ئاسمان نېمە ئۇچۇن كۆك كۆرىنىدۇ ؟

بىز دائىم ھاۋا ئوچۇق كۇنلىرى ئاسماننىڭ كۆك رەڭدە بولىدىغانلىقىنى كۆرىمىز . ئۇنداقتا ئاسمان نېمە ئۇچۇن كۆك رەڭدە كۆرىنىدۇ ؟
ھەممىمىزگە مەلۇم ، قۇياش نۇرى ئاق رەڭلىك بولۇپ ؛ ئۇ قىزىل ، قىزغۇچ ، سېرىق ، يېشىل ، قىنىق يېشىل ، كۆك ، سۆسۈن قاتارلىق يەتتە خىل رەڭدىكى نۇردىن تۇزۇلگەن بولىدۇ . قۇياش نۇرى يەر شارى ئاتمېسفىرا قاتلىمىغا كىرگەندىن كىيىن ، ھاۋا ۋە چاڭ - توزاڭلار تەرىپىدىن تارقىلىدۇ . ھاۋا ۋە چاڭ - توزاڭلارنىڭ ئوخشىمىغان دولقۇن ئۇزۇنلىقىدىكى نۇرلارنى تارقىتىشىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ . كۆك نۇرنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى قىسقا بولۇپ ،تارقىلىشى كۆپ ، يەر شارىغا يىتىپ كەلگىنى ئاز بولىدۇ . ئۇزۇن دولقۇنلۇق نۇرلارنىڭ تارقىلىشى ئاز ، يەر شارىغا كەلگىنى كۆپ بولىدۇ . دېمەك ، كۆك نۇرنىڭ ئاسماندا تارقىلىشى كۆپ ، باشقا ئۇزۇن دولقۇنلۇق رەڭلەر ئاز بولغاچقا بىز يەردە تۇرۇپ ئاسمانغا قارىساق ، ئاسمان ھامان كۆك كۆرىنىدۇ . لىكىن دەل مۇشۇ ۋاقىتتا بىز ئەگەر ئالەم كېمىسىدە تۇرۇپ كۇزەتسەك ئاسمان قوپ - قاراڭغۇ كۆرىنىدۇ . بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى ، ئالەم كېمىسى يەر شارى ئاتمېسفىرا قاتلىمىنىڭ سىرتىدا ئۇچىدۇ . نۇر قۇياشتىن ئالەم كېمىسىگە يىتىپ كىلىشتە ئاتمېسفىرا قاتلىمىدىن ئۆتمەيدۇ . ھەر خىل رەڭدىكى نۇرلارنىڭ تارقىلىشى ھادىسىسىمۇ يۇز بەرمەيدۇ . شۇڭا ئالەم كېمىسىدىكى ئۇچقۇچىلار ئاسماننىڭ قاراڭغۇ تۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ .
«ئىلىم - پەنگە دائىر 250 سۇئال » دېگەن كىتاپتىن ئىلىندى.