ئېلى توختى(ئەينەك)
ئەتراپىمدا تۈمەنچە شەيئى،
شۇ شەيئىنىڭ بىرى دەل ئۆزۈم.
مەۋجۇتلۇقۇم تىرىكلىك مېنىڭ،
لۆمۈلدەيدۇ بىر جۈپ شۇ كۆزۈم.
يۈرۈگۈمنى ئىزدىسەم ئاستا،
توۋا قىلدىم كېتىپتۇ يوقاپ.
ئەمدى ئۇنى نەدىن تاپارمەن،
كىملەر نەگە قويغاندۇ سولاپ.
قوروقماس بولدۇم،ھايادىن شۇڭا،
قوروقماس بولدۇم،زىنادىن شۇڭا،
قوروقماس بولدۇم،ھارامدىن شۇڭا،
قوروقماس بولدۇم،قىماردىن شۇڭا،
پۇت قولۇمدا زەنجىر ۋە كىشەن،
لېكىن شۇنى سۆيىمەن چۈشەن.
يۈرۈگۈمنى تاپالمىسام گەر،
مەڭگۈ شۇنداق ئۆتىمەن ئىشەن.
قاغايدىكەن بەزىلەر مېنى،
بار ئىكەن دەپ بىر قۇرۇق تېنى.
ئىزدىشىپ بەر كۆيۈنسەڭ ماڭا،
يۈتۈپ كەتكەن يۈرۈگۈم قېنى؟
مەنبە: قەلەم