ئىلىمگە تەبىر
ئىلىم ئىككى خىل بولىدۇ.
1- يۈرەكتىكى ئىلىم: بۇ- كىشىلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ.چۈنكى چىن يۈرەكتىن چىققانلىقى ئۈچۈن ئۆزىمۇ ئەمەل قىلىدۇ ۋە باشقىلارمۇ ئەمەل قىلىدۇ.
2- ئاغزاكى ئىلىم: بۇ ئېغىزدىلا دەپ قويىدۇ لېكىن ئۆزى ئەمەل قىلمايدۇ،ئاگاھلاندۇرۇپ قويىدۇ،ئۆزى ئاگاھلانمايدۇ.
ئالىمغا تەبىر:
بىر كىشىنىڭ ئىلىمىنىڭ يۇقىرلىقى ھەرگىزمۇ شۇ كىشىنىڭ كاتتا، ئۇلۇقلىقىنى،ئالىملىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئەگەر قورسىقىدا قانچىلىك ئىلىم بولسا شۇنچىلىك ئەمەل قىلغان ۋە ئاۋام خەلقنىڭ ھەم دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىشلەتكەن كىشى ھەقىقى ئالىم ھېساپلىنىدۇ.
مەن قىيامەت بولۇشتىن بەكرەك ئارىمىزدىكى جەددالدىن قورقىمەن.ئۇ جەددال كىم دېسە ئۇ يامان ئالىملار. ئۇلار ئۆز ئىلىمىنى يامان كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان،قورساق بېقىش ئۈچۈن،مال توپلاش ئۈچۈن،ئابرويغا ئېرىىشىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئالىملاردۇر.ئۇلار ئۆز ئىلىمىنى دۇنيانىڭ نېسىۋىسىگە،ھوقۇقىغا، مال- راۋانىغا ئېرىىشىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ.ئۇلار يەنە ئۆز ئىلىمىنى ھەقىقى ئالىملار بىلەن جىدەل قىلىش،دە - تالاش قىلىش ئۈچۈن، نادان كىشىلەرنى ئۆزىگە قارىتىۋېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ.مانا مۇشۇنداق ئالىملارنىڭ يۈزىنى اللە خالايىقتىن ئۆرۈپ دوۋزاق تەرەپكە ئۆرۈپ قويىدۇ