>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
 
XabnamBBS -> مەشھۇر شەخىسلەر -> تۇمارىسنىڭ ۋەقەلىكىنى بىلىدىغانلار بارمۇ ؟

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 1160 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : تۇمارىسنىڭ ۋەقەلىكىنى بىلىدىغانلار بارمۇ ؟ IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
koktikin

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 23
شۆھرەت: 24 نۇمۇر
پۇل: 80 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:27(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-06-05

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئالىي مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتلىرىدا ئۆتۈلىدىغان <<ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى>> دېگەن دەرسلىكنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى دەۋىردىكى ئەپسانە- رىۋايەتلىرى قىسمىدا تۇمارىس ھەققىدىكى رىۋايەت سۆزلىنىدۇ. ئېنىقكى ئۇ قەدىمقى دەۋىردىكى قەھرىمان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تىپىك ۋەكىلى. مەن قەشقەر پىداگۇگىكا ئىنىستىتوتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىمدە بۇ تېمىنى ئەمەت دەۋرىش ئەپەندى ئىنتايىن ھاياجان بىلەن سۆزلىگەن.

Nurluk elani
[10 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-14 17:10 چوققىغا قايتىش
guhar

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 134
شۆھرەت: 134 نۇمۇر
پۇل: 1034 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:71(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-09-02

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


QUOTE:
بۇ مەزمون 8 جى قەۋەتتىكى taqqa-tuqqa نىڭ 2007-12-14 15:18 دە يوللىغان يازمىسى“”:
ياق تۇمارىس دىگىنى مۇڭغۇل ......بىلىۋىلىڭ ماقىما؟...........ۋاي بىچارە.....

<ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە>
  ساك ئارىئانلىرى   موڭغول بوپ قالدىمۇ ئەمدى
  سىزچە موڭغۇللار ياۋروپائىدما                   كۈلكىلىك   !!!


Nurluk elani
[11 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-14 18:59 چوققىغا قايتىش
Xohkeram



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 3
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
پۇل: 30 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:6(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-29

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەن سىزنى يازغۇچىمىز ئابدۇللا ساۋۇت يازغان تولۇق نۇسقىسى بىلەن تەمىنلەي.
بۇ ئېلېكترونلۇق كىتاپ شەكلىدە.
مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
چ چ : 568752301


[12 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-14 19:56 چوققىغا قايتىش
cheksiz



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 55
شۆھرەت: 56 نۇمۇر
پۇل: 540 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:16(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-22

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


01ruhsari خېنىم ، ياكى يىگىت . قانداقراق شىركەت ئۇيغۇرلار تارىخى رىۋايىتىگە مەبلەغ سېلىپ كىنو ئىشلىگۈسى كېپ قاپتۇ . ھەر قاچان ئادەتتىكى كىچىككىنە بىر شېركەتتۇ ؟ ھوللىۋودنىڭ بولۇشى ئەسلا مۆمكىن ئەمەس ، ئۇنچە كاتتا مەبلەغ سالسا سىزنى ھەرگىز ئىزلىمەيدۇ . ئەڭ ياخشىسى سىز ئوتتۇرىدا مېڭىۋاتقان ئۇ شېركەت بۇ كىنونى ئىشلىمىسۇن چوقۇم ئادەتتىكى بىر كىچىك كىنو شىېركىتى بولۇشى مۆمكىن . ئۇلۇغ بىر تارخى ئوبراز خۇنۇك يارىتىلىپ قالمىسۇن . سىزمۇ دەللاللىقنى توختىتىڭ !!!!!!!!!

Nurluk elani
[13 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-14 23:49 چوققىغا قايتىش
shakira



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 283
شۆھرەت: 296 نۇمۇر
پۇل: 2870 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:58(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-16

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


QUOTE:
بۇ مەزمون 6 جى قەۋەتتىكى komandir نىڭ 2007-12-14 15:14 دە يوللىغان يازمىسى“”:
چەتئەللىكلەر چېغىدا ئۇقىدىكەن ،مەن ئۇقمايدىكەنمەن ،خېجىل بۇلىۋاتىمەن جۇمۇ ،......
ھەراست ،راسىت كىنو قىلىپ ئىشلەپ قىلىپ قالسا بىزنىڭ ئۆرىپ ئادىتىمىزگە ماس قىلىپ ئىشلىسۇن ،يەنە كەچكىچە مۇھەببەتلىشپ ،يالىشىپ ئۆتىدىغان قىلىپ ئىشلەپ يۇرمىسۇن يەنە

بۇنى بىلمەيدىغان سىزلا ئەمەس.ئۆتكەندە بىر ئاشخانىغا كىرسەم تىلۋىزوردا تەلەپ ۋە تەغدىم قۇيۇلىۋېتىپتىكەن.تىلۋىزوردا تۇمارىس دىگەن ئىسىم چىقىپتى،ئالدىمدا ئولتۇرغان بىر «مىللى غۇرۇرلۇق كىشى» توۋا،ئويغۇر تۇرۇپ ئۇرۇسچە ئىسىم قۇيىۋاپتۇ دىۋىدى،كۈلكەمنى تۇتۇپ ئاران ئولتۇرسام يېنىدىكى دوستى ماڭاۋەي،تۇمارىس دىگەن ئامرىكىچە ئىسىم،كۈندە ھېلىقى بىر ئامرىكىلىق خۇتۇننى خەۋەردە رىس،رىس دەپ تۇنۇشتۇرۋاتمامتى،شۇنىڭدىن دوراپ قويغان گەپ دىۋىدى، ئىچىۋاتقان چېيىمنى پۈركۈپ تاشلاپتىمەن.شۇنداق نوچى ئىدارىدە ئىشلەيدىغان كادىرلىرىمىزمۇ بىلمەيدىكەن.(ئۇلارنى تۇنۇيتۇم).ئامال يوق ،بىزگە تۇنۇشتۇرىدىغان ئادەم يوق.تىلۋىزوردا كەچكىچە ئارتىسلارنى تۇنۇشتۇرىدۇ.تۇمارىس توغرىسىدىكى ۋەقەلەرنى تا ئالىي مەكتەپكە بارغىچە ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم.بىزدە مۇشۇنداق كىشىلەرنى تۇنۇتىدىغان كىتاپ،ژورنال،ماتىرياللار كۆپرەك بولغان بولسا يۇقارقىدەك ئىشلار ۋە مىڭكاۋخەن نەۋرە سىڭلىمدەك «سادىر پالۋان سىياسى جىنايەتچىمۇ؟ھازىرمۇ ھاياتمۇ ياكى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانمۇ؟»دىگەندەك تاقا-تۇقا سوئاللارنى سورايدىغانلار ئاز بولاتتى.


Nurluk elani

يۈرىكىمنى تۇتىمەن ..
[14 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-15 15:08 چوققىغا قايتىش
zarrauqkuni



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 69
شۆھرەت: 80 نۇمۇر
پۇل: 690 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:43(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-08

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئۇ تۇنىمايدۇ ئۇزىنىڭ كىملىكىنى،
لىكىن تۇنىيدۇ ناخشىچى جىكسۇننى،
ئۇ پۇتۇرېدى تۇلۇق ئوتۇرنى،
بۇلەلمىدى پوقنىڭ ئوتۇررىنى،


[15 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-15 22:03 چوققىغا قايتىش
نىشان1

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 33
شۆھرەت: 44 نۇمۇر
پۇل: 330 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:44(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-07-29

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


تۇمارىس ئۇيغۇر.................بىز ئۇيغۇرلارنىڭ   تارىختىكى پەخىرلىنىدىغان   شەخىسلىرىمىزنىڭ بىرسى....بىلمەيدىغانلار بىلىۋېلىڭلار   .     توغرا، بىزدە مۇشۇنداق مەشھۇر   يازغۇچى، شائىر، ئالىم، ئەدىب، مۇتەپەككۈر، ئىسىل پەزىلەتلىك كىشىلىرىمىزنى   تەشۋىق قىلىپ، تونىتىدىغان   پۇرسەت، شارائىتلار   بەك ئاز.......تېلۋىزورغا   قارىسىلا   شۇ   سەنئەتچىلەر.....

Nurluk elani
[16 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-15 22:49 چوققىغا قايتىش
uydos



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 6
شۆھرەت: 7 نۇمۇر
پۇل: 50 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:7(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-05

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


تۇمارىس




ئابدۇللا ساۋۇت



  مىلادىدىن بۇرۇنقى 531- يىلى
    تەڭرىتېغىنىڭ غەربى - جەنۇپ ئېتىگىدىكى بۈك باراقسان ئۆسكەن ، بېشى - ئاخىرى كۆرۈنمەيدىغان قوچۇرا (قارىغاينىڭ بىر خىلى ) ئورمانلىقلىرى بارا - بارا ئارقىدا قالدى . ئاتلار كالىلار قوشۇلغان ، ئۇزۇن ئوقلۇق چاقلىرى ئىگىز ھارۋىلار سېپى چەكسىز كەتكەن تۈزلەڭلىككە كىرىپ كەلدى .دۇمباق ناغرا نەي ئاۋازلىرى ھاۋانى تىترىتەتتى . ھارۋا سەپلىرىنىڭ ئىككى يېنىدا ، ئارقىسىدا قۇراللانغان چەۋەندازلار ، ئەر ئايال ئاتلىقلار كەلمەكتە ئىدى ، قۇيۇق ئۆسكەن ئوت چوپلەر ، گۇل گىيالار قۇياش نۇرىدا جۇلالاپ ئالتۇن رەڭگە كىرىپ كۆزلەرنى قاماشتۇراتتى . سول تەرەپتىكى يانباغىرلاردا يىلقىلار توپى چېپىشىپ ، كىشنىشىپ يۇرۇشەتتى ، بىر بىرىنى تېپىشەتتى ، قوغلىشاتتى . تۇسۇن ئاتلار سەكرىشىپ ، ئەركىلەپ ئوينىشاتتى . ئوڭ تەرەپتە - يىراقلارغا سوزۇلغان چۆل دەشتىلەردە لوكىلىرى تىك كۆتۈرۈلگەن تۆگىلەر بوي تارتىپ قالغان بوتىلاقلىرىنىڭ سۆڭگىچىنى بۇراپ ، بوۋف ! - بوۋف ! قىلىپ ئاۋاز چىقىرىپ ئۇيان - بۇيانغا يانتاق ئىزدەپ ماڭاتتى .
  يىراقتا مال ئىتىنى ئەگەشتۇرگەن ، چەۋاندازلارچە ياسىنىۋالغان ئاتلىق چوپان ناخشا ئېيتماقتا ئىدى :
ئالىپ ئەر توڭا ئۆلدىمۇ ،
ئىسسىز ئاژۇن قالدىمۇ ،
ئۆزلەك ئۆچىن ئالدىمۇ ،
ئەمدى يۇرەك يىرتىلۇر
(يەشمىسى )
باتۇر ئەرتۇڭا ئۆلدىمۇ ،
ۋاپاسىز دۇنيا قالدىمۇ ،
پەلەك ئۆچىنى ئالدىمۇ ،
ئەمدى يۇرەك پارە بۇلۇر .
ئەفرا سىياپنىڭ ئۆلۈمىگە بېغىشلانغان ، ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ئەل ئارىسىدا تارقىلىپ ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان قايغۇلۇق ، مەڭگۇ ئۇنتۇلماس داستان ئاھاڭلىرىنى شامال ئۇچۇرۇپ كەلدى . تۇمارىسنىڭ گۈزەل چىرايى غەمكىن تۇس ئالدى ، ئۇزۇن قاپقارا كىرپىكلىرىدە ياش تامچىلىرى يالتىرىدى . قۇم بارخانلىرى تەرەپتىن قولىغا قارچۇغا قوندۇرىۋالغان ئوۋچى توختاپ جاۋابەن ناخشا ئېيتتى :
ياغى ئوتىن ئۆچۈرگەن ،
تويدىن ئانى كۆچۈرگەن ،
ئىشلار ئۈزۈپ كەچۈرگەن ،
تەگدى ئوقى ئۆلدۈرۈ .
يەشمىسى
دۈشمەن ئۇتىنى ئۆچۇرگەن ،
ئۆز يېرىگە قوغلىغان ،
بېشىدىن جىق ئىش ئۆتكەن ،
بىراق ئەجەل ئۇقى تەگدى .
ئالىپ ئەرتۇڭا دەپ ئاتالغان تۇران پادىشاھى ئەفرا سىياپ ئىران ئەھمانىلار سۇلالىسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشلىرىغا قارشى بىر ئۆمۇر جەڭ قىلغان قەھرىمان ئىدى . بىر قېتىملىق جەڭدە پادىشاھ قوبىينى 1 نۆدەرنىڭ دادىسى مۇنى چەھرە ئەفرا سىياپنىڭ لەشكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى . ئەفرا سىياپ ، دادىسىنىڭ ئۆچىنى ئېلىش ئۈچۈن جەڭگە ئاتلانغان قۇبىينى 1 نۆدەر بىلەن قاتتىق ئۇرۇشلارنى قىلىپ ئۇنى يەڭدى . بۇنداق ئۇرۇشلار كىيىنكى چاغلاردىمۇ كۆپ قېتىم يۈز بەردى . مىلادىدىن بۇرۇنقى 632- يىلى بىر قېتىملىق جەڭدە ئەفرا سىياپ مۆكۈپ ياتقان دۇشمەننىڭ ئاتقان ئۇقىدا ھالاك بولدى . تۇران زىمىنىدا ياشاۋاتقان ساك ، ئاۋار - ئارىيان ، ھۇنگار ، تۇرا ، تۈرك . . . قەبىلىلىرى ئۇلۇغ پادىشاھ ئەفرا سىياپنىڭ ئۆلۈمىگە يىغلاپ قوشاق قېتىشتى . تۇمارىس زامانىسىغا كەلگەندە بۇ قوشاقلار كۇپۇيۇپ ، بېيىپ نەچچە يۇز كوپلىتلىق مەشھۇر داستانغا ئايلاندى . پادىشاھ - خانلار ، ئاقساقال - سەركەردىلەر ، باقىشلار ( ئالىم، ئالدىن بىشارەت بەرگۇچى )ئۆلسە ئاشۇ داستان ئاھاڭغا سېلىنىپ ئۇقۇلاتتى . توي تۆكۈن ، بەزمە - سۇرجەك (مەشرەپ ) لەردىمۇ ئاۋال ئەفرا سىياپ كۈيلەنگەن ئەشۇ قوشاقلار ئۇقۇلۇپ ئاندىن باشقا ناخشىلارغا ئۈتەتتى .چوپانلار ، ئوۋچىلار ، چەۋانداز - جەڭچىلەر نىڭ كۆپىنچىسى بۇ قوشاق - داستاننى يادقا بىلەتتى ۋە بالىلىرىغا ئۇگىتەتتى .
ھارۋىلار سېپىنىڭ ئالدىدا كەڭ سايىۋەنلىك چاقلىرى بىرونىزدا چەمبەرلەنگەن ، شۇتىسىغا تۆت ئاق ئات قۇشۇلغان شاھانە ھارۋا كەلمەكتە ئىدى . ھارۋىدا تۇمارىس ئولتۇراتتى . ھارۋىنىڭ ئىككى يېنىدا ئۇچلۇق تىرە قالپاق ، تېرە پەشمەت كىيگەن ، سىدىرىم ( تاسما ، كەمەر ) لىرىغا ئەگنەك ( قىلىچ ) ئاسقان ئالتە چەۋانداز ۋە تۇمارىسنىڭ قىرناق ( چورە ، دىدەك ) تۆتى ئاتلىق ئاتلىق ھالدا كېلەتتى . تۇمارىس ئوغلى سىپارگاپىرىسنىڭ توي مەرىكىسنى ئۆتكۈزگەن بۇلۇپ ، شۇ تاپتا ئۇ كىلىن كۆچۈرۈپ كېلىۋاتاتتى . كېلىن - ئىلى ۋادىسىدىكى قۈز ئوردا ( ئىلىدىكى قاش دەرياسى بۇيىغا بىنا قىلىنغان شەھەر ) ئاقساقىلىنىڭ گۇزەللىكتە تەڭدىشى يوق ، ساھىپجمامال قىزى - زارىنا ئىدى . قۇز ئوردو - ئەفرا سىياپنىڭ قىزى قەزۋىن ئۆز نامىغا بىنا قىلدۇرغان شەھەر ئىدى . ئۇ قوينى كەڭ ، ساپ ھاۋالىق ، باغۇ بوستانىق گۇزەل دىيار ئىلىدا ئۆسكەچكىمۇ ،ياكى ئالى نەسەپلىك ئاىلىدە تۇغۇلغاچقىمۇ ، ئىشقىلىپ بالقاش كۆلى ( قازاقىستاندىكى بىر كۆل ) ، دەشتاتا (گەنسۇدىكى دۇنخۇاڭ ) ، ئىلى ۋادىسى ، پەرغانە ( ئوزبىكىستاننىڭ رايۇنى ) ، تەڭرىتاغ ئەتراپلىرى ، ئوردۇ كەنت ( ھازىرقى قەشقەر ) ۋە ھىندىقۇش ( جۇڭگۇ ، ھىندىستان ، پاكىستان ، ئافغانىستان چىگرىلىرىدىكى تاغلار ) تاغلىرىنىڭ ئېتەكلىرىدە ياشايدىغان قەبىلە - قەۋملەر ئارىسىدا گۇزەللكتە داڭقى بار ئىدى ، تېرىدىن نەپىس ئىشلىنىپ تىكىلگەن تويلۇق كىيىملەر ئۇنىڭ زىبا بەستىگە بەكلا ياراشقانىدى . قالپىقى ، بوينى ، قۇلاقلىرىغا ئېسىلغان جېنجۇ ( ئۈنچە مەرۋايىت ، گۇھەر ) لار ئۇنىڭ ھوسنىگە ھۆسىن قۇشۇپ تۇراتتى .
توي كۇچۇرگۇچىلەر قۇز ئوردۇدىن ئۇزاپ چىققاندىن بۇيان قارلىق چۇققىلىرى پەلەككە تاقاشقان تاغلار ئارىسىدن ، تىك خەتەرلىك داۋانلار ئارىسىدن ئۆتتى . سوقماق ئىگىز - پەس يانباغىرلاردا ئايلىنىپ ماڭدى . قىېيىن- قۇچۇرا ئورمانلىقلىرى ئارىسىدىن يول تاپتى . كۆز ياتقۇسىز - كەڭ يايلاقلارنى ئارقىدا قالدۇردى . قۇملۇقلار ، دەشتىلەر ، يايلاقلاردا سەپەر توختىماي داۋام قىلدى . كىچە بىلەن كۈندۈز ئالمىشىپ تۇردى . شام تاڭغا ئۇلاندى ، ئادەملەر چارچىدى ، تالجىقتى . ئات كالىلار ھالسىرىدى ، بىراق سىپار گاپىرىس سەپەر ئازاۋىنى قىلچە سەزمىدى . ئۇ ھەممىنى ئۇنۇتقان ھالدا ئۆز قەبىلىسىنىڭ نامىغا مۇناسىپ - ماسساگىتلارچە چىدام ۋە باتۇرلۇق بىلەن ھەركەت قىلاتتى . ماسساگىتلار - مەشھۇر ساك قەبىلىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ باتۇر ، جەڭگىۋار بىر ئۇرۇق بۇلۇپ ، ئۇلۇق باتۇر ساكلار دىگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى . ئۇلار تۇمارىسنى سۆيۇملۈك ، مېھرىبان دانىشمەن ئانا سۈپىتىدە ياخشى كۈرەتتى ، ھورمەتلەيتى ۋە ئۇنىڭ ئەمرپەرمان ، تۇغراغ ( بۇيرۇق ) لىرىنى جان پىدالىق بىلەن بىجا كەلتۇرەتتى ، ماسساگىتلار ئاسىيادىكى باشقا قېرىنداش قەبىلە - ئۇرۇقلارغا ئوخشاشلا كۆچمەن تۇرمۇش كەچۇرەتتى ، سۇ يايلاق قوغلۇشۇپ چارۋا باقاتتى . سىپارگاپىرىس تۇمارىسنىڭ يالغۇر ئوغلى ئىدى ، شۇ تاپتا ئۇنىڭ قەلبىدىكى خۇشاللىق ۋە بەخت تۇيغۇلىرىنى تەسۋىرلەشكە تىل ئاجىز ئىدى . تۇمارىسمۇ توي قىلىش ، كىلىن يوتكەش دەبدەبىسى بىلەن مەستخۇش بۇلۇپ ، قانچىلىك يول باسقانلىقىنى بىلمەيلا قالدى . ھارۋىلار سىپى ياكسارتىس ( سىر دەرياسى ، ئوزبىكىستاندا) دەريا ۋادىسىغا يېقىنلاپ بارماقتا ئىدى . ئۇلارغا نۇرغۇن ساك كۆچمەنلىرى ئەگىشىۋالغان ئىدى . يايلاقلار ، ئىدىرلار ، سازلىق - جاڭگاللار ، قۇملۇقلار بىر بىرىگە ئۇلۇشۇپ ئۇپۇققىچە سۇزۇلۇپ باراتىتى . تۇمارىسنىڭ ئالدىدا - چوقاينىڭ يېنىدا گىدىيىپ ئولتۇرغان قېرى ھارۋىكەش تىلما قامچىسىنى پات پات ھاۋادا سىلكىپ - تارسىلدىتىپ ئاتلارغا ھەيۋە قىلاتتى . ئاتلار گاھ چاپاتتى ، گاھ يۇرغىلايتى ، گاھ توختايتى . قىز كۇچۈرگۇچىلەر دەررۇ گۇلخان يېقىىشاتتى . كاۋاپ ھىدى ئەتراپقا تارقايتتى . يۇلتۇزلار جىمىرلايتتى ، تاڭ ئاتاتتى . تىلما قامچىنىڭ تارسىلدىغان ئاۋازى ھاۋادا ئەكىس سادا پەيدە قىلاتتى . ئاتلار يەنە مېڭىشقا ، مەجبۇر بولاتتى . ئاتلار ھارۋىنى شامالدەك تېز سورەپ ماڭغاندا قېرى ھارۋىكەش :
- ئوغۇر ! ئوغۇر ! ( ئوڭۇشلۇق بولسۇن ، خەيىرلىك بولسۇن ) - دەپ ۋاقىراپ قۇياتتى .
كۈز شامىلىدا دەل دەرەخلەر ، گۇل گىيالار نىڭ سارغايغان يۇپۇرماقلىرى شىلدىرلاپ لەرزان تۆكۇلمەكتە ئىدى . ھارۋا سەپلىرىگە ئەگىشىپ كېلىۋاتقانلار بىردىن - ئىككىدىن قېقېلىپ ، يەنە باشقىلىرى قۇشۇلۇپ كېلەتتى . يول تۈگىمىگەنسىرى تۇمارىسنىڭ مەستخۇشلىقى يوقۇلۇپ ئۆزىچە خىيالچان بۇلۇپ قالدى . ئەجداد - بوۋىلىرىنىڭ ، ئاتا ئانىسىنىڭ كەچۇرمىشلىرى ، ئۆزى بېسىپ ئۆتكەن ھايات مۇساپىسى كۆز ئالدىدىن بىر بىرلەپ ئۆتەتتى

بىر كۈنى ، سەل سوغ لېكىن ئۇچۇق ھاۋادا بىر توپ كەپتەر ھارۋا سەپلىرىنىڭ - زارىنا ئولتۇرغان ھارۋا ئۈستىدىكى بوشلۇقتا ئايلىنىپ پەرۋاز قىلىشقا باشلىدى . بىر توپ موللاقچى كەپتەر نوۋەتلىشىپ يۇقىرغا ئۆرلەپ ، قاناتلىرىنى پاقىلدىتىپ ئاۋاز چىقىرىپ موللاق ئاتتى - دە يەنە ئۆز توپىغا يتىشىۋالدى . كەپتەرلەرنىڭ قىزىقارلىق ھەركىتى داۋام قىلىۋاتقاندا تۇيۇقسىز بىر لاچىن كۆك قەرىدىن غۇيۇلداپ ئۇچۇپ چۈشتى دە كەپتەرلەر توپىغا ئۆزىنى ئۇردى ، بىر كەپتەر تۇكلىرىنى تۇزۇتقان پېتى پەسكە موللاقلاپ چۈشۈشكە باشلىدى . باشقە كەپتەرلەر تەرەپ تەرەپكە قاڭقىشتى .ھارۋىلاردىكى ئاقساقاللار ، سەركەردىلەر ، ئاياللار ، قىزلار ، باخشى پالچىلار ۋە چەۋەندازلار ئارىسىدىن قىيا چىيا چۇقان سورەن كۈتۈرۈلدى . تۇمارىس خىيالدىن چۆچۈپ ئۆزىگە كەلدى . بېشىنى ئېگىپ سايىۋەن گىرۋىكىدىن كۆككە قارىدى . لاچىن ھاۋدا بىر پىقىراپ - ئايلانغاندىن كىيىن قارا قاناتلىرىنى كەڭ يېيىپ پەسكە شۇڭغۇدى ۋە يەرگە چۈشۈپ كېتىشكە ئاز قالغان ئولجىسىنى ئۆتكۈر تىرناقلىرى ئارىسىغا قىسىپ يەنە ھاۋاغا كۆتۈرۈلدى - دە دەريا تەرەپكە ئۇچۇپ كەتتى . ئەشۇ ھادىسىنى دەسلەپ قىزىقىپ كۆرگەن زارىنا كىيىنكى ئېچىنىشلىق كۈرۈنۈشتىن سەسكىنىپ كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇۋالدى ، ۋۇجۇدىنى سوغ تىترەك باستى . << كەپتەرلەر نىمە ئۈچۈن دەل مېنىڭ باش ئۇستۇمدە ئۇچىدۇ ؟ لاچىن نىمە ئۈچۈن باش ئۈستۈمدە بىر كەپتەرنى سۇقۇپ ئۆلتۈرىدۇ ؟ بۇ بىر شۇملۇقنىڭ ئالامىتمۇ قانداق ؟ بۇ ھادىسە ھاياتىم بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ يوق ؟ يۇرتقا بارغان ھامان قېرى باخشىنى تېپىپ پال ئاچقۇزىمەن >> تۇمارىسنىڭ يۇرىكىمۇ ۋىژىلداپ ئېچىشتى . ئۇ ، لاچىن كەتكەن تەرەپكە مۇڭلۇنۇپ قاراپ ئۇلۇغ كىچىك تىندى ، چۇڭقۇر ، كۇكۇش كۆزلىرى ياشقا تولدى ، قاڭشارلىق بۇرنى ئۇستىدە تەر تەپچىرىدى . ئېرى تەرىتۋارۇ ھايات بولغان بولسا ، ئوغلى سىپارگا پىرىسنىڭ بالاغەتكە يىتىپ ، ئات مىنىش ، قىلىچۋازلىق - نەيزىۋازلىقتا كامالەتكە يېتىپ ئاجايىپ باتۇر ، مەرد چەۋانداز بۇلۇپ يىتىشكىنىنى ئۆز كۈزى بىلەن كۆرۈپ قانچىلىك سۆيۇنۇپ كىتەر ئىدى - ھە ؟ تېخى يەنە ئوغلىنىڭ تۇيىدا ئۆزى باش بۇلاتتى . ئۆز جەمەت تۇققانلىرى بىلەن قۇدىلاشقىنغا ، گۇزەل زارىنانىڭ ئۆزىگە كېلىن بولغىنىغا قانچىلىك پەخىرلىنىپ كېتەر ئىدى - ھە ؟ نەۋرە كۆرگەندە بولسا خوشاللىقتىن تېرىسىگە سىغماي قالارمىدىكىن ؟ ئەپسۇس ، ئۇ بۇ ئىشلارنى كۆرەلمىدى ، دۇنيادىكى تىنىچسىزلىقلار ، ئايىقى ئۈزۈلمەي داۋام قىلغان يېغى جەڭلەر ئۇنىڭ ھاياتىغا ، گۇزەل ئارزۇ ئارمانلىرىغا بەرھەم بەردى .
سىپارگاپىرىس تۇغۇلۇپ قىرىقى توشقان كۈنى قۇز ئوردۇدىن كەلگەن بىر باخشى سىپارگاپىرىسنى يۇيۇندۇردى ، ئاندىن تەرىتۋارۇ بىلەن تۇمارىسنىڭ ھۇزۇرىدا غىزالىنىپ ئولتۇرۇپ : << پال تاشلىرىم شۇنداق بىشارەت بېرىدۇكى ، بۇ ئەلگە يېغى كېلىدۇ ، كەيخۇسراۋ ئاتلىق ياۋۇز بىر پادىشاھ باسقۇن قىلىپ كىلىدۇ ، ھۇشيار ۋە ئاگاھ بۇلۇڭلار ! دېدى . شۇندىن كىيىن تەرىتۋارۇ مۇ ، تۇمارىسمۇ ھەر داىىم سەگەك ھۇشيار بۇلۇپ يۈردى . ئەمما چىگرا تەرەپ تىنچ م خاتىرجەم ئىدى ، ئەشۇ كۈنلەر ئەھمانىلار سۇلالىسىدە تىنچ ئۆتمىدى . كەيخۇسراۋنىڭ ئانىسى خېلى بۇرۇن بىر كۈنى : << چۈشۈمدە قۇرسىقىمدىن بىر تۈپ ئۈزۈم دەرىخى ئۈنۈپ چىقتى ، ئۈزۈم دەرىخى ناھايتى تىز شاخلاپ ، بۈك باراقسان ھالغا كېلىپ ئۆكۈز ( ئامۇ دەرياسى ) دەرياسى بىلەن ياكسارتىس دەرياسىنىڭ ئۈستىنى چۇمكىۋالدى >> دېدى . كەيخۇسراۋ ئانىسىنىڭ چۈشىنى ئوردىدىكى ۋەزىر - ئاقساقاللارغا ، باقشى قۇرەنداز (پال سالغۇچى ) لارغا سۆزلەپ بەردى . ئۇلار ياش پادىشاھنى قۇترىتىپ ۋە ئىلھاملاندۇرۇپ ، بۇ چۈشكە << سەن دۇنيانىڭ تەڭرى تەرىپىدىن يارىتىلغان ھۆكۇمرانى بۇلۇپ ، شانۇ شەۋكەت ، سەلتەنەت ئىچىدە دەۋران سۈرىسەن ! دەپ تەبىر ئېيتىشتى ۋە ئۇرۇش قىلىشقا دەۋەت قىلدى . شۇنىڭ بىلەن كەيخۇسراۋ بىر نەچچە ۋاقىت جىددى ھەركەتكە كېلىپ ھەربى تەييارلىق ئېلىپ باردى
- ماسساگىتلارنىڭ باقشىلىرمۇ ناھايتى يىراق ئەلدىكى كاتتا بىر ئايالنىڭ كۆرگەن چۈشلىرى توغرىسىدا سۆزلىشەتتى ، ئەمما تۇران زىمىنىنىڭ چىگرىلىرىدىن ھىچقانداق شەپە كەلمەيتى . مۇبادا ئۇرۇش بۇلۇپ قالسىمۇ ماسساگىتلار قىلچە قورقۇپ ، تەمتىرەپ قالمايتتى ، تەرىتۋارۇ جەڭگە ماھىر ، زەبەرداس ئەر ، داڭلىق سەركەردە - قۇماندان ئىدى ، تۇمارىسمۇ ئۇنىڭدىن قېلىشمايتتى . ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ،يەنى سىپارگاپىرىس بەش ياشقا كىرگەن يىلى - مىلادىدىن بۇرۇنقى 546- يىلى ئىران ئەھمانىلار پادىشاسى كەيخۇسراۋ تۇرانغا تاجاۋۇز قىلدى ۋە ئۆكۇز دەرياسى ۋادىسىغىچە بېسىپ كىردى . ئەفرا سىياپ ۋە ئوغلى ئارجاسايىپ ، ئەفرا سىياپنىڭ ئىنىسى گەرسىۋەز قاتارلىق ئۇلۇغ باتۇر ئەجداتلىرىنىڭ روھىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەندۇرگەن سەركەردە تەرىتۋارۇ بىرۇنزا دۇبۇلغا بىرۇنزا ساۋۇت ، بىرۇنزا ئۇتۇك كىيىپ ، قۇرال ياراقلىرىنى ئېسىپ ، ماسساگىت - ساك ۋە باشقا بارلىق تۇرانى قەبىلىلەرنىڭ چەۋاندازلىرىنى باشلاپ كەسكىن جەڭگە ئاتلاندى . ئىرانلىقلار بىلەن تۇرانلىقلار ئوتتۇرسىدا كەسكىن - شىىدەتلىك جەڭلەر باشلاندى ، باشلار كېسىلدى ، قانلار دەريا بۇلۇپ ئاقتى ، بۇرسلان ( قاپلان ) ، سىرتلان (بۆرە ) ، جەغرى (قارچۇغا ) ، بۈركۈت ، توغرۇل (بىر خىل يىرتقۇچ قۇش ) لار ،قەرنىجەق (چۇمۇلە ) لەر سان ساناقسىز جەسەتلەر ئۈستىدە بەزمە قىلىشقا باشلىدى . ھەر ئىككى تەرەپ جىق تالاپەتكە ئۇچرىدى ، ئاخىرى كەيخۇسراۋ مەغلۇپ بۇلۇپ چىكىندى ، بىراق ، چىگرىدا يەنە بىر قېتىم قاتتىق جەڭ بولدى . تەرىتۋارۇ ئۆزلىرىگە تەۋە بىر گەز ، بىر غېرىچ زىمىن ئۈچۈنمۇ جان تىكىپ ئېلىشتى . دۇشمەن ئۆز ماكانىغا قاراپ بەدەر قاچتى . لېكىن شۇ ئارىدا ھىلىگەر دۇشمەن ئاتقان يا ئۇقى تەرىتۋارۇنى ئېغىر يارىدار قىلدى . تۇران لەشكەرلىرى ھەم نۇسرەت تۇغىنى ھەم يارىدار تەرىتۋارۇنى كۆتۈرۈپ قايتىپ كېلىشتى . تەرىتۋارۇنىڭ يارىسى بارغانسىرى ئېغىرلىشىپ ئاخىرى ئۆز قارارگاھىدا جان ئۈزدى .
ئەردى ئاشىن تاتۇرغان ،
ياۋلاق ياغىغ قاچۇرغان ،
ئوغراق سۇسىن قايتارغان،
باستى ئۆلۈم ئاختارۇ
يەشمىسى
كىشىلەرگە ئاش تېتىتقان ،
دۇشمەنلەرنى قاچۇرغان،
ئاپەتلەرنى ياندۇرغان ،
بىراق ئۇنى ئۈلۈم يىقىتتىى .
ماسساگىت - ساكلار ئالىپ ئەرتۇڭانىڭ ئۆلۈمىگە بېغىشلانغان مەرسىيە داستانلىرىنى ئۇقۇش ئارقىلىق تەرىتۋارۇغا ئۆز قايغۇسىنى بىلدۇردى ۋە ئۇنى ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە ئەسلەشتى .
خيال ۋە ئەسلىمىلەر تەسىرىدە تۇمارىسنىڭ كۆز جىيەكلىرى يەنە ياش بىلەن نەمدەلدى . دادىسىدىن كىچىكلا قالغان سىپاراگاپىرىس سۆيۈملۈك ، ئەقىللىق ئانىسىنىڭ تەربىيىسىدە ئۆستى . ئەنە ئۇ بىر توپ يىگىتلەرنى ئەگەشتۈرۈپ گاھ ھارۋىلار سىپىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ، گاھ سول تەرىپىدە ، گاھ يىراقلاردا ئات چاپتۇرۇپ ، ئويناپ ، ئوۋ ئوۋلاپ يۈرمەكتە . كەچلىرى ئەلياتقۇ مەھەلدە ھىچكىمگە تۈيدۇرماستىن زارىنانىڭ ھارۋىسىغا چىقىدۇ . غەمسىز شۇخ يىگىت ياشلىق مۇھەببەتنىڭ گۇزەل چىمەنزارلىقىدا خۇشال جەۋلان قىلىپ ۋىسال پەيزىنى سۈرىدۇ .
- ئاھ ! - دەپ توۋلىدى باقشى ئەتراپتىكىلەر ئاڭلىغۇدەك ئاۋازدا ، - تەس - تەكىرما ( يۇپيۇمىلاق ) ، سىىۋالىيۇ (قوياش ) تەڭرىم ، ساڭا تىۋىنىمىز ، بىزگە مەدەت قىلغايسەن ، ساڭا تىۋىنىمىز !
پۈتكۈل سەپ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قۇياشقا تېۋىندى ، يەنە يوللىرىنى داۋام قىلدى . تۇمارىس ياشلىرىنى سۇرتۇپ يىراققا نەزەر سالدى . كەپتەرنىڭ بەخىتسىز تەقدىرى خىيالدىن زادىلا چىقىپ كەتمىدى . قېرى ھارۋىكەش ھەدەپ تىلما قامچىسىنى سىلكىيتى ، ئاتلار شامالدەك تېز چاپماقتا ئىدى . چاقلار سارغايغان كوكاتلارنى ، يايلاق گۈللىرىنى چەيلەپ - مىجىپ ئۈتەتتى . گۇگۇم پەردىسى يېيىلماقتا ئىدى . سوغ شامال يۈزلەرنى چاقاتتى . تۇمارىس قىشلىق قارار گاھىغا يېتىپ بېرىش ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن يوللارنى بېسىش كىرەك ئىدى .
قىز كۈچۈرگۇچىلەر ياكسارتىس دەرياسىدىن ئۆتۈپ بىر قۇنالغۇغا يېقىنلاشقاندا ، تۇمارىس يىراقتىن ئۈزىگە قاراپ ئۈچقاندەك ئات چاپتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىىككى ئادەمنى كۈرۈپ ھەيران قالدى .ئاز ئۆتمەي ئىككى ئاتلىق خان ھارۋىسىنىڭ روبىروسىغا كېلىپ توختىدى .
- ھە ساۋچىلار ( خەۋەرچى ، ئالاقىچى ) نىمە گەپ ؟ - سورىىدى تۇمارىس .
- پاكپۇر ( ساكلار ئۆز پادىشاھىنى شۇنداق ئاتايدۇ ) ئابا ( ئانا ، ئاپا) - پاكپۇر تۇمارىس ، بىزنىڭ ئەلگە ئەلچى كېلىۋىتىپتۇ .
- قايسى ئەلدىن ؟ - سورىدى تۇمارىس تېخىچە ھەيرانلىقى بېسىلماي سەل قىمىرلاپ قۇيۇپ .
- ئەھمانىلاردىن ، - جاۋاپ بەردى ساۋچىلارنىڭ يەنە بىرى ، - ئايغاقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە ، توققۇز نەپەر ئەلچى 90 ھارۋىدا ئارمىغان (سوۋغا سالام ، ھەدىيە ) ئېلىپ كېلىۋېتىپتۇ .
تۇمارىس خانلىق تاجى قادالغان تېرە قالپىغىنى بېشىدىن ئالدى ، قۇيۇق ، قۇڭۇر چاچلىرىدىن پۇرقىراپ ھور كۈتۈرۈلدى . چاچلار ئۇنىڭ قۇلاقلىرىنى يېپىپ يەلكىلىرىدە دولقۇنلاندى ،بۇغداي ئۆڭ ، زاڭاقلىرى سەل كۈتۈرۈلگەن ، سىىلىق يۈزى ئىككى ياندىن قورشاپ تۇرغان چاچلار ئارىسىدا ئاجايىپ گۇزەل ، لاتاپەتلىك كۈرۈنەتتى . ئالمىدەك يۇمۇلاق ئىڭىكى ۋە چىرايلىق ئۇزۇن بوينى ، ئاياللارغا خاس خۇشپىچىم ، قۇۋۋەتلىك گەۋدىسى ئۇنىڭغا بىر خىل غۇرۇر ، ئۇلۇغۋارلىق بەخش ئەتكەنىدى . كەڭ ، چىرايلىق پىشانىسىدە نۇر شولىسى چاقنايتى ، ئۇ ، تەرلىرىنى ئاستا سۈرتتى . تەرىتۋارۇ نىڭ ئۆلۈمىدىن كىيىن ئۇ كەيخۇسراۋ بىلەن ئىككى قېتىم ئۈرۈش قىلغانىدى . ھاياتنىڭ بارلىق جاپا مۇشكۈللىرى ، پاجىەلەر بىلەن نۇسرەت ، بەخىت گىرەلىشىپ كەتكەن قىسمەتلەر تۈپەيلى ھەمىشە ئوتتەك چاقناپ تۇرىدىغان سۈرلۈك ، كۆكۈش كۆزلىرىگە ئەمدىلىكتە تەگسىز خياللار سايە تاشلىغانىدى . ئۇ ، يىراقلارغا تىكىلىپ تۇرۇپ مۇنداق دىدى :
- ئۇلار ئارمىغاننى جىق ئېلىپ كەلگەن ، لېكىن ياخشى نىيەت بىلەن كەلمىگەن . مەيلى ، ئۇلار ئۇبدان كۈتىۋېلىنسۈن ، مەن دەررۇ يېتىپ بارىمەن !
ساۋچىلار قانداق تىز كەلگەن بولسا ، يەنە شۇنداق تىز لىكتە يېنىپ بىر ئىدىرلىقتىن ئۈتۈپلا كۆزدىن غايىپ بولدى . كۈن ئولتۇرۇش ئالدىدا باقشىلارنىڭ يىتەكچىلىكىدە ھەممەيلەن كۈن پېتىشقا قاراپ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ تېۋىنىش مۇراسىمنى ئادا قىلدى . گۇگۇم مەزگىلىدە تۇمارىس ئۆز ھارۋىسىغا ئاقساقال سەركەردىلىرىنى يىغدى . باشقىلار كەچلىك غىزا ئۈچۈن ئوت يېقىشماقتا ئىدى . يېقىن ئەتراپتىكى كۆچمەنلەر ئۆز پادىشاھىنىڭ بۇ يەرگە چۈشكۈن قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ كېلىپ ، قوي كالا ۋە ئوۋ غەنىمەتلىرىنى ھەدىيە قىلدى ، سىپارگاپىرىس زارىنانىڭ ھارۋىسىدا غىزالىنىشقا تۇتۇندى ، ئاقساقاللار ، سەركەردىلەر ، ئەھمانىلار ئەلچىلىرىنىڭ كېلىشى بىز ئۈچۈن ياخشىلىقتىن دېرەك بىرەمدۇ يوق ، دىگەن مەسىلە ئۈستىدە مۇلاھىزىگە چۇشۈشتى ، تۇمارىس ئىشنىڭ نەق ئۈزىگە كەلگەندە بىر قارارغا كېلىش كىرەكلىگىنى ئېيتتى .
مىلادىدىن بۇرۇنقى 530 - يىلى
سۇبھى يۇرۇپ ، شەرق ئاسمىنى سۈزۈلگەن چاغدا تۇمارىس بىلەن سىپارگاپىرىس تاڭشۇرۇلۇپ - توقۇلۇپ تەييار قىلىنغان ئاتلىرىغا مىنىشتى - دە ، خەزەر دېڭىزى ( ئارال كۇلى ) تەرەپكە كېتىشتى . تۇمارىس ئاددى ماسساگىتلارچە تېرە بەرتۇ (كەمزۇل ، پەشمەت ) ، تېرە باشماق ( ئاياغ كىيىم) كىيگەنىدى . بۇژغۇپ تۇرغان بۇلۇق چاچلىرى ئۇچلۇق تىرە قالپقى ئاستىدىن بېلىگىچە ساڭگىلاپ چۈشكەن بۇلۇپ ئىزغىرىن ، مۇزدەك سوغوق تاڭ شامىلىدا توختىماي يەلپۈنەتتى . سىپارگاپىرىس ئانىسىنىڭ نەگە باشلاپ ئاپىرىدىغانلىقنى بىلمەيتى . << نەۋرۇز بايرىمى ئۆتكۈزۈلىۋاتسا ، - دەپ ئويلايتتى گاراڭ ھالدا ، - ئانام مېنى زارىنا بىلەن ئوينىغىلى قويماي نەگە ئېلىپ بارىدىغاندۇ ؟ زارىنا كۆزلىرىگە ياش ئالغان پېتى قالدى . ئاھ زارىنا ، سۇيۇملۇكۇم .>> ئاتلار شامالدەك تىز چاپماقتا ئىدى تاڭنىڭ خىرە شىرە يۇرۇقىدا قۇم بارخانلىرى كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى . سىپارگاپىرىس ئويغا چومدى . زارىنا كېلىن بۇلۇپ كەلگەندىن بۇيان سىپارگاپىرىسنىڭ ھاياتى ئۆزگىچە تۈس ئالدى . زارىنا ئەقىللىق ، جەسۇر قىز ئىدى ، تۇمارىسقا ئوخشاشلا چاقماقتەك تېز ، ئۇچۇق ، كەسكىن سۆزلەيتى ، ھەر بىر ئىشنى ئىدىتلىق ، قاىدە يۇسۇنغا توغۇرلاپ ، ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئادا قىلاتىتى ، كۆچمەن تۇرمۇشنىڭ جاپا مۇشەقەتلىرىدىن قىلچە ۋايسىمايتتى ، ئۇنىڭ گۇلدەك گۇزەل ھوسنى ، بەرنا قامىتى مەغرۇرانە تىكىلىشلىرىدىن ئاجايىپ بىر جەزىبە - مەپتۇنكارلىق ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى . ئۇ ، مۇھەببەت گۇلشىنىدە يايرايتتى ، ۋىسال شارابىدىن مەس بۇلاتتى . ئەفرا سىياپنىڭ ئەۋلادى بۇلۇ ش سۈپىتى بىلەن ئۇ تۇمارىستىن قالسىلا ماسساگىت قىز ئاياللرى ئىچىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى
ھېلقى چاغدا ، ھارۋىلار ئۇستىدە ئايلىنىۋاتقان كەپتەرلەرنىڭ بىرىنى لاچىن سۇقۇۋاتقان كۈرۈنۈش پات پات ئىسىگە كېلىۋالاتتى . باقشى ئۇنىڭ ئاشۇ ئىش تۈپەيلى پەيدا بولغان ئەندىشىسىنى تۇگىتىش ئۈچۈن : << ئۇ ئىشنىڭ تەقدىرىڭ بىلەن مۇناسىېىتى يوق دەپ قويدى ، لېكىن ئۆزى شۇان زارىنانىڭ يېنىدىن چىقىپ خلۋەت بىر جايغا باردى دە پال تاشلىرنى قايتىدىن شاراقلاتتى ، بىشارەت ئوخشاش ئىدى . باقشى بىر ھازا جىمىپ كەتكەندىن كىيىن بۇتىلاقتەك بوزلاپ يىغلاپ كەتتى ، قۇياشقا تىۋىندى بىلگەنلىرىنى سىر تۇتۇشقا قەسەم قىلدى . زارىنا ھامان خۇشھال بەختلىك ئىدى . سىپارگاپىرىسمۇ ئۆز بەختىدىن مەمنۇن ئىدى ، ئوۋغا چىققاندىمۇ ، چەۋەندازلىق ماھارىتىنى مەشىق قىلغاندىمۇ زارىنانى پەقەت ئىسىدىن چىقارمايتتى .تۇران زىمىنىدا ئەنە شۇنداق قىش ئۇتۇپ كەتتى ، بىراق تۇمارىسنىڭ ئەسلىدىكى قىزغىن ئۇچۇق كەيپىياتىدىن ئەسەر يوق جىمغۇرلىشىپ كەتتى
- سىپارگاپىرىس ئانىسىنىڭ نىمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىشكە ئانچە قىزىقىپ كەتمەيتتى ، ئەمما ئانىسىنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانىدەك ئايلىنىپ يۈرەتتى . تۇمارىس ئەھمانىلار ئەلچىسى بىلەن كۈرۈشكەندىن كىينلا داۋاملىق چىرايى تۇتۇلىدىغان ، كەمسۇز بۇلۇپ قالدى . تۇمارىسنىڭ ھۇزۇرىدىكى ئاقساقاللار ، دانىشمەن - سەركەردىلەر ، باقشىلار ئۇنىڭ ئىچكى خاپىلىقنى چۈشىنەتتى ، ئەمما ھىچكىم بۇ توغرىدا ئېغىز ئاچمايتتى . چۈنكى ، ئۇلارمۇ پۈتكۇل ماسساگىت - ساكلارمۇ تۇمارسىنىڭ ئەقلىگە ، جاسارىتىگە ئىشىنەتتى ، تۇمارىس مەرد ، ئالىي پەزىلەتلىك ، قەھرىمان ، دانا ئايال ئىدى ، ھەر قانداق قىيىىن - مۈشكۈل مەسىلىلەرگە چۇقۇم ئاقىلانە تەدبىر بەلگىلەيدىغان پاراسەت ساھىبى ئىدى .
ئىىككى ئات ئۇچقاندەك چاپاتتى . قۇياش كۈتۈرۈلگەن ھامان ئانا بالا ئاتلىرىدىن چۈشۈپ شەرققە قەرەپ تىزلاندى -دە تىۋىنىشتى ، ئاندىن يۈلىنى داۋان قىلدى . قۇياش ئاغامچا بۇيى ئۆرلىگەندە ئۇلار بىر ئېدىرلىق ئوتتۇرسىدىكى ئېگىز دۆڭ يېنىغا كىلىپ توختاشتى . خەزەر دېڭىزى يىراقتىن تۇمانغا پۈركەنگەن ھالدا كۆرۈنۈپ تۇراتتى . تۇمارىسنىڭ كۆزلىرىدە غايىبانە بىر نۇرلۇق شولا چاقناپ ئوتتى .
ئوغلۇم ، - دىدى تۇمارىس بىر تۈپ شۈمشە ( ئادەملەر يەيدىغان بىر خىل گىياھ ) گە قاراپ بىر ئاز سۈكۈتتە تۇرغاندىن كىيىن ، - ئەشۇ گىياھنى ئۆستۈرگەن تۇپراقنىڭ ئاسىغا ئاتاڭ تەرىتۋارۇ كۆمۈلگەن ، ئۇنىڭ يېنىغا لىقمۇ لىق شاراپ تولدۇرۇلغان ، كومزەك بىلەن بىللە كۈمۈلگەن (ساكلار ئولگەنلەرنىڭ يېنىغا بىر كومزەك شاراپ قۇيۇپ بىللە كۇمەتتى ) ، دىمەك ئاتاڭنىڭ جەسىدى ئەبەدى چىرىمەيدۇ ، روھى ئەبەدى ئۆلمەيدۇ ، ئۇنىڭ روھى ئاللىقاچان سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭدا تىرىلگەن ، بۇ گېپىم ھەر قاچان ئىسىڭدە بولسۇن !
سىپارگاپىرىس تارام تارام ياش تۆككەن ھالدا ئاتىسىنىڭ ئۆلۈمىگە قايغۇرۇپ ، تۇپراققا قاراپ تەزىم قىلدى . تۇمارىس سۈزىنى داۋام قىلدى :
- ئىرانلىقلارنىڭ ئەھمان ئاتلىق يىتەكچىسى قۇراللىق ئىسيان قىلىپ مېدىيە پادىشالىقىدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەققىل بۇلىۋالغانىكەن ، شۇندىن بېرى ئەھمان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى بىزنىڭ زىمىنىمىزغا داىم تاجاۋۇش قىلىپ تۇرغانىكەن ، بىزنىڭ بوۋا ئاتىلىرىمىزمۇ ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلغانىكەن . مەسىلەن ئەڭ ئۇلۇق بوۋىمىز پادىشاھ جەمشىت ئىكەن ، ئۇنىڭ ئوغلى ئەفرىدۇن ، ئۇنىڭ ئوغلى تۇر ئىكەن ، تۇر ئۇزۇن يىل پادىشاھلىق قىلغانلىقتىن بۇ زىمنىن تۇران دەپ ئاتالغانىكەن ، تۇر ئەھمانىنىڭ ئوغلى تىسفىسنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ئۇرۇش قىپتۇ ، تۇرنىڭ ئوغلى يەسۇ بەخ (تارىخى مەنبەلەردە ھۇشەڭ دەپ ئاتالغان ) تىسفىسنىڭ ئوغلى ئارىيامۇنىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ئۇرۇش قىپتۇ . يەسۇ بەخنىڭ ئوغلى ئەفرا سىياپ يەنى ئالىپ ئەر تۇڭا دەپ ئاتالغان ئۇلۇغ بوۋىمىز ئارىيامۇنىنىڭ ئوغلى قوبىينى 1 نۆدەرنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ئۇرۇش قىپتۇ ، ئۇرۇش ئۇزۇن يىل داۋام قىپتۇ . ئەفرا سىياپنىڭ ئوغلى ئارجاسىپ - يەنى مېنىڭ چوڭ دادام ۋە ئەفرا سىياپنىڭ ئىنىسى گەرسىۋەزمۇ قۇبىينى 1 نۆدەرنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ئۇرۇش قىلغان . ئەمدىچۇ ئوغلۇم ، ئىسىڭدە بولسۈنكى تەرىتۋارۇ بىلەن مەن قۇبىينى 1 نۆدەرنىڭ نەۋرىسى ، مۇنى چەھرەنىڭ ئوغلى ، ئەھمانىلار سۇلالىسىنىڭ زىمنىنى كېڭەيتىپ ، قۇدرەتلىك ئېمپىريە ھالىتىگە كەلتۈرگەن مەشھۇر پادىشاھ ، ئاچكۆز كەيخۇسراۋنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ئۇرۇش قىلدۇق . ئاتاڭغۇ شۇنداق ئۇرۇشلارنىڭ بىرىدە ئېغىر يارىلىنىپ كىيىن قازا قىلدى . ئۇندىن كىيىنمۇ مەن كەيخۇسراۋ بىلەن ئىككى قېتىم ئۇرۇش قىلدىم . بۇندىن كىيىنمۇ بۇنداق ئۇرۇشلار يەن يۈز بېرىشى مۇمكىن . ئەل يۇرتنى تاجاۋۇزچىلاردىن قوغداش بىزنىڭ بۇرچىمىز ، ئىسىڭدە چىڭ تۇت
- سىپارگاپىرىس ناھايتى ئۇزۇن ، قىزىقارلىق بىر قىسسە - دەرىس ئاڭلىغاندەك بولدى . ئۇ ئېتىغا غەزەپ بىلەن بىر قامچا ئۇردى . قاغجىراپ كەتكەن دالا باغرىدا ئوت چۆپلەر ئەمىدىلەتىن بىخ سۈرۈشكە باشلىغانىدى . سىپاراگاپىرىس ئاتىسىنى ئويلايتتى ، ئاتىسىنىڭ مەردانە - جەسۈر قىياپىتىنى خىيالەن كۆز ئالدىغا كەتۈرەتتى . يۈرىكى غەزەپ ، قىساس يالقۇنلىرىدا لاۋۇلداپ ياناتتىى ، تۇمارىسمۇ ئۇنىڭ دەل مۇشۇنداق ھىسياتقا كىلىشىنى سۆزلەپ ئۆتمۈش توغرىسىدا سۆزلىگەنىدى . ئۇ ، ئات ئۈستىدە ئاستا كېتىۋېتىپ خىيالغا چۆمدى . ئەلچىلەر بىلەن دىيىشكەن گەپلەر ئۇنىڭ خىياللىرىنى چۇلغاپ تۇراتتتى . ئەشۇنداق روھى ھالەتلەر ئىچىدە ئۇ غورۇرنىڭ قاتتىق خورلۇققا ئۇچرىغانلىقىنى ، ۋىجدانىنىڭ ئازاپلىنىۋاتقانلىقىنى ئاستا - ئاستا چۇڭقۇر ھىس قىلاتتى . ئەشۇ خورلۇق ۋە ئازاپ ئۇنىڭ غالىپ جەڭچىلەرگە خاس يۈكسەك ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭ تاۋلايتتى .
كۈزدە تۇمارىس قىز كۈچۈرگۈچىلەرنى سالامەت ئېلىپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئاقساقاللارغا تاپشۈرۈپ ، ئۆزى بىر بۈلەك چەۋانداز - پاسىبانلىرى بىلەن ئالدىن يولغا چىققانىدى ، ئۇ ، كېچە - كۈندۈز توختىماي ئات چاپتۇرۇپ قارار - گاھىغا كەلگەندە بىر ئاقساقال : << ئەي ھورمەتلىك كاڭ ( پادىشاھ ، ساكلار تىلى ) ، ئەلچىلەر كەلگىلى ئىككى كۈن بولدى ، ئۇبدان مېھمان قىلدۇق ، ھازىر ئۇلار سېنى كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ >> دىدى . تۇمارىس ئالدىراپ كەتمىدى . ئۇ شۇ كېچىنى قانغىچە ئۇخلاپ ھاردۇقىنى چىقارغاندىن كىيىن ، يۇيۇنۇپ تارىنىپ ئاندىن سەھەردە ئاستىغا بۇرسلان ، ئېيىق ، تۈلكە ، بۇغا مارال تېرىلىرى سېلىنىپ ئۈستى سايىۋەن قىلىنغان ۋاقىتلىق قۇبۇل مەيدانىدا ئەلچىلەر بىلەن كۈرۈشتى . ئىككى تەرەپ روبىرو ئولتۇرۇشتى ، تېرە دەستۇرخانلار - ماسساگىتلارنىڭ يىمەك - ئىچمەك ئادىتى بۇيىچە تۈرلۈك ، مول تاماق - غىزالار بىلەن تولدۇرۇلدى، مەي شاراپلارنىڭ ئەڭ ئىسىللىرى قۇيۇلدى . دەستۇرخان يىغىشتۇرۇلغاندىن كىيىن ئەلچىلەرنىڭ چوڭى كەيخۇسراۋ ئەۋەتكەن 90 ھارۋىلىق سوغا سالامنى بىر بىرلەپ ئىسىمىنى ئاتاپ تۇمارىسقا ھەدىيە قىلدى . ئۈنچە - مەرۋايىتلار ، گۇھەر جاۋاھىرلار ، ئارپا بۇغداي ، خورما ، خورمىدىن ئىشلەنگەن شاراپلار شۈنچە جىق ئىدى . تۇمارىس ئادەت قاىدىگە مۇۋاپىق كەيخۇسراۋنىڭ ھىممىتىگە ۋە ئەلچىلەرگە كۆپتىن كۆپ رەخمەت ئېىيتتى ۋە شۇ جايدىلا يېنىدىكى ئاقساقاللاردىن بىرسىگە ، قۇبۇل قىلىنغان سوۋغاتلاردىن ئىككى ھەسسە كۆپ سوۋغا تەييارلاشنى ، ئەلچىلەر كېتىدىغان چاغدا كەيخۇسراۋغا ئەۋەتىدىغانلىقنى ئېىيتتى . ئاندىن ئىككى تەرەپ رەسمى سوھبەتكە ئۆتتى . تۇمارىس ئىنتايىن مەغرۇر ، ئەدەپلىك قىزغىن بىر قىياپەتتە ئىدى ، كەيخۇسراۋنىڭ قانداق ھىلىلەرنى ئويلاپ ئەلچى ئەۋەتكەنلىكىنىڭ سەۋەپلىرىنى كۆڭلىدە مۇلاھىزە قىلاتتى .
ئەلچىلەرنىڭ چوڭى ئورنىدىن تۇرۇپ ، ئەۋۋەل ئەھمانىلار سۇلالىسىنىڭ ھەمدە پادىشاھ كەيخۇسراۋنىڭ سەلتەنىتى توغرىسىدا ئاجايىپ دەبدەبىلىك ، پاساھەتلىك سۆزلەرنى ئېىيتقاندىن كىيىن مەقسەتكە كۆچتى : << ئۇلۇغ شاھىنشاھىمىز كەيخۇسراۋ ئالىلىرى ئۇزۇندىن بېرى سىلىنىڭ ھۆسىن ئىقلىمىدا يىگانە ، لەتاپەت ، پاراسەت بابىدا تەڭداشسىز ئىكەنلىكلىرىنى ئاڭلاپ غايىبانە ئاشىق بىقارا بۇلۇپ يۈرگەنىكەن ، بۇ قېتىم سىلىنى نىكاھىغا ئېلىش ئارزۇسى بىلەن بىزنى ئەلچىلىككە ئېىۋەتتى >> . تۇمارىس ئىتتىك ئورنىدىن تۇردى ، قەلبىدە پەيدا بولغان غەزەپ چىرايىغا تەپتى . <<كەيخۇسراۋ پادىشاھىڭ بويتاقمىدى >> دەپ سورىدى ئۇ   << ياق ، - دىدى ئەلچىلەرنىڭ چوڭى ، - كەيخۇسراۋ ئالىلىرى سىلىنى نىكاھىغا ئېلىپ ئەمرىدىكى ھەممە خانىشلىرىنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ بىرىنجى خانىش قىلماقچى ، شۇ ئارقىلىق سىلىگە بولغان ھورمەت ، مۇھەببىتنى پۈتكۈل ئالەمگە نامايەن قىلماقچى ، شۇنداقلا ئىران بىلەن تۇراننى سىلى بىلەن بىرلىكتە سورىماقچى . شاھىنشاھىمىزنىڭ بۇ ئۇلۇق مەقسەتلىرى ئەمەلگە ئاشسا تەڭرىمۇ ، پۈتكۈل ئالەممۇ خۇشال بۇلىدۇ ، ئەلۋەتتە >>. تۇمارىس غەزىپىنى باسالماي تىترەپ تۇرۇپ :
<< مەككار ! . . . مەن سېنى بىلمەمدىمەن ؟! >> ، بۇ گەپ ئەلچىلەرگە قارىتىلدىمۇ ، كەيخۇسراۋغا قارىتىلدىمۇ ، سوھبەت ئەھلى داماللىققا ئاڭقىرالماي بىر بىرىگە تەەججۇپ ئىلكىدە قاراپ قېلىشتى . تۇمارىسنىڭ كۆكۈش كۆزلىرى چەكچىيىپ چىرايى قورقۇنۇچلۇق تۈس ئالدى . ئۇنىڭ كوڭلىدىكىنى ئەمدىلەتىن چۈشەنگەن ئاقساقال ، سەركەردىلەر قىلىچلىرىنى قىنىدىن چىقىرىپ بىردىنلا ئەلچىلەرگە يۇپۇرۇلدى . تۇمارىس : << ئەلچىگە ئۆلۈم يوق ! >> دەپ توۋلىدى دە شارتتىدە كەينىگە بۇرۇلۇپ قۇبۇل مەيدانىدىن چىقىپ كەتتى
ئەلچىلەر ناىلاج قايتىشقا جابدۇنغاندا ، تۇمارىس كەيخۇسراۋغا ئەۋەتمەكچى بولغان سوۋغىلارنى ئەمەس ، بەلكى ئۇ ئەۋەتكەن سوۋغىلارنى ئەلچىلەرگە ئۆز پېتى قايتۇرۇپ بېرىشكە پەرمان بەردى . شۇ كۇندىن باشلاپ تۇمارىسنىڭ ئۇيقۇسى قاچتى ، ئىشتىھاسى تۇتۇلدى ، ئەقىل نۇرى چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىدە ئاچچىق غەزەپ ئوتى يېلىنجىدى ، گۇزەل چىرايىنى تەگسىز خىياللار بىلەن بۇلۇتى تۇسۇۋالدى . تۇمارىس كەيخۇسراۋنىڭ تۇران زىمىنىنى جەڭ بىلەن ئىشغال قىلىشنىڭ تەسكە چۈشۈدىغانلىقىغا كۈزى يىتىپ ، ئوز مەقسىتىگە نىكاھ ئەھدىسى ئارقىلىق يەتمەكچى بۇلۇۋاتقانلىقىنى ئېنىق چۈشىنىپ يەتكەنىدى . كەيخۇسراۋ ھەقىقەتەن ئۇچىغا چىققان ھىلىگەر ، رەزىل ئالدامچى ئىدى
-
- ئاتلار يورغىسىنى ئاستىلىتىپ ئالدىرماي بىر خىل رېتىمدا ماڭاتتى . تۇمارىس شۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ ئوغلىغا دىيىشكە تىگىشلىك قىسمىنى قىسقىچە سۆزلەپ بەردى . بۇنىڭسىزمۇ سىپار گاپىرىسنىڭ قەلبىدىكى قىساس يالقۇنى غايەت زور گۇلخانغا ئايلانماقتا ئىدى . نەۋرۇز بايرىمى داۋام قىلىۋاتاتتى . ھەممە يەردە ئادەملەر دېۇىزى ئوركەشلەيتتى . داقا دۇمناق ، نەي - تۆمرۈك ( داپ) سادالىرى ئەۋجىگە چىققان ئىدى . ماسساگىتلار قۇياشقا قاراپ قوللرىنى پۇلاڭلىتاتتى ، سەكرىشەتتى ، ئىلتىجا قىلىشاتتى . سىپارگاپىرىس ئاتىسىنىڭ تۇپراق بېشىدىن ئىنتايىن ئېغىرلاشقان ھالدا قايتىپ كەلدى . ئۇ ، ئانىسى بىلەن خەيرىلىشىپلا زارىنانى ئىزدەپ تاپتى . زارىنا بىر چەتتە بايرام ئەھلىگە قاراپ مۇڭلۇنۇپ ئولتۇراتتى ، ئۇ چاچلىرىغا جالا ، قۇلاقلىرىغا تۇلغاچ ( ھالقا ، سىرغا ) سالغان بولسىمۇ ، سىپارگاپىرىسنىڭ يوقلىغىدىن كوڭلى يېرىم ئىدى . سىپارگاپىرىس ئۇنى قۇلىدىن تارتقىنىچە خېلى ماڭغاندىن كىيىن ھارۋىنىڭ ئىچىگە ئەكىردى - دە باغرىغا باستى ، قەتئى بىر ئاھاڭدا قۇلىقىغا :
- مەن بۇگۇن باشقىچە بىر ئادەم بولدۇم ، يەنى ھەقىقى بىر ئادەم بولدۇم ، - دىدى پىچىرلاپ .
زارىنا كۈلۈپ كەتتى ، ئۇنىڭ نەزىرىدە سىپارگاپىرىس ھەقىقى ئەركەك ، كىلىشكەن ، سۇباتلىق باتۇر چەۋەنداز ئىدى . سىپارگاپىرىس زارىنانىڭ يۈزىگە ، لەۋلىرىگە سۈيۈپ تۇرۇپ ، ئانىسى بىلەن نەگە بارغانلىقىنى ، نىمىلەرنى كۆرگىنىنى ، ئانىسىدىن نىمىلەرنى ئاڭلىغىنىنى ، ۋە ئەمدى ئۈزىنىڭ قانداق قىلماقچى بۇلۇۋاتقانلىقىنى تەپسىلى دەپ بەردى :
- ئوغۇلنالىنى جەڭگە ياراتقان ، - دىدى زارىنا ھاياجانلىق بىر ئاۋازدا تىز تىز سۆزلەپ ، - سەن ئاتاڭنىڭ قىساسىنى ئېلىشىڭ كىرەك ، بولمىسا سەن بىر ئەرسۇ ( پەس ، قەدىرسىز نەرسە ) بۇلۇپ قالىسسەن .
- ئەيلۇق ! ئەيلۇق !( شۇنداق ، ھەە) - سىپارگاپىرىس سەل قىزارغان ھالدا دېدى ،- ئابام نېمىدىگەن سۈيۈملۈك ھەم مەردانە ئايال ھە ، ئۇ كەيخۇسراۋدەك قۇدرەتلىك بىر پادىشاھتىن قىلچە قورقمايدىكەن .
- سەنمۇ ئاتاڭدەك ، ئاباڭدەك قورقماس باتۇر بول !
ئىككىسى ئۇزاققىچە جىمجىت ئولتۇرۇشتى . نەۋرۇز بايرىمى بېدە كۈكى غىزاسىنى يىيىش بىلەن ئاخىرلاشتى . شۇندىن كىيىنكى كۈنلەردە تەبىەت ئۆز قوينىدا تۇرلۇك تۈمەن ناباتاتلارنى ئۆستۈردى ، يايلاقتا ھايۋاناتلارمال چارۋىلار ، ئۇچار قاناتلار كۆپەيدى . چوپانلار چالغان نەيلەرنىڭ ئاۋازى يىراقلارغا ئاڭلىنىپ تۇراتتى . بىر كۈنى سىپارگاپىرىس ئۇشتۇمتۇت يۇقاپ كەتتى . ساۋچىلار تۇمارىسقا :
- ئوغلۇڭ ياكساررتىس دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا توپ توپ چەۋاندازلارنى ھەرب (مەشق تاكتىكا ) قىلدۇرۋاتىدۇ ، دىدى .
تۇمارىسنىڭ ئەندىشىلىرى ئىپتىخارلىققا ئايلاندى . بىراق ، ئاز ئۆتمەي تۇمارىس تەپ كىسىلى بىلەن ئاغرىپ يېتىپ قالدى . ياز مەۋسۈمى كەلدى ، تۇمارىسنىڭ بەزى قىياسلىرى توغرا چىقتى . ئۆكۈز دەرياسىنىڭ غەربىدىن ۋە قاراقۇم ( تۇركمەنىستاندىكى چۆل قۇملۇق ) چۆللىرىدىن ئات چاپتۇرۇپ كەلگەن ساۋچىلار كەيخۇسراۋنىڭ لەكمىڭ لەكمىڭ لەشكەرنى باشلاپ ، نۇرغۇن قەبىلە - ئەللەرنى بېسىۋېلىپ ، مۇشۇ تەرەپكە ئىلگىرلەپ كېلىۋاتقانلىقىى ھەققىدە بىر بىرىدىن جىددى ، قۇرقۇنۇچلۇق خەۋەرلەرنى ئېلىپ كەلدى .
ئاقساقاللار كېڭىشىدە تۇمارىس ئۈزىنى ئاران تۇتۇپ ئولتۇراتتتى . كېڭەش ئەھلى جەڭگە پۇختا تەييارلىق قىلىپ ، دۈشمەنگە ئۇمۇميۇزلۇك ئاتلىنىش پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويدى ، ھەتتا تۇمارىس كىمنى قۇماندانلىققا تەيىنلىسە ، شۇ دەرھال ئاتلىندىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى .
- بولمايدۇ ، - دىدى ئاقساقاللار كېڭىشىگە تۇنجى قاتنىشىش سالاھىيتىگە ئىرىشكەن سىپارگاپىرىس ، - بۇنداق قىلساق قان تۈكۈلۈش كۆپ بۇلىدۇ . مەن تازا خىللانغان ئۈچ توتمىڭ چەۋانداز بىلەن ئاتلىنىپ دۈشمەننى كەلگەن جايىغا قوغلىۋېتىمەن . ئابا ، بۇ قېتىم جەڭگە مېنى ئەۋەت !
- جەڭ قارقۇم چۆللرىدىن باشلاندى ، كەيخۇسراۋ نىڭ لەشكەرلىرى بىر قانچە يولغا بۇلۇنۇپ ، ئايرىم ئايرىم سەپ تۈزۈپ جەڭگە تەييارلاندى . سىپارگاپىرىس چەۋاندازلىرىنى بولمەي پۈتۈن توپى بىلەن دۈشمەننىڭ غەربى شىمال تەرەپتىكى سېپىگە قارشى ئاتلاندۇردى ، ھەمدە ئۇلارنىڭ باشقا سەپلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈۋەتتى . ئىككى تەرەپ دەسلەپ ئادەت بىۇيىچە پالۋانلىرىنى ئوتتۇرغا چىقىرىپ يەكمۇ يەك ئېلىشتى . سىپارگاپىرىس بىرىنچى بۇلۇپ مەيدانغا چۈشكەنىدى ، ئۇ شىىدەت بىلەن ھۇجۇمغا ئۈتەتتى ، ئەپچىللىك بىلەن نەيزە ئۇراتتى ، رەقىبىنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە ئېتىدىن قاماللاپ ئېلىپ بېشى ئۈستىدە كۈتۈرگىنىچە چەۋاندازلىرىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ تاشلايتتى ، بەزىدە چىكىنگەن بۇلۇپ تۇيۇقسىز كەينىگە بۇرۇلۇپ قوغلاۋاتقان رەقىبىنى شارت قىلىپ چېپىپ تاشلايتتى . ئاخىردا ناغرا دۇمباق چېلىندى ئىككى تەرەپ بىر بىرىگە تاشلاندى .بوراندەك تىز قوغلاش ئەسىر ئېلىش ئوڭ ياكى سول ياندىن ئۇشتۇمتۇت زەربە بېرىش ، جەڭ غەنىمەتلىرىنى يىغىش بىلەن ياز ئايلىرمۇ ئۆتۈپ كەتتى ، ھاۋا سۇۋۇشقا باشلىغاندا ھەر ئىككى تەرەپ قايتىدىن جانلىنىپ قالدى ، كەيخۇسراۋنىڭ غەربى جەنۇبىدىكى سېپىمۇ ئاخىرى جەسەتلەر دۆۋىسىگە ئايلاندى . قالدۇق لەشكەرلەر يارىدارلىرىنى تاشلاپ قېچىشتى .
سىپارگاپىرىس دۈشمەننىڭ 3 - سىپىگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقاندا ، كەيخۇسراۋ چېكىنىش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى ، ئۇ مەغلۇپ بۇلىدىغانلىقىغا كۈزى يىتىپ ھەربى كۈچىنى ساقلاپ قېلىپ كىيىن ھۇجۇم باشلاش نىيىتىگە كەلگەن ئىدى ، سىپارگاپىرىس دۈشمەننى چىگرىدىن ئۆتكۈزۋېتىپ قايتتى ، ئۇنىڭ ئېتىغا ئۆزى ئۆلتۇرگەن دۈشمەن سانىغۇنىنىڭ بېشى سېلىنغان تۇلۇم غانجۇغلانغانىدى .
سىپارگاپىرىس ئۆز چەۋەندازلىرى بىلەن ئۆكۈز دەرياسى بۇيىدا دەم ئالغاچ غەلبىنى تەبرىكلەۋاتاتتى . دۈشمەن سانىغۇنىنىڭ بېشى سۇيۇلۇپ ، مېڭىسى چىقىرىۋېلىنىپ جام ياسالدى . سىپارگاپىرىس ئەشۇ جامدا قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن جەڭچىلەرگە شاراپ تۇتماقتا ئىدى . ھەممەيلەن غەلبە شادلىقى ۋە شاراپ تەسىرىدىن غەرق مەس بولغاندا كەيخۇسراۋ كۆرسەتكەن ئەقىل بۇيىچە ئۇنىڭ ماسساگىتلارچە ياسانغان بىر توپ لەشكەرلىرى تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كېلىپ سىپارگاپىرىس ۋە ئۇنىڭ ئون نەچچە سەركەردىسىنى ئەسىر ئېلىپ باغلاپ ئېلىپ كەتتى .
مىلادىدىن بۇرۇنقى 529 -يىل
مۇزلار ئىرىپ سۇلار ئۇلغۇيۇپ ياكسارتىس دەرياسى بىلەن ئۆكۈز دەرياسى دەھشەتلىك نەرە تاتىشقا باشلىدى . غەرپ تەرەپتىن ئاچكۆز ، ياۋۇز مەككار ھەمدە كۈچلۇك بىر ئەجدىھا تۇران تەرەپكە كەلمەكتەىدى .
سىپارگاپىرىسنىڭ نۇسرەت تۇغىنى جەۋلان قىلىپ تۇيۇقسىزلا غايىپ بۇلۇشى پۈتكۈل ماسساگىت ساكلارنى قاتتىق چۆچۈتىۋەتتى ، تۇمارىس بىلەن زارنىنانىڭ غەم ئەندىشىسى ھەممىدىن بەك ئېغىر ئىدى ئاغمىخاندەك چاققان ، بۇرىدەك چەبدەس ساۋچىلار ، چاپارمەنلەر ئايغاقچىلار تەرەپ تەرەپتىن ئىزدەپ ھەتتا نىقاپلىنىپ چىگرىدىن ئۈتۈپ ئەھمانىلار سۇلالىىسىنىڭ پايتەختىگىچە باردى . ئىشەنچىلىك خەۋەر ئاخىرى قىش ئاخىرلىشاي دگەندە ئاندىن تۇمارىسقا يەتكۈزۈلدى .
ئاقساقاللار كېڭىشىدە تۇمارىس بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى ، ئۇ كېڭەش ئەھلىلىرىنىڭ سىپارگاپىرىس نى قۇتقۇزۇش ئۇسللىرى توغرۇلۇق ئاقىلانە بىر گەپ قىلىشنى كۈتەتتى ، ئۇلار بولسا ئاۋال تۇمارىسنىڭ بىر نىمە دىيىشىنى خالايتتى .
سۈكۈت يۈرەكنى ئىزىدىغان سۈكۈت داۋام قىلماقتا ئىدى . تۇمارىس كېڭەشنىڭ مۇنداق ئوڭايسىز ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىغا تاقەت قىلالماي چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى . دەل شۇ چاغدا چاڭ كۈتۈرلۇپ بىر ساۋچى ئات چاپتۇرۇپ تىزلىكتە يېتىپ كەلدى .
- پاكبۇر ئابا ، پاكبۇر ئابا  
- كىلاجۇ (سوزلە دۈگەن مەنۈدە ) تۇمارىسنىڭ كۆزلىرى ساۋچىغا مىختەك تىكىلدى .
- يېغى كىلىۋاتىدۇ ! تۇران قانغا پاتتى ! ھېلىقى ئەجدىرھا يەنە ھوكىرەپ كېلىۋاتىدۇ !
كەيخۇسراۋ قىشتىن بېرى جىىدى تەييارلىنىپ ، تۇران زىمىنىغا غەرپ ، شىمال جەنۇپ تەرەپتىن تەڭلا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنىدى ، ئۇلار كۈندۈزلىرى ، كېچىلىرى چاقماق تىزلىكىدە ئىلگىرلەپ ئاۋارلار ، سوغدىلار ۋە ساكلار ياشاۋاتقان زىمىنلارنى قانغا پاتتۇرۇپ ، ئۆكۇز دەريا ۋادىلىرىغىچە يېتىپ كەلدى .كەيخۇسراۋ دەريا بۇيىدىكى سىپارگاپىرىس شاراپ ئىچكەن ، ئەسىرگە چۈشكەن جايغا ئۆز نامىغا ئاتاپ بىر شەھەر بىنا قىلىشقا تۇتۇندى .
تۇمارىسنىڭ قۇشۇمىلىرى تۇرۇلدى ، ئەمدىلىكتە ئاقساقاللارنىڭ ، سەركەردىلەرنىڭ دانىشمەن باقشىلارنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىگىمۇ ھاجەت قالمىغانىدى . نامەر دۇشمەن بىلەن پەقەت جەڭ قىلىش ۋەانا تۇپراقنى قوغداپ قېلىشلا بىر دىنبىر چارە ئىدى .
تۇمارۈس ھەش پەش دۈگچە خانلۈق تاجۈ قادالغان بۈرۇنزا دۇبۇلغۈسۈنۈ ، بۈرۇنزا ساۋۇتنۈ بۇرۇنزا زەنجۈرلۈك شۈم پايپۈقۈنۈ ، بۈرۇنزا ئېۇتۇكۈنۈ كۈيگەن بۇلۇپ گۇرگەن ( ھازىرقى ئۇرگەنچ شەھىرى ) نۈڭ مەشھۇر ئېۇستلۈرۈ ھەدۈيە قۈلغان ئېۆتكۇر قۈلۈچۈنۈ بۈرۇنزا كەمۈرۈگە ئېاسقان ، ئېۇزۈنۈڭ مەخۈسۇس تۇلپارۈغا مۈنگەن بۇلۇپ توپ ئېالدۈغا پەيدا بولدۈ . ئېۇ قۈلۈچۈنۈ سۇغۇرۇپ ئېېگۈز كۈتۈردۈ ۋە :
- ماسساگۈتلار – ساكلار ، پۈتكۇل تۇرانۈ قەبۈلۈلەر جەڭگە ! – دەپ ۋاقۈردۈ .
- - تۇران ئېۈچۈن جېنۈمۈز پۈدا - قانغا قان !
- جانغا جان !
دۈيۈشۈپ ، چۇقان سېلۈشۈپ ھەممەيلەن قېلۈچلۈرۈنۈ قېنۈدۈن سۇغۈرۈپ ھاۋادا پۇلاڭلاتتۈ ، شۇ ھامان ساۋچۈلار ، چاپارمەنلەر ، ئا قساقاللار ، سەركەردۈلەر بەلگۈلەپ بەرگەن مەنزۈللەرگە ئېات سېلۈشتۈ . تۇمارۈسنۈڭ پەرمانۈ پەرغانە ئېويمانلۈقۈدا ، پامۈر تاغلۈرۈ ئېەتراپۈدا ياشايدۈغان ساك ھاماۋەرگە مۇقەددەس دەرەخلەرنۈڭ يۇپۇرماقلۈرۈغا چۇقۇنۈدۈغان ساكلارغا يېتۈپ باردۈ . ئېالاي (قىرغىزىستاننىڭ بىر رايۇنى ) ۋە بالقاش كۈلۈ ، ئېۈسسۈقكۆل ( قىرغىزىستاندىكى كۆل ) ۋە تەڭرۈتېغۈنۈڭ شۈمالۈ ۋە جەنۇبۈدا ياشايدۈغان ساك تۈگراخۇدا – قۈرلۈق جەز قالپاقلۈق ساكلارغا ، ھەم ئېۆكۈز دەرياسۈ ۋاۈدسۈدا ، خەزەر دېڭۈزۈ ، كاسپۈ دېڭۈزۈ بويلۈرۈدا ياشايدۈغان ساك قايتارا – دۈيارا دەرياسۈنۈڭ ئېۇ تەرۈپۈدۈكۈ ساكلارغا يېتۈپ باردۈ ، ھەم شۇ زۈمۈندا ساكلار بۈلەن قېرۈنداش بۇلۇپ ياشاۋاتقان ئېاۋار – ئېارۈيان ، ھۇنگار ، تۇرا ، تۇرك ، توخرۈ . . . لارغۈمۇ يېتۈپ باردۈ . بۇ زۈمۈندا ياشايدۈغان قەبۈلە ئېەجداتلۈرۈدۈن تارتۈپ ھەم كۆچمەن ھەم چوپان ، ھەم ئېوۋچۈ ھەم چەۋەنداز جەڭچۈ ئېۈدۈ . كۈچۈكۈدۈن تارتۈپ ئېات مۈنۈش نۈ ، قۈلۈچ نەيزە ئېۈشلۈتۈشنۈ ، ئېوقيا ئېتۈشنۈ ئېۆگۈنۈپ ماھۈر چەۋەنداز بۇلۇپ يۈتۈشەتتۈ ، جەڭ ئۇرۇش توغرۈسۈدكۈ پەرمان كەلگەن ھامان ئېۆزلۈكۈدۈن قوزغۇلۇپ ، سەپ تۈزەتتۈ ، جەڭ ئېاتلۈرۈنۈ ۋە ئېۇنۈڭ جابدۇقلۈرۈنۈ ، جەڭ قۇراللۈرنۈ ، يۈمەك ئېۈچمەكنۈ ئېۆزلۈرۈ غەملەيتتۈ . چەۋانداز بولمۈغان ، جەڭ كۆرمۈگەن يۈگۈتلەرنۈڭ ئېۆز قەبۈلۈسۈ ئېارۈسۈدا قۈلچە يۈز ئېابرويۈ بولمايتتۈ ، قۈزلارمۇ ئېۇنداقلارنۈ پەس كۈرۈپ ياراتمايتتۈ ، تەگمەيتتۈ .
تۇرانلۈقلار تۇمارۈسنۈڭ قارااگاھۈغا شامالدەك تۈز يېتۈپ كېلۈشتۈ . ئېەرەنچە ياسۈنۈۋالغان جۇۋان قۈز چەۋەندازلارمۇ ناھايتۈ نۇرغۇن ئېۈدۈ . زارۈنا ئېۇلارغا باش بۇلۇپ سەپ تتۈزۈۋاتاتتۈ .ئېارسلان تۈرۈسۈدە ياسالغان ئېۈچ بۇرجەكلۈك جەڭ تۇغۈ ھەر بۈر سەپنۈڭ ئېالدۈدۈكۈ تۇغچۈنۈڭ قۇلۈدا لەپۈلدەيتتۈ .
- تۇمارىس ئۆكۈز دەرياسى ۋادىسىغا يېتىپ كېلىپ بارىگاھ تىكىتى . ياپيېشىللققا چۆمگەن تۇران تۈزلەڭلىكى باھار قۇچىقىدا ئەللەيلىنەتتى . تۇمارىسنىڭ ئالدىغا ساۋچىلار ، چاپارمەنلەر ، ئايغاقچىلار كىلىپ كىتىپ تۇراتتى . بۇلار : ئەي پەكبۇر ئابا ، كەيخۇسراۋ سەن كېلىشتىن بۇرۇن دەريانىڭ غەربى جەنۇپ تەرىپىگە كېلىپ بولغان ، ئەمما ئۇ بارىگاھ تىكمىدى .
- ئەي ئۇلۇغ ئابا ، كەيخۇسراۋ بىر ياخشى جايغا قورغان بىنا قىلىۋاتىدۇ ، دىيىشەتتى .
بارىگاھ تىكمىگەنلىك كەيخۇسراۋنىڭ دەريادىن ئۈتۈپ ، داۋاملىق ئىچكىرلەپ ئۇرۇش قىلىىپ تۇران زىمىنىنى پۇتۇنلەي ئىستىلا قىلىشىدىن دىرەك بېرەتتى ، بىنا قىلىۋاتقان قورغىنى بولسا ، ئۇنىڭ قالدۇرماقچى بولغان نام نىشانى ئىدى . بىر ساۋچى قاراڭغۇ چۈشكەندە يىتىپ كەلدى .
- كەيخۇسراۋ دەريا لىۋىگە چۈلۈك ( چىنارنىڭ بىر خىلى ) ياغىچىدىن 70 گەز ئىگىزلىكتە بىر مۇنار ياساتقۇزۇپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىپارگاپىرىسنى ئۆرە تۇرغۇزۇپ قۇيۇپتۇ ، ئۇنىڭ ئىككى قۇلىنى ئايرىم ئايرىم ئىككى ئۇنۇقتا ( ئارغامچا ) باغلاپتۇ ، ئۇنۇقلارنىڭ ئۈچلىرىنى پەستە ئىككى لەشكەر چىڭ تارتىپ تۇرۇپتۇ .
تۇمارىسنىڭ تاپىنىدىن بىر پاتمان ئوت كىرىپ مىڭىسىدىن چىقىپ كەتتى ، چىرايى بىر قارىداپ يەنە ئەسلىگە كەلدى .تاڭ ئاتقاندا كەيخۇسراۋنىڭ ئەلچىلىرى دەريادىن ئۆتتى . تۇمارىس كەيخۇسراۋ بىلەن سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇلارنى قايتۇرىۋەتتى ، ئاندىن بارىگاھتىن چىقىپ دەريا بۇيىغا ئاتلىق يىتىپ كەلدى . دەريا سۈيى لايقىلىپ ، قىنىغا پاتماي ، تاشقىنلاپ - ئۆركەشلەپ ئاقاتىتى . تۇمارىس مۇنار ئۈستىدە ئوغلىنى كۆردى . كەيخۇسراۋ مۇنارنىڭ يېنىدا قۇرۇغلۇق ۋاقىتلىق تەختىدە گىدىيىپ ئولتۇراتتى . ئۇمۇ ئاتقا مىنگەن بىر ئايالنى كوردىدە ، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ھىجايغاندەك قىلدى . تۇمارىس ئۇنىڭغا قىلچە پەرۋا قىلماستىن پەقەت ئوغلىغىلا قارايتتى . سىپارگاپىرىس بېشىنى تىك تۇتۇپ بۇ تەرەپكە نەزەر سېلىپ تەلمۈرۈپ تۇراتتتى . كەيخۇسراۋ بىر نىمىلەرنى دىگەندەك قىلدى . دەريا سۈيى شاۋقۇن سېلىپ ، گۇركىرەپ تۇرغاچقا تۇمارىس رەقىبى بىلەن سۆزلەشسىمۇ ھەر ئىككى تەرەپ بىر بىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلىيالمايدىغانلىقىغا كۈزى يېتىپ شۇان بارىگاھقا قايىتپ كەلدى ۋە كەيخۇسراۋغا ماڭدۇردىغان ئەلچىلەرگە مۇنداق دىدى :
- تۇمارىس دەيدۇ : ئەي ئەشەق ( تۈۋەن ، پەس ) ، ئۆترۈك ( ھىلىگەر ، ئالدامچى يالغانچى) قانخور زالىم پادىشاھ كەيخۇسراۋ ! . . . . قىلغان ئىشىڭ بىلەن ماختانمايلا قوي ، سەن ئوغلۇمنى يۈزمۇ يۈز جەڭ قىلىپ يەڭگىنىڭ يوق ، ئۇ سىنى يېڭىپ غەلبىنى تەبرىكلەپ بەزمە قىلىۋاتقاندا ھىيلە - مىكىر ئىشلىتىپ تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلدىڭ . ئەمدى مېنىڭ مەسلىھەتىمگە كىر ، ئوز ماكانىڭغا زىيان - زەخمەتسىز كېتەي دىسەڭ ئوغلۇمنى ئۆزەمگە قايتۇرۇپ بەر ! چۈنكى مەن قان تۈكۈشنى خالىمايمەن ! ئەگەر ئۇنىمىساڭ ، ماسساگىت - ساكلارنىڭ تەڭرىسى سىۋالىيۇ بىلەن قەسەمكى ، مەن سەندەك ئاچكۆز يۇھانى قان بىلەن سۇغۇرىمەن !!!. . .
- ئەلچىلەر قايتىپ كېلىشىگە كەيخۇسراۋنىڭ ئەلچىلىرى كەلدى ، ئۇلارمۇ كەيخۇسراۋنىڭ سوزلىرىنى تۇمارىسقا يەتكۈزدى :
- مەن ماسساگىتلارنىڭ خانى ، گۇزەل - چىرايلىق تۇمارىسقا ئاشىق بىقارا . ئۇ مىنىڭ نىكاھىمغا ئۈتۈپ ، خانىشىم بۇلۇپ ، ئىران بىلەن تۇرانغا بىرلىكتە ھوكۇمران بۇلۇشقا قۇشۇلسىلا ئوغلىنى ئازات قىلىمەن ، ھەم ئۇ بىزنىڭ تەخىت ۋارىسىمىز بۇلىدۇ . تۇمارىس بۇنىڭغا قۇشۇلمىسا ئوغلىنى تاپشۈرۈپ بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن ، ئۆكۈز دەرياسىدىن ئۈتۇمەن ، تۇران زىمىنى زەبىت قىلىپ ، پۈتكۈل ئادەملىرىنى ئۆزۈمگە قۇل قىلىمەن !
ئەلچىلەر كەتتى ، ئەمدى سەبىر قىلىشقا بولمايتتى ، تۇمارىس ئوغلىنىڭ ھاياتىنى ، بەختىنى دەپ كەيخۇسراۋدەك ئەشەددى دۈشمىنىنىڭ نىكاھىغا ئۆتكەندىن ، شۇ ئارقىلىق ئۆز ئىلىنى خار زەبۇنلۇقتا قويغاندىن كۆرە ئۈزىگە ئۆلۈمنى ئەلا كۈرەتتى . ئۇ ، ئاقساقال سەركەردىلىرىنى ، چەۋەنداز - جەڭچىلىرىنى باشلاپ دەريا بۇيىغا كەلدى . سىپارگاپىرىس ھېلىھەم مۇنار ئۈستىدە تۇراتتى ، تۇمارىسنىڭ كۆزلىرى لىققىدە ياشقا تولدى . ئەتراپتىكىلەر ئالا چۇقان كۈتۈردى ، زارىنا بىرلا چىقىراپ ئاتتىن ئۇچۇپ چۈشتى ، ئۇ ھۇشىدىن كەتكەنىدى . تۇمارىس ئات ئۈستىدە تۇرۇپ قىلىچىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ھاۋادا ئىككى ياققا ئۈچ قېتىم شىلتىدى ، بۇ دۈشمەن بىلەن مۇرەسسەلەشمەيدىغان بەلگە ئىدى . سىپارگاپىرىس پەقەت شۇ دەقىقىدىلا ، شاراپ ئىچىپ دۇچار بولغان ئاقىۋېتىنىڭ ئۆزىنى ئۈلۇمگە ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ قاتتىق پۇشايمان قىلدى ، يىگىتلىك ۋىجدانى ، ئار نۇمۇسى ھەممىدىن غالىپ كەلدى ۋە ئۈزىنى مۇناردىن كۆۋەجەپ ئېقىۋاتقان سۇغا ئاتتى . ماسساگىتلار شۇان ئالا - چۇقان ، داد پەريات كۆتۈرۈشۈپ دۈشمەن تەرەپكە يالىرىدىن ئوق ئۈزۈشتى ، قارشى تەرەپتىنمۇ ئوقلار ئۇچۇپ كەلدى . سىپارگاپىرىس ئارغامچىلارنىڭ ئۇچلىرىنى چىڭ تۇتۇپ تارتىۋاتقان ئىككى لەشكەرنى سۇ تەرەپكە تارتتى كەيخۇسراۋنىڭ پەرمانى بىلەن يەنە توتتىن سەككىز لەشكەر ئارغامچىلارنىڭ ئۇچلىرىغا ئېسىلدى . كەيخۇسراۋ سىپارگاپىرىسنىڭ سۇغا چۈكۈپ ئۆلۈشىنى خالىمايتتى ، ئۇ، ئۇنى ئانىسىغا كۆرسۈتۈپ ئۆز قۇلى بىلەن ئۆلتۈرۈشنى ئويلايتتى . سىپارگاپىرىس بىرلا ئۇخچۇپ موللاق ئېتىپ سۇ يۈزىگە چىقتى ، ئارغامچىلارنى بار كۈچى بىلەن تارتىپ ئون نەپەر دۈشمەننى دەرياغا سۆرەپ ئەكىرىپ كەتتى . دۈشمەنلەر سۇغا غەرق قىلىۋېتىلدى ، سىپارگاپىرىس ئۆزىمۇ قاتتىق كۈچىگەنلىكتىن ھالسىراپ بۇلالماي قالدى . شىددەتلىك دولقۇن زەربىسىدە تەتۈر قاينامغا چۈشۈپ قېلىپ چۆرگىلەپ پىقىراپ سۈ تەكتىگە كىرىپ كىتىپ غايىپ بولدى .قاراپ تۇرغان كەيخۇسراۋ :
- بەكلا ياش ئېۈكەنسەنغۇ ، لېكۈن ئېاجايۈپ باتۇر ، ئېار نۇمۇسلۇق ئېوغلان ئېۈكەنسەن ، شۇڭا مېنۈڭ قۇلۇمدا ئېۈلۈشتۈنن ئېۆزۈڭنۈ ئېۆلتۈرۋېلۈشنۈ شەرەپ بۈلدۈڭ ، مۇبادا شۇنداق قۈلمۈغان بولساڭ مەنمۇ سېنۈ ئېۆلتۈرۈۋېتەتتۈم ، ھەي ھايات قالدۇرغان بولسام ، كەلگۇسۈدە مەشھۇر سەركەردە ، غالۈپ قۇماندان بولاتتۈڭ ، ئېۈسۈت ! – دۈدۈ .
ئىككى تەرەپنىڭ مەرگەنلىرى بىر بىرىگە بىر - بىرىگە جان جەھلى بىلەن ئوق ئېتىشاتتى ، ئوقلارنىڭ كۆپىنچىسى دەريا ئۈستىدىكى بوشلۇقتا بىر بىرىگە سۇقۇلۇپ سۇغا چۈشۈپ كېتەتتى . ئېتىشىش تازا ئەۋجىگە چىققاندا كەيخۇسراۋنىڭ مەرگەنلىرى ئېتىشتىن توختىدى ، كەيخۇسراۋ چىكىنىشكە پەرمان بەرگەن ئىدى .
تۈن كىچە تۇمارىسنىڭ بارىگاھى ئەتراپىدا يىغا بىلەن قۇشۇلۇپ ئېيتىلغان ئالىپ ئەرتۇڭا داستانى تاڭ ئاتقىچە توختىمىدى .
ئۇلىشىپ ئېرەن بورلەيۇ،
يىرتىپ ياقا ئورلايۇ .
سىقىرىپ ئۇنى يۇرلايۇ،
سىلتاپ كۆزى ئۆرتۈلۈر
مەنىسى
ھەممەيلەن بورىدەك ئوۋلاشتى،
ياقىلىرنى يىرتىپ ۋارقىراشتى .
ئۈشتەك ئاۋازىدەك ئىڭراشتى ،
يىغلاپ كۈزى ئورتەندى .
ناخشا ئاۋازى دەريا دولقۇنلىرىنىڭ گۈكىرىگەن ئاۋازىغا ئوخشايتتى . ماسساگىت جەڭچىلىرى ئەشۇ مەرسىيلىك ناخشا ئارقىلىق ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان قەھرىمانى سىپارگاپىرىسنىڭ ئۆلۈمىگە بولغان قايغۇسىنى ئىپادىلەيتتى ، زارىنا ياقا يىرتىپ پەرياد ئۇراتتى ، تۇمارىس ماتەم سۈكۈتىگە چۆمگەنىدى . بۇ ھال پۈتكۈل تۇران چەۋاندازلىرىنىڭ قېنىنى قايناتتى . ئارىدىن 3 كۈن ئۈتۇپ كەتتى . ساۋچىلار كەيخۇسراۋ لەشكەرلىرىنىڭ گاھ دەريانىڭ ئۇ قېتىدا ، گاھ بۇ تۈۋەن ئېقىنىدا پەيدا بۇلىۋاتقانلىقىنى خەۋەرقىلىدى . ماسساگىت - ساكلار گۇيا پەرۋانىغا ئوخشاش قەيەردە ئۆت كۈرسە شۇان ئۆزىنى ئۇرىدىغان ھالەتكە كەلگەنىدى . تۇمارىس كەيخۇسراۋنىڭ ھىيلە مىكىر ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ھۇشيارلىق بىلەن سېزىۋالدى ۋە ئەلچىلەرنى تەيىنلەپ مۇنداق دىدى :
- تۇمارىس دەيدۇ : ئەي تەكەببۇر ، مەككار پادىشاھ ! بىز بىلىمىزكى ، سەن تىنچلىقنى خالىمايسەن ، شۇ سەۋەپتىن ئۈستىمىزگە ئات سېلىپ كەلدىڭ . ھازىر بىزنى پەقەت دەريا لا ئايرىپ تۈرىدۇ ، ئۇرۇشماقچى بولساڭ ، گاھ پەيدا بۇلۇپ ، گاھ غايىپ بۇلۇپ بىزنى ئاۋارە قىلما ، ھىيلە مىكىر ئىشلەتمە ، مەرتلەرچە مەيدانغا چىق ! دەرياغا كوۋرۈك سالىمەن دەپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزمە . بىزگە ئېيتساڭ بىز ساڭا دەخلى يەتكۈزمەي ئۈچ كۈنلۈك يەرگە يوتكىلىپ كىتىمىز ، بىمالال دەريادىن ئۆتسەڭ ، ئۇندىن كىيىن يۈزمۇ يۈز ئۇرۇش قىلىمىز ، ئەگەر بىز بىلەن دەريانىڭ سەن تۇرغان تەرىپىدە ئۇرۇشماقچى بولساڭ ئۇنىمۇ بىزگە ئېيت ، بۇنىڭغىمۇ بىز رازى بولىمىز ، لىكىن نامەرتلىك قىلما !
كەسكىن ۋە قەتئى تەلەپ كەيخۇسراۋنى ئىزتىراپقا سېلىپ قويدى ، بۇنىڭلىق بىلەن ئۇ تاجاۋۇزچىلىق نىيىتىدىن ھەرگىز يانمايتتى ، بىراق بىرلا بۇيرۇق بىلەن لەشكەرلىرىنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇشقىمۇ جۇرەت قىلالمايتتى . تەرىتۋارۇ بىلەن تۇمارىس بىلەن ، ئاخىرىدا سىپارگاپىرىس بىلەن ئۇرۇشقاندىكى قانلىق ساۋاقلار ھېلىھەم ئېسىدە ئىدى ، ئادىتى بويىچە ئۇ كېڭەش چاقىرىپ سەركەردىلىرىدىن بىرەر ھىيلە - مىكىر بىلەن ماسساگىتلارنى يېڭىشنىڭ چارىلىرىنى تېپىشنى تەلەپ قىلدى ، بۇ ئارقىلىق ۋاقىتنى كەينىگە سۈرۈپ قارشى تەرەپنى بېخۇتلاشتۇرۇشمۇ مۇمكىن ئىدى .
- تۇمارىس يەنە خېلى ۋاقىت كۈتكەندىىن كىيىن دۈشمەننىڭ نىيىتىنى بىلىپ قالدى - دە كېچىدە دەريانىڭ تۈۋەن ئېقىنىدىن ئۆتتى ۋە دۈشمەننىڭ يان تەرىپىدىن تۇيۇقسىزلا پەيدا بۇلۇپ سەپ تۈزدى ، بۇ كەيخۇسراۋنى يۈزمۇ يۈز جەڭ قىلىشقا مەجبۇرلاش ئىدى . كەيخۇسراۋمۇ نائىلاج دەرھال سەپ تۈزدى . تۇمارىس بىرىنجى بۇلۇپ مەيدانغا چۈشتى . كەيخۇسراۋ ئېتىنى دىۋىتىپ سەل ئالدىغا چىقتى :
- مەن پادىشاھ كەيخۇسراۋ ، مەن بىلەن ئېلىشىشقا پادىشاھىڭ چىقسۇن ! - دەپ ۋاقىرىدى :
- مەن شۇ ! - تۇمارىس بەرجەم قادالغان دۇبۇلغىسىنى بېشىدىن ئالدى ، بۇلۇتتەك تۈزغۇپ تۇرغان قويۇق ، قوڭۇر چاچلىرى چۇۋۇلۇپ يەلكىسى بىلەن دۈمبىسىنى ياپتى ، - سەن ئاشىق بولغان تۇمارىس ئالدىڭدا تۇرۇپتۇ ، سەنمۇ ئاڭلىغان ، بۈگۈن شۇ قەسىمىمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن !
- ئاھ ، تەڭرىم ! - كەيخۇسراۋ تۇمارىسنىڭ گۈزەل ھوسنى ، بەرنا قامىتىنى كۈرۈپ توۋلىۋەتتى ۋە مەڭدەپ قالدى .
تۇمارىس چاچلىرىنى بېشىغا تۈرتەكلەپ دۇبۇلغىسىنى كىيدى . ئىككى پادىشاھ قىلىچىنى يالىڭاچلاپ بىر بىرىگە قاراپ ئات سېلىشتى . ئاتلار چاپچىدى ، قىلىچلار جاراڭلىدى ، ئوت چۆپلەر چەيلەندى ، تۇپا تۇزان كۆتۈرۈلدى ، ھەر ئىككىسى ئۆز ماھارىتىنى نامايىش قىلدى ، كەيخۇسراۋ ھاياتىدا بۇنداق باتۇر ئايال چەۋاندازنى كۆرمىگەنىدى ، بۇرۇنقى جەڭلەردە ئۇمۇ ، تۇمارىسمۇ بىۋاستە تۇتۇشمىغانىدى ، كەيخۇسراۋنىڭ قىلىچ تۇتقان قۇلى بىلىنە بىلىنمەس تىترەيتتى . تۇمارىس ئۇنىڭ ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئىنتايىن چەبدەسلىك بىلەن تۇسايتتى ۋە ئۈزىمۇ شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلاتتى ، كەيخۇسراۋنىڭ قىلىچ ئۇرۇشىغا زادىلا ئىمكان بەرمەيتتى . تەكرار تەكرار ئېلىشىشلاردىن كىيىن تۇمارىس بىرلا ئېتىلدى دە كەيخۇسراۋنىڭ بېشىنى نىشانلاپ قىلىچ ئۇردى ، قىلىچ ئۇنىڭ بوينىغا تەگدى . ئۇ ، ۋاي دىيىشكىمۇ ئۇلگۇرەلمەي ئاتتىن غۇلاپ چۈشتى ، شۇان ئىككى تەرەپ خۇددى مۈشۈك چاشقانغا ئېتىلغاندەك بىر - بىرىگە ئېتىلىشتى ، چاڭ تۇزانلار قۇياشنى توستى ، قىر چاپ سادالىرى داد پەرياتلار پەلەككە يەتتى . جەڭ بىر كېچە كۈندۈز داۋاملاشتى ئىران لەشكەرلىرى سەركىسىدىن ئايرىلغان قوي پادىلىرىدەك چېچىلىپ - قىرىلىپ بىتچىت بولدى ، جەڭ تۇمارىسنىڭ غەلبىدى بىلەن ئاياقلاشتى . رازىنامۇ خېلى كوپ دۈشمەننى ئۆلتۈردى . ئۇ دۈۋە دۈۋە جەسەتلەرنى ، ساينىڭ تېشىدەك يېتىپ كەتكەن باشلارنى ئارىلاپ يۈرەتتى . ئۇنىڭ ئېتىغا كەيخۇسراۋنىڭ ۋەزىرى كېزىرنىڭ بېشى سېلىنغان تۇلۇم غانجۇغلاقلىق ئىدى ، زارىنا خېلى ئۇزاق ئاۋارە بۇلۇپ دەسلەپ جەڭ باشلانغان يەرگە كەلدى ۋە كەيخۇسراۋنىڭ جەسىتىنى مىڭ تەستە تاپتى . جەسەتنىڭ گەۋدىسى بىلەن بېشىنى بوينىدىكى ئازغىنە تېرە تۇتاشتۇرۇپ تۇراتتى ، زارىنا باشنى كىسىۋېلىپ تۇمارىسنىڭ بارىگاھىغا كەلدى ،
تۇمارىس كەيخۇسراۋنىڭ ۋەزىرى كېزىرنىڭ بېشىنى جام قەدەھ قىلىشقا قالدۇردى ۋە بىر تۇلۇمغا لىق قان تولدۇرۇشنى بۇيرىدى ، ئاندىن كەيخۇسراۋ نىڭ بېشىنى ئاشۇ تۇلۇمغا سېلىپ :
- ئەي نامەرت ! تاجاۋۇزچىلىقىڭغا قارشى ھالاللىق بىلەن جەڭ قىلىپ سىنى يېڭىپ كىلىۋاتقان مەندەك بىر ئايالنى مەككارلىق بىلەن ئوغلىدىن جۇدا قىلىپ پەرزەت داغىدا قويدۇڭ ! سەن ئومرۈڭ بۇيى قانغا تويمۇدۇڭ ! مەن ئۆز قەسىمىمگە ئەمەل قىلىپ مانا سېنى قان بىلەن سۇغاردىم ، ئەمدى توي ! باشقىلارنىڭ ئەل يۇرتىغا زوراۋانلىق بىلەن باستۇرۇپ كىرگەنلەرنىڭ جازاسى ئەنە شۇنداق بۇلىدۇ ! ! ! دېدى قەھىرلىك ئاھاڭدا   ....


  بۇنى مىنىڭ بىر دوستوم   يوللاپ   بەردى   . بەلكىم سىزگە پايدىسى تىگىپ قالار....


Nurluk elani
[17 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-15 23:42 چوققىغا قايتىش
yigana2

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 208
شۆھرەت: 218 نۇمۇر
پۇل: 2180 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:111(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-07-20

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەن ئاڭلىغانلىكىن تارىىىنى بىلمەيدىكەنمەن.........................................


تەن ساقلىق زوربايلىق.ئاتا-ئانىدىن ئەزىز كىشى يوق.

[18 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-16 00:47 چوققىغا قايتىش
<<  1   2  >>  Pages: ( 2/2 total )

kurbanlik koy


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:12-16 08:20, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije