ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 416 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: ئابدۇقادىر  داموللىنىڭ سۆزلىگەن نۇتقى<<نەسىھىتى ئامما>> پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

uyghurhan
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 28903
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 281
شۆھرەت: 299 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 653 سوم
تۆھپە: 27 نۇمۇر
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 104(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-02

 ئابدۇقادىر  داموللىنىڭ سۆزلىگەن نۇتقى<<نەسىھىتى ئامما>>

ئابدۇقادىر  داموللىنىڭ سۆزلىگەن نۇتقى<<نەسىھىتى ئامما>>

رەھمىدىل،شەپقەتلىك ئاللانىڭ نامى بىلەن باشلايمەن

        ئىسلامىيەت ئالىمىنىڭ دانىشمەنلىرى ۋە دىيانەت دۇنياسىنىڭ ئىخلاسمەنلىرىگە روشەن ۋە ھەۋەيدا(ئوچۇق)بولسۇنكى،ھازىر ۋە كەلگۈسىنىڭ بەخت-سائادىتى ۋە شاراپەتلىرى ئىمان (نىيەت)ۋە ياخشى ئەمەل(ياخشى ئىش)لەرنى قىلىش بىلەن ھاسىل بۇلۇر،شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس قانۇنى بولغان قۇرئانى كېرىمنىڭ بىر قانچە يېردە ئىماننى(نىيەتنى)ياخشى ئەمەل(ئىش)بىلەن كۆرستىش ھەققىدە، يەنى دىلدا ياد ئەتكەننى ئەمەلدە بەجا كەلتۈرۈش توغرىسدا ئالاھىدە ئايەتلەر كەلتۈرگەن.
ھەر قانداق بىرئىش ياخشى نىيەت بىلەن بولمىسا،ئۇ قىلچە پايدا بەرمەيلا قالماستىن،بەلكى يامان ئاقىۋەتكە گىرپىتار قىلدۇ،ئىمان(نىيەت)قانچە ياخشى بولغان بىلەن،ئۇ پايدىلىق ئەمەل(ئىش) بىلەن بىرلەشتۈرۈلمىسە،كامالەتكە يېتەلمەيدۇ.بۇ سىرلاردىن مۆتىۋەر-پېشقەدەملىرىمىز ۋە ئىلگىرىكى ئۆلىمالىرىمىز خەۋەردار بۇلۇپ،پۈتۈن غەيرەت-شىجائىتىنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا،ئۇنى باشقىلارغا بىلىدۈرۈپ ھەقىقەتنى تۇنۇشتۇرۇشقا سەرپ قىلىشتى،ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن غەيرەت-شىجائەتلىرى سايىسىدە ھەقىقەتەن نۇرى تامام ئالەمگەئاشكارا بولدى،ئىتتپاقلىق،ئىلىم-مەرىپەت،ئىنساپ ۋە ئادالەت ئۆز قۇدۇرىتىنى نامايان قىلدى.جەبىر-زۇلۇم،ئىختىلاپ،ئىككى يۈزلمىلىك ۋە ئىلىمسىزلىك(جاھالەت)لەر زاۋاللىققا يۈز تۇتتى.ھەقىقەتنىڭ ئابرويى ۋە ھەيۋىتىدىن ئۇنىڭغا خىلاپ ئىش قىلغۇچىلار ھەيرانلىق ۋە غەم-ئەندىشە ئىچدە قالدى.بۇ بولسا ياخشى ئەمەللەرنىڭ نەتجىسى ھەم ىاسىيتىدۇر.تۆۋەندە بايان قىلماقچى بولغان ياخشى نىيەت،ياخشى ئەمەللەر مۇنۇلار:ئىخلاسقا،پاكىزلىققا رىئايە قىلىش،ئىبادەت(ھەققە بويسۇنۇش)،ئىتتپاقلىق،ئۇيۇشقاقلىق،نەسىھەت(ئەلگە مەرىپەت قىلماق)،دوستلۇق ئىنساپ ۋە ئادالەت،كېڭىشىش،دىلنى خىيانەت ۋە ئاداۋەتتىن پاك قىلىش،سېخىيلىق،ئىسلاھ قىلىش رپھى بۇلۇش،چىداملىق ۋە ئېغىر-بېسىق بۇلۇش،گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلەتكە ئىگە بۇلۇش،ئۆزئارا كۆيۈنۈش ۋە ياردەم بېرىش،ياخشى ئىشلارغا ئىنتلىش، ئېھتىياتچان ۋە ئىشەنچلىك بۇلۇش،ئىلىم ئۆگىنىش ۋە باشقىلارغا  ئۆگىتىش،ئىنسانىي مۇناسىۋەتنى بىلدۈرۈش، باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش،كۆيۈمچانلىق،ساداقەتلىك.كەڭ قوللۇق،ساخاۋەتلىك،ياخشىلىق،تەدبىرلىك،راستچىللىق،ھەر ئىشنى توغىرا يوليۇرۇققا بىنئەن قىلىش،ياخشى يولغا مېڭىش،يامان يولدىن قايتىش قاتارلىقلار ئىسلامىيەتتە بۇيرۇلغان ياخشى ئەمەللەردۇر.ئۆتكەندە يۇقىرىدا ئېيتىلغان ياخشى ئەمەللەر بارلىق ئەھلى ئىسلامىغا ئۆزلىشىپ،ھەممە كىشى ئۇنى ئۆزىنىڭ ئۆلچىمى قىلغان،ئىشلارنى بولغا،كىتابنىڭ،پەيغەمبەرنىڭ ۋە مۇنەۋۋەر پېشقەدەملەرنىڭ كۆرسەتمىسى ھەم يوليورۇقى بويىچە بولغانىدى.غەلبە ۋە يېتەكچىلىكمۇ ئەھلى ئىسلامنىڭ مەخسۇس نېسىۋىسى بولۇپ،<<ئىززەت-ھۈرمەت تەڭرىگە،پەيغەمبەر  ۋە ئۇلارغا سادىق كىشلەرگە>> دېگەن ئايەتنىڭ ھۆكۈمىگە مۇۋاپىق ئىش بولغانىدى.
        قاچانكى،ئەھلى ئىسلامىنىڭ ئەخلاقلىرى بۇزۇلدى،ياخشى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا نۇقسان يەتتى.ئىتپاقلىق يوقالدى،ھۇرۇنلۇق ۋە بىكارچىلىقلار،زۇلۇم ۋە خىيانەتچىلىكلەر مەيدانغا چىقتى .ئىلىم-مەرىپەت كېمەيدى،پۈتۈن ئەھلى ئىسلامىنىڭ شۆھرىتى يوقىلىپ،خارۇزارلىققا يۈزلەندى.
      پېشىۋالىرىمىزنىڭ ئەخلاقى ۋە ئەسەرلىرى ئۇنتۇلۇپ،خۇراپاتلىق باش كۆتۈردى،ئىززەت-ئابرويلار قولدىن كەتتى.ئەجنەبىيلەر  ۋەتىنىمىزگە قول ئۇزارتتى.<<ھەر قانداق ئەل ئۆز ئابرويىنى ئۆزى يوقاتمىغۇچە ئاللا ئۇنى يوقاتمايدۇ.>> دېگەن ئايەتنىڭ مەنىسى ئەمەلىيەتتە  ئىسپاتلاندى.ئىنساپ بىلەن ياخشى قىلساق،بۇنداق يامان ئاقىۋەتكە ئۆز قىلمىش ھەرىكەتلىرىمىز.ئۆز پېئىلى ئېتىبارىمىز سەۋەبچىدۇر،شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن بىر پەرىشانلىق ۋە خارۇزارلىققا،ئازاب-كۈلپەت،غەم-ئەندىشىگە گىرپىتار بۇلۇپ،پۇشايمان  ۋە ھەسىرەت-نادامەت چەكمەكتىمىز.ھازىر زىرائەت(دېقانچىلىق)،سودا-سانائەت جەھەتتە،باشقا مىللەتلەردىن تۆۋەن تۇرماقتىمىز!كېلىڭ ئەي قېرىنداشلار!ئۇ دۇنيا،بۇ دۇنيالىق بۇرادارلەر! بىز ئىلگىرىكى تارىخىي تەرەققىياتنىڭ سەۋەبلىرىنى تەتقىق قىلايلى،ھازىرقى تۆۋەنلىكىنىڭ ئۆزىمىزدىكى ئۈمىدسىزلىك،ھۇرۇنلۇق ۋە جۈرئەتسىزلىكتىن كېلىپ چىققانىلىقىنى تونۇپ يېتىپ،ناچار ئەخلاقتىن يانايلى،ھازىرقى تەنەززۇلدىن غەم-ئەندىشە قىلايلى!ئالىملىرىمىزنىڭ پېشىگە ئېسىلىپ،ئۇلارغا ئۈمۈد باغلايلى!ئالىملىرىمىزمۇ زىممىسدىكى ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى تۇنۇپ،ياخشى ئەمەللەرنى خالايىققا ئەينەن يەتكۈزسۇن،ئۇلۇغ پېشىۋالىرىمىزنىڭ تىلماتلىرنى مەجلىس ۋە سورۇنلاردا بايان قىلسۇن، خەلىق ئاممىسىغا ياخشى-ياماننى چۈشەندۈرۈپ،ئەخلاقى،ئەقلىي تەربىيلەر بەرسۇن،ئەسىرى(زامانىۋى) يېڭى يوللارنى كۆرسەتسۇن!شۇنىڭ بىلەن خەلقىمىز يېتىم-يېسىر،غېرىب-غۇرۋالارنىڭ ھالدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن ئۆشىرە-زاكات،سەدىقە-ئېھسان ۋە ماددىي ياردەملىرىنى ئاجرىتىپ،قولىدىكى ئىقتىسادنىڭ سەرپىياتىنى توغىرا باشقۇرسۇن! خەلىق ۋە مىللەتكە،شۇنداقلا ئەلگە خىزمەت قىلسۇن!
    ئەر ۋە ئاياللارغا ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ پەرزلىكىنى مۇلاھىزە قىلىپ،ئۇنىڭغا دىققەت-ئېتىبارىمىزنى قوزغىشمىز، خوتۇن-قىزلار ئۈچۈن مەخسۇس مەكتەپلەرنى ئېچىشىمىز لازىم، چۈنكى كىچىك بالىلار نادان ئانىسىنىڭ تەربىيسىدىكى چاغدا،يامان ئىللەت ۋە بىلىمسىزلىككە گىرىپتا بولسا،كىچىكلىكىدە ئادەتلەنگەن ئۇ ئىشتىن قۇتۇلدۇرۇش ناھايتى جاپالىقتۇر.
      ئەگەر ئانسى بىلمىلىك ۋە قابىلىيەتلىك بولسا،پەرزەنتىنى ياخشى ئەخلاق بىلەن تەربىيە قىلار.بۇنداق بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندا ،كامالەتكە يەتمىگىمۇ ئاسان بولىدۇ،ھەدىستىمۇ<<ھەربىر بالا تۇغۇلۇشتا ئەيىبسىز،لېكىن ئۇنىڭ ياىىشى-يامان بۇلۇشى ئاتا-ئانىسىنىڭ تەربىيسىگە باغلىق.>>  دېگەن مەزمۇن بار.ھەممىمىز ئۆزىمىزنى تونۇيلى،كەلگۈسى ئىستىقبالنى ئويلايلى،بارلىق چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىپ،خەلقىمىزنى،مىللىتىمىزنى زاۋاللىقىتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالايلى!
      كۆپلىگەن يوقسۇل ۋە ئىگە چاقىسىز  بالىلار ئاش،نان ۋە تۇرمۇشنى دەپ،ئىلاجسىز لىقتىن دىن-ئەقىدىسىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشدىن بىخەۋەر،ئەجنەبىلەرنىڭ مەكتەپلىرىدە ئوقۇپ،يامان ئاقىۋەتكە يولۇقماقتا.بىز ئىنسانلىق ۋە مۇسۇلمانلىق بۇرچىمىزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن غەيرەتكە كېلىپ ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەيلى! بۇ زامان غەپلەت ۋە بىپەرۋالقىنىڭ زامانىسى ئەمەس ،ئويغىنىش ۋە سەزگۈرلۈك زامانىسىدۇر.جاھىللىق ۋە نادانلىق دەۋرى ئەمەس،ئىلىم-مەرىپەت دەۋرىدۇر.سۇسلۇق ۋە بىكارلىق ۋاقتى ئەمەس،تىرىشىش ۋە غەيرەت ۋاقتىدۇر.باشقا مىللەتلەر ئىلىم ۋە مەرىپەت سايىسىدە ھاۋادا ئۇچۇپ پەرۋاز  قىلماقتا.سۇ ئاستىدا بولسا،خۇددى قۇرۇقلۇقتا يۈرگەندەك ئەركىن ئۈزۈشمەكتە،بىز تېخى غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتماقتىمىز.ئۇيقۇ بولسا،ئۆلۈمنىڭ بۇرادىرى ۋە  مۇقەددىمىسىدۇر.بۇ ھالەتتە دائىم ئۇخلىماق يوقىلىش ۋە ئۆلۈم بولىدۇر!ھېلىمۇ ۋاقىت ۋە پۇرسەت بار جانابىي ھەقنىڭ  رەھمەن ۋە ئىنايەت خەزىنىسنىڭ ئىشىكى دائىم ئوچۇقتۇر.دۇنيادا ئۈمىدسىزلىك بىلەن ياشاش توغرا ئەمەس.ئىنسان كىچىكلىكىدىن تارتىپ ئىلىم ئۆگىنىشى ۋە كەسىپ(ھۈنەر-سانائەت)بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەككى،ھەر قانداق ئىشنى ئۆزلۈكىدىن مەيدانغا چىقىرشنى تەڭرى ئىبادەت قىلمىغاندۇر،يەنى،ھەربىر ئىش تىرىشچانلىق ۋە ئىجتىھات بىلەن بەرپا بولىدۇ.ھەممە ئىشقا تىرىشچانلىق ۋە پىداكارلىق كۆرستىش خۇدانىڭ يوليورۇقىدۇر.ئىنساننىڭ تىرىشچانلىقىغا لايىق نەتىجە باردۇر.>>دېگەن ئايەت بۇنىڭغا گۇۋاھ،ئىسپاتتۇر.
                                                            سالام ياخشى يولغا ماڭغان كىشلەر!

خېۋەر تۈمۈرنىڭ ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قسىسە دىگەن كىتابىدىن ئېلىندى.

تېما تەستىقلىغۇچى : ئۇيغۇرئاي
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-08-08, 00:59

 

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-08-07 22:46 |
شەبنەم تور رادىئوسى
ramzan
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 36440
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 87
شۆھرەت: 88 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 770 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
ياخشى باھا: 17 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 150(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

 Re:ئابدۇقادىر داموللىنىڭ سۆزلىگەن نۇتقى<<نەسىھىتى ئامما>>

ئاللاھ ياتقان يىرىنى جەننەت قىلسۇن !
ۋاقىتسىز ئۆچكەن يۇرۇق يۇلتۇز !

basbas
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-08-08 11:28 |
شەبنەم تور رادىئوسى
kurkum2002
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 15631
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 145
شۆھرەت: 146 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1455 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 421(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-10

 Re:ئابدۇقادىر داموللىنىڭ سۆزلىگەن نۇتقى<<نەسىھىتى ئامما>>

بۇ سۆزلەرنىڭ ئاشۇ ۋاقىتتا دىيىلگىنىگە ھەيران قالدىم، بوۋىمىز ھەقىقەتەن ئالدىن كۆرەر، توغرا پىكىرلىك ئادەمكەن..

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-08-08 11:45 |
yipakyoli
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 40124
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 47
شۆھرەت: 48 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 470 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 77(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-18

 Re:ئابدۇقادىر داموللىنىڭ سۆزلىگەن نۇتقى<<نەسىھىتى ئامما>>

مەن  ھەممىدىن  بۇ  ئۇلۇغ  زاتنىڭ  ،ئۇيقۇ  ئۆلۇمنىڭ  ئەڭ  يىقىن دوستى  دىگەن مۇنۇ  سۆزى  ئەڭ  ياخشى    كۆرىمەن  !!!!!    

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-08-08 12:03 |
Windows.
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 25009
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 335
شۆھرەت: 336 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3275 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 154(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

 Re:ئابدۇقادىر داموللىنىڭ سۆزلىگەن نۇتقى<<نەسىھىتى ئامما>>

ئۇلۇغ ئالىمىمىز  ھەقىقەتەن ئېسىل نوتۇق سۆزلەپتىكەن
اللە ياتقان جايىنى جەننەت قېلسۇن امىن

چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-08-08 12:58 |
uygur-yigiti
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 31322
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 194
شۆھرەت: 195 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1930 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 436(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

 Re:ئابدۇقادىر  داموللىنىڭ سۆزلىگەن نۇتقى<<نەسىھىتى ئامما>>

ئالدى بىلەن بوۋۋىمىزنىڭ ياتقان يىرنىڭ جەننەت بولشىنى ئاللادىن تىلەيمەن . يەنە بىرسى مۇشۇ تىمىنى يوللىغان ئۇيغۇر جاننىڭ قولىغا ئاللا دەت بەر مىسۇن . بۇ نوتقىنىڭ ھەر بىر مىسراسىنىڭ چۇڭچۇر تىگىبا ئىكىمەتلىك سۆزلەركەن . پايدىلنىش قىممىتى كۆپكەن .

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-04 16:23 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » پەلسەپە ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:03-06 06:29, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ