kvrax
ھالىتى :
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 76
شۆھرەت: 77 نۇمۇر
پۇل: 760 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:60(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-06-29
|
<<پۇلغا كىتاپ سېتىۋالغىلى بۇلىدۇ ، ئەمما بىلىم سېتىۋالغىلى بولمايدۇ >> غا رەددىيە : پۇلغا كىتاپ سېتىۋالغىلى بولغانلىغى پۇلغا بىلىم سېتىۋالغانلىق بولماي نىمە ؟ كىتاپتىكى نەرسىلەر بىلىم ئەمەسمۇ يە ؟ << پۇلغا دورا سېتىۋالغىلى بۇلىدۇ ، ئەمما سالامەتلىكنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ >> غا رەددىيە : دورا سېتىۋېلىشتىن مەقسەت كېسەلنى ساقايتىپ ، ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت . بۇ پۇلغا ساغلاملىقنى سېتىۋالغانلىق بولماي نىمە ؟ << پۇلغا ئۆي سېتىۋالغىلى بۇلىدۇ ، ئەمما ئائىلە سېتىۋالغىلى بولمايدۇ >> غا رەددىيە : بىزنىڭ مەھەللىدە پۇلنىڭ يوقلىغىدىن توي قىلالمايۋاتقان قېرى يىگىتلەردىن بىر نەچچىسى بار ، ئەگەر ئاشۇلاردا پۇل بولغان بولسا بۇ كەمگىچە توي قىلىپ ئىللىق ئاىلىسى بولۇپ كەتكەن بولاتتى . . . . . . . . . . . . . مەن مۇشۇنداق يازغىلى تۇرسام بۇ پۇل توغرىسىدىكى يازمىڭىزنىڭ ھەممىسىگە رەددىيە بېرىپ چىققۇدەكمەن . بولدى مەن مۇشۇ يەردىلا توختاپ قالاي . پۇلنى ئۇنداق يامان كۆرسەتمەيلى باللا . گەپ پۇلنى قانداق ئۇسۇلدا تېپىش ۋە قانداق ئىشلىتىشتە . ئشقىلىپ پۇل ئۈچۈن ۋىجدانغا خىلاپ كېلىدىغان يامان ئشلارنى قلمىساقلا بۇ پۇل دىگەن ھالال نەرسە .
|
|
[10 - قەۋەت]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-07-03 19:41 |
| |