مەن شۇنداق دىمەكچى:
بىز ئۇيغۇرلار تىرورچى ئەمەس، ئوغرى ئەمەس، يانچۇقچى ئەمەس، بۇزۇق ئەمەس، ئىت ئەمەس.
بىز ئۇيغۇرلار-ئادەم. تىنچلىقنى سۆيگۈچى ئادەم! مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلىگۇچى ۋە قوغدىغۇچى ئادەم!
بىز تىنچلىقنى سۆيىمىز. شۇڭا ئۆزئارا كۆرۈشسەك، «تىنچلىقمۇ؟، تىنچ تۇرلىمۇ؟...» دەپ ئەھۋال سورايمىز.
خۇددى خەنزۇ يازغۇچى ۋاڭ مىڭ ئېيتقاندەك: «ئۇيغۇرلار ئادەمگەرچىلىكى ئىنتايىن كۈچلۈك مىللەت.»
«ئۇيغۇرلار ئەزەلدىنلا «سولچىل»لىقنى ياقتۇرمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى، يەنى نىكاھ، كېسەل يوقلاش، ئۆلۈم-يېتىم ۋە سەپەرگە ئۇزىتىش قاتارلىق ئىشلىرى ناھايىتى كۈچلۈك ئادەمگەرچىلىك تۈسىنى ئالغان.»
ئاتاقلىق خەنزۇ يازغۇچىسى ۋاڭ مىڭ يەنە شۇنداق دەيدۇ:
«مېنىڭ قەلبىمدە ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن قەدىرلىك. ئۇلار تۇرمۇشۇمنى، روھىمنى، ئىدىيەمنى، تەجرىبىلىرىمنى بېيىتتى.»
دىمەك، بىز ياخشى مىللەت.
بىز ئۇيغۇرلار ئۆزىمىزنى ياخشى چۈشىنىمىز. بىز باشقا مىللەتلەرگە يامانلىق قىلمايمىز.
بىز ئۇيغۇرلار جۇڭگودىكى ئەڭ ئاپەتلىك يىللار بولغان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دا يازغۇچى ۋاڭ مىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن كىشىلەرگە يەيدىغان نېنىمىزنىڭ يېرىمىنى بەرگەن. ئۇلار بىلەن ناھايىتى ئىناق ئۆتكەن.
مارالبېشى سېرىقبويى يېزىسىدىكى ئابلىز نورەك بوۋىمىز ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن تاشلىۋىتىلگەن بىر خەنزۇ بوۋاقنى بېقىۋىلىپ، ئۇنىڭ جىسمانىيىتىدىكى توغما كېسەللىكنى داۋالىتىش ئۇچۇن نۇرغۇن ئىقتىساد سەرپ قىلغان ۋە جاپا مۇشەققەتلەرنى چەككەن؟
بۇنداق مىساللار كۆپ.
دىمەك، ئۇيغۇرلار بارلىق مىللەتلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
شۇنداقلا باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن ئىناق ئۆتۈشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.
ئىناقلىق-نىمە دىگەن ياخشى!
ئىناق جەمىيەت-نىمە دىگەن ياخشى!
ئۇيغۇرلار ئىناقلىق ئىچىدە ياشىسۇن!
ئۇيغۇرلار ئىناق جەمئىيەتتە ياشىسۇن!
ئۇيغۇرلار تىنچ بىر دۇنيادا ياشىسۇن!
ئەگەر ھەممە خەنزۇلار بىز ئۇيغۇرلارنى ئاتاقلىق خەنزۇ يازغۇچىسى ۋاڭ مىڭدەك چۈشەنگەن بولسا، بەزىبىر پاجىئەلەر يۈز بەرمىگەن بولاتتى.
«ھەممە خەنزۇلار يازغۇچى ۋاڭ مىڭدەك بولسا؟»مەنزىل:
http://www.uyghurqamus.cn/uy/read.php?tid=800