QUOTE:
بۇ مەزمون 45 جى قەۋەتتىكى parlak نىڭ 2007-12-15 17:17 دە يوللىغان يازمىسى“”:
بىر قىسىم تورداشلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە قوش تىل ئوقۇتۇشى مەدەنىيىتىمىزنىڭ چىكىنىشىنى ۋە ئانا تىلنىڭ يوقۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرارمىش، مان بۇ ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ سەپسەتىسى خالاس. بۇنداق بىر تەرەپلىمە قاراشتىكى ئادەملەرنى مۇتەئەسسىپ دىسەك ئېشىپ كەتمەس. مەن بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەيمەنكى بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنىڭ ۋە ئانا تىلىمىزنىڭ تەرەققىياتى پەقەت يات مەدەنىيەتنىڭ تەسىرى ئاستىدىلا تەرەققى قىلىشقا ئېرىشەلەيدۇ. بۇ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيەسىنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تەرەققىيات قانونىيىتى. بىز ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيىتى بىلەنلا چەكلىنىپ قالساق، يات مەدەنىيەتلەر ئارا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارمىساق جۇڭگونىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنى نىمە ئارقىلىق تەرەققى قىلدۇرىمىز. لەغمەن پولو كاۋاپ بىلەنما؟ ياكى ئارمان، ئىخلاس شىركەتلىرىنىڭ قۇۋۋەت تالقانلىرى بىلەنمۇ؟ ۋە ياكى ئون ئىككى مۇقامنى ئېيتىپ ئۇسۇل ئويناش بىلەنمۇ؟ 文字نۆۋەتتىكى مەدەنىيىتىمىزگە نىسبەتەن يات مەدەنىيەتلەرنىڭ تەسىرىنى قانداقتۇر يوقىتىش ياكى ئاسمىلاتسىيە ئېلىپ بارغانلىق دەپ چۈشەنمەي مەدەنىيەتلەرنىڭ تەرەققى قىلىشىدىكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ دەپ چۈشەنسەك مۇۋاپىقراق بولاتتى. يۇقۇرى پەن تېخنىكىلارنىڭ تەرەققىيات جىددىلىگى بىزنىڭ خەنزۇ تىلىنىلا ئۆگىنىپ قالماستىن بەلكى يەنە ئېنگىلىز تىلى ۋە روس تىلى قاتارلىق تىللارنى ئۆگىنىشىمىزنى تەلەپ قىلماقتا. ھازىرقى ۋەزىيەتتە باشقا تىللارنى ئۆگىنىشتىن قورققانلار بېلى بوش ھورۇنلاردىن ئىبارەت. شۇڭا مەن قوش تىل ئوقۇتۇشىنى يولغا قويۇشنى ھەرگىزمۇ يوقۇتۇش ياكى ئاسمىلاتسىيە ئېلىپ بارغانلىق دەپ قارىمايمەن. بىراق شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەككى ئانا تىلنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ياكى ئۇنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۆزىنى ئۇيغۇر ھىساپلايدىغان مەسئۇلىيەتچان ئادەملەرنىڭ ۋىجدانىغا باغلىق خەلق ئىچىدىكى ئىجتىمائى مەسىلە خالاس. بۇنى سىياسى ياكى قانۇنى مەسىلە قاتارىغا قويىۋېلىش تازا ئاقىلانىلىق تاللاش ئەمەس. چۈنكى تېخى ھىچكىممۇ ئانا تىلنى ئەمەلدىن قالدۇرىمىز ياكى تىلىڭلارنى كېسىمىز دەپ پەرمان چىقارمىدى.
ئۇنداق بىلەرمەنلىك قىلىپ كەتمەيلى ،30يىلدىن كىيىن نىمە ئىش بۇلار؟