مەن بۇرۇن ئانامنىڭ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ بولالماي ھېرىپ چارچاپ كەتكىنىدە ، خىزمەتتىن كۆڭلى ئېچىلماي خاپا بۇلۇپ يىغلىغان چاغلىرىدا دائىم<نىمىشقىمۇ ئايال كىشى بۇلۇپ قالغاندىمەن ، نىمىشقىمۇ بىر ئۆي تۇتۇپ بۇنچىلىك ئېغىر جاپا تارتىدىغاندىمەن> دەپ دەرت تۈكۈشلىرىنى ئاڭلايتتىم. ھەر قېتىم ئاڭلىغىنىمدا چوڭ بولسا ياخشىغۇ، نىمىنى خالىسا شۇنى قىلىدۇ، باشقىلارنى ئىشقا بۇيرىيالايدۇ دەپ ئويلاپ كىتەتتىم ، شۇڭلاشقىمۇ مىنىڭ تىزرەك چوڭ بولغۇم ، نىمىنى خالىسام شۇنى قىلغۇم كىلەتتى.دائىملا مەن چوڭ بۇلۇپ ئۆيۈم بولسا ھەرگىزمۇ ئانامدەك قاخشاپ يۈرمەيمەن دەيتتىم .مانا مەنمۇ چوڭ بۇلۇپ بىر ئۆي بېشىمغا كىيىلگەندە بولسا خوتۇن بۇلۇشنىڭ ھەقىقەتەنمۇ تەسلىكىنى، يۇكنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئېغىرلىقىنى بىلدىم. ئانامغا ئىچىم ئاغرىدى.توۋا ئانام شۇنچە ئېغىر جاپالارغا چىداپ ، بىز ئۈچۈن ، ئائىلىمىز ئۈچۈن تىنىم تاپماي ئىشلەپمۇ بۇنچىلىك ھالسىرىمىغان بولغىيتتى. مەن بولسام تۇرمۇشنىڭ بىرىنچى سۇپىسىدىلا ھالسىراپ كەتتىم، خىزمەت ۋە ئائىلە ئوتتۇرىسىدا قاتراپ يۈرۈپ نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم.
ئۆزەمدىن قايتا -قايتىلاپ سورىدىم.
ئانا بۇلۇش تەسمىكەن ياكى بالا بۇلۇشمۇ؟ بىر تەرەپتىن ئويلاندىم، بىر تەرەپتىن سېلىشتۇردۇم.يەنىلا لاياقەتلىك ئانا بۇلۇش، ئەرلەرنىڭ كۆڭلىدىكىدەك رەپىقە بۇلۇش تەسكەن.خۇددى قېينىئانام ئېيتقاندەك ئاياللار بىر ئۆمۈر ئائىلە ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى، ئاشۇ سەللا كۆڭلىدىكىدەك بولمىسا قىلغاننىڭ ھەممىسىنى يوققا چىقىرىدىغان ئەرلىرىمىز ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك ئىكەن. ھەي ئانا بۇلۇش نىمە دىگەن تەس. نىمىشقا ھەر قانداق ۋاقىت، ھەر قانداق ئورۇندا ئانىلارنىڭ تۆلەيدىغان بەدىلى كۆپ بۇلىدىغاندۇ.
مەن يېڭى ئۈگەنگۈچى، خاتا جايلىرى بولسا قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن.