" ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘ ﺑﯩﻠﯩﻚ " ﺗﯩﻜﻰ ﯞﯦﻨﯩﺮﺍﻏﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ بايانلار
ﯞﯦﻨﯩﺮﺍ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻪﻳﻴﺎﺭﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭼﻮﯓ - ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜﻰ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ - ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ . ﯞﯦﻨﯩﺮﺍ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﻮﯓ ﺳﻪﻳﻴﺎﺭﯨﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﻐﺎ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﯞﻩ ﺋﻪﯓ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺳﻪﻳﻴﺎﺭﻩ ﻣﯧﺮﻛﻮﺭﯨﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﻣﯧﺮﻛﻮﺭﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻼ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻪﻳﻴﺎﺭﻩ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻰ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . ﺑﯘ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ " ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘ ﺑﯩﻠﯩﻚ " ﺗﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ .
135 . ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﻰ ﺳﻪﯞﯨﺘﺘﯘﺭ ، ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﯚﺯﻯ ،
ﺋﯘ ﻳﺎﻗﺴﺎ ﻛﯚﺭﻩﺭﺳﻪﻥ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﻳﯜﺯﻯ .
ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘﻛﻰ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﯞﯦﻨﯩﺮﺍﻧﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ " ﺳﻪﯞﯨﺖ " ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﭖ ، ﺋﯘﻧﻰ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ، ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﺴﻪ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﭼﯧﮭﺮﯨﺪﻩ " ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻖ " ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺭﯨﭙﻠﻪﻳﺪﯗ .
ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ " ﺳﻪﯞﯨﺖ " ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ .
ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ " ﺳﻪﯞﯨﺖ " ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻧﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ " ﭼﻮﻟﭙﺎﻥ " . " ﺯﯗﮬﺮﻩ " ، " ﻳﻮﺭﯗﻕ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ " ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻧﯩﯔ ﮬﺎﯞﺍ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺷﻪﺭﻕ ﺋﺎﺳﻤﯩﻨﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻨﻰ " ﺯﯗﮬﺮﻩ " ﺗﺎﯓ ﺳﻪﮬﻪﺭ ﺩﻩ ﻏﻪﺭﺏ ﺋﺎﺳﻤﯩﻨﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻨﻰ " ﭼﻮﻟﭙﺎﻥ " ﺩﻩﭖ ، ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ : ﻳﻮﺭﯗﻕ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ " ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ . ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺑﯘ ﺋﯜﭺ ﺋﯩﺴﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺋﯘ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻧﯩﯔ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﯩﻨﻰ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﺪﯨﻜﻰ ﮬﺎﯞﺍﻧﯩﯔ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ، ﺗﺎﯓ ﺳﻪﮬﻪﺭﺩﻩ ﻏﻪﺭﺏ ﺋﺎﺳﻤﯩﻨﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﯩﻨﻰ ﺗﺎﯓ ﺋﯧﺘﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺯ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﻪﺭﮔﻪﭼﻜﻪ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﯧﻐﯩﺸﻼﻳﺪﯗ . ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻧﻰ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ " ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ " ، " ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺧﻮﺷﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ " ﺩﻩﭖ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯩﻨﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯘﻕ . ﺑﯘ ﺋﯚﺯ ﻧﯚﯞﯨﺘﯩﺪﻩ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺷﯘ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻧﯩﯔ ﺧﯘﺳﺴﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ .
" ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘ ﺑﯩﻠﯩﻚ " ﺗﯩﻜﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﭘﻪﻧﮕﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ،55- بەت.