>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Abdukerim2008  
XabnamBBS -> بالىلار ئەدەبىياتى -> بالىلار ئويۇنلىرى

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 258 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : بالىلار ئويۇنلىرى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
muhterem
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 965
شۆھرەت: 1118 نۇمۇر
پۇل: 25891 سوم
تۆھپە: 87 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:322(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-20

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
بالىلار ئويۇنلىرى

<< ﺑﺎﻻ ﺑﻪﺯﻟﻪﺵ >> ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ



<< ﺑﺎﻻ ﺑﻪﺯﻟﻪﺵ >> ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ ﻳﯧﺸﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻳﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﭘﻪﺳﯩﻞ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﺎﻱ ﺋﻮﻳﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻳﯘﻥ .ﺑﯘ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﺎﻻ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﻳﻨﯩﻠﯩﺪﯗ .ﭼﻮﯓ -ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ،ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﻼﻏﺎ ﺑﯚﻟﯩﻨﯩﺪﯗ ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺵ ﭘﻪﺭﻗﻰ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﺘﺎ ﭼﻮﯓ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ .ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﺎﯞﺍﻝ ﺷﯘ ﺋﻮﻳﯘﻧﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻛﯩﭽﯩﭗ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺪﯗ .ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺷﯘ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﺍ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﻟﻪﻳﺪﯗ .ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﺷﺘﺎ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻻ :<< ﺋﺎﻧﺎ، ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﺎﺭﯨﻤﻪﻥ ،ﻣﻪﻥ ﺗﻮﻳﻐﺎ ﺑﺎﺭﯨﻤﻪﻥ ،ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺗﻮﻳﻐﺎ ﺑﺎﺭﯨﻤﻪﻥ ...ﮬﯜ ...ﮬﯜ ...>> ﺩﻩﭖ ﻳﯩﻐﻼﭖ ، ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ( ﺋﯚﻱ ﺋﯩﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ )ﻳﯜﮔﯩﺮﯨﺪﯗ .ﺑﺎﺷﺘﺎ ﭼﻮﯓ ﺑﺎﻻ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺗﻮﺳﯘﭖ ،ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﻣﻪﮬﻜﻪﻡ ﺗﯘﺗﯩﯟﯦﻠﯩﭗ :<< ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺋﯘﻛﺎﻡ ،ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﺎﻻ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﺋﺎﯕﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﭼﻮﯕﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﮔﻪﺷﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺋﯘﻻﺭ ﮬﯧﻠﯩﻼ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ...>> ﺩﻩﭖ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﻪﺯﻟﻪﻳﺪﯗ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﯦﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﭼﯧﭽﯩﭗ ،ﭼﻮﯕﻼﺭﻧﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯜﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﺷﺎﻗﻨﻰ ﺗﻮﻗﯘﻳﺪﯗ :

ﺑﺎﺵ ﺑﺎﺭﻣﺎﻕ ،
ﺑﺎﺩﺍﻡ ﺗﯩﺮﻧﺎﻕ .
ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﯩﻠﯩﻚ ،
ﻗﯘﻟﻠﻪﻟﻠﻪﻱ ﺑﻮﯞﺍﻕ .
ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻙ ﻳﯚﻟﻠﻪﻟﻠﻪﻱ ﺑﻮﯞﺍﻕ .

ﺑﺎﺵ ﺑﺎﺭﻣﺎﻕ ﺗﻮﻳﻐﺎ ﺑﺎﺭﯨﻤﻪﻥ ﺩﻩﻳﺪﯗ ،
ﺑﺎﺩﺍﻡ ﺗﯩﺮﻧﺎﻕ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﺎﺭﯨﻤﻪﻥ ﺩﻩﻳﺪﯗ .
ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﺳﺘﯩﺨﺎﻥ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﺑﺎﺭﯨﻤﻪﻥ ﺩﻩﻳﺪﯗ ،
ﻗﯘﻟﻠﻪﻟﻠﻪﻱ ﺑﻮﯞﺍﻕ ﭼﺎﻱ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﺑﺎﺭﯨﻤﻪﻥ ﺩﻩﻳﺪﯗ .
ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻙ ﻗﯘﻟﻠﻪﻟﻠﻪﻱ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﻗﯧﻠﯩﭗ
ﻛﯚﯛﻧﺪﯛﻛﻜﻪ ﭼﯜﺷﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﻳﺪﯗ .
ﺑﯘ ﻗﻮﺷﺎﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺵ -ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻻ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﻗﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ ، ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯚﻣﯩﻠﻪﭖ ﻛﯩﻴﯩﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﺎﺳﻜﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ .ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﭼﻮﯕﺮﺍﻕ ﺑﺎﻻ ﻳﯩﻐﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﻟﻪﺵ ،ﺧﯩﺠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﺧﺴﯩﺘﯩﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﻮﺷﺎﻕ ﺗﻮﻗﯘﻳﺪﯗ :

ﺑﺎﻻﻡ -ﺑﺎﻻﻡ ﻛﯚﺗﻰ ﭘﻮﻕ ،
ﺋﯧﺮﺗﺎﻱ ﺩﯦﺴﻪﻡ ﻻﺗﺎ ﻳﻮﻕ .
ﻻﺗﺎ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯚﮔﺰﯨﺪﻩ ،
ﭼﯩﻘﺎﻱ ﺩﯦﺴﻪﻡ ﺷﻮﺗﺎ ﻳﻮﻕ .
ﺷﻮﺗﺎ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺩﻩﺭﻩﺧﺘﻪ ،
ﻛﯧﺴﻪﻱ ﺩﯦﺴﻪﻡ ﭘﺎﻟﺘﺎ ﻳﻮﻕ .
ﭘﺎﻟﺘﺎ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﺍ ،
ﺋﺎﻻﻱ ﺩﯦﺴﻪﻡ ﭘﯘﻟﯘﻡ ﻳﻮﻕ .
ﭘﯘﻟﯘﻡ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﺎﻧﺪﯗﻗﺘﺎ ،
ﺋﺎﭼﺎﻱ ﺩﯦﺴﻪﻡ ﺋﺎﭼﻘﯘﭺ ﻳﻮﻕ .
ﺋﺎﭼﻘﯘﭺ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﻛﺎﻣﺪﺍ ،
ﺋﻪﻛﯧﻠﻪﻱ ﺩﯦﺴﻪﻡ ﭼﺎﺭﻩ ﻳﻮﻕ .

ﻗﻮﺷﺎﻕ ﺗﻮﻗﯘﻟﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﯩﭽﻪ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻻ ﻳﯩﻐﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ، ﺋﺎﺗﺎ -ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﺋﯘﻳﻘﯘﻏﺎ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﻐﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﭼﻮﯓ ﻳﺎﺷﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ، ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺩﯦﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺋﻮﺭﯗﻧﺴﯩﺰ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﻟﻪﺭﮔﻪ ﭼﻪﻙ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ ،ﺋﺎﻣﺎﻥ -ﺋﯧﺴﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .




<< ﺑﺎﺭﺍﺕ ﻛﻪﻟﺪﻯ >> ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ



ﺑﯘ ﺋﻮﻳﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﮬﻪﻡ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ . ﺑﯘ ﺋﻮﻳﯘﻧﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻜﻰ << ﺑﺎﺭﺍﺕ >> ﺳﯚﺯﻯ ﮬﯩﺠﯩﺮﻳﻪ ﻳﯩﻞ ﮬﯧﺴﺎﺑﯩﺪﺍ 8- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻏﯘﺭ ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 8- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻰ ﺑﺎﺭﺍﺕ ﺋﯧﻴﯩﻨﯩﯔ 14-ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯧﭽﯩﻨﻰ ﺋﯘﺧﻠﯩﻤﺎﻱ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ -ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻢ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ .
ﺑﺎﺭﺍﺕ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﭼﻮﯕﻼﺭ ﺗﺎﺋﻪﺕ- ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯜﻧﻪﭖ ﭼﯩﻘﺴﺎ ،ﻳﺎﺷﻼﺭ ﻳﯩﻐﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻣﺎﻝ ﺳﻮﻳﯘﭖ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺟﻪﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﻧﻪﻏﻤﻪ ﻧﺎﯞﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯧﭽﯩﮕﯩﭽﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭ ﻛﻮﻧﺎ ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﻗﺎﭘﺎﻗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺧﺎﺩﯨﻐﺎ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﭗ ،ﺋﻮﺕ ﻳﯧﻘﯩﭗ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯛﭖ ،ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ ﺋﺎﺭﯨﻼﭖ ،ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ :

ﺑﺎﺭﺍﺕ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻛﯧﭽﻪ ،
ﺋﯘﺧﻠﯩﻤﺎﯕﻼﺭ ﺗﺎﯓ ﺋﺎﺗﻘﯘﭼﻪ .
ﺑﺎﺭﺍﺕ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺗﯘﻳﺪﯗﯕﻼﺭﻣﯘ ؟
ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎ ﻳﺎﻍ ﻗﯘﻳﺪﯗﯕﻼﺭﻣﯘ ؟
ﭘﻮﺷﻜﺎﻝ -ﻗﯘﻳﻤﺎﻕ ﺳﺎﻟﺪﯨﯖﻼﺭﻣﯘ ؟
ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﻗﻮﻳﺪﯗﯕﻼﺭﻣﯘ ؟

ﺑﺎﺭﺍﺕ ﺋﺎﻣﻪﺕ ،ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺋﺎﻣﻪﺕ ،
ﺋﻪﺟﻪﭖ ﻳﺎﻏﺪﻯ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ .
ﺑﺎﺭﺍﺕ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺗﯘﻳﺪﯗﯕﻼﺭﻣﯘ ؟
ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﻮﻳﺪﯗﯕﻼﺭﻣﯘ ؟
ﺑﺎﺭﺍﺗﯘﻟﻼ ، ﮬﻪﺑﯩﺒﯘﻟﻼ ،
ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩﯗﻥ ﺭﻭﺳﯘﻟﯩﻠﻼ .

ﺑﺎﺭﺍﺕ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺋﯘﻳﯘﻣﺎﯕﻼﺭ (1)،
ﺑﺎﺷﻨﻰ ﻳﺎﺳﺘﯘﻗﻘﺎ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﻼﺭ .
ﻗﻪﻟﻪﻡ ﭼﺎﻟﯘﺭ ﺑﯧﺮﯨﯔ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ،
ﺑﺎﺭﺍﺗﯘﻟﻼ ،ﮬﻪﺑﯩﺒﯘﻟﻼ ،
ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩﯗﻥ ﺭﻭﺳﯘﻟﯩﻠﻼ .

ﺑﺎﺭﺍﺕ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺗﯜﻥ ،
ﻗﻪﺩﯨﺮ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺷﯘﺑﯘ ﺗﯜﻧﺪﻩ .
ﺋﯘﺧﻠﯩﻤﺎﻱ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﯓ ﺋﻪﻣﺪﻯ ،
ﺷﯘﺑﯘ ﺳﻮﯞﻣﻪﻥ (2) ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺗﯜﻧﺪﻩ .
ﺑﺎﺭﺍﺗﯘﻟﻼ ،ﮬﻪﺑﯩﺒﯘﻟﻼ ،
ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩﯗﻥ ﺭﻭﺳﯘﻟﯩﻠﻼ .

ﺑﺎﺭﺍﺕ ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻗﺎﭘﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﻳﯜﭖ ﺗﯜﮔﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﯩﺮﻳﻪﺭﮔﻪ ﺟﻪﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺳﻮﯞﻏﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﭘﻮﺷﻜﺎﻝ -ﻗﯘﻳﻤﺎﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯩﮕﻪﭺ ،ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ ﺗﯧﭙﯩﺸﻤﺎﻕ ﺋﯩﻴﺘﯩﺸﯩﭗ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯧﭽﯩﮕﯩﭽﻪ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ .

-------------------------------------------
(1)ﺋﯘﻳﯘﻣﺎﯕﻼﺭ - ﻗﯧﺘﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺶ ،ﺋﯘﺧﻼﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ .
(2)ﺳﻮﯞﻣﻪﻥ - ﻗﯩﺮﺍﺋﻪﺕ ،ﺩﯗﺋﺎ- ﺗﯩﻼﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﻱ .




<< ﮬﺎﺷﯩﻢ ﻳﺎﺗﯩﻼﻕ ،ﻗﺎﺳﯩﻢ ﺗﺎﭘﯩﻼﻕ >> ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ


ﺑﯘ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺗﯚﺕ ﭘﻪﺳﯩﻠﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻨﺎﺷﻘﺎ ﻣﺎﺱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ (ﻗﯩﺰ -ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ -ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺭﯨﻼﺵ ﮬﺎﻟﺪﺍ )ﻧﯩﯔ ﺋﻮﻳﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﺑﺎﺏ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ .ﺋﻮﻳﯘﻧﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﯩﻜﻜﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﯟﯦﺮﯨﺪﯗ .
ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺑﺎﺷﻼﺷﺘﯩﻦ ﺑﻮﺭﯗﻥ ﺷﯘ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺑﺎﺷﻼﻣﭽﯩﺴﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺑﺎﺷﻼﻣﭽﯩﺴﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﺟﯩﻢ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺩﻩﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،<<ﮬﺎﺷﯩﻢ ﻳﺎﺗﯩﻼﻕ ،ﻗﺎﺳﯩﻢ ﺗﺎﭘﯩﻼﻕ >> ﺋﻮﻳﯘﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ، ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯘﻻﭘﻼ ﺋﻮﻳﯘﻧﻨﯩﯔ <<ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ >> ﯞﻩ <<ﺟﺎﺯﺍ >>ﺳﯩﻨﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﭗ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ .ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺳﺎﯞﺍﺗﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺑﺎﺷﻼﻣﭽﻰ :
<< ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺴﻰ ﻗﺎﺳﯩﻤﻜﺎﻥ ﺋﯚﻳﻰ ،ﺋﺎﻳﯩﻐﻰ ﺗﺎﮬﯩﺮﻛﺎﻡ ﺋﯚﻳﻰ ،ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﯘﻝ ،ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯩﺰ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪﻩ ﺑﺎﺭ ؟ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ،ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ ،ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ ؛ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺑﻪﯕﮕﻪ ،ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺳﻪﺕ ﻳﻪﯕﮕﻪ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪﻩ ﺑﺎﺭ ؟....>>ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ .
ﺑﺎﺷﻼﻣﭽﯩﻨﯩﯔ ﺟﺎﯞﺍﺑﯩﻐﺎ ﻛﯩﻢ ﺑﻮﺭﯗﻥ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﯩﺴﻪ ،ﺋﻮﻳﯘﻧﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﻐﺎ ﺷﯘ ﺑﺎﻻ ﺑﺎﺷﻼﻣﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
ﺋﻮﻳﯘﻥ ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺪﻩ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ،ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺳﯘﺋﺎﻟﻐﺎ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻗﯧﺘﯩﻤﻤﯘ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﺯﺍﺩﯨﻼ ﺑﺎﺷﻼﻣﭽﻰ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ << ﺟﺎﺯﺍ>> ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ .
ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ :

ﺋﺎﻕ ﺑﺎﺵ ﻛﺎﻻ ﺗﯘﻏﯘﭘﺘﯘ ،
ﺋﻮﺑﺪﺍﻕ ﻛﺎﻟﯩﻜﻪﻥ .
ﺗﯧﭙﯩﺸﻤﺎﻗﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ،
ﺗﯧﺨﻰ ﺑﺎﻟﯩﻜﻪﻥ .

ﺗﯘﺭﻗﯩﻐﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ،
ﺋﻪﻗﻠﻰ ﭼﺎﻟﯩﻜﻪﻥ ؛
ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﯧﻘﯩﯖﻼﺭ ،
ﺑﯧﺸﻰ ﭼﺎﻟﯩﻜﻪﻥ .

ﺋﺎﻕ ﺑﺎﺵ ،ﺋﺎﻻ ﺑﺎﺵ ،
ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻤﯘ ﻗﺎﻗﯟﺍﺵ ،
ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻤﯘ ﻗﺎﻗﯟﺍﺵ ،
ﺋﯚﺯﻯ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺳﺎﻕ ﺑﺎﺵ .

ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ،<<ﺟﺎﺯﺍ >> ﻏﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﻪﯕﮕﺨﻞ ﺳﻮﺯﯗﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ -ﺩﻩ ،ﻳﻪﻧﻪ :

ﮬﺎﺷﯩﻤﻜﺎﻣﻨﯩﯔ ﺑﯧﻐﯩﺪﺍ ،
ﻳﻮﻏﺎﻥ ﺳﯧﺪﻩ ﺑﺎﺭ .
ﺳﯧﺪﯨﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ،
ﻛﯚﭘﻜﯚﻙ ﺑﯧﺪﻩ ﺑﺎﺭ .

ﺩﻩﻳﺪﯗ .ﺷﯘ ﺋﺎﺭﯨﺪﺍ ﺑﺎﺷﻼﻣﭽﻰ ﺑﺎﻻ :
- ﮬﻪ ،ﻗﯧﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ ، - ﺩﻩﻳﺪﯗ . ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺗﻪﯕﻼ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ :

ﭼﻮﯓ ﻗﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﺪﺍ ﺯﯨﺮﻩ ﺑﺎﺭ ،
ﻛﻪﻧﺠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﻮﻝ ﻣﻪﯕﺰﯨﺪﻩ ﺯﯦﺪﻩ ﺑﺎﺭ .

ﺑﺎﺷﻼﻣﭽﻰ :
- ﻛﯩﻢ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ ؟ - ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯗ .
ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺗﯧﭙﯩﺸﻤﺎﻗﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﺎﻻ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺪﻩ ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ - ﺩﻩ ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ :

ﺋﺎﻕ ﺑﺎﺵ ،ﺋﺎﻻ ﺑﺎﺵ ،
ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻤﯘ ﻗﺎﻗﯟﺍﺵ ،
ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻤﯘ ﻗﺎﻗﯟﺍﺵ ،
ﺋﯚﺯﻯ ﻳﯘﻏﺎﻥ ﻗﺎﭘﺎﻕ ﺑﺎﺵ .

ﺩﻩﭖ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﭖ ،<<ﺟﺎﺯﺍ >> ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺋﻮﻳﯘﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺗﻪﺭﯨﺰﺩﻩ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﺪﯗ .

<< ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﻮﻳﯘﻧﻠﯩﺮﻯ >> ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ .

___ جۇدا تەستىقلىدى


Yadikar tori

<<ھەقىقەتنى دادىل ئېيتىپ بىرەلمەسلىك ياكى ئۇنىڭدىن قورقۇش ____ ۋىجدانسىزلىقتۇر !!! >>
بارخان نۇمرۇم : 95606791
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-04 04:16 چوققىغا قايتىش
ئىشەنچ
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 952
شۆھرەت: 953 نۇمۇر
پۇل: 9530 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:282(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-08

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


<< ﺑﺎﺭﺍﺕ ﻛﻪﻟﺪﻯ >> ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ BBS.xabnam.com din kochuruldi
بىز كىچىك ۋاقىتلاردا بۇئويۇننى ئوينايدىغان ،لىكىن سىز يوللىغان باشقا ئويۇنلارنى بىلمەپتىكەنمەن ،ئەمدى بىلىۋالدىم


upuk

ئەگەر دۇنيادا پاك ھەقىقىي ساپ ۋە مۇكەممەل مۇھەببەت بار دىيىلسە ئۇ دەل ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتىدۇر.


[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-04 10:26 چوققىغا قايتىش
ammar

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 213
شۆھرەت: 214 نۇمۇر
پۇل: 2130 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:46(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-11

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھەجەپ قىززىق ئويۇنلار ئىكەن قوشاقلارنى يادلىۋالاي

upuk
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-04 14:54 چوققىغا قايتىش
hojayin

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 475
شۆھرەت: 476 نۇمۇر
پۇل: 4550 سوم
تۆھپە: 6 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:39(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-08-10

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مۇختېرېم ياخشى تىمىللىرىڭىز ئۇزۇلۇپ قالمىسۇن !
قوللىرىڭىزغا بەركەت ئاتا قىلغاي


upuk

  كۇڭۇل ئاپىرىپ تاشلايدۇ   باياۋان چۇلگە .
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-07 23:46 چوققىغا قايتىش
hux-nigar

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 25
شۆھرەت: 26 نۇمۇر
پۇل: 250 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:13(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-08

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئەھمىيەتلىك تېما !  
ئۇيغۇر   مۇنبەرلىرىدە   پەرزەنىت تەربىيەسىگە ئائىت   تېمىلارنىڭ يوق بولىشىدەك   بوشلۇقنى تۇلدۇرغۇنىڭزغا تەشەككۈر قېرىندىشىم .


Yadikar tori
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-08 00:04 چوققىغا قايتىش
mmkk

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 127
شۆھرەت: 128 نۇمۇر
پۇل: 480 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:3(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-08-21

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مۇختېرېم مەن سىزنىڭ ھەممە تىمىڭىزنى .وقۇپ كىلىۋاتىمەن . ناھەيتى يىقىشلىق چىقىۋاتىدۇ !
توختاپ قالماڭ !


upuk

مەن ................
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-09 23:03 چوققىغا قايتىش
delfin

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 139
شۆھرەت: 140 نۇمۇر
پۇل: 900 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:114(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-08-25

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئەھمىيەتلىك تېما !  
ئۇيغۇر   مۇنبەرلىرىدە   پەرزەنىت تەربىيەسىگە ئائىت   تېمىلارنىڭ يوق بولىشىدەك   بوشلۇقنى تۇلدۇرغۇنىڭزغا تەشەككۈر قېرىندىشىم BBS.Xabnam.Com din kochuruldi


Yadikar tori

ئېتىقادىمىز_ئىسلام!
                    پەيغەمبىرىمىز-مۇھەممەت
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-30 20:34 چوققىغا قايتىش
BARNA0903

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 185
شۆھرەت: 186 نۇمۇر
پۇل: 1850 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:30(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-26

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


<< ﺑﺎﺭﺍﺕ ﻛﻪﻟﺪﻯ >> ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ
بىز كىچىك ۋاقىتلاردا بۇئويۇننى ئوينايدىغان ،لىكىن سىز يوللىغان باشقا ئويۇنلارنى بىلمەپتىكەنمەن ،ئەمدى بىلىۋالدىم


Yadikar tori

ئەي ئىنسان مىللىتىڭنى ئويلاپ ياشا !                    
                   
             
     

[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 13:59 چوققىغا قايتىش
BARNA0903

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 185
شۆھرەت: 186 نۇمۇر
پۇل: 1850 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:30(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-26

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھەجەپ قىززىق ئويۇنلار ئىكەن قوشاقلارنى يادلىۋالاي !!!!!

upuk

ئەي ئىنسان مىللىتىڭنى ئويلاپ ياشا !                    
                   
             
     

[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-03 14:00 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:02-07 12:58, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije