diki-dikkang
ھالىتى :
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 913
شۆھرەت: 1022 نۇمۇر
پۇل: 8971 سوم
تۆھپە: 72 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:331(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-07-17
|
ئوتتۇرا ئاسىيادىن تارتىپ تاكى موڭغۇل ئىگىزلىگىگىگىچە ، ۋولگا دەريا بويىدىن تارتىپ تاكى بۇلغار ( بەش ئۇيغۇر دىگەن مەنىدە دەپ قىياس قىلىنىدۇ) رايۇنىغاىچە بولغان كەڭ زىمىندا تۈركى مىللەتلەر ياشاپ كەلگەن بولۇپ، بىر كىتاپتا ئوقۇشۇمچە (تارىخ ھەمىدىيە بولىشى مۈمكىن) ، ئەگەر ئاللا -تالا بىر قەۋىمگە غەزىبى كەلسە ئۇلارغا تۈرك ئاتلىق باتۇر قەۋىمنى ئىبەرتىپ جازالايدىكەن دەپ تەرىپلىنىدۇ. بۇنىڭدىن دۇنيادا تۈركى مىللەەردە باتۇر ۋە جەڭگىۋار مىللەتلەردىن تېپىلمايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالىمىز. ئەينى ۋاقىتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيە رايۇنىدىكى تۈركى مىللەتلەر مىللەت ئايرىماستىن بىر پۈتۈن تۈركى نام بويىچە ئىتتىپاق ئىناق ياشاپ كەلگەن ، بىراق بۇ روسسىيە، مانجۇ قاتارلىق ھۆكۈمىرانلارنىڭ باشقۇرۇشىغا تەس بولۇپ قالغاچقا ، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قەبىلە ياكى يۇرت پەرقى بويىچە مىللەت ئايرىپ قويغان، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئارىسىدا ئىختىلاپ بولسا «ئاكا مىللەت»بولمىش روس ياكى مانجۇ لارغا دەۋاغا بېرىپ ئۇلارنى غازى قاتاردا كۆرۈپ ، ئۇلارنىڭ ھاكىمىيىتىنى قۇبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان . مانا بۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەرنىڭ 100 يىلغا يېقىن بېقىندىلىق ھاياتىدىكى سەۋەپ.
بۇ يېرىتورىيە بىلەن مۇنۇ تېرىتورىيە قانداق پەرىقلەر بار
. سېلىشتۇرۇپ باقساڭلار بولىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيە خەلقى باستۇرۇشقا ئۇچرىسا شىنجاڭ رايۇنىغا كىلىۋېلىپ قېرىنداشلىرىدىن پاناھ تىلەيتى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرمۇ باستۇرۇش ۋە ئاچارچىلىقلارغا دۇچار بولسا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركى قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىغا پانا ئىزدەپ باراتتى، بۇ تارىخى قائىدە ئىدى. ھازىرقى تىلىمىز پەرىقسىز دىگۈدەك بولسىمۇ، لېكىن يېزىقنى «ئاكا مىللەت» پەرىقلىق قىلىپ، قويغاچ، بىر بىرىمىزنىڭ سۆزىنى تەرجىمانسىز چۈشەنمەس بولدۇق. مانا بۇ ھۆكۈمىرانلارنىڭ ئارزۇسى ئىدى. شۇڭا مىللى تىلىمىزنىڭ يوقىلىپ كەتمەسلىگى ۋە مەدىنىيىتىمىزنىڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىشىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆزئارا يېزىق ئۈگىنىپ( ULY دەل كۆۋرۈك يېزىقتۇر) ، تۈركى مىللەتلەر ئورتاق مەدىنىيىتىنى قوغدىشىمىز كىرەك.
|
زورىگۈل قۇتئال
|
[60 - قەۋەت]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-02 12:47 |
| |