يۇمران يۈرەكلەر مۇزلاپ قالمىسۇن!!!
ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات
تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تېزلىشىشى بىلەن ئاتا ئانىلارنىڭ بالىغا ئاجراتقان ۋاقتى ئازلاپ،ئاتا-بالا ئارىسىدىكى مىھرى-مۇھەببەت ئازلايدۇ.بۇنداق تېز تۇرمۇش رېتىمى ئاستىدا مىھرى-مۇھەببەتتىن تولۇق بەھرىمان بولالماي چوڭ بولغان بالا توي قىلىش يېشىغا بېرىپ،توي قىلىپ پەرزەنت كۆرگەندىن كىيىن بۇلارنىڭ باللىرىغا بەرگەن مۇھەببىتى ئالاھىدە سۇسلايدۇ.ھەتتا بۇ پىشىپ يىتىلمىگەن ئانا ئۆز بالىسىنى ئىمىتكەندە بەدىنىم زەخمىگە ئۇچىرىدى دەپ قارايدۇ.ئەمدى بۇ بوۋاق ئانىلىق مىھرىگە،ئۇرۇق تۇققانلىق مىھرىگە قانمىغانلىقى ئۈچۈن،بۇلار چوڭ بولۇپ پەرزەنت كۆرگەندە ئۆز پەرزەنتىگە ئاسانلا ئۆچ بولۇپ قالىدىغان ھادىسلەر ئۇچىراپ تۇرىدۇ.ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرمۇ ھازىرقىدىن كۆپىيىپ كېتىدۇ.شۇڭا ئاتا-ئانا بولغۇچىلار ھازىردىن باشلاپ پەرزەنتى ئۈچۈن كۆپىرەك ۋاقىت ئاجىرتىپ ئۇلارغا يېتەرلىك مىھرى-مۇھەببەت بىرىشى لازىم
1.ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۆز پەرزەنتى ئۈچۈن مەخسۇس ۋااقىت چىقىرىشى،بالىلىرىنى چوڭ ئۆيلەرگە كۆپىرەك ئاپىرىشى ھەتتا بىر مەزگىل چوڭلارنىڭ تەربىيەلىشىگە بىرىشى كېرەك.شۇنداق بولغاندا بالىلاردا كىچىكىدىن چوڭقۇر مىھرى-مۇھەببەت شەكىللىنىدۇ.
2.بالىلارنى تەبىئەت بىلەن كۆپىرەك ئۇچىراشتۇرۇش لازىم.ساياھەتكە،مەنزىرلىك جايلارغا،مازارلارغا...ئاپىرىش كېرەك.بۇنىڭدا بالىلاردا نىمە ئۈچۈن دىگەن سۇئالغا جاۋاپ ئىزدەيدىغان تەپەككۈر ھاسىل بولىدۇ.
3.بالىلار خاتالىق ئۆتكۈزگەندە ئۇدۇل تەنقىتلىمەستىن،بالىلارنى يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ،خۇدادىن ئۇنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈشنى تىلەش بىلەن بالىدا ياراتقۇچى ئاللاھدىن ھېيىقىدىغان ئىتىقاد شەكىللەندۈرۈش لازىم.
4.بالا بېقىشتا يالغۇز ئاپىسىغىلا تاينىۋالماسلىق لازىم.چۈنكى بالىنىڭ ئاپىسىغا ئەرىشىشى ئاپىسىنى بارلىغى دەپ بىلگەنلىكى،ئۇ بولمىسا روھى جەھەتتىن يىتىمسىرايدىغانلىقى،قورقىدىغانلىقى،تەمتىرەيدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاپىسىدىن ئەرىشىدۇ.شۇڭا بالا بېقىشتا يالغۇز ئاپىسىغىلا تاينىش بالىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلالمايدۇ.
«كىتاخارا»نىڭ «ئالتۇن بېلىق» ناملىق ۋەھىمىلىك شېئىرىدا ئۆيدە يالغۇز قالغان كىچىك قىزنىڭ روھىيتى مۇنداق مىسرالارغا تىزىلغان:
جان ئانا جېنىم ئانا كەتتىڭ نەلەرگە،
ئالتۇن بېلىق قېشىدا يالغۇز قالدۇرۇپ.
كەلمىگىچە سەن ئىچىم سىقىلىپ،
ئۆلتۈردۈم بىر بېلىقنى يىڭنىدە چوقۇپ.
ئۈچ ئاش پىشىم چاغ ئۆتتى يەنە ئارىدىن،
ئانا ئۆيگە يەنە كەلمىدىڭ يېنىپ.
تەقەززالىق زىرىكىش دىلنى غەش قىلىپ،
بېلىقتىن مەن ئىككىنى ئۆلتۈردۈم سىقىپ.
نىمە ئۈچۈن نەسەۋەپ كەلمەيسەن يېنىپ،
ئۈچىنچى بېلىقنىمۇ ئۆلتۈردۈم چىمدىپ.
كۆززۈم ياشلىق،كەچ بولدى ــ كۈنمۇ ئولتۇردى،
ئۆلدى ئالتۇن بېلىقلار بىر-بىرلەپ جىمىپ.
كۆز يىغىدىن قىزىرىپ چاقنار،
ئانا سەن بەك رەھىمسىز.
يىغلار ئەنە ئالتۇن بېلىقمۇ،
جانسىز ـ تىنىقسىز.
لىغىلداپ تۇرغان ئالتۇن بېلىقنى يىڭنە سانجىپ ئۆلتۈرۈش،ئالقىنىغا ئېلىپ سىقىپ،مىجىپ ئۆلتۈرۈش بۇ ۋەھشىلىك بۇ بالىنىڭ ئەسلى تەبىئىتىمىدى؟بۇ بالا شۇ بېلىقلارنى ئۆلتۈرگەندە قانداق ھېسىياتتا بولغان بولغىيتى؟
بۇنىڭدا بالىنىڭ ئۆيگە رەھىمسىزلەرچە يالغۇز تاشلانغانلىقىدىن ئاتا-ئانىسىغا بولغان غەزىپىنى باسالماي،دەردىنى بېلىقتىن ئالغانلىقى،دىلىدا رەھىمسىزلىك،ۋەھشىلىك بىخ سۈرۈپ يۈرىكى مۇزلىغانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ.
شۇڭا ئاتا-ئانىلارغا دەيدىغىنىم:بالىلارغا مېھرى-مۇھەببەت بېرەيلى،يۇمران يۈرەكلەر مۇزلاپ قالمىسۇن!!!
2004- 10-8 شەھىرى مىچۇەن