>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
 
XabnamBBS -> خانىم - قىزلار سەمىگە -> نازاكەتلىك قىزلاردىن بولايلى

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 346 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : نازاكەتلىك قىزلاردىن بولايلى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
yaxa
يازما يوللاش ئۇستىسى ئۆمۈرلۈك شەرەپ

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1099
شۆھرەت: 1110 نۇمۇر
پۇل: 11060 سوم
تۆھپە: 35 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:226(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-10-09

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
نازاكەتلىك قىزلاردىن بولايلى

نازاكەتلىك قىزلاردىن بولايلى



ئادەم تەبىئەت قوينىدا ياشاش جەريانىدا تەبىئەتنىڭ سانسزلىغان نېمەتلىرىدىن بەھرىمان بولۇپ ،بەخىت -سائادەتلىك تۇرمۇشنىڭ لەززىتنى تېتىش بىلەن بىرگە مۇھەببەت ،گۈزەللىك بىلەن يۇغۇرۇلغان چىن ھېسىياتى ۋە ئەقىل -ئىدىراكى بىلەن تەبىئەتتىكى شەيىئىلەرگە تەسىر كۆرسۈتۈپ ،تەبىئەت بىلەن ئادەمنىڭ مۇناسۋىتىدىكى يېقىنىلىق ،ئۇلۇغلۇقنى ئىپادىلەپ كەلگەن .شۇڭا تەبىئەتتىكى گۈزەللكىنى ئادەملەردىكى گۈزەللىككە تەمسىل قىلىش ئانچە يېڭلىق ئەمەس .تەبىئەت دۇنياسدىكى ھەر -خىل شەيىئىلەرنىڭ خىسلىتى ئۇنىڭ قوينىدا ياشاۋاتقان ھەر خىل ئادەملەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ .كىشلەرنىڭ تەبىئەتتىكى ئەڭ گۈزەل ۋارىيانتلارنى ئەڭ ئاۋۋال قىزلاردىن ئىزدىشى قىزلارنىڭ بۇ دۇنيادىكى گۈزەللىك ئەلچىسى ئىكەنلكىدىن بېشارەت بەرسە كېرەك .
بىر قىسىم كىشلەر ئادەمنىڭ سىرتىغا قاراپ باھا بەرمەسلكنى تەشەببۇس قىلسمۇ ،نۇرغۇن كىشلەر ھۆسىن -جامالى ئادەمنىىڭ مەيلىنى تارتىدىغان قىزلارنى كۆرگەندە زوقى كېلىپ «خويمۇ چىرايلىق قىز بوپتۇ »دېيىشىدۇ .قىزلىرىمىز ھەقىقەتەنمۇ گۈزەل .دۇنيا قىزلىرىغا ئەندەز بولغۇدەك گۈزەللىكىلەر قىزلىرىمىزدا مۇجەسسەملەنگەن .نۇرغۇن قىزلىرىمىز سىرتقى گۈزەللىك بىلەن ئىچكى گۈزەللكىنى ئۆزىدە نامايەن قىلغاچقا تۇرمۇشلۇق بولغاندىن كېيىن ۋاپادار ئايال ،كۆيۈمچان ئانا بولۇپ ،ئىززەت -ھۆرمەتكە ئېرىشمەكتە .ئەمما ،بەزى گۈزەل قىزلارنى سەت كۆرسۈتۋاتقىنى ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدۇدىدا يامرىغان ھەسەتخورلۇق ،مەنمەنچىلىك ،ئالدامچىلىق ،قانائەتسىزلىك ،مەنپەئەتپەرەسلىك ،ھازازۇللۇق ،نام -ئاتاققا بېرىلىش ،مەرتىۋە قوغلىشىش قاتارلىق ناچار ئىللەتلەر بولۇپ ،ئۆز ھۆسنىگە مۇخالىپ بولغان بۇ غەيرىلىكلەر ئۇلارنىڭ ئىش -ھەركىتىنى ،گەپ -سۆزلىرىدە ئۆز ئىپادىسنى تاپقاچقا ،ئەتراپدىكلەرنىڭ لەنەت -نەپرىتىگە قالماقتا .
ھېكايەتتە كەلتۈرۈلۈشچە ،بىر ئايال قوشنىسىنىڭ ئايالىغا دۈشمەنلىك قىلاتتى .بىر كېچىسى ئۇ ئايال مەينى كۆپ ئىچىپ مەسىت بولدى ۋە بالسىنى ئۆلتۈرۈپ قوشنسنىڭ قوروسىغا تاشلاپ قويدى .ئەتسى «بالامنى ئۆلتۈردى »دەپ قوشنىسىغا تۆھمەت چاپلاپ ،ئۇنى قازىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى .قازى ئاۋۋال قوشنىسىنىڭ ئايالىنى خىلۋەت جايغا چاقىرىپ «راست سۆزلە ،بولمىسا سېنى ئۆلتۈرۈىمەن»دەپ تەھدىت سالدى .ئۇ ئايال قەسەم ئىچتى ۋە ئىنكار قىلدى .«ئەگەر مېنىڭ ئالدىمدا يالىڭاچ بولساڭ سۆزۈڭگە ئىشىنىمەن »دېدى قازى .ئايال نومۇس قىلىپ بېشىنى تۆۋەن سالدى ۋە «ماڭا ئۆلۈم ياخشىراقكى ،ھەرگىزمۇ يالىڭاچ بولمايمەن »دېدى .قازى ئۇنىڭغا رۇخسەت بېرىپ ،ئۆز بالسىنى ئۆلتۈرگەن ئايالنى خىلۋەت جايغا چاقىردى ۋە ئۇنىڭغا «»ئەگەر مېنىڭ ئالدىمدا يالىڭاچ بولساڭ سېنىڭ سۆزۈڭگە ئىشىنىمەن »دېدى . ئايال دەرھال يالىڭاچ بولۇشقا رازى بولدى .قازى ئۇنى توستى ۋە «ئۆز پەرزەنتىڭنى ئۆزۈڭ ئۆلتۈرگەن ئىكەنسەن »دېدى -دە ،ئۇنى قامچا بىلەن ئۇرۇپ ئىقرار كەلتۈردى .«بۇ گۇناھنى ئۆزۈم قىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا تۆھمەت قىلغانىدىم »دېدى ئايال .شۇنىڭ بىلەن قازى ئۇنى دارغا ئاستى (يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق : «ھاياتلىق ۋە نۇمۇش ») .ئۇ ئايالنىڭ ۋۇجۇدىنى چىرماپ ئالغان ھەسەت ئوتى ئۇنى قەبىھ ھايۋانغا ئايلاندۇرۇپ قويغان .ئۆزىنىڭ يۈرەك پارىسىنى ئۆلتۈرۈشنىڭ بىر ئانىغا نىسبەتەن قانچىلىك رەززىلكتىن دېرەك بېرىدىغانلىقنمۇ ئويلىمغان .قەلبىدىكى كورلۇق يىرتقۇچ ھايۋانغا ،نومۇسىسىز ئەبلەخكە مەسئۇلىيەتسىز ساياققا ئايلاندۇرۇپ قويغان .ئۇ ئار-نومۇسنى ئۇنۇتقاچقا يالىڭاچ بولۇشتەك شەرمەندىلىك يولىنى تاللىغان .
روھىي زەئىب قىزلار ئۆز ھۆسنىنى دەسمايە قىلىپ ،شېرىن -شېكەر سۆزى ،غەيرىي قىلقلىرى بىلەن ئەرلەرنىڭ يانچۇقنى قۇرۇقداپ ئۆز نەپسنى قاندۇرۇدۇ .ئەتراپتىكلەر ئۆز ئىقتىدارىغا تايىنىپ شان -شەرەپ ،نەتىجە قازانسا ئىچى يامانلىق قىلىپ ،ئۈستىدىن ئۆسەك سۆزلەرنى تارقىتىدۇ ،ئېرىشىشىكە تېگىشلىك بولمغان مەنپەئەتلەرگە «بەدەل »تۆلەپ ئېرىشىدۇ .روھىنى چىرىكنىلىك قاپلىغان قىزلارنىڭ سۆيگۈ ،مۇھەببەتكە بولغان ئەقدىسى سۇس بولىدۇ ،بىرلا ۋاقتتا بىر نەچچە يىگىتنىڭ پېشىگە ئېسىلىپ ئاخىرىقى ھېسابتا يىگتلەرنىڭ ئىشەنچىسگە ئېرىشەلمەي شاللىۋىېتلىدۇ .    
روھىيتى ساغلام بولغان قىز دىيانەتلىك ،غورۇرلۇق ،ئار -نومۇسلۇق قىزدۇر .شۇنداقلا ھەق -ناھەقنى ئايىرىيالايدىغان ،مۇھەببەت نەپرىتى ئېنىق ،گۈزەللكنى چىن مەنىدىن ھېس قىلىپ ،رەززىللىككە قارشى تۇرالايدىغان ،چىن ئىنساندا بولۇشقا تېگىشلىك پەزىلەتلەرنى نامايەن قىلىدىغان قىزدۇر .
بەزى قىزلارنىڭ خىزمەتداشلرى بىلەن ئوڭايلا قىزىرىشىپ قېلىشى ،يولۇققان مەسىلىلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلالماسلىقى ،ئازىراقلا نەتىجە قازانسا مەغرۇرلىنىپ كېتىشى ،ھەمىسە باشقىلاردىن ئاغرىنىشى ئۇلارنىڭ پىسخىكسدا بەزى مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرۈىدۇ .دۇنيادا نۇقسانسىز ئادەم بولمايدۇ .لېكىن پىسخىكىدىكى بەزى نۇقسانلارنىڭ قىزلارنىڭ تاشقى قىياپتىدىن بەكرەك ئىستىقبالىنى بەلگىلەيدۇ .
مەن بىلىدىغان بىر قىز بار بولۇپ ،ئالىي مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغاچقا خىزمەتتە تېزدىنلا ئالغا باسقان ئىدى .ئەمما باشقىلار بىلەن بىرەر ئىشنى تالاش -تارتىش قىلغاندا ياكى ئازىراق قىزىرىشىپ قالغاندا ئۆزىنى كونتىرول قىلالماي ،قارشى تەرەپنى بەكرەك ئەيىبلەپ كېتەتتى .ئاغزىدىن قارشى تەرەپنى مات قىلىدىغان ،يۈزىنى تۆكىدىغان سۆزلەر پىلموتتەك چىقاچقا ئىش تېخىمۇ يوغىناپ چوڭ جېدەل چىقاتتى .شۇڭا باشقىلار ئۇ قىز بىلەن تاكاللىشىىپ قېلىشتىن تولىمۇ ئېھتىيات قىلاتتى .كېيىن ئۇ قىز تۇرمۇشلۇق بولۇپ بىر مەزگىلدىن كېيىن ئاجىرىشىپ كەتتى .چۈنكى ئۇ قىز تۇرمۇشلۇق بولغاندىن كېيىن مىجەزىنى ياخشىلاش ئۇياقتا تۇرسۇن ،ئېرى بىلەن ئازىراق سۈركىلىش بولۇپلا قالسىلا ،خۇددى ئادا -جۇدا بولۇپ كېتىدىغاندەك ئېرىنى تىللاپ ئەيىبلەپ كەتكەچكە ئېرى ئۇنىڭ مىجەزىگە كۆنەلمىگەن .دېمەك ،ناچار پىسخىك خاراكتېر بۇ قىزنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىشىغا سەۋەب بولغان .
بىر -بىرىگە كۆڭۈل بېرىپ يۈرگەن قىز-يىگتلەردىمۇ توي قىلغاندىن كېيىن بەزى سۈركلىشلەر بولۇپ تۇرىدۇ .ئائىلدە ئانچە -مۇنچە مەسىلىلەرنىڭ كۆرۈلۈشى ئەر -خوتۇنلار ئوتتۇرسدىكى مۇھەببەتنى تېخمۇ مۇستەھكەملەيدۇ .ئۇلار بۇ ئارقلىق ئۆزىدىكى ۋە قارشى تەرەپتىكى يېتەرسىزلىكىلەرنى بايقاپ تۈزتىشىگە تىرشىدۇ .ئىللىق ئائىلسى ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىپ ،ئۆز ئارا چۈشنشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ساغلام پىسخىك خاراكتېرىنىڭ يېتىلشى ئائىلە ،مەكتەپ ،جەمىئىيەت تەربىيسى بىلەن مۇناسۋەتلىك بولغان ئۇزاق مۇددەتلىك تەربىيلىنش جەريانى بولۇپ ،قىزلار يېشىنىڭ چوڭيىشى ،ئاق -قارىنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنىڭ كۈچيىشى ،ئىجتمائىي ئالاقسىنىڭ كۆپىيشى ،ھەل قىلشقا تېگىشلىك مەسلىلەرنىڭ ئاۋۇشىغا ئەگىشپ ،ئۆز -ئۆزىگە دىئاگنوز قويۇپ ،پىسخكسدىكى خۇنۇكلەرنى تونۇپ يېتەلىسە ۋە ئۆزگەرتىشىگە تىرشىسا ياخشى روھىي ھالەتنى يېتىلدۇرەلەيدۇ .
قىز لار ھۆسىن جەھەتتىن گۈزەل بولمسىمۇ ،پاكىز ،يارشىمىلىق كىيملەر بىلەن ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرىشى ،ھەممدىن مۇھىمى روھىي ساغلاملقتىن ئىبارەت بۈيۈك ئەڭگۈشتەرگە ئېرىشىشكە ھەرگىزمۇ سەل قارىماسلىق كېرەك .قىزلار روھىي جەھەتتىن زەئىبلەشسە شەرمى -ھايادىن ،ھالال نىيەتتىن ،گۈزەل ئىستەكلەردىن ،ئادىمىيلىك خىسلەتلەردىن مەھرۇم قىلىپ ،قىزلىق نازاكتىنى ھەر خىل نومۇسىسىز ،پەزىلەتسىز ئىشلارغا تېگىشۋېتىدۇ .شۇڭا تاشقى گۈزەللىككە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ،ئىچكى دۇنياسىنمۇ مۇھەببەت ئۇرۇقى بىلەن بىخلاندۇرۇپ ،شەرمى -ھايالىق ،ئەدەب -ئەخلاقلىق ،نازاكەتلىك ،گۈزەل خۇلقلىق تەربىيۋىلىك قىزلاردىن بولۇشقا تىرىشىشى كېرەك .پەقەت شۇ چاغدىلا قىزلاردىن مەنىۋى بايلىققا ئېرىشلەيدۇ .




ئاپتورى :ئانقىز ئەزىز ئىلتەرىش
مەنبە ؛پەن ۋە تۇرمۇش 2007.06


سۈمەييە تەستىقلىدى


Nurluk elani

مەنىلىك ياشاي دېسەڭ، ئەجىر مېھنەت سىڭدۈرۈپ كىشىلىك تۇرمۇشىڭنى گۈلدەك بىزە.
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-10 22:26 چوققىغا قايتىش
hux-nigar

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 25
شۆھرەت: 26 نۇمۇر
پۇل: 250 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:13(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-08

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئانىقىز ئەزىز   ئېلتەرىشنىڭ   تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن !

ئۇنۇڭ ئاياللارنى چىن مەنىسىدىن تەھلىل قىلىپ   يازغان نۇرغۇن ماقالىلىرىنى كۆپ كۈرگەن ئىدىم   . مۇنبەر يۈزىدە   يەنە مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك تېمىلار كۆپلەپ   يوللىنىپ تۇرسا .   تەشەككۈر   .


[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-11 09:36 چوققىغا قايتىش
anjurguli

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 129
شۆھرەت: 130 نۇمۇر
پۇل: 1290 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:19(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-30

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەنمۇ   ئانىقىز   ئەزىزىنىڭ قىز-ئاياللار   توغرىسىدا   يازغان   نۇرغۇن   ماقالىللىرىنى ئوقۇغان ئىدىم . مەن   ئالدى بىلەن ئۇنىڭ   تىنىگە سالامەتلىك ، خىزمىتىگە ئۇتۇق ، تۇرمۇشىغا   خاتىرجەملىك   تىلەيمەن .
______   ئاياللار پۈتكۈل دۇنيانى   يۇرۇتۇپ بەرگۈچى، ساقلاپ   بەرگۈچى ۋە ئوزۇق   بەرگۈچى كىتاپ ، سەنئەت ۋە ئىنىستوتتۇر .                           ________________   شېكسپىر

  ____   ئاياللار دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ كۈچ ، پەقەت ئۇلار   ئارقىلىقلا ئەرلەر   ئۆزلىرىدىكى بارلىق   يۈشۈرۈن   كۈچنى   نامايەن   قىلالايدۇ                     ___________________   ئىبسون
  _____   ئۆزۈڭگە   جىنايەت   ئارتىۋالماي   دىسەڭ ، باشقىلارغا   جىنايەت ئارتما .                           ________جىبران
______   ئەقىل- پاراسەتلىك ئايال __ بايلىق،   ئەقىل-پاراسەتلىك گۈزەل ئايال ______ كۈچ .
                                ___________________   مېرېدىت
_____ خانىم -قىزلارنىڭ   ھەقىقى زىبۇ-زىننىتى كېيم-كېچەك   ئەمەس ، بەلكى گۈزەل ئەخلاقى .                     ______________________     سوقرات
____ ئايال بۈيۈك   سۆز ، ئۇنىڭدا   قىزلىق   پاكلىغى ، دوستقا   خاس پىدائىيلىق ، ئانا جاسارىتى   مۇجەسسەملەنگەن .                                 _______________   نېكراسوۋ


[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-11 13:08 چوققىغا قايتىش
maripat1

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 520
شۆھرەت: 523 نۇمۇر
پۇل: 5220 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:179(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


قىز لار ھۆسىن جەھەتتىن گۈزەل بولمسىمۇ ،پاكىز ،يارشىمىلىق كىيملەر بىلەن ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرىشى ،ھەممدىن مۇھىمى روھىي ساغلاملقتىن ئىبارەت بۈيۈك ئەڭگۈشتەرگە ئېرىشىشكە ھەرگىزمۇ سەل قارىماسلىق كېرەك .قىزلار روھىي جەھەتتىن زەئىبلەشسە شەرمى -ھايادىن ،ھالال نىيەتتىن ،گۈزەل ئىستەكلەردىن ،ئادىمىيلىك خىسلەتلەردىن مەھرۇم قىلىپ ،قىزلىق نازاكتىنى ھەر خىل نومۇسىسىز ،پەزىلەتسىز ئىشلارغا تېگىشۋېتىدۇ .شۇڭا تاشقى گۈزەللىككە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ،ئىچكى دۇنياسىنمۇ مۇھەببەت ئۇرۇقى بىلەن بىخلاندۇرۇپ ،شەرمى -ھايالىق ،ئەدەب -ئەخلاقلىق ،نازاكەتلىك ،گۈزەل خۇلقلىق تەربىيۋىلىك قىزلاردىن بولۇشقا تىرىشىشى كېرەك .پەقەت شۇ چاغدىلا قىزلاردىن مەنىۋى بايلىققا ئېرىشلەيدۇ BBS.Xabnam.Com din koquruld

بۇ گەپ جايدا بۇلۇپتۇ.


[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-11 17:43 چوققىغا قايتىش

kurbanlik koy


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:12-16 08:15, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije