>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
 
XabnamBBS -> خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى -> ياماقچى بىلەن پادىشاھ

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 278 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : ياماقچى بىلەن پادىشاھ IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
ilqin

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 28
شۆھرەت: 29 نۇمۇر
پۇل: 280 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:6(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-05

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
ياماقچى بىلەن پادىشاھ




  بۇرۇن ئەمەس، بۈگۈن. ھە راست تۈنۈگۈن. مەن بوۋامدەك چاغدا، بوۋام مەندەك چاغدا، يىراق بىر يەردە، مۇشۇ شەھەردە سەكسەندىن ئاشقان، توقسەنگە يانداشقان، بېلى ئېگىلگەن، پوتىسى چېگىلگەن تۇرسۇن ئىسىملىك ياماقچى بولغانىكەن. بۇ ياماقچى خەلقنىڭ يىرتىلغان مەسە، كالاچ، ئۆتۈك، پوچۇقلىرىنى ياماپ جان باقىدىكەن. ھەر كۈنى ئۈچ داچەن تاپىدىكەن. بىر داچەنگۈل نان، بىر داچەنگە چىراغ يېغى، بىر داچەنگە ماي ئېلىپ، ھەر كېچىسى ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى ئۆزى خۇش قىلىپ ياشايدىكەن.
شۇ شەھەرنىڭ بىر پادىشاھسى: >مېنىڭ ئۈستۈمدىن كىم غەيۋەت قىلدىكىن؟< دەپ گۇمانلىنىپ، ھەر كۈنى كەچتە دىۋانە سۈرىتىگە كىرىۋېلىپ، كوچا - كوچىلاردا يۈرۈپ، ئىشىك - تۈڭلۈكتىن مارايدىكەن.
بىر كۈنى كېچىسى پادىشاھ ئادىتى بويىچە، كوچىلارنى ئارىلاپ يۈرگىنىدە، تۇرسۇن ياماقچىنىڭ پەنجىرىسىدىن چىراغنىڭ يورۇقىنى كۆرۈپ قاپتۇ - دە، ئىشىكنىڭ يوچۇقىغا كېلىپ قاراپتۇ. ياماقچى ئويۇقتىن ياڭاقنىڭ شاكىلىنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا قارا ھېجىرىدىكى مەيدىن قۇيۇپ، ئۆزى بىلەن ئۆزى گەپلىشىپ، تۆت - بەش قېتىم ئىچىپتۇ، ئاندىن كېيىن قوزۇقتىن تەمبۇرنى ئېلىپ:
دەردى يوق موزدور دېمە،
دەردىم ئىچىمدە بىر تۇلۇم.
پادىشاھنىڭ شەھىرىدە
نەگە بارساڭ بار زۇلۇم.
دەپ ناخشا ئېيتىپتۇ.
ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن قاراپ تۇرغان پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ دەرغەزەپ بولۇپتۇ، شۇنداقتىمۇ غەزىپىنى ئىچىگە يۇتۇپ >زادى بۇ قانداق ئادەمدۇ؟ بۇنىڭ بىلەن بىر گەپلىشىپ باقاي< دەپ، ياماقچىنىڭ ئىشىكىنى قېقىپتۇ. ياماقچى:
- كىم سەن؟ - دەپ ئىشىكنى ئېچىپ، تالاغا چىقىپتۇ. دىۋانە سۈرەتلىك پادىشاھ:
- مەن بىر مۇساپىر دىۋانە. خۇدانىڭ ھەققىدە بۈگۈن بىر كېچە ئۆيىڭىزدە قونۇپ كەتسەم... دەپتۇ. ياماقچى:
- قوندۇرسام قوندۇراي، ئەمما مېنىڭ قىلغان ئىشىمغا زادى ئارىلاشمايسەن، >بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟< دەپ سورىمايسەن، گەپ قىلماستىن شۈك ئولتۇرىسەن ياكى ئۇيقۇڭنى ئۇخلايسەن. مۇشۇ شەرتكە كۆنسەڭ قونغىن، - دەپتۇ.
>دىۋانە< ماقۇل بولۇپ، ئۆيگە كىرىپ بىر بۇلۇڭدا ئولتۇرۇپتۇ. 
ياماقچى بىر >ئۇھ< تارتىپ، قارا ھېجىرىدىن ياڭاقنىڭ شاكىلىغا مەينى قويۇپ ئىچكىلى تۇرۇپتۇ. مەينى ئىچىپ بولۇپ، تەمبۇرنى ئېلىپ، مۇڭلۇق ئاھاڭغا چېلىپ، مۇنۇ قوشاقنى توقۇپ، غەزەل قىلىپ ئوقۇپ، يىغلاپ كېتىپتۇ:
بۇ زاماندا پادىشاھنىڭ
ئالۋىڭى ئېغىر بولدى.
قات - قات تېگىپ قامچىلار
دۈمبىلەر يېغىر بولدى.
ئاھ ئۇرارمەن، ئاھ ئۇرارمەن،
ئاھلىرىم تۇتقاي سېنى. 
كۆز يېشىم دەريا بولۇپ،
بېلىقلىرىم يۇتقاي سېنى.
بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ چىدىيالماستىن:
- ۋاي بىچارە ئاكا، قانچىلىك دەردىڭىز بار؟ نېمە قىلغىنىڭىز بۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
تورسۇن ياماقچى ئاچچىقلاپ:
- سورىما سوئال ھەي،
ئىچكىنىم مېنىڭ مەي،
چالغىنىم تەمبۇر، 
جىم ئولتۇر ئۆلگۈر!
دەپتۇ. پادىشاھ شۈك بولۇپ قاپتۇ. تۇرسۇن ياماقچى تەمبۈرنى چېلىپ:
كۈندە تاپتىم ئۈچ داچەن،
گىردە، چىراغ، شارابقا.
ئېشىندىم بىر داچەن.
گۆش - ياغ نەدە قورساققا.
دەپتۇ. پادىشاھ يەنە چىدىيالماي:
- ۋاي بىچارە ئاكا، نېمە تىجارەت قىلىسىز؟ - دەپ سوراپتۇ. 
تۇرسۇن ياماقچى:
تىجارىتىم موزدوزلۇق،
يامايمەن ئۆتۈك، پوپۇش.
تاشتىن قاتتىق يوقسۇزلۇق،
ھېچ بولمىدى كۆڭلۈم خۇش.
دەپ ھۆڭگۈرەپ يىغلاپ كېتىپتۇ. پادىشاھ ئىچىدە كۈلۈپ، ئاغزىدا كۆڭلىدىكىنى ئېيتىپ، مۇنداق دەپتۇ:
- ۋاي مەيخۇر ياماقچى، كۆرگەن كۈنۈڭگە شۈكرى دېسەڭ بولمامدۇ. ئەگەر سېنىڭ مۇشۇ قوشاقلىرىڭنى پادىشاھ ئاڭلاپ قېلىپ، ئەتىسىدىن باشلاپ: >ھېچكىم ياماق ياماتمايدۇ، ھەر كىم ئۆزىنىڭ ئۆتۈك، پوچۇچىنى ئۆزى ياماپ كىيسۇن< دەپ جاكار قىلسا، قانداق قىلىسەن؟ - دەپتۇ.
ياماقچىنىڭ ئاچچىقى كېلىپ، مەي ئالغان قارا ھېجىرىنى >قەلەندەر< نىڭ بېشىغا ئېتىپ:
- ھەي شۇم ئېغىز دىۋانە. ئۆيۈمدىن چىق! - دەپ ھەيدەپ چىقىرىپتۇ.
پادىشاھ ئوردىسىغا بېرىپ، ئەتىسى >ھېچكىم باشقىلارغا ياماق ياماتمايدۇ ھەم ھېچكىم باشقىلارنىڭ يامىقىنىمۇ يامىمايدۇ! پەرمانغا بوسۇنماي، ياماق ياماتقان ياكى ياماق يامىغانلار جازاغا تارتىلىدۇ<، دەپ جاكار چىقىرىپ، ياساۋۇل، قاراۋۇللىرىنى كوچا - كوچىغا تارقىتىپتۇ.
خەلقلەر بۇ پەرمانغا ھەيران قېلىشىپ، ئىچىدە پادىشاھنى تىللىشىپتۇ.
پادىشاھنىڭ ياساۋۇل - قاراۋۇللىرى بىر كوچىغا كەلسە، ھېلىقى ياماقچى ياماقچىلىق قىلىۋېتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن ياساۋۇللار:
سەن پادىشاھنىڭ پەرمانىنى ئاڭلىمىدىڭمۇ؟! - دەپ ۋارقىراپ - جارقىراپ، ياماقچىنىڭ نەرسە - كېرەكلىرىنى تېپىپ - چېقىپ تاشلىۋېتىپتۇ.
بىچارە ياماقچى يىغلاپ - قاقشاپ ئۆيىگە قايتىپ كەپتۇ. >بىرەر ئوقەت قىلمىسام قورساق ئاچ قالىدۇ< دەپ،بۇرەندىسىنى ئېلىپ، سەھراغا چىقىپ، ئادىراسمان ئورۇپ، بازارغا ئەكىلىپ سېتىپ، يەنە نان، چىراغ يېغى، مەي ئېلىپ، ئاخشىمى مەينى ئىچىپ، تەمبۇر چېلىپ، قوشاق قوشۇپ ئولتۇرسا، ھېلىقى پادىشاھ باشقا بىر دىۋانىنىڭ سۈرىتىگە كىرىپ، تۇرسۇن ياماقچىنىڭ ئىشىكىنى قېقىپتۇ. تۇرسۇن ياماقچى:
- كىم سەن؟ - دەپ ئىشىككە چىقىپ قارىسا، بىر غېرىپ بىچارە تۇرغۇدەك. >قەلەندەر< تۇرسۇننى كۆرۈشى بىلەن:
- جېنىم بۇرادەر، بۈگۈن بىر ئاخشام قونۇپ، ئەتە سەھەردە كەتسەم... دەپ يالۋۇرۇپتۇ. تۇرسۇن ياماقچى:
- مەن ئادەم قوندۇرمايمەن. ئاخشام بىر دىۋانە كېلىپ ئاغزىنى ئۇششۈتۈپ، شۇملۇق قىلدى. نەگە بارساڭ شۇ يەرگە بار! - دەپتۇ. >قەلەندەر<:
- بايلار >پىتلىق گاداي< دەپ يۇلاتمىسا، ئۆزۈمگە ئوخشاش گادايغۇ دەپ سىزگە كەلسەم، سىزمۇ قوغلىسىڭىز، قانداق قىلارمەن ئەمدى. بۇ پادىشاھنىڭ شەھىرىدە كۈن ئالماق تەس بولدى، - دەپ يالغاندىن يىغلاپتۇ. تۇرسۇن ياماقچىنىڭ ئىچى ئاغرىپ:
- بولدى يىغلىما، ئەمما ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، مېنىڭ قىلغان ئىشىمغا ئارىلاشما، بۈگۈن جىم يېتىپ، ئەتە كەت، - دەپ ئۆيىگە باشلاپ كىرىپتۇ. كېيىن تەمبۇرنى ئېلىپ مۇڭلۇق مۇقامغا يەنە چېلىشقا باشلاپتۇ:
ئاتام ئۆتكەن بۇ شەرىڭدە،
ئانام ئۆتكەن بۇ شەرىڭدە.
يورۇق كۈن بولارمىكىن،
زالىم شاھ بۇ دەردىڭدە.
دەپ قوشاق قوشۇپ يىغلاپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ چىدىيالماي:
- ۋاي بىچارە ئاكا، نېمە ئوقەت قىلىسىز؟ - دەپ سوراپتۇ.
تۇرسۇن:
- سورىما سوئال ھەي، 
ئىچكىنىم مېنىڭ مەي،
چالغىنىم تەمبۇر،
جىم ئولتۇر ئۆلگۈر.
دەپتۇ. پادىشاھ بىردەم شۈك ئولتۇرۇپتۇ. تۇرسۇن ياماقچى تەمبۇرنى تېخىمۇ مۇڭلۇق پەدىگە چېلىپ، ناخشىسىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ:
موزدۇزلۇق قىلىۋېدىم،
ئاچ قېلىپ تاياق يېدىم.
بورەندىنى ئوغاق قىلىپ،
ئادىراسمان ئوراي دېدىم.
ئاران تاپتىم ئۈچ داچەن،
گىردە، چىراغ، شارابقا.
بۇ ۈنەرنى توسسا شاھ،
ئەمدى كېتەي يېراققا.
بۇنى ئاڭلىغان >قەلەندەر<:
- پادىشاھ ئەتە >ھېچكىم ئادىراسمان ساتمايدۇ< دەپ جاكار قىلسا، قانداق قىلىسىز؟ ئانداق ناشۈكۈرلۈك قىلماڭ، - دەپتىكەن، تۇرسۇن ياماقچىنىڭ قۇيقا چېچى تىك تۇرۇپ: - يوقال، شۇم ئېغىز قەلەندەر! تۈنۈگۈن بىرىڭ موزدوزلۇق تىجارىتىمدىن ئايرىدىڭ، بۈگۈن سەن كېلىپ بۇ ھۈنىرىمدىن ئايراي دەمسەن!؟ - دەپ ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىپتۇ. پادىشاھ ئەتىسى >ھېچكىم ئادىراسمان ساتمايدۇ، ئادىراسمانمۇ ئالمايدۇ< دەپ جاكار قىلىپ، ياساۋۇل - قاراۋۇللىرىنى يەنە كوچىغا چىقىرىپتۇ.
بىر ياساۋۇل كوچىدا كېتىۋاتسا، تۇرسۇن ياماقچى >ئادىراسمان، ئادىراسمان، ئاغرىققا شىپاھ، ئاجىزغا دەرمان< دەپ ۋارقىراپ كېتىۋاتقۇدەك، بۇنى كۆرگەن ياساۋۇل يۈگۈرەپ بېرىپ، ئۇنىڭ قۇلىدىكى ئادىراسماننى تارتىۋېلىپ ھەيدىۋېتىپتۇ. تۇرسۇن ياماقچى يىغلاپ - قاقشاپ ئۆيىگە كېلىپ ئىككى سۇغىسىنى ئېلىپ، بىر ئاشپۇزۇلغا سۇ توشۇپ، توققۇز داچەن تېپىپتۇ. ئۈچ داچەنگە نا، ئىككى داچەنگە چىراغ يېغى، تۆت داچەنگە مەي ئېلىپ ئۆيىگە كەپتۇ.
 كېچىسى پادىشاھ باشقا بىر دىۋانىنىڭ سۈرىتىگە كىرىپ يەنە تۇرسۇن ياماقچىنىڭ ئۆيىگە كەپتۇ، بىراق پادىشاھ بۈگۈن سەل كېچىكىپ قاپتۇ. تۇسۇن ياماقچى بولسا، مەينى ئىچىپ بولۇپ، شىر كەيىپ ئولتۇرغانىكەن. پادىشاھ:
- بارىدىغان يېرىم يوق، بىر كېچە ئۆيىڭىزدە قونۇپ كەتسەم، - دەپ تۇراۋاپتۇ. تۇرسۇن ياماقچى ئۇنۇماپتۇ. كېيىن >قەلەندەر< يىغلاپ:
- كەمبەغەل كەمبەغەلنىڭ قاياشى ئەمەسمۇ؟ - دەپ تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ياماقچى >خەير بوپتۇ< دەپ دىۋانىنى ئۆيىگە باشلاپ كىرىپتۇ. ئۆزى بولسا، ئادىتى بويىچە تەمبۇرىنى ئېلىپ:
بۈگۈن ھاۋا تۇتۇلۇپ،
باشلىدى قار ياغقىلى.
نېمىشقىدۇ تۆرەلدىم،
ھەممە دەرتنى تارتقىلى.
ئادالەتسىز پادىشاھنىڭ تولا تارتتىم دەردىنى.
ئادىراسمان ساتاي دېسەم،
چېچىۋەتتى بارىنى.
تۆشۈك سۇغامنى ياماپ،
سۇچىلىق قىلدىم بۈگۈن.
ئادالەتسىز پادىشاھنى،
قوشاققا قاتتىم بۈگۈن.
دەپ قوشاق قېتىپ يىغلاپتۇ. پادىشاھ چىداپ ئولتۇرالماپتۇ، سوراي دېسە ئۇرارمىكىن دەپ قورقۇپتۇ. ئاخىرى:
- ۋاي جېنىم ئاكا، ئەتە پادىشاھ >ھېچكىم سۇچىلىق قىلمىسۇن<، دەپ جاكار قىلسا قانداق قىلارسىز؟ - دەپتۇ. تۇرسۇن ياماقچىنىڭ جان - پېنى چىقىپ كېتىپتۇ - دە:
- قوپ شۇم ئېغىز، يوقال بۇ يەردىن! - دەپ ئەپكەش بىلەن ئۇرۇپ - سۈرۈپ، ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىپتۇ.
ئەتىسى تۇرسۇن ياماقچى سۇغىسىنى كۆتۈرۈپ، ئاشپۇزۇلمۇ ئاشپۇزۇل يۈرۈپ، سۇ ساتالماپتۇ. چۈنكى پادىشاھنىڭ ئەمرى بويىچە ھېچكىم سۇ ئېلىشقا جۈرئەت قىلالماپتۇ. تۇرسۇن ياماقچى يىغلاپ - قاقشاپ ھېچ ئېلاج قىلالمىغاندىن كېيىن >ئەمدى پادىشاھنىڭ قېشىغا بېرىپ ھالىمنى ئېيتاي، ھالىمغا يەتسە يېتە، يەتمىسە باشقا كەلگەننى كۆردۈم< دەپ ئوردىغا مېڭىپتۇ.
ئوردىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، >كىرەيمۇ - كىرمەيمۇ؟< دەپ ئىككىلىنىپ تۇرسا، سېمىز ئارغىماقنى مىنگەن بىر باي كەپتۇ. بۇ باي يىراق جايدىن كەلگەنىكەن. ئاتتىن چۈشۈپلا ئوردىنىڭ ئالدىغا كىچىك تاھارەت قىلىپ قويۇپتۇ. نۇنى كۆرگەن تۇرسۇن ياماقچى >بۇ باينىڭ بىر جاجىسىنى بېرەي< دەپتۇ - دە، كاپ قىلىپ ئۇنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ:
- سەن يەر تېپىلمىغاندەك ئوردىنىڭ ئالدىغا تاھارەت قىلامسەن؟! بۇ پادىشاھقا ھاقارەت ئەمەسمۇ؟! يۈر ئوردىغا - دەپ سۆرەپتۇ. باي قورققىنىدىن نېمە قىلىشىنى بىلمەي بەزگەكتەك تىتىرەپ، كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ:
- ۋاي جېنىم ئاكا، ئۇقماپتىمەن، تۆۋە قىلدىم، - دەپ يالۋۇرۇپتۇ. تۇرسۇن ياماقچى:
- ياق، مەن زادى سېنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئەكىرىمەن، - دەپ تۇرۇۋاپتۇ. باي تېخىمۇ قورقۇپ كېتىپ:
- جېنىم بۇرادەر، مۇشۇ ئېتىمنى بېرەي، بىر نۆۋەت گۇناھىمدىن ئۆتكىن، - دەپ تۇرۇۋاپتۇ. تۇرسۇن ياماقچى:
- ياق، مەن ئېتىڭنى ئېلىپ ئۆزۈمنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرەيمۇ، - دەپ ئۇنىماپتۇ.
باي يىغلاپ، يالۋۇرۇپ، يانچۇقىدىن بىر ئوچۇم تىللارنى ئېلىپ ئات بىلەن قوشۇپ بېرىپتۇ. تۇرسۇن ياماقچى ئات بىلەن تىللارنى ئېلىپ كېتىپتۇ. بامۇ قۇتۇلغىنىغا خۇش بولۇپ، ئۆز يولىغا راۋان بوپتۇ.
تۇرسۇن بازارغا بېرىپ ئاتنى سېتىپ، كىگىز، گىلەم، چىنە، چەينەك، گۆش - ياغ، مەي ئاپتۇ، بۈگۈن ئۇ كۈندىكىدىن زىيادە كۆڭۈل ئېچىپ ئولتۇرسا، پادىشاھ باشقا بىر دىۋانىنىڭ سۈرىتىگە كىرىپ يەنە كەپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، تۇرسۇن ياماقچىنىڭ ئۆيى كۈندىكىدىن نەچچە ھەسسە ئازادە بولۇپ كەتكەن. پادىشاھ ھەيران بولۇپ ئاغزىنى ئېچىپلا قاپتۇ. >بۇنىڭ تېگىدە بىر سىر بار< دەپ ئويلاپتۇ - دە، بىر بۇلۇڭغا كىرىپ جىم ئولتۇرۇۋاپتۇ. تۇرسۇن ياماقچى تەمبۇرنى ئېلىپ:
- ئادالەتسىز پادىشاھ
ھېچبىر ئوقەت قىلدۇرماي،
باينى بابلىدى تۇرسۇن،
ھېچ كىشىگە تۇيدۇرماي.
دەپ غەزەل ئېيتىپتۇ.
پادىشاھ بۇ كېچە گەپ قىلماي جىم يېتىپتۇ. ئەتىسى ئوردىغا بېرىپلا ياساۋۇللىرىغا تۇرسۇن ياماقچىنى دەرھال ئېلىپ كېلىشكە ئەمىر قىلىپتۇ.
ئىككى ياساۋۇل تۇرسۇن ياماقچىنىڭ پۇت - قۇلىنى يەرگە تەگكۈزمەي پادىشاھنىڭ ئالدىغا ھەيدەپ كەپتۇ. پادىشاھ:
- ھە، بوۋاي سەن قىزىق ئادەم ئىكەنسەن، ماڭا ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ ئوردىنىڭ ئالدىغا تاھارەت قىلغان باينى بابلاپ، ئېتى بىلەن پۇلىنى ئاپسەن. شۇ قىلغان خىزمىتىڭ ئۈچۈن سېنى ئۆزۈمگە جاللات قىلىۋالىمەن، - دەپتۇ ۋە ياماقچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن زىندانغا تاشلانغان بىر مەھبۇسنى ئېلىپ چىقىپ:
- مېنىڭ ئەمرىمگە بويسۇنمىغان مۇشۇ گۇناھكارنى كۆز ئالدىمدا ئۆلتۈرگىن - ! دەپتۇ.
بۇ گۇناھكار تۇرسۇن ياماقچىنىڭ يېقىن ئاغىنىسى ئىكەن. پادىشاھنىڭ بىگۇناھ ئادەمنى ئۆلۈمگە بۇيرۇغىنىغا غەزەپلەنگەن تۇرسۇن ياماقچى قىلىچىنى يالاڭغاچلاپ >نېمە بولسام شۇ بولاي، بۇ قانخورنىڭ بىر ئەدبىنى بېرەي< دەپتۇ - دە، تەختتە ئولتۇرغان پادىشاھنىڭ كاللىسىنى ئاپتۇ. زالىم پادىشاھنىڭ زۇلىمىدىن تويغان خەلق خۇش بولۇپ، تۇرسۇن ياماقچىنى پادىشاھ قىلىپتۇ. شۇندىن باشلاپ يۇرتقا ئادالەت ئورناپتۇ.
مەنبە : بىلقۇت غەزىنىسى
بىلمىگەننى بىلقۇتتىن بىل!
              تېلېفون: 8485833-0991

              QQ:513619940
تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار بۇ يەردە : http://www.ilqin.com/bbs/ShowPost.asp?ThreadID=1251




موللا پوك-پوك تەستىقلىدى .


Nurluk elani
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-14 14:19 چوققىغا قايتىش
palqi



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 56
شۆھرەت: 57 نۇمۇر
پۇل: 560 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:36(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-08-25

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


5ياشلىق باللارغا ئېيتىپ بەرسىڭىز بولمامدۇ ؟ كىشىنى گالۋاڭ قىلغۇچە .

رىئاللىققا يۇزلەنمىگەن ھەر -قاندىغىنى يوق قىلىش كېرەك .


Nurluk elani
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-14 17:26 چوققىغا قايتىش
taxyakan



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 30
شۆھرەت: 31 نۇمۇر
پۇل: 300 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:4(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-09

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


باشقىلارغا ئىيىتماي ماڭىلا ئىيتىڭ مەن چۆچەككە ئامراق

[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-14 18:04 چوققىغا قايتىش
ئىشەنچ
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 662
شۆھرەت: 663 نۇمۇر
پۇل: 6620 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:134(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-08

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەن مۇشۇنداق ھېكايىلەرنى ،رۇمانلارنى ئاڭلاشقا ئامراق .رەخمەت

Nurluk elani

ئىشەنچ - بىر خىل مەنىۋىي كۈچتۇر
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-14 20:24 چوققىغا قايتىش
ilqin

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 28
شۆھرەت: 29 نۇمۇر
پۇل: 280 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:6(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-05

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


palqi ئەپەندىم . ئاتا بوۋىللىرمىزدىن قالغان بۇ تەۋەرەك مىراسلارغا ئۇنداق مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن قارىماسلىقڭىزنى ئۈمۈت قىلمەن . ئۇ ئەجدادلىرمىزنىڭ قان ياشلىق تارىخىنىڭ ۋە يۈكسەك دەرجىدىكى ئەقىل - پاراسىتنىڭ مەسئۇلى . ئۇنى ئاسراش ، قەدىرلەش ۋە قوغداش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇليىتىمىز !..............

Nurluk elani
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-14 20:25 چوققىغا قايتىش
yuksal0994

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 102
شۆھرەت: 102 نۇمۇر
پۇل: 1020 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:52(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-06-02

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەن بۇ تېمىنى نەدە ئوقىغىنىمنى پەقەتلا ئەسلىيەلمىدىم ،،،، ھەقىقەتەن بىر ياخشى چۆچەك ......

ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-14 22:40 چوققىغا قايتىش
izbasar0998



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 10
شۆھرەت: 11 نۇمۇر
پۇل: 100 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:3(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-07-25

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھەقىقەتەن ياخشى ھىكايە ئىكەن مەن مۇشۇنداق ھىكايىلەرنى ئاڭلاشقا ئامراق

Nurluk elani
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-15 22:39 چوققىغا قايتىش

kurbanlik koy


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:12-16 08:20, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije