>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Nurluk alakisi  
XabnamBBS -> خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى -> « كەلىلە ۋە دەمىنە » دىن ھېكىمەتلەر

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 132 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : « كەلىلە ۋە دەمىنە » دىن ھېكىمەتلەر IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
X.MAN



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 3
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
پۇل: 30 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:3(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
« كەلىلە ۋە دەمىنە » دىن ھېكىمەتلەر

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ؛

شەبنەم مۇنازېرە مۇنبېرىدىكى بارلىق قېرىنداشلار !

كەمىنىدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام !



                                 

* بۇ دۇنيادا ئالتە نەرسىنىڭ ئالتە نەرسىسىز بولۇشى مۇمكىن ئەمەس :
  دۇنيانىڭ مېلى ھەرىكەتسىز بولمايدۇ ؛ نەپسنىڭ خاھېشى مېھنەتسىز بولمايدۇ ؛ خوتۇنلار بىلەن بىللە بولماق بالاسىز بولمايدۇ ؛ يامانلارغا قوشۇلماق نادامەتسىز بولمايدۇ ؛ بېخىلدىن تەمە قىلماق خارلىقسىز بولمايدۇ ؛ پادىشاھقا مۇلازىم بولماق ئاپەتسىز بولمايدۇ .

* يۈگۈرۈك ۋە چىرايلىق يورغىلايدىغان ئاتنى باغلاپ باقىدۇ . بۇلبۇل چىرايلىق سايرىغانلىقى ئۈچۈن قەپەسكە سولايدۇ . مېۋىلىك دەرەخ مېۋە بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ بېشىغا چىقىپ شاخلىرىنى دەسسەپ شېخىنى سۇندۇرىدۇ ۋە تاۋۇس ( توز ) ئۆز ھۆسنى ــ جامالى بىلەن جىلۋە ئەيلىگەنلىكى ئۈچۈن قانات قۇيرۇقىنى قىرقىيدۇ .

* قەدىر بىلمەس كىشى بىلەن سۆھبەت تۈزمەك ۋە قىممىتىنى بىلمەس كىشى قېشىدا خىزمەت قىلماق خۇددى ھوسۇل ئېلىشنى تەمە قىلىپ شور يەرگە ئۇرۇق چاچقانغا ياكى ئانىدىن تۇغما گاسنىڭ قۇلىقىغا سۆزلىگەنگە ۋەياكى قارىغۇ كىشىدىن ئۆزىنىڭ ھۆسن ــ جامالىنى تەرىپلەشكە سۆز تەلەپ قىلغانغا ۋەياكى سۇنىڭ يۈزىگە خەت يازغانغا ئوخشاش بىر ئىشتۇر .

* ھېچقانداق دۈشمەننى خار كۆرمەسلىك كېرەك . چۈنكى ، « يىڭنىنىڭ قولىدىن كەلگەن ئىش نەيزىنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ . ئوت گەرچە كىچىك بولسىمۇ پۈتۈن بىر ئالەمنى كۆيدۈرۈشى مۇمكىن . »

* ياخشى ئويلانغان پىكىر پالۋانلىقتىن ياخشى .

* جاھاندىكى ئالەم ئەھلى ئۆزلىرىنىڭ ھەرىكىتى ۋە خۇي ــ پەيلىگە قاراپ تۆت خىلغا بۆلۈنىدۇ :
  بىرىنچىسى ؛ دەيدۇ قىلىدۇ ، بۇ تىرىكچىلىك قائىدىسىنى بىلىدىغانلارنىڭ قائىدىسىدۇر . ئىككىنچىسى ؛ دېمەيدۇ ، قىلىدۇ ، بۇ ، مەردلەرنىڭ ئادىتىدۇر . ئۈچىنچىسى ؛ دەيدۇ ، قىلمايدۇ ، بۇ ، مۇناپىقلارنىڭ ئۇسۇلىدۇر . تۆتىنچىسى ؛ دېمەيدۇ ، قىلمايدۇ ، بۇ ، بېخىل ۋە ھىممىتى پەسلەرنىڭ خىسلىتىدۇر .

* ئۇلۇغلار ئۆز دەپتەرلىرىگە : « ئالتە نەرسىدىن پايدا ئالغىلى بولمايدۇ » ــ دەپ يېزىپ قويغانىكەن .
  ئۇلار : ئەمەلسىز سۆزدىن ، جەۋرىلىك مالدىن ، تەجرىبىسىز دوستلۇقتىن ، رىئايە قىلىنمىغان ئىلىمدىن ، مەقسەتسىز سەدىقىدىن ۋە ساقسىز تىرىكلىكتىن پايدا ئالغىلى بولمايدۇ ، ــ دېيىشكەن .

* ھىيلە ــ مىكىردىن ۋاز كەچ ، چۈنكى خەلقنى ئالدىيالىغېنىڭ بىلەن خۇدانى ئالدىيالمايسەن . ھىيلىنىڭ تولىسى ھىيلە ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۆزىگە زەرەر قىلىدۇ ۋە جازاسى يېتىدۇ .

* قەلەمنىڭ تىلى ئىككىگە ئايرىلغاچقا پادىشاھنىڭ مال ــ مۈلكىگە ۋە مەملىكەتكە پاسىبانلىق قىلىدۇ . قىلىچ بىر بىسلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىشى قان ئىچىش ۋە قان تۆكۈشتۇر . ئەمما تارغاق بولسا كۆپ تىللىق بولغاچ ، ئۇنىڭ ئىشى نازىنىنلارنىڭ بېشى ئۈستىدە ئورۇن تۇتۇشتۇر .

* ئۆلىمالار : « كىشىنى ھالاك قىلىشقا ھەرىكەت قىلغۇچىلار ئەقىلىدىن بۇرۇن ئۆلىدۇ . لېكىن جېنى تېنىدىن بىر يولىلا چىقمايدۇ ، بەلكى شۇنداق بولىدۇكى ، ئۇنىڭغا ھاياتتىن بىزار بولغۇدەك دەرىجىدە بىر رەنج يېتىدۇ . ھەردەم ئۆزىگە ئۆلۈم تىلەيدۇ ، ئەمما ئۇنچە ئوڭاي ئۆلمەيدۇ » ــ دەيدۇ .

* بۇزۇرۇكلار : « تۆت گۇرۇھنى تۆت ۋاقىتتا سىناش كېرەك . يەنى ، باتۇر ــ باھادىرلارنىڭ شىجائىتىنى جەڭدە ؛ خىيانەتسىز ــ ئىنسابلىق كىشىلەرنىڭ دىيانىتىنى ئېلىم ــ بېرىم مۇئامىلىسىدە ؛ خوتۇن ۋە پەرزەنتلەرنىڭ ۋاپاسىنى نامرات چاغلاردا ؛ ھەقىقىي دوستلارنى بالا ــ قازا كەلگەن ۋاقىتتا سىناش كېرەك » ــ دەپ ئېيتقان .

* ھەر كىشى تۆت ئىش قىلسا تۆت ئەجىر تاپىدۇ : بىرىنچىسى ، زۇلۇم قىلسا ھالاكىتى يېقىن بولىدۇ ؛ ئىككىنچىسى ، خوتۇنلار سۆھبىتىگە ھېرىس بولسا رەسۋالىققا ئۇچرايدۇ ؛ ئۈچىنچىسى ، يېمەك ــ ئىچمەككە تولا بېرىلسە كېسەلگە دۇچار بولىدۇ ؛ تۆتىنچىسى ، نادان ۋەزىرلەرنىڭ پىكرىگە ئىشەنسە ، مەملىكىتى بىلەن ۋىدالىشىدۇ .

* ھۆكۈمالار : « ئۈچ خىل كىشى ھېكمەت رەۋىشىدىن يىراق ۋە ئەقىل يولىدىن تاشقىرىدۇر » ــ دەپ ئېيتىشقان . بىرىنچىسى ، ئۆزىنىڭ كۈچ ــ قۇۋۋىتىگە ئىشىنىپ ، ھەر قانداق بالا كەلسە قارشى كېتىۋىرىدىغانلار . بۇنداق كىشىلەر ئاقىۋەت ئۆزىنى ھالاكەتكە سالىدۇ ؛ ئىككىنچىسى ، تائام ۋە شارابنىڭ ئۆزىگە يېتەرلىك مىقدارىنى بىلمەيدىغانلار ۋە مەيدىسىنىڭ ھەزىم قىلىشىغا ئاجىز كېلىشىدىن قورقماي يەۋېرىدىغانلار . شۈبىھسىزكى ، بۇنداق كىشىلەر ئۆز جېنىنىڭ دۈشمىنىدۇر ؛ ئۈچىنچىسى ، ئاداۋەت ئەھلىنىڭ سۆزىگە مەغرۇر بولۇپ ، ئۇلارنىڭ خوشامەتلىرىگە ئالدانغانلار . بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئىشى ئاخىرى ھەسرەت ــ نادامەت ۋە پۇشايمان كەلتۈرىدۇ .

* بۇزرۇكلارنىڭ ئېيتىشىچە سەككىز نەرسە سەككىز نەرسىگە باغلىق بولىدۇ . ئۇلار مۇنۇلاردۇر : خوتۇننىڭ ئىززىتى ئەر بىلەن ، بالىنىڭ ئىززىتى ئاتا بىلەن ، شاگىرتلارنىڭ ئەقلى ــ ھوشى ئۇستاز بىلەن ، لەشكەرلەرنىڭ قۇۋۋىتى سەردار بىلەن ، زاھىدلارنىڭ كارامىتى تەقۋادارلىق بىلەن ، پۇقرالارنىڭ خاتىرجەملىكى پادىشاھ بىلەن ، پادىشاھلىق ئىشىنىڭ نىزامى ئادىللىق بىلەن ، ئادىللىقىنىڭ روناق تېپىشى ئەقىل ۋە ھوشيارلىق بىلەن باغلىق بولىدۇ .

* ئۇششاق گەپمۇ دېيىلىۋەرسە بارا ــ بارا يوغىناپ مۇكەممەللىشىپ قالىدۇ ــ دە ، ئاخىرى ئۇنى رەت قىلغىلى بولماي قالىدۇ . بۇ خۇددى بۇلاقلارنىڭ سۈيى يىغىلىپ چوڭ دەريانى ھاسىل قىلغاندا ، ئۇنىڭدىن كېمىگە چۈشمەي تۇرۇپ ئۆتكىلى بولمىغاندەك بىر ئىش . شۇڭا غەرەز بىلەن قىلىنغان سۆزلەر ئۇششاق ۋاقتىدىلا ئۇنى رەت قىلماق كېرەك . شۇندىلا باشقىلارنىڭمۇ سۆزلەيدىغان يولى باغلىنىپ ، ئىشنىڭ ئاخىرى پىتنە ــ پاساتقا ئايلىنالمايدۇ .

* غەزەپنى تەرك ئەتمەك ھەممە ياخشى خۇينىڭ ئاتىسى ، ئاچچىقلانماق بارلىق يامان خۇينىڭ ئانىسى .

* ئۈچ خىل كىشى ھەممە غەم ــ ئەندىشىنىڭ ئىلكىدە ئەسىر بولۇپ تۇرىدۇ : بىرىنچىسى ، يامان ئىشنىڭ قەستىدە يۈرگەن كىشى ؛ ئىككىنچىسى ، قۇدرىتىنىڭ بارىدا ياخشى ئىش قىلمىغان كىشى ؛ ئۈچىنچىسى ، نادانلىق بىلەن ئويلىماي ئىش قىلىپ ، ئاخىرىدا ھەسرەت ــ نادامەتكە قالغان كىشى .

* ئۈچ خىل كىشى ئۆزىنى رەنجىگە سالىدۇ : ئۇنىڭ بىرىنچىسى ، جەڭ ۋاقتىدا ئۆزىدىن غاپىل بولغانلار . ئۇلار زەخمە يەيدۇ ؛ يەنە بىرى ، ھارامدىن مال جۇغلىغانلار . ئۇلارنىڭ مېلى تالان ــ تاراجقا كېتىپ ، ئۆزىدە ئۇۋالدىن باشقا نەرسە قالمايدۇ ؛ يەنە بىرى ، ئۆزى قېرى تۇرۇپ ياش خوتۇن ئالغانلار . ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن كۆڭۈل ئاچالمايدۇ .



                                   
ماتېماتىكا تەستىقلىدى

                                  « شىنجاڭ مەدەنىيىتى » ژورنىلى 2007 ــ يىللىق 5 ــ سانىدىن ئالدىـم .


Nurluk elani
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-19 18:27 چوققىغا قايتىش
arkinomar
يازما يوللاش ئۇستىسى

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1410
شۆھرەت: 1411 نۇمۇر
پۇل: 14100 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:385(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بەك ياخشى ھېكمەتلەركەن . مەن ئۇ كىتاپنى ئوقۇغان ، بەك ياخشى كىتاپ ئۇ. ئىبرەتلىك ھېكايەتلەر ئارقىلىق ئوقۇرمەنگە قانداق ئادەم بولۇشنى ئۈگۈتىدۇ .
يوللانمىڭىزغا رەھمەت .


Nurluk elani
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-19 21:14 چوققىغا قايتىش
UYGURA
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 392
شۆھرەت: 413 نۇمۇر
پۇل: 3920 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:61(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-02-23

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ كىتاب ھەقىقەتەن ئىبرەت ۋە ئەقىل-پاراسەتكە دائىر ھىكايىلەر جەملەنگەن كىتاب!

Nurluk elani

يىغلىما،ئەر! ئەجداد روھى قۇرۇنمىسۇن!
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-19 21:23 چوققىغا قايتىش
黑客帝国

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 49
شۆھرەت: 50 نۇمۇر
پۇل: 490 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:47(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-03

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز ، رەھمەت سىزگە !
مەنمۇ « شىنجاڭ مەدەنىيىتى » ژورنىلىنىڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمېنى ، مۇشۇنداق ياخشى مەزمۇنلارنى يۆتكەپ كېلىپ كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە بەھېرلىنەيلى !


Nurluk elani

爱是烟灰,别了幸福
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-19 22:19 چوققىغا قايتىش
muhterem
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 734
شۆھرەت: 852 نۇمۇر
پۇل: 12115 سوم
تۆھپە: 51 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:162(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-20

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ « كەلىلە ۋە دەمىنە » دىگەن كىتاپ چوڭ ھەجىمدىكى بىر ھىكمەت باغچىسى ، ئۇ كىتاپلارنى چوڭلارنىڭمۇ ،بالىلارنىڭمۇ ئوقۇشىغا ماس كىلىدۇ .

Nurluk elani

ئاپا سەن مىنى مەڭگۇ <مۇختېرىم> دەرسەنمۇ؟ مەن سىنىڭ ئاشۇ مۇختېرىم دەپ توۋلىشىڭنى بەكمۇ ياقتۇراتتىم.
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-20 03:43 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:11-21 20:56, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije