iLQi
ھالىتى :
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 4
شۆھرەت: 5 نۇمۇر
پۇل: 40 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-28
|
بالىلارغا بېرىشكە تېگىشلىك 10 چوڭ سوۋغات قايسى؟
بالىلارغا بېرىشكە تېگىشلىك 10 چوڭ سوۋغات قايسى؟
1 ) مىھرى-مۇھەببەت بالىلار چارچاپ كەتكەندە ياكى روھى چۇشۇپ كەتكەن مەزگىلدە ئۇلارنى قۇچاغلاپ كوتۇرۇپ قويۇش،ئۇلارغا بىر-ئاز مىھرى-مۇھەببەت ئاتا قىلىشتىن ئىبارەت. 2 ) ئىنتىزام. قاتتىق، ئەمما بالىلار چۇشۇنەلەيدىغان ئىنتىزام ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ناچار قىلمىشىنى چەكلەش. ھەمدە كەسكىن ھالدا [ مەيلى سەن قانداق ۋاقىتتا بولمىسۇن يەنە خاتالىق ئۆتكۇزسەڭ بۇ قىلمىشىڭنى تۇزەتكەنگە قەدەر تۇسىمەن] دىيىش لازىم. 3 )ئاتا-ئانىلار ئۆزىدىن باشلاش ئاتا-ئانىلار ھەر ۋاقىت ئۆز-ئۆزىگە ( شۇ تاپتا بالاڭ سېنى كۈزۈتۈپ تۇرۋاتىدۇ،شۇڭا سەن ئۆزۇڭنىڭ يۇرۇش-تۇرۇشىڭغا ناھايىتى دىققەت قىلىشىڭ كېرەك) دىيىش ئارقىلىق ئۆز-ئۆزىنى سەگەكلەشتۇرۇپ تۇرۇشى لازىم. 4 )ئۆز-ئۆزىنى ھۆرمەت قىلىش بالىلارنىڭ تەرەققى قىلىشى جەھەتتە ئاتا-ئانىلار بالىلار ئۇچۇن لاھىيەلەپ بەرگەن نىشان بىلەن بالىلارنىڭ قىلغىنى بىردەك بولمىسا ياكى ئۇلارنىڭ بەزى ئىپادىسىنى چۇشۇنۇش قىيىن بولسا ، چوقۇم بالىلارنىڭ مىجەز -خاراكتىرىگە ھۆرمەت قىلىش لازىم. 5 ) ئۇتۇق قازىنىش ھىسسىياتى بالىلار ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى يېتىلدۇرىدىغان بەزى ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغاندا، ئۇلار بۇ ئىشنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن [ بۇ ئىشنى ياخشى قىلدىڭ] دەپ رىغبەتلەندۇرۇش لازىم. 6 )ياخشى بولغان ساغلاملىق ئادىتى بالىلارنى قەرەللىك ھالدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ سالامەتلىكىنى تەكشۇرتۇپ تۇرۇش لازىم. يەنە يامان ئادەتلەرنىڭ ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق ئىكەنلىگىنى بىلىدىغان قىلىش لازىم . 7)بالىلار بىلەن كۆپرەك بىللە بولۇش. ھەر ھەپتىنىڭ بېشىدا ياكى ئاخىرىدا بىر قېتىم بالىلار بىلەن بىللە ئورتاق قىلىدىغان پا ئالىيەتلەرنى پىلانلاش لازىم. 8 )ئۈگۈنۈش ھەۋىسى بالىلاردا تەبىئەت ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتقا بولغان قىزىقىشىنى يېتىلدۇرۇش ، پىكىرلىشىش، كۆز -قاراشلىرىنى ئاڭلاش، بەزى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش لازىم، 9 )يۇمۇرستىك ھىسسىيات بالىلار بىلەم قىزىقارلىق كىتاپلارنى بىللە كۆرۇش، بەزى يۇمۇرستىك . يۇمۇرلۇق ھەركەتلەرنى دوراپ قىلغاندا ، ھوزۇرلانغان قىياپەتنى ئىپادىلەش لازىم. 10 )ھەمراھ لىق مۇناسىۋىتى بالىلارنىڭ تەڭ دىمەتلىك دوسلىرى بىلەن بىللە ئوينىشىغا ئىلھام بېرىش ، مۇشۇنداق قىلغاندا ئۇلار ئەركىن-ئازادە ئوينىيالايدۇ ھەمدە نەزەر دا ئىرسى كېڭىيىدۇ.
قالايمىقان كوچۇرۇپ تارقىتىشقا بولمايدۇ.
__ فىرقەت تەستىقلىدى
|
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-26 23:59 |
| |