>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Nurluk alakisi  
XabnamBBS -> ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك تەتقىقاتى -> ئۇيغۇر تېبابىتىمىز قوللاشقا موھتاج

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 148 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : ئۇيغۇر تېبابىتىمىز قوللاشقا موھتاج IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
XIPALIKUMID

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
پۇل: 10 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-30

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
ئۇيغۇر تېبابىتىمىز قوللاشقا موھتاج

ئەسسالام تورداشلار، ئەسسالام شەبنەم مۇنبىرىدىكى بارلىق ئەزىز قېرىنداشلار...
شەبنەم ئەپەندىمنىڭ قوللىشى بىلەن شەبنەم مۇنبىرىدە يېڭىدىن- ئۇيغۇر تېبابىتى تەتقىقاتى تۈرى ئېچىلدى، بۇنىڭغا شەخسەن مەن بەكمۇ خۇشال بولدۇم..چۇنكى ئۇيغۇر تېبابىتى ئۈزىنىڭ شانلىق تارىخى ، يۇقىرى تېخنىكىسى ، مۇكەممەل تېبىبى قانۇنىيتى ئاددى داۋالاش ئۇسسۇلىرى بىلەن دۇنيا مېدىستىنا ئىلمىنىڭ شۇنداقلا جوڭگو تېبابىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بۇلۇپ جۇلانىلىۋاتىدۇ ...
يىڭى ئەسىر داۋامىدا ئۇيغۇر تېبابىتىمۇ يىڭىچە بىر سودا يۇلىدا مېڭىپ ، ئۇيغۇر تېبابىتى ياسالما دورىلار ئىلمى يىڭىچە سانائەت، يىڭىچە بارزار ئىگىلىكىدە -- ئۇيغۇر تېبابىتى بىو-تېخنىلۇگىيە شىركەتلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ ئۇيغۇر تېبابەت تېخنىكىسىنىڭ يىڭى دەۋرىدىكى بايرىقىنى زىمىنمىز ئاسمىنىدا لەپىلدەتتى ، مەسىلەن : خالمۇرات چېكاڭ بىو- تېخنىلوگىيەسى،ئالامەت بىو- تېخنىلوگىيەسى قاتارلىق شىركەتلەر ئۇيغۇر تېبابىتى ئىچىدىكى ئەڭ كىچىك بىر تۈر، بىر تېخنىكا ، بىر رېستىپلارنى زامانىۋې ئۇسسۇللار بىلەن ئىشلەپ چىقىرىپ ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئەسلىدىكى يۇشۇرۇن كۈچىنى نامايەن قىلدى..
ئەمما ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى ، دېئاگۇنۇز قۇيۇش ،داۋالاش يىڭى تۈرلەر بۇيىنچە تەتقىت قىلىش، قاتارلىق ساھالەر بىزدە تېخى (ئەلى بابا)نىڭ سېھىرلىق غارىدىكى نامەلۇم قىممەتلىك بۇيۇملاردەك تۇرماقتا ...
تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدىن تاكى ئافرىقا زېمىنىغىچە تارقالغان
قەدىمقى مىللىتمىزنىڭ شانلىق تارىخ ئىزىدە تېبابىتىمىزنىڭ ئىزلىرى، ۋە (قەدىمقى تامغىلىرى) ساقىلىنىپ قالماقتا .. مەسىلەن مىڭبىركىچە چۆچەكلىرىدە تېلغا ئېلىنغان ئاجايىپ تېۋېپلار،
سەكسەن خالتىلىق ھەكىم ئۆلىمالار ...ئەمىلىيەتتتە قەدىمقى مىللىتىمىز شۇنداقلار بىزنىڭ تېبابەت ئەجدادىمىزنىڭ ئىزلىرىدۇر...
20 - ئەسىردىن ھالقىغان بىزلەرنىڭ ئېڭىمىزدا تارىخنى ۋاراقلاپ باقمايلا، قارغۇلارچە تېۋېپ دىگەن بۇ قەدىمى سۆز بىلەن ئاتىلىۋاتقان تارىخى مىراس سۆزىمىزگە بەزىلىرىمىزنىڭ ...--
--تېۋېپ دىگەن ئالدامچى ، تۇمۇر تۇتۇپ قانداقمۇ كىسەلنى بىلگىلى بولسۇن ،-- تېۋېپ بەرگەن قارا كۇمىلاچلار قانداقمۇ پايدا قىلىدۇ ...دىگەندەك   بەتنام سۆزلەرنى ئۈزىمىزنىڭ ئاتا مىراس
ھۆنىرى بولمىش ،، تېبابەتكە ...سوۋغا قىلىۋاتىمىز....
ئەمىلىيەتتە كۆپىنچىلىرىمىز ئاتا - ئانىمىزنىڭ تەربىيەسى ئاستىدا، ياكى بومىسا مىللى مەدەنىيتىمىزنىڭ ئۆرىپ ئادىتىمىزنىڭ بىزنى ھەردائىم تەربىيەلەپ تۇرىشى ئاستىدا ئۇيغۇر تېبابىتىمىزنىڭ بەزى نازۇك تەرەپلىردىن باشلاپ بەزى ئاددى تەرەپلىرىگىچە بىلىپ بىلمەي ئۈگىنىپ ئۈزىمىز بىلمىگەن ھالدا ئۈزىمىزگە تېۋېپ بۇلالايمىز... مەسىلەن :
زۇكام بۇلۇپ قىززتمىمىز ئۆرلەپ كەتكەندە..كۆپۈنچە ھاللاردا كۆپ كىشىلەر_ قارا ئۈرۈك قېقى،ئاش كۆكى (يۇمغاسسۈت) قاتارلىقلارنى سېلىپ ئاش ئېتىپ بېمارغا ئىچىرىدۇ ....
--ئەلۋەتتە بۇ ئاددى مېسال ، دېمەككى بىز ئۆز -ئۈزىمىزنىڭ ئەنئەنىسىنىڭ تەركىبى قىسمى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتى ئارسىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن....
ھازىر ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى دىگەن قاراشقا -- بەدەن قۇۋۋەتلەش، غەرىپ تېبابىتىدە داۋالاشقا مۇمكىن بولمايدىغان ئېغىر كىسەللكلەرنى داۋالاش دىگەن بىر خاتا پىسخىكا شەكىللىنىۋاتىدۇ...
ئەگەر ئۇيغۇر تېبابىتىمىز ھەقىيقى قوللاشقا ، باش چۈكۈرۈپ تەتقىت قىلىشقا، يىڭىچە تەتقىقات ئۇسسۇللىرىنى قوللىنىشقا قاراپ يۈزلەنسۇن ...ئاللا خالىسا ... ئەيدىز دەيدىغان داۋاسىز دەپ ئاتىلىۋاتقان شۇ كىسەلنىڭمۇ شېپاسى ئۇيغۇر تېبابىتىدىن چىقاتتى ....
بۇ گەپنى ھېسياتىمغا تايىنىپ دىگىنىم يوق ، چۇنكى ئۇيغۇر تېبابىتىمىزدىكى مۇنداق بىر ئەمىلى نەتىجە بىزنۇ شۇنداق دېيىشكە ئۈندەيدۇ.....
خوتەن ۋېلايىتىنىڭ مەلۇم ناھىيەسىدە ئىجتىھاتلىق بىر تېۋىپ ھاجىم بۇلۇپ ھازىر ناھىيگە قاراشلىق بىر مىللى شېپاخانىنىڭ مودىرۋېراچى .. ئۇ ئىزچىل ھالدا قەدىمقىلارنىڭ تېخنىكىسى ، ۋە ئۈزىنىڭ يىڭىچە داۋالاش ، دېئاگۇنوز قۇيۇش ئۇسسۇلىرى بىلەن يىراق يېقىنغا داڭ چىقارغا ن،
ھازىر نۇرغۇن ماقالىلىرى ياپۇنيە تېببى پەن تېخنىكا گىزىتىدە تەرجىمە قىلىنىپ غولغۇلا قوزغىقان،
شاڭخەي تېببى ئىلمى مۇھاكىمە يېغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان، نۇرغۇن ماقالىسى چەتئەل ماتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىغان ...
ئاياللاردا بۇلىدىغان سۈت بېزى راكى كىسەللكىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە يىڭىچە ئۇسسۇل بىلەن داۋالاپ، ياپۇنيەلىك مەشھۇر تەتقىقاتچى70 ياشلىق توتاھا ئەپەندىمنىڭ قزىقىشىنى قوزغىغغان ۋە ياپۇنيەدىن ئالايىتەن مەشھۇر تېبابەت يۇرتى خوتەنگە بۇ كىشىنى ئىزلەپ كەلگەن ...
دىسەك مىساللار ناھايتى كۆپ ... ئەمما مۇشۇنداق قابىلىيەتلىك ، داڭلىق تېببى ئالىملىرىمىزنى بىز بىلمەيمىز ، بىلسەكمۇ ئۇلارنى ئېتراپ قىلمايمىز ، ئىتراپ قىلىشقا توغرا كەلسىمۇ .. ئۇلار ئۆلگەندە....
شۇڭا دىمەكچى بولغان مەسىلە ...دەل ئۇيغۇر تېبابىتىمۇ بىز ئۇيغۇرلاردىن باشلانغان ئىشىنىشكە ،ئاندىن قالسا قوللاشقا ، ئۇيغۇر تېبابىتىمنىڭ مېدىستىنادىكى يۇشۇرۇن كۈچىنى ئېتىراپ قىلىشقا مۇھتاج ..
شەبنەم ئەپەندىمنىڭ قوللىشى بىلەن ئېچىلغان مۇنبەردىكى بۇ تۈرنى بىز چۇقۇم بارلىق كۈچىمىز بىلەن تېرىشىپ ئاۋەت قىلىمىز...


ماتېماتىكا تەستىقلىدى


Nurluk elani


[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-30 21:25 چوققىغا قايتىش
matimatika
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 1304
شۆھرەت: 1400 نۇمۇر
پۇل: 13060 سوم
تۆھپە: 124 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:690(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-20

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئۇيغۇر تېبابىتى تەتقىقاتى سەھىپىسىنىڭ ئىچىلغىنىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن !
مۇشۇنداق تەرەققىيات ئارقىلىق شەبنەم كۇندىن - كۇنگە كۆكلىگۇسى.

ئۇيغۇر تىبابىتى __ جۇڭگۇ تىبابىتى ، تىبەت تىبابىتى ، موڭغۇل تىبابىتى ...قاتارلىقلار بىلەن قوشۇلۇپ جۇڭگۇ ۋە خەلىقئارا دا
بىر قەدەر تەسىرگە ئىگە . بۇ بايلىقنى تەتقىق قىلىش ۋە تەشۋىق قىلىش رىئال تارىخىي ۋە ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە .
بۇ سەھىپىنىڭ ئىچىلىشى شەبنەم مۇنبىرىنىڭ مىللىتىمىز ئۇچۇ ن قوشقان يەنە بىر تۆھپىسىدۇر .




[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-30 22:24 چوققىغا قايتىش
Sim~Sim

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 76
شۆھرەت: 77 نۇمۇر
پۇل: 760 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:13(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-07-21

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەن تىلىۋىزوردا مەخسۇس بىر قانالنىڭ ئۇيغۇر تىبابىتىنى تونۇرشتۇرغىنىنى كۆرگەنتىم ... مىنىڭچە بىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە مىللى تىبابىتىمىز تخىمۇ راۋاجلىنىدۇ ۋە مۇكەممەللىشىشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ

Nurluk elani
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-31 13:35 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:11-02 08:25, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije