تور بەت قۇرۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. بىر بولسا ئاھ ئۇيغۇر مۇنبىرىمىز،ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىمىز ياشىسۇن...ئەمدى بولغاندا يوقالسۇن....توۋا! مۇشۇ مۇنبەردە ئولتۇرۇپ باشقىلارنى غاجىغان،ئەمدى نۆۋەت مۇنبەرنىڭ ئۆزىگە كەپتۇ. قايسى مۇنبەر بولسۇن ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنبىرى ئەمەسمۇ؟ ئەمدى مۇنبەرنى چىشلەپ تارتقىلى تۇرۇپسىلەر،شۇ تاپتا مۇشۇ مۇنبەردە باشقا مىللەتنىڭ ئەزالىرى بولسا ئاشۇلار بىزنى زاڭلىق قىلىپ قوڭىدا كۈلۈشۈپ ئولتۇرىۋاتقاندۇ ھە!؟
مۇنبەر قۇرۇش بەك تەس.تەرەققىي قىلدۇرماق تېخىمۇ تەس.خەنلەر ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مۇشۇ دەۋردە مۇنبەردە ئۇ بۇ تېمىلار سەۋەبلىك سىياسىيغا چېتىلىپ قالساق بىز خەقنىڭ ئاقلىنىپ چىقىشىمىز ئاندىن تەس. مۇنبەرنى تىللاپ كەتكەنلەر ئۆزەم بىر مۇنبەر قۇرغۇچى بۇلۇپ قالغان بولسام قانداق قىلاتتىم؟ دەپ ئويلاپ باقماي سۆزلەۋېرىدىكەنسىلەر. ھازىر توردا ئىشپىيون،ساقچىلار كۆپ،ھەممە يەر نازارەت ئاستىدا. تولا سۆزلەۋەرمەڭلار.كۈچۈڭلارنى مۇنبەر يۈزىدە،كۇنۇپكا تاختىسىنى جان-جەھلىڭلار بىلەن ئۇرۇپ كۆرسىتەمسىلەر؟ ئۇ تېمىنى تەستىقلاپ چىقارسا سىلەر يەنە شۇ كۈچۈڭلارنى،<<تۆھپەڭلار>>نى بەت يۈزىدىكى قارا خەت ئارقىلىقلا كۆرسىتىسىلەر،ئېغىزىڭلاردا شەھەر ئالىسىلەر شۇ. ئۇنىڭدىن باشقا نېمە قىلالايتتىڭلار؟ تېمىغا <<ئاھ ئۇيغۇرۇم،ئاھ قېرىندىشىم،تۆھمەتكە قالدىڭ،بىگۇناھ كەتتىڭ.....>>دەپ يېزىلغان قۇرۇق ئىنكاسلارنىڭ قولىدىن بەرىبىر ھېچنىمە كەلمەيدۇ. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئۇ تېما ئېلان قىلىنغان تور بەتلەردىكى ئىنكاسلارغا قارىساڭلارمۇ يەنە شۇ گەپ،شۇ ئىنكاسلار.....ھەممىمىز شۇ ئېغىزدىلا ھەممە <<ياردەم>>قىسقىسى تەسەللى بەردۇق....ئۇ خەۋەر شەبنەمدە ئېلان قىلىنسۇن-قىلىنمىسۇن،ھەممەيلەن خەۋەر تاپتۇق،ئېچىندۇق،تەسەللىي بەردۇق،چ چ توپلاردا يەنە تەشۋىق قىلدۇق،بىلمىگەنلەرگە بىلدۈردۈق.بىلگەندىكىن بولدىغۇ؟ مۇنبەر قۇرغان ئادەمنىڭ كاللىسىدىمۇ مىڭ غەم.ئۇمۇ ئۇيغۇر،ئۇلارنىڭمۇ شۇ تېمىلارنى ئېلان قىلغۇسى،بەلكىم سىلەردىن ئاشۇرۇپ ئىنكاسلارنى يازغۇسى باردۇر،ئەمما ۋەزىيەت يول قويمايۋاتقاندۇ...باشقىلارنى چۈشەنمەي قارىسىغا سۆزلەۋەرمەڭلار.بىر مۇنبەرنى قۇرۇپ مۇشۇنچىلىك تەرەققىي قىلدۇرالىغانىكەن،ئۇ مۇشۇ يەردە تولا سۆزلەپ،ئاغزىدا شەھەر ئېلىپ،قاقشاپ ئولتۇرغان بەزىلىرىڭلاردىن مىڭ ھەسسە ئىقتىدارلىق،سەۋىيەلىك دەپ ئويلايمەن.
نېمە تولا ئۇرۇش-تالاش بۇ،سەلكىن چىقارغان تېمىنى نېمىشقا شەبنەمدە چىقارمايدۇ؟دەپ.مۇشۇمۇ گەپمۇ ئەمدى؟ يا ئۆزەڭلار نوچى بولساڭلار ئايرىم تور بەت قۇرۇڭلار.
تېما ئايرىماي ھەممە يەردە مۇشۇنداق ئىنكاس.