ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 2345» Pages: ( 1/12 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 23087 - كۆرۈرمىنى
باغۋەن
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 26380
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 210
شۆھرەت: 299 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 8400 سوم
تۆھپە: 175 نۇمۇر
ياخشى باھا: 95 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 179(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-07

 مەن ئايالىمنى ئۆلتۈرۋىتىمەن ( باغۋەن )

«شەبنەم تورداشلار سۆھبەت توپلىمى» نى چۈشۈرۋىلىڭ
ئايالىمنى نىمىشقا ئۆلتۈرۋىتىمەن ؟


                                بىر دېڭىزغا ئوخشۇتۇپ ،
                              دائىم سېنى ماختاي دېسەم .

                                ....................
    ياڭراتقۇدىن تاش مۇھەممەتنىڭ ناخشىللىرى ياڭراۋاتاتتى ، ئايالىم داۋاملىق ئۆي تازلاۋاتاتتى . سافاغا پۇتۇمنى ئېلىپ كۆزلىرىمنى يۇمۇپ تاماكامنى تاتلىك شوراپ تۇرمۇشنىڭ لەززىتىنى ئېلىۋاتاتتىم . سىزگە دېسەم تۇرمۇشنىڭ لەززىتىنى ئېلىشتا ھەر كىمنىڭ ھەرخىل ئۇسۇلى بار ، مەسىلەن ماۋۇ يازغۇچىمىز مەمىتىمىن ھوشۇرنى ئالايلى، .. جاڭ جاڭ سوغۇق قىش كۈنلىرىدە قىپقىزىل قىزارغان مەشنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، موخۇركىسىنى چىشلەپ ئولتۇرۇپ ئەسەر يېزىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ھوزۇرئىكەن . مىنىڭ بۇرۇن قاتتىق ياققان يامغۇردا بىر پىشايۋانلىق ھويلىنىڭ سۇپىسىدا يوتقانغا كىرىپ شارقىراپ يېغىۋاتقان يامغۇرغا قاراش ئىدى. بىزنىڭ خوتۇندىن بىر ۋاقىتلاردا سورىسام ئۇ ئالتۇن كۈز ۋاقتىدا ساپسېرىق يوپۇرماقلار ئۈسىتدە مىنى قولتۇقلاپ ئايلىنىپ مېڭىش ئىكەن. خې .... مىنى ئايلىنىپ مېڭىشمىش، ئۇخلاپ چۈشى . قېرىغاندا نىمە بار ئورمانلىقتا ... ياش ۋاقتىمىزدا سائەتلەپ سائەتلەپ ساقلاپ سەيلىگە بارايلى دەپ يالۋۇرۇپ كىتەتتى، . مانا بەزىدە تاغ ئايلانسا بەزىدە باغ ئايلىنىدۇ .
    - تاش مۇھەممەت ناخشىنى دەھشەت ئىيتىدۇ ھە ھەي ...ئۇنىڭ ئايالى قانچلىك پەخىرلىنىدىغاندۇ ئۇنىڭدىن .. سىزمۇ بىز يۈرىۋاتقاندا مەن ئۈچۈن توختىماي شېئىرى يېزىپ ئېلان قىلدۇرۇپ تۇراتتىڭىز ... .ئى تاش مۇھەممەتتەك بىر ناخشا ئيتىپ بېرىڭا ماڭىمۇ ....
                            بىر كىگىزگە ئوخشۇتۇپ ،
                          دائىم سېنى ماختاي دېسەم
.  

كۆزۈمنى يۇمۇپ ناخشا توۋلاۋىتىپ كۈلۈپ تاشلىدىم، بىر ئىككى ئۈچ .......
- ساراڭمۇ بۇ ؟ قوپىڭە نېرى ئۆينى ئاران تازىلاۋاتىمەن ، سىرىتقا چىقىپ چېكىڭە تاماكىڭىزنى ...... سىزنىڭ مالىيڭىز ئەمەس، مەن كۈندە ئۆينى ئاران تازىلىسام سېسىق پۇرۇتۇپ كۈل قىلىپ ، سىرىتقا چىقىپ چەكسىلە بۇ بىرنىمىللىرىنى ..
    ئاران بىر كەلگەن دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ئەتىگىنىدە خوتۇندىن دەشنەم ئاڭلاپ چاپاننى ئارتىپ ئىش تاپالمىغان بالكونغا چىقىپ يانپاشلاپ ئولتۇرۇپ خىيالغا كەتتىم،

كونىلار دەپتىكەن :
                      يامان خوتۇن ئۈزۈلمەس تاسما ،
                        ئۇنداق تاسمىنى بوينۇڭغا ئاسما
.

    يەنە كىم دىدى ئېسىمدە يوق - ياخشى خوتۇنغا ئۇچرىسا بەختلىك بولىدۇ ، يامان خوتۇنغا ئۇچرىسا پەيلاسوپ بولىدۇ دەپ ... ئۆزەمنىڭ بەختلىك ياكى ئەمەسلىكىنى بىلمىسەممۇ ئەمما چوقۇم پەيلاسوپلىقىمغا ئىشەندىم . توي قىلماسنىڭ ئالدىدا بۇ ئايالىم ياق خوتۇن شۇنداق ياخشىتى ، سىلەر بىلمەيسىلە قەشقەرنىڭ شۇنداق بىر ئادىتى باركەنتۇق بۇرۇن خوتۇن تاللاشتا ..... بىر قانچىسىنى دەپ بېرەي ھە.....
  ئاشخانىغا ئەكىرىپ لەغمەن يەيدىكەن. يىگىت چاندۇرۇماستىن چوكىنى تەتۈر سەپ قويدىكەن . قىز ئۇنىڭغا قارىماستىن يەۋەرسە بولدى تۈگەشتى « ئاشخانىدىكى مۇھەببەت خۇدايىمغا ئامەنەت » ئەقلى بار قىزلار بولسا چوكىنى ئوڭشاپ ئاندىن يەيدىكەن. ئەمما بارا بارا زامان تەرققىي قىلغانسىرى بۇ ئۇسۇل ئاقماس بوپ كەتتى . ھىچ بولمىسا قىزلار گاڭپەن يەيمەن دەپ تۇرۋالىدىغان بولدى . قوشۇقنى تەتۈر سەپ قويسا ئۇنچىلىك ئىشنى ئۇقا بولغىيدى.
  مۇنداق بىر ئىشنى ئاڭلىدىم ،. بىر يىگىت قىز بىلەن توي ئىشى ئۈچۈن تۇنجى كۆرۈشۈپ ناھايىتى بىر بىرسىگە يىقىپ قاپتۇ ھەم دېگەن يىرىدىن چىقىشىپتۇ . خوشلىشىدىغان ۋاقىتتا يىگىت قىزغا تىلفۇن نۇمىرىنى يېزىپ بېرىشنى ئىيتىپتۇ ، قىز بىر پارچە ۋاراقچىغا تىلفۇن نۇمىرىنى يىزىپ بېرىپتۇ، يىگىت قارىسا ئۇ قىز پەقەت تىلفۇن نۇمىرىدىن باشقا نەرسىنى يازماپتۇ ، يىگىت شۇ يەردىلا ئۇ قىزدىن ۋاز كىچىپتۇ . نىمىشقا ؟ ئۇ قىز ئىسىم - فامىلىسىنى يازماپتىكەن. يىگىت شۇنىڭدىنلا ئۇ قىزنى دىتى يوق ئىكەن دەپ قاپتۇ .
ئەگەر مىنىڭ ئايالىم بولسىچۇ ؟ ئۇ قانداق قىلاتتى ، ئىسىم فامىلىڭىزنى يازماپسىز دەپ بولغىچە
- ھۇيــــــــىـــــت غوجام ، مەندىن باشقا قىزلارمۇ بامىتى ؟ شۇنىڭ قېشىغىلا باماملا ئەمىسە ...
ئۇ چوقۇم شۇنداق دەيتتى .
  ئاكامنىڭ تويىنى قىلىدىغان ۋاقىتتا دادام ئاكامنىڭ بۇرۇن يۈرگەن قىزىغا قەتئىي قوشۇلماي بىر خانىمنى قىز ئەپ بەرگەن. ئاكام ئۇ قىز بىلەن تاماق يىمەكچى بولۇپ رېستۇرانغا كىرەيلى دېسەم ئۇ قىز ئادەتتىكى بىر تاماقخانىغا كىرسەك بولىدۇ دەپ ئۇنىماپتىكەنتۇق . 90 - يىللار ئەمەسمۇ ئۇ ، رېستۇران ئەمدى پەيدا بولۇشقا باشلىغان ۋاقىتلار. ئەنە شۇ بىر ئاددىي ئىش تۈپەيلى ئۇلار توي قىلىپ بىر ئوغۇل بىر قىز پەرزەنتى بار . شۇنداق بەخىتلىك ياشاۋاتىدۇ .
   
                              ئايالىمنى ئۆلتۈرۋىتەيمىكى ؟
 
      ئېغىر ئۇھ تارتىپ قويىدىغان بىر ئادىتىم بار . ئۆزەممۇ ھەيران ئايالىم چىداپ بولالماي مەندىن سورىدى .
- نىمىگە ئۇھ تارتىلا ؟ نىملىللىرى كەم ؟ دېسىلە ئاسماندىكى ئاينى ئەكەپ بېرەيمۇ يا يولۋاسنىڭ يۈرىكىنى كاۋاپ قىلىپ بېرەيمۇ ؟ تاغنى تالقان چۆلنى بوستان قىپ بېرەيمۇ جىنىم ؟
      ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتقىنىمچە كۆزىنىڭ ئىچىگە ئۇزاق قارىدىم ، بۇ قارىشىمدىن ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئاستا - ئاستا ياش ئەگىشكە باشىلىدى ..
- مىنى قايتا بى ئۆيلەپ قويمامسەن ؟
چىرايىمنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ شۇنداق دىدىم . بىر ئىككى ئۈچ .....
- زادى سىزدەك ئادەمگە چىرايلىق گەپ قىپ بەرگىلى بولمايدۇ . ئۆتەپ بېرىڭە .. زادى سىزنىڭ بىر پۇشايمىنىڭىز بار ...
قانداق پۇشايمىنىڭىز بار ،،،،
ئۇ قولىنى قولۇمدىن ئاجرىتىۋىلىپ ساچىر خانىمدەك ، ئامرىكا دۆلەت ئىشلار كاتىۋى رېستەك ئولتۇراتتى .
  - مەن ئۆمرۈمدە بىر قېتىم ئازغان ، قاتتىق پۇشايمىنىم بەك بەك بار ...
- قانداق ئازغانتىڭىز . ؟ يەنە قانداق يىڭى ئىشلارنى ئاڭلامەن ھە ...دەڭە ..
- سەن بىلەن توي قىلغىنىمنىڭ ئۆزى ئازغانلىق ئەمەسمۇ ؟ بولمىسا ئەتراپىمدا قىزلار ئازمىتى مىنىڭ . مىنىڭ ئىشقىمدا كاۋاپ بولۇپ، ساينىڭ تېشىدەك يىتىشىپ كەتكىنىنى بىلمەمسەن ..
- كىم بىلەن توي قىلسلىرى بولاتتى ؟ ئاشۇ مۇرادلىرىغا بى يەتكۈزەي ...
- ھېلىقى سەن بىلەن ئىشلەيدىغان كاسسىر بۇرۇن نەدە قالغان بولغىيتى ...
ئۇ ياقامغىلا ئېسىلدى ۋە مىنى تۇرغۇزۇپ كەينىمدىن قۇچاقلاپ :
- يۇرىڭە سىز خۇش بولىدىغان بىر نەرسىنى كۆرسىتەي ، دېگىنىچە مىنى ئاستا ئىشىك ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. :ئىشىكىنى ئېچىڭە جىنىم ..
ئۇ مىنى بىرلا ئتتىرىپلا ئۆيدىن چىقىرۋىتىپ ئىشكىنى شۇنداق سەت ياپتىكى ئەيھەنناس ئۇدۇل خوشنام بېشىنى ئىشىكتىن چىقىرىپ شۇنداق سەت ھىجىيىپ :
- ئۆيدىن ھەيدەپ چىقاردىما ؟
مەن پېتىمنى بۇزماي - ياق ئويۇن ئويناۋاتىمىز . ئەمىسە مەن پەسكە چۈشۈپ چىقىپ چىقاي ھە خوتۇن . چۈشتە ئۈزۈپ تاشلاپ مىفەن ئېتىپ قوياڭلا ....
  ئا خوشنامنىڭ ھىجىيىشى سەت جىنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى. ئۇنداق مىنى خەقنىڭ ئالدىدا ئىزاغا قويغان خوتۇننى ئۆلتۈرۋىتىمەن ، ئۇرسام يامانلايدۇ .
  بىزنىڭ خوتۇننىڭ قىززىق بىر يامانلىشى بار ، خوتۇن كىشى يامانلاپ تۇرىدۇ ھە ،، ئەمما ما خوتۇن يامانلىسا ئۆزىنىڭ ئۆيىگە بارماي ئۇدۇل ئاپامنىڭ ئۆيىگە بېرىپ يامانلايدۇ . مەن بىچارە بولسا ھىلىقى ئۆيدە بىر كۈن ياشايمەن . ئەتىسى يەنە ئاغىنىللىرىم بىلەن ياشاپ، ئۆگۈنى بولسا ئاندىن خوتۇن ئىسىمگە كىلىدۇ ، ئەتىسى سەھەردە شىپ شىپ قىلغان ئاۋاز بىلەن ئويغىنىپ كېتىمەن ئۇ قايتىپ كىلىدۇ ، يوتقانغا بىشىمنى چىڭ پۈركەپ ھىجىيىپ ياتىمەن . كۈنلىرىم بۇرۇنقىدەك ئەمما ئاپامنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى قويمىسا يا... ئۆلتۈرۈپ قۇتۇلمىسام خەپ ..
  مەن بالىكوندا يانپاشلاپ ئولتۇرۇپ مۇشۇ خىياللارنى سۈرىۋاتاتتىم،

                        ئۇنى قانداق ئۆلتۈرۈش كېرەك .

    ئۇ بالكوندا دەرىزە سۈرتىۋىتىپتۇ ، قۇياش نۇرىدا ئۇنىڭ ماڭا قاراپ تەبەسسۇم قىلىشى بىلەن ئۇنى ئۆلتۈرگۈم كەلمەيۋاتاتتى ،
                        تۇغماس توخو ياتىدۇ ئۇۋۇلۇقنى ئىگەللەپ
                      تۇخۇم تۇققان كوچىدا يۈرەر سەرسان ھەسسىلەپ ،


مۇشۇ شېئرىنى ئوقۇغاندا ئۇ قانداق ئەسكىلىك قىلغان ھە، مىنى بەك يالۋۇرتقۇزغان ،ئۆلتۈرۋىتىمەن .
يۇگۇرۇپ بېرىپ ئۇنى دەرىزىدىن ئىتتىرەۋەتتىم ،. ئا............................................... گۇپ ......................
          دەرھال بېرىپ تىلۋوزۇنى تازا ئۈنلۈك قويدۇمدە ھىچىنىمىنى بىلمىگەندەك تىلۋوزۇر كۆرۈشكە چۈشتۈم. گۇم، گۇم ،گۇم چوقۇم خوشنىلار « ۋاي ئايالىڭىز بىنادىن چۈشۈپ كىتىپ ئۆلۈپ قاپتۇ تېز بولۇڭ » دەيدۇ ،
ئەمدى كىمنى ئالسام بولا ... ھە دەل شۇ قىزنى ئالاي ھە ،، ئىشكىنى ئاچسام ئايالىم جەينكىنى ئۇۋىلىغىنىچە كىرىپ كەلدى ، .،
قېتىپلا قالدىم . چوقۇم ئۇنىڭ ئەرۋاھى ....
    - ۋاي چۈشۈپ كەتتىم دەرىزىدىن ئاۋايلىماي .. قورسقىڭىز ئاچقاندۇ ھە ، سەل تۇرۇپ تاماق ئېتىپ بېرەي بىر كۆز ئەينەك قالغان سۈرتىۋىتىەي ،،، ئۇ يەنە « تۇنجى مۇھەببەت » كە يەڭگىل غىڭشىپ ئىشىغا كىرىشىپ كەتتى ،
                         
                          كۈل بولۇپ كەتسىمۇ بىز چۈشكەن سۈرەت .
                            نىمىشقا ئۇنتۇلماس تۇنجى مۇھەببەت
.

      « رامبو » بۇ خوتۇن ، « سىۋاشىنگىر » مۇ يا ؟ ئۇنىڭ بىلەن شۇنچە ۋاقىت ئۆي تۇتىۋاتقىنىمنى ئويلاپ تەنلىرىم شۈركىنىپ كەتتى. مەن ئۇنى نەچچە قېتىم ئۇرغاندا جىملا تۇرغان .
    سىلەرگە دېسەم خوتۇن كىشىنىڭ ئەڭ ئەسكىسى ئېرى ئۇرغاندا ئېرى بىلەن تەڭ تۇرۇدىغىنى ، تاياق يىگەندىن كىيىن يەرگە قاراپ كەچۈرۈڭ دېسىلا ھەر قانداق ئەر كىشى ئېرىمەي قالامدۇ ، تېخى ياقىسىغا ئېسلىپ
- مىنى ئاتا - ئاناممۇ ئۇرۇپ باقمىغانەي ئۇ بۇ دەيدىكەن ،
  لېكىن مىنىڭ مىجەزىمنى ئايالىم شۇنداق چۈشىنەتتى ، ئاچچىقىم تۇتقاندا جىملا تۇرىۋاتاتتى ، كىيىن كەيپىياتىم ئوڭشالغاندا - پالانى كۈندىكى پۇستانى ئىش ئەسلى مانداق ئىدى ، ئەمما سىز مۇنداق دېدىڭىز مۇنداق قىلىدىڭىز - چۈشەندۈرۈپ قوياتتىيۇ كىيىن يۈزۈمگە سالمايتتى .
ئەگەر ئۇ مىنى بىرنى قويغان بولسا شۇ ۋاقىتتا ئاقىۋىتىم نە بولۇر ئىدى ،.
    مېنىڭچە ئۇ چوقۇم كىيىن ئۆچ ئالىدۇ ، شۇڭا دەرھال ئۆچ ئېلىشتىن بۇرۇن ئۇنى ئۆلتۈرۋىتىشىم كېرەك .
- يۈرە . چىقىپ پەيزى تاماقخانىدا بىر تاماق يەپ كىلەيلى ، ھەقىچان چارچاپمۇ كەتتىڭ ،
- ھە مەيلىغۇ ، ئەمما كوچىدا يەنە باشقىلارنىڭ قاراپ لىۋىڭىزنى تامشىتىپ ماڭسىڭىز قانداق قىلىمەن ،
- قانداق قىلاتتىڭ ، ئاپىرىپ مىھمان قىلىسەندە .،
  ئۇنىڭ ھالقا زەنجىر سېلىشلىرىغا قاراپ تۇراتتىم .
  ئۇنىڭغا توي تەكلىۋى قويغان ۋاقتىم ئېسىمگە كەپ قالغانىدى .
- قۇلىقىڭىزدىكى ھالقىڭىز بوپ قالسام ھە .
- قانداق قىلاتتىڭىز ؟
- كۈندە قۇلىڭىزغا تاتلىق پىچىرلاپ بېرەتتىم .
ئۇ ۋىللىدە قىزاراتتى دەپ يەرگە قاراپ ئولتۇرۋالاتتى ،
- زەنجىرىڭىز بوپ قالسام ھە ...
- قانداق قىلاتتىڭىز ؟
- كۈندە يۈرىكىڭنىڭ سوقۇشىنى ئاڭلاپ تۇراتتى ،
- ئۈزۈكىڭىز بوپ قالسام ھە ..
- ئىللىق ئالقانلىرىڭىزدا ئەللەينىپ نازۇك بارماقلىرىڭىزغا ئېسىلىپ ......
ھەي سىز بىلەن مەڭگۈ بىللە ياشىسام دەيمەن ، توي قىلايلى . ....................

  يەنە نىيىتىمدىن يالتىيىپ قالدىم . ئۆلتۈرمەيمۇ يا . ئەمما ئۇ تورغا چىقىپ باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىشمغا بەك ئۆچ ئىدى. ئەمما سەل كالۋا ئىدى بۇ . ئۆزى خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغاچقىمىكى يىنىمدا كامادەك ئولتۇرۇپ پىنگىۋىندا باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىپ ئىنگىلىزچە پاراڭلىشىۋاتىمەن دېسەم ھە دەپ ئولتۇراتتى ،
بىر قېتىم نەدىن بىلدى بۇ .. تولا مۇنبەردىن چىقمىسام ..

                            گۆشنىڭ ئەسكىسى توخۇنىڭ تاشلىقى ،
                            ئادەمنىڭ ئەسكىسى مۇنبەر باشلىقى
.

دەپ شېئىر توقىۋاپتۇ . ئەمما جىنىم چىققۇدەك ئاچچىقىم كەپتىكەن . 10 كۈن گەپ قىلمىغان ئىدىم . زادى ئۆلتۈرۋىتەي ..
يولدىن ئۆتكىچە چاققانلىق بىلەن ئۇنى ماشىنىنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىۋەتتىم . ماشىنا « جاڭ » لا قىلدى دە قاتتىق تورمۇز تۇتۇپ توختىدى، ئايالىم سۇن ۋۇكۇنىڭكىدە چىقىدىغان تۈلكە جىندەك ھاۋايى مۇئەللەقتە بىر موللاق ئاتتىدە يەرگە يىقىلىدى ، يىقىلىدىيۇ ئورىدىن سەكرەپ تۇردى دە ئۇدۇل بېرىپ قورققىنىدىن لاغ لاغ تىترەپ تۇرغان شوپۇرنىڭ ياقىسىدىن ئېلىپ ماشىنىدىن سۆرەپ ئەپ چۈشتى .
- ھۇ خۇمسى ، ئادەم جىق بولغاندىن كىيىن چۈشۈپ ھەيدىسەڭ بولمامدۇ ماشىناڭنى . ما ئېرىم مەندىن ئايلىرىپ قالسا ئەپ بېرىدىغان ئاچاڭ يا سىڭلىڭ بارمىتى .
  ياۋ پانا ، ئايالىمنىڭ مۇنداق سەت ئادەم تىللىغىنىنى كۆرمەپتىكەنمەن .
ئالە پىراۋاڭنى . نەدە يۈرۈپ ئالغان نىمە ئۇ ..
ئايالىم پىراۋىنى ئالدىيۇ پارچە پارچە قىلىپ يىرتىپ شوپۇرنىڭ چىرايىغا ئاتتى ۋە مىنى سۆرىگىنىچە ئېلىپ ماڭدى.
    كېچە ئۇ ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى. مەن بولسام چىلىق چىلىق تەر ئىچىدە تېلۋوزۇر كۆرىۋاتىمەن ، مەن ئادەم ئەمەس ئالۋاستى بىلەن ياشاپتىمەن ئەمەسمۇ .
- تېلۋۇزۇر كۆرگۈچىلەر دىققەت . سائەت 19دا قەشقەردىكى داڭلىق xxx سودا سارىيى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ نۇرغۇن كىشىلەر خارابىلىق ئاسىتدا قالدى، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئاياللار ھازىر قۇتقۇزۇش خىزمىتى جىددىي ئىشلنىۋاتىدۇ .
  ھە توغرا ، مەن بىنانىڭ ئارقىسىكى گۈللۈككە ئۆتتۈم دە ، بىر ئورەك كولاشقا باشلىدىم، ئايالىمنى مۇشۇ يەرگە كۆمۈۋىتىپلا ، ئاندىن ساقچىغا ئايالىم ئاشۇ سودا سارايغا نەرسە كېرەك ئالغىلى كەتكەن بەلكى ئۇ ئۆلگەن بولىشى مۇڭكىن دەپلا مۇرادىمغا يەتمەمدىمەن ،
  ئۇنى كۆمىۋەتتىم ، ئاندىن ساقچىغا مەلۇم قىلىدىم .
  بىر دەمدىلا بىر توپ ساقچىلار ئۆيىمىزگە كىرىپ كەلدى ، مەن ئاغزىمنى ئۆمەللەي دەپ بولغىچە ساقچىلار مىنىڭ قولۇمغا كويزا سېلىپ ئېلىپ ماڭدى، كىمدۇر بىر « چىقىپ قاراپ بېقىڭلار بىنا ئەتراپىدا يىڭى كولانغان يەر بارمىكىن .
مۇشۇنىڭ بىلەن قەشقەردە 49 ئەر ئايالىم سودا سارايدا ئۆلدى دەپ ئايالىنى ئۆلتۈرۋەتتى » .
  لاسسىدە ئولتۇرپ قالدىم ،

  تۇرىڭە .... تۇرىڭە ، تاماق پىشتى ،كۆزۈمنى ئاچىتم ، تۈرمىدە ئوخشايمەن . ئايالىم بېشىمدا تۇراتتى ، يەنە شۇ بالكونىمىز . ئاھ خۇدا چۈشۈم ئىكەن . مەن سەكرەپ تۇردۇمدە ئايالىمنى باغرىمغا چىڭ باستىم .
  « مەن سەندىن ئايرىلالمايمەن . »


2007 - يىلى 28 - نويابىر شەھىرى كاشىغەر ..

سۈمەييە تەستىقلىدى

ئىرىمنى ئۆلتۇرۋېتىمەن ___ بۇ يەردە :
./read.php?tid=32911&page=1&toread=1

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • ياخشى باھا:15(qimbulak)
  • شۆھرەت:20(arkhon)
  • ياخشى باھا:10(gul-sanam)
  • كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
     
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2007-11-28 22:59 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    BATTAL007
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 16991
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 459
    شۆھرەت: 480 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4555 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 108(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-25

     

    ھاھاھاھاھاھاھاھاھ
    نىمىنداق قىززىق كۈلۈپ كۈزىمدىنياش چىكىپ كەتتى غۇ
    ۋاي مەن نىمە دىسەم بۇلار بەك بەك ~~~~~~~~~~~ئىشقىلىپ بەك

    راسلا بەك قىززىق ئىكەن بۇ [
    s:76]

    كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
    ئەسلەش شىرىن ــ ئۇنتۇش قىيىن ~~~
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-11-29 00:41 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    musallas
    مۇسەللەس
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6786
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1501
    شۆھرەت: 1841 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 157407656 سوم
    تۆھپە: 49 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 132 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2035(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-07-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-17

     

    مۇنبەردە بەكلا قىزىق ، تەپەككۇرى مول ئەزالار باركەن ، بۇ تىمىنى كۇرۇپ ،ئەمدى توردىن چىكىنىپ ئارام ئالاي دىگەن خىيالام قاياققىدۇ ئۇچۇپ كىتىپ ھاردىغىم چىقىپ قالغانددەك بۇلۇپ قالدىم ، تىما ئىگىسىگە رەھمەت....... خېلى يۇمۇرىستىك بولسىڭىز كىرەك..... مۇشۇنداق تىما يەنە بارمۇ .......

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار ئەستە تۇتايلى ،
    3 چوڭ ئىنتىزام ،6 دىققەتنى .
    بىرىنچى، مۇنبەر تۇزىمىگە ئىتائەت قىلىپ ،
    ھەر قەدەم بىرلىگىدە تېما يوللايمىز.
    ئىككىنچى مۇنبەردە تولا گەپ قىلمايمىز.
    نەق يېزىپ ئىنكاسنى نىسى قىلمايمىز.
    ئۇچىنچى. تېمىلارنى سەرخىللاشتۇرۇپ ،
    مۇنبەرنىڭ   سېلىغىنى يەڭگىللەشتۈرىمىز .
    تۆتىنچى ،ئۇرمايمىز، تىللىمايمىز، چەتكە قاقمايمىز .
    (جاھىللىق قىلغانلارنى تۇرمىگە سۇلايمىز )
    بەشىنچى،. ئۆز ئارا پىكىرلەشكەندە ،
    شەرمى ھايادىن چەتنەپ كەتمەيمىز. 
    ئالتىنچى. توغرا جامائەت پىكرى  توپلاپ ،
    مۇئامىلىنى  ھەممەيلەنگە بىرخىللاشتۇرىمىز.
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-11-29 00:50 |
    butterfly
    司法自考群: 6260563
    تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 14717
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1198
    شۆھرەت: 1285 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 0 سوم
    تۆھپە: 199 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 87 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2112(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-16

     

    چۈشتە ئۈزۈپ تاشلاپ مىفەن ئېتىپ قوياڭلا BBS.xabnam.com din kochuruldi

                      گۆشنىڭ ئەسكىسى توخۇنىڭ تاشلىقى ،
                      ئادەمنىڭ ئەسكىسى مۇنبەر باشلىقى . BBS.xabnam.com din kochuruldi
    نىمانداق كۇلكۇلۇك ..............................................

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    QQ خەلىقئارا سودا  تـــــــوپى :    61116981
    MSNخەلىقئارا سودا   تـــــــوپى: butterfly.trade@hotmail.com
    ئـەگـەر «مــۇھــەببــەت ۋە يـاخشـى كـۆرۇش» جىنـايـەت بـولغان بـولسا، مـەن ئالـلا بـۇرۇن «ئــۆلــۇم» جـازاسىغـا ھـۆكـۇم قـىلىنغان بـولاتتـم .
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-11-29 00:51 |
    uyghurjan
    ئۈمىدۋار بولۇش يېرىم ئۇتۇق
    ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 10631
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2953
    شۆھرەت: 3011 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 25160 سوم
    تۆھپە: 248 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 60 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 372(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

     

    باغۋەن ئەپەندىمنى قىزغىن قارشى ئالىمىز .
    نادىر تېمىلىرىڭىزنى < http://xabnam.com > شەبنەم مۇنبىرىگە يوللاپ تۇرغايسىز .

    بۇ ئەسەر ناھايىتى چۇشىنىشلىك ، يۇمۇرىستىك ياخشى چېقىپتۇ ............@@@~~~!!!


    چىمبۇلاق مۇنبىرى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-11-29 00:59 |
    dil-rus
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 4211
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2968
    شۆھرەت: 3159 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 21990 سوم
    تۆھپە: 110 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 160 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2959(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-17

     

    ھا........ھا..... ئۇيقۇم ئېچىلىپ كەتتى دىسە تېمىڭىزنى كۈرۈپ . ئېسىل تېمىلىرىڭىز   ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن باغۋەن !
    تىل ئىشلىتىش ئۇسۇلىڭىزدىن سىزنى تۇنۇغاندەكمۇ قىلدىم .   قەلىمىڭىز يەنىمۇ بەركەت تاپسۇن .

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
      ھەقىقەتنى دۇنيادا پەقەت بىرلا ئادەم  سۆزلەيدۇ ،
    ئىغۋانى مىڭ ئادەم  !!! 
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-11-29 01:04 |
    uyghurjan
    ئۈمىدۋار بولۇش يېرىم ئۇتۇق
    ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 10631
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2953
    شۆھرەت: 3011 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 25160 سوم
    تۆھپە: 248 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 60 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 372(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

     


    چىمبۇلاق مۇنبىرى
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-11-29 01:08 |
    qiraylik000
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 20319
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 94
    شۆھرەت: 105 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 640 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 119(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-02-07

     

    بەك ياخشى يېزىپسىز! سىزنى يازغۇچىمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم. بېشىنى ئوقۇغاندا چوقۇم بىرەر ئاتاقلىق يازغۇچىمىزنىڭ ئەسىرى بۇ مەن بەك ئامراق ئۇسلۇب.دەپ ئويلىغانتىم.ئاخىرىنى كۆرۈپ... يەنە باشقا ئەسەرلىرىڭىزنى كۈتىمەن.

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-11-29 01:15 |
    wesal
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 13179
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 950
    شۆھرەت: 951 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 9270 سوم
    تۆھپە: 6 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1309(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

     

    بەك يۇمۇرىستىك تۇسنى ئالغان ياخشى يىزىپسىزباغۋەن ئەپەندىم .
      گۆشنىڭ ئەسكىسى توخۇنىڭ تاشلىقى ،
      ئادەمنىڭ ئەسكىسى مۇنبەر باشلىقى .

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-11-29 01:18 |
    naprat517
    ئۇيغۇر ئوغلى
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش رەسىم يوللاش ئۇستىسى موللا تاپقاق
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 12480
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2221
    شۆھرەت: 214748364 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 0 سوم
    تۆھپە: 110 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 69 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2541(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

     

    ھەي ~~~~~~~~مىنىڭ توي قىلغىم كىلىۋاتىدۇ ~~~~~~~~~


    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-11-29 01:28 |
    uyghurjan
    ئۈمىدۋار بولۇش يېرىم ئۇتۇق
    ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 10631
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2953
    شۆھرەت: 3011 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 25160 سوم
    تۆھپە: 248 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 60 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 372(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

     

    Quote:
    بۇ مەزمون 9 جى قەۋەتتىكى naprat517 نىڭ 2007-11-29 01:28 دە يوللىغان يازمىسى“”:
    ھەي ~~~~~~~~مىنىڭ توي قىلغىم كىلىۋاتىدۇ ~~~~~~~~~

    بولسا مۇۋاپىق يار چېقسا توي قىلىۋىلىڭ بۇرادەر .....@@@~~~!!!

    بولمىسا مانا مۇشۇ ئەھۋالغا قالىسىز ... .




      توي قىلىۋىلىڭ ... ...@@@~~~!!!

    شىنجاڭ تور مەكتىپى

    چىمبۇلاق مۇنبىرى
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-11-29 01:36 |
    nabira
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 12156
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 780
    شۆھرەت: 781 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 7790 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 334(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-06

     

    تېمىغا بىر قاراپلا ماۋۇ باغۋەن نېمانچە قارا كۆڭۈلدۇ دەپتىمەن ، ، ئەسلى مۇنداقكەندە.
    ماقالىنى ئوقۇپ بولغىچە نەچچە توختاپ كۈلۈپ چىقپتىمەن . . ھارماڭ باغۋەن ئەپەندى.

    ئىنساننىڭ قەدىر -قىممىتى ئېرىشىكىنى بىلەن ئەمەس، بەلكى بەخىش ئەتكىنى بىلەن ئۆلچىنىشى كىرەك .
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-11-29 10:36 |
    qawandaz116
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 26546
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1
    شۆھرەت: 2 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 10 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2007-11-29

     ياخشى ئەسەر

    رەخمەت سىزگە  
    بە ك مە نىسى چوڭقۇر ئىكەن   داۋملىق ياخشى ئەسەر لەرنى يوللاپ تۇرۇڭ

    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-11-29 11:05 |
    SUKUT315
    باش سۈرىتىم قېنى؟
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 23398
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1494
    شۆھرەت: 3523 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 100 سوم
    تۆھپە: 160 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 88 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 956(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

     

    قەلەم قوۋىتىڭىزگە ئاپىرىن، ئۇقۇپ بولغۇچە نەچچە رەت كۈلۈۋەتىتىم، ھەم بەك ھەيرانمۇ قالغان ئىدىم. چۈشىڭىزدىكى «سىز» بىلەن ئەمىلىيەتتكى«سىز» ئىككى خىل دۇنياغا تەۋە ئادەم ئىكەنسىلەر ئەمەسمۇ؟........

    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-11-29 11:09 |
    musfira
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25130
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 834
    شۆھرەت: 845 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 8330 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 274(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-14

     

    ،،،،،بەك ياخشى يىزىپسىز،،،،،،،،،،،،،،،،،،چۈشلۈك تاماققا تەييارلىق قىلىپ قويۇپ،،،،،،،،،،شەبنەمدە نىمە گەپلەر بوپ كەتتى كىرسەم،،،،،،،،،،،،،ۋاھ!،،،،،،،،،،،،،،،،نىمانداق پەيزى يىزىۋەتتىڭىز دەيمەن،،،،،،،،،،،،،،ئاخىرى قانداق بولار ،،،،راستىنلا ئۆلتۈرۈپ قويۇدىغان بولدى ،،،،،،،،،، ،،،دەپ يۈرسەم،،،،،،،،،،،،،،،،ماۋۇ خىياللىرىڭىزدىن ئۆرگىلەي،،،،،،،،،،،،،،،،،،ئائىلىڭىز تېخىمۇ بەخىتلىك بۈلغاي،،،،،،،،،،،يامان خىياللاردا بولمىغايسىز،،،،،،،،،،،،، ،بولمىسا ئايالىڭىزغا دەپ قويۇمەن،،،،،،،،،،،،،،،،،،

    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-11-29 11:21 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2345» Pages: ( 1/12 total )
    XabnamBBS » شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:03-18 23:40, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ