QUOTE:
بۇ مەزمون 21 جى قەۋەتتىكى kitaphumar نىڭ 2007-10-29 16:21 دە يوللىغان يازمىسى“”:
ئەرتىكىن ئەپەندى ،جازانى ئىجرا قىلمامسىز؟
مۇنبەر دىگەن ئىچ-پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان،دەرىجە ئاشۇرىدىغان جاي ئەمەس،ئۇ ئۆز-ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرىدىغان،بىلىم ئۆگىنىدىغان،سەۋىيىسىنى ئاشۇرىدىغان ئۆگىنىش سورۇنى. مەن تورغا چىقىشنى ئۆگەنگەن ۋاقتىمدىن باشلاپلا شەبنەم،دىيارىم تور بەتلىرىنى بىلەتتىم،بۇلار بالدۇر قۇرۇلغان ئۇيغۇرچە تور بەتلەر ھېساپلىنىدۇ.ھازىر بۇ مۇنبەرنىڭ ئەزالىرى كۆپىيىپ قۇشۇنى زورايدى،خېلى ياخشى تېمىلار يوللىنىدۇ،لىكىن بىر قىسىم ئەزالارنىڭ يازغان ئىنكاسىغا قاراپ ئادەمنىڭ رايى يېنىپ كىتىدۇ، گەپنىڭ ئوچۇقىنى دىگەندە(دوسىت يىغلىتىپ ئېيتار) مەن ئادەتتە كۈندە تورغا چىقىمەن، لىكىن ئېچىپ كۆرىدىغىنىم بىلىك،ئىزدىنىش مۇنبەرلىرى.نىمە ئۈچۈن؟چۈنكى شەبنەمدە شۇنداق ياخشى تېما يوللانسىمۇ شۇ مەسلىگە بولغان ئىنكاس ۋە مۇلاھىزە بەك پۈچەك. كۆپىنچە تورداشلار تېمىغا ئىنكاس يېزىشنى خۇددى يوقلىمىغا ئۆتۈش دەپ بىلىدىغان ئوخشايدۇ،تېمىنى چالا-پۇلا ئوقۇپلا(ئەمەلىيەتتە بەزىلەر ئوقۇماسلىقى مۇمكىن) ياخشىكەن،بولىدىكەن،دىگەندەك ئىنكاسلارنى يازىدىكەن،بەلكىم ئۇلار بۇ ئىنكاسلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭمۇ بۇ تېمىنى كۆرگەنلىكىن باشقىلارغا بىلدۈرمەكچى بولسا كىرەك.
ئۈمىت قىلىدىغىنىم:مۇنبەرنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرسەك،باشقۇرۇشنى كۈچەيىتسەك.مەقسەت ئەزا كۆپەيتىش ئەمەس،شەبنەمنىڭ ئىناۋىتىنى،تەرەققىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش. بۇ جەھەتتە بىلىك مۇنبىرىنىڭ تۈزۈمى بەك ياخشى،پۈچەك ئىنكاس يازغانلارنى، بى-بىرىنى مۇنبەردە ھاقارەت قىلغانلارنى مۇنبەر تۈرمىسىگە قاماپ قويۇپ مەلۇم مەزگىلگىچە ئىنكاس،تېما يوللاش ھوقۇقىنى ئېلىۋىتىدۇ.
ھازىرچە ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلىن مۇشۇنچىلىك يازاي.
رەخمەت سىزگە كۆپرەك نازارەتتە بولارسىز