>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
 
XabnamBBS -> سەرخىل ئېلانلار كۇلۇبى -> ئارمان ئېلانلارنى قانداق قىلىغاندا ياخشىلىغىلى بولىدۇ؟

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 459 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : ئارمان ئېلانلارنى قانداق قىلىغاندا ياخشىلىغىلى بولىدۇ؟ IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
koknur217



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 26
شۆھرەت: 27 نۇمۇر
پۇل: 260 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:19(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
ئارمان ئېلانلارنى قانداق قىلىغاندا ياخشىلىغىلى بولىدۇ؟

شەبنەم تور بىكىتى بىلەن ئارمان شىركتىنىڭ ھەمكارلىشىپ شەبنەم مۇنبىرىدە مەخسۇس ئارمان سەھىپسىنى ئاچقانلىقى بەك ئوبدان بولغان بىر ئىش. بۇ بىزنىڭ تور كەسپىمىزنىڭمۇ مۇھىم بىر كەسىپلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ. بۇنىڭدىن كىيىن ھەرقايسى تور بىكەتلەردە مۇنداق ھەمكارلىشىشلارنى دائىم ئۇچىرىتىپ تۇرالايمىز.
ئەمدى مەن ئارمان شىركىتىنىڭ ئېلانلىرى توغرىسدا ئازىراق بىر نەرسە دەپ باقسام بولامدىكىن.
مىنىڭ ئىسىمدە قىلىشچە 1998 - يىلى ئەتىياز پەسىللىرىنىڭ بىر كۈنىدە مەن تېلېۋىزۇردىن نىيە ئېلانى نامىدا قويۇلغان مۇنداق بىر ئېلانى كۆرگەن ئىدىم. بىر بۇۋاي ئەسكى تامنىڭ تۇۋىدە ئولتۇرۇپ بالىلىق چاغلىرىنى ئەسلەيدۇ، ئۇنىڭ ئەسلىمىسدە ئىككى كىچىك بالىنىڭ بىر تۇگىمەنچگە ياردەملىشىپ نۇقۇت ئىزۋاتقان، ئۇلار تۇگىمەنچى دىققەت قىلمغان پۇرسەتتە نۇقۇت تالقىنى ئاغزى - بۇرنىغا سۇرتۇپ ئوغۇرلۇقچە يەۋاتقان، كىيىن بىر بالنى بىر ئايال سۆرەپ ئىلىپ چىقىپ كەتكەن، يەنە بىر بالا بىر سىۋەت ئىزلگەن نوقۇت تالقىنى كۆتۇرۇپ تۇرغان سەبئي ھالتى ئاندىن كىيىن قايىتىپ ھىلىقى يالغۇز ئولتۇرغان بۇۋاينىڭ يىنغا يەنە بىر بۇۋاي كىلىپ قويىندىن زامانۋى پەن - تېخنىكا بىلەن ئىشلەنگەن ئارمان نوقۇت تالقىننى چىقىرىپ ئۇ بۇۋايغا بىرىدۇ ھەم ئۇ ئىككىسى بىللە يول مىڭىپ بۇ ئېلان ئاخىرلىشىدۇ. مانا بۇ ئارماننىڭ تۇنجى قىتىم ئىشلەنگەن مەھسۇلات ئېلانى. بۇ ئېلان شۇ دەۋىرلەردە ماڭا ئىنتايىن ياخشى تەسىر بەرگەن ئىدى.ھەم باشقلارغىمۇ شۇنداق دەپ قارايمەن شۇنداق بولغاچقا ئارمان ناھايتى تېز تەرەققىي قىلىپ 10 يىل ئىچىدە مۇشۇنداق زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇردى. ئارمان نىمشقا ھازىر مۇشۇنداق ياخشى ئېلانلارنى ئىشلەپ ئستىمالچىلارنىڭ ئارمان ئېلاندىن بىزار بولۇش كەيپىياتنى باسمايدۇ؟
ئستىمالچىلارنىڭ ئارمان ئېلاندىن بىزار بولۇش كەيپىياتنىڭ پەيدا بولۇشىدامۇنداق بىر نەچچە نوقىتىغا سەل قارىلۋاتىدۇ.< بۇ مىنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىم، مەن كۆپچىلىككە ۋەكىللىك قىلالمايمەن، باشقىلارمۇ ئۆز كۆز قارشىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ>
1 - ئارمان ئېلانلىرىنى ئىشلەشكە ئاجىرتىلغان مەبلەغ يىتەرلىك ئەمەس.
2 - ئارمان ئېلانلىرىنى ئىشلىگۈچى خادىملار ئېلاننىڭ سانىغا كۆڭۈل بولۇپ ئېلان سۈپتىگە كاپالەتلىك قىلمايۋاتىدۇ.
3- ئېلان ئىشلگۈچىلەردە تەسەۋۇر قىلىش ئىقتىدارى ئىنتايىن كەمچىل. ئۇلار ئۆزگىچە بولغان ئېلان لايىھلىرىنى ئوتتۇرىغا قويالمايۋاتىدۇ، ئوتتۇرىغا قويسىمۇ باشقلارنىڭ ئېلانىدىن كۆچۇرۇپلا ئەكىلىۋالىدۇ. مەن كۆرگەن بىر نەچچە ئارمان ئېلانلىرى چەتئەلنىڭ ئېلانلىرىغا تەقىلىد قىلىپ ئىشلەنگەن. مەن ئەسىلي نۇسخىسنمۇ كۆرگەن.
4- بىر ئشىلەنگەن ئېلاننى ئازىراق ئۆرگەرتىش بىلەنلا يەنە بىر ئېلان قىلىپ چىقىش. بۇنىڭدا مەن يۇقىردا سۆزلەپ ئۆتكەن ئارماننىڭ تۇنجى ئېلاننى يىقىندا باشقىچە ئورۇن، باشقىچە ئادەم ھەمما مەنسى يەنلا ئوخشاش بولغان ئېلان قىلىپ ئىشلەپ تېلېۋزۇردا قويغلى تۇردى. قەدىرداننىڭ ئىككى بۇۋاي چىقىدىغان ئېلانى، بۇدا تۇرپاندا ئىشلەنگىنى. بۇ ئېلاننىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى ئوخشاشلا باللىقنى ئەسلەش، قىرىغاندا كۆرۇشۇپ، ئارمان مەھسۇلاتنى يىقىن بۇرادىرگە بىرىش دىگەندەك.
5- خەنزۇ مىلىتى ئىشلىگەن ئېلانلاردا كۆپ كۆرۇلدىغان < ۋاپادارلىق > نى يەتكۈزۇش تەلىماتىنىڭ بىزنىڭ ئېلانچىلىقىمىزغا سىڭىپ كىرىشى،بۇ مەسىلە بىزنىڭ ئۆرپە - ئادەت مەسىلىمىزگە تاقىلىدىغان مەسىلە. يىقىندا تېلېۋىزۇردا ئارمان بىر ئېلاندا بىر بالىنىڭ دادسىغا ئارمان قۇۋۋەت تالقىنى ئىلىپ كەلگەندە، ئۇ دادا بالىسغا < ئوغلۇم ۋاپادارلىقىڭنى يەتكۈزدۇڭ > دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خەنزۇ يولداشلارنىڭ ئېلاندا كۆپ كۆرۇلىدىغان سۆز ئىدى. ئەمما بىزدە ئەمەس ئىدى. بىز ئەزەلدىن بىر نەچچە قاپ دورا ياكى ئازىراق نەرسىنى ۋاپادارلىقنىڭ ئۆلچىمى قىلىپ باققان ئەمەس. بۇ يەردە ئازىراق دىسەم جىقىراقنى ئۆلچەم قىلامدىكىن دەپ قالماڭ. بىزدە ئەزەلدىن ياشلارنىڭ چوڭلارغا قارايدىغان ئىسل ئەنئەنمىز بار، ھەم بۇنى مەجبۇرىيەت دەپ قارىغاچقا ئەمەلىي تۇرمۇشتا بۇنداق سۆزلەرنى ئۇچىراتمايمىز.بۇ نوقتا ئەڭ يامان بولغان نوقتىمىكى دەيمەن.
6- .ئارماننىڭ ئېلان خاراكتىرىدىكى مەخسۇس فىلىملىىرى ھەددىن زىيادە كۆپ. بۇ دورا شىركەتلىرىنىڭ ساتالمىغان دورىلىرىنى پۇل بىرىپ ماختاتقۇزۇپ، تېلېۋزۇردا ئېلان قىلىپ پۇل قىلۋاتقنىغا ئوخشاشلا بىر ئىش. مۇشۇنداق مەخسۇس فىلىمدىن 10 فىلىمگە سالغان مەبلەغ، ئادەم كۈچنى بىر ئېلانغا سىلىپ ئېلان ئىشلىسە، مىنىڭچە ئۈنۈمى مەخسۇس فىلىمدىن ياخشى بولارمىكىن.
7- ئارمان شىركىتىنىڭ ئىستمالچلاردىن ئېلان توغرىسدا پىكىر ئىلىش ئىشى يوق. بۇ ئەمدى پەقەت توردا يولغا قويۇلدى. بىزنىڭ يەنە قانچىلىك ئادەملىرىمىز تېلېۋىزۇر كۆرىدۇ. تېلېۋىزۇر كۆرگۈچىلەردىنمۇ پىكىر ئىلىنىپ باقسا دەيمەن.
يەنە نۇرغۇن گەپلەرنى قىلماقچى ئىدىم، ئەمما بەك كەچ بولۇپ كەتتى.شۇڭا بۇگۈنچە مۇشۇنچىلىك يىزىپ تۇراي يەنە داۋاملىق پىكىر قىلىمەن. ئاخىرىدا ئارمان شىركىتنىڭ تىخىمۇ گۈللەپ ياشنىشىغا چىن كۆڭلۇمىدىن تىلەك بىلدۇرمەن.
بۇ تېمامنىڭ تەستىقىلىنىپ مۇنبەرگە چىقىشنى ئۈمۇد قىلمەن.
سۈمەييە تەستىقلىدى


كومپيۇتېر بېلىملىرى ئۈگۈنەي دىسىڭىز ئۇيغۇر كومپيۇتېر تېخنىكىسى تورىغا كېلىڭ!
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-09 02:20 چوققىغا قايتىش
2828288



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 9
شۆھرەت: 10 نۇمۇر
پۇل: 90 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:48(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-15

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەن   koknur217 پىكىرىگە قۇشىلىمەن ،ئارماننىڭلا ئەمەس باشقا مىللى كارخانىچىلىرىمىزنىڭ مەسھۇلات ئېلانلىرىدىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋال مەۋجۈت ،مىنىڭچە بولغاندىمۇ ئارمان ئازراق مەبلەخ ئاجىرتىپ بىرقېتىملىق چوڭ بازار تەكشۇرۇش ئېلىپ بېرىش كىرەك ،ئىستىمالچىلار نىمىنى ئارزۇ قىلىدۇ؟ بۇدەل ئېلاندا نىمىلەر ئىپادىلنىشى كىرەك ؟نىڭ جاۋابى .

[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-09 09:25 چوققىغا قايتىش
naprat517
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 377
شۆھرەت: 398 نۇمۇر
پۇل: 3770 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:142(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-02

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش



يەنە شۇ ئىلىننىڭ گەپىمۇ ~


كومپيۇتېر بېلىملىرى ئۈگۈنەي دىسىڭىز ئۇيغۇر كومپيۇتېر تېخنىكىسى تورىغا كېلىڭ!


[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-09 11:08 چوققىغا قايتىش
elqin

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 153
شۆھرەت: 153 نۇمۇر
پۇل: 1512 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:39(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-08-25

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


شەيتاننى كۇلدۇرۇپ ئادەمنى يىغلاتىڭ
سۆيگۇگە قالدۇرۇپ   تاتلىق ئەسلىمە ،
غەزەپنى تۇغدۇرۇپ ھەقنى ساخلاتتىڭ
ساخلاندى قەلبىڭدە ئاچچىق ئەسلىمە .


Nurluk elani
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-09 12:08 چوققىغا قايتىش
gulixat



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 76
شۆھرەت: 77 نۇمۇر
پۇل: 760 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:49(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-06-30

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مىنىڭچىمۇ كۆكنۇرنىڭ گېپى ئورۇنلۇقتەك تۇرىدۇ.ھازىرقى دەۋىردە ئىلاننىڭ كۈچىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.ھەم شۇننڭغا ماس سۈپەت ئۆتكىلىنىمۇ چىڭ تۇتۇشقا توغرا كىلىدۇ.ئارماننىڭ تەرەقىياتى ۋە نەتىجىسىدىن جۈملىدىن ھەممىمىز خوش بولىمىز.مۇشۇ جەھەتتىكى ئىشلارغا راست دىققەت قىلسا بولغۇدەك.

Nurluk elani
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-09 12:24 چوققىغا قايتىش
kazahstanlih

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 18
شۆھرەت: 19 نۇمۇر
پۇل: 180 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:46(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-04

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


تورداش يازغانلىرىڭىز ئەتراپلىق بوپتۇ دەپ ھىسابلايمەن ،توغرا ئانالىز قىپسىز ، ئارمان ئېلانچىلىقلىرىدا ھەقىقەتەن سىز سۆزلەپ ئوتكەن ئەھۋاللار مەۋجۈت ، گەرچە مەن مەملىكەت ئىچىدە كۆپ تۇرمىساممۇ ، ئاندا مۇندا ئۇيغۇرچە قاناللارنى كۆرۈپ تۇرىمەن ، بەرگەن تەكلىپلىرىڭىزنى ئارمان شىركىتى بىر كۆرۈپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ ، ئەمما 6- سەۋەبىڭىز مېنىڭچە تازا دۇرۇس بولماي قاپتۇ ، ئارماننىڭ مەخسۇس ئېلانلىرى چاتما خاراكتېرلىق ئېلانلار قاتارىغا كىرىدۇ ، بۇ خىل ئېلانلار توختىماي يىڭىلىنىپ تۇرىشى كېرەك ، ئېلاندىكى ئەرتىسلەر ئۆزگەرمىسىمۇ ياكى ئوزگەرسىمۇ بولىۋېرىدۇ ، ئەمما يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلارنى چاتما خاراكتېرلىق ئېلان قىلىپ ئىشلەپ ئايدا بىر ياكى پەسىلدە بىر ئالماتۇرۇپ تۇرۇش ئەڭ ئۇنۇملۈك چارە ، بىر ياخشى بولغان ئېلاننى يىل بويى قويۇپ كۆرسىتىش بىلەن مەھسۇلاتنىڭ يىڭىلىنىش ۋە سېتىلىش مىقتارىنى ئارۇرۇشتا ئۇنىمى تازا يۇقۇرى بولۇپ كەتمەيدۇ -دە دەل سىز ئېيتقاندەك خېرىدار ۋە تاماشىبىنلارنى ھېلىقتۇرۇپ قويىدۇ .

كومپيۇتېر بېلىملىرى ئۈگۈنەي دىسىڭىز ئۇيغۇر كومپيۇتېر تېخنىكىسى تورىغا كېلىڭ!
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-09 14:37 چوققىغا قايتىش
arman.apandi

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 13
شۆھرەت: 14 نۇمۇر
پۇل: 130 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:25(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-03

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بارلىق مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇسىلەر:
مەن ئالدى بىلەن ھەرقايسىڭلارغا ساغلاملىق ھەم خاتىرجەملىك تىلەيمەن.
بىزنىڭ شەبنەم مۇنبىرى بىلەن ھەمكەرلىشىپ كەڭ تورداشلار بىلەن يىقىنلىشىش، تۇرداشلاردىن ئاشكارە - ئەركىن پىكىر تەكلىپ ئىلىپ بۇلاردىن پايدىلىنىش مەخسىتىدە <ئارمان- شەبنەم ھەمكارلىقى>نى يولغا قويغان ئىدۇق. بۇ توغرىسىدا شەبنەم ئەپەندىنىڭمۇ ياخشى قاراشلىرى بار. بۇ ئەلۋەتتە ئارماننىڭ ئامما   ئاۋازىغا قۇلاق سىلىش خىزمىتىنىڭ موھىم تەركىبى.   شۇنداقلا بۇ ھەمكارلىق ئۆز نۆۋىتىدە شەبنەم تورىنىڭ تەرەقىيات ئىشلىرىدىمۇ بەلگىلىك پۇرسەتلەرنى ئىلىپ كىلىدۇ. شۇنداقلا شەبنەم مۇنبىرىنى يالغۇز ئىجدىمائىي مۇلاھىزە سورۇنىدىن ئىقدىسادىي ھەمكارلىق سورىنىغا تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ياخشى يولى.
      يىقىندىن بۇيانقى كىلىۋاتقان تەكلىپ، پىكىرلەردىن بىز ھەقىقەتەن خوش بولدۇق . مەيلى ئىجابىي پىكىر بولسۇن مەيلى بىرتەرەپلىمە قاراشلار بولسۇن دىمەك تورداشلار ئارماننىڭ تەرەقىيات ئىشلىرىدا ئۆزىنىڭ پىكىرلىرىنى ئايىماي ئوتتۇرغا قويدى.
مەن بۇنىڭ ئۈچۈن شىركەت نامىدىن سىلەرگە مىننەتتارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.
بىزنىڭ تورداشلاردىن كۆتۈدىغىنىمىز بەكمۇ كۆپ. كىينكى پىلانلىرىمىزمۇ ناھايىتى ئىنىق. يىقىندىن بۇيانقى ئېلان ئىشلىرى توغرىسىدا تەكلىپلەرىن بىز راسلا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھىس قىلدۇق.
مۆمكىن بولسا يەنە قايسى تەرەپلەردە بىز ئۆزگەرتىشكە تىگىشلىك نوقتىلاربار، بىز قاندق قىلساق تىخمۇ ياخشى يوللارنى ماڭالايمىز، سىزنىڭ مەيلى ئارمان ئېلانلىرى بولسۇن، مەيلى يىڭى بازار ياكى خەنزۇ بازارلىرىغا قانداق كىرىش توغرىسىدا قاراشلىرىڭىز بولسا بۇلارنى <ئارمانغا كۆڭۈل سۆزلىرىم> سەھپىسدە تىما شەكىلىدە ياكى ئ.نكاس شەكلىدە ئوتتۇرغا قويۇشۇڭلارنى ئۆمۈت قىلىمەن.

  بىز ئەتراپىمىزدىكى ھەممە ئىشلارنى كۆرۈپ بولالمايمىز، پەقەت سىلەرنىڭ ئاغزىڭلاردىن ئاڭلاپ بىلەلەيمىز. بەلكىم سىز ئوتتۇرغا قويغان ئاددى بىر تەكلىپ ئارماننىڭ تەرەقىيات يۆلۈنىشىدىكى بۇرۇلۇش خارەكتىرلىك پىلان بولۇپ قىلىشى مۆمكىن. بىز بۇنىڭغا تامامەن ئىشىنىمىز. BBS.xabnam.com din kochuruldi




[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-11 13:35 چوققىغا قايتىش

kurbanlik koy


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:12-11 19:29, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije