111 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 153 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 979(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

     

    Quote:
    بۇ يازما3قەۋەتتىكىsukutsukutنىڭ2008-08-26 01:19يوللىغان  :
    ئۇيغۇرلاردىكى مائارىپ ئېڭىمىششششش. ساختا . ئادەمنىڭ كۈلگىسى كەممىسە كېلىدۇ جۇمۇڭلا .

    سىزنىڭچە ئۇيغۇرلاردىكى مائارىپ ئېڭى زامانىۋىلىشىپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-08-26 09:04 |
    Nurlan_Uighur
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 11158
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 490
    شۆھرەت: 556 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4930 سوم
    تۆھپە: 35 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 65 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 690(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

     

    ماقالە ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ. مەنمۇ ئويلىغىنىمنى دەپ باقاي: سىز ئېيىتقاندەك مىللىتىمىزنىڭ مائارپ ئېڭىنى يۇقىرىي كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە، مائارپ تارماقلىرىدىكى بىر تۈركۈم سىياسەتۋازلارنى ( ئاغزىدىن سۈپەتنى چۈشۈرمەيدىغان، ئەمەلىيەتتە ئوقۇتۇش بىلەن ئەسلا كارى بولمايدىغان) يولغا سالمىغىچە ئىشىمىز چاتاق.

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    كەمىنە بىر مائارىپچى.
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-08-26 11:43 |
    turditohti
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 58030
    نادىر تېما : 6
    يازما سانى : 495
    شۆھرەت: 553 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 5024 سوم
    تۆھپە: 111 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 153 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 979(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

     

    Quote:
    بۇ يازما5قەۋەتتىكىNurlan_Uighurنىڭ2008-08-26 11:43يوللىغان  :
    ماقالە ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ. مەنمۇ ئويلىغىنىمنى دەپ باقاي: سىز ئېيىتقاندەك مىللىتىمىزنىڭ مائارپ ئېڭىنى يۇقىرىي كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە، مائارپ تارماقلىرىدىكى بىر تۈركۈم سىياسەتۋازلارنى ( ئاغزىدىن سۈپەتنى چۈشۈرمەيدىغان، ئەمەلىيەتتە ئوقۇتۇش بىلەن ئەسلا كارى بولمايدىغان) يولغا سالمىغىچە ئىشىمىز چاتاق.

    مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىدىكى ،مەكتەپلەردىكى مەسئۇل خادىملارنىڭ ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھەيدىسە ئاشۇرۋاتقان بۇلىمىزمۇ قانداق،ئۇلارنىڭ ئىچىدە ياخشىلىرىمۇ سىز دىگەندەكلىرىمۇ بۇلىشى مۇمكىن

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-08-28 23:46 |
    raniyadanix
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 57135
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 10
    شۆھرەت: 11 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 100 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 16(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-04

     

    ساپا مائارىپى ساختا،ئاغزىدىن سۈپەتنى چۈشۈرمەيدىغان، ئەمەلىيەتتە ئوقۇتۇش بىلەن ئەسلا كارى بولمايدىغان

    مائارپ

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-08-29 01:58 |
    temurqin
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 7180
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 694
    شۆھرەت: 708 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 6833 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 663(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-08-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

     

    بىزنىڭ بۇ يەردىكى يېزىلاردا كىتاپتىن تەييارلىققا ، تەييارلىقتىن دوسكىغا ، دوسكىدىن ئوقۇغۇچىلار كۆچۈرىدىغان ئىش قاچان تۈگەيدىكىن ؟

    ھەقىقىي مىسۋاك
    پەقەت ساراڭلارنىڭلار ئۆز تىل - يېزىقى بولمايدۇ .
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-08-29 09:48 |
    tograh0997
    يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


    UID نۇمۇرى : 38094
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 5503
    شۆھرەت: 5720 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 120 سوم
    تۆھپە: 117 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 276 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1251(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

     

    ساپا مائارىپىنى ئومۇمى يۈزلۈك يولغا قۇيۇشتا ئالدى بىلەن ئىشنى مەكتەپ مۇدىرىلىرىنىڭ ساپاسىنى ياخشىلاشتىن باشلاشتىن كېرەك

    ./read.php?tid-62328.html
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-08-29 09:54 |
    turditohti
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 58030
    نادىر تېما : 6
    يازما سانى : 495
    شۆھرەت: 553 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 5024 سوم
    تۆھپە: 111 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 153 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 979(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

     

    Quote:
    بۇ يازما8قەۋەتتىكىtemurqinنىڭ2008-08-29 09:48يوللىغان  :
    بىزنىڭ بۇ يەردىكى يېزىلاردا كىتاپتىن تەييارلىققا ، تەييارلىقتىن دوسكىغا ، دوسكىدىن ئوقۇغۇچىلار كۆچۈرىدىغان ئىش قاچان تۈگەيدىكىن ؟

    باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۈۋەن يىللىغىدا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ دوسكىدىن خەت كۈچۈرىشى ياخشى ئىش،يۇقىرى يىللىقلاردا بولسا ۋاقىت ئىسراپچىلىغى،ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ<< كىتاپتىن خەت كۈچۈرىش>>بولسا ئۇقۇتقۇچىلار چۇقۇم ئۇرۇنداشقا تىگىشلىك مەجبۇريەت،بۇنداق بولمىغاندا تەييارلىقسىز جەڭگە كىرىش ھادىسىلىرى كۈرنۇپ ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئۇقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ئىناۋىتىگە دەخلى يېتىدۇ ھەم ئۇقۇغۇچى ئۇقۇتقۇچىنى كۆزگە ئىلمايدۇ

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-01 17:40 |
    turditohti
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 58030
    نادىر تېما : 6
    يازما سانى : 495
    شۆھرەت: 553 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 5024 سوم
    تۆھپە: 111 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 153 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 979(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

     

    Quote:
    بۇ يازما9قەۋەتتىكىtograh0997نىڭ2008-08-29 09:54يوللىغان  :
    ساپا مائارىپىنى ئومۇمى يۈزلۈك يولغا قۇيۇشتا ئالدى بىلەن ئىشنى مەكتەپ مۇدىرىلىرىنىڭ ساپاسىنى ياخشىلاشتىن باشلاشتىن كېرەك

    سىز دىگەن مەسىلىمۇ ھەقىقەتەن مۇھىم مەسىلە،باشقۇرغۇچىنىڭ ئىدىيەسى ئازات بولمىسا باشقا ئىشلارنى يۈرۈشتۈرمەك قىيىن

    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-17 17:06 |
    xohtekin
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 60986
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 246
    شۆھرەت: 247 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2460 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 570(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

     

    ساپا مائارىپىنىڭ ھەقىقى  ئىدىيىسى،چىقىش يولى،ئۆلچىمى،جەريان باسقۇچلىرى خېلى ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىنىپتۇ.تېخىمۇ تىرىشقايسىز.
    ئىملاغا دىققەت قىلغايسىز تۇردى ئەپەندى.<<ئىنسانىي>>دەك ئەدەبىياتچىلارنى ئىشقا سېلىڭ!!!

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-14 21:13 |
    qqopp
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21610
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 501
    شۆھرەت: 522 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 5005 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 793(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

     

    مائارىپ - قايسى مائارىپ 5يىلدا بىر ئۆزگىرىدىغان مائارىپ نىشانىمىز
    ئوقۇتقۇچىلارنى ، ئوقۇغۇچىلارنى نىشانسىز قىلىپ قويىۋاتىدۇ .

    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-14 22:19 |
    layli18
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 72193
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 17
    شۆھرەت: 17 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 170 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 84(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

     

    ئالدى بىلەن ئاتا-ئانىلاردىن باشلاش كىرەك . ئەڭ ئاددى مىسال مەكتەپتە ئاتا-ئانىلار سوھپەت يىغىنى ئېچىلسا كېلىدىغان ئاتا-ئانىلار شۇنداق ئاز . ئويلاپ قالىمان ئۇلار باللىرنى مەكتەپكە بەرسىلا ھىساپمۇ ؟ نىمىشقا بالىلىرنىڭ مەكتەپتىكى پائاليەتلىرنىڭ قانداقلىقىنى بىلىشنى خالىمايدۇ . بەزى ئاتا-ئانىلار باركى مەكتەپ ئىشىكنىڭ قاياققا قارايدىغىنىمۇ بىلمەيدۇ ؟  مىنىڭ بالاممۇ خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ . ئاتا-ئانىلار سوھپەت يىغىنى ئېچىلسا بۇ يولداشلارنىڭ كەلمەيدىغىنى يوق .بۇ ھەقىقەتەن بىر  ئاڭ ،،تۇنۇش مەسىلسى . ھەي باللىرىمىزغا كوڭۇل بولسەك بولاتتى!!!

    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-14 23:44 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    XabnamBBS » مائارىپ ۋە بىز
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:02-17 18:14, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ