مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش روزىباقى ھاجىم ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى روزىباقى ھاجىم ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى
 
شىنجاڭ يېڭى ئىز توي خاتىرە سۈرەت تارتىش مەركىزى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
سىز بۇ تېمىنىڭ 1444 - كۆرۈرمىنى
تىما: دۇنياۋى بۈيۈك ئەسەر-قۇتادغۇبىلىك(54~60-باپ)
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى

UID نومۇرى : 11327
نادىر تېما : 2 پارچە
يازمىسى : 2127 پارچە
شۆھرەت: 8574 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 15160 سوم
تۆھپە: 300 نۇمۇر
ياخشى باھا: 163 نۇمۇر
مۇنبەردىكى ۋاقتى: 1521(سائەت)
ھازىرقى ھالىتى :
تىزىملاتقان ۋاقتى :2007-01-20
ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-26
0  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2007-05-21 21:08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

دۇنياۋى بۈيۈك ئەسەر-قۇتادغۇبىلىك(54~60-باپ)

شەبنەم شىركىتى بىر يىللىق ئەسلىمىلىرى


              ﺋﻪﻟﻠﯩﻚ ﺗﻮﺗﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﭖ
ﭼﯘﺵ ﺋﻮﺭﯨﮕﯘﭼﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺑﺎﻳﺎﻧﯩﺪﺍ


4366 ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻠﯩﻤﺪﯗﺭ ﺑﯘ ﭼﯘﺵ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺋﻮﻝ ،
ﭼﯘﺷﯘﺳﻪﯓ ، ﺋﻮﺭﯗﭼﻰ ﺋﺎﭼﺎﺭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﻮﻝ .
4367ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯘﺧﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﻪﮔﻪﺭ ﭼﯘﺵ ﻛﻮﺭﻩﺭ ،
ﺋﻮﺭﯗﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﺴﻪ ، ﺗﯧﺰ ﺩﯨﮕﻪﻧﻰ ﻛﯧﻠﻪﺭ .
4368 ﺑﯘ ﭼﯘﺵ ﺋﻮﺭﮔﯘﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻮﺭﺳﻪ ﺧﻮﭖ ،
ﻳﯘﺭﻩﺭ ﻳﺎﺧﺸﯩﻐﺎ ، ﺋﻪﺭ ﻗﺎﻟﯘﺭ ﺧﻮﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ .
4369 ﺑﯩﻤﻪﻧﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭼﯘﺵ ﯞﻩ ﻳﺎ ﺑﻪﻙ ﻳﺎﻣﺎﻥ ،
ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺳﻪﺩﻗﻪ ﺋﻮﺯﯨﻦ ﻛﯘﺯﻩﺗﺴﯘﻥ ﺷﯘﺋﺎﻥ .
4370 ﻗﺎﺭﺍ ، ﭼﯘﺵ ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﻰ ﺭﻩﮬﯩﻤﻠﯩﻚ ﺧﯘﺩﺍ -
ﻗﯘﻟﯩﻐﺎ ﭘﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﺩﻩﭖ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﺋﺎﺗﺎ .
4371ﭼﯘﺷﯘﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﻮﺭﺳﻪﯓ، ﺳﻮﻳﯘﻧﮕﯩﻦ ﮬﺎﻣﺎﻥ ،
ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮬﻪﻗﻘﻪ ﺳﯩﻐﯩﻨﻐﯩﻦ ﺷﯘﺋﺎﻥ .
4372 ﭘﯧﻘﯩﺮﻟﻪﺭﮔﻪ ﺑﻪﺭﺳﻪﯓ ﻛﯘﻣﯘﺵ ، ﻣﺎﻝ ﺗﺎﯞﺍﺭ ،
ﺧﯘﺩﺍ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎ ﮔﻪﺭ ﺑﺎﻟﺎﻧﻰ ﺗﻮﺳﺎﺭ .

4373 ﻧﯩﻤﻪﮔﻪ ﺟﻮﺭﯨﺴﺎ ، ﭼﯘﺵ ﻣﺎﯕﺎﺭ ﺷﯘﯕﺎ ،
ﺋﺎﻳﺎ ﭼﯘﺵ ﺋﻮﺭﮔﯘﭼﻰ ، ﻛﻮﯕﯘﻝ ﺑﻮﻝ ﺑﯘﯕﺎ .
4374 ﻛﯩﺸﯩﻜﯩﻢ ، ﺑﯘ ﭼﯘﺷﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻐﺎ ﺟﻮﺭﺍﺭ ،
ﺋﯩﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﻣﯧﮭﺮﯨﻠﻪ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺎﺭ .
4375 ﺑﯘﻟﺎﺭﻧﻰ ﮬﻪﻡ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﻮﺭﯗﭖ ، ﺗﯘﺕ ﻗﺎﻳﺎﺵ .
ﺗﯩﻠﻪﺳﻪﯓ ﻗﺎﻳﺎﺵ ﺗﯘﺕ ، ﺗﯩﻠﻪﺳﻪﯓ ﺋﺎﺩﺍﺵ .

        ﺋﻪﻟﻠﯩﻚ ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﭖ
ﻣﯘﻧﻪﺟﺠﻤﻠﺎﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺑﺎﻳﺎﻧﯩﺪﺍ


4376 ﺑﯘﻟﺎﺭﺩﯨﻦ ﺳﻮﯓ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯘ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﭼﯩﺪﯗﺭ ،
ﻛﻮﺭﻩﺭﺳﻪﻥ ، ﺑﯘ ﻳﻮﻝ ﺑﻪﻙ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﺋﯧﺮﯗﺭ .
4377 ﻳﯩﻞ ، ﺋﺎﻱ ، ﻛﯘﻥ ﮬﯩﺴﺎﯞﻯ ﺑﯘﻟﺎﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﺭ ،
ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻚ ﺋﯧﺮﯗﺭ ﺑﯘ ﮬﯩﺴﺎﭖ ، ﺋﻪﻱ ﺟﻪﺳﯘﺭ .
4378 ﺋﻮﻗﻰ ﮬﻪﻧﺪﯨﺴﻪﻧﻰ ﺩﯨﺴﻪﯓ ﺑﯩﻠﻪﻳﯩﻦ ،
ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻱ ﮬﯩﺴﺎﭖ ﺋﯩﺸﯩﮕﻰ ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ .
4379 ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺑﯩﻞ ﻛﻮﭘﻪﻳﺘﯩﺶ ، ﺑﻮﻟﯘﺵ ﯞﻩ ﻛﻪﺳﯩﺮ ،
ﻛﺎﻣﺎﻟﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﻪ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﺪﯗﺭ ﺑﯩﺮ .
4380 ﺑﯘ ﺗﻪﺯﺋﯩﻒ[681] ﻳﺎ ﺗﻪﻧﺴﯩﻔﻨﻰ[682]ﺳﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻞ ،
ﺋﻪﮔﻪ ﺭ ﺑﯩﻠﺴﻪﯓ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﺎﻧﺎﻕ ﺟﻪﺯﯨﺮ[683]ﻗﯩﻞ .
4381 ﻳﻪﻧﻪ ﺟﻪﻣﺌﻰ ﺗﻪﻓﺮﯨﻖ[685] ، ﻣﯩﺴﺎﮬﻪﺗﻜﻪ[685] ﺋﻮﺕ ،
ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﺕ ﭘﻪﻟﻪﻛﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﭼﻮﭘﭽﻪ ﺗﯘﺕ .
4382 ﺗﯩﻠﻪﺳﻪﯓ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﻪﻥ ﺋﺎﻟﮕﯩﺒﺮﺍﻧﻰ ﺋﯘﻕ ،
ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﻗﻠﯩﺪﺳﻨﯩﯔ[686] ﺋﯩﺸﯩﮕﯩﻨﻰ ﺳﻮﻕ .

4383 ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎ، ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺕ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ، ﺋﯩﺸﻪﻥ ،
ﻗﯩﻠﯘﺭ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﮬﯩﺴﺎﭘﻠﺎﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ.
4384 ﺑﯘﺯﯗﻟﺴﺎ ﮬﯩﺴﺎﭖ ﮔﻪﺭ ، ﺋﻪﻱ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯩﺸﻰ ،
ﺑﯘﺯﯗﻟﻐﺎﻱ ﮬﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ .
4385ﺑﻮﻟﯘﺭﺳﻪﻥ ﺋﻮﺯﯗﯓ ﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﻤﻪﻙ ،
ﻳﺎﻣﺎﻥ - ﻳﺎﺧﺸﻰ ﯞﺍﻗﻨﻰ ﮬﯩﺴﺎﭘﻠﺎﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
4386 ﻛﯘﻥ ، ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﻗﯘﺗﻠﯘﻏﻰ ﮬﻪﻡ ﻧﻪﺳﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ،
ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ ﭼﺎﻏﻨﻰ ﺗﺎﭖ ، ﺋﻪﻱ ﻗﻪﻟﺒﻰ ﭘﺎﻙ ﺋﻪﺭ .
4387 ﺗﻮﻟﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺩﻩﭘﺘﯘ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﻗﯧﺮﻯ :
ﺋﯩﺸﯩﯖﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻜﻜﻪ ﺩﻩﭖ ﻗﯩﻞ ، ﻳﯘﺭﻯ .
4388 ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯩﺸﯩﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﺴﺎ ،
ﺗﺎﭘﺎﺭ ﻣﻪﻗﺴﯩﺪﯨﻨﻰ ﻧﯩﭽﯘﻙ ﺋﯩﺸﻠﯩﺴﻪ .
4389 ﮬﻪﺭ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺋﺎﯞﺍﻝ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﻮﻝ ،
ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﺎ ﻟﺴﺎ ﺋﯩﻠﯩﻢ ، ﻳﻪﺗﻤﻪﺱ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻗﻮﻝ .
4390 ﺋﯘﻟﺎﺭﺩﯨﻦ ﺳﻮﺭﺍ ،ﺗﯧﺰ ﭘﯘﺗﯘﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪ ﭼﯩﻦ ،
ﺑﯩﻠﯘﭼﻰ ﺧﯘﺩﺍﺩﯗﺭ ، ﺳﻪﻥ ﺗﯘﺕ ﺋﯘﻧﻰ ﭼﯩﯔ .
4391 ﺑﯘﻟﺎﺭﻏﺎ ﮬﻪﻡ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﺎﺭﺍ ، ﺳﻪﻥ ﻳﺎﺭﺍﺵ ،
ﺗﯩﻠﯩﯖﻨﻰ ﺗﯧﻴﯩﭗ ﺗﯘﺕ ، ﺩﯨﻠﯩﻦ ﻗﯩﻠﻤﺎ ﻏﻪﺵ .

        ﺋﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﺘﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﭖ
ﺷﺎﺋﯩﺮﻟﺎﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺑﺎﻳﺎﻧﯩﺪﺍ


4392 ﻛﯧﻠﯘﺭ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺷﺎﺋﯩﺮ ، ﺑﯘ ﺳﻮﺯ ﺗﻪﺭﮔﯘﭼﻰ ،
ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﺎﺧﺘﺎﭖ ﯞﻩ ﮬﻪﻡ ﺳﻮﻛﻜﯘﭼﻰ .
4393 ﻗﯩﻠﯩﭽﺘﯩﻦ ﺋﯩﺘﺘﯩﮕﺮﻩﻙ ﺑﯘﻟﺎﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﻰ .
ﻗﯩﻠﺪﯨﻨﻤﯘ ﻧﺎﺯﯗﻛﺮﺍﻕ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘ ﺭ ﻳﻮﻟﻰ .
4394 ﻧﻪﭘﯩﺲ ﮬﻪﻡ ﺗﯩﺮﻩﻥ ﺳﻮﺯ ﺩﯨﺴﻪﯓ ﺋﯘﻗﺎﻳﯩﻦ ،
ﺑﯘﻟﺎﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺸﯩﺘﻜﯩﻦ ، ﺋﯘﻗﯘﻟﯘﺭ ﻛﯧﻴﯩﻦ.
4395 ﻛﻮﺭﻩﺭﺳﻪﻥ ، ﺩﯦﯖﯩﺰﮔﻪ ﻛﯩﺮﯗﺭ ﻛﯩﺸﯩﺪﻩﻙ ،
ﮔﻮﮬﻪﺭ ، ﺋﯩﻨﺠﯘ ، ﻳﺎﻗﯘﺕ ﭼﯩﻘﺎﺭﯗﺭ ، ﺩﯨﻤﻪﻙ .
4396 ﺋﯘﻟﺎﺭ ﻣﺎﺧﺘﯩﺴﺎ ، ﺋﻪﻟﮕﻪ ﺗﺎﺭﺍﺭ ﺷﯘ ﭘﯧﺘﻰ ،
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﻮﻛﺴﻪ ﻛﯩﻤﻨﻰ ، ﺳﯧﺴﯩﻴﺪﯗ ﺋﯧﺘﻰ .
4397 ﺗﻮﻟﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﯘﺗﻘﯩﻦ ﺑﯘﻟﺎﺭﻧﻰ ﻗﺎﻳﺎﺵ ،
ﺑﯘﻟﺎﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﻐﺎ ﺋﯩﻠﯩﻨﻤﺎ ، ﺋﺎﺩﺍﺵ .
4398 ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﺎﺧﺘﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﺳﻪﯓ ﺋﻮﺯﯗﯓ ،
ﺑﯘﻟﺎﺭﻧﻰ ﺳﻮﻳﯘﻧﺪﯗﺭ ، ﺑﻪﺱ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺳﻮﺯﯗﯓ .
4369 ﻧﯩﻤﻪﻧﻰ ﺗﯩﻠﻪﺳﻪ ، ﺑﻪﺭﮔﯩﻦ ﺳﻪﻥ ﺗﯘﮔﻪﻝ ،
ﺋﯘﻟﺎﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺯﯨﻦ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻝ.

        ﺋﻪﻟﻠﯩﻚ ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﭖ
ﺩﯨﺨﺎﻧﻠﺎﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺑﺎﻳﺎﻧﯩﺪا


4400 ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺭﯗﮪ ﺋﯘ ﺩﯨﺨﺎﻧﻠﺎﺭ ﺋﯧﺮﯗﺭ ،
ﺑﯘﻟﺎﺭ ﺑﻪﻙ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﯘﺭﯗﺭ .
4401 ﺑﯘﻟﺎﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﮬﻪﻡ ﺳﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﻝ ﯞﻩ ﻗﯧﺘﯩﻞ ،
ﮔﯧﻠﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﯩﻘﯩﻠﻤﺎﻱ ﺗﯩﺮﯨﻞ .
4402 ﭘﯘﺗﯘﻥ ﺟﺎﻧﻰ ﺑﺎﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯗﺭ ﭘﺎﻳﺪﯨﻨﻰ ،
ﺗﺎﭘﺎﺭ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﯩﻤﻪﻙ ﺗﻪﻣﯩﻨﻰ .
4403 ﭘﯘﺗﯘﻥ ﺟﺎﻧﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﺎﭺ ﺑﻮﻟﯘﺭ ﮬﻪﻡ ﺗﻮﻳﯘﺭ،
ﺗﯩﺮﯨﻚ ﺑﻮﻟﺴﯩﻠﺎ ﺋﻮﯕﺎ ﻣﯘﮬﺘﺎﺝ ﺋﯧﺮﯗﺭ .
4404 ﺳﺎﯕﺎ ﮬﻪﻡ، ﺷﯘﺑﮭﻪ ﻳﻮﻕ ، ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺑﯘ ﻛﯩﺸﻰ ،
ﭘﯘﺗﻪﺭﻛﯩﻢ ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻠﻪ ﮔﯧﻠﯩﯖﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ .
4405 ﺋﺎﺷﯘﻟﺎﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﻡ ﻗﻮﺷﯘﻝ ﺋﻰ ﻗﺎﻳﺎﺵ ،
ﮔﯧﻠﯩﯔ ﭘﺎﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮬﻪﻡ ﮬﺎﻟﺎﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ ﺋﺎﺵ.
4406 ﻧﯩﻤﻪ ﺩﻩﺭ ﺋﺸﯩﺘﻜﯩﻦ ﺗﻪﻗﯟﺍﻟﺎﺭ ﺑﯧﺸﻰ ،
ﭘﯘﺗﯘﻥ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ :

      ﺋﻪﻟﻠﯩﻚ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰﯨﻨﭽﻰ ﺑﺎﭖ
ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺑﺎﻳﺎﻧﯩﺪﺍ


4419 ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺗﭽﯩﺪﯗﺭ ،
ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻝ - ﺳﺎﺕ ﺋﯘ ﺗﯩﻨﻤﺎﻱ ﭘﺎﻳﺪﺍ ﺗﺎﭘﯘﺭ .
4420 ﺟﺎﮬﺎﻧﻨﻰ ﻛﯧﺰﻩﺭﻟﻪﺭ ﺗﯩﺮﯨﻜﻠﯩﻚ ﺗﯩﻠﻪﭖ ،
ﺋﻪﻗﯩﻞ ، ﻛﻮﯕﻠﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯘﺩﺍﻏﺎ ﺋﯘﻟﺎﭖ.
4421 ﺋﯘﻟﺎﺭﻏﺎ ﻗﻮﺷﯘﻝ ، ﻗﯩﻞ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﮬﻪﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ،
ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯩﺴﺘﯩﺴﻪ ﺑﻪﺭ ، ﺋﯧﻠﯩﺶ ﮬﻪﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ .
4422 ﺋﯘﻟﺎﺭﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﺭ ﺑﯘ ﺟﺎﮬﺎﻥ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﻰ ،
ﺧﻪﻟﻖ ﻛﻮﺭﻛﻰ ، ﺳﻪﺭﺧﯩﻞ ﺟﯩﻤﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ .
4423 ﺷﻪﺭﻗﺘﯩﻦ - ﻏﻪﺭﭘﻜﻪ ﻳﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯘﺭ ،
ﺗﯩﻠﻪﮔﯩﯔ ﻧﻪ ﺋﻪﺭﺳﻪ ﺳﺎﯕﺎ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﯗﺭ .
4424 ﺗﯘﻣﻪﻥ ﺧﯩﻞ ﻏﻪﺯﯨﻨﻪ ، ﺟﺎﮬﺎﻥ ﺗﺎﯕﺴﯘﻗﻰ ،
ﺋﯘﻟﺎﺭﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﺭ ، ﺋﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﺳﯧﺨﻰ .
4425 ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻛﻪﺯﻣﯩﺴﻪ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭ ﺟﺎﮬﺎﻥ ،
ﻗﺎﺭﺍ ﻗﺎﻣﺎ ﺟﯘﯞﺍ ﻛﯩﻴﻪﺗﺘﯩﯔ ﻗﺎﭼﺎﻥ؟
4426 ﺗﻮﺯﯗﺗﻤﺎﺱ ﺑﻮﻟﺎ ﭼﺎﯓ ﻗﯩﺘﺎﻥ ﻛﺎﺭﯞﯨﻨﻰ ،
ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ ﺗﯘﻣﻪﻥ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻏﻰ؟

4427 ﻛﯧﺰﯨﭗ ﮔﻪﺭ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭ ﻳﯘﺭﻣﯩﺴﯩﺪﻯ ،
ﺑﯘ ﺋﯘﻧﭽﻪ ﺗﯩﺰﯨﻘﻨﻰ ﻛﯩﻢ ﻛﻮﺭﻩﺭ ﺋﯩﺪﻯ؟
4428 ﺳﺎﻧﺎﯞﻩﺭﺳﻪﻡ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻣﯩﺴﺎﻝ ﺗﯘﮔﯩﻤﻪﺱ ،
ﺋﯘﺯﺍﺗﻤﺎﻱ ﺳﻮﺯﯗﻣﻨﻰ، ﻗﯩﻠﺎﻱ ﺋﻪﻧﺪﻯ ﺑﻪﺱ .
4429 ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺗﭽﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯘﺭﯗﺭ ،
ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺳﻪﻥ ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ، ﻗﻮﺷﯘﻟﺴﺎﯓ ﺑﻮﻟﯘﺭ .
4430 ﺗﯩﺮﯨﺶ ﺳﻪﻥ ، ﺋﯘﻟﺎﺭﻧﻰ ﺗﻮﻟﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﯘﺕ ،
ﻛﯧﺘﻪﺭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻧﺎﻣﯩﯔ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﺎﺭﻏﺎ ، ﭘﯘﺕ .
4431 ﺷﯘﻟﺎﺭﺩﯗﺭ ﺟﺎﮬﺎﻧﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﯔ ﻳﺎﻳﻐﯘﭼﻰ ،
ﻳﺎﻣﺎﻧﯘ - ﻳﺎﺧﺸﯩﻨﻰ ﮬﻪﻡ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﯘﭼﻰ .
4432 ﺳﺎﯕﺎ ﺋﺎﺯ - ﺗﻮﻟﺎ ﮔﻪﺭ ﺋﯘ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺳﻮﻏﺎﺕ ،
ﺟﺎﯞﺍﺑﻪﻥ ﺳﻮﻳﯘﻧﭽﻠﯘﻙ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﻪﻥ ﺋﯘﺯﺍﺕ .
4433 ﺯﯨﻐﯩﺮﻟﺎﭖ ﮬﯩﺴﺎﭘﻠﺎﺭ ﺯﻩﺭﻩﺭ -ﭘﺎﻳﺪﯨﻨﻰ ،
ﻗﻮﺷﯘﻟﺴﺎﯓ ، ﻧﻪﺯﻩﺭﺩﻩ ﺗﯘﺗﻘﯩﻦ ﺳﻪﻥ ﺑﯘﻧﻰ .
4434 ﻧﯩﻤﻪ ﺩﻩﺭ ، ﺋﯩﺸﯩﺘﻜﯩﻦ، ﺟﺎﮬﺎﻥ ﻛﻪﺯﮔﻪﻥ ﺋﻪﺭ ،
ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﻮﭖ ﺋﯩﺸﻠﺎﺭ ﻛﯧﭽﯩﭗ ﺋﻮﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﺭ :
4435 ﺗﯩﻠﻪﺳﻪﯓ ﺋﯧﺘﯩﯖﻨﻰ ﺟﺎﮬﺎﻧﻐﺎ ﻳﯧﻴﯩﺶ ،
ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯘﺗﯘﺷﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺲ .
4436 ﺋﺎﺗﺎﻧﻤﺎﻕ ﺗﯩﻠﻪﺳﻪﯓ ﺋﻮﺯﯗﯓ ﺑﻪﻟﮕﯘﻟﯘﻙ ،
ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﮔﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻧﻪﺳﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﯘﻟﯘﻙ .
4437 ﺗﯩﻠﻪﺳﻪﯓ ﺋﻮﺯﯗﯕﮕﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺕ ، ﺋﻮﻏﯘﻝ ،
ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮ ﯞﻩ ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻝ .
4438 ﺑﯘ ﻳﺎﯕﻠﯩﻎ ﻗﯧﺘﯩﻠﻐﯩﻦ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪ ،
ﻳﺎﺷﺎ ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺳﻪﻥ ﻛﯘﻟﻪ .

          ﺋﻪﻟﻠﯩﻚ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﯨﻨﭽﻰ ﺑﺎﭖ
ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﺎﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺑﺎﻳﺎﻧﯩﺪﺍ


4439 ﺑﯘﻟﺎﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﻪﺭ ﺳﻮﯓ ﺑﯘ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﺎﺭ ،
ﭘﯘﺗﯘﻥ ﻳﯩﻠﻘﯩﻠﺎﺭﻏﺎ ﺑﻮﻟﯘﺭ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﺎﺭ .
4440 ﺑﯘﻟﺎﺭ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﻗﻜﻮﯕﯘﻝ، ﭼﯩﻦ ﺭﺍﺳﺘﭽﯩﻞ ﺋﯧﺮﯗﺭ ،
ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﯘﻛﯩﻨﻰ ﻳﯘﻛﻠﯩﻤﻪﺱ ﺑﻮﻟﯘﺭ .
4441 ﻳﯩﻤﻪﻙ - ﻛﯩﻴﻤﻪﻙ ، ﺋﯘﻟﺎﻍ - ﺋﺎﺕ ، ﺋﺎﻳﻐﯩﺮ ﯞﻩ ﻳﯘﻙ -
ﺗﻮﺷﯘﭼﻰ ﺑﯘﻟﺎﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﺎﺭ ﺑﻪﻟﮕﯘﻟﯘﻙ .
4442 ﻗﯩﻤﯩﺰ ، ﺳﯘﺕ ، ﻳﺎ ﻳﯘﯓ ، ﻳﺎﻍ ، ﻗﯧﺘﯩﻖ ﻳﺎ ﻗﯘﺭﯗﺕ ،
ﺑﯩﺴﺎﺕ ﻳﺎ ﻛﯩﮕﯩﺰ ﮬﻪﻡ ﮬﻮﺯﯗﺭ ﺋﻮﻳﮕﻪ ﺗﯘﺕ .
4443 ﺑﯘﻟﺎﺭﺩﯗﺭ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﺎﻣﺎﻡ ،
ﺗﻮﻟﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﻮﺭﮔﯩﻦ ﺋﯘﻟﺎﺭﻧﻰ ﺑﻮﺗﺎﻡ .
4444 ﻗﯧﺘﯩﻠﻐﯩﻦ ، ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﯩﻦ ، ﻳﯩﺪﯗﺭ ﮬﻪﻡ ﺋﯩﭽﯘﺭ ،
ﺩﯗﺭﯗﺳﻠﯘﻕ ﺋﯩﭽﯩﻨﺪﻩ ﺗﯩﺮﯨﻜﻠﯩﻚ ﻛﻮﭼﯘﺭ .
4445 ﻧﯩﻤﻪ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎ ﺑﻪﺭﮔﯩﻦ ، ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﻝ ،
ﺋﯘﻟﺎﺭ ﮬﯩﻠﻪ ﺑﯩﻠﻤﻪﺱ ، ﻛﻮﺭﺩﯗﻡ ﺋﯘﺷﺒﯘ ﮬﺎﻝ .
4446 ﺑﯘﻟﺎﺭﺩﯨﻦ ﺗﯩﻠﻪﻣﻪ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﺎ ﻳﻮﺳﯘﻥ ،
ﮬﯩﺠﻪﺯﻯ ﺋﯧﺮﯗ ﺭ ﺗﯘﺯ ،ﺋﻪﻱ ﺧﯘ ﻟﻘﻰ ﭘﯘﺯﯗﻥ .
4447 ﺋﯘﻟﺎﺭﻏﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﺴﺎﯓ، ﺋﻮﺯﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺋﺎﻝ ،
ﺑﯘﻟﺎﺭﺩﯗﺭ ﻳﯘﺳﯘﻧﺴﯩﺰ ، ﺋﯘﺳﯘﻟﺴﯩﺰ ، ﻗﻮﭘﺎﻝ .
4448 ﺳﻮﺯﯗﯕﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﯩﻞ ، ﺋﺎﺩﺍﺵ ﺑﻮ ﻟﻤﺎﻏﯩﻞ ،
ﺑﯘ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭ ، ﺑﯩﻠﯩﻤﺴﺰ ، ﺟﺎﮬﯩﻞ .
4449 ﺗﻮﻟﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺩ ﺋﻪﭘﺘﯘ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺗﯘﺯﮔﯘﭼﻰ ،
ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ ﺳﯩﻨﺎﭖ ﺑﯩﻠﮕﯘﭼﻰ :
4450 ﺑﯩﻠﯩﻤﺴﯩﺰ ﻧﻰ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺗﯘﺗﻤﺎﻏﯩﻞ ،
ﻗﯩﻠﯘ ﺭ ﻗﯩﻠﻤﺎﺱ ﺋﯩﺸﻨﻰ ، ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺗﯘﺗﺴﺎ ، ﺑﯩﻞ .
4451 ﻣﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻨﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯧﻴﺘﻤﺸﺘﯘﺭ ﺑﯩﻠﯩﻚ ،
ﺑﯩﻠﻢ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﺋﺸﻘﺎ ﺗﻪﻛﻜﯘﺯﮔﯩﻦ ﺋﯩﻠﯩﮓ :
4452 ﺗﯘﺕ ﺋﻮﺯﻧﻰ ، ﺑﯩﻠﯩﻤﺴﯩﺰﮔﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ،
ﻳﺎﺷﺎﺭ ﺑﻪﺧﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﯘﺗﯩﺴﺎ ﺋﻪﺭ ﺋﻮﺯﯨﻦ .
4453 ﻗﻮﭘﺎﻟﺪﯗ ﺭ ﺑﯩﻠﯩﻤﺴﺰ . ﺳﻮﺯﻯ ، ﺧﯘ ﻟﻘﻰ ﮬﻪﻡ ،
ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺗﯘﺭ ، ﺗﯧﺰﯨﭗ ﻳﯘﺭ ﺑﯩﻠﯩﻤﺴﯩﺰﻟﯩﺪﯨﻦ .
4454 ﺷﯘ ﻳﺎﯕﻠﯩﻎ ﺑﻮﻟﯘﺭﻟﻪﺭ ﺑﯘ ﭼﺎﺯﯞﯨﭽﯩﻠﺎﺭ ،
ﻗﻮﺷﯘﻟﺴﺎﯓ ، ﺳﻮﺯﯗﻡ ﺳﺎﯕﺎ ﻳﻮﻟﭽﻰ ﺑﻮﻟﺎ ﺭ .
4455 ﻳﺎﺷﺎﭖ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ، ﮬﻪﺳﺴﻪ ﺗﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﻧﯩﭽﯘﻙ -
ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ، ﺳﺎﯕﺎ ﺑﯘﻧﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ .

            ﺋﺎﺗﻤﯩﺸﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﭖ
ﻗﻮﻝ ﮬﯘﻧﻪﺭﯞﻩﻧﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯟﻭﺗﺘﻪﺑﻮﻟﯘﺵ ﺑﺎﻳﺎﻧﯩﺪﺍ


4456 ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺭﯗﮪ ﺋﯘ ﮬﯘﻧﻪﺭﯞﻩﻥ ﺋﯧﺮﯗﺭ،
ﺗﯩﺮﯨﻜﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﮬﯘﻧﻪﺭﻟﻪﺭ ﻗﯩﻠﯘﺭ .
4457 ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻚ ﻛﺸﯩﻠﻪﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘ ﺳﺎﯕﺎ .
ﺑﯧﺮﯗ ﺭ ﭘﺎﻳﺪ ﺋﺎ ﻳﯩﮕﺖ ، ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻝ ﺋﯘﯕﺎ .
4458 ﺗﻮﻣﯘ ﺭﭼﻰ ، ﺋﻮﺗﯘﻛﭽﻰ ، ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯧﺮﯨﭽﻰ ،
ﻳﺎ ﺳﯩﺮﭼﻰ ، ﺑﻮﻳﺎﻗﭽﻰ ، ﻳﺎ ﺋﻮﻗﭽﻰ ، ﻳﺎﭼﻰ ،
4459 ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺯﯨﻨﻨﺘﻰ ﺑﯘﻟﺎ ﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘ ﺭ ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﺗﺎﯓ ﺋﯩﺸﻠﺎﺭ ﺑﯘﻟﺎﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯘﺭ .
4460 ﺳﺎﻧﺎ ﯞﻩﺳﻪ ﻛﻮﭘﺘﯘ ﺭ ، ﺳﻮﺯﯗﻡ ﺋﯘﺯﯨﺮﺍ ﺭ ،
ﺋﯘﺯﻩﻳﻤﻪﻥ ﺳﻮﺯﯗﻣﻨﻰ ، ﺋﻮﺯﯗﯓ ﺳﻪﻥ ﺋﺎﯕﻘﺎﺭ .
4461 ﺋﺎﺷﯘﻟﺎﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﻡ ﻗﻮﺷﯘﻝ ﯞﻩ ﻗﯧﺘﯩﻞ ،
ﺋﯘﻟﺎﺭﻧﻰ ﺳﻮﻳﯘﻧﺪﯗ ﺭ، ﺳﻮﻳﯘﻧﭽﺘﻪ ﺗﯩﺮﯨﻞ .
4462 ﺋﻨﺴﯖﻨﻰ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺋﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰ ﺑﻪﺭ ،
ﻳﺪﯗ ﺭﮔﯩﻦ ، ﺋﯩﭽﯘﺭﮔﯩﻦ ، ﺋﺎﺷﻨﻰ ﻛﻪﯕﺮﯗ ﺑﻪ ﺭ .

4463 ﺋﻪﻳﯩﭗ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﯘﻧﻠﻪﺭ ﺳﯧﻨﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﺭﺍ ، :
ﺋﯧﺘﯩﯔ ﺑﯘﺯﯗ ﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ، ﺑﯘﯕﺎ ﺧﻮﭖ ﻗﺎﺭﺍ .
4464 ﻳﻪﻧﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺩﻩﭘﺘﯘ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ، ﺳﯘﺯﯗﻙ ،
ﺧﻪ ﻟﻘﻘﻪ ﻛﻮﻳﯘﻣﭽﺎ ﻥ ﯞﻩ ﻛﻮﯕﻠﻰ ﺗﯘﺯﯗﻙ :
4465 ﺗﯩﺮﯨﻜﻠﯩﻚ ﺗﯩﻠﻪﻣﻪ ، ﻳﺎﺧﺶ ﻧﺎﻡ ﺗﯩﻠﻪ ،
ﻛﯧﺮﻩﻙ ﻳﺎﺧﺶ ﻧﺎﻡ ﺑﯘ ﺗﯩﺮﯨﻜﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪ .
4466 ﺋﻮﺯﯗﯓ ﺋﻮﻟﺴﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺑﯘ ﻧﺎﻣﯩﯔ ﻗﺎﻟﯘ ﺭ ،
ﺋﯧﺘﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮ ﻟﺴﺎ ﮬﺎ ﻳﺎﺕ ﺗﻪﻡ ﺑﯧﺮﯗ ﺭ .
4467 ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪ ﻛﯩﻢ ﺋﯧﺘﯩﻦ ﺩﺍﻏﻠﯩﺴﺎ ،
ﺋﯘﯕﺎ ﻳﺎﺧﺸﯩﺮﺍﻗﺘﯘﺭ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﺗﯘﺭﻣﺴﺎ .
4468 ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺩﻩﺳﻤﺎﻳﯩﺪﯗﺭ ، ﺗﯩﻠﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺕ ،
ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎ ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻝ ﺋﻮﻣﯘﺭﺑﺎﺕ .

        ماتېماتىكا قايتا تەھرىرلىدى
ئەسكەرتىش:تۆۋەندىكى ئادىرىستا تولۇق قىسمى بار.
./thread.php?fid-61.html
مىسرانىم تورى


http://matimatik.blogbus.com
شەبنەم يېڭى كىنوخانىسى
سامانيولى
دەرىجىسى : شەبنەم پەخرى

UID نومۇرى : 12389
نادىر تېما : 0 پارچە
يازمىسى : 1542 پارچە
شۆھرەت: 1597 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4606 سوم
تۆھپە: 60 نۇمۇر
ياخشى باھا: 28 نۇمۇر
مۇنبەردىكى ۋاقتى: 1553(سائەت)
ھازىرقى ھالىتى :
تىزىملاتقان ۋاقتى :2007-02-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-27
1  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2007-06-28 16:05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

يۈسۈپ   خاس   ھاجىپ

                                                      ( قۇتادغۇبىلىك )

                                                      نەسىرى   يەشمىسى
               
                              كۈيۈنگۈچى   ۋە   ئايىغۇچى   ئاللانىڭ   ئىسمى   بىلەن   باشلايمەن
                                     
  [   1   ] قۇدرەتلىك   ۋە   ئۇلۇغ   تەڭرىنىڭ   مەدھىيسى   ئېيتىلىدۇ  


*1 . ياراتقان ، تەربىيە   قىلغان   ۋە   كەچۇرگەن   ئىگەم   (خۇدا   )   نىڭ
      نامى   بىلەن   باشلىدىم   .

*2 . قۇدرەتلىك ، بىرلا   ئاللاغا   تۈمەنمىڭ   سانا  
      ۋە   كۆپ   مەەدىھە   ( بولسۇن ) ، ئۇ   يوقالمايدۇ   .

3 . (ئۇ) بوز   يەر   ، يىشىل   ئاسمان   ،   كۈن   ۋە   ئاينى   ،   تۈننى   ،
      خەلىقنى   ،   زامان   ۋە   كۈنلەرنى   ياراتتى   .

4 . بۇ   ھەممە   بارلىقنى   خالىدى   ۋە   ياراتتى   ،
      بىرلا (پەيدا)   بول   دىۋىدى   ،   خالىغىنىنىڭ   ھەممىسى ( پەيدا ) بولدى   .

5 . يارىتىلغان   بارلىق   نەرسىلەر   (ئۇنىڭغا ) مۇھتاج   ،
      مۇھتاجسىز   بىلا   خۇدا   ،   (ئۇنىڭ )   شىرىكى-ھەمراھى   يوقتۇر   .

6 . ئەي   ئەركلىك   ،   قۇدرەتلىك   ،   مەڭگۈ   مۇھتاجسىز   خۇدا   ،
      بۇ   ئات   سىنىڭدىن   باشقىسىغا   لايىق   ئەمەس   .

7 . ئۇلۇقلۇق (ۋە) بۈيۈكلۈك   ساڭىلا   خاس   ،
      سىنىڭدىن   باشقا   ساڭا   تەڭتۈش   يوق   .

8 . ئەي بىر   (خۇدا )   ،   ساڭا   باشقا   بىرسى   (ھەرگىز )   ئورتاق   بۇلالمايدۇ   ،
      سەن   ھەممىدىن   ئاۋۋالىسەن   ،   ئەزەل   ھەم   ئاخىرىسەن .

9 . سىنىڭ   بىرلىكىڭنى   ھىساپلاشقا   بولمايدۇ   ،
      سىنىڭ   قۇدرىتىڭ   ھەممىگە   يىتىدۇ   .

10 . شۈبھىسىزكى ،   سەن   بىرلا   ،   ئەي   مەڭگۈلۈك   ئاتا   ،
      سەن   ھىساپقا   قېتىلمايسەن   ،   ئىنكارمۇ   قىلىنمايسەن   .

11 . ئەي ، ھەممىنى   بىلگۈچى   ، مەۋجۇداتنىڭ   ھەقىقىتى ،
      كۈزۈمدىن   يىراقسەن   ،   (ئەمما)   كۈڭۈلگە   يېقىنسەن   .

12 . سىنىڭ   بارلىقىڭ   كۈن   ،   ئايدەك   روشەن -ئاياندۇر   ،
      (لىكىن) بۇنىڭ   تەكتىنى چۈشىنىشكە   ئەقىل-پاراسەت   يەتمەيدۇ   .

13 . سىنىڭ   بىرلىكىڭ   مەۋجۇت   ، نەرسىلەرگە   باغلىق   ئەمەس   ،
      (چۈنكى) ھەممە نەرسىنى   سەن   ياراتتىڭ   ،   ئۇلار   سىنىڭدۇر   .

14 . بارلىق   مەۋجۇدىيەتنى   سەن   ياراتتىڭ   ،
      ھەر قانداق   نەرسە   يوقۇلىدۇ   ،   ئەمما   سەنلا   تىرىك   (قالىسەن ).

15 . ياراتقۇچىنىڭ   بارلىقىغا   يارىتىلغانلار   گۇۋاھ   ،
      يارالغان   ئىككى   (دۇنيا)   بىرلىكىڭگە   ئېنىق   شاھىت   .

16 . ئۇنىڭغا   ئوخشايدىغىنى   ياكى سېلىشتۇرمىسى   يوق   ،
      نىمىشقا   شۇنداقلىقىغا   خەلىقنىڭ   ئەقلى   يەتمەيدۇ   .

17 . ئۇ ، ماڭمايدۇ ، يا ياتمايدۇ   ، ئۇخلىمايدۇ   ،   ئويغاق   ،
      ئۇنى   ئوخشىتىشقا   ، يا ،   سېلىشتۇرۇشقا   ،   يا   سۆرەتلەشكە   بولمايدۇ   .

18 . كەينىدىمۇ   ،   ئالدىدىمۇ   ئەمەس   ،   ئوڭدىمۇ ، سولدىمۇ   ئەمەس   ،
      ئاستىدىمۇ   ،   ئۈستىدىمۇ   ،   يا   ئوتتۇردىمۇ   ئورنى   يوق .

19 . ئۇرۇننى   ئۇ   ياراتتى   ،   (بىراق ) ئۇنىڭ   ئورنى   يوق   ،
      ئۇنىڭسىز   ئۇرۇن   يوق   بۇنىڭغا   ئىشەن   .

20 . ئەي ، سىرلارغا   يېقىن ،   كۈڭۈللەردىن   يۈكسەك (خۇدا) ،
      بارلىق   سۆرەت   ،   شەكىللەر   ساڭا   گۇۋاھدۇر   .

21 . سەن   تۈمەنمىڭ ،   سان-ساناقسىز   تىرىكلەرنى   ياراتتىڭ ،
      تۈزلەڭ ، تاغ ،   دېڭىز   ، دۆڭ ئويمان يەرلەرنى   (ياراتتىڭ )

22 . يېشىل   ئاسماننى ،   تۈمەنمىڭ   يۇلتۇز   بىلەن   بېزىدىڭ ،
      قاراڭغۇ   تۈننى   نۇرلۇق   كۈندۈز   بىلەن   يۇرۇتتۇڭ   .

23 . قانچىلىغان   ئۇچىدىغان ، يۈرىدىغان ، تىنىدىغان (جانلىقلار)
      سىنىڭدىن   ئۇزۇق   ئېلىپ   ياشايدۇ   .

24 . يۇقۇرىدا   ئەرشتىن تۆۋەندە   يەرگە   قەدەر   ،
    بارچە (نەرسە) بىردەك   ساڭا   مۇھتاج ، ئەي ئىگەم .

25 . ئەي بىر (خۇدا) ئىشەنگۈچى ،   (ئۇنى) تىلىڭ بىلەن   مەدھىيلە ،
      دىلىڭ   شەكسىز   ئىشەنگەن   ئىكەن   ،   ئەقلىڭنى   ياۋاش   تۇت .

26 . ئۇنىڭ   تەكتىگە   يىتىمەن   دىمە ،   كۆڭلۈڭنى   كۈزەت   ،
      (ئۇنىڭ) بارلىقىغا   ئىشەن-دە ،   خاتىرجەملىككە   ئىرىش   .

27 . ئۇنىڭ   قەيەردە ، قانداقلىقى   ھەققىدە   ئىزدەنمە   ،   ئۆزۈڭنى   تۇت .
      ھىچ   يەردە   ۋە   ھىچقانداق   ئەمەس   دەپ بىل ، (بۇ   توغرىدا)   كۆپ   سۆزلىمە   .

28 . ئەي ، مۇھتاجسىز   ئىگەم   ، سەن   مۇھتاج   بۇ   قۇلۇڭغا  
      شەپقەت   قىلىپ   ،   بارلىق   گۇناھلىرىنى   كەچۈرگىن .

29 . ساڭىلا   سېغىندىم   ، ئۈمۈدۈم   سەندە ،
      مۇھتاج   بولغان   يىرىمدە   مىنىڭ   قۇلۇمنى   تۇت .

30 . مىنى   سۈيۈملۈك   پەيغەمبەر   بىلەن   بىللە   تۇرغۇز ،
      ئادالەت   كۈنى (قىيامەتتە) ئۇنى ماڭا يىتەكچى قىل ،

31 . تۆت   ھەمراھىنىڭ   ھەممىسىگە   داۋاملىق   ،
      ئۈزۈلدۈرمەي   تۈمەنمىڭ   سالام   يەتكۈز   .

32 . ئۇلۇغ   كۈندە (ماڭا) ئۇلارنىڭ   يۈزىنى   كۆرسەت   ،
      ياخشى   سۆزىنى   ماڭا   يول كۆرسەتكۈچى   قىل .

33 . ساڭا   لايىقىدا   مەدىيھە   ئۇقالمايمەن   ،
      سىنى   ئۆزۈڭلا   ماختا   ،   سۆزۈم   كىسىلدى   .

                <<       بىرىنجى   باپ     تۈگىدى     >>
[ بۇ يازما samanyuli تەرپىدىن 2007-06-29 12:33 دە قا ]
روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
شەبنەم يېڭى كىنوخانىسى
سامانيولى
دەرىجىسى : شەبنەم پەخرى

UID نومۇرى : 12389
نادىر تېما : 0 پارچە
يازمىسى : 1542 پارچە
شۆھرەت: 1597 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4606 سوم
تۆھپە: 60 نۇمۇر
ياخشى باھا: 28 نۇمۇر
مۇنبەردىكى ۋاقتى: 1553(سائەت)
ھازىرقى ھالىتى :
تىزىملاتقان ۋاقتى :2007-02-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-27
2  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2007-06-28 22:03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

[     2     ]پەيغەمبەر   ئەلەيھسالامنىڭ   مەدىيھىسى   ئېيتىلىدۇ


34 . شەپقەتلىك   ئىگەم   سۈيۈملۈك   پەيغەمبەرنى   ئەۋەتتى   ،
      (ئۇ) خەلىق   ئىچىدىن   تاللانغىنى   ،   كىشىلەرنىڭ   ياخشىسى   (ئىدى)

35 . (ئۇ) قاراڭغۇ   تۈندە   كىشىلەرگە   مەشئەل   بولدى   ،
      يۇرۇقلۇق   چېچىپ   ،   سىنى يۇرۇتتى   .

36 . ئۇ   خۇدادىن   ساڭا   دەۋەتچى   ئىدى   ،
      شۇندىن   كىيىن   (ئەي) قەھرىمان   ،   توغرا   يولغا   كىردىڭ   .

37 . ئۇ   ، ئاتا   ،   ئانىسىنى   پىدا   قىلدى   ،
      تىلىكى -ئۈممەتلىرى   ئىدى   ،     شۇڭا   (ئۇلارغا)   يول   كۆرسىتىپ   بەردى   .

38 . بىلگىنكى ، كۈندۈزلىرى   يىمىدى   ،   كېچىلىرى   ياتمىدى   ،
      ئاللادىن   (ساڭا)   شاپائەت   تىلىدى   .

                     
39 . كېچە-كۈندۈز   مۇشەققەت   چىكىپ   سىنى   تىلىدى   ،
      سەن   ئەمدى   ئۇنى   مەدھىلە   ۋە   رازىلىقىنى   تىلە   .

40 . ئۇنىڭ   بارلىق   قايغۇسى   ئۈممەتلىرى   ئۈچۈن   ئىدى ،
      ئۇلارنىڭ   راھىتى   ئۈچۈن   ،   (ئازاپتىن ) قۇتۇلدۇرۇشنى   تىلەيتتى .

41 . (ئۇ) ئاتا-ئانىىنمۇ   مىھرىبان   ئىدى ،
      خۇدادىن   داۋاملىق   (ياخشىلىق ) تىلەيتتى   .

42 . (ئۇ ) خۇدانىڭ   خەلقىگە   قىلغان   رەھمىتى   ئىدى ،
      ئۇنىڭ   مىجەز-خۇلقى   ياخشى   ،   قىلىقى   تۈز   ئىدى   ،

43 . ئۇ   كەمتەر   ، مۇلايىم ، ياخشى   مىجەزلىك   ،
    ھايالىق   ،   رەھىمدىل   ،   سېخى   ، قۇلى   كەڭ   ئىدى .

44 . (ئۇنداق كىشى) بوز   يەر   ۋە   كۆك   ئاسمان   ئۈچۈن   ئەزىز ،
      تەڭرى   ئۇنىڭغا   ناھايىتى   زور   قەدىر   - قىممەت   بەردى   .

45 . ئۇ   بارلىق   يولباشچىلار   ئالدىدىكى   باشچىسى   ئىدى ،
      ھەممە   پەيغەمبەرلەرگە   ئاخىرقى   تامغا   بولدى .

46 . ئۇنىڭ   يۇلىغا   كۈڭۈل   باغلىدىم ،
      ئۇنىڭ   دىگەنلىرىگە   ئىشىنىپ   ،   خوشاللىق   بىلەن   سۆزىنى   ئاڭلىدىم .

47 . ئىلاھىم ، كۆڭلۈمنى   كۈزەتكىن ،
      (قىيامەتتە) سۈيۈملۈك   پەيغەمبەر   بىلەن   بىللە   تۇرغۇزغىن .

48 . قىيامەتتە   تۇلۇن (ئايدەك)   يۈزىنى   كۆرسەت   ،
      ئىلاھىم   ،   ماڭا   ئۇنى   يول   كۆرسەتكۈچى   قىل   .

              <<     ئىككىنچى     باپ     تۈگىدى     >>
[ بۇ يازما samanyuli تەرپىدىن 2007-06-29 12:34 دە قا ]
مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
مۆمىنجان ئابلىكىم
سامانيولى
دەرىجىسى : شەبنەم پەخرى

UID نومۇرى : 12389
نادىر تېما : 0 پارچە
يازمىسى : 1542 پارچە
شۆھرەت: 1597 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4606 سوم
تۆھپە: 60 نۇمۇر
ياخشى باھا: 28 نۇمۇر
مۇنبەردىكى ۋاقتى: 1553(سائەت)
ھازىرقى ھالىتى :
تىزىملاتقان ۋاقتى :2007-02-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-27
3  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2007-06-29 12:28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

[     3    ]تۆت   ساھابىنىڭ   مەدىھىسى   ئېيتىلىدۇ

49 . ئۇنىڭ   كۆرۈپ   ئاۋۇنىدىغان   تۆت   ھەمراسى   بار (ئىدى)*   ،
      بۇلار   (پەيغەمبەرنىڭ ) بىللە   تۇرىدىغان مەسلىھەتچىلىرى   ئىدى   .

50 . (ئۇلارنىڭ) ئىككىسى--قېيىن   ئاتىسى   ، ئىككىسى--كۈيئوغلى *   ،
      بۇلار   خەلىق   ئىچىدىكى   خىل   كىشىلەردىن ئىدى .

51 . دەسلەپكى ، ھەممىدىن   ئاۋالقىسى ئاتىق *ئىدى .
    (ئۇنىڭ) كۆڭلى   تىلى بىلەن   بىردەك   ،   خۇداغا   ئىشەنگەن   .

52 . (ئۇ) مال-دۇنياسى     ،     تىنى   ۋە   جېنىنى   پىدا   قىلدى   ،
      (پەقەت)   پەيغەمبەرنىڭ   رازىلىقىنى   تىلىدى .

53 . ئۇنىڭدىن   كىيىنكىسى   فارۇق   * - كىشىلەرنىڭ   خىلى   ئىدى ،
    (ئۇ) دىلى   بىلەن   تىلى   بىردەك ،   خەلىق   ئىچىدىكى   ئىسىل (كىشى) ئىدى .

54 . بۇ   سادىق   ياردەمچى ، دىننىڭ   تىرىكى   بۇلۇپ   ،
      شەرىئەت   يۈزىدىكى   پەردىنى   كۆتەردى .

55 . كىيىنكىسى   ھايالىق   ،   خوش   مىجەز   ئوسمان   ئىدى ،
      كىشىلەر   ئىچىدە   ئەڭ   سېخى   ، قۇلى   ئۇچۇق   ئىدى .

56 . ئۇ   بارلىقىنى   -مېلى   ۋە   جېنىنى   پىدا   قىلدى ،
      پەيغەمبەر   ئۇنىڭغا   ئىككى   قىزىنى   بەردى .

57 . بۇنىڭدىن   كىيىنكى   تاللانغىنى   ئەلى   بۇلۇپ ،
      ئۇ   باتۇر -جەسۇر   ، يۈرەكلىك   ، ئەقلى   تۇلۇق   ئىدى .

58 . ئۇنىڭ   قۇلى   ئۇچۇق ، قەلبى   ساپ ،
      بىلىملىك ،   ئىتىقاتمەن   ،   نامى   ئۇلۇغ   ئىدى .

59 . بۇلار -   دىن   ۋە   شەرىئەتنىڭ   ئاساسى   ئىدى ،
      ئۇلار   كاپىر   ۋە   مۇناپىقلارنىڭ   يۈكىنى   كۆتەردى *   .

60 . بۇ   تۆت   ھەمرا   مەن   ئۈچۈن   (تەبىئەتنىڭ)   تۆت   ئاساسىدەك   تۇيۇلىدۇ * ،
      تۆت   ئاساس   مۇۋاپىقلاشسا   ،   ھەقىقى   تىرىكلىك   بۇلىدۇ .

61 . مەندىن   ئۇلارغا   داۋاملىق   ،   تۈمەنمىڭ   سالام   ،
      يەتكۈزگەيسەن   ،   ئەي   ئىگەم   !

62 . ئۇلارنى   دائىم   مىنىڭدىن   رازى   قىلغايسەن   ،
      (ئۇلارنى)   ئۇلۇغ   كۈندە   ماڭا   يول   كۆرسەتكۈچى   قىل .

                                    <<     ئۈچۈنچى     باپ     تۈگىدى     >>
[ بۇ يازما samanyuli تەرپىدىن 2007-06-29 12:34 دە قا ]
مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
شەبنەم ئاۋازى تور رادىئوسى
سامانيولى
دەرىجىسى : شەبنەم پەخرى

UID نومۇرى : 12389
نادىر تېما : 0 پارچە
يازمىسى : 1542 پارچە
شۆھرەت: 1597 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4606 سوم
تۆھپە: 60 نۇمۇر
ياخشى باھا: 28 نۇمۇر
مۇنبەردىكى ۋاقتى: 1553(سائەت)
ھازىرقى ھالىتى :
تىزىملاتقان ۋاقتى :2007-02-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-27
4  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2007-06-29 13:52
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

[     4     ]نۇرلۇق   باھار   پەسلى   ،   ئۇلۇغ   بۇغراخان   مەدىھىسى   سۆزلىنىدۇ


63 . شەرىقتىن   ئىللىق   ( باھار )   باھار   شامىلى   ئېسىپ   كەلدى ،
      دۇنيانى   بېزەش   ئۈچۈن   جەننەت   يۇلىنى   ئاچتى .

64 . بوز   يەردىن   كافۇردەك   (قارلار)   كىتىپ   ،   ئىپار   بىلەن   تولدى   ،
      دۇنيا   ھۆسنىگە   تۇلۇپ   بېزەنمەكتە   ئىدى .

65 . باھار   شامىلى   يېقىمسىز   قىشنى   ھەيدىدى   ،
      نۇرلۇق   باھار   سائادەت   ئوقياسىنى   يەنە   بەتكىدى .

66 . قۇياش   يەنە ئۆز   ئورنىغا   قايتىپ   كەلدى -
    ،،بېلىق،، قۇيرۇقىدىن   ،،   قوزى،،   بۇرنىغا   ئۆتتى * .

67 . قورغان   دەرخلەر   يېشىل   تون   كىيدى ،
    سۆسۈن   ،   ھال   ،   سېرىق   ،   كۆك   ،   قىزىل   بۇلۇپ   بىزەلدى   .

68 . بوز   يەر   يۈزىگە   يېشىل   يىپەك   يايدى ،
    (گويا)   قىتان   كارۋىنى   تاۋغاچ   تاۋار   - دوردۇنىنى   يېيىۋەتكەندەك   بولدى .

69 . تۈزلەڭ ، تاغ   ، قىر ، ئويمان (تۈشەك) يېيىپ ، تۈشەندى ،
      ۋادىلار ،   يوتىلار   قىزىل ، كۆك   كىيىنىپ   ياساندى .

70 . تۈمەن - تۈرلۈك چېچەكلەر   كۈلۈپ   ئېچىلدى ،
    دۇنيا   ئىپار   ۋە   كافور ھىدى   بىلەن   تولدى .

71 . قەلەمپۇر   ھىدىغا   تولغان غۇر-غۇر   شامال   چىقتى ،
      بۇ   دۇنيا   پۈتۈنلەي   ئىپار   پۇراپ   كەتتى   .

72 . غاز ، ئۆردەك   ،   ئاققۇ ،   قىلقۇيرۇق   كۆكنى   قاپلىدى   ،
      غاقىلدىشىپ   يۇقۇرى   - تۆۋەن   (ئۇچۇپ)   ئويناشتى .

73 . قارىغىن ، بەزىسى   قوزغالسا   ،   بەزىسى   قۇنىدۇ   ،
    بەزىسى   سۇ   ئۈزسە   ،   بەزىسى   سۇ   ئىچىدۇ .

74 . كۆكىش* ،   تورنىلار   كۆكتە   ئۈنىنى   ياڭرىتىپ ،
    تۆگە (كارۋىنىدەك)   تىزىلىپ   ،   پەرۋاز   قىلىپ   ئۇچۇشىدۇ .

*75 . ئۇلار   قۇشى   خۇددى ئىپپەتلىك   قىز   ئۆز   سۆيگىنىنى   چاقىرغىنىدەك
      ساز   ئاۋاز بىلەن   ھەمراھىنى   ئۈندىمەكتە   .

76 . كەكلىك   قاقاقلاپ   كۈلگەندەك   ئۈنلۈك   سايرىدى ،
      (ئۇنىڭ) ئاغزى   قاندەك   قىزىل   ،   قېشى   قاپقارا .

77 . قارا   قۇشقاچ   نەيزىدەك   تۇمشۇقىنى   (سۇزۇپ)   سايرىدى ،
    ئۇنىڭ   ئۈنى   ئەركە   قىز   ئۈنىدەك   يېقىملىقتۇر   .

78 . گۈلزاردا   بۇلبۇل   مىڭ   خىل   ئۈن   بىلەن سايرىماقتا ،
      (گويا)   كېچە - كۈندۈز   <<سۈرە ئىبرى>>* نى   ئۇقۇماقتا .

79 . ئىلىك ، تاغ ئۆچكىسى چېچەكلەر   ئۈستىدە   ئويناشماقتا ،
    بۇغا-مارال   ئېغىناپ   ، قېيغىتىپ   ، كىزىپ يۈرمەكتە .

80 . ئاسمان   قاپىقىنى   تۈرۈپ ، كۆزىدىن   ياش   تۆكتى ،
    ئەنە ، چېچەكلەر   يۈز   ئېچىپ   ،   قاقاقلاپ   كۈلدى .

81 . بۇ   پەيتتە   دۇنيا   ئۆز-ئۆزىگە   بېقىپ   ،
      مەغرۇرلىنىپ   ،   سۈيۈنۈپ   ياسىداق   ئەگنىگە   قاراپ .

82 . دۇنيا   سۆز ئېچىپ ،   ماڭا   يەتكۈزۈپ ،
      دىدىكى ؛   بۇ   خاقاننىڭ   يۈزىنى   كۆرمىدىڭمۇ ؟

83 . ئۇخلاپ   قالغان   بولساڭ ،   تۇر ، ئەمدى   كۆز ئاچ .
      ئاڭلىمىغان   بولساڭ   ،   (ئەمدى)   مەندىن   سۆز   ئاڭلا .

84 . تۈمەن يىلدىن   بىر ى   سۇلغۇن   قۇل   ئىدىم ،
    ئەمدى   قۇللۇق   تونى   يىشىلىپ   ،   ئاق   سۈسەردىن   كىيىملەر   كىيدىم .

85 . بىزەندىم ، (چۈنكى)   ئۇلۇغ   خاقان   بىگىم   بولدى ،
      ئۇ   تىلىسە   ،   جېنىم   قۇربان   بولسۇن ،   دەپ   ئۈتۈندۈم .

86 . بۇلۇت   گۈلدۈرلەپ   قاراۋۇللۇق   دۇمبىقىنى   ئۇردى ،
      چاقماق   چېقىپ   ،   خاقاننىڭ   تۇغىنى   يايدى .

87 . (ئۇلارنىڭ) بىرى   قېنىدىن چىقسا   سوزۇلۇپ   ،   ئەلنى   باشقۇرىدۇ   ،
      بىرسى ،   شان -شۆھرىتىنى   جاھانغا   يايىدۇ .

88 . ئۇلۇغ   تاۋغاچ   بوغراخان   جاھان   تۇتتى ،
      نامى   قۇتلۇق   بولسۇن ،   (خۇدا)   ئىككى   دۇنيانى   بەرسۇن .

89 . ئەي ، دىننىڭ   ئىززىتى ، ئەي ، دۆلەتنىڭ   تېرىكى ۋە   ھامىيسى ،
      ئەي   ،   مىللەتنىڭ   تاجى   ، شەرىئەتنىڭ ئىشەنچى .

90 . خۇدا   بارلىق   تىلىگەن   ،   تىلىكىڭگە   يەتكۈزدى ،
    خۇدالا (ساڭا)   دائىم   ئارقا   تېرەك   بولسۇن .

91 . ئەي ، دۇنيانىڭ جامالى ،   ئۇلۇغلۇقنىڭ   ھۆسنى ،
    مەملىكەتكە   نۇر   ،   تۇراقسىز   بەخىتكە   يۈگەن .

92 . پەلەك   ساڭا   باقتى ، ئەل ۋە   تەخىت   بەردى ،
    بۇ   تەخت   بىلەن   بەخىتنى   تەڭرىم   دائىملىق   قىلسۇن ،

93 . شۇ   خاقان   بىلەن   ، دۇنيا   تىنچلىق   تاپتى ،
    شۇڭا   دۇنيا (ئۇنىڭغا) بارلىق   سوۋغىلىرىنى   ئەۋەتتى .

94 . پازادىن   كەلگەن ئاسمان   قۇشلىرى (نىڭ)
    بەزىسى   ھىندى   مەملىكىتىدىن ، بەزىسى   رۇم ئىلىدىن (كىلىپ)

*95 . مەغرۇر   شادلىنىپ   ، سۈيۈچىگە   تۇلۇپ   ،
      (خاقاننىڭ)   نامىغا   مەدىيھە   ئۇقۇپ ، بەس-بەستە   سايراشماقتا .

96 . تۈرلۈك   چېچەكلەر يەر   (يۈزى)   گە   شۇنداق   بېزەك   بەردىكى   ،
    تۈزلەڭ ، تاغ ، ئويمان ، دۆڭنىڭ   مەڭزىلىرى يېشىل ، كۆك ( كە بويالدى )

97. بەزىلىرى (خۇش) ھىدى   بىلەن   خىزمەت كۆرسەتسە   ،
    بەزىلىرى   چىراي-ھۆسنى   بىلەن   ئىشىك   ئاچىدۇ   .

98 . بەزىلىرى   قول   سۇزۇپ   (خۇش پۇراقلىق)   ئىسرىق تۇتسا ،
    بەزىلىرى   ئىپار   پۈكۈپ ، دۇنيانى خۇش   ھىدقا   تولدۇرىدۇ .

99 . بەزىسى شەرىقنىڭ خىلمۇ - خىل سوۋغىسىنى   (ئېلىپ) كەلسە ،
    بەزىسى   غەرىپتىن (غەرىپتىن)   كىلىپ   خىزمەت   قىلىشقا   تەييار   تۇرىدۇ .

100 . خىزمىتىگە   كەلگەن   بەخىت   ئىشىكىدە   تۇرىدۇ ،
      ئىشىكتە   تۇرۇپ ئۇ ،   قۇللۇق   قىلىدۇ .
يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • تۆھپە:5(matimatika)
  • روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    شەبنەم ئاۋازى تور رادىئوسى
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى
    UID نومۇرى : 96099
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 122 پارچە
    شۆھرەت: 1220 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1220 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 1(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2009-06-16
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-16
    5  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-06-16 15:53
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    徐州市发票代开13691833384叶生

    [size=15pt]徐州市发票代开13691833384叶本公司享有地方纳税优惠政策,异地众多公司联盟,徐州市发票代开有着良好社会关系,以诚信合作理念、公司是税务机关重信誉单位,[size=16pt]享有地方纳税优惠政策[size=9pt],[size=15pt]拥有一批经验丰富的资深会计专业人员。精通各类企业的帐务处理、工商税务等部门的办事程序,徐州市发票代开专业提供财务代理、发票代开、工商、税务咨询是一家具有服务质量高办事效率快,合理收费的经营机构。发票代开范围:徐州市发票代开全国统一增值税专用发票、普通增值税专用发票、商品销售、进口增值税、租赁、建筑安装(完税证明)、服务、咨询、广告、徐州市发票代开公路运输、国际海运、货运代理、物资回收、煤炭等[size=15pt]……[size=15pt]优惠代理。详细情况欢迎来电商谈![size=15pt]       [size=15pt]所用票据可到当地税务机关验证后付款。徐州市发票代开[size=12pt]
    [size=15pt]联系人:叶文华经理[size=15pt]     [size=15pt]手[size=15pt]  [size=15pt]机:[size=15pt]13691833384徐州市发票代开[size=12pt]
    [size=15pt]邮[size=15pt]  [size=15pt]箱[size=15pt]:szlin16890@126.com    
    [size=15pt]QQ[size=15pt];[size=15pt]354524336 [size=15pt](敬请保留以备急用)
    شىنجاڭ تور مەكتىپى