كۆيۈكتىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەسۋابى كەشپ قىلىندى تېرە ئادەم بەدىنىنىڭ سىرتقى قىسمىنى يۆگەپ ( يېپىپ ) تۇرىدىغان ئىنتايىن بىر مۇھىم تەبىئىي توساق بولۇپ ، ھاياتلىقتىكى مۇھىم ئورگاننىڭ بىرى . تېرە ئادەم بەدىنىنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقىنىڭ %17 ~ %14 نى ئىگىلەيدۇ . بەدەن ئىچىدىكى قۇرۇلمىلارنى قوغداپ كېرەكسىز ماددىلارنى سىرتقا چىقىرىپ تۇرىدۇ . تېمپىراتۇرىنى تەڭشەپ ، ھۆل ، ئىسسىق ، ئاغرىش ، سۈركىلىش تەسىرلىرىنى سەزگۈچى ۋە جانلاندۇرغۇچى ئىممۇنت ئىقتىدارىغا ئىگە قۇرۇلما بولۇپ تەبىئىي گۈزەللىك توسۇقى . تېرە يۈزى ئاجىز كىسلاتالىق خاراكتىرگە ئىگە شۇڭا باكتىرىيە ، ۋىرۇس ، زەمبۇرۇغلارنىڭ ئادەم بەدىنىگە بىۋاستە كىرىپ ئاۋۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ ..
چوڭ ھەجىمدىكى پۈتۈن بەدەنلىك كۆيۈكلەردە ، مەسىلەن : ئادەم بەدىنى قايناقسۇ ، ئوت يالقۇنى ، يۇقۇرى بېسىملىق توك ئېقىمى ، قىزدۇرۇلغان ماي ، ئاداپ ، مەنتەڭ ( ئاش سۈيى ) ، ھەرخىل كىسلاتالار ، پارتلاش ، ئوق ، كۆيدۈرگۈچى قوراللار قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە كۆيگەن ئورۇن 24~ 72 سائەت ئىچىدە تېزدىن يۇقۇملۇنۇشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ . مىكرۇبلار توكسىننى ھەسسىلەپ ئىشلەپچىقىرىپ ئادەمنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسانلا كاردىن چىقىرىدۇ ۋە ياكى ئۆلۈم گىرداۋىغا ئاپىرىپ قويىدۇ . كۆيۈكنى داۋالاشتىكى مۇھىم ھالقا دەسلەپكى بىر ئىككى كۈن ئىچىدە ئامال قىلىپ كۆيگەن ئورۇننىڭ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش . بۇ نۆۋەتتە خەلقارادا ھەل قىلىش قىيىن بولغان بىر نۇقتا .
غۇلجا شەھەر كېپەكيۈزى يېزىلىق دوختۇرخانىنىڭ تاشقى كېسەل دوختۇرى ، مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچ ئابدىجاپپار دوختۇر 30 يىللىق داۋالاش تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇپ كۆيۈككە نىسبەتەن 14 يىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ، كۆيۈكنى داۋالاشتىكى مۇۋاپىق تېمپىاراتۇرىنى بايقىدى ، ۋە بۇ بايقاشنى كىلىنكىلك داۋالاشتا ئىشلىتىپ كۆپ سىناقلاردىن ئۆتكۈزۈپ ، بۇ بايقىشى ئاساسىدا كۆيۈكتىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەسۋابنى ياساپ چىقتى ۋە 2007 – يىلى دۆلەت پاتنىت ئىدارىسىغا ئىلتىماس سۇنۇپ ، كۆيۈكتىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەسۋابنىڭ كەشپيات پاتىنت ھوقۇقىغا ئېرىشتى . پاتنىت ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن بۇ پاتىتنى شاڭگاڭدا ئۆتۈزۈلگەن كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرغاندا ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشتى ۋە ئالاقىدار مۇتەخەسىسلەر بۇ ئەسۋاب ئىشلەپچىقىرىلىپ بازارغا سېلىنسا 128753260 ئامېرىكا دوللىرى قىممەت يارىتىدىغانلىقىنى پەرەز قىلدى .
كۆيۈكتىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەسۋابىنىڭ ئىقتىدارلىرى تۆۋەندىكىچە :
(1) دوختۇرخانا مەنبەلىك ياكى تاشقى مەنبەلىك يۇقۇملۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، كۆيۈك ئاسارىتىدىن بولغان زەخمىلىنىشنىڭ ( كۆيۈك ئورۇننىڭ ) ئىچكى – تاشقى تېمپىراتۇرىسىنى ئاپتوماتىك تەڭشەپ ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
(2) پۈتۈن بەدەنلىك ياكى دائىرىلىك كۆيۈكلەردە ، ھاۋادىكى باكتىرىيە ۋە ۋىرۇسلار ( ھاۋادىكى باكتىرىيە ۋە ۋىرۇسلار مۇناسىپ ھالدا كۆيگەن ئورۇنغا چۈشۈپ قالسا ، بىر كېچە كۈندۈزدە بىر تىرليوندىن ئارتۇق كۆپىيىپ كېتىدىغانلىقى مەلۇم ) نىڭ كۆيگەن ئورۇنغا چۈشۈشتىكى لىنىيسىىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ .
(3) تېرە يۈزى ئاجىز كىسلاتالىق خاراكتىرگە ئىگە شۇڭا باكتىرىيە ، ۋىرۇس ، زەمبۇرۇغلارنىڭ ئادەم بەدىنىگە بىۋاستە كىرىپ ئاۋۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ . يۇقۇملۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەسۋابى يۇقارقى مۇھىتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ تۇرىدۇ .
ئابدۇجاپپار دوختۇرنىڭ بۇ ئەسۋابنى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سېلىش ئىمكانىيىتى يوق ( سەۋەبىنى دەپ ئولتۇرمىساقمۇ كۆپچىلىك چۈشىنەلەيدۇ ) بولغانلىقى ئۈچۈن پاتىنتىنى ئۆتۈنمەكچى ( يەنى ساتماقچى ) ، ئەگەر بۇ پاتىنتنى سېتىۋېلىپ ئۆزى ئىشلەپچىقارماقچى بولسا ئابدۇجاپپار دوختۇر ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا بىۋاستە نازارەتچىلىك قىلىدۇ ۋە تېخنىكىلىق مەسىلىلەردە يېتەكچىلىك قىلىدۇ .
ئېھتىياجلىق دوختۇرخانىلار ، ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىلىرى تەكلىپ قىلسا ھەمكارلىشىپ ئشلەشنى قارشى ئالىدۇ .
ھۆرمەت بىلەن ئابدۇجاپپار دوختۇر .
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى :
يانفون : 13899738515
مۇقىم تېلېفون : 8023952
خىزمەت ئورنى : غۇلجا شەھەرلىك كېپەكيۈزى يېزىلىق دوختۇرخانا .
تۆۋەندە پاتىنىتقا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللار . بۇ ئەسۋاب بازارغا سېلىنسا يارىىتىغان قىممىتى ھەققىدىكى باھا
بۇ پاتنىتق شاڭگاڭ پاتىنىت كۆرگەزمىسىدە بېرىلگەن مۇكاپات
بۇ ئەسۋابنى كەشپ قىلغۇچى ئابدۇجاپپار دوختۇر ، قولىىدكى پاتنىتنىڭ گۇۋاھنامىسى
بۇ پاتىنتقا بېرىلگەن يەنە بىر مۇكاپات
ئابدۇجاپپار دوختۇر بۇ بايقاشنى ماقالە قىلىپ يازغاندىن كېيىن گېرمانىيەدىن ئەۋەتىلگەن تەكلىپ
__ چىن مودەن تەستىقلىدى.