>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Nurluk alakisi  
XabnamBBS -> كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم -> زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان زىيانكەشلەر

سىز بۇ تېمىنىڭ 535 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان زىيانكەشلەر IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
ERTUGRUL

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 30
شۆھرەت: 51 نۇمۇر
پۇل: 300 سوم
تۆھپە: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:33(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-20

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان زىيانكەشلەر
                                (ئىچكىرى ئۆلكىلەردە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمدىن ئەسلىمىلەر)
                                              ................ داۋامى

xxxx شەھرىدىن ئۈرۈمچىگە ماڭىدىغان پويىزغا ئالتە نەپەر ساقچى قوللىرى كويزىلانغان بەش ئۇيغۇر بالىسىنى يالاپ ئىلىپ چىقتى. بالىلارنىڭ قاپ-قارا قىشى، قوي كۆزى، قاڭشارلىق بۇرنى، مايسا بۇرۇتلىرى، بىر-بىرىدىن قاملاشقان چىرايى كىشىنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈپ مەسلىگىنى كەلتۈرسە، قوللىرىدىكى يىلان سۈپەت كويزا-كىشەن پىشانسىدىكى كاج تەغدىر يۈرەكنى ئىچىشتۇراتتى. شۇڭا پويىزدىكى ئۇيغۇر يولوچىلار يول بويى بۇ بالىلارنى يوقلاپ تۇردى.
-قانچە ياشقا كىردىڭلار؟
-18 گە، 20 گە،
-نىمە ئىش قىلغان ئىدىڭلار؟
-ئوغۇرلۇق، -بۇ جاۋاپنى بەرگەن ئۈچى يەرگە قارىۋالدى. ئىككىسى بولسا شۇنداق قىلش لازىمدەك، بىشىنى تىك تۇتۇپ تۇراتتى.
-ئىچكىرىگە كىرگىلى قانچە ۋاقىت بولدى؟
-ئىككى ئاي.
-بۇ كەسىپكە يىڭى ئوخشىمامسىلەر؟
-شۇنداق ، بىرىنچى قىتىملىقىتى.
شۇ ئارىدا مەن بار ۋاگۇندا ئولتۇردىغان، ماڭا دەرت تۆكۈپ بەرگەن ئەللىك ياش چامىسىدىكى ۋىجىك ئايال (ئۇ ئۆيدىن قىيداپ چىقىپ كەتكەن ئوغلىنى ئىزلەپ قايتقان ئىكەن) بۇ بالىلارنىڭ يىنىغا كەلدى-دە سومكىسىدىن ئۈچ توقاچنى چىقىرىپ ئۇلارغا بەردى ۋە ئۇلارنىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ يۈزلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ:
-خۇدايىم بەختىڭلارنى بىرەر باللىرىم، -دىدى دە بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى. بالىلار يەرگە قارىدى، ئىھتىمال ئىنسانى تەبىئىتى پاجىئەلىك كۆرنۈشلەرگە تاماشىبىن بولۇشقا يول قويمىدىمۇ، ساقچىلارمۇ بىشىنى ئاستا ساڭگىلتىۋالدى. ئايال تىخىچە يىغلىماقتا ئىدى. ئۇنى مۇنچە ياش تۆككۈزگەن، بالىلارغا ھىسداشلىق قىلدۇرىۋاتقان سىھرى كۈچ نىمىدۇر؟ ھەرقانداق ساپ ئەقىل، ئىنسانى غۇرۇر ئىگىسىدە بولىدىغان مىللى تۇيغۇمۇ ياكى ئوغلى ئۈچۈن ئازاپلىنىۋاتقان يۈرىكىنىڭ پۇچۇلىنىشىمۇ؟ ئىھتىمال ھەر ئىككىسىدۇر.
ئەي، ئۆزلىرىنىڭ بەخىتسىزلىكىدىن بىر، پەرزەنتلىرىنىڭ بەخىتسىزلىكىدىن مىڭ ئازاپ چىكىۋاتقان ئانىلار، ئاتىلار..... ئەي، قات-قىتى ئالتۇن زىمىندا تۇغۇلۇپتۆت تەڭگە پۇلنىڭ ئالدىدا سارغايغان بالىلار........ سىلەردە نىمە گۇنا؟

                                                              خاتىمە

مەن سۆزلىگەن بۇ بالىلار مىڭىۋاتقان ھايات يولىدىن ئىيتقاندا جەمىيەتكە زىيانلىق كىشىلەر يەنى زىيانكەشلەردۇر. ئامما مۇنداق ئىككى مەسىلىنى ئەسكەرتىپ قويىمەن:
بىرى، بۇ خىل كىشىلەر ئىچكىرى ئۈلكىلەردىكى ناھايىتى ئاز قىسمىنى ئىگەللەيدۇ. يەنە بىرى، بۇ زىيانكەشلەرنىڭ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە زىيانكەشكە ئۇچرىغۇچىلار ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماسلىق، چۈنكى ئۇلارنىڭ سالغان زىيىنىدىن تارتقان زىيىنى، بۇلىغان نەرسىسىدىن بۇلىتىپ قويغان نەرسىسى كۆپ بولغان كىشلەردۇر. ئۇلار كىشىلەرنىڭ پۇل، مال-دۇنياسىنى بۇلاشتىن بۇرۇن، ئۆزلىرىنىڭ بەخىت-سائادىتىنى، ئىستىقبالىنى، ئوقۇش، تەربىيلىنىش پۇرسىتىنى، قىسقىسى ياشاش ئىمكانى ۋە ئىنسانى قەدىر-قىممىتىنى ئولجىغا بىرىپ قويغان بىچارىلەردۇر. باشقىلارنىڭ جىسمانىيىتىگە خەۋپ كەلتۈرۋاتقىنى بىلەن، ئۆزلىرىنىڭ يۈرىكى ئاللىقاچان زىدىلەنگەن قىساسكارلاردۇر. باشقىلارنىڭ تىنچلىغىنى بۇزىۋاتقىنى بىلەن، ئىستىقبالىدىكى قاراڭغۇلۇق تۈپەيلى، ئۆزلىرىنڭ كۆڭلى ھەرمىنۇت پاراكەندە بولىۋاتقان كىشىلەردۇر.........................
ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر ئىنسان چۇڭقۇر ئويلىنىشى كىرەك
                                                                        ( تۈگىدى)
شەخسى پىكىرىڭلارنى كۈتىمەن.............

Nurluk elani

خەپ توختاپ تۇرۇش
[10 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-08 19:17 چوققىغا قايتىش

[11 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-08 19:18 چوققىغا قايتىش
<<  1   2  >>  Pages: ( 2/2 total )

Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:12-09 06:28, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije