بىر دوستۇم ئۇ بالىنى قىز دېگەن ئىدى، توۋا دېگىنىمچە ياقامنى تۇتتۇم. بۇ بالا كۈندە كەچتە ئەشۇ بىر توپ قۇلاقكەستىلەر بىلەن ئىستىراھەت مەيدانىغا كېلەتتى. ئۇنىڭ كىيىنىشى، چاچ قويۇشى، بوم ئاۋازى، مېڭىش-تۇرىشى، دوستلىرى بىلەن چاخچاقلاشقاندىكى قوپاللىقى بەئەينى كەپسىز ئوغۇل بالىنىڭ ئۆزى ئىدى.
ئۇ كۆز ئالدىمدىلا نەچچە قېتىم باشقا ئوغۇل بالىلارنىڭ كاسسىسىغا يانپىشىنى سوقۇپ چاخچاق قىلغان ئىدى، بەزىدە چېلىشىدىغاندەك بەل تۇتۇشۇپمۇ قوياتتى.
بىز بۇيەرنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاشتا مۇشۇ قۇلاقكەستىلەرگە ھېزى بولاتتۇق. بۇلار كۆپۈنچىسى ئىچكىرىچى بايلارنىڭ بالىلىرى بولغاچقا ئەركە، جېدەلخور ئىدى. ئۇلارنىڭ مۇغەمبەر كۆزلىرىدىن ھەمىشە "بىزنى نېمە قىلالايتتىڭ، نوچى بولساڭ تۇتمامسەن؟" دېگەندەك بىر خىل ھاكاۋۇرلۇق ۋە بىزنى مەنسىتمەسلىك ئىپادىلىرى چىقىپ تۇراتتى. قول ئاستىمدىكى بەزىلەرنىڭ ئىچى قايناپ:
_ بۇلارنىڭ بىرەرسىنىڭ نوخۇلىسىنى ئېلىپ قويمايلىمۇ؟ قەستەن چاتاق چىقىرىۋاتىدۇ، دېگەندە مەن توسۇپ قويغان ئىدىم.
چۈنكى بۇنداق بالىلارنىڭ كاللىسىغا "قەھرىمانلىق" ئىدىيىسى چارمىختەك مىخلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتىم . ئادەمنى چۆچىتىدىغىنى ئۇلار تۈرمىگە كىرىپ قېلىشنى ئۆزىنىڭ باتۇرلىقىنى ئىسپاتلايدىغان غايىسى قىلىۋاتاتتى. بۇ ئۇزۇن يىل جىنايى ئىشلار دېلولىرى بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرۈپ چىقارغان يەكۈنۈم ئىدى.
_ ئۇلار بىلەن ھازىرچە كارىڭلار بولمىسۇن، چوڭراق جېدەل چىقارغاندا ئاندىن ئارىلىشايلى، _ مەن ئۇلارغا شۇنداق دېدىم.
بۇنىڭ سەۋەبى: ئۇلارنىڭ يوقىلاڭ جېدەللىرىنى بېسىقتۇرىمەن،دەپ ئىتتىرىپ، قوللىرىنى قايرىپ قويساق بالاغا قالىدىغىنىمىز ئېنىق ئىدى.
_ بىز نېمە گۇناھ قىلىپتۇق، ئۆزئارا چاخچاقلاشتۇق، _ دەپ تۇرۇۋېلىپ بىردەمدە ئەتراپقا ئۇششۇق- كۆكەمىلەرنى يىغىپ بىزنى ئوسال قىلىشتىن يانمايتتى. ئۇنىڭدىن بىرەر گۇناھ ئارتقۇدەك ئىشتىن بىرنى قىلغۇچە سۈكۈت قىلغان تۈزۈك بۇ قۇلاقكەستىلەرنىڭ. بۇنداق ئىش مەندەك پىشقەدەم ساقچىنىڭ بېشىدىن جىق ئۆتكەن.
ھەرقېتىملىق كالتە جېدەللەردە ئۇ بالىنىڭ بوم ئاۋازى ھەممىدىن ياڭراق چىقاتتى:
_ ھە، نېمە دەيسەن گۇي! بىرەر گېپىڭ بار ئوخشىمامدۇ؟ كېلە نوچى بولساڭ...
دوستۇم ئەشۇ بالىنى قىز دېگەندە ھەيران قېلىشىمنىڭ سەۋەبى شۇ ئىدى.
دوستۇمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ كىچىكىدىن ئوغۇل بالىلار بىلەن ئويناپ چوڭ بولغاچقا مۇشۇنداق ئەركەك- زەدەك چوڭ بولۇپ قالغان ئىكەن. مەن قايتىدىن نەزەر تاشلىغىنىمدا خېلى ئۇستىخانلىق ھېساپلىنىدىغان بۇ بالىنىڭ كۆكسىنىڭ بىلىنەر-بىلىنمەس يوغىناپ قالغانلىقىنى بايقىدىم ھەم دوستۇمنىڭ ئۇنى قىز دېگىنىگە ئىشەندىم.
شۇندىن تارتىپ بۇ ئەتراپنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش چارلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقىنىمدا بۇ بالىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان بولدۇم. ئەگەر ئۇ راستىنلا ئوغۇل بالا بولغان بولسا ناھىيىتى كېلىشكەن يىگىت بولاركەنتۇق. بۇغدايئۆڭدىن سەل قارىراق كەلگەن بۇ بالىدا چىرايلىق، ئەمما سۈرلۈك ئوغۇل بالىلارنىڭ تىپىك چىرايى بار ئىدى.
ھەر كۈنى كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئىستىراھەت مەيدانى ئادەم كۆلىگە ئايلىناتتى. سۈرۈندىگىلى، يەل بېرىلگەن سۇلياۋ "ئوردا"دا ۋە ھەر خىل بالىلار ئويۇنچۇقلىرىدا بالىلىرىنى ئويناتقىلى، فونتان مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلانغىلى ۋە تانسا- ئۇسسۇل ئوينىغىلى چىقىدىغانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيتتى.
ھەركۈنى بىر خىللا قويۇلىۋېرىدىغان ناخشا- مۇزىكا سائەت ئونغىچە داۋاملىشاتتى. نۇرغۇن كىشىلەر چوڭ سەھنىنىڭ ئاستىدىكى گىرانت تاش ياتقۇزۇلغان مەيداندا "گۈپ- گۈپ" قىلىپ دەسسەپ ئۇسسۇلغا چۈشسە ئۇلارنى چۆرىدەپ تۇرغان تاماشىبىنلارمۇ قول پاتمىغۇدەك دەرىجىدە زىچ بولاتتى.
ئوينايلى،كۈلەيلى، ئوينايلى دوستلار،
ئالتۇندەك ياشلىق بىلەيلى دوستلار...
غالىپ غوپۇرنىڭ بۇ ياڭراق ناخشىسىدىن قېنى تېخىمۇ كۈۋەجەپ كەتكەن بىزنىڭ بۇ سەنئەتخۇمار خەلقىمىز مۇزىكىنى رەسمىي توختىتىپ، كانايدا "بۈگۈنكى پائالىيەت ئاخىرلاشتى" دەپ جاكارلىغۇچە قولتۇقىدىن سېسىق تەر پۇرىتىپ تاڭ ئاتقۇچە ئويناشتىن يانمايتتى.
بۇ يەردە تۇرۇۋېرىپ پۇت-قولىمىز ئۇيۇشۇپ تالغان بىز ساقچىلارمۇ ئۇلارغا:
_ ئويۇن تۈگىدى ھەي خەق، يەنە نېمە قاراپ تۇرىسىلەر، جۈرۈڭلار، كېتىڭلار،_ دەپ ھەيدەيتتۇق.
ئۇ بالىنىڭمۇ ئەشۇ بىر توپ ئاغىينىلىرى بىلەن ئۇسسۇل ئويناۋاتقىنىنى ناگاندا بىر كۆرۈپ قالاتتىم. ئۇنىڭ كاللىسىدا باشقىلارغا ئازراقمۇ قىز بالا ئىكەنلىكىنى چاندۇرۇپ قويماسلىق ئىدىيىسى ھۆكۈم سۈرگەچكىدۇ باشقا ئوغۇل بالىلاردەك كاسىسىنى ئېتىپ بېلىنى تولغايدىغان غىلجىڭ قىلىقلارنى چىقارماي راۋرۇس ئەركەكتەك غۇلاچ تاشلاپ ئوينايتتى.
ئۇنىڭ بۇ مەردانىلىقىغا نىسبەتەن باشقا بىر ئوغۇل بالىنىڭ غىتمەكلەرچە قىلىق چىقىرىپ ئويناشلىرى تاسادىپى كۆزۈمگە چۈشۈپ قېلىپ كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ قالدى. ئۇ ئۇسۇلنى بېلىنىڭ تۆۋىنىگە سۇيۇقئاش بارمىغاندەك تولغاپ، كاسىسىنى لوغايلىتىپ ئوينايدىكەن ھەم قاۋۇل ئوغۇل بالىلارغا سۈركىلىپ قاش ئاتىدىكەن...
بىر تۇرۇپ ئۇنىڭ قىلىقلىرىدىن كۈلگۈم كېلىدۇ، بىر تۇرۇپ غەزىپىم...ساقچى بولمىغان بولسام ياكى قانۇنىمىزدا غىتمەكنى ئاممىۋى سورۇندىن قوغلاپ چىقىرىشقا رۇخسەت قىلىنىدىغان بولسا ئۇ چۈپرەندىنى قوڭىغا تەپكىنىمچە بۇ يەردىن قوغلاپ چىقارغان بولاتتىم.
ئۇ غىتمەكمۇ ئەشۇ ئەركەك- زەدەك قىز بالىغا ئوخشاش قارىماي دېسەممۇ قاراپ سالىدىغان دىققەت ئوبېكتام بولۇپ قالدى. كۆڭلۈمدە بىرسى ئۇنى بىر ئۇرسا بوپتىكەن، شۇ باھانىدا جېدەلنى بېسىقتۇرغاندەك بولۇپ مەنمۇ كۆتىگە ئىككىنى تېپىۋالاتتىم، دەپ تېلەيدىغان بولۇپ قالدىم.
ئارىدىن خېلى ۋاقلار ئۆتۈپ مەن ئارزۇ قىلغان بۇ ئىش ئاخىرى يۈز بەردى:
شۇ كۈنى ئويۇن ئاخىرلىشىپ ساقچىخانىغا كېلىپ ئەمدى ئولتۇرۇپ تۇرۇشۇمغا بىر نەچچە بالا ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىشقىنىچە كىرىپ كەلدى.
ئوتتۇرىدا ئۇ خەنەك ئاغزى- بۇرنى قان، كۆڭلىكىنىڭ ئالدى تۈگمىسى ئۈزۈلگەن ھالەتتە يىغلامسىراپ تۇراتتى.
_ نېمە بولدۇڭلار؟_ سورىدىم.
_ مېنى بىرسى بىكاردىن-بىكار ئۇرۇۋەتتى.
_ كىم ئۇردى، قېنى؟
_ خەلق مەيدانىدا قالدى...
مەن ئۇ بالىنى ۋە ئىككى ساقچىنى ئېلىۋېلىپ ئۇ يەرگە بىردەمدە يېتىپ باردىم. ئۇ يەردە بىر توپ بالىلار يىغىلىۋالغان بولۇپ ئارىسىدىكى بىرسىگە ئۇلار "بولدى قىلە، جۈرە كىرىپ كېتىمىز" دەپ قولىدىن تۇتۇۋېلىپ تەربىيە قىلۋاتسا ئۇ بالا "قويۇپ بېرىڭلار دەيمەن، ئۇ غىتمەكنى تۈزۈك ئادەم قىلىپ قوياي" دەپ يۇلقۇنۇپ ۋارقىۋاتقان ئىكەن.
قارىسام ئۇ دەل ھېلىقى ئوغۇل بالىدەك ياسانغان ئەركەك- زەدەك قىز ئىكەن.
_ نېمە بولۇشتۇڭلار،_ دەپ سورىشىمغا يېنىمدىكى تاياق يىگۇچى بالىغا يولۋاستەك ئېتىلىپ بېرىپ بۇرنىغا يەنە ئىككىنى ئۈسسۈۋەتتى.
بۇ ئىش تۇيۇقسىز يۈز بەردىكى، مەن ھاي!-ھاي دېيىشكىمۇ ئۈلگۈرەلمەي قالدىم.
ئۇنىڭ پاتىڭىغا بىرنى قويدۇم-دە، "ماڭە ساقچىخانىغا" دەپ ئېلىپ ماڭدىم.
_ ماڭسام ماڭدىم، قولۇمدىن تارتمىسىلا، ئۆزەم ماڭالايمەن، _ دېدى ئۇ "يىگىت" نوچىلىق بىلەن.
_ ئەمدى ئىشنىڭ جەريانىنى سۆزلەش، زادى نېمە بولدۇڭلار؟
ساقچىخانىغا كىرگەندىن كېيىن بىر-بىرىگە سوقۇشچى خورازدەك ھۆرپىيىشىپ تۇرغان بۇ ئىككى بالىنىڭ بىرسىنى بۇ تامغا، يەنە بىرسىنى ئۇ تامغا بىر- ئىككىنى ئۈسسۈتۈپ تۇرغۇزغاندىن كېيىن شۇنى سورىدىم.
_ ئۇ بىكاردىن-بىكار مېنى ئۇردى؟ بۇرنۇمغا ئۈستى!_ دېدى تاياق يىگۈچى.
_ بىكاردىن-بىكارغا دېمە ھەزىلەك، ئۇسسۇل مەيدانىدا ماڭا قاش ئېتىپ، ئۇ يەر-بۇ يەرلىرىمنى تۇتمىغان بولساڭ سېنى ئۇرمايتتىم، چانىۋەتمىگىنىمگە خوش بول ئاناڭنى!_ ئەركەك-زەدەك قىز يەنە ئۇنىڭغا ئېتىلىۋىدى، قولىدىن تارتقۇشلاپ چۆرۈپ ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ قويدۇم ھەم ۋارقىرىدىم:
_ بولدى قىلىش! مۇشۇ يەردىمۇ تەپ تارتمايدىغان قانداق دېگەن گەپ بۇ؟ بىر باشتىن سۆزلەش!...
_ ئۇرغىنىم راست، قانداق جازالىسىڭىز جازالاڭ!- دېدى ئۇ دېمىقىنى قېقىپ.
ھېلىقى ئوغۇل بالا لاغىلداپ تىترىگىنىچە ماڭا ئۇنى قاتتىقراپ جازالاپ بېرىشىمنى ئۆتۈنىۋاتقاندەك تەرىزدە قارايتتى...
__ فىرقەت تەستىقلىدى