ھېجران نەزمىسى
مەن سەندىن ئايرىلىپ ھېجران سۈكۈتتە ،
ئۇنتۇشنى ئويلىدىم يارقىن ئۇمىدتە .
(1)
ئىككىمىز ئايرىلغان ئاشۇ كېچىدە ،
مەن قالغان ساھىلغا يېشىمنى تۆكۇپ.
ھېجرانىدىن توقۇلدى سانسىز قەسىدە ،
جۇدالىق يۈرىكىم قېتىغا مۆكۇپ .
كىملەرگە سىز بولۇپ قالدىڭ مۇھەببەت،
ۋە كىملەر قاخشىدى ،كىم كەتتى كۈلۇپ .
(2)
يۆرگەلدىم گۈگۈمنىڭ قۇچاقلىرىغا ،
خىيالەن كۆزلىرىم ئۇيقىدىن بىدار .
ئۆرتەندىم نەچچە كۈن،چەكتىم كۆپ ئازاب،
ئۇنتالماي مەن سېنى ئەي گۇزەل دىلدار .
مەن سەندىن ئايرىلدىم پىغان سۈكۈتتە ،
قىلىمەن كىملەرگە سۆيگۇمنى ئىزھار .
(3)
مەن ئۇنسىز يىغلىدىم بىلمىدىڭ بىراق ،
مەن سەندىن ئايرىلىپ بولدۇم قەلەندەر .
پىراقتا يۇرگىنىم سىماسى گويا ،
گۇلخاندا يالقۇنلاپ كۆيگەن سەمەندەر .
قانلىرى شەپەققە سىڭگەن مۇھەببەت ،
سۆيگۇ دەپ جان ئۈزگەن تالاي ئادەملەر .
مەن ئۇچۇن بۇ سۆيگۇ مەڭگۇ قەدىرلىك ،
ئىدى، ئەي پەرىشتەم ، بىلمىدىڭ بىراق .
سەن كەتتىڭ پەرىشان يۇلتۇزسىز كېچە ،
مەن قالدىم ئىزىڭدىن ئىزدەپ بىر چىراق.
مۇڭلارغا چۆمۈلدى دولقۇنلۇق دەريا ،
جىمجىتلىق ئىلكىدە چۈش كۆرەر قىرغاق .
(4)
باقىمەن ھاياتقا تەلمۇرۇپ شۇنچە ،
سەن كەبى بىرسىنى ئۇچراتمىدىم يار .
كۆيمىگەن كىشىنى سۆيمەك بىر زۇلۇم ،
ھاياتنى كۈتكەندەك رەھىمسىز بىر دار .
چۈنكى بۇ ۋىسالىڭ تۇنجى يۈرەككە ،
ياغدۇرغان ياشلىقىم بېغىغا پاك قار .
ئەسلەيمەن ئەي نىگار مەڭگۇگە سېنى،
قالساممۇ سېنىڭدىن تەنھا ئايرىلىپ .
ئۇچراشساق خىلۋەتتە چۈشمەس نىگاھىڭ،
يۈرىكىم كەتمەكتە تاشقا ئايلىنىپ .
كۆزۇمنىڭ نۇرلىرى قاتقان ئاق ئۇچۇق ،
<بىچارە> دەپ مېنى يۈرمەن قايرىلىپ .
مەن سەندىن ئايرىلىپ ھېجران سۈكۈتتە ،
ئۇنتۇشنى ئويلىدىم يارقىن ئۇمىدتە .