ئانا باشقا تاج ئىكەن،
ھەر دەرتكە داۋا ئىكەن.
بىر ئەۋلات چوڭ بولسىمۇ ،
ئانىغا مۇھتاج ئىكەن.
ئانا دىگەن بۇ بىرلا جۈملە سۆز. بەكمۇ ئىللىق ۋە مۇبارەك سۆزدۇر . دۇنيانىىڭ پەيدا بولىشىدىن تارتىپ كونا، ياشاۋاتقان كۇنىمىزگە قەدەر يىڭى ۋە يىقىملىق بىر سۆزدۇر ئانا. تۇنجى قىتىم يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقاندا خۇش كەپسەن ئەۋلادىم دەپ ئسسىق مىھرىنى بەرگەن، ۋە بىزگە تۇنجى قىتىم شۇ ئسسغلىقىنى ھىسقىلدۇرغان ئانا. بالىلىق چاغلىرىمىز، ياشلىق دەۋرىمىز، ۋە قىرىلىىق يەتكەن ۋاختىمىزدىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرماق ، ئۇنىڭ ئىللىق مىھرىگە قانماق، ئانىسىز ئۆتكۈزگەن ۋاختىمىزدىمۇ ئۇنى خاتىرلىماق، ئۇنىڭ بىلەن كۇنلىرىمىزنى خىيال قىلىپ ئۆتكۈزمەك، بىزگە باشقىچە ھوزۇر بىردۇ ئەلبەتتە. ئانا ئىنساننىڭ روھى دۇنياسىنى خۇددى قولى بىلەن يۇغۇرۋاتقان خىمىردەك،يۇغۇرغان ئۇلۇغ ئىنسان. ئۇنىڭغا شەكىل بەرگەن، ئۇنى يىتىلدۈرگەن، ئۇنىڭغا شەپقەتنى مىھرى-مۇھەببەتنى، سۆيگۈنى، ھۆرمەت قىلىشنى ئۈگەتكەن تۇنجى ئۇقۇتقۇچى. بۇ يەردە ھاياتىنىڭ بوران چاپقۇنلۇق كۇنلىرنى بىشىدىن ئۆتكۈزگەن نۇرغۇن تەجرۈبە ساۋاقلارغا ئىگە بولغان چوڭ ئانىلرىمىزنىىڭ ئەجرى ئازمىدۇر؟ ئۇلار ھازىر ھاياتىنىڭ مۇھىم قىسىملىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئەۋلاتلىرى ئۈچۈن كۆرەش قىلۋاتقان ھارغۇن ئىنقېلاپچىلار،يەر يۈزىگە ياخشىلىقنىڭ ۋە گۈزەللىكنىڭ ھاكىم بولىشى ئۈچۈن ئومۈرلىرىنى سەرىف قىلغان سۆيگۈ قۇشلارى، شىددەتلىك دېڭېز دولقۇنىدا پارچىلانغان قېيىقنى قىرغاققا ئىلىپ چىقىش ئۈچۈن ھەركەت قىلۋاتقان ھارغۇن كافتانلاردەك تەجرۈبەلەرگە ئىگە بولغان ،ئۆز ئەۋلاتلىرى ئۈچۈن جىنىنى پىدا قىلغان بۇ ئانىلارنىڭ تەجرۈبىلىرىگە ۋە يول كورسىتىشلىرىگە ھەر ۋاقىت ئىھتىياجىمىز چۈشكەن. ۋە بۇ ئانىلىرىمىزنى ھاياتىنىڭ ئاخىرغا قەدەر باش تاجىمىز دەپ بىلدۇق. ئانا بىر سىھرى كۈچكە ئىگە سۆز. ئۇلۇغ مۇبارەك بىلگەن پۈتۈن نەرسىلەرنىڭ ئىسمىنى (( ئانا )) دەپ چاقىرىپ كەلدۇق. بۇ بەزىدە ئۆزۈمۈزنى ھىچ ئىككىلەنمەي پىدا قىلالىغان (( ئانا ۋەتەن)) . ئانا بىلەن ئانا ۋەتەننىڭ پەرقى بارمۇ؟ ئانىدەك يار بولماس، ئانا ۋەتەندەك دىيار بولماس دىگەن مىسرالاردىن ، كىمنىڭ كىمدىن مۇبارەك ئىكەنلىكىنى بىلىشكە تىرشىپتۇق. ئانىمىزمۇ ؟ ئانا ۋەتىنىمىزمۇ؟ ھەر ئىككىسى بىز ئۈچۈن مۇبارەك ئەڭ ئۇلۇغ. كىيىن ئۆزىمىزنى ئىپادىلەپ بىرەلەيدىغان (( ئانا تىلىمىز)) . ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەپتۇق، ئۇنىڭ بىلەن ئوقۇپتۇق، ئۇنىڭ بىلەن يىزىپتۇق. ئەڭ خوشللىق، ئەڭ دەرتلىك، شەكىللەرنى ئانىلىرىمىزنىڭ يۈزىدە كۆرىمىز. بەزى خوشاللىقنىڭ، بەزى خاپىلىقنىڭ يالدامىلىرى بولۇپتۇ ئانىلىرىمىزنىڭ يۈزى. ئانا ئەڭ جاپاكەش ، ئەڭ ۋاپادار ، ۋە ئە ڭ قابىلىيەتلىك ئۇستاز. ئانا بىر ئىجاتكارنىڭ ئىسمى بولۇپ كەپتۈ . دۇنيانىڭ ئەڭ كونا ئىجاتكارى.كائىناتنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىيالايدىغان بىر ھۈنەر. زىمىندا مىدىرلىغان ئەڭ كىچىك ھاشارەتتىن تارتىپ، كۆكتە ئۇچقان قۇشلار ، تاغلاردا ۋە ئىنسان ئايىغى باسمىغان ئورمانلاردىكى پۇتۇن جانلىقلارنىڭ (( ئانا)) دەپ ئاتالغان بۇ مۇبارەك ئىسىمگە ئىھتىياجلىق. ئانا! دۇنيا سىلەر بىلەن كۆ پۈيدۇ ، سىلەر بىلەن ياشايدۇ. قىيامەت كۈنى بولسا (( ئانىلارنى )) مۇبارەك دەپ تاللىغان سىز ئانىلارغا ، ھەزرىتى فەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ سۆيۈنچىسى (( جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىقى ئاستىدا)) دىگەن ھەدىسى كۇپايىدۇر.
ئانا ! ئىنسان بالىسىنىڭ ئەڭ بىخەتەر قوغدىنىش ئورنىدۇر. ئۇ بىخەتەر يەر . ئانا قۇچىقى پۇتۇن يامانلىقلاردىن ، ساختا مۇھەببەتتىن ، خىيانەتتىن ، ئۇنتۇلۇشلاردىن ، تەرك ئىتىلىشتىن كىيىن ئۆزىمىزنى ئاتالايدىغان يالغۇز ئشىك. (( ئانام يىغلىسا راس يىغلار ، قالغىنى يالغان يىغلار )) دىگەن مىسرالار ئەمىلىيەتتە بولغان ھەقىقەتلەرنىڭ ئىزى بولۇپ قالغان يۈرەكلىرىمىزدە.
ئانا بەلكىم خورلانغان ، بەلكىم خىيانەتكە ئۇچرىغان ، بەلكىم ئۇنتۇپ كىتىلگەن ، بەلكىم تاشلىۋىتىلگەن . ئامما ئانىمىز بىزنى قەتتى ئۇنۇتمىغان ھەر دائىم ئوچۇق تۇرغان ئككى شەپقەتلىك قول. ئۇ دائىم يالغۇز ، ئۇ دئىم مەيۈس،ئۇ دائىم دەرتلىك، ئانا ! پەقەتلا ئۇزۇن سەپەرگە كەتكەن ياشلارنىڭ ئارقىدا يىغلاپ قالغان ئىككى كۆزىمىدۇر؟ ئالدى بىلەن ئانىمىزدىن ئىلىپ تۇرۋاتقان دۇئالار بىلەن بىز دۇنيادا بەخىتلىك ، خاتىرجەم. بىزنىڭ ئۇلارغا قويۇپ قويغۇنىمىز بىر نەچچە پارچە رەڭسىز سۈرەتلىرىمىز. ياستۇق ئاستىلىردا ساقلاپ سىغىنغاندا شۇ رە سىملەرگە قاراپ تەسەللى تاپىدىغان شۇ ئانىلارنىڭ يۈرەكلىرى باللىرى بىلەن بىرگە ئەمەسمىدۇر؟
ئوقۇشقا يولغا سالغاندا قاچان كىلەر دەپ تەلمۈرۈپ كەتكەن بىر جۇپ كۆز كىمنىڭدۇر؟ ئۆيىمىزگە كەچ قالغاندا قارلىق ۋە يامغۇرلۇق كۈنلەر ، دىرىزە ئالدىلىردا ئۇيقۇسۇز كىچىلەرنى بىزنىڭ يولىمىزغا قاراپ تاڭ ئاتقۇزغان، ئۇيقۇ باسقان كۆزلەر كىمنىڭدۇر؟ بىر شائىر شۇنداق يازغانكەن((ئانا ئىنسان قەلبىنىڭ بىر كىرىش سۆزىدۇر)) شائىر ، يازغۇچىلىرىمىز ، ئانىلار ھەققىدە كوپلىگەن شىئر ، ناخشا، نەسىرلەرنى ، يىزىپ قالدۇرغان بولسىمۇ مەنمۇ بىر پەرزەنت بولغانلىقىم ئۈچۈن بۇ نەسىرنى يىزىپ چىقتىم . مەخسىدىم ئانىمىزگە بولغان تۇيغىمىزنىڭ قايتىدىن جانلىنىشى ، ئۇنتۇلغان ، ئۇنتۇلۇشقا يۈز تۇتقان ئىنسانى ۋىژدانى بۇرچىمىزنى خاتىرلىماق ۋە ئويغاتماقتۇر. كەمچىللىكىمىزنى ئە يىپ نۇقسانلىرىمىز بولسا كەچۈرۈم قىلىشىنى سوراپ دۇنيانىڭ ئەڭ مۇبارەك ئەڭ گۈزەل بارلىقى بولغان ، پۈتۈن ئانىلىرىمىزغا چوڭقۇر سۆيگۈ مۇھەببەت ، ئالى ئىھتىراملىرىم بىلەن تەخدىم قىلىمەن
مەنبەسى: كۆڭۆل خاتىرەمدىن
_______ جۇدا تەھرىرى[ بۇ يازما ERTUGRUL تەرپىدىن 2008-02-07 15:43 دە قاي ]